يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 815|ئىنكاس: 2

قەدىمكى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى كەمەك ھەييار ئوبرازى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىمكى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى  كەمەك ھەييار ئوبرازى

                                            غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە خىلمۇخىل ئوبرازلار بار. ئوبرازنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. ئوبراز ئەدەبىي ئەسەرنىڭ يادروسى. ئوبرازلار ئىچىدە ئىجابىي ئوبرازلارمۇ، سەلبىي ئوبرازلارمۇ بار. ھەر ئىككى خىل خاراكتېردىكى ئوبرازلار خەلق ئاممىسىنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈپ بېرىشى ۋە تەربىيەلىنىشىدە مۇناسىپ تەسىرىنى ساقلىيالايدۇ.
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە «كەمەك ھەييار» دېگەن بىر ئوبراز بار. بۇ ئوبرازنىڭ كېلىپ چىقىشى، خاراكتېرى ۋە تەسىرىنى تەتقىق قىلىش بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.
كەمەك ھەييار كەمەك دېگەن نام بىلەنمۇ قەيت قىلىنىدۇ. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «كەمەك ھەييار»، «كەمەك»كە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن.
«كەمەك ھەييار، ئىسىم ①، رىۋايەتلەردىكى ئىنتايىن ھىيلىگەر، ساختىپەز، سېھىرگەر، جاسۇس بىر پېرسوناژ؛ ② كۆچمە مەنىدە ئالدامچى، سۇيىقەستچى، ھىيلىگەر، ئىپلاس كىشى».
«كەمەك (سۈپەت) قاڭشىرى يوق، پاناق بۇرۇن» .
«ھەييار،سۈپەت،ئەرېەپچە سۆز. ① ھىلە نەۇرىڭى تولا،باشقىلارنى ئالداشقا ئۇستا؛ ھىلىگەر،مەككار،مۇغەمبىر،قۇۋ؛ھەييار ئادەم،ھەييار قىز.ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار(ماقال). ② باشقىلارنىڭكىگە،تەييارغا ئىگە بولىۋالىدىغان: تەييارغا ھەييار بولماق.»
بۇ بايانلاردىن كەمەك ھەييارنىڭ سەلبىي ئوبراز ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
كەمەك ھەييار خەلق ئاممىسىنىڭ دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشلىرىدا سۆزلىنىدۇ. خەلق چۆچەكلىرىدە بولسا بىر تىپىك ئوبراز سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ نۇقتا «كەمەك ھەييار بىلەن مۇختەر ھەييار» دېگەن چۆچەكتە ئالاھدە كۆزگە چېلىقىدۇ:
«كەمەك ھەييار بىلەن مۇختەر ھەييار» دېگەن چۆچەكتە كەمەك ھەييارنىڭ يۇرتى توغرۇلۇق «بۇرۇنقى زاماندا، ئىران پادىشاھلىقىنىڭ تەۋەسىدە كەمەك دېگەن بىر ھەييار ئۆتكەن ئىكەن» دەپ ئۇچۇر بېرىلگەن. بۇنىڭدىن كەمەك ھەييار ئىرانلىق بولسا كېرەك، دېگەن چۈشەنچە تۇغۇلىدۇ. لېكىن، ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغاندا «ئىران پادىشاھلىقىنىڭ تەۋەسىدە» دېگەن ئۇقۇمدا «ئىرانلىق» دېگەن ئۇقۇم بىلەن بىللە «ئىران تەۋەسىدە ياشىغان» دېگەن ئۇقۇممۇ بار.
چۆچەكتە تەسۋىرلىنىشىچە، ئىران پادىشاھلىقى تەۋەسىدە كەمەك دېگەن بىر ھەييار ئۆتكەن ئىكەن، تەكلىماكاندا خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش مۇختەر دېگەن يەنە بىر ھەييار ئۆتكەن ئىكەن. ئۇلار «كىتابىي جادۇ» (جادۇگەرلىك توغرىسىدىكى كىتاب)دىن بىر – بىرىنىڭ ھىيلىگەر، ھەييار ئىكەنلىكىنى ۋە بىر – بىرىنى قىلتاققا چۈشۈرۈپ، بابلاش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، كۆپ يوللارنى بېسىپ ئۇچرىشىپتۇ. شۇنداقلا بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۇلار ئىنساننى تاڭ قالدۇرىدىغان ھىيلىگەرلىك، سېھىرگەرلىك بىلەن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق ئېلىشىپ، ئاخىر مۇختەر ھەييار كەمەك ھەييارنى يېڭىپ، ئۆزىگە دەسلەپ سۇيىقەست پىلانلىغان پادىشاھ تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىپ، ئۆز يۇرتى تەكلىماكانغا قايتىپ كېتىدۇ .
چۆچەكتە كەمەك ھەييار (جۈملىدىن مۇختەر ھەييار)نىڭ ئوبرازى ئاجايىپ – غارايىپ بىر خىل قىياپەتتە يارىتىلغان. ئۇنىڭغا قىرىق چىلتەن ھەمراھ بولىدۇ. «كىتابىي جادۇ» غا ئاساسەن ئىش قىلىدۇ. ئەپسۇن ۋاسىتىسى بىلەن مۈشكۈلاتلارنىڭ سىرىنى يېشىدۇ. غەيرىي (مەۋھۇم) قىياپەتكە كىرىۋالغان ئادەمنى (جۈملىدىن رەقىبى مۇختەر ھەييارنى) تونۇۋالالايدۇ. ئومۇمەن، كەمەك ھەييار خاراكتېرىدىكى تۈپ ئالاھىدىلىك ھەييارلىق، سېھىرگەرلىكتىن ئىبارەت. ئۇ مەيلى روھىي جەھەتتە، مەيلى جىسمانىي جەھەتتە بولسۇن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە، غەيرىي خاراكتېرگە ئىگە.
  «جەمشىتنامە»ناملىق كىتاپتا جەمجىشكە بىرقانچە باپ ئاجرىتىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ بىر بابىدا كەمەك پادىشاھ جەمشىتنىڭ ئوردىسىدىكى پائالىيەتلىرى جۈملىدىن جەمشىت بىلەن مەلىكىنىڭ ۋىسال شارابىنى ئىچىشىگە پىشكەللىك كەكتۈرۈشكە ئۇرۇنغان ئىنتايىن ھىلىگەر جادۇگەرنىڭ ئەدىبىنى بېرىدۇ.ئومۇمەن،بۇ قىسسىدە كەمەك كۆپرەك جەمشىت بىلەن مۇناسىۋەت قىلغۇچى ئوبراز سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ .
بەزىي ئىلمىي خادىملار جەمشىتنىڭ تارىخىي شەىسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ بار.مەسىلەن،ئەنۋەر بايتۇر،خەمىت تۆمۈر   قاتارلىقلار «تەۋەرىخىي مۇسىقىييۇن»ناملىق ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان جەمشىتكە چۈشەنچە بېرىپ،مۇنداق يازغان.«‹شەھنامە›دېگەن كتاپتا يەنە جەمشىتنىڭ مەملىكىتىمىز جۇڭگو،بولۇپمۇ شىنجاڭ رايۇنى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ بايان قىلىنغان،مەسىلەن،تەخمىنەن مىلادىدىن 10 ئەسىر بۇرۇن جەمشىت ماچىن پادىشاھى ماخاننىڭ بىر قىزىغا ئۆيلەنگەن،ئۇنىڭدىن بەدەۋان،ھۇمايۇن دېگەن ئىككى قىز تۇغۇلغان.»
جەمشىتنىڭ ئوتتۇرا جۇڭگو رايۇنىغا ھەم تونۇشلىقى توغرىلىق ئەنۋەر بايتۇر،خەيرىننىسا سىدىقلار مۇنداق پىكىرنى ئىيتقان(جۇڭگونىڭ)«شاڭ ۋە غەربىي جۇۋ سۇلالىسى دەرۋىدە ئوتتۇرا ئاسىيا،تارىم ئويمانلىقى ھەتتا پامىر ئىگىزلىكىنىڭ غەربىدىكى جايلارنىڭ بۇ سۇلالە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە رىۋايەتلەر تېخىمۇ كۆپ،مەسىلەن،شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇۋ سۇلالىسىنىڭ ئەجدادى تەنفۇ دىلار(狄族) لارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،ھازىرقى گنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىگە بېرىپ،قەلئە ياساپ تۇرۇپ قالغان.شۇ چاغدا ئۇ ئوردا ئاقساقىلى جى جۇ دېگەن ئادەمنى پامىر تاغلرىدىن 300 يول يىراقلىقتىكى ‹قىزىل قۇش›(赤鸟 )قەبىلىسىنىڭ زىمىنىغا ئىۋەتكەن.‹بۇ زىمىن بولسا ئالەمدە ئەڭ گۈزەل تاغلار ئورۇنلاشقان،قاشتېشى چىقدىغان،ھەر خىل زىرائەتلەر ئۆسىدىغان،پۈتۈن زىمىنى ياپيېشىل ئوت گىيالار ۋە ئورمان بىلەن قاپلانغان،ھۆرىپەرىلەر ماكانلاشقان بىر جاي ئىدى›(«مۇتيەنزى تەزكىرىسى» 2 جىلىد، خەنزۇچە). كېيىنچە تەنفۇ ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان ئىكەن.بەزى چەتئەل تارىخچىلىرى،جۇڭگو رىۋايەتلىرىدە بايان قىلىنغان جى جۇ دېگەن ئادەم تەنفۇنىڭ ئوردا ئاقساقىلى بولماستىن،بەلكى،قەدىمكى ئىراننىڭ رىۋايەتلىرىدىكى پادىشاھ جەمشىت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى، ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى تەرىپىدىن يېزىلغان ‹شاھنامە›دېگەن كىتاپتا شاھ جەمشىت ماچىن پادىشاھى ماخاننىڭ بىر قىزىغا ئۆيلەنگەن،ئۇنىڭدىن بەدىۋەل ۋە ھۇمايۇن دېگەن ئىككى قىز تۇغۇلغان ئىكەن.(چىخۇفېن‹جۇڭگو›،1-توم، 433- بەت) دېيىشىدۇ.»
ئۇنداق بولسا، «كەمەك ھەييار» قاچان، قانداق قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋە ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تەپەككۇرىغا بەدىئىي ئوبراز سۈپىتىدە كىرىپ كېلىپ، ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولغان، كەمەك ھەييار قاچان ياشىغان؟ بۇ ھەقتە پاكىتلىق ماتېرىيالغا ئىگە ئەمەسمىز. پەقەت چۆچەكتە پادىشاھ جەمشىد زامانىسىدا كەمەك ھەييارنىڭ ياشىغانلىقى سۆزلەنگەن. كەمەك ھەييارنىڭ قاچان ياشىغانلىقىنى بىلىشتە بۇ بايان مۇھىم بىر يىپ ئۇچىدەك قىلىدۇ. چۈنكى، جەمشىد ئەسلىي بىر تارىخىي شەخس بولۇپ، «ئاۋېستا»دا تىلغا ئېلىنغان. ئۇ ئىراننىڭ رىۋايەتلەر دەۋرىدىكى پىشىدادىلەر سۇلالىسىنىڭ 4 – پادىشاھى بولۇپ، مىلادىيەدىن كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى ياشىغان. ئۇنداق بولسا كەمەك ھەييار بىلەن جەمشىد زامانداشمۇ؟ بۇنىڭغا ئالدىراپ بىر نەرسە دېيىش تەس. چۈنكى، جەمشىد رېئال ئادەم بولسىمۇ، لېكىن زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەپسانىۋى شەخسكە ئايلىنىپ، ئىران خەلقلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىلى ئائىلىسىگە مەنسۇپ خەلقلەر ئارىسىدا سەييارە ۋە دەۋرىي خاراكتېرلىك ئوبرازغا ئايلانغان.
شۇڭا، بىز تىلغا ئالغان چۆچەكتىكى جەمشىدنىڭ تارىخىي يىلنامىسىنى بېكىتىش نىسبەتەن قىيىن. يەنە بىرى، كەمەك ھەييار بىلەن جەمشىدنىڭ زامانداش قىلىپ تەسۋىرلىنىش خەلق ئارىسىدا تارقالغان ئوبرازلارنىڭ ئارىلىشىپ، داشقايناققا ئايلىنىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
«كەمەك ھەييار» ئوبرازىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇھاكىمە قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان بىردىنبىر ئاساس «كەمەك ھەييار»دىن ئىبارەت مۇشۇ ئاتالغۇ ۋە ئۇنىڭ ئىتمولوگىيەسى ھەم ئىستېمال مەنىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتىن ئىبارەت.
«كەمەك» ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر تۈركىي تىلى ئائىلىسىگە مەنسۇپ قەبىلىنىڭ نامى. دەسلەپ ئەرەب، پارس تارىخشۇناسلىرى ۋە جۇغراپىيەشۇناسلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدە ئۇچرايدۇ. بۇ نامنىڭ كىماك، قېماق، كىيماك شەكىللىرى بار. مەھمۇد قەشقىرى «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»تە بۇ قەبىلىنى «Yemak» دەپ يازغان.
كەمەكلەر مىلادىيە 7- ئەسىرلەردە ئالتاي تېغىنىڭ شىمالى، ئېرتىش دەرياسى ساھىلىدە ياشىغان ھەم ئەينى چاغدا غەربىي تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولغان. مىلادىيە 659 – يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى مۇنقەرز بولغاندا كەمەك قەبىلىلىرى غەربىي تۈرك خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىققان. مىلادىيە Ⅷ ئەسىرلەردە ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن ساھىلىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئۈزۈكسىز تۈردە غەربكە كېڭەيگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەتتە سۇ ئۆلكىسىنىڭ تۆۋەن ساھىلى ۋە ئارال كۆلىنىڭ ئەتراپىنى ئىگىلىگەن. ئەينى چاغدا جەنۇبىي قارلۇقلار بىلەن قوشنا بولۇپ، بالقاش كۆلىنى چېگرا قىلغان.
مىلادىيە 840 – يىللىرى ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، كەمەكلەر داۋاملىق كۈچەيگەن. ئەسلىدە ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان بىر قىسىم قەبىلىلەر كەمەك قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قوشۇلغان. 11- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئېرتىش دەرياسىنى مەركەز قىلغان ھالدا كەمەك خانلىقىنى قۇرغان. 982 – يىلى پارسچە يېزىلغان «ھۇدۇدۇل ئالەم» ناملىق كىتابتا خاتىرىلىنىشىچە، كەمەك خانلىقىنىڭ شەرقى قىرغىزلار بىلەن، جەنۇبى ئېرتىش دەرياسى ھەم سىر دەرياسى بىلەن چېگرالىنىدىكەن، ئۇلارنىڭ غەربىدە بىر قىسىم قىپچاقلار بولغان، ئۇلارنىڭ شىمالى ئادەم ئايىغى باسمىغان بىپايان تۈزلەڭلىك ئىكەن .
جۇغراپىيەشۇناس ئىدرىس (Edrisi)نىڭ «گېئوگرافىيە» (1153 – يىلى يېزىلغان) ناملىق ئەسىرىدىكى بايانلارغا قارىغاندا، كەمەكلەر تۈرك خانلىقلىرى ئىچىدە چوڭ قوۋملاردىن ئىكەن. ئۇنىڭ جەنۇبى توققۇز ئوغۇزلار بىلەن، غەربىي جەنۇبى قارلۇقلار، غەربى قىرغىزلار، شەرقى قارا دېڭىز بىلەن تۇتىشىدىكەن. بۇ ئەلنىڭ ئىچىدە چوڭ دەريا بولۇپ، شەرققە قاراپ ئاقىدىكەن. ئىلۋارد (Elwardi) بۇ ئەلنى شەرقىي تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى ھېسابلاپ جۇڭگونىڭ شىمالىغا قوشنا دەپ قارىغان .
كەمەكلەر بىرقانچە قەبىلىدىن تەركىب تاپقان، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان. تۆمۈر قوراللار، ئالتۇن، مىس بېزەكلەرنى ئىشلەتكەن. ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسى ئەل ئىدارىسى 12- ئەسىردىكى كەمەك خانلىقىنىڭ خەرىتىسىنى سىزغان. مۇشۇ خەرىتىگە ئاساسلانغاندا، كەمەك خانلىقىدا 16 شەھەر بولغان. كەمەكلەرنىڭ سودا، قاتناش ئىشلىرىمۇ گۈللەنگەن. Ⅺ ئەسىرگە كەلگەندە كەمەك خانلىقى پارچىلىنىپ، قىپچاق قەبىلىلىرى ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. كېيىنچە، كەمەكلەر قىپچاق قەبىلىلىرىگە  ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قېتىلىپ كەتكەن.
كەمەكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ خېلى قويۇق بولغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر خانلىقى كۈچەيگەن زامانلاردا كەمەكلەر يۇرتى ئۇيغۇر خانلىقى تېررىتورىيەسى دائىرىسىگە كىرگەن. قوچو ئۇيغۇر خانلىقى (840 – 1369) ۋە قارا خانىيلار خانلىقى (؟ 850 – 1212) دە بۇ خانلىقلارنىڭ زېمىن دائىرىسى نۆۋىتى كەلگەندە دەم – دەم كەمەكلەرنىڭ يۇرتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ تۇرغان. مەسىلەن، «ھۇدۇدۇل ئالەم»دە: «توققۇز ئوغۇزلارنىڭ تېررىتورىيەسى شەرقتە چىن ئېلىدىن باشلىنىپ، جەنۇبىي تېبەتلەرنىڭ بىر قىسمى، قىرغىزلارنىڭ بىر قىسمى، شىمالىي تەرىپىمۇ قىرغىزلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ» دېيىلگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان توققۇز ئوغۇزلار ئۇيغۇرلاردۇر . بۇ خاتىرە Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن يېزىلغان خاتىرە بولۇپ، «Ⅺ ئەسىردىن ئىلگىرى، قىرغىزلار ئەسلىي بۈگۈنكى جەنۇبىي سىبىرىيەدىكى يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن ساھىلىدە، ئالتاي تاغلىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق كېلىدىغان دائىرىنىڭ سىرتىدا ياشايتتى ». دېمەك، كەمەكلەر بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قىرغىزلار بىلەن توققۇز ئوغۇزلار ئارىسىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. يەنە ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسى مەسئۇدىنىڭ «مۇرۇج – ئەد – داخاب» ئالتۇن يايلاق) (943 — 947 – يىللىرى)، پارس جۇغراپىيەشۇناسى گەردىزىنىڭ «زەينۇل ئەخبار» (1048 – 1052) ناملىق كىتابلىرىدا قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بولغان توققۇز ئوغۇز (ئۇيغۇر)لارنىڭ زېمىن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ تېررىتورىيەسى كەمەكلەرنىڭ يۇرتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر چۆچەكلىرى ۋە ئىجتىمائىي پىكى ر- چۈشەنچىلىرىدىكى «كەمەك» دەل قەدىمكى زاماندىكى كەمەك قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى:
بىرىنچى، كەمەكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار تارىختا مۇئەييەن ئالاقىدە بولغان. ئۇزۇن يىللار قوشنا بولۇپ ياشىغاندىن باشقا، ئوخشاش تېررىتورىيەدە بىللە ھايات كەچۈرگەن، بىرمۇنچە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كەمەكلەرگە قېتىلىپ كەتكەن، يەنە بىر قىسىم كەمەكلەر ئۇيغۇرلارغا قېتىلىپ كەتكەن.
ئىككىنچى، كەمەكلەر تۈركىي تىلى ئائىلىسىگە تەۋە قەبىلە «كېمەك – Kemak – Kemak»لەرنىڭ نامى بىلەن ئۇيغۇر چۆچەكلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئوي – تەسەۋۋۇرلاردىكى «كەمەك» دېگەن ئىسىمنىڭ تەلەپپۇزى ئوخشاش بولۇپ، ئارىلىقتىن مىڭ يىلچە ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ ئىسىمنىڭ تاۋۇشلىرىدا چوڭ ئكزگىرىش بولماي، ئەينەن ئىستېمال قىلىنىپ كەتكەن.
تۆتىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان تىل ئىستېمالىدىكى «كەمەك» ئاتالغۇسىنى ئالاقىدار قىلىپ ئىزاھلايدىغان باشقا يىپ ئۇچى ھازىرچە يوق.
ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى كەمەكلەرنىڭ قەبىلە – قوۋم نامى قانداق قىلىپ يېقىنقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا بىر خىل ھەييار، سېھىرگەرلىك قىلىدىغان بەدىئىي ئوبرازنىڭ نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان؟ تارىخىي ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، كەمەكلەر ئارىسىدا يادا تاش سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولغان. بۇ ھەقتە Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياشىغان ئەرەب شائىرى ۋە ساياھەتچىسى مىسار (تولۇق نامى   Abu Dulaf Misar bin Almuhalhil ) ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلغىنىدا كەمەك (Kaymak) قەبىلىسى ئارىسىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق «رىسالە» («Risala»، 941 — 943 – يىللىرى يېزىلغان)سىدا سۆزلەپ: «ئۇ يەردە بىر تاش بار بولۇپ، يادا تاش دەپ ئاتىلىدىكەن، ھەر دائىم كىشىلەر يامغۇر سۈيىگە ئېھتىياجلىق بولسا بۇ تاشقا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن يامغۇر ياغدۇرىدىكەن» دېگەن .
يادا تاش ئارقىلىق يامغۇر ياغدۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ۋە باشقا خەلقلەر ئارىسىدا تارقالغان بىر خىل سېھىرگەرلىك پائالىيىتى. ئۇنىڭ ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن يازما تارىخى بار. يادا تاش ئەسلىي كېسەل ئات، ئۆكۈز، بۆرە قاتارلىقلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيلىرىدە پەيدا بولۇپ قالىدىغان بىر خىل تاش. كۆپىنچە يۇمىلاق ياكى يالپاقراق يۇمىلاق بولىدۇ. چوڭلۇقى بىر خىل بولمايدۇ. كىچىكلىرى پۇرچاقتەك، چوڭلىرى مۇشتتەك، بەلكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولىدۇ. سىرتى سۇس ھاۋا رەڭ، كۈل رەڭ ۋە قارا بولىدۇ، سىلىق ھەم پارقىراپ تۇرىدۇ ياكى چاينالغان ئوتنىڭ ئىزى بولىدۇ. تاشتەك قاتتىق كېلىدۇ. كېسىلگەن يۈزىنىڭ رەڭگى بوز رەڭ بولۇپ قات – قات سىزىقلىرى بولىدۇ. ئەينەككە ئوخشاش پارقىرايدۇ. ئادەتتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، زەھەرنى تارقىتىدۇ. چۆچۈشنى باسىدۇ. بەلغەمنى يۇمشىتىدۇ . ئۇنىڭ رەڭگى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن بىلىنەر – بىلىنمەس ئۆزگىرىش ھاسىل قىلسا كېرەك. بەزى كىشىلەر بۇ خىل تاش ۋاسىتىسى بىلەن يامغۇر ياغدۇرىدىغان سېھىرگەرلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەم مۇنداق پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەر «يادىچى»(ياكى ياداچى) دەپ ئاتالغان.
يادىچىلارنىڭ يامغۇر ياغدۇرۇش سېھىرگەرلىكىنىڭ تۈرى ھەر خىل بولغان. بەزىلەر، يادا تېشىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ئەملەپ ئەپسۇن ئوقۇپ سېھىرگەرلىك قىلغان. يەنە بەزىلەر يادا تاشنى قولىدا ھەر خىل شەكىلدە ئايلاندۇرۇپ، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاسمانغا چۆرۈپ، كەينىدىن سەكرەپ تۇتۇپ، يەرنى تاقلاپ، ئەپسۇن ئوقۇپ، سېھىرگەرلىك قىلغان، ئايرىمىلار بولسا كىچىك يادا تاشلارنى ئاغزىغا سېلىپ، كۆككە قاراپ پۇرقۇپ، تاقلاپ تۇتۇپ، ئەپسۇن ئوقۇپ سېھىرگەرلىك قىلغان. يادىچىلارمۇ يامغۇر ياغدۇرۇش سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، يەنە يامغۇرنى توختىتىدىغان سېھىرگەرلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغان، ئۇلار قارمۇ ياغدۇرارمىش.
كەمەكلەر ئارىسىدىكى يادا تاش سېھىرگەرلىكى باشقا خەلقلەرنىڭ شۇ خىلدىكى سېھىرگەرلىكىگە قارىغاندا ئۆزگىچىرەك بولغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئۇلار دەشتى قىپچاق يايلاقلىرىدا كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، يادا تاش سېھىرگەرلىكىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن ۋە بۇ خىل پائالىيەتبىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس يادا تاش سېھىرگەرلىرى قاتلىمى شەكىللىنىپ، ئۆز قەبىلىسى دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى قوشنا  قەبىلە – ئۇلۇسلار ئارىسىدىمۇ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ جان باققان بولسا كېرەك.
ئۇيغۇرلار ئۆز قوۋملىرى ئارىسىغا كېلىپ يادا تاش سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇغۇللانغان سېھىرگەرلەرنى ۋە شۇغۇللانغان سېھىرگەرلەرنى ۋە شۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلىدىغان ئۆز قوۋمى ئىچىدىكى كىشىلەرنى «كەمەك» ياكى «كەمەك ھەييار» دەپ ئاتاشنى ئادەت قىلغان دېسەك، تارىخىي ئەمەلىيەتتىن بەك يىراقلىشىپ كەتمەسمىز.
چۆچەكلەر ۋە ئىجتىمائىي پىكىرلەردە كەمەك ئوبرازىنىڭ سەلبىي ئوبرازغا ئايلىنىپ كېتىشى ۋە يادا تاش سېھىرگەرلىكىگە ئوخشىمايدىغان، كىشىلەرگە يامان تەسىر بېرىدىغان جادۇ قىلىش ۋە يامان سېھىرگەرلىك قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە ئوبراز بولۇپ قېلىشىمۇ يادا تاش سېھىرگەرلىكىگە بېرىپ تۇتىشىدۇ. بۇ ھەم ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئوبرازنىڭ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە، ئاجايىپ – غارايىپ تەسىرلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ بەدىئىي جەھەتتە ئىش قوشقانلىقى ۋە پىششقلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
يادا تاش سېھىرگەرلىكىنىڭ خاراكتېرىگە كەلسەك، يادا تاشنىڭ ياردىمى بىلەن يامغۇر، قار ياغدۇرۇش قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق بىر خىل خۇراپىي ھەرىكەت. قەدىمكى زاماندا (شىنجاڭدا ھازىرغىچە بۇ خىل پائالىيەت داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ) بەزى كىشىلەر بۇ خىل سېھىرگەرلىككە ئىشەنگەن بولسىمۇ، بەزىلەر ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان بۇ خىل پائالىيەتكە باشقىچە قاراشتا بولغانلىقى ئېنىق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ھادىسىلەرگە ئىلمىي قاراشتا بولىدىغان دانىشمەنلەر يادا تاش سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېھىرگەرلەرگە مەسخىرىلىك پوزىتسىيەدە بولغان. ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىقلىرىنى مازاق قىلغان، قاملاشمىغان، كۈلكىلىك، كىنايىلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ھەييار ئادەملەر دەپ ھېسابلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر قىسىم نادان ئادەملەرنى كولدۇرلىتىپ، قايمۇقتۇرىدىغان بۇنداق يادا تاش سېھىرگەرلىرىنىڭ ئوبرازى ئەسلىي ماھىيىتىدىن تېخىمۇ بىر بالداق تەرەققىي قىلىپ، ئاجايىپ – غارايىپ، سىرلىق، جادۇگەرلىك قىلىقلىرىنى قىلىدىغان چۆچەكلەردىكى «كەمەك ھەييار» ئوبرازىغا تەرەققىي قىلىپ، بۇ خىل سەلبىي تىپ بولۇپ قالغان. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر تارىخىدا ئاددىي ئوبرازلارنىڭ تىپىك ئوبرازلارغا، ئىجابىي ئوبرازلارنىڭ سەلبىي ئوبرازغا، سەلبىي ئوبرازنىڭ ئىجابىي ئوبرازغا، بىر مىللەت خەلقى ئارىسىغا ئالمىشىپ كېلىشى، ساقلىنىپ قېلىنىشى، مىللەت ۋە قوۋم نامىنىڭ شەخس نامىغا، شەخس نامىنىڭ مىللەت نامىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئادەتتە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر خىل ھادىسە. كەمەك ھەييار ئوبرازىمۇ قەبىلە نامىدىن شەخس نامىغا، ئىجابىي ئوبرازدىن زامانىمىزغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە سەلبىي ئوبرازغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
بەزىلەر كەمەكلەرنىڭ قەبىلە – قوۋم سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدە غايىب بولغىنىغا ئاز كەم مىڭ يىلچە بولغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر چۆچەكلىرى يېقىنقى زامانغا كەلگەندە قەلەمگە ئېلىنغان؛ بىز بىلەلەيدىغان ئۇيغۇرلار نەزەرىدىكى كەمەك ھەييار ئوبرازىمۇ يېقىنقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئوبراز تۇرسا، بۇنى قانداق قىلىپ ئوتتۇرا ئەسىردىكى كەمەك قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن چېتىشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ، دەپ سوئال قويۇشى مۇمكىن. مەلۇمكى، ئۇيغۇر چۆچەكلىرى يېقىنقى زامانغا كەلگەندە قەلەمگە ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇنى پۈتۈنلەي يېقىنقى زاماننىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولمايدۇ. نۇرغۇن چۆچەكلەردىكى ۋەقە – ھادىسىلەر، ئوبراز ۋە پېرسوناژلارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ كۆرگەندە، بەزىلىرىنىڭ تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنلۇقى، ھەتتا ئىپتىدائىي جەمئىيەت، قۇللۇق جەمئىيەت، دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر فېئوداللىق جەمئىيەت باسقۇچىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار نەزەرىدىكى كەمەك ۋە كەمەك ھەييار ئوبرازىغا كەلسەك، بۇنىڭ چۆچەكلەردىكى كەمەك ھەييار ئوبرازى بىلەن سوڭدىشىپ، خەلق ئارىسىدا سەييارە ئوبراز بولۇپ كەلگەن دېيىش مۇمكىنچىلىكى بار. دېمەك، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن دۇنيادىكى بىرمۇنچە خەلقلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئوبرازلارغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئەسىردىكى كەمەكلەر ياشىغان ۋاقىت بىلەن قەلەمگە ئېلىنغان ئۇيغۇر چۆچەكلىرىدىكى كەمەك ھەييار ئوبرازىنىڭ ئارىلىقىدا ناھايىتى ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئايرىمىسى بولسىمۇ، بۇ ئىككى دەۋردە تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كۆرۈلگەن «كەمەك»لەرنىڭ روشەن باغلىنىشى بار بولۇپ، ئۇيغۇر چۆچەكلىرىدىكى «كەمەك ھەييار» ئوبرازى بىۋاسىتە كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى «كەمەك»لەرگە تۇتىشىدۇ، دەپ ھېسابلاش مۇمكىنچىلىكى چوڭ. لېكىن، ئىككى خىل تارىخىي دەۋردە كۆرۈلگەن «كەمەك» چۈشەنچىسىنىڭ ئارىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇر چۆچەكلىرىدىكى «كەمەك ھەييار» ئوبرازى پەقەت ئوتتۇرا ئەسىردىكى قەبىلە نامى «كەمەك»تىن ئىسىم ئالغان ۋە ئۇنىڭ قىسمەن، ئەمما ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان. نەتىجىدە قەبىلە نامى «كەمەك» ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ بىر مۇتىفى بولۇش رولىنى ئوينىغان.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى، جۈملىدىن چۆچەكلەردىكى كەمەك ھەييار ئوبرازىنى تەھلىل قىلىش، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۆزگىرىشى، تەسىرى مەسىلىسى مۇھىم بىر نۇقتا. يۇقىرىقىلاردىن باشقا بۇ ئوبراز توغرۇلۇق يەنىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر مۇلاھىزە ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

مەنبە:
《维吾尔民间故事的凯马克•艾亚尔形象初探》,《美拉斯》(遗产)2000年第4期。
ئىزاھات:

  1. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، (ش ئۇ ئا ر تىل – يېزىق كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمى تۈزگەن) 4 – توم، 553 – بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1994 – يىلى نەشرى.
2.«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، (قىسقارتىلمىسى،ش ئۇ ئا ر تىل – يېزىق كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمى تۈزگەن) 1150 – بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999 – يىلى نەشرى.

3.  «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»، 3 – قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1982 – يىلى نەشرى.
4. «جەمشىتنامە»،شىنجاڭ خەلق نەشىياتى 1999-يىلى نەشرى.
5.  ئەنۋەر بايتۇر،خەيرىننىسا سىدىق«شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»،63 -بەت،مىللەتلەر نەشرىياتى،بېيجىڭ،1990-يىلى.
6.   «ھۇدۇدۇل ئالەم»، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتى خەنزۇچە مىخ مەتبەئەدە باستۇرغان، 1983 – يىلى نەشرى، 66 – بەت.
  7. جاڭ شىڭلاڭ: «جۇڭگو — غەربنىڭ قاتناش ئالاقە تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمى»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1977 – يىلى خەنزۇچە نەشرى، 93 -، 94 -، 95 – بەتلەر.
  8. «قازاقلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 93 -، 94 -، 95 – بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 – يىلى خەنزۇچە نەشرى.
9.  «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر قامۇسى»، ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995 – يىلى خەنزۇچە نەشرى، 131 – بەت.
10.  «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»، 1999 – يىلى خەنزۇچە نەشرى، 3 – سان، 38 – بەت، ئۈرۈمچى.
11.  گبرىئىل فىراراند (GabruFirand، فىرانسىيەلىك) تۈزۈپ ئىزاھلىغان: «ئەرەب، پارس، تۈركلەرنىڭ يىراق شەرققە دائىر ھۆججەتلىرىگە شەرھى»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، بېيجىڭ 1989 – يىلى خەنزۇچە نەشرى، 1 – قىسىم، 233 – بەت.
  12. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى)، ش ئۇ ئا ر تىل – يېزىق كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999 – يىلى نەشرى، 1370 – بەت.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-21 19:41:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز چىچەك ئاچسۇن!

ۋاقتى: 2014-2-22 13:54:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كىچىكىمىزدە كەمەك ھەييارنىڭ ھېكايىلىرىنى جىق ئاڭلايدىغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش