بۇلاقلارغىچە ئۇزۇن چاچلىق ئەلچى ئايال
(پارچە)
ئۇنسىي ئەلھاج
-بۇ پارچىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بەرچىنئايغا بېغىشلايمەن.
ئەي، يارىم
سېنىڭ ئويۇنچۇقىڭ ھەم مەغلۇبىڭ بولۇشقا قەسەم قىلىمەن
سېنىڭ يۇلتۇزىڭنى مۆرەمگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا قەسەم قىلىمەن
كۆزلىرىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ لەۋلىرىڭنىڭ ھېكمىتىگە ئاسىىيلىق قىلىشقا قەسەم قىلىمەن
شېئىرلىرىمنى ئۇنتۇپ سېنى يادىمدا تۇتۇشقا قەسەم قىلىمەن
سۆيگۈمنىڭ كەينىدىن يۈگرەشكە ھەمدە ئۇنىڭ داۋاملىق ئالدىمغا ئۆتۈپ كېتىشىگە قەسەم قىلىمەن
سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن كۈندۈز يۇلتۇزلىرىدەك ئۆچۈپ قېلىشقا قەسەم قىلىمەن
قولۇڭدىكى كۆز ياشلىرىمدا ئولتۇراقلىشىشقا قەسەم قىلىمەن
"سېنى سۆيىمەن" "سېنى سۆيىمەن" دېگەن بۇ ئىككى جۈملىنىڭ ئارىلىقى بولۇشقا قەسەم قىلىمەن
تېنىمنى ئىچ پۇشىقىڭنىڭ يولۋاسلىرىغا مەڭگۈ تاشلاپ بېرىشكە قەسەم قىلىمەن
سېنىڭ تۈرمەڭنىڭ تۈن ۋەدىلىرىگە ۋاپادار ئوچۇق ئىشىكى بولۇشقا قەسەم قىلىمەن
مەن تۇرغان كۈتۈش ھۇجرىسىنىڭ قىزغىنىش، كىرىشىمنىڭ ئىتائەت، قېلىشىمنىڭ ئېرىش بولىشىغا قەسەم قىلىمەن
سېنىڭ سايەڭنىڭ ئولجىسى بولۇشقا قەسەم قىلىمەن
تىزلىرىڭنىڭ ئۈستىدە ئېچىلغان كىتاب بولۇشنى ھەرۋاقىت ئارمان قىلىشقا قەسەم قىلىمەن
دۇنيانىڭ سەندىكى بىرلىكى بولۇشۇم ئۈچۈن، مەن دۇنيانىڭ سېنىڭ بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى پارچىلىنىشى بولۇشقا قەسەم قىلىمەن
سېنى چاقىرسام سائادەتنىڭ بۇرۇلۇپ قارىشىغا قەسەم قىلىمەن
دىيارىمنى سېنىڭ سۆيگۈڭدە ھەمدە دۇنيانى دىيارىمدا كۆتۈرۈشكە قەسەم قىلىمەن
سېنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمنى بىلمىگەن ھالدا سۆيۈشكە قەسەم قىلىمەن
مەن مېنىڭ يېنىمدا مېڭىپ بۇ يالغۇز دوستنى سەن بىلەن ئورتاقلىشىشقا قەسەم قىلىمەن
ئاۋازىڭنىڭ باياۋىنىدىن مېنىڭ ئۆمرۈمنىڭ ھەرىدەك ئۇچۇپ كېلىشىگە قەسەم قىلىمەن
چېچىڭنىڭ چاقمىقىدىن يايلاقلارغا يامغۇر بولۇپ چۈشۈشكە قەسەم قىلىمەن
قۇرلارنىڭ ئارىسىدىن ھەر قېتىم قەلبىمنى تاپقىنىمدا:
تاپتىم سېنى! تاپتىم سېنى!
دەپ توۋلاشقا قەسەم قىلىمەن
ساڭا كۆپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئاسىيانىڭ چوققىلىرىدىن ئېگىلىشكە قەسەم قىلىمەن.
ئەرەبچىدىن ئالماش تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-23 23:32