كۆرۈش: 3239|ئىنكاس: 29

ئا. سادىر: شەكىللىك شېئىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
(ئېزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا)


شەكىللىك شېئىرلار
ئابدۇقادىر سادىر

"ئەركەك"
(تەرجىئىبەند)

داۋام بىر كونا دوقمىشقا چىقىپ ئوينايدۇ ئون ئەركەك،
ئاتاقتا "ئون" دېدىم، يۈزگە يېتىپ ئوينايدۇ ئون ئەركەك.
بازار غەربىدىكى دوقمىش قېمار، قارتا بىلەن "گۈل- گۈل"
پەسىلگە ئايرىماي يىلنى سېتىپ ئوينايدۇ ئون ئەركەك.
قاچان باقساڭكى شاۋقۇنلاپ تۇرار قاينامدا بۇ رەستە،
قۇياشقا بۇرنىنى قاقلاپ يېتىپ ئوينايدۇ ئون ئەركەك.
ئۇلار قورقمايدۇ قىش سۈرى ۋەيا ئاپتاپى تومۇزدىن،
ئويۇنغا مەيلىنى مەھكەم چېتىپ ئوينايدۇ ئون ئەركەك.
بىھۈدە كەتتى رەيھانى ئۆمۈرنىڭ شاخىدىن ئاجراپ،
ئۆزى لاي- لاتقىغا شۇڭغۇپ ئېقىپ ئوينايدۇ ئون ئەركەك.
جاھاننى لاپ بىلەن تاسقاپ لېۋىدىن تاشقىچە مازغاپ،
ھاياتنىڭ نەرقىنى يەلگە سېتىپ ئوينايدۇ ئون ئەركەك.
تامامدا ئۈستىباش قاسماق كۆڭۈل ئاينىيدۇ ھەر باقساڭ،
تىزىچە قارا تۇپراققا پېتىپ ئوينايدۇ ئون ئەركەك.
ئېغىز- بۇرنىغا چاڭ كەپلەپ ئۆتۈپ كەتكەن شاماللارنىڭ  
ئىزىدىن دەملىگەن "چاي" نى تېتىپ ئوينايدۇ ئون ئەركەك.
بىرىنىڭ لەۋلىرى گەز- گەز بىرى ئەسنەيدۇ ھاردۇقتىن،
رېزىقنى بەلكى غايىپتىن كۈتۈپ ئوينايدۇ ئون ئەركەك.
يەنە قاي كوچىدا باردۇر شۇ يەڭلىغ دەردى بار ئەركەك،
زەئىپلىك غارىدىن چىقمىش تېگىدە دەزى با ر ئەركەك.

كۆپى دېھقان ئىكەن ئۇقسام تېرارغا يەرلىرى يوقمىش،
يېرى بارلارمۇ بار ئەمما تۆكەرگە تەرلىرى يوقمىش.
ئەجىرگە زار ئېتىز- باغلار "بېخىللىق" ئىچرە ئۈگدەيدۇ،
قوتاندا قوي تۈگۈل بەش- ئون تۇخۇ كەپتەرلىرى يوقمىش.
ئېتىز، ئۆي كارىغا ئالغان ئايالى بار ئىكەن مۇتلەق،
خوتۇن ھالىڭ نېچۈك دەپ بىر سورارغا ئەرلىرى يوقمىش.
جاپادا چېھرىدىن كەتكەن بەختسىز تالى مەجنۇننىڭ،
شۇ ئەرنى ئەتكىدەك مۇشتاق بۈگۈن ھېچ يەرلىرى يوقمىش.
ئىكەن بىر نەچچىسى ھاممال يەنە بار مەدىكارلار ھەم،
قورساقنىڭ چۈشكىچە زىنھار تېخى "ئەستەر" لىرى يوقمىش.
كۈتەرمىش ئوينغاچ ئىزدەپ كېلىپ قالغان خىرىدارنى،
بۇ زور تاقەت كۆكى ئۈزرە چىقار ئەختەرلىرى يوقمىش.
ئۆزۈڭ ئىش ئىزدېمەي، پۇلنىڭ سېنى قوغلاشقېنى نەدە،
ئۇلار قاقشايدىكەن ھەييار: يېنىدا زەرلىرى يوقمىش.
پەقىرلىق بابىدا تىزمىش ئۆزىنى ئالدىغا رەتنىڭ،
گېپىچە مەلىدە ئۇندىن ئۆتەر بەتتەرلىرى يوقمىش.
بۇ يەڭلىغ كۈن ئالار ئەرنى ياراتتىڭ قايسى تۇغمىشتىن،
ئۇ بولغاچ ئەقلىدىن چولتا ئۇچارغا پەرلىرى يوقمىش.
يەنە قاي كوچىدا باردۇر شۇ يەڭلىغ دەردى بار ئەركەك،
زەئىپلىك غارىدىن چىقمىش تېگىدە دەزى با ر ئەركەك.

خىيال ئەيلەيدۇ ھەر كاللا: "بولارمۇ ئۇتقىلى پۇلنى؟"،
يانار تەشۋىشتە جۈپ- جۈپ كۆز لەھەڭدەك يۇتقىلى پۇلنى.
يۈرەك مۇشتلايدۇ كۆكرەككە رېتىمدىن ئازغىشىپ ھەيھات!
يۇتار تۈكرۈكنى ئارمانلار يۇلۇپ ئاۋۇتقىلى پۇلنى.
سورۇنلار ئاۋۇدى رەت- رەت شۇ يەڭلىغ جەڭگە سەپ تۈزگەن ،
رىقابەت بۇ كەبى بولماس سويۇپ قۇرۇتقىلى پۇلنى.
چاناقتىن ھالقىغان قارچۇق ئەلەم ئىلكىدە سەرگەردان،
دىۋەيلەپ كەلسە گەر ئاپەت قىيالماي قۇسقىلى پۇلنى.
ئېسىدىن قاچتى بار دۇنيا كۆڭۈلنىڭ ساھىلى تىمتاس،
خىيالى قۇترىغان لەشكەر يولىدىن توسقىلى پۇلنى.
شۇ ئەسنا چىقتى بىر غۇلغۇي ئۇتۇپتۇ قايسى بىر مەرگەن،
دېرىلدەر ئىلكىدىن كەتكەن بىراۋلار تۇتقىلى پۇلنى.
ئۈزۈلدى "گاچ" قىلىپ بىر تىل كىرىشكەن چىش ئاراسىدا،
دىرىڭلاپ ئۇچتى كەينىگە بىرى چىڭ باسقىلى پۇلنى.
يىقىلغان مۇشتقا تويماسمىش، يېتىپ دەم قوپتى مەرت گەۋدە،
ئۇنىڭ ئەلپازىدا سۈر بار ئۇرۇپ قورقۇتقىلى پۇلنى.
بېقىنلار نەچچىسى ئۇتقان، ئۇتۇلغانلارنى دەي- دەيدە،
قوشۇپ ئارمان شارابىغا بۆلەكچە يۇتقىلى پۇلنى.
يەنە قاي كوچىدا باردۇر شۇ يەڭلىغ دەردى بار ئەركەك،
زەئىپلىك غارىدىن چىقمىش تېگىدە دەزى با ر ئەركەك.

ئۇلار ئوينايدۇ- ئوينايدۇ، قۇياشنىڭ ئۆڭ- سۆلى كەتتى
ۋاقىت ئىمكاننى يەپ كەتكەچ بەختنىڭ پۇت- قولى كەتتى.
دەرىخا، تۇيمىدى ھېچكىم يۈتۈپ كەتكەن دەقىقلەردىن،
ئۈزۈپ تىزگىن ھاياتىنىڭ شۇ كۈنلۈك دۈلدۇلى كەتتى.
ھاياتنىڭ نەرقى بەك ئەرزان بۇ دوقمىش ئەھلىدە شۇنداق،
ئۇنىڭ ھەر باغىدىن ئىزسىز تۈمەن مىڭ سۇمبۇلى كەتتى.
ئىچىڭ سىرىلسا نە بولغاي بىھۈدە ئۈشبۇ قىسمەتتىن،
سېنىڭ بەختىڭگە جۈر بولمىش نەۋانىڭ مەرغۇلى كەتتى.
قارايدۇ نەچچىسى نەپرەت نىگاھىى ئىچرە دوقمىشقا،
يەنە بىر تاڭلىنى بار دەپ سۈكۈتتە دىلغۇلى كەتتى.
تاتارغان بىر چىراي دوقمىش تېمىغا دەرت تۆكەر تەنھا،
يوقاتقان شادلىقى بىرلە ھۇشىمۇ بىر يولى كەتتى.
قۇياش ھەر چىقسا ھەر پاتسا ئۆمۈرنىڭ بىر شېخى بەربات،
تىتىلغان دىللىرى قان- قان باھاردىن بىر گۈلى كەتتى
بۈگۈن ئەرلىككە باپ قامەت ئېگىلگەي تاڭلا يا تىمسال،
ھاياتلىق قەسرىگە بوھران يېتىپ، تۇيماي ھۇلى كەتتى.
غازاڭ تاشلايدۇ ئاز كۈندە سۆيۈنگەن باغلىرى بىر بىر،
شۇ چاغ قاقشايدۇ قاي ھالدا بۇ باغنىڭ بۇلبۇلى كەتتى.
يەنە قاي كوچىدا باردۇر شۇ يەڭلىغ دەردى بار ئەركەك،
زەئىپلىك غارىدىن چىقمىش تېگىدە دەزى با ر ئەركەك.

بۇ مىللەت رۇھىنىڭ باردۇر ئېچىلماس بوزلىرى شۇنداق،
قۇياشنىڭ نۇرىدىن زەررە چېقىلماس كۆزلىرى شۇنداق،
خورازلار چىللىسا چاك- چاك ئېتىپ سۈبھى قۇچاقىنى،
بىتاپلىق ئىلكىدە ئۇخلاپ ياتار يۇلتۇزلىرى شۇنداق.
ئەقىل ئاسمانىدا غەپلەت قۇياشنىڭ ئەكسىنى ياپقاچ،
باھارنىڭ تەپتىنى سەزمەس توقايدا مۇزلىرى شۇنداق.
ئۇلاشتى پايى دۇنيانىڭ شۇ كۈنلەر قايسى مەنزىلگە،
چىشىدىن ئاجرىماس مۇتلەق ئەقىل تورمۇزلىرى شۇنداق.
بىكار كەتكەن شۇكۈنلەرنىڭ تېگىدە بار ئىدى نۇسرەت،
ئەجەپ غەپلەتكە يەم بولدى كېچە- كۈندۈزلىرى شۇنداق.
ئەقىل- ئىدراكتا باي بولغان غەنىلەر ھېكمىتى نەدۇر،
تۈگەل پەر قاقمىدى دىلدا تەپەككۇر توزلىرى شۇنداق.
دىلى قاخشايدۇ نامراتلىق ئېكەكدەپ قىينىغان جاندىن،
"ئېكەك" نى چاققىلى بازغان كۆتەرمەس ئۆزلىرى شۇنداق.
بۇ مىللەت چېھرىدە داغ بار دېسە شۇنداقلار داغ ئەينى،
تازا بىر ئىشقىلاپ قىرماي ئاقارماس يۈزلىرى شۇنداق.
بۇ ئىللەتكە چاپان ياپماي دېگەچكە ئابدۇقادىر دەل،
ئۇنىڭ سەل ھالقىدى چەكتىن غەزەلدە سۆزلىرى شۇنداق.
يەنە قاي كوچىدا باردۇر شۇ يەڭلىغ دەردى بار ئەركەك،
زەئىپلىك غارىدىن چىقمىش تېگىدە دەزى با ر ئەركەك.


مېنى غەپلەتكە چاقىرما
(مۇھەممەت خىۋىر  غەزىلىگە مۇسەممەن)

بېغىمغا چىللىما كۈزنى خۇمارىم بۇنچىلىك بالدۇر،
سىزىقلار تەكتىدە پۇرلاپ جامالىم بۇنچىلىك بالدۇر،
دەقىقلەر ئەگمە شاخىنى چىنارىم، بۇنچىلىك بالدۇر،
مېنىڭ يوق قاتلىنىپ بەلدىن سۇنارىم بۇنچىلىك بالدۇر،
بورانلار تەپمە ئەزۋەيلەپ دىۋارىم بۇنچىلىك بالدۇر،
تېخى يوق قەددى- قامەتتىن چانارىم بۇنچىلىك بالدۇر،
مېنى غەپلەتكە چاقىرما نېگارىم بۇنچىلىك بالدۇر،
مېنى ئىشرەتكە چاقىرما بىدارىم بۇنچىلىك بالدۇر.

يۇيۇپ تاڭلار تۆكۈپ بەرگەن زىيادا كۆزلىرىمنى تېز،
تاپاي ھەقلەپ ئاتام بەرگەن ئۇلۇغۋار تۈزلىرىمنى تېز،
گىرەدىن ئاجرىتىپ، پاكلاپ ئەقىل تورمۇزلىرىمنى تېز،
سۈزەي مازغاپ يۇتۇپ كەتكەن بەخت يۇلتۇزلىرىمنى تىز،
تاپاي غەپلەت ئۈزۈپ قاچقان كېچە- كۈندۈزلىرىمنى تېز،
ئاچاي باغىمدا ئاق قالغان  قېقىرتاڭ بوزلىرىمنى تېز،
ئۆمۈردىن قانچىلىك قالدى يازاي مەن سۆزلىرىمنى تىز،
قەلەمنى توختىتىشقا يوق ئامالىم بۇنچىلىك بالدۇر.

شاياتۇن غەپلىتى يولدىن تېيىپ ئازماقنى ئۈندەيدۇ،
بىخۇدلۇق بوينىغا مەستخۇش گىرە سالماقنى ئۈندەيدۇ،
قەدەھلەر جىلۋىسى نازلاپ سۆيۈپ ئالماقنى ئۈندەيدۇ،
شۇ يەڭلىغ مەڭگۈ غەپلەتتە تۇرۇپ قالماقنى ئۈندەيدۇ،
ۋە لېكىن مەندە بىر ئارمان ئەجەم چالماقنى ئۈندەيدۇ،
ئەقىيدەم باغرىدىن دىلبەر گۆھەر قازماقنى ئۈندەيدۇ،
بېسىپ كەلگەن ئىزىم خاتىرىگە يازماقنى ئۈندەيدۇ،
غازاڭنى تاپسا بولمايدۇ باھارىم بۇنچىلىك بالدۇر.

يۈرەكىم يىغلىما كەچمىش- كەچۈرمىشتىن ھەزەر ئەيلەپ،
ماڭا ئىچكۈزمە رۇزىغاردا شېرىن دەمنى زەھەر ئەيلەپ،
بۈگۈن قەلبىمدە تاڭ ئاتتى پۈتۈن روھىمنى زەر ئەيلەپ،
ئۈمىدنى باغلىدىم مەھكەم بېلىمگە چىڭ كەمەر ئەيلەپ،
ئىلاھ پۈتمىش ۋۇجۇدۇمغا شىجائەت بىرلە پەر ئەيلەپ،
چىقىشقا قۇدىرىتىم يەتكەي خەتەرلەردىن زەپەر ئەيلەپ،
قارا، كىملەر ئۇزاپ كەتتى بۇ تۈنلەرنى سەھەر ئەيلەپ،
سەپەرنى توختىتىشقا يوق قارارىم بۇنچىلىك بالدۇر.

قىرق يىل توختىماي ماڭدىم، ئۈنۈمغۇ ئەسلىدە بەك ئاز،
ئىجادتا خەيرىلىك باسقان يولۇمغۇ ئەسلىدە بەك ئاز،
باراڭنى چۈمكىدىم تالدا، ئۈزۈمغۇ ئەسلىدە بەك ئاز،
قۇلاققا ياققىدەك ياڭراق ئۈنۈمغۇ ئەسلىدە بەك ئاز،
بېغىمدا شاخلىغان سەرخىل گۈلۈمغۇ ئەسلىدە بەك ئاز،
بۇ باپتا كوتا بولغاچ تىل- سۆزۈممۇ ئەسلىدە بەك ئاز،
چىمەنلەر قوينىدا يۈرگەن كۈنۈمغۇ ئەسلىدە بەك ئاز،
شۇڭا لەززەتكە يوق زادى قانارىم بۇنچىلىك بالدۇر.

قۇچاق ئاچماقتا جاناندەك مېھىرلىك مەنزىلىم ئەسلى،
مېنى شائىر قىلىپ تۇغمىش كامالغا تولمىقىم ئەسلى،
چېچەك كۈلدۈرمىسەم بىر پۇل مېنىڭ زىبالىقىم ئەسلى،
چېچىمدا ئاۋۇغانچە ئاق، ئاشار تەشنالىقىم ئەسلى،
شىۋىرغان قەستىدە سۇنماس مېنىڭ بەرنالىقىم ئەسلى،
لەزىز مەي باغلىغان باغدەك شېرىندۇر ھەر چېغىم ئەسلى،
گۈرۈلدەپ ئوت چېچىپ يۈرگەن ئۇلۇغ يالقۇن ئېدىم ئەسلى،
سېھىرلىك بۇ سەپەردىن يوق يانارىم بۇنچىلىك بالدۇر.

ماڭا بەس، قالمىسام ۋىجدان تۈپەيلى دەرت- مالامەتتە،
تۆكۈلسەم دان كەبى مەيلى چاناقتىن ھەرنە قىسمەتتە،
ئىجادىم كۆكلىسە تالدەك ئۇرۇپ جۇش تەرى قىممەتتە،
دېگەيمەن شاھ، بولۇپ كەتسەم ئەگەر قۇل، ئەلگە خىزمەتتە،
ئاۋامنى ئەيلىسەم خۇشنۇد تۆكۈلگەن دۇرى ھېكمەتتە،
مېنى ئۆز باغرىغا ئالغاي نىگار مېھرى- ساداقەتتە،
ئۆمۈر مەنزىللىرى ئارتقا ئۆتۈپتۇ چەرخى غەپلەتتە،
نىمىشقا توختىغاي مەجنۇن ساتارىم بۇنچىلىك بالدۇر.

قاناتى زەخمىناك قۇشقا سۈزۈك ئاسماندا پۇرسەت ئاز،
يارام تۇلپارغا دەرت يەتسە ئاڭا مەيداندا پۇرسەت ئاز،
شۇ بائىس مەرت چەۋەندازغا كۆرەك- جەۋلاندا پۇرسەت ئاز،
ئۈمىدسىز ئۆتسە ھەر غاپىل قۇرۇق ئارماندا پۇرسەت ئاز،
ئىرادەم بول ماڭا دىلدار، سېنىڭسىز جاندا پۇرسەت ئاز،
ئۆمۈرنىڭ كەچكۈزى كەلدى، غېرىچ قالغاندا پۇرسەت ئاز،
مېنى غەپلەتكە چاقىرما، زەئىپ پىنھاندا پۇرسەت ئاز،
بىھۇشلۇق تۇتقۇنى بوپ يوق ياتارىم بۇنچىلىك بالدۇر.


(ئېزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-22 23:57  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-22 22:10:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-2-22 22:19:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ ئاجايىپ شېئىرلاركەن...

ۋاقتى: 2014-2-23 00:01:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئابدۇقادىر سادرىنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2014-2-23 10:31:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەترالىمىزدىكى ۋاقىر ئىسراپچىلىقلىرىدىن ساقلىنىشتا بىرى بولسىمۇ بۇ ئەسەر ئارقىلىق ھۇشىنى تاپسا ئەجەپ ئەمەس.

ۋاقتى: 2014-2-23 13:05:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىشقەدەم ئەدىبنىڭ ئىسىل غەزەللىرىنى ئوقۇپ ھۇزۇرلاندىم. يېزىپ تۇرغايلا ئۇستاز

ۋاقتى: 2014-2-24 15:10:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا «شەكىللىك شېئىر }دەپ ئالدىڭىز؟شەكىلسىز شېئىر پەقەت قەلىبتە بولىدۇ،قەلىبدىن ئۇرغۇپ چىققان ئىكەن ئەلۋەتتە شەكىللىك ئىپادىلىنىدىغۇ؟

ۋاقتى: 2014-2-24 19:17:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شېئىرلاركەن، مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-2-24 22:21:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-3-3 00:28:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇزۇرلاندىم غەزەلدىن ، مەدەتلەر بولسۇن ئۇستاز .

ۋاقتى: 2014-5-30 01:06:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازغا ئامەت ۋە بەخت يار بولسۇن...!

ۋاقتى: 2014-5-30 08:45:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايىلمەن،ئۇستاز!

ۋاقتى: 2014-5-30 12:31:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازغا ئامەت ۋە بەخت يار بولسۇن...!قايىلمەن !

ۋاقتى: 2014-7-5 21:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم يازمىڭىزبەك ياخشى چىقىپتۇ سىزگە مۇاپىقيەت تىلەيمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-6 19:13:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىت ئېنىم، بۇ شېئىرلاردىن ۋاقىپلانغىنىڭىزغا تەشەككۈر!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش