ئەتىگەن يېرىمغىچە
1
ئىشىك ئالدىڭدا ئوچۇق، ئەتىگەندىن ئەتىگەنگىچە، ئەتىگەن يېرىمغىچە ئوچۇق.
2
كىيىمىڭ بىلەن دۆڭدەك ئولتۇرىسەن. يامغۇر يېغىپ ھۆل بولۇپ كېتىسەن. يىلان ئۆمىلەپ بېرىپ دۆڭدە بىر قىلىچتەك تىك تۇرىدۇ. ئىككىڭلار ئىچىڭلارغا تارتىپ كۈچلۈك نەپەس ئالىسىلەر.
3
ئاغزىڭنىڭ رەڭگىنىڭ ھىدى ئالما
4
كېچە سائەت كېچە يېرىم. نىگارىمنىڭ كېچە ئۈستىدە ئۆيى بار. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ يېرىم كېچىدە بىر ھۇجرىسى بار.ئاشۇ يەردىن قاراپ مېنى كۆرمەيدۇ. مەن مېڭىۋاتقان يەردە مېڭىپ مېنى كۆرمەيدۇ. يورۇپ مېنى كۆرمەيدۇ.كېچىكتۈرۈشتە ئۇخلايدۇ. دېرىزىنى چۈشەپ، ئۆزىنىڭ سەلكىن شامال تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنىشىدىن قورقىدۇ.
5
قاراڭغۇلۇققا تىكىلىپ قارا؛ ئۆتۈپ ئاۋازىڭنى قاپلايمەن.
بوغۇزىمدىن قۇرۇق ئۈزۈمدەك چىققان ئاۋازىڭ.
يالغانچى قاچان راستچىل بولۇپتىكەن
ئىككى كۆزۈڭ ئىككى چوغدۇر ھەمدە مەن قىش
ئىككى تامچە ياشتۇر ھەمدە مەن كۆزياش
قويلار ھەم كىيىكلەر ھەم كەپتەرلەردۇر ھەمدە مەن بۆرە.شاماللار سوقسۇن دەپ تۇغۇمنى ئېگىز قىلدىم ھەمدە كۆزلىرىم ئىسراپچىلىقتەك ساڭا باقىدۇ،
ئازابىمنىڭ كۆزلىرىڭدە ئۇخلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم ھەمدە سېنى كۆچمەن تۇمان بولغانلىقىڭدىن سۆيىمەن،
ھەمدە مەن تۇماننىڭ كەينىدىكى شامال.
ماڭا ئىشەن، راستچىل بولغان يالغانچىغا ئىشەن، يالغانچى قاچانكى راستچىل بولىدىكەن ئۇنىڭ راستچىللىقى ئۇلۇغ بولىدۇ.
مېنى سۆي ھەمدە سۇنۇپ كەتمە، بولمىسا، يۈرىكىمگە يىقىلىسەن.
ھەمدە مېنى ئاڭلا:
تېنىم قوڭغۇراقلاردەك چېلىنماقتا.
ھەسرىتىمنىڭ ئۇلۇغلىقى ئولۇغ
مەن سۆيگەن كىمسەن؟
پۇتلىرىنىڭ تۈۋىدە بېشىمنى كۆتۈرىدىغىنىمسەن.كۈنلىرىم بار ئۆمرۈم يوق ئىدى.
ھۆرلۈكىمنى خۇشتارلىقىمنىڭ كرېستىغا مىخلاپ قويۇپ ئاندىن باي بولدۇم. ئاشۇ ئايالغا ئىمان ئېيتتىم، كۆزۈم ئېچىلدى. يەردىكى بىر تامدەك تۇرغىنىم يوق، بەلكى، بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى پەيدا بولغۇسى غايىبلىققا ئايلانغان ھالدا بىر - بىرىمىزنىڭ قېشىدا پەيدا بولۇش ئۈچۈن، نىگارىم ماڭا قاراپ كەلگەن كۈنى يەرگە ئايلاندىم.
شۇغىنىسى، ھەسرىتىمنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇلۇغ. سۆيۈملۈكىڭنىڭ ئۆز تېنىدا ئوت بولۇپ يېقىلىشغا ھەمدە ئۆزۈڭنىڭ قانچىلىك يالغۇز ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيدىغانلىقىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئۆلىۋېلىشىغا ئەرزىيسەن.
مەن ئۈچۈندۇر سۆيگۈ، سەن ئۈچۈندۇر سەييارىلەر، كېمىلەر. ئەي، پارتلاپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىدىغان ھەم خۇش پۇراقتەك ۋارقىرايدىغان ئايال، راستچىللىقى بىلەن يوشۇرۇن، راستچىللىقى بىلەن ئاشكارا ئايال؛ ئەي، يۇمۇلغان ئاغزى يۈگەن، ئېچىلغان ئاغزى ئالۋۇن ئايال؛ ئەي، دۇنيانى ئۆزىگە خۇددى شۇڭقاردەك خۇددى بىنەپشىدەك سەجدە قىلدۇرغان ئايال! بۇرۇنقى زاماندا مېنى خۇدا ياراتقان، شۇڭا مەۋجۇد بولمىدىم.
سەن بولغاندىن كېيىن، كارۋىتىڭدا خۇدانى ياراتتىم. ھەمدە تېنىڭ ئۈستىدە تېنىمدىن تۇغۇلدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-19 21:42