كۆرۈش: 1766|ئىنكاس: 18

قىرىق ياشلىق ئەرلەر:كروران

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
(16-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر)



قىرىق ياشلىق ئەرلەر



ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران



قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى،

تۈمەن خىل مەدەنگە پەۋەستۇر تېغى،

تىلىڭغا سۇ يىغار مېۋىلىك بېغى،

تامىدۇ مىڭ يەردىن ئەركەكلىك يېغى،

قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.



دەسسىسەڭ تىترەيدۇ يەر قوۋۇرغىسى،

يۈرىكىڭ سۆيگۈنىڭ ئالتۇن ئۇۋىسى،

كۆزۈڭگە كىرەلمەس غاپىللىق ئىسى،

ئەقلىڭدە سۇنىدۇ توپاننىڭ بىسى،

قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.



ئالدىڭدا بىر سەھەر قاراپ تۇرىدۇ،

ئارمانلار ئىزىڭنى ساناپ تۇرىدۇ،

دوستلارغا ھەر ئىشىڭ ياراپ تۇرىدۇ،

بەزىدە بۇرنۇڭمۇ قاناپ  تۇرىدۇ،

قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.



يول ماڭساڭ، يېنىڭدا جانانىڭ كېلەر،

ئىز بېسىپ پەرىشتەڭ، پالۋانىڭ كېلەر،

كۈز ئەمەس، ھەر پەسىل خامانىڭ كېلەر،

شان قۇچۇپ ھەرياندىن كارۋانىڭ كېلەر،

قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.



ياغسىمۇ چېكەڭگە قارلار دەممۇ - دەم،

لەپىلدەر چوققىدا سەن تىككەن ئەلەم،

يۇرت تەۋرەر، ئەل تەۋرەر، تەۋرەتسەڭ قەلەم،

سېھرىڭدە خىزىرنىڭ كارامىتى جەم،

قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.



دېمىگىن:«كېچىكتىم، ھالقىدىم داۋان،

بۇ بىر يول سەپەرنى تۈگەتسەم ئامان...»

ئىشىتكەنمۇ، دېيىشەر:«چاۋاشلار يامان...»

گۆھەرگە ئايلىنار سەن تەرگەن سامان،

قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.



مەن دەيمەن: قىرىقتا توختىسا يېشىڭ،

كۈنۇ - تۈن شەمشادتەك تىك تۇرسا بېشىڭ،

يېنىڭدا بولسىلا ئەڭ ئەزىز كىشىڭ،

مەيلىغۇ ئوماچ بوپ قالسىمۇ ئېشىڭ،

قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى.



2006 - يىل 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، كورلا

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-1 11:17:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         كىرۇراننىڭ بۇ مۇخەممىسىگە ئەرلەرنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرى مۇجەسسەملىنىپتۇ، ھاياتلىق سەپىرىنىڭ ھەقىقى كارتىنىلىرى كۆز ئالدىڭدا نامايەن بولىدىكەن. ھاياتلىق ئاچىلىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىنى ئېسىڭگە سالىدىكەن. كىشىنى غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغىتىپ بېسىپ ئۆتكەن قەدەم ئىزلىرىڭغا قايتىدىن قاراپ بېقىشقا ئۈندەيدىكەن.
        ئاپتۇرنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن قايتا زوق ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلغان باش مۇھەررىرنىڭ خالىسانە مېھنىتى ئۇچۈن ئاپىرىن!
مېنىڭمۇ مۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ:
                 تەبىئەتنىڭ ئىختىيارى بولسا قولۇمدا،
              نەچچە ئون يىل توختاپ تۇرسام قىرىق يېشىمدا.
بىراق ياراتقۇچىمىزنىڭ ئىرادىسى بىزنىڭ تونىمىزنى ئاللىقاچان پىچىپ بولغان!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hojakabiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 11:22  


ۋاقتى: 2012-5-1 11:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىق ياش ئادەمنىڭ قىرانلىق دەۋرى،
قىرىقتا توشاركەن كۇچ قۇۋەت ئەقلى.
ئىجات باغلىرى بولوپ  گۇلۇستان،
گۇللەرگە پۇركەنسۇن بو باھار پەسلى.

ۋاقتى: 2012-5-30 13:02:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ، نىمىدىگەن تەسىرلىك مىسرالار ، كىروراننىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن

ۋاقتى: 2012-5-30 17:13:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل يېزىلغان شېئىردە. قەلىمىڭىز ھارمىغاي!!!

ۋاقتى: 2012-5-30 18:24:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋازغا ئالسا تىخىمۇ باشقىچە بوپ كەتكۈدەك بۇ ئەسەر.

ۋاقتى: 2012-5-30 18:39:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى چىن تەسۋىرلەر ، تاتلىق لېرىكىلار مېنى بەكلا جەلپ قىلدى. مەن بۇ شېئىرنى بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ئوقۇغان  ئىدىم. ھازىر يەنە  ئوقۇپ تېخىمۇ ئۆزگىچە تەسىرگە ئىگە بولدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاتىگۈل نىياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-30 18:41  


ۋاقتى: 2012-5-30 19:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «قىرىق ياش ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىران چېغى» يۇقۇرى بەدئىيلىك ۋە ئىدىيۋىلىكنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى يۇغۇرۇلمىسى...بۇ ئالاھىدىلىك شئېىرنىڭ ئۆزىدىن سېزىلىپ تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2012-5-30 19:41:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، بۇ شېئىر كروراننىڭ نېمىلا بولمىسۇن ئەسلىيلىكىنى يەنى شېئىر يازىدىغان كروراننىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئىسپات!  كروران ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا مۇشۇنداق يازغان بولسا، ئۇيغۇرلاردا ئاممىباب شېئىريەتنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن بولاتتى. ئەپسۇس، كروران ئۇنداق قىلمىدى. ھەتتا، ناۋائى شىركىتىنىمۇ يازدى. يەنە ئاق ھۆججەتنىمۇ يازدى. ئەمدىچۇ؟ ئېقىن رېھىمسىزلىك بىلەن 30 يىلغا يېقىن مۇساپىسىنى ئۇنتۇپ، ئارقىسىغا ياندى. يانغاندىمۇ بەك رەھىمسىز ياندى. بۇ دەل كرروراننىڭ ئەمەس، كروراننىڭ دەۋرداشلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىدە يۈز بەرگەن ئەجەللىك يوقىتىش! مېنىڭچە، ئىنكاسنى ئادەمگە قاراپ ئەمەس، ئەسەرگە قاراپ يازايلى. بۇ ئادەتتىكى تور بەت ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېنتىرنىتتىكى يۈرىكى! بۇنى بىزلا ئەمەس، ۋەتەن سىرتىدىكى قېرىنداشلارمۇ كۆرىدۇ. ئۇلار بۇنداق بىنورمال ئىنكاسلارغا قاراپ، بىزنىڭ سوتسىيالىستىك شېئىريىتىمىزدىن گۇماندا بولۇپمۇ قالمىسۇن ئىنكاسچى قېرىنداشلىرىم!...  

ۋاقتى: 2012-5-30 20:02:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئۆمەركامنىڭ بۇ شېئىرىنى ئىلگىرىمۇ ئوقۇغانىدىم، شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسىنىڭ قايسى بىر يىللىق سەنئەت گۈلزارى پىروگىراممىسى (كورلىدا سۈرەتكە ئېلىنغان بىر بەدىئىي فىلىم) دىمۇ، ئۆمەركام بۇ شېئىرىنى نەقمەيداندا ئوقۇغان كۆرۈنۈشلەر ئېسىمدە، ھەقىقەتەن بۇ شېئىر ئۆمەركامنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئىجادىيەت پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلالىغۇدەك بىر ياخشى شېئىر. بۇ شېئىرىنى بۈگۈن قايتا ئوقۇپ، تېخىمۇ زور ئىستېتىك زوق ئالدىم. شۇنداقلا  ئاممىباپ ئۇسلۇپتا يېزىپمۇ مانا مۇشۇنداق ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغىلى بولىدىكەنغۇ، دېگەن تەسىراتقا كەلدىم.
       ئۆمەركامنىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە، بىر ياخشى يازمىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغان ئەيبۇكامنىڭ خالىس ئەجرىگە سەمىمىي تەشەككۇر ئېيتىمەن.

ۋاقتى: 2012-5-30 20:17:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurbag يوللىغان ۋاقتى  2012-5-30 19:41
مېنىڭچە، بۇ شېئىر كروراننىڭ نېمىلا بولمىسۇن ئەسلىيلىك ...


ئەركەكتەكلام گەپ قېلىپسىز ،ئاتاغلىقنىڭ  ھەممىلام نەرسىسى ئاتاغلىقتەك بىر قىسىم ئىنكاسچىلار  تەسىرىگە قاراپلام ئاھ -ۋاھ ،ئالامەت، كارامەت دەپ ماختاپ ئۇچۇرۇپ يازدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ ئكەن .ئاياللارنىڭ بىرەر پارچە شئېرى بولسىغۇ ئىنكاس دىگەننى توشتىرۋىتىدۇ .ناتۇنۇشلارنىڭ خېلى پىشقان ئەسەرلىرگە ھېچقانداق ئىنكاس يوق .كىروران ئەپەندىمنىڭ بۇنىڭدىن كىينكى ئىجادىيەتلىرىگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن !... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەۋىردىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-30 20:21  


ۋاقتى: 2013-2-4 16:27:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق شىئېرلارنى كۆرگەندە ئۆزەمنى شىئېر يازىمەن دەپ ئارتۇقچە ئاۋارە بولۇپ يۈرگەندەكلا ھېس قىلىمەن .

ۋاقتى: 2013-4-28 19:03:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كىرورەن ئاكىنىڭ «قىشتىن زىرىكىش» ناملىق ئەسىرىنى بۇ ئەسىرىدىنمۇ بەكرەك ياقتۇرىمەن.

ۋاقتى: 2013-10-7 23:09:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ شئېرنى نادىر ئەسەر دىيىشكە ھەقلىقمىز.

ۋاقتى: 2013-10-10 17:40:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىق ياش ئىنساننىڭ كۈچكە،ئەقىلگە توشقان،قىسقىسى تازا پىشقان ۋاقتى ئىكەن!بۇ شئېىر ئۇنىڭ ئەينىكى بۇپتۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇختەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-10 17:44  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش