يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2062|ئىنكاس: 19

تاھىر خالىق(ت): تورونتودىكى << ئانا تىل ئۆگىتىش جېڭى >>

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تورونتودىكى << ئانا تىل ئۆگىتىش جېڭى>>     

                                             
                      كېچىدە ئىشىك چەككەن فىرانسىيەلىك موماي  

             2002  - يىلى قىشتا ، ئائىلىمىز بويىچە كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە كۆچمەن بولۇپ كەلدۇق.
            ئورۇنلىشىپ بولغان كۈنى كەچتە ، كەچلىك تامىقىمىزنى ئەمدىلا يەپ بولۇپ تۇرۇشىمىزغا ئىشىك چېكىلىپ ، ئۆزى سېمىز، چاچلىرى ئاقارغان بىر چەت ئەللىك موماي ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىسمىنىڭ لېسسىڭ ئىكەنلىكىنى ، فىرانسىيەلىك كۆچمەنلىكىنى ، ئاستىنقى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېسسىڭ خانىمنىڭ كۆپكۆك كۆزلىرىدىن بىر خىل مۇلايىملىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ماڭا بىر پارچە باغاقچىنى ئۇزىتىپ تۇرۇپ : << بۇ ئۆيۈمنىڭ تېلېفون نومۇرى ، سىلەر يېڭى كەلدىڭلار، نۇرغۇن ئىشلاردا كۆنەلمەسلىكىڭلار مۇمكىن ، سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييارمەن >> دېدى ھەمدە ئوغلۇم كەن كەننىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ قويدى .
          ئۇنىڭ قىزغىنلىقى مېنى ھەم ئېرىمنى ، شۇنداقلا ئون ياشلىق ئوغلۇم كەن كەننى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى.
           ئىككىنچى كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ، لېسسىڭ خانىم يەنە شۇ ۋاقىتتا ئىشىكىمىزدە پەيدا بولدى . بۇ قېتىم ئۇ قولىغا بىر دەستە گۈل ئېلىۋالغان بولۇپ ، ناھايىتى ئەدەپ بىلەن : << ئوماق ئوغلۇڭلارنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ >> دېدى. بۇ ئىش ماڭا سەل غەلىتىرەك تۇيۇلغان بولسىمۇ چاندۇرمىدىم : << بولىدۇ، بولىدۇ ، قېنى مەرھەمەت ! >> .
          لېسسىڭ خانىم كرېسلوغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ، خۇددى سېھىرگەردەك چاققانلىق بىلەن سومكىسىدىن ئىككى  پارچە كىتابنى چىقاردى .  ئۇنىڭ بىرى ئىنگلىز يېزىقىدىكى << تورونتودىكى ئش بېجىرىش قوللانمىسى >> بولۇپ ، ئۇنى ئېرىمگە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ، يەنە بىرى فىرانسۇز يېزىقىدىكى << كىچىك شاھزادە >> دېگەن كىتاب بولۇپ ، ئۇنى ئوغلۇم كەن كەنگە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
     << مەن فىرانسۇزچىنى بىلمەيمەن ، بۇ كىتابنى ئوقۇيالمايمەن ، رەھمەت سىزگە ! >> دېدى باياتىن بېرى بىر چەتتە قاراپ تۇرغان كەن كەن لېسسىڭ خانىمغا . بۇ گەپنى ئاڭلاپ لېسسىڭ خانىمنىڭ چىرايى سەل تۇتۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: << قوزام ، بۇ بىر ئۇلۇغ كىتاب ، چوقۇم كۆرۈشۈڭ كېرەك ، فىرانسۇزچىنى بىلمىسەڭ ھېچۋەقەسى يوق ، مەن ساڭا ھازىردىن باشلاپ ئۆگىتىمەن >> دېدى .
         بۇ چاغدا مەن ۋە ئېرىم لېسسىڭ خانىمنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ كەن كەنگە فىرانسۇزچە ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇق .
ئەسلىدە ، لېسسىڭ خانىم بىر تىل مەكتىپىنىڭ خالىس ياردەمچىسى بولۇپ ، يېڭى كەلگەن كۆچمەنلەرگە ھەقسىز فىرانسۇزچە ئۆگىتىدىكەن .
       كەن كەنگە مەكتەپ ئۇقۇشۇپ بولغىچە ، ئۇ ھەر كۇنى كەچتە لېسسىڭ خانىمنىڭ ياردىمىدە فىرانسۇزچە ئۆگەندى . ئۇزۇنغا قالماي ، كەن كەن فىرانسۇزچە << بۈگۈن نېمە تاماق يەيمىز؟  ئەتە قار ياغامدۇ - يوق؟ >> دېگەنگە ئوخشاش ئاددىي سوئاللارنى سورىيالايدىغان بولدى . ئېرىم بىلەن ئىككىمىز لېسسىڭ خانىمنىڭ خالىس ياردىمىدىن كۆپ مىننەتدار بولدۇق.


يېرىم يولدا قوشۇلغان ياپونلۇق بوۋاي


     ئىككى ئايدىن كېيىن ، كەن كەن كانادادا مەكتەپكە كىردى . بىر كۈنى چۈشتە ، تۇيۇقسىز ئىشىكىمىزنىڭ قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ ، بوسۇغىدا پاكىز قېرىغان ئاسىيالىق بىر بوۋاي پەيدا بولدى . بوۋاي ئىسمىنىڭ فۇجى خارا ئىكەنلىكىنى ، ئۇدۇلدىكى بىنادا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
     مەن ئەدەپ بىلەن فۇجى خارا ئەپەندىدىن مېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدىگەنلىكىنى سورىدىم . ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : << ئوغلىڭىز مۇشۇ ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن ، مەن ھەر كۈنى ئۇنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ - ئەكەلسەم  قانداق >> دېدى.
     فۇجى خارا ئەپەندى يەنە بۇ ئىشنى خالىس قىلىدىغانلىقىنى ، ھەق ئالمايدىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ئۇغلۇم ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
    كەچتە ئېرىم ئىككىمىز مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ، كەن كەننى مەكتىپىگە ئاپىرىپ - ئەكېلىدىغان ئىشنى فۇجى خارا ئەپەندىگە تاپشۇرۇشنى كېلىشتۇق.
    ھەش - پەش دېگۈچە مىلاد بايرىمىمۇ يېتىپ كەلدى . بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ ئىككىيلەنگە نېمە سوۋغا ئېلىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقىنىمىزدا ، ئويلىمىغان يەردىن فۇجى خارا ئەپەندى بىزدىن چاققان چىقىپ ، ئىشىكىمىزدە پەيدا بولدى . ئۇ كەن كەنگە ئوغۇل بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇق تاپانچا ، قۇراشتۇرۇپ ئوينايدىغان رەسىم دېگەندەك نەرسىلەر ئېسىلغان بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر تۈپ ئارچا دەرىخى سوۋغا قىلدى . بۇ ئشتىن ھەممىمىز بەك خۇشال بولۇپ ، نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق . دەل شۇ چاغدا ، ئىشكنىڭ قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ ، لېسسىڭ خانىم كىرىپ كەلدى . << كەن كەن ، قاراپ باقە ، مەن ساڭا نېمە ئېلىپ كەلدىم ! >> ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، سوۋغات قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئىچىدىن يۇڭ يىپتا توقۇلغان بىر دانە بۆكنى چىقاردى . لېسسىڭ  خانىم پەخىرلەنگەن ھالدا : << بۇنى ئۆزۈم قولدا توقۇغان >> دېدى . ئۇ شۇ چاغدا ، كرېسلودا ئولتۇرغان فۇجى خارا ئەپەندىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. << ۋۇي ، فۇجى خارا ھەپەندىغۇ بۇ ، سىز بۇ يەردە نېمە قىلىسىز ؟>>.
    ئەسلىدە ئۇلار بۇرۇندىن تونۇشىدىكەن . فۇجى خارا ئەپەندى ئەدەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ، لېسسىڭ خانىمغا ئېگىلىپ سالام قىلغاندىن كېيىن ، سەل خاپا بولغان ھالدا : << بۇ يەردە بولسام بولمامدىكەن؟ >> دېدى .
      مەن دەرھال لېسسىڭ خانىمغا فۇجى خارا ئەپەندىنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ياخشى دوستى ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ھەر كۇنى كەن كەننى مەكتىپىگە ئاپىرىپ - ئەكېلىدىغانلىقىنى ، فۇجى خارا ئەپەندىگە بولسا لېسسىڭ خانىمنىڭ قوشنىمىز ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ھەر كۇنى كەچتە كەن كەنگە فرانسۇزچە ئۆگىتىدىغانلىقىنى ئېيتتىم .
     گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، لېسسىڭ خانىم بىلەن فۇجى خارا ئەپەندى بىردىنلا بەس- مۇنازىرىگە چۈشۇپ كەتتى .
      بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇنىڭ زادى نېمە ئش ئىكەنلىكىنى ئۇقالماي ئۇلارغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدۇق . كېيىن ئۇقساق ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەن: لېسسىڭ خانىم بىلەن فۇجى خارا ئەپەندىنىڭ ھەر ئىككىلىسى كانادادىكى تىل مەكتىپىنىڭ خالىس ياردەمچىلىرى بولۇپ ، بىرى فىرانسۇز تىلى ، بىرى ياپون تىلى ئۆگىتىدىكەن . ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن . لېكىن ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى كانادادا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشنى خالايدىغان بالىلار بەك ئازلاپ كېتىۋاتقاچقا ، ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ ئىككىيلەن دائىم ئوخشاش بىر بالىنى تالىشىپ ، جېدەللىشىپ قالىدىكەن. كەن كەن مانا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىكەن.

       مەنمۇ چەت ئەللىك بالىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىدىغان بولدۇم

        شۇ ئىشتىن كېيىن ، بۇ ئىككىيلەن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئائىلىمىزدىكىلەرنى ئۆزىگە تارتىشقا باشلىدى.
      لېسسىڭ خانىم فىرانسۇز تىلىنى تېخىمۇ بېرىلىپ ئۆگىتىدىغان بولدى . ئۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي ، يەنە ھەر كۇنى كەن كەنگە ئۇششاق سوۋغىلارنىمۇ بېرىپ تۇراتتى .
     فۇجى خارا ئەپەندىچۇ؟ ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ كەن كەنگە يولدا ماڭغاچ  ياپونچە بەزى ئاددىي سۆزلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى .
     بۇ ئىككىيلەننىڭ زىيادە ياخشىچاقلىقى بىزنى سەل خاتىرجەمسىزلەندۈردى . كېيىن ، ئېرىم ياخشى بىر ئامال تاپقانلىقىنى، يەنى كەن كەننىڭ بىرلا ۋاقىتتا فرانسۇزچىنىمۇ ، ياپونچىنىمۇ ئۆگەنسە بولىدىغانلىقىنى ، لېكىن لېسسىڭ خانىم بىلەن فۇجى خارا ئەپەندىنىڭ پەقەت ئۆگىتىشكىلا مەسئۇل بولۇشىنى ، ئۇنىڭ قانچىلىك بىر نەرسە بىلىشى ۋە قانداق سەۋىيەگە يېتىشى بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئېيتتى.
    ئىككىنچى كۈنى ، مەن بۇ قارارنى ئۇ ئىكىكىسىگە يەتكۈزدۈم . ئۇلار ئىككىلىسىلا بۇنىڭغا قوشۇلدى . بىراق، لېسسىڭ خانىم سەل خاتىرجەمسىزلەنگەن ھالدا : << ئشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، يېقىن ئەتراپتىكى ئىسپانىيەلىك بىر خالىس تىل ئۆگەتكۈچىنىڭ كەن كەنگە كۆزى چۆشۇپتۇ . كەن كەنگە دەپ قويۇڭ ، ئۇ ھەرگىز ئىسپانچىنى ئۆگىنىپ سالمىسۇن جۇمۇ ! >> دېدى . مەن ئۇنىڭغا بۇنداق بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەرگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاندىن خاتىرجەم بولدى.
     خېلى كۈنلەردىن كېيىن ، مەن بىر نەرسىنى چۈشەنمەكچى بولۇپ ئېرىمدىن : << بۇ چەت ئەللىك چاللار نېمىشقا بۇنداق ئاكتىپ؟ ئۇلارنىڭ  ساپاسى ئاشۇنداق يۇقىرىمۇ ياكى ئاخىرقى ئۆمرىدە ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتامدۇ؟ >> دەپ سورىدىم . ئېرىم كۈلۈپ تۇرۇپ : << چۇنكى ئۇلار ۋەتىنىنى ، مىللىتىنى بەك قىزغىن سۆيىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ >> دېدى.
     بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، ۋەتەندىكى چېغىمدا ، ئۆيدە ئوغلۇمنىڭ خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلماي ، ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانلىرىم ئېسىمگە كېلىپ ، چەكسىز ئازابلاندىم . << مەنمۇ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ ، ئاشۇ كۆك كۆز، قاڭشارلىقلارغا خەنزۇ تىلىنىڭ پاساھىتىنى بىر بىلدۈرۈپ قويايمىكىن دەيمەن>> دېدىممەن ئېرىمگە.
      2003 - يىلى باھاردىن باشلاپ ، مەنمۇ تايغانغا ئوخشاش << ئوۋ >> ئىزدەشنى باشلىۋەتتىم . مەن ئاشۇ سېرىق چاچ ، كۆك كۆز بالىلارنىڭ خۇشال - خۇرام ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە  مەندىن خەنزۇ تىلى ئۆگەنسە قانچىلىق خۇش بولۇپ كېتەرمەن دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
                                               تاھىرخالىق تەرجىمىسى
      ( خەنزۇچە << ھەپتىلىك تەرمىلەر گېزىتى >> نىڭ 2003-يىلى 9 -ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. << مىراس >> ژۇرنىلىنىڭ 2004 –يىللىق2-سانىدىن ئېلىندى )
   
    ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرقانداق تور بېكەتكە يۆتكىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، تەرجىمان ھەم ئەسەرنىڭ ئەسلىي مەنبەئەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-23 00:07  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-22 22:01:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە ئىكەن!
   «ئاۋارچىلىق»تىن قاچمايدىغان «قېرى»لارنىڭ ئىشلىرى مېنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇردى، ئانا تىل، ھامان ئۆزىنى مېھنەتسىز سۆيگۈچىلەر بىلەن بىللە...
   


ۋاقتى: 2014-2-22 22:02:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلنى  قوغداش، تەشۋىق قىلىش  ھەر  بىر  مىللەتنىڭ  باش  تارتىپ  بولمايدىغان  ۋەزىپىسى  ۋە  بۇرچى.

ئىجادىيىتىڭىزگە  ئۇتۇق  تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-23 00:27  


ۋاقتى: 2014-2-22 22:08:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە ئىكەن!

ۋاقتى: 2014-2-23 01:38:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەھمىيەتلىك بۇ  تەرجىمە ئەسىرىڭىز  گەچە ئون يىل بۇرۇن  ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ،  ئەمدى كۆرۈپ ئانا تىلنىڭ قىممىتى ھەققىدە يەنىلا ئەمەلىي چۈشەنچە ۋە تەربىيەگە ئىگە بولدۇم.
  مۇنبەرنى مانا مۇشۇنداق يوقلاپ تۇرسڭىز دېگەن ئۈمىدتەمەن.

ۋاقتى: 2014-2-23 10:34:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل ئۇ بىزنىڭ ئۆزلىكىمىزنى كۈچەيتىشتىكى قورال. خەلقىمىزگە يېڭىدىن يېڭى تەرجىمىلەرنى سۇنغايسىز.

ۋاقتى: 2014-2-23 12:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى ئەسەر ئىكەن تەرجىمە قىلىپ بىز بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت. مىنى ئانا تىلنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىشكە ئويلاندۇرالىغىنى بۇ تەرجىمىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى دەپ قارايمەن. يەنىمۇ نادىر تەرجىمە ئەسەرلەر بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرۇپ تۇرۇشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!؟

ۋاقتى: 2014-2-23 13:09:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تورونتو ، تورونتو جاھاننىڭ قايسى بۈرجىڭىدە سەن، سېنىڭ تۇپرىقىڭدا بىر شائىر مېنىڭ دوستۇم بىلەن  كۆچەتلىرىنى مىۋىلەتمەكتە ...

ۋاقتى: 2014-2-23 21:58:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمىيەتلىك تىما يوللاپسىز  ھەم ئۆزىڭىزنىڭ  ئەجىر مېۋىسىكەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2014-2-24 11:49:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىنىش ئىچىدە ئۇقۇدۇم، مەن بۇرۇن ئۇچراتماپتىكەنمەن. تورنىڭ پايدسى بىلەن ئۇقۇش پۇرستىگە ئىرىشكەنلىكىم ئۈچۈن، سىزگە كۆپ رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-2-24 19:41:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام  ،تاھىر ،  ئەجرىڭىزدىن سۆيۈندۈم . ئەھمىيەتلىك تېمىلار بولسا  يەنە يوللاپ تۇرارسىز .

ۋاقتى: 2014-2-24 20:45:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم تاھىر ئەپەندىگە شىجائەت تىلەيمەن. ئىستىداتىڭىزنى داۋاملىق نامايان قىلغايسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-24 21:33:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ، قەدىرلىك دوستلار ! ئىلھام ۋە مەدەت بەرگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر. بەرھەق ، بۇ مېنىڭ ئون يىل بۇرۇن « مىراس » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەرجىمەم ئىدى .  ئانا تىلىمىز ئېغىر خىرس ۋە مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، بۇ تەرجىمىنى يەنە قايتىدىن مۇنبەرگە يوللىشىم ، ھەربىر  ئۇيغۇرنىڭ  ئانا تىل  ھەققىدىكى ۋىجدانىي بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، ئەلۋەتتە ! شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى ،   بىزنى دۇنياغا تونۇتقىنى ،  مۇشۇ دەۋىرگىچە ئۇلاشتۇرغىنى مۇشۇ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر تىلى . مېنىڭچە،  بىر مىللەت ۋە بىر قوۋمنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا قاراپ ، شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ . 15- قېتىملىق « دۇنيا ئانا تىل كۈنى » مۇ ئۈن-تىنسىز ئۆتۈپ كەتتى . مەن ئاۋۋال بىر ئۇيغۇر ، ئاندىن بىر مۇھەررىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن تىلىمىزنىڭ نۆۋەتتكى بۇزۇلۇشىدىن ، شالغۇتلۇشىشىدىن بەكمۇ بىئاراممەن ! بولۇپمۇ  ، تور ، ئۈندىدارغا يوللىنىۋاتقان تۈرلۈك ئۇچۇر ، تېما ، ئىنكاسلاردىكى سان - ساناقسىز ئىملا خاتالىقلىرى مېنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ . مېنىڭچە ، بىر جەمئىيەتتە ، ئەڭ ئاۋۋال تىل بۇزۇلىدۇ ، تىلنىڭ بۇزۇلۇشى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىنى ، ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشى مىللەتنىڭ بۇزۇلۇشىنى ( ھالاكىتىنى ) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەممە ئۇيغۇر « ئانا تىلىمنى سۆيىمەن ، مىللىتىمنى سۆيىمەن » دەيدۇ . ئەمما ، ئۇلارنىڭ تىل پوزىتسىيەسى ، ئانا تىلغا تۇتقان ئەمەلىي مۇئامىلىسى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ ، ئوغىسىنى قاينىتىدۇ . تىل دېمەك ، ۋىجدان ۋە غورۇر دېمەكتۇر . ئانا تىلنى سۆيۈش ئۈچۈن ئۇنى قەدىرلەش كېرەك . گەپ ، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىزدا ، ئۇنى قانداق قوغداپ قېلىشىمىزدا ، ئۇنى ئەۋلادلارغا قانداق يەتكۈزۈشتە !


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرخالىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 12:15  


ۋاقتى: 2014-2-27 11:14:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەجرىڭىزدىن سۆيۈندۈم...ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا؛  جۈملىدىن ئۇيغۇر  تۇرمۇشىنى ھەر تەرەپتىن پەلىسەپەۋى كامىللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، سىزلەردەك قوش تىللاشقان قەلەمكەشلەر ئىنتايىن زۆرۈر... تەرجىمە ئىجادىيىتىڭلارنى ھەر دەقىق توختۇتۇپ قويماڭلار...!

ۋاقتى: 2014-2-27 11:29:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر خالىق مۇئەللىمنىڭ ئەھمىيەتلىك تېمىنى تەرجىمە قىلىپ، بىزگە ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تونۇتقانلىقىغا ھەشقاللا !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش