يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 845|ئىنكاس: 11

تۇغلۇق: چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلە ناملىرىغا مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلە ناملىرىغا مۇناسىۋەتلىك        يەر ناملىرى ھەققىدە تەتقىقات6 r/ {+ A6 s2 c( C
" a6 x9 Q6 L% E" G) H
چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى يەر ناملىرى ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك «قالۇق»، «ياۋىلىق» ۋە «تۈتۈرگە» دېگەن يەر ناملىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك مەنبەسى بولغان «ساك»لارغا مۇناسىۋەتلىك «ئېكساق» ۋە «بەيساق» دېگەن يەر ناملىرىمۇ مەۋجۇت. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمىزنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويىمىز.
: v& B  i/ w" ?; ~  X6 J( ^( o* r4 I( q6 ~8 }4 L& q, j  E
قالۇق9 B2 r5 n) g* X, M
5 S6 n4 t. z) m5 P
ئىلگىرى قەيت قىلغىنىمىزدەك «قالۇق نامىنىڭ ئەسلىسى ‹قارلۇق› بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدىكى چوڭ بىر قەبىلىنىڭ نامى»[1]دىن كەلگەن. ئۇنداقتا بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قالۇق دېگەن نامنىڭ مۇناسىۋەت ئارقا كۆرۈنۈشى قانداق؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قارلۇقلار ھەققىدە ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.7 }' \" {2 S  w/ O! U2 \
مەلۇمكى، قارلۇقلار ناھايىتى بۇرۇنقى دەۋردىلا «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن. پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك»[2] دېگەن كۆز قاراش ۋە ئىرادە بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى يارقىن سۈرەتلەنگەن قەدىمىي ئېپوس ــ «ئوغۇزنامە»دىكى ئۇيغۇر خاقان ئوغۇزخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان جەڭگىۋار قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردا ئالتۇن تاغ ـــ ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا ياشايتتى. شۇڭا كېيىنكى دەۋرلەردە، يەنى «مىلادىيە 6 ــ 7-ئەسىرلەردە قاغانلىقتىكى باشقا نۇرغۇن قەبىلىلەر بىلەن بىرگە، قارلۇقلارمۇ تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئۇرۇشلىرىغا قاتناشتى»[3]. تېخىمۇ كونكرېت ئېيتقاندا «مىلادىيە 552-يىلى كۆكتۈرك خاقانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كۈچلۈك قەبىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى ۋە بىر قىسمى كۆكتۈرك خاقانلىقىنىڭ سىياسىي مەركىزى ئورۇنلاشقان ئۆتۈكەن تاغلىرىنىڭ ئەتراپىغا كۆچۈپ باردى. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىدە كۈچىيىشكە باشلىدى»[4]. قەدىمكى تارىخىي ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنىشىچە «قارلۇق ئۈچ قەبىلە»[5] ياكى ئۈچ ئۇرۇق بولۇپ، مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە «ئۈچ قارلۇق» دەپ خاتىرىلەنگەن[6]. تۈرك قاغانلىقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندە «ئۈچ قارلۇق شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەر ئارىلىقىدا ئىدى. قاغانلىقنىڭ قۇدرەت تېپىشى ياكى ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ قارام بولۇپ ياكى ئايرىلىپ تۇراتتى»[7]. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار «ئون بىر تۇتۇقلۇق توققۇز ئۇلۇس ئىدى. باسمىللارنى يېڭىپ ئۆزىگە بىر ئۇلۇس قوشۇۋالدى. قارلۇقلارنىمۇ يېڭىپ بىر ئۇلۇس قوشۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئون بىر ئۇلۇس بولدى»[8]. مانا «شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىككى قەبىلىنى ھەمىشە ئاۋانگارت قىلىدىغان بولدى»[9]. دېمەك، قارلۇقلار ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى بولغان كۆك تۈركلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان بولسا، كېيىنچىرەك كۆك تۈركلەرنىڭ ئورنىنى بېسىشقا باشلىغان جان-جىگەر قېرىنداشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىگىمۇ قاتناشتى. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا «ئۇلار ئۇيغۇر، بارغۇت، ھۇن، بايىرقۇ، توڭرا، ئىزگىل، چەۋۈك، باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، توققۇز قەبىلە ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلدى»[10]. ئەمما «ئۇيغۇر قەبىلىلىرى توققۇز ئوغۇزلار ئىتتىپاقى ئىچىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇراتتى»[11]. بۇنىڭغا ئاساسەن تارىخىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا «توققۇز ئوغۇز» يەنە «توققۇز ئۇيغۇر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ[12]. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مەڭگۈلۈك خاتىرىسى سۈپىتىدە «مەڭگۈ تاش» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان تاش ئابىدىلەردە «توققۇز ئوغۇز» بىلەن «توققۇز ئۇيغۇر» بىر قاتاردا قويۇلغان[13].7 s4 @# f( f! z: J( }
ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ «تاشقى توققۇز قەبىلە»سى بولغان «توققۇز ئۇيغۇر»، يەنى «توققۇز ئوغۇز»لارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قانداش ئەزاسى بولغان قارلۇقلار ئۇيغۇرلارغا ئاجايىپ زور دەرىجىدە ياردەم بەرگەن ۋە ماسلاشقان. غەربىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى كۆپ يىللىق ئۇرۇشلار جەريانىدا «ئۇيغۇرلار قارلۇقلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا غەلىبىگە ئېرىشكەن»[14] ھەم ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرغان. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قاغانلىقىنى مۇستەھكەملەش جەريانىدا باشقا خانىدانلىقلارغا ئوخشاشلا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىغان ھەم بەلگىلىك دەرىجىدە غەربكە كېڭەيگەن[15]. ئەمما بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇرلارنىڭ كېڭەيمىچىلىكدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇيغۇرلار قىرغىزلارنىڭ جاجىسىنى بەرگەن»[16] ۋە قارلۇقلارنىمۇ قاتتىق ئۇچۇقداپ قويغان. «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى»دا قەيت قىلىنىشىچە، قىرغىزلار ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىر بۆلۈك ئىتتىپاقداشلىرىغا پايلاقچىلارنى ئەۋەتكەن. بىراق قىرغىزلارنىڭ پايلاقچىلىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «تىل» (ئەسىر) تۇتۇلغان. ئۇلار: «خانغا ئىتتىپاقداشلىرى ياردەمگە كەلدى. لېكىن قارلۇقلار ياردەمگە كەلمىدى» دەپ ئىقرار قىلغان. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلار قارلۇقلارغا يۈرۈش قىلىپ، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ ئارقار بېشى (دېگەن يېرى) نى مۇز قاپلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئارقامىشنىڭ تۆۋەن يېنىدىن سال بىلەن ئۆتۈپ ئون بىرىنچى ئاينىڭ ئون سەككىزىدە بولچۇ دەرياسىدا ئۈچ قارلۇقنى تارمار قىلغان[17]. چۈنكى «قىرغىزلار بىلەن قارلۇقلار قوشنا ئىدى. ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرغان»[18]. مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئۆتۈكەن تاغلىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان ئاز بىر قىسىم قارلۇقلاردىن باشقا ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان قارلۇقلار، يەنى ئۈچ قارلۇقلار ئالتۇن تاغ ـــ ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدىن غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. تارىخىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندا، قارلۇقلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان ئەرەب قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى زىياد بىن سالىھ رەھبەرلىكىدىكى تاڭ سۇلالىسىغا قارشى مۇسۇلمان قوشۇنلىرىغا قاتناشقان[19]. بۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى «گاۋ شەنجى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كېچىلەپ ئەنشىگە قاچقان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋەيران بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي «ئۆڭلۈك سۆيگۈن توپىلىڭى» پارتلىغانلىقتىن تاڭ سۇلالىسى قايتىلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئارلىشالمىغان»[20] ئىدى. شۇڭا ئەينى دەۋردىكى «قارلۇقلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى تاڭ سۇلالىسىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغانىدى»[21].
$ k) q( g4 r; v- t«يېڭى تاڭنامە»نىڭ «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»گە قوشۇمچە قىلىنغان «قارلۇق تەزكىرىسى»دە «جىدى سەلتەنەت دەۋرى (مىلادىيە 756 ــ 757) دىن كېيىن قارلۇقلار كۈچىيىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالاشتى ھەم ئون ئوق قاغانىنىڭ قەدىمكى يېرىگە كۆچۈپ  سوياپ، تالاس شەھەرلىرىگە باردى»[22] دېيىلگەن بولسا، يەنە «يېڭى تاڭنامە»نىڭ «تۈركلەر تەزكىرىسى»دە «جىدى سەلتەنەت دەۋرىدىن كېيىن تۈركەشلەر ئاجىزلاشتى...دالى سەلتەنەت دەۋرى (مىلادىيە 768 ــ 779) دىن كېيىن قارلۇقلار كۈچىيىپ سوياپ ۋادىسىغا كەلدى. ئىككى تۈركەش، يەنى سېرىق تۈركەشلەر بىلەن قارا تۈركەشلەرگىچە قارلۇقلارغا تەۋە بولدى»[23] دەپ يېزىلغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە «بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان تۈركەشلەر ئەسلىدە غەربىي تۈرك قاغانلىقىدىكى ئون ئوقلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي يېرىمدىكى بەش ئوقتىن شەكىللەنگەن بەش نوشىبى قەبىلىسى بولۇپ، 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئۇجىلا (ئوقچۇلا) خان دەۋرىدە، ئاشىنا ئۇرۇقىدىن بولغان ئون ئوق قاغانى كۇلچۇر (686 ـــ 690) ۋارىسلىق قىلغان زېمىنلاردىكى تۈركەشلەر»[24]دىن ئىبارەت. دېمەك، «مىلادىيە 756-يىلىدىن كېيىن تۈركەش دۆلىتى ئومۇميۈزلۈك خارابلىشىپ، سېرىق تۈركەشلەر بىلەن قارا تۈركەشلەر ئۆز ئارا خانلىق تالىشىپ ئۇرۇشتى»[25]. ئەكسىچە قارلۇقلار بارغانسېرى كۈچەيدى ھەم «مىلادىيە 766-يىلى بالاساغۇن شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، زور قارلۇق خانلىقىنى قۇردى»[26]. نەتىجىدە «قەدىمكى غەربىي تۈرك قاغانلىقىغا تەئەللۇق بولغان جايلار بىر-بىرلەپ قارلۇقلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىغا كىردى. ئەمما ئۇلارنىڭ رەھبىرى يابغۇ دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر قاغانلىرى نارازى بولغان بولسىمۇ پەرۋاسىز قارىغانلىقىدا ھېچقانداق شۈبھە يوق»[27]. شۇنىڭدەك «بۇنىڭ ئورخۇن ئابىدىلىرىدە دائىم يولۇقىدىغان يابغۇ ئۇنۋانى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھە يوق»[28]. ھەر ھالدا قارلۇقلارنىڭ «زېمىنى شەرقتە ئالتاي تاغلىرى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى. شىمالدا بالقاش كۆلى، غەربتە ئارال كۆلنىڭ شەرقىي، سىر دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمى. جەنۇبىدا غەربىي تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى»[29]. ئۇلارمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىنلىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ، مىلادىيە «766 ــ 775-يىللىرى ئارىلىقىدا قەشقەرىيەنى بېسىۋالدى. قەشقەرىيەنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى ياغمىلار ئىدى»[30]. بۇنىڭ بىلەن قارلۇقلار مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىپ ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. شۇڭا دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەردىن بىرى ـــ «ھۇدۇدۇلئالەم»نىڭ «قارلۇق دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ بازارلىرى توغرىسىدا» دېگەن بابىدا «قارلۇق دۆلىتىنىڭ شەرقىدە تىبەت خانىدانلىقنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ھەمدە ياغمىلار ۋە توققۇز ئوغۇزلارنىڭ چېگرا رايونلىرى، جەنۇبىدا ياغمىلارنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ۋە ماۋارائۇننەھر رايونلىرى، غەربتە ئوغۇزلارنىڭ چېگراسى، شىمالىدا تۈركەشلەر، چىگىللەر ۋە توققۇز ئوغۇزلارنىڭ چېگراسى بار. ئۇ گۈللەنگەن بىر دۆلەت. تۈرك زېمىنى ئىچىدە ئەڭ گۈزەل ماكاندۇر. ئۇ يەردە ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرىدىغان دەريالار، كىشىگە ياقىدىغان ساپ ھاۋا بار. ھەرخىل تېرە-يۇڭ چىقىدۇ. قارلۇقلار مەدەنىيەتلىك، مۇلايىم، دوست تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدىغان مېھماندوست خەلقتۇر. قارلۇقلارنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى ئىرىمسا ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ شەھەر-بازارلىرى ۋە يېزا-كەنتلىرى بار، قارلۇقلارنىڭ بەزىلىرى ئوۋچى، بەزىلىرى دېھقان، بەزىلىرى چارۋىچى. ئۇلارنىڭ بايلىقى قوي، ئات ۋە تۈرلۈك يۇڭ-تېرىلەردىن ئىبارەت. ئۇلار ئۇرۇشخۇمار.....»[31] دەپ تەپسىلىي بايان قىلىنغان.3 }! a+ d( M5 f5 s- {
مىلادىيە 840 -يىلى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلىپ، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئورخۇن-ئىنساي (ئانا ساي) ۋادىلىرىدىن تەرەپ-تەرەپكە كۆچتى. بىر قىسمى جەنۇبقا ـــ تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارغا كۆچۈپ، تاڭ خانىدانلىقىنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە سېرىق دەريا ۋادىلىرىغا سىڭىپ كەتتى. بىر قىسمى ئەسلىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى زېمىنىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا سۈرۈلۈپ دەشتئاتا رايونلىرىدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. ئەمما بۇ قېتىمقى چوڭ كۆچۈشتە تېخىمۇ غەربكە سۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمى، جۈملىدىن توققۇز ئوغۇز خەلقى ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس بىرلىكىنى بۇزماي تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرى ياشايدىغان جايلارغا كېلىپ ماكانلاشتى[32] ھەم بۇرۇنقى جان جىگەر قېرىنداشلىرى بولغان قارلۇقلار بىلەن قايتىدىن بىرلىشىپ «ئىلگىرىكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەربىي زېمىنىدا بالاساغۇننى مەركەز قىلغان بىر ھاكىمىيەت قۇردى. كېيىنچە بۇ ھاكىمىيەتكە قەشقەر رايونىمۇ تەۋە بولدى. 893-يىلىدىن باشلاپ خاقان ئوغۇلچاق قەشقەرنى پايتەخت قىلدى. شۇنداق قىلىپ 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر قارلۇق قەبىلىلىرى باشچىلىقىدا چوڭ بىر ھاكىمىيەت شەكىللەندى»[33]. بۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلام دۆلىتى ــ قاراخانىيلار سۇلالىسى بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەتنى قۇرغۇچىلار خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا «كۆكئارت ئۇيغۇرلىرى»، يەنى «پامىر ئۇيغۇرلىرى» دېگەن نام بىلەن قەيت قىلىنغان. بۇ يەردىكى كۆكئارت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئەمەلىيەتتە ياغمىلار بىلەن قارلۇقلاردىن ئىبارەت ئىدى[34].1 y$ ?$ Q6 U7 L2 D3 ~8 u+ b
بىراق يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرگىنىمىزدەك، نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن 10-ئەسىردە پارسچە يېزىلغان قىممەتلىك يازما يادىكارلىق ـــ «ھۇدۇدۇلئالەم»دە تارىخ-جۇغراپىيەسى خېلى كەڭ-كۇشادە بايان قىلىنغان ھەم قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ياشىغانلىقى قەيت قىلىنغان قارلۇقلار ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ 1072 ــ 1074-يىللىرى ئارىلىقىدا يازغان شاھانە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ «تۈركىي خەلقلىرى ۋە قەبىلىلىرى توغرىسىدا» بېرىلگەن بايانلىرىدا تىلغا ئېلىنمىغان. يەنى مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركلەر ئەسلىدە يىگىرمە قەبىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭرى ئېزىز كۆرگەن نوھ پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ياپەس ۋە ياپەسنىڭ ئوغلى تۈرككە بېرىپ تاقىلىدۇ... ھەر بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ بىر مۇنچە ئۇرۇقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئۆزىگىلا مەلۇم. مەن بۇلاردىن ئاساسىي ۋە ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم. ئۇرۇق ئايماقلارنى تاشلىدىم. كىشىلەردە ئوغۇز تۈركمەنلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇلارنىڭلا ئۇرۇقلىرىنى، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىمۇ كۆرسەتتىم. مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈن چىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە، شەرقتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. رۇمغا ھەممىدىن يېقىن جايلاشقان قەبىلە پەچەنەك، ئاندىن قالسا قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشقىرت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز قەبىلىلىرىدۇر. قىرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى رۇم ئۆلكىسى يېنىدىن شەرققە قاراپ شۇ تەرتىپتە سوزۇلغان. ئاندىن چىگىل، توخسى، ياغما، ئۇغراق، چارۇق، چومۇل، ئۇيغۇر، تاڭغۇت، خىتاي قەبىلىلىرىدۇر. خىتاي چىن دېمەكتۇر. بۇ قەبىلىلەر جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدا ياشايدۇ»[35] دەپ كۆرسىتىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي گەرچە يۇقىرىدىكى «يىگىرمە قەبىلە» قاتارىدا قارلۇقلارنى سانىمىغان بولسىمۇ، ئەمما «قارلۇقلاردىن ئايرىلىپ چىققان چىگلىلەر»[36]نى سانىغان ھەم «قارلۇق» ھەققىدە ئايرىم توختىلىپ «ئۇلار كۆچمەن تۈركلەرنىڭ بىر گۇرۇھى بولۇپ، ئوغۇزلاردىن باشقىدۇر. ئۇلارمۇ تۈركمەن ھسابلىنىدۇ»[37] دەپ يازىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە قارلۇقلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىللەردە توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق جەڭگىۋار قەبىلە بولسىمۇ، قاراخانىيلار خانىدانلىقى كۈچەيگەن دەۋرلەرگە كەلگەندە، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا «ئاساسىي ۋە ئانا قەبىلە» بولۇشتەك ئىجتىمائىي ئورنىدىن تەدرىجىي ئايرىلغانلىقىنى، ھەتتا ئىلگىرى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمى بولغانلىقى  ئۇنتۇلۇپ «ئوغۇزلاردىن باشقىدۇر» دەپ قارىلىشتەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى يۇقىرىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن كەلتۈرۈلگەن نەقىللەر ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلىنسا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «ھەر بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ بىر مۇنچە قەبىلىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئۆزىگىلا مەلۇم. مەن بۇلاردىن ئاساسىي ۋە ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم. ئۇرۇق-ئايماقلارنى تاشلىدىم» دېگەن سۆزلىرىدىن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ «ئاساسىي ۋە ئانا قەبىلىلەر» بولۇشتەك سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويغانلىق سەۋەبلىك «ئاساسىي ۋە ئانا قەبىلىلەر» قاتارىدا سانالمىغان، بەلكى ئۇ «ئاساسىي ۋە ئانا قەبىلىلەر»نىڭ «ئۇرۇق-ئايماقلىرى»غا ئايلىنىپ كەتكەن تۈرك قەبىلىلىرىنىڭمۇ يەنە بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزى «ئاساسىي ۋە ئانا قەبىلىلەر» قاتارىدا سانىمىغان قارلۇق قەبىلىسى ھەققىدە «ئۇلار كۆچمەن تۈركلەرنىڭ بىر گۇرۇھى» دەپ تىلغا ئالغانلىقى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلايدۇ.
' X% h" h# L" t6 e+ Hقاراخانىيلار خانىدانلىقنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، تارىختا قالغان نازۇك ئىچكى پەرقلەرنى يوقىتىش ئاساسىدا بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشۇپ مۇستەھكەملىنىۋاتقان تۈرك ئۇيغۇر ئىجتىمائىي گەۋدىسىنى نەزەرگە ئالغان بەزى تەتقىقاتچىلار يۇقىرىدىكى ئەھۋالغا نىسبەتەن «بۇ زامانلاردا، قارلۇقلار بىر پۈتۈن قوۋملىك ھالىتىدىن پارچىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكى ‹ئىنجۇ ئۆگۈز› (سىر دەريا) ۋادىسىدا، بىر بۆلۈكى تارباغاتاي بولجا تەرەپلىرىدە، ئاز بىر قىسمى قەشقەر يېنىدا تارقىلىپ ياشىغان»[38] دەپ چۈشەنچە بەرسە، يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار: «بۇ ۋاقىتتا قارلۇقلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي گەۋدىسىگە سىڭىپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن ‹قارلۇق› دېگەن نام بارا-بارا ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالدى»[39] دەپ تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئەنە شۇ «ئاز بىر قىسىمى قەشقەر يېنىدا تارقىلىپ ياشىغان» قارلۇقلار قەشقەردىكى ئەڭ قەدىمىي بوستانلىق چاقماق دەريا ۋادىسىدا ياشىغان. گەرچە ئۇلارنىڭ قەدىمىي نامى بارا-بارا ئۆزلىرىنىڭ جان-جىگەر قېرىندىشى بولغان «ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان» بولسىمۇ، ئۇلار ياشىغان مۇقەددەس زېمىنلارنىڭ بۇ بىر پارچىسى يەنىلا ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى قەبىلە نامىغا باغلىنىپ «قارلۇق» دەپ ئاتالغان. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەلقىمىزنىڭ بىر بوغۇملۇق ياكى كۆپ بوغۇملۇق بىر قىسىم سۆزلەردىكى بوغۇم ئاخىرىدا كېلىدىغان «ر» تاۋۇشىنى جانلىق تىلدا چۈشۈرۈپ قويۇپ تەلەپپۇز قىلىش (ئانار-ئانا، دار-دا، قار-قا، قارلۇق-قالۇق) ئادىتى ئاساسىدا «قارلۇق» نامى تەدرىجىي «قالۇق»قا ئۆزگىرىپ ھازىرغىچە داۋاملاشقان.
' S0 O* p. n- N! bئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسى ئۈچ ئۇرۇققا بۆلۈنگەن بولۇپ، شۇ ئۈچ ئۇرۇقنىڭ بىرى «بويلا» ئورۇقى، يەنە بىرى «سابەگ»ئۇرۇقى[40]دۇر. چاقماق دەريا ۋادىسىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قالۇق كەنتىگە يانداش ھالدا ئۇيغۇر قارلۇق قەبىلىسىنىڭ «بويلا» ئۇرۇقى نامى بىلەن ئاتالغان بويلا كەنتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى؛ شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قارلۇق قەبىلىسىنىڭ «سابەگ» ئۇرۇقى نامىغا خاقانىيە تىلدىكى «ئېرىق، ئۆستەڭ» مەنىسىنى بېرىدىغان «ئارىق»[41] دېگەن سۆزنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «سابەگ ئارىق» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ جانلىق تىلدا «ساپئېرىق» ئاتىلىپ قالغان يەنە بىر قەدىمىي كەنتنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقى «قالۇق» كەنت نامىنىڭ ئۇيغۇر قارلۇق قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇقىملاشتۇرىدۇ. چۈنكى، قەدىمكى دەۋرلەردە قەبىلە ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئۇرۇقلارنىڭ يېقىن جايلارغا ئۆز ئارا يانداش ئورۇنلىشىدىغانلىقىمۇ پەقەت كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەڭ ئەقەللىي ئېتنوگرافىيەلىك پاكىتتۇر.9 \# g1 }- d: k1 |) c

+ `1 i9 x* t" J2 i# e7 F' Y0 i9 xياۋىلىق! z) H) y, Y% A4 c- |" G3 J# Y
1 _6 x' m: l0 X: j
چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى يەر ناملىرىنىڭ بىرى «ياۋىلىق» ھەققىدە بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «ياۋا» دېگەن سۆزنى «ئاق تىكەن، بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ سۈيىنى تۇتماچقا قۇيسا تۇتماچقا رەڭ بېرىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگىنىگە ئاساسەن «ياۋىلىق» بولسا «ئاق تىكەنلىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ[42] دەپ، چۈشەندۈسە، يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار «بۇ سۆز ياغما قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن» دېيىش مۇمكىنچىلىكى چوڭراق. ‹ياغما-ياغمىلىق، ياۋىلىق›قا ئۆزگىرىپ يەر-جاي نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىنغانلىقى تارىخىي پاكىتلارغا خېلى ئۇيغۇن بولسا كېرەك»[43] دەپ قارايدۇ.: T. K. ]6 o2 Z, _% a- I
بىزنىڭچە «ياۋىلىق» دېگەن بۇ نام قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى ــ ئوغۇزلارنىڭ «ياۋا» ئۇرۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئۇرۇق نامىغا «لىغ» (ligh) قوشۇلۇشى بىلەن «ياۋىلىغ» دەپ ئاتالغان ھەم كېيىنچە «ياۋىلىغ» تەدرىجىي «ياۋىلىق»قا ئۆزگىرىپ بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان. ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «yawa» ھەققىدە توختىلىپ: «ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسى. بۇ سۆزنىڭ ‹و-ۋاۋ› بىلەن ‹‹yava، ‹ا-ئېلف› بىلەن ‹awa› دەپ تەلەپپپۇز قىلىنىدىغان شەكىللىرىمۇ بار»[44] دەپ كۆرسەتكەندىن كېيىن «yawa» ھەققىدە يەنە توختىلىپ «ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن بولغان ‹yava› نىڭ يەنە بىر خىل ئېيتىلىشى»[45] دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن ئوغۇزلارنىڭ «ياۋا» قەبىلىسىنىڭ ئەينى دەۋردە بىر نەچچە خىل تەلەپپۇزدا ئېيتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەيلى قانچە خىل تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئوغۇزلارنىڭ قەبىلە نامىنى بىلدۈرىدىغان «ياۋا» سۆزى «لىق ligh» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «ئاخىرىغا ‹لىغ ligh› ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەر»نىڭ بىرىگە ئايلانغان ھەم ئوغۇزلارنىڭ «ياۋا قەبىلىسى» ياشايدىغان ئورۇننىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «ئاخىرىغا ‹لىغligh  › ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەر»نىڭ بىر قانچە تارماقلارغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «بۇ تۈركۈمگە كىرىدىغان سۆزلەر ئورۇن-جاي مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ» دەپ[46] ئالاھىدە ئىزاھلىغانلىقى يۇقىرىدىكى قارىشىمىزنى شەرتسىز ئىسپاتلايدۇ.
1 d1 F0 A/ D* `. a4 O% kئۇنىڭ ئۈستىگە چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى ياۋىلىق دېگەن جايدا قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن «ياۋىلىق ئىزى» دەپ ئاتالغان بىر قەدىمكى ئىز بولۇپ غەرب تەرىپى دەقيانۇس شەھىرى بۇددا ئىبادەتخانىسى بىلەن بىۋاسىتە تۇتۇشىدۇ. ئۇنىڭ تېخىمۇ غەربىدە ئۈچبۇرھان مىڭئۆيى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1-2-ئەسىرلەر) بىلەن دەقيانۇس شەھىرى تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلەر، جەنۇب تەرىپىدە ياۋىلىق ئۆتەڭ خارابىسى بار. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىدە لايلىقتىكى تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلەر ھەم تېخىمۇ شەرقىدە كەپتەرخانا بۇددا ئىبادەتخانىسى، مورا بۇددا مۇنارى، خانئۆي قەدىمىي شەھەر خارابىسى بار. مىلادىيەدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى دەۋرلەردىن ئوتتۇرا ئەسىرلەرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۆز ئارا تۇتاشقان بەلباغقا توغرا كەلگەن «ياۋىلق ئىزى»نىڭ مەدەنىيەت خاراكتېرى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ قەشقەرنىڭ بۇددىزم مەدەنىيىتى توپلانغان مەركىزىي نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ئىزنىڭ دائىرىسىمۇ نىسبەتەن كەڭ بولۇپ 400 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق. ئىز دائىرىسىدە ساپال بويۇملىرىنىڭ پارچىلىرى ناھايىتى كۆپ، 1984-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش-باشقۇرۇش ئورنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا باشقا بويۇملار بىلەن بىر قاتاردا بىر ئۇچقۇلاقلىق كوزا قېزىۋېلىنغان. كوزا ئىنتايىن نەپىس بولۇپ، 1996-يىلى دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بۇ ئۇچ قۇلاقلىق كوزىنى دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى بويۇمى قىلىپ بېكىتكەن. 1992-يىلى ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بۇ ئىز دائىرىسىدىن قېيىن قوۋزىقىغا يېزىلغان بۇددا نوملىرى تېپىلغان[47]. «ياۋىلىق ئىزى»نىڭ ئەتراپىدىكى مىڭئۆي، بۇددا ئىبادەتخانىسى، قەبرىستانلىق قاتارلىق ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن بۇ ئىز دائىرىسىدىن تېپىلغان يۇقىرىدىكىدەك «دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت بويۇمى» ۋە بۇددا نوم پارچىلىرى چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى «ياۋىلىق» دېگەن نامنىڭ قانداقتۇ «ئاق تىكەنلىك» ئەمەس، ئەجدادلىرىمىز ياشىغان ۋە بەلگىلىك تارىخىي قىممەتكە ئىگە مەدەنىيەت قاتلىمىنى مىراس قالدۇرغان جاي ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئوغۇزلارنىڭ «ياۋا قەبىلىسى»گە مۇناسىۋەتلىك يەر نامى ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
2 C$ n5 y- C2 R& @' y7 Hئۇنداقتا، ئوغۇزلارنىڭ «ياۋا» قەبىلىسى بىلەن چاقماق دەريا ۋادىسدىكى «ياۋىلىق» نامىنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى قانداق؟6 E6 ^$ X% }- T5 W2 r( \7 p4 T
مەلۇمكى، «ئۇغۇز» دېگەن نام ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئېپوسى «ئوغۇزنامە»دە باش قەھرىمان ئوغۇزخاننىڭ ئىسمى سۇپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ مەشھۇر ئېپوستا ئوغۇزخاننىڭ «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن، پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك» دېگەن كۆزقاراش ۋە ئىرادە بىلەن كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان ھەربىي يۈرۈشى قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئوغۇزخانغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ماھىيەتتە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇز ئۇرۇقى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. «چۈنكى تۈركىي تىلدىكى ئۇرۇق، قەبىلە، مىللەت ناملىرى ئاساسەن تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئۇچار قۇشلار، ھايۋانلارنىڭ ئاتلىرى بىلەن ئاتالغاندىن باشقا، يەنە قەبىلە ۋە مىللەت ئىچىدىكى باتۇرلار ۋە باشقا تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان»[48].
4 P# L6 O1 p% E! k2 t1 aئوغۇزلار تارىخىي ماتېرىياللاردا خېلى بۇرۇنقى زامانلاردىلا تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولمىش خەنزۇچە خاتىرىلەردە خاتىرىلەنگەن ۋۇجيې (乌揭) ياكى  خۇجيې (呼揭) قەبىلىسىنى تارىخشۇناسلار «‹ئوغۇز› ياكى ‹ئۇيغۇر› سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بولسا كېرەك» دەپ قارىشىدۇ[49]. مۇشۇ بويىچە بولغاندا «جىننامە»نىڭ «يات قوۋملار تەزكىرىسى» ۋە «سۇڭنامە»نىڭ «دى غۇزلىرى ھەققىدە قىسسە»دە تىلغا ئېلىنغان «غۇز»[50]نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق نامى بولغان «ئوغۇز»نى كۆرسىتىدىغانلىقىدا گەپ يوق. «سۈينامە»نىڭ «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە مىلادىيە 4 ــــ 5-ئەسىرلەردە تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئەتراپىدا ۋۇخۇ (乌护)، ئورخۇن ۋادىلىرىدا يۈەنخې (袁纥)، ۋېيخې  (韦纥)، خۇيخې (回纥) دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان قەبىلىنىڭ ياشىغانلىقى قەيت قىلىنسا[51]، «كونا تاڭنامە»دە «تۇرا قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇرۇقلىرى بارغۇت، توڭرا، بايىرقۇ قاتارلىقلار بولۇپ، كېيىنچە بۇ ئۇرۇقلارنىڭ ھەممىسى ‹ئۇيغۇر› دەپ ئاتالغان»[52] لىقى قەيت قىلىنىدۇ. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار بىردەك «ۋۇخۇ»(乌护)  دېگەن نام «ئوغۇز»(乌古孜)  دېگەن نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ قارايدۇ ھەم يۈەنخې  (袁纥)، ۋېيخې  (韦纥)، خۇيخې  (回纥)، ھەتتا ئورخۇن ئۇيغۇر خانىدانلىقى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن «خۇيگۇ» (回鹘) دېگەن ناملارنىڭ ھەممىسىلا «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ ھېسابلايدۇ[53]. دەرۋەقە، ئوخشاشمىغان دەۋرلەردىكى خەنزۇ مەنبەلىرىدە يېزىلغان «ۋۇخۇ  (乌护)، يۈەنخې  (袁纥)، ۋېيخې  (韦纥)، خۇيخې  (回纥)، خۇيگۇ (回鹘) ئىرۇگلىفلىرى ئەينى زامان ئۇيغۇرلىرى»[54] بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدىكى «سۇلالىلەرنىڭ ئالمىشىشى ۋە تارىخ تۈزگۈچىلەرنىڭ پىكىر مۇلاھىزىلىرى پەرقلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن، بۇ بىر خىل نام ھەر خىل قەيت قىلىنىپ كەلگەن»[55]. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى: «جۇڭگو يىلنامىلىرىدىكى ئىرۇگلىف يېزىقلارنىڭ ھەر خىل يېزىلىشىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ھەر خىل ئىسىم قوللانغانلىقى تۈپەيلىدىن بولغان، دېگىلى بولمايدۇ. بۇ خەنزۇ يېزىقى ۋە خەنزۇ تەلەپپۇزىدىكى، شۇنىڭدەك خەنزۇلارنىڭ قىسقارتىپ ياكى ئۆزگەرتىپ ئىسىم يېزىش ئالاھىدىلىكىدىكى ئادەت بولۇپ، بۇ ئىرۇگلىفلارنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋالماسلىق لازىم» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ[56].
+ M6 ?3 a9 [2 o" i3 A1 p( Kخەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا قانداق خاتىرىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر ئوغۇزلىرى ئەجدادلىرىمىز تارىخىنىڭ ئۆلمەس خاتىرىسى بولغان «مەڭگۈتاش» ئابىدىلىرىدە «ئوغۇز»، «توققۇز ئوغۇز»، ھەتتا «سەككىز ئوغۇز» شەكلىدە خاتىرىلەنگەن[57] ئەڭ جەڭگىۋار قەبىلە ئىدى. شۇڭا شەرق ئالىملىرىدىن جاھىز (776 ـــ 869) تۈركلەر ئومۇمىي گەۋدىسى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ: «تۈركلەرنىڭ توققۇز ئوغۇزلىرى ئۇلارنىڭ باھادىرلىرىدۇر»[58] دەپ يازغان بولسا، مەسئۇدى (956-يىلى ۋاپات بولغان) ئۆزىنىڭ «مۇرۇجى ئەززەھەب»، يەنى «ئالتۇن يايلاق» ناملىق كاتتا ئەسىرىدە توققۇز ئوغۇزلار ھەققىدە كەڭ-كۇشادە توختىلىپ: «توققۇز ئوغۇز خۇراسان ۋە چىن ئارىلىقىدىكى ئەلنىڭ ئىگىسى بولۇپ تۈرك قوۋمىدىن ئۇلاردەك جاسارەتلىك، باھادىر، مەزمۇت ھۆكۈمدار يوق»[59] دەپ يازغان. 10-ئەسىردە يېزىلغان مەشھۇر ئەسەر «ھۇدۇدۇلئالەم»نىڭ مۇئەللىپى «توققۇز ئوغۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ بازارلىرىدا توغرىسىدا» دېگەن بابىدا «تۈركلەرنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرى ئىچىدە بۇ دۆلەت ئەڭ چوڭ، توققۇز ئوغۇزلار بۇرۇندىنلا ئادەم سانى ئەڭ كۆپ خەلق ئىدى. قەدىمكى زاماندا پۈتكۈل تۈركىستاننىڭ خانلىرى توققۇز ئوغۇزلاردىن چىقاتتى. ئۇلار ئۇرۇشقا ماھىر...»[60] دەپ بايان قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار مەزكۇر ئەسەردىكى بايانلارغا ئاساسەن «تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن دالىلىرىغا توققۇز ئوغۇزلار ماكانلاشقان»[61] دەپ ئىزاھلايدۇ. ئاتاقلىق تۈركشۇناس بارتولد 10- ئەسىردىكى جۇغراپىيونلارنىڭ «توققۇز ئوغۇز»لاردىكى «توققۇز» سان ئۇقۇمىنى چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ[62]. دېگەندەك «ھۇدۇدۇلئالەم»دىن بىر ئەسىر كېيىن يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «توققۇز ئوغۇز»لارغا دائىر ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ئەمما «ئوغۇز» قەبىلىسى ۋە ئۇنىڭ 22 ئۇرۇقى ھەم ئۇلارنىڭ ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن[63]. بۇنىڭدىن 9-ئەسىرلەردە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ئەتراپىدا ياشىغان «توققۇز ئوغۇز»لارنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدە ئومۇميۈزلۈك «ئوغۇز»لار نامىدا ئاتالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ./ [5 w4 d5 l" u0 G; p
دېمەك، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەيت قىلىنغان «ئوغۇز»لار ئەمەلىيەتتە ئىلگىرىكى «توققۇز ئوغۇز»لارنىڭ ئەۋلادىدۇر. مانا مۇشۇ ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسمى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىر قاتاردا قەشقەر ئەتراپلىرىدا ياشىغان. شۇ جۈملىدىن ئىلگىرىكى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ، يەنى كېيىنكى ئوغۇزلارنىڭ «ياۋا» قەبىلىسى چاقماق دەريا ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشقان ۋە بىز يۇقىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكەندەك بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە مەدەنىيەت قاتلىمىنى ياراتقان. بۇ جايلار كېيىنچە ئۇلارنىڭ نامىغا باغلىنىپ «ياۋىلىق» دەپ ئاتىلىپ بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان.
/ s& b( H" t/ D  S
! e) t6 E5 g7 S+ C% L% Eتۈتۈرگە* f. B. X* y- m; i3 e8 Y1 V. b8 @

* Q# K% a9 t8 X1 a0 |: o  w. U$ z+ Xتۈتۈرگە (تۈتۈرك) ـــ چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى بىر يەر نامى. بىزنىڭچە بۇ يەر نامىمۇ يۇقىردا بايان قىلىنغان قالۇق، بويلا، ساپئېرىق، ياۋىلىق، قاتارلىق يەر ناملىرىغا ئوخشاشلا قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىسى ياكى قەبىلە ئۇرۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. كونكرېتنى ئېيتقاندا، ئۇ مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بىرمۇ بىر كۆرسەتكەن «تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى» بولغان ئوغۇز ئۇرۇقلىرىنىڭ ئون ئالتىنچىسى تۇتىرقا (tutirka) نىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇشى ئېنىق. چۈنكى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتتە تۈتۈرگە ئەسلى «تۇر» بىلەن «تۈرك»نىڭ قوشۇلمىسى «تۇرتۈرك» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. «تۇر»نىڭ ئەفراسىياپنىڭ بوۋىسى ئىكەنلىكى ۋە «تۈرك»نىڭ بولسا، قەدىمكى بوۋىلىرىمىز ئىكەنلىكى مەلۇم. بىراق، «تۇر»نىڭ يەنە «شەھەر، قەلئە، بارىگاھ» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنسا، «تۇرتۈرك» دېگەن سۆز «تۈرك قەلئەسى» ياكى «تۈرك شەھىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «ئوغۇز» ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلار يىگىرمە ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە «ماللارغا باسىدىغان تامغىسى بار، ئۇلار بىر بىرىنىڭ مېلىنى شۇ تامغىلارغا قاراپ تونۇيدۇ» دەپ يازغاندىن كېيىن بۇ يىگىرمە ئىككى ئۇرۇقنى بىرمۇ بىر ساناپ «ئون ئالتىنچىسى: تۇتىرقا-tutirka» دەپ ئۇلارنىڭ مالغا باسىدىغان تامغىسىنى «∧∨» شەكىلدە ئېنىق كۆرسىتىدۇ[64]. ئەمما تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندا 1959-يىلى پىروفېسسور ئاسان ئەرەن، پىروفېسسور ئا.دىلاچار، پىروفېسسور ئابدۇلقادىر ئىنان قاتارلىق ئالىملارنىڭ مۇھەررىرلىكى ئاستىدا نەشر قىلىنغان «تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى يىللىقى» ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىدا پىروفېسسور تاھسىن باڭۇ ئوغلىنىڭ «ئوغۇزلار ۋە ئوغۇز ئېلى ھەققىدە» ماۋزۇلۇق چوڭ بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان[65]. بۇ ماقالىدە ئاپتور 1935-يىلى ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان پىروفېسسور ھۈسەيىن نامىق ئۇرقۇننىڭ «ئوغۇزلارغا دائىر» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىزدىنىش يولىدىن مېڭىپ، بۇ ئۇرۇق ناملىرىنىڭ ئوغۇزلاردىن باشقا تۈركىي خەلقلەر ئىچىگىمۇ تارقالغانلىقىنى، ئۇنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىنىڭ ناھايىتى يىراق قەدىمىي زاماندىن كېلىدىغانلىقىنى، ئۇرۇق تامغىلىرىنىڭ يىراق مەدەنىيەت قاتلاملىرى بىلەن باغلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن[66]. شۇڭا ئوغۇز ئۇرۇقلىرىغا دائىر بۇ مەسىلىلەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن كېيىنكى «شەجەرەئى تەراكىمە» ۋە «جامىئۇت تەۋارىخ» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەردىمۇ تىلغا ئېلىنغان. پىروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرىنىڭ «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىكى ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئۇرۇقلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە» ناملىق ماقالىسىدە بېرىلگەن «ئوغۇز ئۇرۇقلىرىنىڭ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›، ‹شەجەرەئى تەراكىمە› ۋە ‹جامىئۇت تەۋارىخ›تىكى سېلىشتۇرما جەدۋىلى»دىن قارىغاندا «شەجەرەئى تەراكىمە» ۋە «جامىئۇت تەۋارىخ»تا بايان قىلىنغان ئوغۇزخاننىڭ نەۋرىلىرىنىڭ ئاتلىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا كۆرسىتىلگەن ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ ئۇرۇق ناملىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا ئوغۇزخاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئايخاننىڭ ئوغلى «شەجەرەئى تەراكىمە»دە «دۇدۇرغا»، «جامىئۇت تەۋارىخ»تا «دودۇرگا» ئېلىنغان بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىي كۆرسەتكەن 16-ئۇرۇق «تۇتىرقا» بىلەن ئوخشايدۇ[67]. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئوخشاش بىر نام تۈركىي تىللارنىڭ ھەرقايسى شېۋىلىردە پەرقلىق ئېيتىلغانلىقىدا گەپ يوق. پىروفېسسور، دوكتور تۇنجەر بايقارا ئۆزىنىڭ نوپۇزلۇق ئەسىرى «تۈرك مەدەنىيىتى»دە «شەجەرەئى تەراكىمە»دە كۆرسىتىلگەن ئۇرۇق ناملىرى ھەققىدە توختالغاندا يۇقىرىدىكى ئۇرۇق نامى توغرىسىدا «دودۇرغا (تۇتۇرقا): ئۆلكە ئالماق ۋە خانلىق قۇرماق مەنىسىدىدۇر. ئانا دولۇدا خېلى جىق يەر ناملىرى مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ»[68] دەپ يېزىپ، ئۇرۇق نامىنىڭ، جۈملىدىن، ئوغۇز ئۇرۇقى نامىنىڭ يەر ناملىرى بولۇپمۇ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.* d4 Z+ A9 t: x
ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، مەھمۇد كاشغەرىي ئوغۇز ئۇرۇقلىرى قاتارىدا سانىغان 16-ئۇرۇقنىڭ نامىنىڭ ئۇيغۇر تۈركچىسى بىلەن ئوسمانلى تۈركچىسىدىكى ئاتىلىش ۋە يېزىلىشلىرىدا ئاز-تولا پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «تۈتۈرگە» سۆزىگە يېقىن كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «تۈركىي تىللار دىۋانى» بولسا قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەرەب يېزىقىدا خاتىرىلىنىپ، ئەرەب تىلىدا چۈشەندۈرۈلگەن ئەسەر. ئەرەب تىلىدا (u) تاۋۇشىنىڭ يوق، ئەمما ئۇنىڭغا بىر ئاز يېقىن كېلىدىغان شەرتلىك سوزۇق تاۋۇشلاردىن «ئۇ» (يەككە ھالەتتە «ۋاۋ» ئوقۇلىدىغان «و» تاۋۇشى) نىڭ مەۋجۇتلۇقى، شۇنىڭدەك ئەرەب تىلىدا تەركىبىدە «ئۈ» (ü) تاۋۇشى بولغان سۆزلەرنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلغىلى ۋە خاتىرىلىگىلى بولماسلىقى نەزەرگە ئېلىنسا بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.) P7 ?0 @+ w! A. b- y
شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىكى پاكىت ۋە مۇلاھىزىلىرىمىزگە ئاساسەن چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى «تۈتۈرگە» دېگەن يەر نامىنى دەل «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەيت قىلىنغان ئوغۇز ئۇرۇقىنىڭ نامىدىن كەلگەن دەپ قارايمىز.- Y* B0 ~9 `# K& [/ t/ A

: B! ?5 |3 m) G( l" O: wئېكساق ۋە بەيساق. {+ h3 U- ?2 Y5 s! }. b) a
0 r0 F4 j, X: _  s
تارىخشۇناس ئالىملارنىڭ قارىشىچە، چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى «ئېكساق» دېگەن نام «ئىككى ساك»تىن تەركىب تاپقان ئېتنوگرافىيەدىن ئىبارەت بولسا، «بەيساق» دېگەن نام دەل «بەگ ساك» دېگەن بولۇپ[69]، «ساكلارنىڭ بېگى» ياكى «ساك تۆرىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداق ئىكەن چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى «ئېكساق» ۋە «بەيساق» دېگەن يەر ناملىرى بىلەن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولمىش ساكلارنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى قانداق؟
+ a( F, m# L' gمەلۇمكى، تارىخشۇناس ئالىم غاپۇرۇپنىڭ «تاجىكلار تارىخى» ناملىق كىتابىدىن قارىغاندا، بىز بىلىدىغان ئەڭ قەدىمكى شەرقىي ئىران قەبىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پايانسىز يايلاقلىرىنى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن چارۋىچى ساكلاردىن ئىبارەت[70]. شۇڭا ئۇلار قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلغان مۇھىم تەركىبلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى تارىخىي ماتېرىياللاردىن «ساك» ئىبارىسىنىڭ ئەڭ قەدىمكى جەڭگىۋار بىر خەلقنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلسەكمۇ، «بىز ‹ساك› سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسىنى بىلمەيمىز»[71]. ئەمما «‹ئوغۇزنامە› تەتقىقاتچىلىرى ‹ساك› ئىبارىسىنى ‹ساق›، ‹ساقلاپ› ــ قوغدىغۇچىلار دېگەن مەنىدە ئىزاھلايدۇ»[72]. قانداقلا بولمىسۇن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىدىن بىرىنى كۆرسىتىدىغان مۇشۇ «ساك ئىبارىسى ‹ئوغۇزنامە›دە ‹ساقلاپ›، ‹ساقلاپ بېگى› شەكلىدە، ‹ئاۋىستا›دا ‹ساكلار ــ جەڭچى تۇرلار› شەكلىدە، پارس كىتابلىرىدا ‹ساك›، ‹سەك› شەكلىدە تىلغا ئېلىنغان»[73]. تارىخىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندا، قەدىمكى ئىران شاھىنشاھى دارا I دەۋرىدە پۈتۈلگەن بىھۇستۇن تاش پۈتۈكلىرىدە ساكلارنىڭ ئاساسلىق تۆت قەبىلىسى ئاسىيلار، گاسىئانىلار، تۇخارلار ۋە ساكارالار ئىكەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىردە ئالدى بىلەن ئىلى ۋە چۇ دەريا ھاۋزىلىرىدا، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرلەردە سىر دەريا ۋادىلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 176-، 177-يىللىرى جەنۇبقا سۈرۈلۈپ، پامىر ئېگىزلىكىدىن ئۆتۈپ تارىم ۋادىسىغا كىرگەن[74]. بۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنى مەركەز قىلغان مۇقەددەس زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېنىغا قان، جېنىغا جان بولۇپ قېتىلىپ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مىسلىسىز قوشۇلۇش ۋە ئارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇڭا ئارخېئولوگلار «قەدىمدە تەڭرىتاغنىڭ ئەتراپلىرىدا ئارىيانلار، ساكلار، ئۇيسۇنلار، توخرىلار، ھونلار، قاڭقىللار، سوغدىلار، تۈركلەر تاغ بېغىرلاپ، دەريا بويلاپ، پەسىلگە قاراپ يايلاق تاللاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى»[75] دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بەزى تارىخشۇناسلار «مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى مىڭىنچى يىللاردىن گىرېك -باكتېرىيە دەۋرىگىچە ساكلار مەركىزىي ئاسىيا، جەنۇبىي رۇسىيەدە دەۋران سۈرگەن ئالتۇن دەۋر بولغان. ئۇلار كېيىنكى زامانلاردىمۇ يەنە ساك نامىنى ساقلىغان. ‹ساكىستان› ئىبارىسى ئۇنىڭ بىر مىسالى»[76] دېسە، بەزى تارىخشۇناسلار «غەرب تارىخچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ‹ساكا› دۆلىتى قەدىمكى قەشقەرنى كۆرسىتەتتى. ‹ساكا› ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئېتنىك مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان ساكلارنىڭ نامى. ئۇلار قەدىمدە شەرقتە ئىلى دەرياسى بويلىرىدىن غەربتە سىر دەرياسى بويلىرىغىچە تارقىلىپ ياشاپ، كېيىن ئىلى دەريا بويلىرىدىن كۆچكەن قىسمى قەشقەر رايونىنى مەركەز قىلغان ھالدا پامىر تېغىنىڭ ئېتەكلىرىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق ھەم دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن»[77] دەپ كۆرسەتكەن. بۇ «خەننامە»نىڭ «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دىكى «ئىلگىرى ھونلار ئۇلۇغ توخرىيلارنى يەڭگەندىن كېيىن، ئۇلۇغ توخرىيلار غەربكە يۆتكىلىپ باكتىرىيەگە، ساكلار خانى جەنۇبقا يۆتكىلىپ كەشمىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى. كېيىن پارچىلانغان ساكلار بىر قانچە خانلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. قەشقەرنىڭ غەربىي شىمالىدىن تارتىپ ئەركەشتام، ئۇلۇغچات قاتارلىق بەگلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى ساك نەسلىدىن ئىدى»[78] دېگەن مەلۇماتلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. دەرۋەقە «ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر ۋە تارىخىي خاتىرىلەردىن قارىغاندا، قەدىمكى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە ساكلار... قاتارلىق قەدىمكى قەبىلىلەر ياشىغان»[79]. بۇنىڭغا ئاساسەن بەزى تارىخ تەتقىقاتچىلىرى «قەشقەرنىڭ قەدىمكى ئاھالىسىنى ‹ساكلار› دەپ ئاتاشقا بولىدۇ»[80] دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
/ ~8 o9 i) U, E3 c, Gبۇ يەردە تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بەزى ئارخېئولوگلار «توققۇزساق»، «ئېكساق»، «ساقساق» قاتارلىقلارنىڭ قەدىمكى ساكلارنى ئەسلىتىدىغان يەر ناملىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتسە[81]، بەزى تارىخشۇناس ئالىملار «تارىم ۋادىسىدىكى ‹ساقساق›، ‹بەيساق›، ‹ئېكساق›، ‹ئوغۇساق›، ‹سوزاق›، ‹توققۇزاق› ۋە ‹ساكا› قاتارلىق جاي ناملىرى ساك ئىبارىسى بىلەن ئالاقىدار بولغان»[82] دەپ كۆرسەتكەن. بەزى تەتقىقاتچىلار قەشقەردىكى «ئوغۇساق»، «توققۇزاق»، «قونساق»، «ئېكساق»، «بەيساق» قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى بىۋاسىتە قەدىمكى ساكلارغا باغلاپ چۈشەندۈرسە[83]، يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار «ھازىرقى قەشقەر، ئاتۇشلاردا ساك نامى بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرى ھېلىھەم مەۋجۇت. مەسىلەن: ‹ئېكساق›، ‹بەيساق›، ‹ئوغۇساق›، ‹تۆگە ساق›، ‹قۇمساق›، ‹توققۇزاق› قاتارلىقلار. مانا بۇلارنى ساكلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايىنىڭ نامى ياكى قەبىلىلىرىنىڭ نامى دېيىشكە بولىدۇ»[84] دەپ يەكۈنلەيدۇ.! T& U$ b3 {. ~% J
يۇقىرىدىكى بايانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەشكىل قىلغۇچى ساكلار قەدىمكى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، يۇرتىمىزدىكى تەبىئىي شارائىتى ياخشى، ئوت-سۈيى ئەلۋەك يەرلەرنى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان. تەدرىجىي يوسۇندا يېڭى يۇرت-كەنتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، بىر-بىرىنى ئىزدەپ تۇرۇش، ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنىڭ نىشانىسى سۈپىتىدە ‹ساك› نامىنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يۇرت-ئايماقلىرىغا قوشۇپ ئاتىغان. ئۈزۈلمەس يىللارنىڭ چاڭ-توزانلىرى بۇ يۇرت-ئايماقلاردا قانچىلىغان شارائىت ئۆزگىرىشى پەيدا قىلغىنىدەك، نام-ئاتالغۇلاردىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلغان. «ئېكساق» دېگەن نامنىڭ ئاساسى بولغان «ئىككى ساك» بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ، ئولتۇراقلاشقان تۇنجى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ پېشۋاسى بولغان «ساك»لارنىڭ ئىككى ئائىلىلىك ياكى ئىككى جەمەت ياكى ئىككى قوۋم ئىكەنلىكىدەك باشلىنىشتىن دېرەك بەرسە، «بەيساق» دېگەن نامنىڭ ئاساسى بولغان «بەگ ساك» يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئائىلە، جەمەت ياكى قوۋم ئاساسىدا كۆپەيگەن ساكلارغا «بەگ» بولغانلار ئولتۇراقلاشقان يەنە بىر قەدىمكى كەنتتىن دېرەك بېرىدۇ [85].
7 q, B/ f. H8 _, L1 mبۇ يەردە يەنە تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى «ساك» ئىبارىسىگە مۇناسىۋەتلىك «ئېكساق» ۋە «بەيساق» ناملىرى بىلەن ئاتالغان كەنتلەرگە يانداش جايلاشقان «دېھقانلار» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر كەنت بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ يىلتىزى بولغان «دېھقان» دېگەن سۆز سوغدىلاردا «چوڭ يەر ئىگىسى» دېگەن مەنىدە[86]  قوللىنىلىدۇ. سوغدىلارنىڭ «مەركىزى ئاسىيا تۇران-ساكلىرىنىڭ ئامۇ-سىر دەريا ئارىلىقىدىكى مۇھىم ئېتنىك تۈركۈمى سۈپىتىدە مىلادىيەدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىرونزا ۋە ئىپتىدائىي تېرىقچىلىققا قەدەم قويغان»[87] ھەم كېيىنكى مەزگىللەردە تەڭرىتاغ ئېتەكلىرى، جۈملىدىن قەشقەرگە كۆچكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنسا، يۇقىرىدىكى قاراشلارنىڭ تارىخىي رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ئايان بولىدۇ، ئەلۋەتتە.0 v7 I7 S! S4 F6 k& y% M; F9 X
شۇڭا بىز چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى «ئېكساق» ۋە «بەيساق» قاتارلىق يەر ناملىرىنى  قەشقەردىكى «ئوغۇساق»، «ئىنساق»، «تۆگەساق»، «قۇمساق»، «سوزاق»، «توققۇزاق» قاتارلىق قەدىمىي يۇرت ناملىرى بىلەن بىر قاتاردا «ساك»لار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمىز.* k$ ]# B  X9 c: N2 C# `/ [1 }
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. _3 M" E' ]8 d+ M# b/ E1 Q+ u/ f
ئىزاھلار:( @. r+ j% I0 m3 p! @& }) L
[1] قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن: «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى » 108-بەت. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2001-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.* ^( w1 Z3 r" [6 L0 E
[2] «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامە» 46-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1981-يىلى نەشرى." ]; N" J8 h1 ~6 M- G$ K) K
[3] ئوكيانۇس» 1-توم، 1699-بەت.! S/ L% p0 J- {/ T' M9 i
[4] ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» 370-371-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.: I& o/ ^% l! _
[5] «يېڭى تاڭنامە» 217-جىلد. قوشۇمچە «قارلۇق تەزكىرىسى».
, Z5 `- v' w% V+ _[6] «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىلى نەشرى.
, |4 o2 w- e# w[7] «يېڭى تاڭنامە» 217-جىلد، قوشۇمچە «قارلۇق تەزكىرىسى».
% o; _& R; ?3 Y5 U+ _[8] «كونا تاڭنامە» 195-جىلد، «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى».
3 x) i5 b% A# m  ?% s8 O2 X[9] «يېڭى تاڭنامە»نىڭ «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى».- Q/ R+ F/ p: G; j! [
[10] ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» 373-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
; N0 x3 r4 Z" K) Z. F/ z[11] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» (قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا نەشرگە تەييارلانغان كوللېكتىپ ئەمگەك). «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» 157-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
8 d) W' [1 z7 ~/ \  l[12] «جۇڭگودىكى مىللەتلەر تارىخى» 2-قىسىم، 66-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1990-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
8 \6 m# t1 R9 d8 w: P& B[13] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» (ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى تەييارلىغان كوللېكتىپ ئەمگەك) 55-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
" a5 W, X, a' U5 l[14] گىروسسېت (فىرانسىيە): «بوز قىر ئىمپېرىيەلىرى» 133-بەت. چىڭخەي خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى خەنزۇچە نەشرى.6 x4 p; M- S; e6 u: X
[15] ئابې تاكېئو (ياپونىيە): «غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» 117-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
) u& h5 L# @6 ~& M[16] خۇا تاۋ: « Ⅷــ Ⅹ ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» 17-بەت.  قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2003-يىلى نەشرى., ]; S6 t  E; R6 R  }
[17] «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» 118-، 119 –بەتلەر. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىلى نەشرى.! @4 K- l& T' K  `$ x+ ~
[18] خۇا تاۋ: « Ⅷــ Ⅹ ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» 18-بەت.  قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2003-يىلى نەشرى.- y0 R1 D8 i5 R, t+ O5 K: l, F6 D
[19] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» (قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا نەشرگە تەييارلانغان كوللېكتىپ ئەمگەك). «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» 153-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى., `+ y2 A  `# O) g9 c& _
[20] «جۇڭگودىكى مىللەتلەر تارىخى» 2-قىسىم، 57-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1990-يىلى خەنزۇچە نەشرى.8 c7 U( y  z" L" f. k. f% n# e" N
[21] ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» 376-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
3 m, R, p2 W! L  _4 F[22] «يېڭى تاڭنامە»نىڭ «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»گە قوشۇمچە قىلىنغان «قارلۇقلار تەزكىرىسى»گە قاراڭ.
- n1 C3 K" n$ M! H" G% r: x# H" h[23] «يېڭى تاڭنامە»نىڭ «تۈركلەر تەزكىرىسى»گە قوشۇمچە قىلىنغان «تۈركەشلەر تەزكىرىسى»گە قاراڭ.
$ z  q& x$ }' b3 n[24] ئابې تاكېئو (ياپونىيە): «غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» 117-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى خەنزۇچە نەشرى.1 G+ F. l1 R) v/ q
[25] «جۇڭگودىكى مىللەتلەر تارىخى» 2-قىسىم، 57-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1990-يىلى خەنزۇچە نەشرى.# R! Z" [5 y. J. v* B
[26] ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» 367-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى. «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» 153-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
) q; _- D' \- }8 Y[27] گىروسسېت (فىرانسىيە): «بوز قىر ئىمپېرىيەلىرى» 141-بەت. چىڭخەي خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى خەنزۇچە نەشرى.7 s  O- k- Z  I" U( Z
[28] ۋ.ۋ.باتولد (رۇسىيە): «يەتتە سۇ تارىخىي ئوچېرىكلىرى» 25-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.% o; D/ W+ f7 a7 ?
[29] ئەنۋەر بايتۇر. خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» 377-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.' c- B( O- j' e4 t  D& u
[30] س.گ.كىلياشتورني: «غەربىي يۇرتتىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ تارىخى» (قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن 1988-يىل نەشر قىلىنغان). «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» 490-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.9 G3 q9 Q0 m1 X# m6 B2 s0 e- ?
[31] «ھۇدۇدۇلئالەم» (ئابلەت نۇردىن تۈزۈپ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخا) 123-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2003-يىلى نەشرى.
+ H1 k, Q: M3 J0 |. u[32] پەرھات جىلان: «11-ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» 3-توپلام. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
$ U' P" N" m- x7 s[33] «تۈركىي تىللار دىۋانى» (كىرىش سۆز)، 3-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
7 O+ |) K- U2 b1 o[34] يۇقىرىدىكى ئىزاھ بىلەن ئوخشاش.4 L4 X. m" d0 V4 [8 k
[35] مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم 37-38-بەت. شىنجاڭ خەلق  نەشرىياتى 1981-يىلى نەشرى.
" U5 L# Q- D( Q5 I1 e[36] «تۈركىي تىللار دىۋانى» (كىرىش سۆز) 3-بەت.$ W9 d; V4 J6 \# M( I
[37] مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، 618-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى نەشرى.
! v7 w9 _# g$ {- i) o[38] ئىمىن تۇرسۇن: «قارلۇق توغرىسىدا»، «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» 3-توپلام. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.. E' M( X( w& D5 d3 F/ f
[39] لىن گەن، گاۋ زىخۇ: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» 192-بەت،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
  ~; V' y1 s( ~2 \+ P[40] شەرپىدىن ئۆمەر: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار» 300-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
) @6 R1 _# @- r- O, i" J[41] مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1–توم، 89-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.$ O3 V! U2 q) m, J2 S! N9 g
[42] «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 1996-يىل 3-سان 53-بەت.* \! h6 _6 q2 e. X1 b
[43] غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىقلار: «قازئېرىقتا مائارىپ ۋە سەنئەت»، «قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى» 4-توپلام.
! q7 W4 P1 A& W& \[44] مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 3-توم، 30-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984-يىلى نەشرى.4 Z+ ?4 z& ?' k7 e
[45] يۇقىرىدىكى كىتاب، 1-توم 33-بەت.
( a/ e* I! N# n+ L! O[46] يۇقىرىدىكى كىتاب، 1-توم 651-بەت.7 r9 O- c3 A  U  \
[47] ئادىل مۇھەممەد تۇران: «قەشقەردىكى قەدىمىي ئىزلار» 24-بەت. شىنجاڭ خەلق  نەشرىياتى 2001-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
$ P9 P6 F1 K% q/ |[48] ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ  تارىخى» 385-بەت.  مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى." I* \) o- u. z8 T' |2 a4 N
[49] يۇقىرىدىكى  كىتاب، 384-بەت.4 h. B) j4 t  H) C8 j6 \4 P; p& [
[50] «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى، جىننامە، سۇڭنامە» 418-بەت، 676-بەت. شىنجاڭ  خەلق  نەشرىياتى 2001-يىل  ئۇيغۇرچە نەشرى.9 k: v7 ^+ _* W0 E2 Y
[51] «سۈينامە»نىڭ «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»گە قاراڭ.* b) G+ E" \8 u% l6 e, W  p$ R
[52] «كونا تاڭنامە»نىڭ  «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»گە قاراڭ.& K; h( y7 v2 {% P
[53] چىن جۇڭمىيەن: «تۈرك تارىخى توپلىمى» 1-توم، 867-870-بەتلەر. (ئەنۋەر بايتۇر خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» 385-بەت. مىللەتلەر  نەشرىياتى 1991-يىلى نەشرى).
7 [8 G$ X4 s1 x9 j$ A) ]( `[54] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 99-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى.
+ t$ O5 T; T5 N1 J" |  H1 j( ]: ~5 _[55] ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە» 500-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1990-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
- R% A0 S! |3 g& g[56] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 100-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى.
& U) l. Q) O) r3 |[57] «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تالانما» 1983-يىلى نەشرى., t; y8 k$ p) q' ]$ `/ `' T7 H
[58] خۇا تاۋنىڭ «Ⅷ ــ Ⅹئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسىرىنىڭ 242-بېتىدە  كەلتۈرگەن نەقىلدىن ئېلىندى –ئاپتور.$ q( j- h: Q( n
[59] مەسئۇدى: «ئالتۇن يايلاق» (312-پەسىل) خۇا تاۋ: «Ⅷ ــ Ⅹئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» 258-بەتكە قاراڭ.
/ i' g7 b; z. ^6 f. T7 J/ e[60] «ھۇدۇدۇلئالەم» (ئابلەت نۇردىن تۈزۈپ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخا) 116-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2003-يىلى نەشرى.
+ H% k  f# @: e! A# S[61] ۋاڭ جىلەي: «‹ھۇدۇدۇلئالەم›نىڭ خەنزۇچە نەشرىگە كىرىش سۆز».1 t$ x' o$ U6 m: |( X6 G
[62] ئابى تاكېئو (ياپونىيە): «غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» 300-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى خەنزۇچە نەشرى.2 T& I) d5 U; c" r! O) y
[63] مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، 77-79 بەتلەر. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى نەشرى.; s9 g2 P2 N0 y3 o0 L5 u3 a
[64] يۇقىرىدىكى ئىزاھ بىلەن ئوخشاش.: o6 G8 ~9 g5 o5 k
[65] «تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى يىللىقى» 180-بەت. تۈرك تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتى نەشر قىلدۇرغان كىتاب، ئەنقەرە، 1959-يىل تۈركچە نەشرى.
& K* v2 v$ d5 q( W9 r/ C[66] «تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى يىللىقى» 23-بەت. تۈرك تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتى نەشر قىلدۇرغان كىتاب، ئەنقەرە، 1959-يىل تۈركچە نەشرى.: q3 B5 G/ O0 D, R$ S0 h6 t# w
[67] ئابدۇبەسىر شۈكۈرى: «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىكى ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئۇرۇقلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2006-يىل 1-سان.
9 d( t7 @3 e: q1 y5 P; ^; a# H[68] تۇنجەر بايقارا: «تۈرك مەدەنىيىتى» 422-بەت. ئىستانبول، 1903-يىل تۈركچە نەشرى.
; J+ @' U* U" ?3 r$ _! ~[69] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ بۇ سۆزى «‹ئېكساق› ۋە ‹بەيساق› يۇرت ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن. مۇستاپا مۇھەممەد  قاتارلىقلار: «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى گۆھەر زېمىن» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2007-يىلى نەشرى.% W6 F! p% K! E5 f
[70] ب. گ غاپۇرۇپ: «تاجىكلار تارىخى» 1-كىتاب، 41-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىلى نەشرى.
; {5 m: \+ d: t[71] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 404-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى.
8 S6 ]4 I: f9 V7 R. z2 Z[72] ئەسەت سۇلايمان: «تۇران بىلەن ئىراننىڭ دىيالوگى»، «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» 151-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى نەشرى.' \( i' T* ?% P: n
[73] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 84-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى." d) j) t6 Y' o, n( R
[74] «ئوتتۇرا ئاسىيا ئات ئۈستى مەدەنىيىتى» 21-، 22-بەت. جېجياڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى خەنزۇچە نەشرى.4 g) R' ~1 S! v4 M' b
[75] قۇربان ۋەلى: «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» 31-بەت. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1986-يىلى نەشرى.
2 G( {. A2 a$ l( V[76] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 84-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى.  I& k% Y4 U: D! m: c9 A- r
[77] جىيەن بوزەننىڭ بۇ سۆزى «‹ئېكساق› ۋە ‹بەيساق› يۇرت ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن. مۇستاپا مۇھەممەد  قاتارلىقلار: «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى گۆھەر زېمىن» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2007-يىلى نەشرى. 3 m2 x# w1 F+ S
[78] بەن گۇ: «خەننامە» (24 تارىختىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ــ 2)نىڭ 96-جىلد «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»گە قاراڭ، 865-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى نەشرى.
" V- p3 v* k1 ]$ {+ l/ g. ~[79] «قەشقەر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» 2-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010-يىلى نەشرى.
$ R0 Z7 ?: I2 A. f2 e[80] ئادىل مۇھەممەد تۇران: «ساكلارنىڭ قەشقەردىكى تارىخىي ئىزلىرى»، «قەدىمكى قەشقەرنىڭ تارىخ-جۇغراپىيەسى» (1) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2001-يىلى نەشرى. $ y; a, m. B0 q; k. G9 v3 b
[81] قۇربان ۋەلى: «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» 182-بەت. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1986-يىلى نەشرى., ?. o3 t: _5 r. B: O3 K3 ^9 K
[82] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 84-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى.
3 A9 D$ d$ G  Z, Z# J8 @& b[83] ب. گ غاپۇرۇپ: «تاجىكلار تارىخى» 1-كىتاب، 40-بەتتىكى تەرجىمە تەھرىر ئىزاھاتى. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىلى نەشرى.0 G" f. W+ x' t% m. Z
[84] ئادىل مۇھەممەد تۇران: «ساكلارنىڭ قەشقەردىكى تارىخىي ئىزلىرى»، «قەدىمكى قەشقەرنىڭ تارىخ-جۇغراپىيەسى» (1) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010-يىلى نەشرى.' n1 a! B% w: ?$ h* l9 S
[85] «‹ئېكساق› ۋە ‹بەيساق› يۇرت ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا»، مۇستاپا مۇھەممەد  قاتارلىقلار: «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى گۆھەر زېمىن» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2007-يىلى نەشرى.
1 r2 C$ Z# J6 `5 e) p! ?# y[86] «ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى» 608-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 2007-يىلى نەشرى.
; D% {: x9 h7 S3 t1 i, A[87] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «سوغدىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» 460-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى نەشرى.2 ]- i; p: G+ u. c9 P* v% J

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 11:32:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتور ئىسىمى يېزىلماپتۇ. تولۇقلاپ قويۇڭ!

ۋاقتى: 2014-2-15 11:42:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىزنىڭ «قەشقەر مەدەنىيتى» ژورنىلىغا بەرگۈدەك ئەسەركەن

ۋاقتى: 2014-2-15 12:42:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

# r, d9 J# w8 Z+ P) Y مۇشۇنداق يەر ناملىرى توپلۇنۇپ بىر كىتاب يېزىلىشى كېرەككەن...!

ۋاقتى: 2014-2-15 21:32:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد ئىمىن تۇغلۇق ئۇكام، ‹‹چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلە ناملىرىغا مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى››ھەققىدە بەرگەن  ئۇچۇرلارنى ئىلمى ئاساسى بار پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپسىز.بۇ ماقالىڭىزدا، يىگىرمە ئوتتۇز يىل ئوقۇپمۇ ئىگەللەپ بولالمىغىدەك بىلىملەرنى ئىپادىلەپ بىرىپسىز.مەن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم.رەھمەت ئۆزلىرىگە.

ۋاقتى: 2014-2-16 01:04:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىرياللىق قىممىتى بار، دەللىرى مۇستەھكەم ئىلمىي ئەسەر ئىكەن.كەمىنە چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى ياۋا مەھەلىسىدىن بولغىنىم ئۈچۈن «ياۋا» نامى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان، قارشىمىز ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-16 07:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھام1 ئەپەندى، سىز «ياۋا» مەھەلىسىدىن ئىكەنسىزدە، پەخىرلەنسىڭىز بولغىدەك!

ۋاقتى: 2014-2-16 11:46:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 11:32 7 t* L4 X2 J: p" r
ئاپتور ئىسىمى يېزىلماپتۇ. تولۇقلاپ قويۇڭ!
; \& `' Q/ m4 e8 h4 K& j9 C( @
ئاپتور ئىسىمىنى قوشۇپ قويۇڭە!  پايدىلىنىدىغانلارغا قولايلىق بولىدۇ.

ۋاقتى: 2014-2-16 12:30:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكىت دەلىلىلىرى تولۇق ،ئىلمىيلىكى يۇقىرى ماقالە بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2014-2-17 13:31:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 11:46 ) v7 \1 X. q& h! o
ئاپتور ئىسىمىنى قوشۇپ قويۇڭە!  پايدىلىنىدىغانلارغا ق ...

; d4 z0 {$ q# G+ X2 W! xئاپتۇرنىڭ ئىسىمى-ئاتىسى: مۇھەممەدئىمىن قۇربان تەخەللۇسى: تۇغلۇق

ۋاقتى: 2014-2-17 13:33:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ئاپتۇرنىڭ يېقىندا نەشىردىن چىقماقچى بولغان « چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكان بەشكېرەم» نامىلىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن.

ۋاقتى: 2014-2-17 13:54:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتىدا مەسىلىلەرگە سوغۇققان پۇزىتسىيەدە بولۇش، ئىلمىيلىككە دىققەت قىلىش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش تولىمۇ موھىم مەسىلە. بۇ ھەم تەتقىقاتچىنىڭ ئىستىلىغا بېرىپ تاقىلىدىغان نوقتا. ئۇستازىم مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق بۇ جەھەتتە كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. قۇرۇق ھاياجان، تەتقىقاتچىنىڭ بىر تەرەپلىمە سوبىكتىپ قارشى ئاخىرقى ھېسابتا تەتقىقات ئوبىكتى ۋە سوبىكتىنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز  ئىزا-ئاھانەتكە قويىدۇ. ئىلمىي خاتالىققا يول قويۇش دېگەنلىك مەنچە مەدەنىيەت جاھانگىرلىكىدىن پەرىقسىز. ئۇستازىم تولىمۇ تىرىشقان، تولىمۇ سوغۇققان ئادەم. قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ھەر ئىشتا مۇشۇنداق ھەر ئىشتا ھېسىياتقا ئەمەس، ئەقىلگە تايىنىدىغان زاتى مۇبارەكلەردىن بولۇشىنى تېلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش