كۆرۈش: 1253|ئىنكاس: 1

پولات غەنىزات غەيۇرانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4.jpg

    پولات غەنىزات غەيۇرانى 1960- يىلى 8- ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. (1962- يىلى 6- ئايدا ئىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچتۈرپان ناھىيەسىگە كۆچۈپ بارغان1966.- 6- ئايدا كەلپىنگە كۆچۈپ بارغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى شۇيەردە تاماملىغان.) 1980- يىلى 11- ئايدا ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسى باسما زاۋۇتىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1985- يىلى 8- ئايدا ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ گېزىت چىقىرىش بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1988- يىلى 9- ئايدىن 1991- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1996- يىلى 11- ئايدىن 2008- يىلي 5- ئايغىچە ئۇيغۇر تەھرىر مەخسۇس بەتلەر بۆلۈمى ئەدەبىيات- سەنئەت گۇرۇپپىسىدا ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2008- يىلى 5- ئايدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەھرىر ئىجتىماىي خەۋەرلەر بۆلۈمىدە كاندىدات ئالىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە. 2000- يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
     يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى پولات غەنىزات غەيۇرانىنىڭ ‹‹بالىلار- ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ياخشى ئوقۇشلۇق››، ‹‹‹ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر ۋە تۈنلەر› دىن تۇغۇلغان ئويلار، ››، ‹‹ئەدەبىي ئاخباراتتىكى باش تېما ۋە تېما››، ‹‹چارەك ئەردىن ئەرەب ئاياللار ئەدەبىياتىغا نەزەر››، ‹‹ئاق مەرۋايىت› نىڭ قىممىتى›› قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئەدەبىي ئوبزورى، ‹‹بوتولكىچى بالا››، ‹‹ئىنساپ››، ‹‹دۇنيادا ياخشىلار كۆپ››، ‹‹داۋۇت شۆلگەي››، ‹‹مەشھۇر زاتلار يىغىلىشى››، ‹‹بۇلانغان تەلەمچى››، قاتارلىق 40 نەچچە پارچە ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان ھەم ھېكايىلىرى توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايون بويىچە 1996- يىلى گېزىت ئەدەبىيات بەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ‹‹‹ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر ۋە تۈنلەردىن› تۇغۇلغان ئويلار›› ناملىق ئەدەبىي ئوبزورى 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ تەھرىرلىگەن ‹‹مانا تاماشا›› دېگەن نەسىر ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ تەھرىرلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ 2009 – يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ھېكايىلەر ۋە ئەدەبىي ئوبزورلاردىن تەركىب تاپقان ‹‹دۇنيادا ياخشىلار كۆپ›› ناملىق(351 بەتلىك) كىتابى نەشر قىلىنغان ھەم ‹‹كەتتى شائىر ئول ناۋائىي قېشىغا›› ئەسلىمە ۋە ئوبزورلاردىن تەركىب تاپقان بىر توپلىمى نەشردىن(450بەتلىك) چىقىش ئالدىدا.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-18 17:48:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پولات غەنىزات غەيۇرانىنىڭ ئىجادىيەت يولىغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش