يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 641|ئىنكاس: 2

ئىككى شېئىر-بورىس پاستېرناك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىككى شېئىر-بورىس پاستېرناك

pastirnak.png


    بورىس پاستېرناك 1890-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى موسكىۋادىكى بىر بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ 1913-يىلى مۇسكىۋا ئۇنۋېرىستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، گېرمانىيىگە بېرىپ پەلسەپە ئوقۇغان.ئائىلە مۇھىيتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەلىم-تەربىيىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ كىچىكىدىنلا ئەدەبىيات-سەنئەتكە كۈچلۈك ھەۋەس باغلىغان. ئۇ كىچىكىد ىنلا ئىستېتىكا تەلىماتى چۈشەنچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، پەلسەپىگە ئالاھىدە قىزىقاتتى.
    پاستېرناك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن باشلاپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلاشتىن ئىلگىرىلا ئۇنىڭ«بۇلۇتتىكى قوش كېزەك» (1914) ۋە «كوچا قورغىنىدا»(1916)ناملىق ئىككى پارچە لىرىك شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.ئۇ«سەنئەت ساپ شەخسىي ھېسسىيات دائىرىسىگە كىرىدۇ، سەنئەتكارلار سو بېيكتىپ تەسەۋۇرغا تايىنىپ ئىجاد قىلىدۇ»دېگەننى تەشەببۇس قىلاتتى ۋە بۇ ئۇنىڭ يېزىقچىلىق مىزانى ئىدى. ئۇ يەنە «ھەرقانداق ئاقىلانىلىك سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن چىقىشالمايدۇ، دەپ ھېساپلايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ يۇقارقى توپلىمىدىكى شېئىرلاردا ئاجايىپ تەسەۋۇرلار، ئاجايىپ تېرەن مەنىلىك سۆز-جۈملىلەرنىڭ ماسلاشتۇرلىشى ئارقىلىق، يەككە- يىگانە،زاماندىن ئايرىلغان لىرىك پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكىي دۇنياسى كۈچەپ تەسۋىرلەنگەن؛ ئۇلار مەزمۇندىن تارتىپ، شەكىلگىچە روشەن سىمۋولىزىم ۋە كەلگۈسىزىم خاھىشىغا ئىگە ئىدى.
     روسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، پاستېرناك چارروسىيىدىن قالغان سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادا دەسلەپكى سوتسىيالىزىم بىخى مىۋە بېرىش ئۈچۈن چېچەكلەۋاتقان دەۋىردىكى ھەقىقى بولشېۋك دېمۇكىراتلىرىنىڭ ئىتىبارىغا سازاۋەر بولۇپ، سوۋېت ھۆكۈمىتى خەلق ئاقارتىش مىنىستىرلىكىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئىشلىگەن. بۇيەردە ئاتاقلىق شائىر ماياكوۋېسكىي بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلىشىپ تۇرغان ۋە ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن 1926-يىلى «پودپوروچىك سىمىت»ناملىق داستانىنى يازغان. ياندۇرقى يىلى يەنە «1905-يىلى»ناملىق داستانى يېزىپ ئېلان قىلغان. سوتسىيالىزىم ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىچە؛«ئۇ بۇ ئىككى داستانىدا رىئاللىققا يۈزلىنىشكە باشلىغان، يەنە «پودپوروچىك سىمىت»داستانىدا خەلق ئىنقىلابى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر ئىجابىي پىرسۇناژنى سۈرەتلەشكە تىرىشقان.«1905-يىل»دا، ئىنقىلابىي تارىخىي ۋە قەلەر بىر قەدەر ئىجابىي رەۋىشتە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. لېكىن بۇنداق بۇرۇلۇش پاستېر ناكنىڭ ئىجادىيەت يولىدا غىلپال كۆرۈنۈپ غايىپ بولغان»دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ.
20 -يىللارنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا زور داغدۇغا بىلەن باشلانغان سوتسىيا لىستىك سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش ھەركىتى يازغۇ چىنىڭ ئىشىەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن.بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق دىيەلەيمىزكى، يازغۇچى بۇ سو تسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىتسىزلىنىپ، خېلى زور دەرىجىدە چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ھەمدە؛«سوتسىيالىزىم سەنئەت ۋە ئىندىۋىدىئاللىق بىلەن چىقىشالمايدۇ، سوتسىيالىزىمنىڭ غەلبىسى ئىندىۋىدىئاللىق ۋە سەنئەتنىڭ ھالاكىتىدىن دېرەك بېرىدۇ»دەپ ھېساپلىغان. ئۇ 1930-يىلى «شائىرنىڭ ئۆلۈمى»ناملىق شېئىرنى يېزىپ گەرچە ئىلگىرى-كېيىن بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا ئۆلىۋېلىش يولىنى تاللىغان ماياكوۋېسكىي بىلەن پوشكىننىڭ بىمەنە ئۆلۈمىنى سېلىشتۇرغان. شۇ چاغدا ئۇ«ماياكوۋېسكىي ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيا لىزىم تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى»دەپ قاراپ.بۇ كۆزقارىشىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان.
     پاستېرناك بەر بىر غەرپ پەلسەپىسىنىڭ ئىستېتىك تەلىماتى كۆزقارىشىنى قۇبۇل قىلغان، بۇ ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن، سوۋېت سوتسىيالىستىك ئەدىپلىرى ئۇنىڭدىكى بۇ تەسىرنى پاسسىپ تەسىر دەپ قارىغان، يەنى گوركىي، لوناچارىسكىي قاتارلىقلار ئۇنى قاتتىق تەنقد قىلغان. لېكىن پاستېرناك بۇ تەنقدنى قۇبۇل قىلمىغان. 1923-يىلى ئۇنىڭ يەنە بىر لېرىك شېئىرلار توپلىمى «قايتا تىرىلىش» نەشر قىلىنغان. بۇ شېئىرلار توپلىمىدا، قارىماققا، رىئال ئىنقىلابىي كۆرەشلەردىن كۆپلەپ مېتېرىيال ئېلىنغاندەك قىلغىنى بىلەن، مەزمۇنىدا يەنىلا ئىنقىلاپنىڭ پاجىئ ەلىكلىكى تەكىتلەنگەن، بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئىنقىلاپ ئۈچۈن قۇربان بولغان بەختلىك شەخسنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى نوقتىلىق تۈردە تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئىنقىلاپ دەۋرىدە ياشىشدن كىشىنىڭ ھاياتى«كۆيۈپ كۈل بولۇشتىن خالىي بولالمايدىغان يېقىلغۇ»دىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارايدۇ. «سوتسىيالىزىم ئىندىۋىدىئاللىققا تامامەن زىت»دېگەننى گەۋدىلەندۈرىدۇ.«سوتسىيالىزىمنى قۇبۇل قىلىش بىر خىل قۇربان بېرىش»دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپۈ نچىسى ئۈمىتسىز جاھانكەزدىلىك خاھىشى ۋە ئىنتايىن مۇڭلۇق ھېسسىياتلار بىلەن تولغان.
ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرىكى جۇڭگو ۋە پارچىلىنىشتىن ئىلگىرىكى سوۋېت ئەدەبىيا تشۇناسلىرىنىڭ تولىسى، بورىس پاستېرناكنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە «ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە ئالاقىدا بولغان بۇ زور تارىخىي ۋەقەگە پاستېرناك پەرۋاسىز قارىغان»دەپ، ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەتتا، ئۇنىڭ 1943-يىلى يازغان «ئەتىگەنلىك ماشىنىدا»ناملىق شېئىر توپلىمىنىمۇ«ئۇ داۋاملىق شەخسىيەتچىل شېئىي ئوبرازلار ئىچىگە غەرق بولۇپ يۈرگەن، دۇنيانى ئۇنتۇپ كېتەي دەپ جارسالغان»دەپ باھالايدۇ.
     دەرۋەقە، روسىيە خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پاستېرناك ناھايتى ئۇزۇن مەزگىل جىمجىت سۈكۈتكە چۆمگەن. بۇ يەدە نۇرغۇنلىغان سەۋەپ ۋە جەرىيا نلارنىڭ بارلىقى ئېنىق، ئەمما بۇ كېيىنكى تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولىدىغان مەسىللەرنىڭ بىرى. ئەمما پاستېرناك خېرشېف تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1956-يىلى «دۇختۇر رىۋاگو» ناملىق مەشھۇر رومانىنى يېزىپ چىققان،شۇنداق، بۇ رومان توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار بۈگۈ نگىچە تۈگىگىنى يوق، پاستېرناك ۋە بۇ رومان توغرىسىدىكى باھا، قاراشلارمۇ ھەرخىل. بۇ روماندا روسىيىنىڭ 1901-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە بولغان ئىجتىماي ئەھۋاللىرى تەسۋىرلە نگەن. يەنى، روماندىكى ۋەقەلىك 1918-يىلى يۈزبەرگەن بولۇپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئەسلىدە چارروسىيە ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ھەربىي دۇختۇر ئائىلىسىنى تاشلاپ«غەمگە چۆككەن، ئاچ-زېرىن، قاراڭغۇ موسكىۋا»نى تاشلاپ، ئورالغا بېرىپ خاتىرجە ملىك تاپماقچى بولىدۇ. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي قىزىل ئارمىيە پارتىزانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ، قزىل ئارمىيەنىڭ ياردارلىرىنى داۋالاشقا مەجبۇر بولىدۇ. كېيىن ئۇ مىڭ بىر مۇشاقەتتە موسكىۋاغا قېچىپ كېلىدۇ،قارىسا بالا-چاقىلىرى يوق،ئاخىرى يوقسۇللۇق ۋە كېسەللىك ئازاۋىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ كوچىدىلا ئۆلۈپ قالىدۇ. پاستېرناك«دوختۇر رىۋاگو»رومانىدا «رىۋاگونىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق شۇچاغدىكى لېنىن رەھبەرلىك قىلغان سوۋېت ھاكىمىيىتىگە ھاقارەت قىلغان»،«باش قەھرىماننىڭ تىلى ئارقىلىق ئىنقىلاپنىڭ مەقسىتى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارانىيىتىنى قاندۇرۇش»ياكى«مەلۇم بىرخىل ئىدولوگىيىنى ئىسپاتلاش» دەپ سوتسىيالىزىمغا ھۇجۇم قىلغان.«ماركىسىزىم، لېىنىنىزىم پەن ئەمەس، ئۇ رىئاللىقتىن ئايرىلغان، ئىنقىلاپ ھەقىقەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ھەقىقەتنى پەقەت كىشىلەرنىڭ قەلبىدىنلا تاپقىلى بولىدۇ»،«زىيالىلارنىڭ ئىنقىلاپقا قاتنىشىشى قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان ئاپەت»،«ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى روسىيە خۇددى تۇرمۇزى يوق ماشىنا، رېلىستىن چىقىپ كەتكەن پويىزغا ئوخشايدۇ، ئۇ يەردە يۈزبەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى جىنايەت...»دېگەنلەرنى تەرغىپ قىلىپ، سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقىغا قارشى چىققان»دەپ قارىلىدۇ.دېمىسىمۇ،«دوختۇر رىۋاگو»رومانىنى شۇ چاغدىكى«يېڭى دۇنيا» ژۇرنىلى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى 1957- يىلى تۇنجى قېتىم ئىتالىيىدە نەشىر قىلىنغان. 1958-يىلى ئەنگىلىيىدە، ئارقىدىنلا فىرانسىيىدە ۋە ئامېرىكىدا نەشىر قىىنىلىپ غەرىپ ئەللىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.ھەمدە 1958-يىلى شۋېتسىيە پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ«ئۇنىڭ زامانىمىزدىكى لېرىكىلار ۋە ئۇلۇغ روس ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇئاپىقىيەتلىرى ئۈچۈن» دېگەن باھاسى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىراق پاستېرناك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىگى ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، سىياسىي بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بۇيازغۇچى 1958-يىلى 31-ئۆكتەبىردە ئەينى ۋاقتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى خېرشېفقا خەت يېزىپ بۇ مۇكاپاتنى «ئۆزلىگىدىن»رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    پاستېرناك 1960-يىلى موسكىۋادا ئېغىر كېسەلگەن گىراپتار بولۇپ ۋاپات بولغان.


قىش كېچىسى


لەپ-لەپ قار ياغاتتى،
قار ياغار ئىدى.
ئۈستىلىمدە شام ياناتتى،
شام يانار ئىدى.


يازدا چىۋىن يۇپۇرۇلغاندەك
شامچىراق سېرى،
دەرىزەمگە يىغىلاتتى
قار زەررىلىرى.


قاربورىنىدىن ئەينەككە زەر
نەقش چۈشەتتى،
ئۈستىلىمدە شام ياناتتى،
شام يانار ئىدى.


ئېرىتەتتى ئاجىز بىر نۇر،
سايىلەر ئەكسىن،
چىرماشقان قول-ئاياقلار ۋە
تەقدىر ئۇسسۇلىن.


بىر جۇپ ماياق پول ئۈستىگە
دوكۇرلاپ چۈشەر،
كۆڭلەك ئۆزرە تامار شامدىن
ئاققان كۆز ياشلار.


بارلىق سىڭىپ ئاق زۇلمەتكە،
ئاققا ئۆزگەردى،
ئۈستىلىمدە شام ياناتتى،
شام يانار ئىدى.


تۇرۇپ-تۇرۇپ ئەسكەن شامالدىن
شام قۇۋەت تۇيار،
خۇددى پەيدەك، پەرشتىدەك
قاناتىن يايار.


پۈتۈن فېۋرال قار تىنمىدى،
قار ياغار ئىدى.
ئۈستىلىمدە شام ياناتتى،
شام يانار ئىدى.


ھاملېت


شاۋقۇن توختاپ،بەكمۇ ئېغىر چىقتىم سەھنىگە،
ئىشىكنىڭ قانىتىغا يۆلىنىپ ئاستا.
بىلمەك بولۇپ تەقدىرىمنى شۇنچە زارقتىم،
قۇلاق سېلىپ يىراقلاردىن ياڭرىغان مۇڭغا.


مېنى نىشانلاپ قاراڭغۇلۇقتىن،
شەپقەتسىز تىكىلدى مىڭ كۆز دۇربۇنى.
پەرۋەردىگار،ئامال تاپ، تەقدىر ئۇزاتقان
بۇ جامنى ئىچشتىن ساقلىغىن مېنى.


ئۆزگەرمەس يازغىنىڭ سۆيىمەن، ئاشۇ،
سەن بەرگەن رولغا ھەم رازىمەن يەنە.
ئەمما،شۇتاپ بولغىنى باشقا تاماشا،
ئىشەنگىن، بۇ ئويۇن ماڭا بېگانە.


ئەمما، تاماشانىڭ ئاخىرى ئايان،
ھەر خەتتە يېزىلغان،ئېنىق يەكۈنى.
يالغۇزمەن،ئەتراپىم يۇرىغان يالغان
رول ئالماق ئەمەستۇر ھايات دېگىنى.


شېئىر ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-16 00:07  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-16 00:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەجرىڭىزگە ئاپرىن، ئاپتۇر ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم، تاتلىق لېرىكىلاردىن قەلبىم سۈيۈندى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەرجىمىلىرىڭىز بولسا ئايانماستىن مۇنبەر داستىخىنىغا تۆكۈپ كەڭ تورداشلار بىلەن بىرلىكتە بەھرىلەنگەيسىز !

ۋاقتى: 2014-2-16 22:29:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ يىمىشلەرنى بىزگە سۇنغان قوللارغا دەت كەلمىسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش