دۇنيا ئانا تىل كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى
دۇنيا ئانا تىل كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى قانلىق كۈرەشلەر ۋە نۇرغۇن قەھرىمانلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ ئالاھىدە كۈننىڭ كېلىپ چىقىشى بېنگال خەلقىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1947-يىلى پاكىستان مۇستەقىل بولدى، ئەينى ۋاقىتتا پاكىستان ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ھازىرقى بېنگال بولسا شەرقى پاكىستان، ھازىرقى پاكىستان بولسا غەربىي پاكىستان ئىدى. شەرىقى پاكىستاندا بېنگال تىلى، غەربىي پاكىستاندا ئوردۇ تىلى قاتارلىق تۆت خىل تىل ئاساسلىق تىل قىلىپ قوللىنىلاتتى. پاكىستان ھۆكىمىتى ئوردۇ تىلىنى بىردىنبىر ھۆكىمەت تىلى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، بېنگاللىقلار بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئانا تىلىنى قوغداش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. 1952-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى نۇرغۇنلىغان بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلار داككا (ھازىرقى بېنگالنىڭ پايتەختى) دا قولغا ئېلىندى. ساقچىلار بىلەن تۇقۇنۇش جەريانىدا 5 نەپەر كۈچ كۆرسەتكۈچى ئېتىپ تاشلاندى. خەلقئارا جەمىئەت ئۇلارنى ئانا تىلى ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمانلار دەپ ئاتىدى. كېيىن بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ بىر نەچچە نەپەر ئانا تىل قەھرىمانلىرى ئۈچۈن خاتىرە مۇنار تىكلىدى. 1953-يىلىدىن كېيىن ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېنگالنىڭ قەھرىمانلار خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ قۇربانلىقى نۇرغۇن خەلقنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان قوغداش ئىدىيىسىنى كۈچەيتتى. 1956-يىلى پاكىستان ئاساسىي قانۇنى ئوردۇ تىلى بىلەن بېنگال تىلىنى بىرلىكتە ھۆكىمەت تىلى قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-مەدەنىيەت تەشكىلىنىڭ 1999-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 30-قېتىملىق يىغىنىدا 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى رەسمىي دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ۋە تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاشقا چاقىرىق قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-21 22:20