|
ئىككى خىل دەپنە
ئورفات (ئافغانىستان)
ئەسقەت قۇربانجان تەرجىمىسى
ئوخشاش بىركۈن،ئوخشاش بىر سائەتتە،ئوخشاش بىر دوختۇرخانىدىن ئىككى تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ چىقى؛ ئۇلارنىڭ بىرى قان كەملىكتىن ئۆلگەن بولسا،يەنەبىىرى يۇقۇرى قان بېسىمدىن ئۆلگە ئىدى. بىرىنىڭ تاۋۇتنى پەقەت تۆتلا ئادەم كۆتۈرۈپ ماڭغان بولسا ،يەنەبىرىنىڭ تاۋۇتنڭ ئارقىسىدىن نۇرغۇن چوڭ-كىچىك ماشىنلار ئەگىشىپ ماڭدى.
بىرى- قان كەملىكتىن ئۆلگەن بولۇپ ،يەنەبىرنىڭ قېنى ئارتۇق بولۇپ كېتىپ قان بېسىمى ئۆرلەپ ،بۇدۇنيا دىن خوشلاشقان.
ئۇلار ئىككىلىسى ئۆلدى؛بىراق ئۆلۈش سەۋەبى ئوخشاش ئەمەس.بىرى باشقىلارنىڭ قېننى ئىچىپ, دوختۇرنىڭ قان ئېلشىغا مۇختاج بولۇپ ئۆلگەن بولسا،يەنە بىرىنىڭ قېننى باشقىلار سۈمۈرۋېلىپ،قانسىراپ ئۆلدى .
ئۇلارنىڭ بىرى ناھايتى باي بولۇپ، قېنى زىيادە ئارتىپ كېتىپ بايلىقىدىن ئۆلگەن ،يەنەبىرى ئىنتايىن كەمبەغەل بولۇپ، قېنى زىيادە كەملەپ كېتىپ نامىراتلىقىدىن ئۆلگەن.ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە نىسبەتەن باغدات ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قىلچىمۇ خەۋەربېرىلمىدى؛ يەنە بىرىنىڭ ئۆلۈمى توغۇرسىدا ھەرقايسى داڭلىق گېزىت بەتلىرىدە قايغۇلۇق تەزىيەلەر بىلدۈرۈلدى،ھەتتا گېزىت بەتلىرى ماتەم تۇتقانلىقىنى ئىپادىلەپ قارا رەڭدە بېسىلدى.
ئۇلار ئىككىسنىڭ بىرى كاتتا باي خوجايىن، يەنەبىرى بولسا ياللانما ئىشچى ،ئىلگىرى باي ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرلار ياللانما ئىچىنىڭ قېننى باينىڭ تېنىگە سالغان.شۇنىڭ بىلەن ياللانما ئىشچىنىڭ قاۋۇل تېنى ئاجىزلىشىپ كەتكەن،باي بولسا چوڭ يەپ- چوڭ ئىچىپ ئويۇن-تاماشا قىلىپ ،قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپدار بولغان.
قايەردە مۇشۇنداق بايلار كۆپ بولسا، شۇيەردە مۇشۇنداق ئىش يۇزبېرىدۇ ،بەلكى بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى ئىككى ئادەم ئۈستىگە ئالىدۇ.
بىرى ئاجىزلاپ بارىدۇ،يەنە بىرى كۈچۈيىپ بارىدۇ،ئاقىۋەتتە ھەر ئىككىلىسى ھالاك بولىدۇ.
ئەزگۈچى بىلەن ئېزىلگۈچى ھەر ئىككىلىسنىڭ ئاقىۋىتى جەزمەن شۇنداق بولىدۇ.
بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ ئىككى ئۆلۈمنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەببى ئۆلۈمدەك قىلىدۇ،بىراق ئەمىليەتتە بۇ قان قەرزى بولغان ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۆلتۈرلۈشتۇر.
بۇ ئىككى خىل ئۆلۈمدە ھەم قاتىل ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى بولىدۇ،بىراق ساقچىلار بىلەن ئەمەلدارلار بۇنىڭدىن قىلچىمۇ خەۋەرسىزدۇر،بۇ خىل روھى جەتتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچىراش،ئۇلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى ئشقا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ.
بۇ يەردە مۇنداق بىر ئادەت بار،كىمىكى قورال بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن ياكى باشقىلارنىڭ كاچىتىغا ئۇرغان بولسا ئۇلار يەنىلا سوراققا تارتىلدۇ.بىراق باشقىلارنىڭ رىسسقىنى يەۋېلىپ ئۇنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولغان بۇنداق قاتىل، ھەرقانداق جازاغا تارتىلمايدۇ،ھېچكىم بۇنداق ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى دەپ قارىمايدۇ،ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا مۇ قىلمايدۇ.
بىزنىڭ كۆردىغىنىمىز پەقەت ئىنتايىن يۈزەكى بولغان ھادىسە بولۇپ, ماھايىتىنى كۆرەلمەيمىز.بىزنىڭ دوختۇرلىرىمىزمۇ ھەم پۈتۈنلەي شۇنداق،ھەققى ئاغرىقنىڭ ئېزىشتىن كېلىدىغانلىقىنى ، بەلكى ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئادالەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-18 22:11
|
|