پاشاگۈل ئىسمائىل تۇردى ھاجى قىزى
شېئىرلار
ياشاش لوگىكام
ئازاپ ھەم ئىغۋادىن دەھشەتلىك ئىڭراپ،
خائىن بۇ دوستۇمغا سوغۇق مۇز تېگەر.
يىگىتتە بولمىغاچ ۋاپا ھەم ۋىجدان،
تەكەببۇر، يىگانە يۈرگۈملا كىلەر.
قورقۇمسىز كىتلاردەك بىر ئۆمۈر شۇنداق،
ئادالەت دېڭىزىدا ئۈزگۈملا كىلەر.
يىغلىسا بالىلار، ئايرىلسا ئۆيدىن،
ئوكيان قىلىپ مېھرىمنى چاچقىملا كىلەر.
ياشايمەن ھاياتتا قان تەردىن كۈلۈپ،
قىلساڭلار قىلىۋەر غەيۋەت-شىكايەت.
ئىرادەم كۈچلۈكتۇر ۋىجدان ھۆكۈمران،
تۆھمەتنى يېڭەرمەن غەلبە مۇھاببەت.
2013-يىل 7-ئاي،كۇچا
قەلئە
ھەسرىتىم قېتىدا
چۇقان كۆتۈرەر،
ۋىسالسىز مۇز قاتقان
گۈزەل بىر ئارمان.
ئاپپاق قار ئورمانغا كۈمۈلگەن
شۇ كۈن،
سىنتەبىر ئىدىغۇ
غۇۋا گۈزەل چۈش.
ياتىدۇ ئالدىمدا
بىچارە نىمجان،
قېنىڭغا سىڭىمەن
سىڭىپ كەتسەم دەپ.
يەتمەك بوپ مەنزىلگە
كېزىپ يۈرۈپ ئۇ،
‹‹قەپەس››كە چۈشۈپتۇ،
چىغىر يوللاردا.
ياشلانغان كۆزلىرىم قەلئەدە شۇ تاپ،
تەمتىرەپ يۈرۈيدۇ
روھىمغا جۆر بوپ،
ماي ئېيىنىڭ باشلىرى،
يەتتىنچى كۈنى.
2013-يىلى 7-ئاي،كۇچا
ۋىسال ۋە ھىجران
تۈن كېچە.
كۆكتە ئۈزەر ھىلال ئاي شۇنچە،
كۆز-كۆز قىلىپ گۈزەللىگىنى.
چىللار مېنى،
قىزلار بىناسى،
بىخەتەرلىك–
قۇلۇپ ئىچىگە.
ھالسىرايدۇ،
قوش سۆرىگەندەك،
دەرۋازىۋەن بوۋاينى قاغاپ.
ئالتىنچى قەۋەت،ئالتە يۈز ئون،
يورۇپ كەتتى ئاينىڭ ھۆسنىدە.
يۈدۈپ چۈشتى ئاي مېنى شۇ تاپ،
ئۆز ماكانى بۈك ئورمانلىققا.
تۇرۇپ قالدىم بىردىنلا شۇ تاپ،
ئېسەدىشەر بىر توپ گۈزەللەر،
ئىچ– ئىچىدىن بوقۇلداپ يىغلار.
دېۋىرقاينى سىلار مۇڭلۇنۇپ،
جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار كۆكتە،
ھەسرەتلىرى يوقتەك ئويناقشىپ.
2013-يىلى7-ئاي،كۇچا
چاچرايدۇ گۇلخان
ھەسرەتكە لىق تولغان ئاچچىق بىر ئانار،
لىغىرلار تەخسىدە قالغاچ ئۇ تەنھا.
كېتىپتۇ يوپۇرماق شاخلار قايرىلغاچ،
كۆيمەيدۇ، سۇنمايدۇ ئازاپ شۇ تاپتا.
ساپ مەغرۇر كۈلكەمدىن سىرغىدى ياشلار،
قىشلاقلار كۆكسىنى قويغاچ بىر ماڭا.
يانار تاغ قوينىدىن چاچرىغان گۈلخان،
ئاھ، بوپتۇ، شۇ، بۈگۈن دېكابىر ماڭا.
ۋۇجۇدۇم غېرىپلىق ئىچىدە قالغاچ
خۇمار بوپ شۇ گۈزەل تاتلىق ناخشىغا.
تومۇرۇم ئىللىماس قانلىرىم قاتقاچ،
ھېسلىرىم چاڭ سالار پەقەت بىر ساڭا.
ۋە لېكىن، ئۆزۈمنى بىلمەيمەن شۇ تاپ ،
چۈنكى مەن ئەقىدە قولى باغلانغان.
نە ئۈچۈن شەپقەتسىز، باغرىڭ بەك قارا،
ئەپكەتتىڭ گۇگۇمدا قەلبىم يېرىلغان.
2013-يىلى9-ئاي،كۇچا
پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-19 11:26
|