بۇ ئەسەر «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2001 ـ يىللىق 6 ـ سانىدا ئېلان قىلىنىپ، 12 ـ نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇاكاپاتى»غا ئېرىشكەن
ئانا، مېنى تۇغقان كۈنىڭگە مۇبارەك
(نەسىر)
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت
تۇغۇلغان كۈنۈمدە مەن ئۆزۈمنى ئەمەس، ئانامنى تەبرىكلەيمەن! دوستۇم بۇنىڭغا ھەيران قالماڭ!
مەن تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئەينى ۋاقىتتا، ئانام مېنىڭ ساق ــ سالامەت تەۋەللۇت بولۇشۇمنى تىلەۋاتقانىكەن.
ھاياتلىقىمنىڭ، ئارزۇ ــ ئارمانلىرىمنىڭ يالقۇنلۇق سمۋولى ــ ھايات شامىمنى ياندۇرىۋاتقان بۇ ھاياجانلىق تۇغۇلغان خاتىرە كۈنۈمدە، ئانام مېنى يورۇق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىش ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن قەيسىرانە ئېلىشقانىكەن.
مەن ئۆزۈم ئۈچۈن كاتتا ئارمانلارنى تىلەپ، دوستلىرىم بىلەن خۇشال چاۋاك چېلىۋاتقان بۇ شادلىق كۈنۈمدە، ئانام مېنىڭ ئاچچىق ۋە دەھشەتلىك تولغاق ئازابىمنى يەپ، ھايات ــ مامات چېگرىسىدە مەن ئۈچۈن جاپا چېكىپ، ماڭا ئۆزىنى بېغىشلىغانىكەن.
مەن تۇغۇلغان كۈنۈم ئۈچۈن شادلىنىپ، ھەممىنى ئۇنتۇپ، دوستلىرىم بىلەن قانغۇچە ئويناپ تەرلىگەن بۇ كۈندە، مېنى تۇغۇش ئۈچۈن ئانامنىڭ ماجالى قالمىغۇدەك تىركىشىشتىن ۋۇجۇدىدا تەر شورۇلداپ ئاققانىكەن.
مەن دوستلىرىمدىن چىرايلىق تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى قوبۇل قىلىۋاتقان بۇ كۈندە، ئانام ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە تۇرۇپ، دۇنياغا ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىتىنى ــ مېنى تەقدىم قىلغانىكەن.
مەن تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن شادلانغان مۇشۇ كۈندە، ئانام مېنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئامان ــ ئېسەنلىكىنى بىلىپ مەڭگۈلۈك خۇشاللىققا چۆمگەنىكەن.
دوستۇم، ئەمدى چۈشەنگەنسىز، بىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىزدە ئانىمىز ئەڭ ئېغىر ئازاب چەككەن، ئۆلۈم بىلەن ئېلىشقانىكەن. شۇڭا بىز بۇ كۈندە پۈتۈن نىيەت ئىقبالى بىلەن بىزنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈپ، يەنە بىزنىڭ بەختىمىز ئۈچۈن كۈلۈمسىرەۋاتقان ئانىلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتايلى! قېنى دوستۇم، ھەممەيلەن بىرلىكتە چىن مېھرىمىز بىلەن شىۋىرلايلى: ئانا، مېنى تۇغقان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
|