ئامانگۈل ئەزىز 1972 - يىل 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كورلا شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1993 - يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ بىرمەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى.ئۇ 1987 - يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە «ئوت ئىچىدىكى ئايال» قاتارلىق100 پارچىغا يېقىن شېئىرى،«بىز مۇھەببەتكە قانداق ئېرىشىمىز؟»قاتارلىق 30پارچىغا يېقىن ماقالىلىرى،«مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم»(14-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)قاتارلىق ھىكايىلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان . كورلا شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ كاتىپى،بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.