يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1962|ئىنكاس: 10

قەشقەرنىڭ ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى مائارىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەشقەرنىڭ ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى مائارىپى


    ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا قاراخانىيلار دەۋرىدە ئېتىقاد قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا «ئىسلامىيەت دەۋرى» دىن ئىبارەت بىر سەھىپە ئېچىلدى.
    قەشقەرنىڭ ئىسلاملىشىشى بىلەن قەشقەر مائارىپى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاساسىي بەلگە قىلدى ۋە شۇ ئاساستا مىڭ يىلدىن كۆپرەك ئۇزاق تارىخ مۇساپىسىدە تەرەققىي قىلدى. زامانلار مابەينىدە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى، بولۇپمۇ قەشقەر مائارىپى ھەققىدە نۇرغۇن ئەسەرلەر، تەتقىقات ماقالىلىرى يېزىلىپ، نۇرغۇن سەھىپىلەردە بىر مۇنچە پاكىتلار سۆزلەندى. يەنە نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار يازغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخ، مائارىپ ھەققىدىكى كىتابلاردا قەشقەردە ياشاپ، ئوقۇپ، ئىجادىيەت ۋە ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولغان ئالىم - ئەدىبلەرنىڭ ھايات مەنزىللىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، بۇ زاتلارنىڭ قەشقەردىكى مائارىپ ئوچاقلىرى بولغان مەكتەپ - مەدرىسلەردە ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇ مەكتەپ - مەدرىسىلەرنىڭ تارىخىي ئورنى، ئىلىم قۇۋۋىتى، شانلىق تۆھپە - نەتىجىلىرى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ كەلدى.
قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دەۋرى بولۇپ بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدا تۇرغانىدى.
قاراخانىيلار دەۋرىدە شىنجاڭدا بۇددا دىنىنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنى ئىگىلىگەن بولۇپ ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ شۇ دەۋردە دۇنيادا ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەت سانالغان ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى شىنجاڭ مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. قاراخانىيلار مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياۋى مەدەنىيەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى شۇ دەۋردىكى مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئەلۋەتتە.
10 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، قاراخانىيلار ئۆز زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن تېرىتورىيەسى ئىلگىركىدىن كېڭىيىپ، شەر*قتە بۈگۈردىن تارتىپ، غەربتە ئارال دېڭىزىغىچە، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن تارتىپ، جەنۇبتا قارا قۇرۇم، كوئىنلۇن تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالدى، بۇنىڭ بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقى ئۆز دائىرىسىدىكى بۇ كەڭ ماكاننى ئۈنۈملۈك تۈردە باشقۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي خاقانىيەدىن باشقا شىمالىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىنى ئىككى چوڭ رايونغا ئاجرىتىپ، خاندانلىققا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىدىغان «ئىلىك خان» تۇرغۇزدى.
قاراخانىيلار خانى سۇتۇق بۇغراخان مىلادىنىڭ 955 - يىلى ئاتۇشتا ۋاپات بولغاندىن  كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مۇسا ئارىسلانخان تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاتىسىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى.
ئۇ، پۈتۈن خانلىقنى ئىسلاملاشتۇرۇش كۈرىشى جەريانىدا، بالاساغۇن، سۇياپ ۋە ئىسسىق كۆلنىڭ شەر*قىي تەرىپىدىكى قارلۇقلار، ياغما ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنى، شۇنىڭدەك كۆچمەن تۈ*ركلەردىن 200 مىڭ ئۆيلۈكنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن شىمالىي ئۇقراق، توخسى تۈ*رك قەبىلىلىرى ئېسيان كۆتۈرۈپ، قاراخانىيلار خاندانلىقىغا قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تارىم ۋادىسىدا بويسۇندۇرۇش - قارشىلىق كۆرسىتىش ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي كۈرەش ئۇزاق مۇددەتكىچە داۋاملاشتى.
پەقەت مۇسا ئارىسلان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلىغاندىن تارتىپ، ئىنسانلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم تۈ*ركى خەلقلەرنىڭ «ئىسلام خاندانلىقى» تارىخى باشلاندى.
قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن خانلار ئىچىدە مۇسا ئارىسلانخان ئەڭ بىلىملىك سىياسەتچىلەردىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، ھاكىمىيەتنى قوغا ئالغاندىن كېيىنلا، خانلىقنىڭمەركىزى بولغان قەشقەر بىلەن بالاساغۇندا، ئەڭ ئالدى بىلەن خانلىقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئاندىن يېڭى چېگرا رايونلىرىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى.
بۇ جەرياندا، ئەتراپتىكى بىرقانچە ئۇششاق خانلىقلاردىن بويسۇندۇرۇپ، نۇرغۇن ئاھالىلارنى ئۆزىگە قېتىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن خاندانلىقنىڭ مىللىي تەركىبىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىر گەۋدە بولۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى.
لېكىن، قاراخانىيلار خاندانلىق تەۋەسىدە ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇددىزم ۋە مانىخىزم ئاساسىدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىي مائارىپتا غايەت زور چېكىنىشتەك ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى. بولۇپمۇ ئەسلىدىكى دىنلارنىڭ تەسىرى بىلەن بارلىققا كەلگەن مەدەنىي - مائارىپ چەكلىمىگە ئۇچرىدى ياكى ئىسلام ئەقىدىلىرى بويىچە ئىسلاھ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى مەدەنىي - مائارىپقا قارشى ئىسلام مەدەنىي - مائارىپى مەيدانغا كەلدى. نەتىجىدە باشقا دىنىي مەزھەپلەرنىڭ تەسىرىنى تارىم ۋادىسىدىن سىقىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ يادىكارلىقلىرىنى ۋەيران قىلىپ، تارىخىي ئەنئەنىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىسلام مەدەنىي - مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەردى.
قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ بىرلىككە كېلىشى، ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەرەققىياتىدا بىر مۇھىم يېڭى دەۋرنى شەكىللەندۈردى. ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ فېئوداللىشىشىنى ئورۇنداپ، مەدەنىي - مائارىپنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بولۇپمۇ پەلسەپە، لوگىكا، ئاستىرونومىيە، ماتېماتىكا، تىبابەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى مەنزىرىلەر بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدا پورەكلەپ ئېچىلغان قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلدى.
قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆز دەۋرىگە لايىق ئىلىم - پەن ۋە مەرىپەت ئوچىقى بولغان دىنىي مەكتەپلەر بىلەن مەدرىسلەر قۇرۇلۇپ، بۇددىزىمنىڭ ئىبادەتخانىلىرى يېڭىدىن بىخ ئۇرۇپ چىققان ئىسلام دىنى مەرىپەت بىلىم يۇرتلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئەقىدىلىرى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇلۇپ «ئىسلام مائارىپى» شەكىللەندى. بۇ ۋاقىتتىكى دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئۆگىتىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىنسى، ياش ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىم سەۋىيەسى بىلەن ئانچە ھېسابلاشمايتتى. تەكرارلاش ۋە يادلاشنى ئاساس قىلاتتى.
يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار قىش كۈنلىرى پاخال ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ياز كۈنلىرى بورا ئۈستىدە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئوقۇيتتى. ئۈستەلمۇ، دوسكىمۇ كېرەك قىلمايتتى. ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بىرقانچە ساۋاقنى ئېغىزچە يادقا ئېلىشى كېرەك ئىدى. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خەلپەتلەر تەرىپىدىن ئەرەبچە ھەرىپلەرنى ئوقۇتۇش باشلىناتتى. بۇ ۋاقىتتا ھەر قايسى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن كىچىك نېپىز ياغاچ تاختايلىرىغا ئەرەبچە ھەرىپلەرنى بىر - بىرلەپ يېزىپ ئۆگىنەتتى. بىرىنى يادلاپ بولغاندىن كېيىن ئىككىنچىسىگە ئۆتەتتى. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن ھەرپنى تونۇپ بولغاندا، ئاندىن خەلپەتلەر قومۇش قەلەم بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاختايلىرىغا قۇرئاننىڭ كىچىك سۈرلىرىدىن بىرەرسىنى يېزىپ بېرەتتى. مۇشۇنداق قىلىپ، بالىلار بىرنەچچە سۈرىلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇيالايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ھەپتىيەككە كۆچەتتى. بۇ باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلار قۇرئاننىڭ بىر قىسىم سۈرە ئايەتلىرىنى راۋان ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە يېتەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن قۇرئانغا چىقاتتى. بۇ چاغدا ئورۇقۇغۇلاردىن قۇرئاندىن سۈرىلەرنى تونۇپ ئوقۇش بىلەن بىرگە، قىرائەت قىلىشنى ئىگىلەش تەلەپ قىلىناتتى. نۇرغۇن قېتىم خەتمىگە قاتنىشىپ، سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەھۋالغا قاراپ دىنىي ئۇنۋان بېرىلەتتى. بۇ، باشلانغۇچ مەكتەپ خاراكتېرىدىكى دىنىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپ دەرىجىلىك «مەدرىس» لەرگە كىرىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇراتتى. بۇنداق مەدرىسلەردە ئوقۇغۇچىلار «تالىپ»، ئوقۇتقۇچىلار «مۇدەررىس» دېيىلەتتى. ئوقۇلىدىغان دەرسلەردىمۇ ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئەرەب - پارس ئەدەبىياتىنى بەدىئىي ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلام قانۇنلىرىنى شەرھلەش، يۇنان پەلسەپىلىرىنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن تىلشۇناسلىق، تىبابەتچىلىك، ماتېماتىكا، گىرامماتىكا، لوگىكا، مۇزىكا، تەبىئەت ئىلىملىرىگىچە ئوقۇلاتتى.
لېكىن بۇ چاغدا ئوقۇلىدىغان دەرسلەر ئۆز ئانا تىلىدا بولمىغاچقا تالىپلار دەرسنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلمەي ئاۋارە بولاتتى. بىراق قۇرئاننى ئەرەبچە ئوقۇش شەرت قىلىنغاچقا، دىنىي ئېتىقاد يۈزىسىدىنلا بېرىلىپ ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈشى ئوخشاش بولمايتتى. شۇڭا ھەربىر تالىپ مۇدەررىسلىرىنىڭ ئالدىغا بىر - بىرلەپ يالغۇز بېرىپ ئالدىنقى كۈندىكى دەرسنى تەكرارلاپ ئوقۇپ، ئاندىن يېڭى دەرس ئالاتتى. تولۇق ئۆزلەشتۈرەلمىگەن بولسا تەنقىد ياكى تەن جازاسىدىن «پالاق» ئۇرۇش ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، قايتا پۇختا تەييارلاش تاپشۇرۇلۇپ، خەلپەت يەنە ئۆگىتەتتى.
بۇنداق ئالىي بىلىم يۇرتى شەكلىدىكى مەدرىسلەردە، ھەربىر مۇدەررىس ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس بىر دەرسخانا بولۇپ، تالىپلار نۆۋەت بىلەن كىرىپ، ھالقا شەكلىدە دائىرە بولۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دەرس ئالاتتى. قايتقاندىن كېيىن ئۆز «ھۇجرا» لىرىدا تەكرارلايتتى. ھەربىر مۇدەررىس ئۆز ئىلكىدىكى تالىپلارنى باشقۇراتتى. تالىپلىرى كۆپرەك بولغانلىرى دەرس ئۆزلەشتۈرۈشنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن قول ئاستىدىكى سەۋىيەسى باشقىلاردىن ئۈستۈنرەك، يېشى ھەم باشقىلاردىن چوڭراق تالىپلاردىن بىرسىنى ساۋاقداشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە بەلگىلەيتتى. ئۇلارنى «ياردەمچى ساھىب» دەپ ئاتايتتى، شۇنىڭ بىلەن ساھىبلارنىڭ باشقۇرۇشىدا، تالىپلار كۈن بويى ھۇجرىلىرىدا ئولتۇرۇپ، دەرس تەييارلايتتى. تالىپلار بىرەر زۆرۈرىيەت بىلەن سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، «ئەدەب» دەپ سورىشى كېرەك ئىدى. رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن، مۇدەررىسلەر تەرىپىدىن تەييارلاپ قويۇلغان سىرتقا چىقىش «تاختىيىنى» ئېلىپ چىقىپ، قايتقاندا جايىغا ئېسىپ قوياتتى. تاختا قايتىپ كىرمىگەن بولسا كۈتۈپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرسى قايتىپ كىرگەندە ئىككىنچىسى چىقىشقا بولاتتى. قالايمىقان چىقىپ - كىرىش چەكلىنەتتى. كەچتە مۇدەررىسلەر رۇخسەت قىلغاندىلا ئاندىن ئائىلىسىگە قايتىشقا بولاتتى ياكى دەم ئېلىشقا يول قويۇلاتتى.
كۆپلىگەن مەدرىسلەردە، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن ياكى باشقا رايون، شەھەرلەردىن كەلگەن تالىپلار ھۇجرىدا قونۇپ ئوقۇيتتى. تاماقلىرىنى ئۆزلىرى ئېتىپ يەيتتى. ۋەخپە يەرلىرى بار مەدرىسلەر جۇغلانغان كىرىمدىن تالىپلارغا مەلۇم مىقداردا ئاشلىق بۆلۈپ بېرىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەنە ئاساسلىق تالىپلار پۈتۈنلەي ئۆزلىرىگە يۆلۈنۈپ ئوقۇيتتى. شۇنداقلا، بۇنداق دىنىي مەكتەپ، مەدرىسلەرنىڭ خەلپەتلىرى، مۇدەررىسلىرى ئومۇمەن ئوقۇغۇچى، تالىپلارنىڭ تەقدىم قىلغان نەرسىلىرى بىلەن تەمىنلىنەتتى. كۆپىنچە ئۇلار بىرەر دەرسلىكنى ئوقۇپ تامالىغاندىن كېيىن، ياكى ئىكككىنچى دەرسلىكنى باشلىغان چاغدا، بىلىم دەرىجىسىگە قاراپ پۇل ياكى كىيىملىك تەقدىم قىلاتتى. ھېيىت - بايرام كۈنلىرى ئۆزلىرى تاپالىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەرنى ياكى باشقا ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئايرىم ھەق بېرىلمەيتتى. پەقەت ئۇلار «پەيشەنبىلىك» كە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ۋەخپە يەرلىرى بار بەزى مەدرىسلەر ئۆزىنىڭ كىرىمىنىڭ بىر قىسمىنى بۆلۈپ بېرەتتى. «قەشقەردىكى 15 مەدرىسنىڭ ۋەخپە كىرىمى 130 مىڭ چارەك ئاشلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن مۇدەررىسلەرگە ئىش ھەققى» ھېسابىدا ئاشلىق تەقسىم قىلىپ بېرەتتى.
بۇ ۋاقىتتا قۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان دىنىي مەكتەپ، مەدرىسلەرنىڭ بىر قىسمى يېڭىلىققا تەلپۈنگۈچى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر تەرىپىدىن ياكى بايلار تەرىپىدىن پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ بىلىملىك قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئىقتىسادلىرى بىلەن سېلىنغانىدى. قالغانلىرى مەسچىت قارمىقىدىكى ۋەخپە يەرلەرگە مەھەللە خەلقلىرى تەرىپىدىن سېلىنغانىدى. لېكىن ئۇلار پۈتكەندىن كېيىن، ئۆز تەۋەلىكىدىن فېئودال ئاخۇنلار، باي سودىگەرلەر ئىگىدارچىلىق قىلىپ باشقۇراتتى. يەنە تەر تۆككەن كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرى ئۆزلىرىدىن ئېشىنالمايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇيالمايتتى. پەقەت كۆپچىلىكنىڭ ئىشىك، پەنجىر يوچۇقلىرىدىن ياكى مال بېقىپ يۈرۈپ ئاڭلىغانلىرىدىن ئۆزلىرى ئۆگەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەھەللىۋى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان دەسلەپكى دىنىي مەكتەپلەر خاندانلىق تەۋەسىدىكى ياش غۇنچىلارنىڭ ئەرەبچە ساۋادىنى چىقىرىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغانىدى. دىنىي تەبەقىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا، «ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن ئەرەب يېزىقى ۋە تىلىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا تېز تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن قۇرئاندىن باشقا ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ھەرخىل كىتابلارنى ئوقۇش ھەمدە ئۇلاردىن خىلمۇخىل بىلىملەرنى ئېلىش» كەڭ يولغا قويۇلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ مەدرىسلەر شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرى بىلەن بىرگە، دۇنياۋى ئىلىملەرنىمۇ تارقىتىش ئوچىقى بولۇپ قالدى.
ئىسلام مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئارقىسىدا «ئىسلام دىنىي تەسىرىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئۇزاق ئۆتمەي قاراخانىيلار خاندانلىقى ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجىي ئەمەلدىن قېلىشقا يۈزلەندى. 10 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەرەب يېزىقى پۈتكۈل قاراخانىيلار تېرىتورىيەسىدە ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلاپ، 15 - ئەسىرگە كەلگەندە «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىدا ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەپ، تۈ*ركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەن بىردىن بىر يېزىققا ئايلاندى»
قاراخانىيلار دەۋرىدە ئەرەب تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كەڭ خەلق ئاممىسى قاراخانىيلار جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا تۈ*رك تىلى بىلەن ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى تۈ*ركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن تىرەن تەپەككۇر، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئەدەبىي تىلى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، «تۈ*رك تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك تەڭ چېپىپ» ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايىش قىلدى.
دېمەك، قاراخانىيلار ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان مەزگىللەردە تۈ*ركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان «قەشقەر تىلى» ئۆزىنىڭ گۈزەل تىل بايلىقى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىجادىي ئەمگىكى ئارقىلىق تۈ*ركىي خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان ئاتاقلىق ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ زاماندىشى بولغان بۈيۈك مۇتەپپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق مەرىپەت ئىگىلىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكى كۆرۈنۈشلىرىنى، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش پائالىيەتلىرىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولغان مەشھۇر «شاھ» ئەسەرلىرىنى يارىتىشنىڭ قىممەتلىك تىل ئاساسى بولۇپ قالدى.
قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە، تېررىتورىيەسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىدە يۈكسۈلۈشلەر بارلىققا كەلدى. ئىلگىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن قەبىلىلەر تەدرىجىي ھالدا شەھەر، يېزا - قىشلاقلاردا ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە يەرلىك سانائەت كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزاق - قىشلاقلار بىلەن كۆچمەن چارۋا رايونلىرى ئوتتۇرىسىدا تاۋار ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ كەڭ يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە، سانائەت شەھەرلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، قاتناش يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشى، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرتىپكە چۈشۈشى خاندانلىقنىڭ سودا - سېتىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاۋات شەھەرلەر مەركەزلىكىدىكى فېئوداللىق ئىگىلىكىنى جانلاندۇردى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. نەتىجىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىجتىمائىي ئىگىلىك تەرەققىيات تارىخىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولغان دەۋرنى ياراتتى. بۇنىڭ بىلەن خاندانلىق ئىقتىسادىي بازىسىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈش بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ گۈللەپ - ياشنىشى، مەدەنىي - مائارىپنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەردى.
11 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا قاراخانىيلار تەۋەسىدە پەن - مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت، مائارىپ - تەتقىقات ئىشلىرى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. شەھەر، قەلئە، مەسچىت، مەدرىس قۇرۇلۇشلىرى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئاۋات چوڭ شەھەرلەر بارلىققا كەلدى. ھەيۋەتلىك نەقىشلەنگەن بىنالار قۇرۇلدى. ھەشەمەتلىك كارۋان سارايلىرى بىنا قىلىندى. مۇكەممەل شىپاخانىلار بەرپا بولدى. مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە تۈرلۈك پەنلەر ئوقۇلىدىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، چوڭ مەدرىسلەر، ئائىلىۋى دىنىي مەكتەپلەر سېلىندى ياكى رېمونت قىلىندى. نۇرغۇن ئالىم - ئۆلىمالار، ئەدىپ - شائىرلار، تىلشۇناسلار، پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، مۇتەخەسسىسلەر، تىۋىپلار، ھەربىي ئالىملار، قانۇنشۇناسلار يېتىشىپ چىقتى.
ئەينى دەۋردە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان گۈزەل قەشقەر ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان، مەرىپەت ئۇچقۇنلىرى يالقۇنجىغان، ئالىي ۋە ئوتتۇرا بىلىم يۇرتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان، خاندانلىقنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە، «ئۇستازلارنىڭ توپلانغان يېرى» دەپ نام ئالغان بىلىم مەركىزىگە ئايلاندى.
مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشى، ئىلىم - پەنگە بولغان تەلپۈنۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بىلىم تەشنالىقىدىكى كىشىلەرنىڭ ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرىغا كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شەر*ق ۋە غەرب بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئىلىم - پەن تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. زور بىر تۈ*ركۈمدىكى زىيالىيلار تەبىقىسى تۈرلۈك مىللەت ئالىملىرى توپلىغان دۇنياۋى ئىلىم - پەن جەۋھەرلىرىنى، ئۆز دەۋرىدىكى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن مەدەنىيەلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا ئىنتىلىشىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر، بالا ساغۇن ۋە سەمەرقەنتلەردە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر خىل تىپتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرىنى قۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئىشلىرى زور قەدەم بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، خانلىق ئالىي ئوقۇش يۇرتى بولغان «مەدرىسەئى ساجىئە» ئۆز دەۋرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتى ھەمدە ھەر خىل پەنلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ مەركىزىي ئوچىقى بولۇپ قالدى. تەرەققىياتىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، خەلقئارادىكى پەننىي دەرسلىكلەرنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، مەرىپەتپەرۋەرلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. دەرس مەزمۇنلىرىمۇ ئۆزگىرىپ، دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن بىرگە چەت ئەل تىلى، يۇنان پەلسەپىسى، ماتېماتىكا، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبيات، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە، تىجارەتچىلىك ھەتتا ئۇرۇش ئىلمى قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىتىشنى يولغا قويدى.
خۇددى مەھمۇد كاشغەرى «تۈ*ركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئالاھىدە ئۆزىنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان ئاتاقلىق مەرىپەتچى ھۈسەيىن ئىبنى خەلپەتكە ئوخشاش بىر قىسىم مەشھۇر ئوقۇتقۇچىلار دىنىي مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشلىقى ۋە كەمسىتىشلىرىگە قارىماي بۇ ئالىي ئوقۇش يۇرتىدا پەننىي دەرسلەرنى ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللاندى ھەم ئىلىم - پەننىڭ قەدىرىگە يېتىدىغان قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەيۋەتلىك گۈزەل كۇتۇپخانىغا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن زىيالىيلار، بىلىم ئەھلىلىرى يىغىلىپ، ئىجتىمائىي پەن ساھەسى بويىچە كەڭ تۈردە ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئېلىپ باردى. تۈرلۈك پەنلەر بويىچە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇردى.
بۇ مەزگىلدە، پەقەت قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىلا، خاندانلىققا بىۋاسىتە قارايدىغان چوڭ مەدرىسەلەردىن «مەدرىسەئى ساجىئە» دىن باشقا، «خانلىق مەدرىس»، جامائەتنىڭ باشقۇرۇشىدا «ھېيىتگاھ مەدرىسى»، «چاسا مەدرىسى»، «لاي پەشتاغ مەدرىسى»، «كەسكەن يار مەدىرىس»، «ساچ مەدىرىسى»، شەخسلەرنىڭ نامىدا «ئەراخان تۆرەم مەدىرىسى»، «تاجى ھېكىم بەگ مەدرىسى»، «دۇغا بەگ مەدرىسى»، «شاپۇلات بەە مەدىرىسى»، «ساقى مەدىرىس»، «توقام مەدىرىسى» قاتارلىق 17 چوڭ مەدرىس بار ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا، غايەز زور شۆھرەت قازانغان بۇ ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرىغا قەشقەر ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا - قىشلاقلاردىن باشقا يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ، قارا شەھەر، ھەتتا قوشنا خانلىقلاردىنمۇ نۇرغۇنلىغان بىلىم ئەھلىلىرى كېلىپ ئوقۇيتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، بولۇپمۇ 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئاتاقلىق خانلىق مەدىرىس بىلەن قازانچا مەدرىسى ئەڭ مۇكەممەل كونا ئوقۇش يۇرتىرىدىن بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى ۋە بىلىمى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللانغانلىقى، دەرس مەزمۇنىنىڭ مۇقىملىقى، ئوقۇش ۋاقتىنىڭ قىش - ياز داۋام قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى بىلەن باشقا مەدرىسلەردىن پەرقلىنەتتى، كۆپىنچە بۇ «خانلىق مەدرىسىدىكى تالىپلارنىڭ سانى 300 دىن ئارتۇق بولاتتى.»
خانىدانلىقنىڭ مەركىزى قەشقەرگە قارايدىغان جايلاردىن - دۆلەتباغ، ئاستىن ئاتۇش، ئوپال، توققۇزاق، ئاۋات، تازغۇن، ياپچان، سەمەن قاتارلىق رايونلار بىلەن بىرگە، قارغىلىق، يەركەن، پەيزىۋات، يېڭىسار قاتارلىق جايلاردىمۇ كەڭ تۈردە مەدرىسەلەر قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 145 دىن ئوشۇقراقى ئاساسلىق ئورۇندا تۇراتتى. قالغان يېزا - قىشلاق، مەھەللىلەردە ئادەتتىكى دىنىي مەكتەپلەر بار ئىدى. لېكىن ئىلىم - مەرىپەتكە ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ تەشنالىقى ئاشقانسېرى، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن زىيالىيلار، چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەتلىك شەھەرلىرىگە بېرىپ ئوقۇشقا، تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولغانىدى.
قەشقەر مائارىپىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقلىرى بار. بۇلاردىن مۇھىمى قەشقەر مائارىپىنىڭ قەدىمىيلىكى، ئۇزاق تارىخ مۇساپىسىگە ئىگە بولغانلىقىدۇر.
10 - ئەسىرلەردىن باشلاپ قەشقەردە ئىسلامىي مائارىپ دەۋرى باشلاندى. بۇ جەرياندىكى ئەڭ دەسلەپكى ئۇستاز ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد سامانىي. ئۇ سۇلتان ساتۇق بۇغراخانغا تۇنجى ئىسلامىي تەربىيەنى باشلاپ، ئۇ ئارقىلىق قەشقەرنى ئىسلاملاشتۇردى، جۈملىدىن ئەينى تارىختا، ئىسلام تەرغىباتى ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىن قەشقەرگە ئاتاقلىق ئالىم - ئۆلىمالار يېتىپ كېلىپ، مەردىسە - مەكتەپلەرنى بىنا قىلىپ، بۇ يەردە مىڭلىغان ئوقۇغۇچى، شاگىرتلارغا تەلىم بېرىپ، نۇرغۇن ئالىم - ئۆلىمالارنى تەربىيەلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر قەدىمدىن تارتىپلا «ئالىملار توپلاشقان ماكان» نامى بىلەن مەشھۇر بولدى.
مىلادىيە 950 - يىللىرى ئوبۇلھەسەن سەئىد ھاتەم، شەيخ سەئىد جالالىدىن باغدادى، ئوبۇل مۇزەپپەر خارەزمى، سۇلتان سەنجەر كاسانى، ئىمام نەسرىدىن، ئىمام ئۇئەينىدىن، ئىمان زوھورىدىن، ئىمام شاكىر قاتارلىق مەشھۇر ئالىملار قەشقەرگە كەلدى؛ مىلادىيە 960 - يىلى داڭلىق ئىسلام ئالىمى، ئىسلام پەيلاسوپى، مەشھۇر مۇدەررىس ئوبۇلھەسەن مۇھەممەد خالمەت قەشقەرگە كېلىپ «قۇرئان كەرىم» دىن تەلىم بەرگەن ۋە ئۇزاق يىل قەشقەردە مۇدەررىسلىك قىلىپ قەشقەردە ۋاپات بولغان؛ خارەزىملىك جارۇللا ئەبۇلقاسىم مھەمۇد بىننى ئۆمەر (ئەللامە) زەمەخشەرى (مىلادىيە 1074 - 1143 - يىللار) قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەردىكى مەردىسىلەردە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق مۇدەررىسلىك قىلغان، ئۇ، شۇ جەرياندا قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن مول تىل ماتېرىياللىرىنى ئىگەللەپ، شۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۆزىنىڭ «مۇقەددىمەتۇل ئەدەپ» (ئەدەپنىڭ مۇقەددىمىسى) ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان.
شۇ زامانلاردا قۇرۇلغان قەشقەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى - «مەدرىسەئى ساچىيە» دە ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ كاشغەرى، سەئىد جالالىدىن باغدادى، ئوبۇلھەسەن خوجا ياقۇپ سۈزۈكى، جامالىدىن كاشغەرى، رەشىد ئىبنى ئەلى كاشغەرى، ئىمامىدىن كاشغەرى كەبى مەشھۇر ئالىملار دەرس ئۆتەتتى.
قەشقەرگە ئىسلام دىنى كىرگەندىن باشلاپ، قەيەرگە ئىسلام دىنى تارقالغان بولسا شۇ يەرگە مەسچىت، مەكتەپ، مەردىسە بىنا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قەشقەرنىڭ ھەممە جايلىرىغا ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ، مەدرىسىلەر بىنا قىلىنغان. ئەينى دەرۋلەردىكى «مەدرىسەئى ساچىيە»، «مەدرىسەئى ھامىدىيە»، «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» قاتارلىقلار قەشقەر ئىسلام ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مۇھىم ئوچاقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارىخى بەك ئۇزۇن. ئەنە شۇ توختىماي ئىلىم نۇرىنى چاچقۇچى بىلىم مەركەزلىرى تارقاتقان ھىدايەت نۇرلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە «ئىلىم - ھېكمەت»نىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتلىق يولى، مەۋجۇت بولۇشىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى، ئىمان - ئېتىقادنى قوغداشنىڭ پاسىبانى، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە راۋاجلىنىشنىڭ رۇخسەتنامىسى ئىكەنلىكىنى، ئوقۇشنىڭ شەرەپ ۋە ئۇلۇغ ئىش ئىشكنەلىكىنى تونۇتتى، شۇڭا قەشقەر خەلقى ئۆز ئەقىدىسىگە مۇۋاپىق ھالدا مەكتەپنى، مەدرىسىلەردىن ئىبارەت ئىلىم - ھېكمەت ئوچاقلىرىنى قەدىرلەپ ۋە ئەزىرلەپ كەلدى.
قەشقەردىكى مەرىسىلەرنىڭ تەمىرىلىرى ھەققىدە نۇرغۇن رىۋايەت - تەزكىرىلەر ۋە ئەل ئىچىگە تارقالغان ۋەقە - ھېكايەتلەر بار. قەشقەردىكى داڭقى بار بۇ مەدرىسىلەرنىڭ بىنا بولۇش تارىخى جەھەتتىن ئېيتقاندا، خانلاردىن «ئابدۇللاخان» نامىغا سېلىنغان «خانلىق مەدرىسە» تەخمىنەن 500 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان بولسا، قەشقەر «ساقىيە مەدرىسىسى» 400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ۋاڭلاردىن يۇنۇس ۋاڭ نامىغا سېلىنغان «ۋاڭلىق مەردىسە»، «تاجى ھېكىمبەگ مەدرىسىسى»، «ئۆمەر ھېكىمبەگ مەدرىسىسى»بەلگىلەردىن قۇربان دورغاپ نامىدىكى «دورغىبەگ مەدرىسىسى» قاتارلىقلار 1850 - يىللاردىن ئىلگىرى ياسالغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ۋاقتى 200 يىلدىن ئاشىدۇ. قەشقەردىكى مائارىپ ۋە ئىلىم - ھېكمەتنى سۆيىدىغان بايلار تەرىپىدىن ياسالغان «ئاخۇنبايۇپلار مەدرىسىسى» (يەنى چارسۇ مەدرىسىسى)، «توقام مەدرىسىسى (يەنى ئابدۇۋەلى باي مەدرىسىسى)»، توختى غوجى ئاتلىق زات سالدۇرغان «كەنجازە مەدرىسىسى»، مەدرىسەئى كەرىمىيە نامىدىكى «قازانچى مەدرىسىسى» قاتارلىقلارمۇ خېلى قەدىم تارىخقا ئىگە. گەرچە بۇ چاغلار ئۆتمۈش كونا جەمئىيەت، فېئوداللىق ئىجتىمائىي تۈزۈم، فېئۇداللىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ھۆكۈم سۈرگەن چاغلار بولسىمۇ، كەڭ قەشقەر ئاممىسى مائارىپقا، ئوقۇشقا، ئىلىم - پەن، ھۈنەر - سەنئەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر بىر مەھەللە، ھەربىر يېزا - كەنت، ھەرقايسى جايلاردا مەسچىت، مەكتەپ، مەردىسىلەرنى قىزغىنلىق بىلەن بىنا قىلىپ، ئۆز ئەۋلادلىرىنى ئىلىم - مەرىپەتلىك كىشىلەردىن قىلىش ئۈچۈن شەخسىي ئىقتىساد، پۇل - پۇچەك، يەر - زېمىن قاتارلىق ۋەخپە - ھەردىيىلەرنى چىقىرىپ، ئۇلارغا قاراشلىق تۈگمەن - سوقا، دۇكان - ساراي، يەر - سۇ، ئېتىز - ئېرىق، دەل - دەرەخ قاتارلىقلاردىن كىرگەن مەبلەغ ئارقىلىق، مەكتەپ مەدرىسىلەرنىڭ تەمىنات مەسىلىلىرى، مۇددەررىس ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش - تەمىنات مەسىلىلىرى، ئوقۇغۇچى - شاگىرتلارنىڭ تاماق، ياتاق، تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى ھەل قىلىپ، بۇ يەردىكى مۇدەررىس - ئوقۇتقۇچى زاتلارنىڭ، شاگىرت - ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ، ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتقان.
قەشقەردىكى ئىلىم - پەننى، مائارىپنى قەدىرلەيدىغان نۇرغۇن سودىگەر - تىجارەتچى، ھەر ساھەدىكى ئىئانىچى شەخسلەر «مەكتەپ سېلىش، مەدرىسە سېلىش شەرەپ» دەپ قاراپ ۋە ئەۋلادلار ئۈچۈن تۆھپە يارىتىشنى پەخىر - ئىپتىخار ھېس قىلىپ مەكتەپ - مەردىسىلەرگە مەردلىك ۋە سېخىيلىق بىلەن ياردەم بەرگەن.
نۇرغۇن مەكتەپ - مەردىسىلەرنىڭ سىنىپ، ياتاقلىرى پاكىز، ياخشى سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۇتۇپخانا مۇئەسسەسەلىرى تولۇق بولغان. ئوقۇغۇچى - شاگىرتلار ياتاق، تاماق، كىيىم - كېچەك، ئوقۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولغان. خەلقنىڭ ئىمان - ئېتىقادىغا ئاساسەن مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىلىم تەشنالىرى «باي - كەمبەغەل» دەپ ئايرىلماي، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ۋە ئۇلۇغ ئىنسانلىق ھەق - ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ئۇلار ئارىسىدىن تالانتلىق كىشىلەر يېتىشىپ چىققان.
بىر قىسىم مەكتەپ - مەدرىسىلەرنىڭ مەكتەپ ئىقتىسادىي جۇغلانمىسى خېلى كۆپ بوغلاچقا، مەكتەپ - مەدرىسىلەر ۋاقتى - ۋاقتىدا رېمونت قىلىنىپ، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىمكانىيەت يارىتىلغان.
قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئەستايىدىل ۋە مۇستەھكەم قىلىپ لايىھەلەنگەچكە، بۇ يەردىكى بىناكارلىقنىڭ نەمۇنىلىرى ئۆزىنىڭ بىناكارلىق سەنئەت قىممىتى بىلەن ھازىرغىچە كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرماقتا.

1. قەشقەردىكى ئىسلام مەدرىسەلىرى

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن ئىلگىرى شامان، مانى، بۇددا، نېستورىيان دىنلىرى شارائىتىدا يارىتىلىپ، خېلى يۇقىرى تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەن مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ئىگە ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مۇشۇنداق يۇقىرى مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى يالغۇز قورال كۈچى بىلەنلا تەلتۆكۈس يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىسلام دىنى يالغۇز بىر خىل ئۈستىقۇرۇلما سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر خىل يېڭى تۇرمۇش شەكلى سۈپىتىدىمۇ شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەممە مىراسلىرىنى ئىسلامىيەت روھىدا ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يېڭى باسقۇچقا – ئىسلامىيەت باسقۇچىغا ئېلىپ كىردى. بۇنىڭدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىسلام مائارىپى، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام مەدرىسەلىرى بولدى.

1) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى قەشقەر مەدرىسەلىرى
قاراخانىيلار دەۋرىدە قەشقەرە قۇرۇلغان مەدرىسەلەردىن ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەر:

ساچىيە مەدرىسى (مەدرىسەئى ساچىيە)
بۇ مەدرىسە قەشقەر شەھىرىنىڭ چاسا كوچا باشقارمىسى ساقىيە ئاھالىلەر كومىتېتىغا جايلاشقان.
ساچىيە مەدرىسەسى (مەدرىسەئى ساچىيە) قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىنى تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلغان خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (مىلادىيە ‏955 - ‏يىللاردا ياشىغان) تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، شۇ دەۋرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتى ھەمدە ھەر خىل پەنلەرنى ئۆگىنىشنىڭ مەركىزىي ئوچىقى بولغان. بۇ يەردە يالغۇز دىنىي ئەقىدىلەر سۆزلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۆز دەۋرىدىكى تەرەققىياتلارنىڭ تۈرتكىسى ۋە خەلقئارادىكى پەننىي ئىلىملەرنىڭ تەسىرى بىلەن دەرس مەزمۇنلىرى يېڭىلىنىپ، چەت ئەل تىلى، يۇنان پەلسەپىسى، تىل ۋە ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە، ئالگېبرا، لوگىكا، مۇزىكىشۇناسلىق، تارىخ، جۇغراپىيە، تېبابەت، ھەربىي ئىلىم قاتارلىقلار ئۆگىتىلگەن. جامال قارشىينىڭ «سۇراھ لۇغىتىگە ئىلاۋە» ناملىق ئەسىرىدىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ساچىيە مەدرىسەسنىڭ ناھايىتى چوڭ كۇتۇپخانىسى بولغان. بۇ مەدرىسەدە، ئوبۇلھەسەن سەييىد ھاتەم ۋە سەييىد جالالىدىن باغدادىغا ئوخشاش دىنىي ئۆلىمالار ئىلاھىيەت ئىلمىدىن دەرس ئۆتكەن. مەھمۇد كاشغەرىييدەك تىلشۇناس، ئىمامىدىن قەشقەرىگە ئوخشاش تېبابەت ئالىملىرى مۇشۇ مەدرىسەدە ئوقۇپ يېتىشىپ چىققان.
جامال قارشى ئۆزىنىڭ «سۇراھ لۇغىتىگە ئىلاۋە» ناملىق ئەسىرىدە بۇ مەدرىسە نامىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە ئۆزى جەۋھەرىينىڭ «سىھاھ»  لۇغىتىنى ئۇزۇن ئىزدەپ، ئاخىر سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ساچىيە مەدرىسەسىنىڭ كىتابخانىسىدىن تاپقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ .
ساچىيە مەدرىسەسى قاراخانىيلاردىن كېيىن بولۇپمۇ نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە بىر مەزگىل ۋەيران قىلىنغان بولسىمۇ، چاغاتاي خانلىرىدىن بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋالىيسى مەسئۇد بەگ 1260 يىلى بۇ مەدرىسەنىڭ خارابىسى ئورنىغا «مەسئۇدىيە» مەدرىسەسىنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا «سائادەت» كۇتۇپخانىسىنى سالدۇرغان. جامال قارشىنىڭ يېزىشىچە، بۇ مەدرىسەگە «ھەممە ئېقىملاردىن ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بىلىم ئالغان. بۇ يەردە يالغۇز ئىلاھى بىلىملەرلا ئوقۇلۇش بىلەن قالماي، ئارستوتىل، سوقرات، فارابى، ئىبىن سىنا ۋە خارەزمى پەلسەپەلىرىمۇ ئوقۇتۇلغان»

ھەمىدىيە مەدرىسەسى
ھەمىدىيە مەدرىسەسى قەشقەر دۆلەتباغدىكى ھەمىدىيە مەدرىسەسىمۇ قاراخانىيلار دەۋرىدىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئاتاقلىق مەدرىسە. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان» دا ئۇستازىم دەپ تىلغا ئالغان «ھۈسەيىن ئىبن خەلەف قەشقەرى» مۇددەرىسلىك قىلغان بۇ مەدرىسە قاراخانىيلار خان جەمەتىدىن ۋە باشقا ساھەدىكى ئادەملەردىن نۇرغۇن ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.

مەھمۇدىيە مەدرىسەسى
قاراخانىيلارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى يازلىق سەيلىگاھى بولغان ئوپالدا، مەھمۇت قەشقەرىي مازىرى يېنىدا «مەھمۇدىيە مەدرىسەسى» ناملىق بىر مەدرىسە خارابىسىمۇ بار.
بۇ ئىز ئوپال يېزىسى موللام بېغى كەنتىدە يەنى يېزا مەركىزىنىڭ غەربىي شىمالىدىن ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى شەر*قىي مېرىيان 75°30′39″ بىلەن شىمالىي پاراللېل 46″ – 39°18′45″ قا توغرا كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1430 مېتىر، كۆلىمى 625 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا.
ئىز مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، ھازىر قالدۇق تامنىڭ ئۇلى ساقلىنىپ قالغان. تامنىڭ ئۇلى جەنۇب شىمال يۆنىلىشىدە بولۇپ، قالدۇق قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. خام كېسەك، لاي بىلەن ياسالغان، ئۇنىڭ جەنۇب ۋە غەرب تەرىپىدە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقى بار. .
مەزكۇر مازار تەزكىرىسىدىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ مەدرىسە قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا باغداتتىن قايتقاندىن كېيىن، ئوپالدا ئىلىم ئۆگىتىش مەقسىتىدە مىلادىيە 11 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ياساتقان مۇشۇ مەدرىسەدە سەككىز يىل مۇددەرىسلىك قىلىپ، نۇرغۇن ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرۈپ «ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم» دېگەن شەرەپلىك نام ئالغان .
مەھمۇد كاشغەرىي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» دە مۇدەررىسلىك قىلغان. بۇ مەدرىسە يىراق - يېقىندىن كېلىپ ئوقۇيدىغان تالىپلارغا ئىسلام ئەھكاملىرىدىن ئەتراپلىق بىلىم ئۆگىتىش بىلەن بىللە، ئەرەب - پارس تىللىرى، ھېساب، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، پارائىز (ئالگېبرا)، ئىلمى مەنتەقە (لوگىكا)، ئىلمىي شىپاھىيە (تېبابەتچىلىك)، ئىلمىي ھال (تەبىئەت)، ئىلىم تەجۋىد (فونېتىكا)، ئىلمىي سىپاھىيە (ھەربىي تەلىم - تەربىيە) قاتارلىق پەنلەردىنمۇ چوڭقۇر تەلىم بېرىلگەن.
«مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» نىڭ بىر يۈرۈش قائىدە - تۈزۈملىرى بار بولۇپ، مەدرىسەنىڭ ئوقۇش باشلاش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىملىرى تولا چاغلاردا تۈ*ركىي خەلقلەرنىڭ باھار بايرىمى بولغان نورۇزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتتە ئۇستاز ۋە تالىپلار «نورۇز بۇلاق»نى چۆرىدەپ تۇرۇپ نورۇز ناخشا - قوشاقلىرىنى ئوقۇشۇپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈشكەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەن تالىپلار ئۆز ئۇستازى ۋە ئاۋام خەلق ئالدىدا خەتمىدىن ياكى پاراتتىن ئۆتكەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەن تالىپلارنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن يۇرت چوڭلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، ئەلنەغمە، چاقپەلەك ئويناش، ئارقان تارتىشىش قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەر بويىچە مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئەڭ ئاخىرىدا جامائەت بىر سورۇنغا يىغىلىپ، نورۇز ئېشى تارتىلىپ، مۇنەۋۋەر تالىپلارغا خەلق ئالدىدا ئىلمىي ئۇنۋان (ئەللامە، مۇدەررىس، مەۋلانە قاتارلىق. ئا) ياكى ئەمەل - دەرىجىلەر بېرىلگەن.
مەھمۇد كاشغەرىي مەدرىسەسىنىڭ بارلىق سەرپىياتلىرى مەدرىسەگە تەۋە بولغان 500 مودىن ئارتۇق ۋەخپە يەردىن كەلگەن. بۇ مەدرىسە مىلادىيە 1212 - يىلى نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك كىدانلار قۇرغان غەربىي لايۋ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى گۆرخاندىن ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، قاراخانىيلار سۇلالىسىنى ھالاك قىلغان مەزگىللەردىكى ئۇرۇشتا بىر قېتىم ۋەيران قىلىۋېتىلىپ تاشلىنىپ قالغان. مىلادىيە 1550 - يىلى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. مىلادىيە 1678 - يىلى جۇڭغار ئاق سۆڭەكلىرى تارىم ۋادىسىنى ئىستېلا قىلغاندا يەنە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ۋەيران بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن رېمونت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوق .

بۈۋى مەريەم خېنىم مەدرىسەسى
بۇ قەشقەردىكى تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن مەرىسىلەردىن بىرى. قاراخانىيلارنىڭ خانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئىككىنچى قىزى بۈۋى مەريەم خېنىم مازارلىقى يېنىغا تەسىس قىلىنغان 40 ھۇجرىلىق چوڭ مەدرىسە بولۇپ، ئۇنىڭغا 150 مودىن ئارتۇق زېمىن ئاجرىتىلغان، 300 مودىن ئارتۇق ۋەخپە زېمىنى بار، خانئۆي بىلەن باشتوغراق ئارىلىقىدا ھېلىمۇ ئۇنىڭ خارابىسى بار. ئەل ئارىسىدا بۈۋى مەريەم خېنىم ھەققىدە نۇرغۇن ھېكايە ۋە رىۋايەتلەر تارقالغان.
قاراخانىيلار دەۋرىدە قەشقەردە قۇرۇلغان مۇشۇ مەدرىسەلەر، ئۆز دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەرخىل ئالىملار، شائىرلار ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئىلمىي مەركەزلەرگە ئايلانغان. شۇڭا جامال قارشى ئۆز دەۋرىدىكى قەشقەرنى: «ئىسلام دىيارى، ئەزىزلەر يۇرتى، مەشھۇر زاتلارنىڭ پائالىيەت سەھنىسى، ئېسىلزادە ئەمىرلەرنىڭ ماكانى، ئۇلۇغ ئالىملار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەر – قەشقەر ئۆز دەۋرىدە بەك ئاۋات شەھەر بولغان» دەپ يازىدۇ .
قەشقەردىكى مەدرىسە بىنالىرى ئادەتتە خاقانلار، مەشھۇر ۋەزىلەر ۋە يۇقىرى تەبىقە ئادەملىرى (ۋاڭلار، چوڭ بەگلەر، چوڭ بايلار) تەرىپىدىن سېلىنغان. مەدرىسەلەرنى تەمىنلەپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى سالغۇچىلار مەخسۇس ۋەخپىلەر تەيىن قىلغان. مۇنداق ۋەخپىلەر تېرىلغۇ يەرلەر، كارىۋانسارايلار ياكى رەستىلەردىكى دۇكانلارغا ئوخشاش يەر مۈلۈكلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇددەرىسلەر شۇ ۋەخپىلەرنىڭ كىرىمى بىلەن تەمىن قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان، ئايرىم قىيننچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا مەدرىسە ياردەم قىلىشمۇ بىر خىل ئادەت تۈسىگە كىرگەن.
ئاتاقلىق مەدرىسە بىنالىرى (بولۇپمۇ خاقانلار، مەشھۇر ۋەزىلەر تەرىپىدىن سېلىنغان مەدرىسە بىنالىرى) خېلى ھەشەمەتلىك بولغان.
ئادەتتە چوڭ مەدرىسەلەردە نۇرغۇن ئادەم سىغىدىغان دەرسخانىلار، مۇددەرىسلەر دەم ئېلىش ئۆيى، ئوقۇغۇچىلار ياتىدىغان كەم دېگەندە 30 – 40 ھۇجرا بولغان. ھەربىر ھۇجرىدا 8 – 10 تالىپ يېتىپ ئوقۇغان.
مەدرىسەلەردە يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە سەرراپ – ھاممام، ئاشخانا، يېمەكخانا ۋە ئومۇمىي ھاجەتخانىلارمۇ سېلىنغان.
قاراخانىيلار دەۋرىدىكى مەسچىت ۋە مەدرىسە بىنالىرى ئارختېكتورا جەھەتتىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. چىڭگىزخان دەۋرىدە بۇ يەردە ئۆسكەن جۇڭگو ساياھەتچىسى چاڭچۈن جىزىن مۇنداق بىنالارنىڭ بەك كۆركەم ئىكەنلىكىنى، تاملىرى پىششىق خىشتىن سېلىنىپ، رەڭلىك كاھىشلار بىلەن يېپىلغانلىقىنى، دېرىزىلىرىگە رەڭلىك ئەينەكلەر قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن . بۇ بىناكارلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتى ئۇتۇقلىرى مۇجەسسەملەشكەن. مەدرىسە تاملىرى ۋە ئىشىك - دېرىزىلەر ئۆز دەۋرىدە بۇددا مىڭئۆيلىرىنى بېزەشتە زور ماھارەت ھاسىل قىلغان خەلق نەققاشلىرىنىڭ نەقىشلىرى ۋە ئىسلام خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل نەمۇنىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن.
قاراخانىيلار دەۋرىدە قەشقەردە سېلىنغان مۇنداق مەدرىسە بىناكارلىقى كېيىنكى دەۋرلەردە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا سېلىنغان مەدرىسە بىناكارلىقىدىمۇ بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ داۋام قىلغان. بولۇپمۇ چاغاتاي دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋالىيسى بولۇپ تۇرغان مەسئۇد بەگ تەرىپىدىن قەشقەردە سېلىنغان «مەسئۇدىيە» مەدرىسەسى بۇ خىل بىنالارنىڭ كۆركەملىرىدىن بولغان.

ئىسلام مەدرىسەلىرىدە ئوقۇتۇلغان دەرسلەر ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
قاراخانىيلار دەۋرىدە قەشقەردە قۇرۇلغان مەدرىسەلەردە قانداق دەرسلەر ئۆتۈلىدىغانلىقى ھەققىدە بىۋاسىتە تارىخىي خاتىرىلەر بەك ئاز. ئەمما بۇ مەدرىسەلەرگە ئۈلگە بولغان باغدات ۋە بۇخارا مەدرىسەلىرىدە ئوقۇتۇلغان دەرسلەر ۋە كېيىنكى چاغلاردا قەشقەر مەدرىسەلىرىدە ئوقۇتۇلۇپ كېلىۋاتقان دەرسلەرگە ئاساسەن ئۇ چاغدىكى قەشقەر مەدرىسەلىرىدە قانداق پەنلەر ئوقۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئومۇمىي بىر چۈشەنچىگە كېلىش تەس ئەمەس.
قاراخانىيلار دەۋرىدىكى دىنىي مەكتەپلەر ۋە ئىسلام مەدرىسەلىرى ئالدى بىلەن دىنىي تەلىم - تەربىيە ئورنى بولغان. خۇددى ئىبنى خەلدۇن (1332 – 1406) ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئىسلام مەكتەپلىرىدە ئىسلام دىنى ۋە قۇرئان بارلىق ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزى قىلىنغان. بارلىق دىنىي ۋە دۇنياۋى دەرسلەر مۇشۇ مەركەزنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان.
قاراخانىيلار دەۋرىدە ھەممە يېزا ياكى مەھەللىدە بىردىن دىنىي مەكتەپ ۋە شەھەرلەردە مەدرىسەلەر ئېچىلغان.
باشلانغۇچ دىنىي مەكتەپلەردە ئاساسەن خەت تونۇش ۋە قۇرئان ساۋاتى چىقىرى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغان. ئاندىن دىنىي ئەقىدە (ئەقائىد ئىسلامىيە) ساۋادى بېرىلگەن، شۇنىڭدەك ئەدەبىياتتىن، ئاساسەن تۈ*ركىي تىلدىكى ئەدەبىياتتىن دەسلەپكى ساۋات بېرىلگەن.
بۇنداق باشلانغۇچ دىنىي مەكتەپلەردە دەرس مەسچىت يېنىدا ياكى موللىلارنىڭ ھويلا ۋە ئۆيلىرىدە ئوقۇتۇلغان. ئوغۇل - قىزلار ئارىلاش ئوقۇغان.
شۇندىن كېيىن بالىلار ئۆز ئەھۋالىغا ۋە ئىستېداتىغا قاراپ مەدرىسەلەرگە كىرىپ ئوقۇغان.
مەدرىسەلەردە تۆۋەندىكى دىنىي ۋە دۇنياۋى دەرسلەر ئوقۇتۇلغان:
1) ئىسلام قانۇنىغا ئائىت دەرسلەر: قۇرئان تەپسىرى، ھەدىس، فىقھە (بۇ دەرسلەردە ئاساسەن قۇرئان ۋە ئىسلام شەرىئىتىدىن بىرقەدەر تەپسىلىي بىلىم بېرىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان).
2) تىل ۋە ئەدەبىيات دەرسلىرى: تىلدا ئاساسەن ئەرەب تىلى فونېتىكىسى (سىپاھىيە)، مورفولوگىيەسى (سەرف)، سىنتاكسىسى (نەھۋە) ئوقۇتۇلغان. ئەرەب تىلى ئىسلام دۇنياسىدا دىن ۋە ئىلىم - پەن تىلى بولغاچقا، مەدرىسەلەردە بۇ تىلغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. شۇنىڭغا قوشۇپ پارس تىلىمۇ مۇھىم بىر دەرس قىلىپ ئۆتۈلگەن. بولۇپمۇ ئەدەبىياتتا پارس تىلى ئاساسىي تىل قىلغان. تۈ*ركىي تىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلى بولغاچقا، ھەممە دەرسلەرنى چۈشەندۈرگەندە بۇ تىلغا مۇراجىئەت قىلماي بولمىغان. شۇڭا ئەرەب ۋە پارس تىللىرى تۈ*ركىي تىلىغا سېلىشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن.
ئەدەبىيات بويىچە: پەساھەت ئىلمى، بەلاغەت ئىلمى، ئەرۇز ئىلمى، يازغۇچىلىق ۋە خەتتاتلىق دەرسلىرى ئۆتۈلگەن. تەرجىمانلىق ۋە تارىخ دەرسلىرىمۇ ئەدەبىياتنىڭ بىر تۈرى قىلىپ ئوقۇتۇلغان.
3) رىيازىيەت بويىچە: ھېساب، ھەندەسە (گېئومېتىرىيە)، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، ئەلجەبىر (ئالگېبرا)، مۇزىكۇشۇناسلىق دەرسلىرى ئوقۇتۇلغان.
4) ھېكمەت بويىچە: ھېكمەت (پەلسەپە)، مەنتىق (لوگىكا)، ئىلاھىيەت، مېتافىزىكا، كىمىيا، تېبابەت، جۇغراپىيە ئىلىملىرى ۋە سىياسەت ئەخلاق، ئائىلە باشقۇرۇش دەرسلىرىمۇ بىر خىل ئىلىم سۈپىتىدە ئوقۇتۇلغان.
بۇلاردىن باشقا مالدوختۇرلۇق، زىرائەتچىلىك دەرسلىرىمۇ قوشۇمچە قىلىپ ئوقۇتۇلغان.
چوڭ شەھەرلەردىكى مەدرىسەلەر يېنىدا كۇتۇپخانىلار، شىپاخانىلار، بەزىدە رەسەتخانىلارمۇ قۇرۇلغان بولۇپ، مۇددەرىسلەر دەرس ئۆتكەندىن تاشقىرى بۇ ئورۇنلاردا ئۆز كەسىپلىرى بويىچە ئىلمىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.
مەدرىسەلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىرقەدەر ئاددىي بولۇپ، مۇددەرىس مۇنبەردە ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتسە (ئادەتتە كىتابتىن بىر ئابزاس ئوقۇپ، ئۇنى ئىزاھلاش ئۇسۇلى بىلەن)، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھالقا تەشكىل قىلىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاپ، مۇدەررىس سۆزلىگەن نەرسىلەرنى ئەستا قالدۇرغان ۋە ياد ئالغان. يۇقىرى سىنىپلاردا دەرس داۋامىدا بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە سوئاللار قويۇلۇپ، مۇنازىرىلىشىشمۇ مەدرىسە دەرسلىرىنىڭ بىر شەكلى بولغان. مۇنداق مۇنازىرىلەرگە مۇدەررىس ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا كىشىلەر چەتتىنمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، ھالقىدا بۇلار ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلغان. بەزى مۇنازىرىلەر ناھايىتى كەسكىن تۈس ئېلىپ، ئىككى تەرەپ ياقا سىقىشىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. لېكىن ئاخىر يەنە سۈلھىي بىلەن ئاياغلىشىدىغان بولغان. ئوقۇغۇچىلار بىر مۇدەررىسنىڭ دەرسىنى تولۇق ئىگىلەپ بولسا ياكى ئۇنىڭ دەرسىدىن قانائەت ھاسىل قىلسا، باشقا مۇددەرىسلەرنىڭ دەرسىگە يۆتكىلىپ ئوقۇغان (بۇ ھال، ھازىرقى داشۆلەردىكى تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ).
مەدرىسەلەردە ئوقۇش مۇددىتى چەكلەنمىگەن. ئوقۇش ئادەتتە، 15 – 20 يىل داۋام قىلغان. ئىستېداتلىق ئوقۇغۇچىلار بىر مەدرىسەدە مەلۇم مۇددەت ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزى تاللىغان پەن بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باشقا شەھەرلەردىكى ئاتاقلىق مۇدەررىسلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلاردىن پەتىۋا ئالغان (ئىلمىي ئۇنۋان ئالغان). ئادەتتىكى تالىپلار مەدرىسەدە 15 – 20 يىل تۇرسىمۇ تۈزۈك بىلىم ئىگىلىيەلمەي، قۇرۇق ئىبارە يادلاپ «موللا» بولۇپ قايتقان.
مەدرىسەلەردە ئوقۇتقۇچىلار مۇئەللىم، مۇئەددىپ (ئەدەپ - قائىدە ئۆگەتكۈچى)، مۇدەررىس، شەيخ ۋە ئىمام دېگەندەك دەرىجىلەرگە بۆلۈنگەن.

قاراخانىيلار دەۋرىدە قەشقەر مەدرىسەلىرىدە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇدەررىسلەر
قەشقەر مەدرىسەلىرى دەسلەپ قۇرۇلغان چاغلاردا مۇدەررىس بولغان ئالىملار ئەنە شۇ سامانىيلار دەۋرىدە بۇخارا، سەمەرقەنت ۋە باغداتتا يېتىشكەن ئالىملار ئىدى، بۇلاردىن ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەر:
ئەبۇ نەسىر سامانىي (ۋاپات بولغان ۋاقتى ھىجرىيە 350 - يىلى) – سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى ئىسلامىيەتكە دەۋەت قىلغان بۇ ئالىم ھەققىدىكى تەزكىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشى قەشقەر ئاتۇشتا دەسلەپ مەدرىسە تەشكىل قىلغان ۋە 7 مىڭ كىشىنى مۇسۇلمان قىلىپ، 70 كىشىنى ئوقۇتۇپ كامالەتكە يەتكۈزگەن (بۇلار ئاساسەن خانزادىلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرىدىن ئىبارەت بولغان)؛ 50 تىن ئارتۇق ئالىم تەربىيەلەپ چىققان.  ئەبۇ نەسىر سامانىي تۈ*ركىي خەلقلەر ئىچىدە ئىسلام تەرغىباتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆز يۇرتىدىكى چاغدىلا تۈ*ركىي تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن. شۇڭا ئۇنىڭ دىن تارقىتىش ۋە مۇدەررىسلىك پائالىيىتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان.
ئوبۇلھەسەن سەيىد ھاتەم ۋە سەيىد جالالىدىن باغدادى – بۇ ئىككى ئالىم مىلادى 950 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى ئىسلام دىنىغا ئۈندەشكە قاتناشقان. كېيىن ئاساسەن ساچىيە مەدرىسەسىدە ئىلاھىيەت ئىلمىدىن دەرس ئۆتۈپ نۇرغۇن شاگىرت يېتىشتۈرگەن.
ھۈسەيىن ئىبن خەلەف قەشقەرى – مەھمۇد كاشغەرىي «تۈ*ركىي تىللار دىۋانى» دا «ئۇستازىم» دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان «شەيخ ئىمام زاھىد ھۈسەيىن ئىبن خەلەف قەشقەرى» ھەمىدىيە مەدرىسەسىدە ئۇزۇن مۇددەت مۇدەررىسلىك قىلغان. جامال قارشى بۇ ئادەمنى ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئىلاھىيەت ئالىمى ۋە مۇسەننىفى (يازغۇچىسى) دەپ تەسۋىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ قۇرئان تەفسىرلەپ، ھەدىس شەرھلەپ يازغان ئەسەرلىرى زور ھۆرمەت قازانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.  تاجۇلئىسلام سەمئانمۇ ئۆزىنىڭ «كىتابۇلئەنسان» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ئادەمگە يۇقىرى باھا بەرگەن. بۇ زات ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ 1093 - يىلى 120 يېشىدا ۋاپات بولغان. قاراخانىيلارنىڭ بىرقانچە خاقانلىرى بۇ زاتنى «دۇئاگۇيىمىز» دەپ ھۆرمەت قىلغان.
مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدىكى تەزكىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەھمۇد كاشغەرىي دەسلەپكى تەلىمنى ئوپالدىكى دىنىي مەكتەپتە ئالغاندىن كېيىن، يۇقىرى مەلۇماتنى ئەنە شۇ ھۈسەيىن ئىبن خەلەف كاشغەرىيدىن ئالغان. مەھمۇد كاشغەرىيدەك، ئەرەب، پارس، تۈ*رك تىللىرى بويىچە ناھايىتى چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بىر ئالىمنى يېتىشتۈرگەنلىكىگە قارىغاندا، ھۈسەيىن ئىبن خەلەف كاشغەرىي ئۆز دەۋرىنىڭ ھەممە پەنلىرىدىن، بولۇپمۇ ئەرەب تىلشۇناسلىق ئىلمىدىن چوڭقۇر مەلۇمات ئىگىسى بولغان ئىستېداتلىق مۇدەررىس ئىكەنلىكى ئۆز - ئۆزىدىن ئايدىڭ بولۇپ تۇرۇپتۇ.
جامالىددىن كاشغەرىي – 10 - ئەسىر باشلىرىدا قەشقەر «ساچىيە» مەدرىسەسىدە يېتىشىپ چىققان بۇ ئالىم بولۇپمۇ تېبابەت ساھەسىدە ئۆز دەۋرىدە بەك زور ئابرۇي قازانغان. ئۇ بىر تەرەپتىن، ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنانىڭ تېبابەت ئىلمىنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تېبابىتىنىڭ ئۇتۇقلىرىنىمۇ تەتقىق قىلىپ (ئۇنىڭ «چوپى چىنى رىسالىسى» بۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ»، ئۇيغۇر ئىسلام تېبابىتىنى قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تېبابىتى ئۇتۇقلىرى بىلەن بېيىتىپ، تېبابەت ساھەسىدە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەن. ئىمادىددىن كاشغەرىي تەرىپىدىن يېزىلغان «شەرھى ئەلقانۇن» دېگەن داڭلىق ئەسەر قاراخانىيلار تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش دەستۇرى قىلىپ بېكىتىلگەن.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىماددىدىن كاشغەرىي ئەبۇبەكرى مۇھەممەت رازىنىڭ «دائىرەتۈلمەئارىف تىببىيە»، «كىتابۇششاھىد»، «كىتابۇلھاۋى» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى، ئىبن سىنانىڭ «ھېكمەتۇلئەلا»، فارابىنىڭ «ئىھسائۇلئۇلۇم» دېگەنگە ئوخشاش ئەسەرلىرىنى شەرھلەپ ئەسەرلەر يېزىپ، ھەرقايسى جايلاردىن قەشقەرگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان شاگىرتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن شەر*ق ئەللىرىگە تونۇشتۇرۇشتا بەك چوڭ رول ئوينىغان.
ئىمادىددىن كاشغەرىي ساچىيە مەدرىسەسى يېنىدا تەسىس قىلىنغا دۆلەت شىپاخانىسىدا تېبابەت ساھەسىدە، بولۇپمۇ جەرراھلىق (خرۇرگىيە) ساھەسىدە ئەمەلىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ۋە تېۋىپلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى ۋە تېبابەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان .
ئابدۇغاپپار بىننى ھۈسەيىن كاشغەرىي (تۇغۇلغان ۋاقتى مەلۇم ئەمەس، ۋاپات بولغان يىلى ھىجرىيە 476 - يىلى) – ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق مۇدەررىسى ۋە تارىخچىسى.  ئابدۇغاپپار بىننى ھۈسەيىن كاشغەرىي قەشقەر مەدرىسەلىرىدە يېتىشىپ، شۇ مەدرىسەلەردە بىر تەرەپتىن دەرس بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، «قەشقەر تارىخى»، «ئۇستازلارنىڭ توپلانغان جايى» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئۆز دەۋرىدە ناھايىتى زور ئابروي قازانغان. ئەپسۇسكى، قاراخانىيلار تارىخىدىن ئەينەن مەلۇمات بەرگۈچى بىردىنبىر ئاساسىي مەنبە بولغان بۇ ئەسەر بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. بۇ ئەسەرنىڭ بىرمۇنچە ئۈزۈندىلىرى جامال قارشىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىزگە مەلۇم.
مۇھەممەد بىننى رەشىد بىننى ئەلى كاشغەرىي (تۇغۇلغان ۋاقتى مەلۇم ئەمەس، 1083 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان) – 11 - ئەسىردە ئۆتكەن بۇ ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تېبابەتچىسى، ئىمادىددىن كاشغەرىينىڭ مەشھۇر شاگىرتلىرىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر ئەمچىلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجرىبىلىرى ئارقىلىق توپلانغان ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە مەدەنلەردىن ياسالغان تۈرلۈك دورىلارنى يەكۈنلەپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا زور ھەسسە قوشقان.

2) يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى قەشقەر مەدرىسەلىرى

قەشقەر خانلىق مەدرىسە
بۇ مەدرىسە قەشقەر شەھىرىنىڭ ياۋاغ كوچا باشقارمىسى ئوردا ئىشىكى ئاھالىلەر كومىتېتى (ھازىرقى ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپ ئورنى)غا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى سەككىز مو ئەتراپىدا.
قەشقەر خانلىق مەدرىسىنى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 1639 - يىلىدىن 1652 - يىلىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 8 - سۇلتانى ئابدۇللاخان 1641 - يىلى بىنا قىلغان. ئۇنىڭ ئورنىنى قەشقەرنىڭ پېشقەدەم قازى كالانى ۋە مۇشۇ مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسى بولغان موللا مۇھەممەت سادىق ئەلەم كاشىغەرىنىڭ بوۋىسى ۋەخپە قىلغان. بۇ مەدرىسە ئەينى زاماندا ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينىغان.
ئەينى يىللاردا خانلىق مەدرىسىلەر ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇلار خانلىقلارنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىگە جايلىشاتتى. مەدرىسىنىڭ تۈرلۈك خىراجەتلىرى پادىشاھلىق خەزىنىسىدىن چىقىم قىلىنىپ، كام قىسمى ۋەخپە، ئەۋقاپ ئارقىلىق تولۇقلىناتتى. مەدرىسىنىڭ ئىقتىسادىنى مەدرىسە جامائىتى بەلگىلىگەن مۆتىۋەرلەر باشقۇراتتى. خانلىق مەدرىسە ئەينى چاغدا شىنجاڭدا ئالاھىدە تەسىرى بار ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تالىپلار كېلىپ ئوقۇپ قالماستىن، يەنە كەشمىر، پاكىستان، ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەمەرقەنت، قوقان، پەرغانە، نەمەنگان قاتارلىق جايلاردىنمۇ تالىپلار كېلىپ ئوقۇيتتى.
خانلىق مەدرىسىنىڭ يېنىدا يەنە قازانچى مەدرىسىمۇ بار ئىدى. بۇ ئىككى مەدرىسە بىر - بىرىگە ياندىشىپ تۇراتتى. بۇ ئىككى مەدرىسە ھازىرقى ئوردا ئىشىكى يولىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئوردا ئىشىكى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە ئورۇنلاشقان. خانلىق مەدرىسە دەرۋازا، مۇنار، دەرۋازا ئۈستى مەنزىرە، ئىچكىرى - تاشقىرى ھويلا، پېشايۋان، كايىۋان، ھوجرىدىن ئىبارەت يەتتە قىسىمغا بۆلۈنگەن. قوش قاناتلىق دەرۋازىنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىر، كەڭلىكى 2.8 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىچىك ماشىنا بىمالال كىرىپ چىقالايدۇ. دەرۋازا ئۈستى مەنزەر مۇدەررىسلەرنىڭ دەرس تەييارلايدىغان، ئارام ئالىدىغان ئىچكىرى - تاشقىرى ھوجرىلىرى ئىدى. ھوجرىلارنىڭ پەنجىرىسى چوڭ يول تەرەپكە قاراپ تۇراتتى. مەدرىسە دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ - سولىدىكى ئېگىزلىكى 13 مېتىر كېلىدىغان نەقىشلىك مۇنارلارنىڭ ئۈستىدە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھىلال ئاي بار ئىدى. دەرۋازا بېشىدىكى ئۇزۇنلۇقى 1.20 مېتىر، كەڭلىكى 90 سانتىمېتىر كېلىدىغان تاختايغا سۇلۇس نۇسخىسىدا بىلىمنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى ھۆسىنخەت يېزىلغان. مەدرىسە تاملىرىنىڭ ئۇلىغا ھال لېيى بىلەن 13 قۇر تۆت بۇرجەكلىك خىش قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستى كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان. تام ئۇلىنىڭ كەڭلىكى بىر يېرىم مېتىر كېلىدۇ. مەدرىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1468 كۋادرات مېتىر. يېنىدىكى قازانچى مەدرىسىنىڭ كۆلىمىنى قوشقاندا، ئىككىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1787 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. خانلىق مەدرىسىنىڭ چوڭ - كىچىك 53 ھوجرىسى بار. ھەربىر ھوجرىدا ئالتىدىن يەتتىگىچە تالىپ تۇراتتى. مۇدەررىس، جارۇپكەش (تازىلىق ئىشچىسى) لەرمۇ مۇشۇ ھۇجرىلاردا يېتىپ قوپاتتى. مەنقولاتلار مۇشۇ ھوجرىلاردا ساقلىناتتى. 350 تىن ئارتۇق تالىپ ئوقۇيدىغان بۇ مەدرىسىدە تۆت يىللىق، بەش يىللىق، ئالتە يىللىق قەرەللەر بويىچە دەرس ئۆتىلەتتى. مۇدەررىسلەر سۆزلەش، تالىپلار ئاڭلاش، تاپشۇرۇق بېرىش، تالىپلار سۈرىلەرنى يادقا ئوقۇش، مۇدەررىس ۋە تالىپلار ئۆزئارا تىڭشاش، ھەر يىلى بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىش، رامزان مەزگىلىدە قىرائەت قىلىش ۋە يادلاش ئەھۋالىنى جامائەت باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلاتتى. لاياقەتلىك بولغانلىرىغا گۇۋاھنامە بېرىلەتتى. لاياقەتسىزلەر قايتا ئوقۇتىلاتتى ياكى يۆتكەپ ئوقۇتىلاتتى. ئوقۇتۇشتا دىنىي دەرس ئاساس، پەننىي دەرسلەر قوشۇمچە قىلىناتتى. «شەرھىي ۋىقايە»، «مۇختەسەر ۋىقايە»، «ھىدايە»، «تەپسىر جالاليىن»، «تەپسىر ھەدىس»، «مەنتىقە»، «ئەدەبىيات»، «قازى بەيزاۋىي»، «مەسنەۋىي شېرىف»، «سەھىھ مۇسلىم» قاتارلىق كىتابلار دەرسلىك قىلىناتتى. بۇ دەرسلەر ئەرەب، پارس، ئوردۇ، تۈ*رك تىللىرىدا ئۆتۈلەتتى. تالىپلار ئاساسەن ئەرەب، پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگىلەيتتى. تالىپلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئەرەب، پارس تىلى تەرجىمانلىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقاتتى.
خانلىق مەدرىسىنى پۈتكۈزگەن تالىپلار ئىگىلىگەن مەلۇماتىغا قاراپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشەتتى. ئاندىن ئۇلار ئەھۋالغا قاراپ ھەرقايسى مەھكىمە شەرئىيلەردە، جامەلەردە قازى، ئەلەم، قازى رەئىس، داموللا، مۇپتى، مۇدەررىس، خاتىپ، ئوردا خادىمى، مىرزا (كاتىپ) قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنەتتى.
بۇ مەدرىسىنىڭ تالىپلىرى ئىچىدىن ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇرلار يېتىشىپ چىققان. ئابدۇرېھىم نىزارى، خىرقىتى، تەجەللى، زەلىلى، نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى داموللا، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، سەبۇرى قاتارلىق مەشھۇر زاتلار قەشقەردىكى مۇشۇ ئالىي بىلىم يۇرتى — خانلىق مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان.
1679 - يىلى سەئىدىيە خانلىقى ئاخىرلىشىپ، قەشقەردە ھاكىمىيەت ئاپاق خوجىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، قەشقەر، يەكەنلەردىكى كۆپلىگەن بىلىم يۇرتلىرى «جەدىتلەرنىڭ ئوردىسى»، «بىدئەتچىلەرنىڭ مۇنبىرى» دەپ قارىلىپ تاقىۋېتىلگەن. بۇ بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ چىققان نۇرغۇن ئەھلى ئىلىملەر، ئۆلىمالار، مۆتىۋەر زاتلار تۈرمىگە تاشلانغان. قالغانلىرى دەھشەتلىك خارۇزارلىقتا تۇرمۇش كەچۈرگەن. خانلىق مەدرىسە ئاپاق خوقا ھۆكۈم سۈرگەن جاھالەتلىك يىللاردا كۆپ قېتىم سوپى، ئىشانلارنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ «مەرىپەت ئوچىقى» لىق سۈپىتىنى ساقلاپ قالدى.
خانلىق مەدرىسىنىڭ بىنا قىلىنغىنىغا بۇ يىل 356 يىل بولدى. ئۇ ھازىرغىچە تۆت قېتىم رېمونت قىلىنغان. 1 - قېتىم، مىلادى 1805 -، 1806 - يىللىرى قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق مەرىپەتپەرۋەر مۆتىۋىرى ئابدۇقادىر ئابدۇبارس خەلپىتىم رېمونت قىلدۇرغان. 2 - قېتىم، مىلادى 1844 - يىلى قەشقەرنىڭ قازىسى مۇھەممەت سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم رېمونت قىلدۇرغان. 3 - قېتىم، مىلادى 1905 -، 1906 - يىللىرى (ھىجرىيە 1323 - يىلى) قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلاردىن مۇسابايوپ (موللا مۇسا شېيىخ ھاجى، بۇ كىشى قەشقەرلىك باۋۇدۇن باينىڭ دادىسى) رېمونت قىلدۇرغان. 4 - قېتىم مىلادى مىلادى 1936 -، 1937 - يىللىرى مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق كىشىلەر رېمونت قىلدۇرغان. بۇ مەدرىسىگە جەمئىي 18 ئۆلىما مۇدەرىسلىك قىلغان. ئۇلار: ئەلنەزەر ئاخۇنۇم، ئابدۇغوپۇر داموللام، مۇھەممەت سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم، موللا شېرىپ ئاخۇنۇم خەلپىتىم، ئىبراھىم ئاخۇن خەلپىتىم، موللا مۇھەممىدى ئاخۇنۇم، موللا ئابدۇقادىر داموللام، ئىسلام داموللام، ساۋۇت ئەلەم ئاخۇنۇم، شەمسىدىن ئاخۇنۇم (داموللام)، ساۋۇت داموللام، ھاشىم ئاخۇن داموللام (ھارۇنخان ھاجىمنىڭ دادىسى)، مىرەخمەتىان خوجان، ھامۇت داموللام، ئەپەندى مەخسۇم، ئىمىن مەۋلىۋى داموللام، توخسۇن ھاجى داموللام، سالى داموللاھاجى (ئەڭ ئاخىرقى مۇدەررىس).
1959 - يىلىغىچە خانلىق مەدرىسە دىنىي مەكتەپ قىلىنىپ، تالىپلار تەربىيىلەندى. 1959 - يىلىدىن 1961 - يىلىغىچە قەشقەر شەھىرىدىكى دىنىي زاتلار بىرلەشمە كارخانىسى (ئارغامچا، چىگە ئارغامچا، بورا توقۇش، غەلۋىر، ئۆتكەمە توقۇش كارخانىسى) قىلىپ ئىشلىتىلدى. 1961 - يىلىدىن 1963 - يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ كادىرلار يېتىشتۈرۈش مەكتىپى قىلىندى. 1963 - يىلىدىن بۇيان قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى قارىمىقىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك سىياسىي مەكتەپ قىلىنىپ، بىرلىكسەپ كادىرلىرى ۋە دىنىي ساھەدىكىلەر، سودا - سانائەتچىلەر تەربىيىلەندى .

ساقىيە مەدرىسەسى
بۇ مەدرىسە قەشقەر شەھىرى چاسا كوچا باشقارمىسى ساقىيە ئاھالىلەر كومىتېتىغا جايلاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەدرىسەسىنى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانلىرىدىن بىرى بولغان «قىلىچخان» لەقەملىك مەھمۇدخان ياساتقان بولۇپ، مىلادىيە 1630 - يىلى (ھىجرىيىنىڭ 1331 – 1330 - يىلى) باھائىددىن مەخدۇم دېگەن كىشىنىڭ ئابدۇقادىر ھاجىم دېگەن ئوغلى يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىپ ياساپ رېمونت قىلدۇرغان.
بۇ مەدرىسە ھازىرغىچە 360 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن زور ئىلمىي قىممەتكە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. بۇ مەدرىسە 1996 - يىلى قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شەھەر دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى» دەپ ئېلان قىلىنغان.

مەدرىسەئى مەسئۇدىيە
چاغاتاي ئوردىسىدىكى باش بۇغ - مەسئۇد دادىسى مەھمۇد يالۋاچنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ مەدرىسىنى ياسىتىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويغان. خاتىرىلەرگە قارىغاندا، 1260 - يىللىرى ئەتراپىدا نايمانلار ۋە قارا قىتانلار قەشقەرگە باستۇرۇپ كېلىپ، قەشقەردىكى نۇرغۇن ئاھالە ۋە مەدەنىيەت - مائارىپ مۇئەسسەسەلىرىنى ۋەيران قىلغان. «مەدرىسەئى مەسئۇدىيە» ئۇ چاغدا ۋەيران  قىلىنغان «مەدرىسەئى ساچىيە»نىڭ ئورنىغا، شۇ خارابىلىككە بىنا قىلىنغنا ۋە بۇ مەردىسە يېنىغا، شۇ خارابىلىككە بىنا قىلىنغان ۋە بۇ مەدرىسە يېنىغا «سائادەت» كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلىنىپ، نەچچە ئون مىڭ پارچە ھەرخىل كىتاب قويۇلغان. بۇ مەدرىسىگە يالغۇز قەشقەردىنلا ئەمەس، بەلكى كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى ۋە كەشمىر، ھىندىستاننىڭ لاھۇر قاتارلىق جايلىرىدىنمۇ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كەلگەن.

يەكەن خانلىق مەدرىسەسى
ئەھمەد بىن سەئىدخان ھىجرىيە 896 - يىلى (مىلادىيە 1490 - يىلى) مۇغىلىستانغا قاراشلىق (مۇغىلىستان – چاغاتاي دەۋرىدە قوللىنىلغان شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك نامى. مىلادىيە 1348 - يىلى چاغاتاي ئەۋلادىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان قۇرغان خانلىقنىڭ نامى) تۇرپاندا دۇنياغا كەلگەن. ھىجرىيە 920 - يىلى (مىلادىيە 1514 – 1515) يەكەندىكى يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋام قىلغان مىرزا ئابابەكرى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، يەكەن بوستانلىقىنى مەركەز قىلغان «سەئىدىيە خانلىقى»نى قۇرۇپ ئەمىنلىك ئورناتقان. ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ، تېبابەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان. يەكەندە يېڭىدىن داڭلىق مەدرىسە، جامە، مەسچىتلەرنى ياساتقان. ئۇنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرىدىن سۇلتان ئابدۇرەشىدخان، سۇلتان ئابدۇكېرىمخان، سۇلتان ئابدۇللاخان، سۇلتان مەمەتخان، سۇلتان ئابدۇلەتىپخانلارمۇ سەئىدخاننىڭ ئىلىم - ئىرپانغا ئىشتىياق باغلاپ، بىلىمدارلارنى يار قىلىشتەك ئېسىل روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يەكەن، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا كۆپلىگەن مەدرىسە ۋە باشقا جامائەت قۇرۇلۇشلىرىنى قىلدۇرۇپ، خەلقنى ئاسايىشلىققا يېتەكلىگەن. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانلىرىدىن مۇھەممەتخان تەرىپىدىن مىلادىيە 1610 - يىلى ئەتراپىدا يەكەندە بىنا قىلىنغان خانلىق مەدرىسە ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى داڭلىق مەدرىسەلەرنىڭ بىرىدۇر.
خانلىق مەدرىسەنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 30 ئېغىز ھۇجرا، ئىككى يۈرۈش دەرىسخانىدىن تەركىب تاپقان. بۇ مەدرىسەگە باشتىن - ئاخىر سەئىدىيە خانلىقى پاسىبان بولۇپ، كېتەرلىك خىراجەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى خانلىقنىڭ خەزىنىسىدىن ئاجرىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭدا يەكەن سەئىدىيە خانلىقىغا قاراشلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدىن تالىپلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان.
خانلىق مەدرىسەدە ئىسلام تەلىماتلىرىدىن باشقا، ھىساب، ئاسترونومىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، لوگىكا، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، ئەدەبىيات، خەتتاتلىق قاتارلىق پەنلەر دەرسلىك، ئەلىشىر نەۋايى، جالالىدىن رومى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇشلۇق قىلىنغان. خانلىق مەدرىسە مەدرىسە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 390 يىلدىن ئارتۇقراق تارىختا، 68 قارار ئوقۇغۇچى تەربىيەلەپ، 10 مىڭ 200 دىن ئارتۇق ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. خانلىق مەدرىسەنى پۈتكۈزگەنلەر يەكەن، قەشقەر ۋە باشقا يۇرتلاردا مۇدەررىس، قازى، ئەلەم، مۇپتى، ئىمام، مەزىن، مۇتىۋەللى قاتارلىق ئەمەل، ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. تۆت ئەسىرگە يېقىن تارىخقا ئىگە بۇ مەدرىسەدە ھازىرغا قەدەر يەكەن شەھىرىدىكى خەلق ئىككى ھېيت نامىزىنى ئوقۇيدۇ.
خانلىق مەدرىسەدىن باشقا، يەكەندە يەنە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان مىلادىيە 1553 - يىلى ياساتقان «ئالتۇن مەسچىت»، «رەشىدىيە مەدرىسەسى»، ئابدۇللاخان تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردە، يەنى مىلادىيە 1660 - يىلى ياسالغان «يەكەن جامەسى» قاتارلىق ئىلىم - مەرىپەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان مەشھۇر مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىمۇ بار.
يەكەندىكى خانلىق مەدرىسەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەئىدىيە خانلىقى زامانىسىنىڭ مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى ھېسابلىنىدىغان قەدىمكى قۇرۇلۇشلار ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى، يەرلىك ئالاھىدىلىكى، مىللىي مېمارچىلىق سەنئىتىدىكى ئۆزگىچىلىكى جەھەتلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ 15 - ئەسىرلەردىكى مېمارچىلىق سەنئىتىنى، شۇنداقلا يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىلىشىمىزدە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە مەشھۇر مەدەنىيەت يادىكارلىق مىراسلىرىمىزدۇر. ھازىر بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئاخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلار قاتارىدا قوغدالماقتا، شۇنداقتىمۇ يەكەندىكى سەئىدىيە خانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات يۈرگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم ھەم ئەھمىيەتلىك خىزمەتتۇر .
قەشقەردە تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن، تاكى 1955 - يىللىرىغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن نامى مەشھۇر مەدرىسىلەر تۆۋەندىكىچە:
1. «خانلىق مەدرىسە» ھازىرقى قەشقەر سىياسىي مەكتەپ ئورنىغا توغرا كېلىدۇ.
2. «قازانچە مەدرىسە» خانلىق مەدرىسىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ، سىياسىي مەكتەپ ئىچىدە.
3. «ساقىيە مەدرىسە» قارىقى دەرۋازىدىن شىمالغا ماڭغان ساقىيە مەھەللىسىدە.
4. «لاي پەشتاق مەدرىسە» بۈگۈنكى بەش ئېرىق مەھەللىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنىدا.
5. «ۋاڭلىق مەدرىسە» ھازىرقى ئوردا ئىشىكى 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنىدا.
5. «زوھوردىن ھېكىمبەگ ۋاڭلىق مەدرىسە» قەشقەر شەھەر يولۇچىلار بېكىتى ئىچىدە (پايناپ).
7. «مۇھەممەدتاجى ھېكىمبەگ مەدرىسىسى» قەشقەر شەھەر قوناق بازىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ.
8. «تاجى ھېكىمبەگ مەدرىسىسى» ھازىرقى قوناق بازىرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىچىدە.
9. «دورغىبەگ مەدرىسىسى» ھازىرقى قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمە ئائىلە قورۇسى ئورنى، فىلىم شىركىتى يېنىدا.
10. «يۈسۈپ ۋاڭ مەدرىسىسى» قەشقەر قارىقى دەرۋازا يولىدىكى گۈلە - قاق بازىرىغا توغرا كېلىدۇ.
11. «ئىسمائىل باي مەدرىسىسى» قارىقى دەرۋازا يولى بىلەن چاسا يولىنىڭ كېسىشىش ئاغزىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىگە توغرا كېلىدۇ.
12. «شاھ پولاتبەگ مەدرىسىسى» بۈگۈنكى دۆڭ مەسچىتنىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدۇ.
13. «ئابدۇۋەلى باي مەدرىسىسى» ھازىرقى تىل - تېخنىكا مەكتەپ ئورنىغا توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە « توقام مەدرىسىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
14. «ھېيتىگاھ مەدرىسىسى» ھېيىتگاھ جامەسى ئىچىدە.
15. تاغارچى كوچىسىدىكى «سەلىمئاخۇن داموللا ھاجى مەدرىسىسى» ھازىرقى ئاھالە كومىتېت ئورنىدا.
16. «ئەھرارخان تۆرەم مەدرىسىسى» ھازىرقى ئۆستەڭبويى كوچا باشقارما ئورنى.
17. «كەنجازە مەدرىسىسى» ھازىرقى ئۆستەڭبويى ساقچىخانا ئورنىغا توغرا كېلىدۇ.
18. «چاچ مەدرىسە» ھازىرقى شەھەرلىك سىياسىي مەكتەپ ئورنى.
19. «ئۆمەر ھېكىمبەگ مەدرىسىسى» بۈگۈنكى ئوردا ئالدى كوچىسى ئىچىگە توغرا كېلىدۇ.
20. «خالق ھاجىم مەدرىسىسى»، يەنە « كەسكەن يار مەدرىسىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
21. «مىرئەلى قازى كالان مەدرىسىسى» بۈگۈنكى غوچىلا كوچىسى ئىچىگە توغرا كېلىدۇ.
22. «سادىق ئاخۇن خەلفەت مەدرىسىسى» بۈگۈنكى ئوردا ئىشىكى كاللا مەھەللىسىدە.
23. «مۇزەپپەر قازى مەدرىسىسى» ئەبىرشىمكار كوچا ئاغزىغا توغرا كېلىدۇ.
قەشقەردىكى بۇ مەدرىسىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك، يەنى «تېخنىكوم» دەرىجىلىك مەردىسىلەر بولۇپ، بۇ مەدرىسىلەردە دەرس ئۆتىدىغان مۇدەررىسلەر ئەللامە دەرىجىلىك ئۆلىمالار ھېسابلىنىپ، شۇ دەرىجىلىك نام - ئابرۇي، ئىجتىمائىي ئورۇن، مۇناسىپ ماددىي تەمىناتقا سازاۋەر بولاتتى.  

2. قەشقەردىكى ئىسلام مەدرىسلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى

قەشقەردە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدرىس مائارىپى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى.
بىرىنچى، قەشقەر مەدرىس مائارىپىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، قەشقەردىكى مەكتەپ ۋە مەدرىسىلەرنىڭ ئۆلىما - مۇدەررىسلىرى، ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىنىڭ بىلىم - سەۋىيەسى يۇقىرى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىلغار، ئىمان - ئېتىقاد مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇلار خەلقنىڭ قەلبىدە ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە ۋە ئۇلار ھەققىدە تەزكىرە - ئەسلىمىلەر يېزىلماقتا. تارىختىن بېرى قەشقەردىكى ئوقۇتقۇچى - مۇدەررىسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تارىخىي شارائىت ۋە قاتناش قاتالرىق ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە تەربىيەلەنگەن، بىلىم - مەلۇمات، ھۈنەر - قابىلىيەت ئىگىلىگەن، شۇنداقلا كېيىنكى چاغلاردا تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئىجتىھات قىلىپ بىلىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇ خىل قابىلىيىتى بىلەن زامانداش ئالىملار ۋە خەلق ئاممسىى ئىچىدە يۇقىرى ئىناۋەت تىكلىگەن.
قەشقەردىكى ئوقۇتقۇچى، مۇدەررىسلەر ئالدى بىلەن ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام ئەقىدىسى، قانۇن بىلىملىرىنى مۇستەھكەم ئىگىلگەن بولۇپ، ئىسلام ئەھكاملىرىغا دائىم بىلىملەرنى پۇختا، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەن. شۇڭا، ئۇلار ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قەشقەردىكى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك ھۆرمەت قوزغىغانىدى.
مەھمۇد كاشغەرى ئۆز ئانا تىلىنىڭ شان - شەرىپى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتى ئۈچۈن 10 - 15 يىل جاپا چېكىپ، «تۈ*ركىي تىللار دىۋانى» ناملىق جاھانشۇمۇل ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇكەممەل گىرامماتىكا كىتابى بارلىققا كەلگەن، ئۇنى ئالەمگە تارقاتقان. ئۇ تىلشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىققا ئاساس سالغان بولۇ، ئۇنىڭ ئالىملىق كامالىتى قەشقەر خەلقىنىڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شان - شەرىپى بولۇپ كەلمەكتە'؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئۆزىنىڭ ئەقلىي ۋە ئۈگلۈك روھى بىلەن ئىسلام ئەخلاقى، ئېتىقادى، كىشىلىك ۋە تۇرمۇش قاراشلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «ئەلنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» دېگەن يۈكسەك چاقىرىقنى ئۆز ئەسىرىدە جاكارلاپ، دېموكراتىك ئىدىيەنى ئالغا سۈرگەن. قەشقەردىكى داڭلىق ئۆلىما مىرمۇھەممەدى قازى كالان ئاخۇنۇم ياقۇپبەگ - بەدۆلەتنىڭ دەۋرىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ھەققىدە قەتئىي چەكلەش، كەسكىن قارشى تۇرۇشتەك روھنى نامايان قىلغان؛ باھاۋىدىن مەخسۇسم چاررۇسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ تارقاتقان پىتنە - ئىغۋالىرىغا دادىللىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، يۈزمۇيۈز مۇنازىرە قىلغان؛ موللا ئاخۇنۇم دارازا - موللا ئاخۇن قازى كالان كەڭ ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ياۋروپا ۋە رۇسىيەدىن كەلگەن جاھانگىر جازانىخورلارنىڭ ۋەھشىي قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقارغان.
ئىلغار مۇتەپەككۇر ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەشقەرنىڭ ئەينى دەۋرىدىكى شۋېت مىسسىئونېرلىرى دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ قەشقەردە خىرسىتىيان دىنىنى تارقىتىش يولىدىكى ھەرىكىتىگە قارشى قىلغان قەتئىي كۈرەشلىرى قەشقەردىكى ئۆلىما - مۇدەررىس - ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىرادىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى. ئۇلار بۇ پەزىلەتلىرى بىلەن تارىختىن بېرى خەلقنى تەربىيەلەپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، چىن قەلبىدىن سۆيۈنمەكتە.
قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا دىققەت بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، جامالىدىن كاشغەرى، ئىمامىدىن كاشغەرى، ئابدۇجاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرى، ئەھمەد يۈكەنكى، سەئىددىن كاشغەرى، جامال قەرىشى، لۇتفى، سەككاكى، ھىرقىتى، ئەمىر ھۈسەيىن سەبۇرى، موللا سادىق ئەلەم كاشغەرى، ئابدۇرەھىم نىزارى، غەربىي، زىيائى، ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى، قۇتلۇق شەۋقى، ئەھمەد زىيائى، يۈسۈپ ھاجىم كاشغەرى، قۇتلۇق شەۋقى، ئەھمەد زىيائى، يۈسۈپ ھاجىم كاشغەرى، مۇھەممەدخان مەخسۇم پەيزى قاتارلىق ئالىملار، تەبىب - ھەكىملەر، شائىر - ئەدىبلەر قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە بىلىم ئېلىپ يېتىشىپ چىققان مۇنەۋۋەر شاگىرتلار، شۇنداقلا بۇ مەكتەپ - مەدرىسىلەردىن ئىلىم نۇرىنى تارقاتقان مەشھۇر ئۇستازلار ئىدى.
بۇ زاتلار ئۆز يۇرتى بولغان «ئەزىزانە قەشقەر» دە، ئۆز ئائىلىسىدە، ئۆزىنىڭ يۇرت - مەھەللىسىدىكى مەكتەپلەردە داڭلىق مەدرىسىلەردە يېتىشىپ چىققان ئالىم - ئۆلىمالاردىن تەلىم ئېلىپ، ئىلىم نۇرلىرى بىلەن قەلبلىرىنى يورۇتتى، ۋۇجۇدلىرىنى ئۇستازلىرى ئۆگەتكەن ئۇلۇغ ئەقىدە بىلەن قۇۋۋەتلەندۈردى. ئۇلار ئەسلىدە قەشقەر ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىققان ئېسىل مەھسۇلاتى، ئۆز شەرەپلىرى بىلەن قەشقەر مائارىپىنىڭ پەخىرلىرى ئىدى. ئۇلار پەقەت قەشقەردىكى ئۇيغۇر مائارىپى، قەشقەردىكى تەربىيە زېمىنى ۋە كەڭرى ئىمكانىيىتى ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ كامىل ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلىپ، سۆيۈملۈك ئۇستازلىرى ئېچىپ بەرگەن ئىلىم - ھېكمەت يولى بىلەن تىنىمسىز ھالدا ئىلگىرىلەپ، ئەقىل - پاراسەت، يۇقىرى قابىلىيەت،ماھارەتلىرىنىڭ تەڭداشسىز مېۋىسى بولغان «تۈ*ركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئۇستالار توپلاشقان ماكان»، «قەشقەر تارىخى»، «تارىخى رەشىدىي»، «سۇراھ»، «تېببىي ئىلىم ئىزاھاتى»، «گۈل ۋە نەۋرۇز»، «مۇھەببەتنامە - مېھنەتكامە»، «مۇھەممەت داستانلىرى»، «ماقالات»، «مەھزۇنۇل ۋائىزىن»، «كىتابىي غەربى»، «دىۋانى ناقىس»، «ئاقائىد زەرۇرىيە»، «مىفتاھىل ئەدەپ»، «رابىئە - سەئىددىن»، «قانۇنچە»، «ھەدىيەئى خىسلەت» قاتارلىق پەلسەپىۋى مۇھاكىمىگە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئېسىل دۇردانىلەرنى قوشتى ھەمدە جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ناملىرىنى تارىخ سەھىپىسىگە ئۆچمەس ئىز قىلىپ يېزىپ قالدۇردى.
قەشقەردە ئىلمىي پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولغان ئىبنۇل فۇتۇھ ئەبدۇل غەپپار ئىبنى ھۈسەيىن «تارىخىي كاشغەر» ناملىق كىتابنى يازغان، مەشھۇر ئالىم جامال قەرشىنىڭ «مۇلھەققەتۇل سۇراھ» ناملىق كىتابىدا ئەنە شۇ «تارىخىي كاشغەر» نىڭ بىر قىسمى ساقلانغان. «سۇراھ لۇغىتىگە تولۇقلىما» ناملىق كىتاب جامادىيەل ئەۋۋەلدە «پەرھاد ئەندىجانى» دەپ چاقىرىلىدىغان ئالىم ۋە خەتتات ئىبنى مەۋلانە نۇرىددىننىڭ ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن 1066 - يىلى چاھارشەنبە كۈنى خوجەنت شەھىرىدە تاماملانغان. بۇ تولۇقلىمىدا قاراخانىيلار دەۋرىدىكى قەشقەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە ئۆتكەن ئالىم، مۇدەررىس، شەيخلەرنىڭ تەزكىرە - تەرجىمىھاللىرى تەپسىلىي يېزىلغان بولۇپ، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە قەشقەر ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تارىخىي مەنزىرىسىنى سىزىپ بېرىشتە زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.
يەنە «مۇلھەققەتۇل»دا بايان قىلىنىشىچە، قەشقەرلىق مەۋلانە ئابدۇللاھ ھۈسەيىن دېگەن كىشى «ھىدايەت» ناملىق كىتابىنىڭ «نىھايە» ناملىق شەرھنى يېزىپ چىققان، ئۇ يەنە «دىراسەت»، «دىرايەت» ناملىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى بولغان، ئۇ قەشقەردە ناھايىتى چوڭ ئابرۇيغا ئىگە تەھقىقشۇناس بولۇپ، ئۆزىنىڭ كىتابلىرى ئارقىلىق قەشقەر شەھىرىنى ئىسلام ئەللىرىگە تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.
مەشھۇر ئىمام مەجىددىن خارەزمى ئۇزاق يىل قەشقەردە مۇدەررىسلىك ۋە ئىماملىق قىلغان. ئۇنىڭ «ئەززادىپىل قىرائەت»، يەنى «قىرائەتنىڭ پايدىسى» ناملىق كىتابى بولۇپ، ئۇ زات قەشقەردىكى مەدرىسىلەردە ئۇزاق ئىشلىگەن، قەشقەردە ۋاپات بولۇپ، قەشقەرگە دەپنە قىلىنغان. مەشھۇر ئالىم ۋە ئۆلىما ئابدۇمۆئمىن بارلىق چىڭگىز ئېلى - چاغاتاي خەن تەۋەسىگە قاراشلىق  يۇرتلارنىڭ باش مۇدەررىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، چاغاتاينىڭ ئوردىسى ئالمىلىقتىن قەشقەر شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە قەشقەردىكى مەدرىسىلەردە تەلىم - تەربىيە بىلەن مەشغۇل بولغان؛ 1097 - يىلى مۇھەممەدىل ئەل سەمەرقەندى «ئەسرارۇل رىياسەت» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. 15 - ئەسىردە، يەنى تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە سەئىددىن كاشغەرى ناھايىتى مەشھۇر مۇدەررىس ئىدى. ئۇ چۇرساننىڭ ھىرات شەھىرىگە بېرىپ ئۇزۇن يىل مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئابدۇراھمان جامى، ئەلىشىر نەۋايى قاتارلىقلار ناھايىتى مەشھۇر ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان، ئۇنىڭ ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ھوقۇقشۇناسلىق ھەققىدە «مىنيەتۇل مۇسەللا ۋە غەينەتۇل مۇپتەدا»، «كالىمەت غوجف باھائىددىن نەقشىبەندى»، «رىسالەئى نەتائىپ»، «ۋۇجۇدنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىسلام دۇنياسىغا مەشھۇر بولغان. سەئىددىن كاشغەرىنىڭ چوڭ بوۋىسى مۇھەممەد زەينۇل ئابىدىن كاشغەرى (قايراق) 11 - ئەسىرنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى ئىدى، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ نەۋرىلىرىدىن بولغان شەيخ ئالامىددىن پارس تىلىدا «مۇناقىپ خوجا زەينىددىن» ناملىق كىتابنى يازغان. ئۇنىڭ يەنە بىر نەۋرىسى مىرغوجا بىننى مەۋلانە مىرفازىل پارس تىلىدا «سىررەل ئەسرار» ناملىق كىتابنى يازغان. ئابدۇراھمان جامى ئەينى چاغدا سەئىدىن كاشغەرىدىن ئىلمىي رىيازەت (ماتېماتىكا)، مۇجاھىدلىك، پەقىرلىق، سۇلۇك قاتارلىق ساھەلەردە بىلىم ئالغان، دۆلەتشاھ سەمەرقەندى، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا سەئىددىن كاشغەرى ھەققىدە كۆپ توختالغان. قەشقەر سەمەن توغراقلىق مازارغا دەپنە قىلىنغان يەتتە ئۇيغۇر مەۋلانىغا ئاتاپ (مىلادىيە 1869 - - 1870 - يىللاردا) ۋەخپە قىلىنغان يەر ھۆججىتىدە سەئىدىيە دەۋرىگە مەنسۇپ يەتتە ئۇيغۇر مەۋلانىنىڭ ئىسمى خاتىرىلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىسمى تۆۋەندىكىچە: مەۋلانە مەنسۇر، مەۋلانە ئابدۇجاپپار، مەۋلانە ھادى، مەۋلانە ھاپىز، مەۋلانە ئەبۇبەكرى بەركات، مەۋلانە پەخرىددىن ئۆمەر، مەۋلانە مۇھەممەدىن.
مۇنداق مول ھوسۇللۇق تەپەككۇر ئىگىلىرى قەشقەردىكى مەدرىسە - مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى - مۇدەررىسلەرنىڭ قابىل كىشىلەر، ئىجتىھاتلىق ئالىملار، چوڭقۇر تەپەككۇرغا ئىگە دانىشمەنلەر ئىكەنلىكىدە ھەقىقەت ئارقىلىق ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىدۇ.
ئىككىنچى، قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ مەكتەپ مەدرىسىلەردە ئوقۇلىدىغان كىتابلارنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، مۇنتىزىم ھالدا داۋاملىق ئىشلىتىلىپ كەلگەن، يەنى دەرسلىكلىرى قېلىپلاشقان.
قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەر دىنىي دەرسلىكلەر بىلەن ماس قەدەمدە سەرف - نەھۋى قاتارلىق ئەرەب تىلىنىڭ گىرامماتىكا ۋە فونېتىكا قىسمى، ئەدەبىيات - تارىخ، لوگىگا، ئىستىلىستىكا قاتارلىق زۆرۈر بولغان دەرسلىكلەرنى ئۆگەنگەن.
قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە يەنە دۇنياۋى ئىلىملاردىن ھەندىسە (گېئومېتىرىيە)، ئەلجەبرى (ئالگېبرا)، ئىلمىي تېب (مېدىتسىنا)، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، ئىلمىي كىمىيا (خىمىيە)، ئىلمىي رىيازەت  (ماتېماتىكا)، ئىلمىي نابادات (بوتانىكا)، ئىلمىي ئەرز (جۇغراپىيە)، يەنە خەتتاتلىق، لەشكەرىي مەشىق (رۇسۇمات) قاتارلىق دەرسلەرمۇ ئۆگىتىلگەن.
تارىخ مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە ئەينى چاغدىكى ئابباسىيلار سۇلالىسى مەزگىلىدىكى باغداد «نىزامىيە» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرسلىكلىرىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنى قىلغان ئاساستا، يەنە بۇخارايى شەرىفتىكى قېلىپلاشقان ئون تۈرلۈك دەرسلەر:
(1) ئىلمىي تەۋھىد (ئىلمىي كالام)؛ (2) ئىلمىي تەپسىر؛ (3) ئىلمىي ھەدىس؛ (4) ئىلمىي فىقىھ -؛ (5) ئىلمىي تەجۋىد؛ (6) ئىلمىي پارائىز (تەقسىمات قانۇنى)؛ (7) ئىلمىي مەنتىق؛ (8) ئىلمىي سەرىف (مورفولوگىيە)؛ (9) ئىلمىي نەھۋى (گىرامماتىكا)؛  (10) ئىلمىي مائانى (ئىستىلىستىكا) قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەرقايسى ساھەدە بۇ 10 ئىلىمنىڭ كىتابلىرى دەرسلىك قىلىنغان.
1. ئىلمىي تەۋھىد: يەنى «ئىلمىي كالام»غا دائىر ئوقۇلىدىغان كىتابلار: «ئاقائىد تاھاۋى»، بۇنىڭدىكى «ئاقائىد تاھاۋى»، «تاھاۋى ئەقىدىلىرى» بۇ كىتابنى ئەبۇ جاپپار ئەفەزۇرۇفتۇر مۇھەممەد تاھاۋى مىسىردا تۈزگەن. يەنە ئىلمىي تەۋھىدكە دائىر «ئابدۇلھەكىم» قاتارلىقلار.
2. ئىلمىي تەپسىرگە دائىر ئوقۇلىدىغان كىتابلار: تەپسىرى بەيزاۋى - ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر بەيزاۋى (1287 - يىلى ۋاپات بولغان). كىتابنىڭ ئەسلىي ئىسمى «ئەنۋارۇل تەنزىل ۋە ئەسراۋۇت تەئۋىل» بولۇپ، قىسقارتىلىپ، «قازى بەيزاۋى» دەپ ئاتىلىدۇ. تەرجىمىسى «‹قۇرئان كەرىم› نۇرلىرى ۋە سىرلىرى» مۇئەللىپ شىرازىنىڭ بەيزاۋى دېگەن يېرىلىك بولۇپ، شۇ يەرگە مەھكىمە شەرئىدە قازى بولغان، يەنە «تەپسىرى جالالەين» قاتارلىق كىتابلار ئوقۇلىدۇ.
3. ئىلمىي ھەدىس كىتابلىرى:
مەشھۇر ئالتە ھەدىس كىتابلىرى، يەنى سەھىھۇل بۇخارى، سەھى مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇت، ئىبنى ماجە، ناسائى، تىرمىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەدىس كىتابلىرى. يەنە «مىشكا تىل ماسابىھ»، بۇ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا تەبرىزى يازغان كىتاب ولۇپ، «چىراغلار تەكچىسى» دېگەن مەنىدە، مىلادىيە 1336 ـ 1337 - يىللىرى يېزىلغان.
ھەدىسىگە دائىر ئالتە كىتاب:
«سەھىھۇل بۇخارى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا بۇخارى تۈزگەن، ئىككى توم، ھىجرىيە 3 - ئەسىردە يېزىلغان.
ئىبنى ماجە - ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبنى يەزىد ئىبىنى ماجە. مىلادىيە 824 ــ 825 - يىللىرى ئىراندا ياشىغان كىشى.
ئەبۇ داۋۇت - ئەبۇ داۋۇت سۇلايمان مىلادىيە 10 - ئەسىردە ئىراننىڭ سىجىستان دېگەن يېرىدە ياشىغان كىشى.
سەھىھۇل مۇسلىم - مۇسلىم ئىبنى ھەججاج ئەبۇل نىسابۇرى. بۇ كىتاب مىلادىيە 9 - ئەسىردە يېزىلغان.
تەپسىر ئىبنى كەسىر - سۈرىيەلىك كىشى بولۇپ، لەقىمى ئەبۇل فىدا - دەمەشىقتىن. ئىسمائىل ئەمىر ئىبنى كەسىر. بۇ كىتاب 14 - ئەسىردە يېزىلغان.
4. « ئىلمىي فىقىھ» قا دائىر ئوقۇلىدىغان كىتابلار:
مۇفتەسەرۇل ۋاقايە، شەرھىي ۋاقايە ھىدايە، يەنە « ھىدايە شەرھۇ بىدايە» (بىدايە ناملىق ناملىق كىتابنىڭ يېتەكچى ناملىق شەرھىسى)، ئەبۇل ھەسەن ئەلى مەرغىنانى ھىجرىيە 6 - ئەسىردە يازغان (مىلادىيە 12 - ئەسىر).
5. «ئۇسۇل فىقىھ»قا دائىر ئوقۇلىدىغان كىتابلار:
ئۇسۇلى شاشى، «نۇرۇل ئەنۋار»، تەۋزىھ بۇلاردىكى «نۇرۇل ئەنۋار»نىڭ مۇئەللىپى ئەھمەد شەيخ جىيۋەن ئىبنى ئەلى سەئىد، مەككىلىك كىشى بولۇ، كېيىن ھىندىستاننىڭ لاھۇر شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. بۇ كىتاب ھىندىستانلىق موللا مۇھەممەد جىيۋەن يازغان «مانار»، (نۇر مەركىزى) ناملىق كىتابنى ئىزاھلاش مەقسىتىدە يېزىلغان ھاشىيىسىگە «نۇرۇل ئەنۋار» دېگەن كىتابنىڭ «قەمەرۇل ئەقمار» (ئايلارنىڭ ئېيى) ناملىق شەرھىسى يېزىلغان.
تەۋزىھ
تەۋزىھ «روشەنلەشتۈرۈش» دېگەن مەنىدە. بۇ كىتابنى ئۇبەيدۇللا ئىبنى مەسئۇد يازغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئۆزى يازغان «تەنقىھ (نۇرلاندۇرۇش) ناملىق ئەسىرىنى ئىزاھلاش مەقسىتىدە يېزىلغان بولۇپ، ئىسلام قانۇنچىلىقى ھەققىدىكى كىتاب، مىلادىيە 14 - ئەسىردە يېزىلغان.
6. «ئىلمىي تەجۋىد - قىرائەت ئىلمى» گە دائىر ئوقۇلىدىغان كىتابلار
7. «ئىلمىي پارائىز» (تەقىسمات، نىسبەت ۋە ستاتىستىكا) گە دائىر ئوقۇلىدىغان كىتابلار: «سىراجىيە»، «شەرھى سىراجىيە».
8. «ئىلمىي مەنتىق» (لوگىكا) گە دائىر ئوقۇلىدىغان كىتابلار: «ئىسلاغۇجى»، «قالەئەقۇل»، «شەمسىيە»، «ھاشىيە»، «ھاشىيە سۇللەم»، «سۇللەم تەھزىپ».
9. «ئىلمىي شەرف» (تىلشۇناسلىققا دائىر)گە دائىر ئوقۇلىدىغان كىتابلار: «بىدانىل مەۋزى»ق، «زەنجانى»، «شافىيە»، موراھۇل  ئەرۋا»، «پالاھۇل ئەپلا».
10. «ئىلمىي نەھۋى»
«كافىيە»، بۇ كىتاب مىلادىيە 13 - ئەسىردە مەرۋە - دەمەشىقتە ياشىغان ئىبنى ھاجىپ ئوسمان ئىبنى ئۆمەر يازغان ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىغا ئائىت ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى دەرسلىك.
يەنە «ھىدايىتۇل نەھۋى»، «ئەلفىيە»، ئابدۇراھمان جامىنىڭ «شەرھى موللا» دېگەن كىتابى. «ئاۋامىل»، «ھەرىكات»، «تەسەرۇپات»، «زەزىرى»، «كافىيە»، «ئالفىيە» قاتارلىقلار.
11. «ئىلمىي مائانى»گە دائىر ئوقۇلىدىغان كىتابلار
«تەلخى»، «مۇختەسەرۇل مائانى» (مەنىلەرنىڭ ئىخچاملانمىسى). بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى مەسئۇد ئىبنى ئۆمەر تازانى ئىران خۇراسانلىق كىشى بولۇپ، دەمەشىقلىق خەتىپنىڭ «تەلخسۇل مىفتاھ» (بىلىملەر ئاچقۇچى) ناملىق كىتابىنى كېڭەيتىپ چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە يازغان. ئەرەب تىلىنىڭ سىتاكىسىس قىسمىغا ئائىت مۇھىم كىتاب.
12. «ئىلمىي پەلەكيات»گە دائىر ئوقۇلىدىغان كىتابلار
ھېكمەتۇل ئەين، كېيىنكى چاغلاردا ئۇلۇغبەگنىڭ يۇلتۇزلار جەدىۋىلى ئوقۇتۇلغان.
13. ئەدەبىياتقا دائىر كىتابلار:
«قەسىدەئى بۇردە»، بۇ كىتاب ئۆمەر ئىبنى ئەھمەدىل خەربۇتىنىڭ كىتابى بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېغىشلانغان قەسىدىلەرنىڭ شەرھى. ئەسلىي ئىسمى «قەسىدەئى بۇردە» ئۇ ئەرەب شائىرى ئىمام بۇسەيرى ‹مىلادىيە 244 - - 1295 - يىللىرىغىچە) تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاب ھەققىدىكى شەرھى، يەنى نەسرىي يەشمىسى. يەنە «ماقامەتى ھەرىرى»، «قەسىدەئى ھەمزىيە»، «مۇتەنەببى»، «ھاماسى»، «سەبىئە مۇئەللەفە»، يەنە كېيىنكى چاغلاردا ئابدۇقادىر داموللام يازغان ئەرەب تىلىدىكى «مىفتاھۇل ئەدەپ» قاتارلىقلار ئوقۇلغان.
پارس ئەدەبىياتىدىن:
مىرزا بىدىلنىڭ كىتابى «بىدىل»، پارس شائىرى شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان»، «بوستان»، يەنە جالالىدىن رۇمىنىڭ «مەسنەۋى شېرىپ پارىسى»، ئىمام رەببانىنىڭ «مەكتۇبات»، نەفھات قاتارلىق كىتابلىرى ئوقۇلغان.
ئۈچىنچى، قەشقەردىكى مەكتەپ ۋە مەردىسىلەر ۋە ئۇلاردىكى ئوقۇتقۇچى، مۇدەررىسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، بۇ بىلىم ئوچاقلىرى ۋە بۇ مائارىپ خادىملىرى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساسىي مەركەز قىلغان ھالدا ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرغان، يەنى ئەينى دەۋردىكى خاقانىيە ئەدەبىي تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە كېيىنكى چاغلاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تۇراقلىشىشى، قېلىپلىشىشى، بۇ تىلنىڭ مەشھۇر «قەشقەر تىلى»، «قەشقەر شېۋىسى» سۈپىتىدە ئىلىم - پەن تىلى، يېزىقچىلىق، تەرجىمە تەلىم - تەربىيە تىلىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇقەددەس مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن غايەت زور خىزمەت كۆرسەتتى ۋە تۆھپە  قوشتى، ئوقۇتۇش جەھەتتىن، مەكتەپ ۋە مەدرىسىلەردە ئىزچىل تۈردە تىل ۋە ئەدەبىيات ئىلمىنىڭ باشقا پەنلەرگە بولغان ئىجابىي تەسىرىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەچكە، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئاساسىي ۋە مۇھىم پەنلەر قاتارىغا قويۇلدى. مەكتەپ - مەدرىسىلەردە «قۇرئان كەرىم» تولۇق ئۆگىتىپ بولۇنغاندىن كېيىن مەشھۇر پەيلاسوپلار، تالانتلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى پۇختا ئوقۇشقا يېتەكلەندى.
قەشقەردىكى ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ ۋە ئۇستاز، مۇدەررىسلەرنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇلار مەدرىسىلەردە ئوقۇتۇلىدىغان بارلىق ئىلىملاردىن خەۋەردار، ئۇنىۋېرسال بىلىمگە ئىگە كىشىلەردىن بولۇپ، قايسى دەرسنى بېرىش تەلەپ قىلىنسا شۇ كىتاب ۋە شۇ دەرستىن دۇدۇقلىماي دەرس بېرىشتەك قابىلىيەتكە ئىگە بولغانىدى.
قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە ئاساسىي پەنلەر پىششىق ئۆگىنىلگەندىن باشقا، يانداش ھالدا ئەرەب ئەدەبىياتى، تىل قائىدىلىرى، پارس ئەدەبىياتى ۋە تىل قائىدىلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ تەسىرىدە قەشقەردىكى مەكتەپ، مەدرىسلەردە ئوقۇغان شاگىرتلار ۋە مۇدەررىسلەر ئىچىدىن نۇرغۇن قابىل تەپسىرشۇناس، تەرجىمىشۇناسلار مەيدانغا كەلگەن.
بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەرلىق ئالىم مۇھەممەد ئىبنى رەشىد ئەلى ئەرەبلەرنىڭ مەككە شەھىرىدە 1460 - يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ئەرەب تىلى جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ ئەرەبلەردىكى تۆت چوڭ ئەللامە دەپ ئاتالغان ئەل سىددىقنى يازغان «ئەلنىڭ خىيالى»، قازى نىياز يازغان «شەر*ق يورۇدى»، خەلىپە ئەلقۇۋان ئىمىن ئەلى يازغان ئىككى پارچە داڭلىق ئەسەرلەرنى خاتالىرىنى تۈزىتىپ قايتا ئېلان قىلىپ ئەرەب دۇنياسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. قەشقەردىكى مەشھۇر مۇدەررىس، ئۆلىما ۋە ئەدىب موللا سادىق ئەلەم كاشغەرى (1725 - يىلىدىن 1849 - يىلىغىچە ياشىغان) ئالاھىدە مۇكەممەل «قۇرئان كەرىم» تەپسىرى ۋە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ چىققان. دېموكراتىك شائىر ۋە مۇدەررىس ئابدۇقادىر داموللا، سەمسىدىن داموللا قاتارلىق ئۇستازلارمۇ «قۇرئان كەرىم» تەپسىرى ۋە تەرجىمە شەرھىسىنى يېزىپ قالدۇرغان. قەشقەرلىق ئۆلىمالاردىن دەرس ئېلىپ يېتىشىپ چىققان ئالىم ۋە ئۆلىما مۇھەممەد زەرىپ قارىي ھاجى 1926 - يىلى «قۇرئان كەرىم»نىڭ 30 - پارىسى «ئەمما پارىسى» ئۈچۈن مۇكەممەل تەرجىمە - تەپسىرنى يېزىپ چىققان. بۇ چوڭ ھەجىملىك كىتاب 2004 - يىلى تۈ*ركىيەدە نەشر قىلىنغان فاكسمىلغا ئاساسەن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر ئۆلىما ۋە شائىر سابىت ئابدۇلياقى كامالى (1883 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1942 - يىلى ۋاپات بولغان) 1937 - يىلى «روشەن بايان، تۈ*ركىي تەفسىرۇل قۇرئان»، يەنى «شېرىن كالام» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان. يەنە ئۇ زات «ئەلفگە شەرھى»، «ئىبنى مالىككە تەپسىر»، «بىدايۇل سەرپ»، «بەدىئۇل ئامال»، «جاۋاھىرۇل ھىقان»، «تەھسىلى ھېساب» قاتالرىق مۇھىم ئەسەرلەرنى ئۇيۇغر تىلىدا ئاممىبات، چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىپ چىققان. مەشھۇر ئۆلىما مامۇت ھاجىم خەلپىتىم 1930 - يىللىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تولۇق تەرجىمە - تەپسىرىنى يېزىپ چىققان، تىللاردا داستان بولۇۋاتقان «مۇھەمماتۇز زەۋجەين» (ئەر - ئاياللار ئارىسىدىكى ئىشلار)، «شېرىن كالام»، «ئاقاقئىد زەرۇرىيە، ئىبادەت ئىسلامىيەت»، «مفتاھۇل ئەدەپ»، «جاۋاھىرۇل ھىقان» قاتارلىق ئەسەرلەر ئەينى دەۋرلەردىكى قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە دەرسلىك قىلىنغان.
قەشقەردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ چىققان موللا مۇھەممەد تۆمۈر كاشغەرى مەشھۇر ۋائىز - مەۋلانە ھۈسەيىن ۋائىز كاشغەرىنىڭ «ئەخلاقۇل موھسىن» (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق كىتابىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. 1717 - يىلى ھىندى يازغۇچىسى بىد باي بىر رەھىنىڭ ھېكايە - مەسەللىرىدىن تەركىب تاپقان «كەلىلە ۋە دېمىنە» ناملىق زور ھەجىملىك كىتابنى، ئابدۇراھمان جامىنىڭ «يۈسۈپ ۋە زۇلەيخا» ناملىق داستانىنى پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. قەشقەر مۇدەررىسلىرىنىڭ شاگىرتى موللا يۇنۇس ياركەندى 1755 - يىلى ئابدۇراھمان جامىنىڭ «يۈسۈپ زۇلەيخا» داستانىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. قەشقەر مەدرىسلىرىنىڭ يېتۈك ئوقۇغۇچىسى مولل سىدىق ياركەندى 1813 - يىلى «نەسرىددىن مىرزا مۇھەممەد ھۈسەيىن بەگ» ناملىق ئەسەرنى يازغان، بۇ نەۋايىنىڭ «خەمىسە» ناملىق داستانلىرىنى نەسرىي شەكىلدە ئۆزگەرتىپ يېزىشنى مەقسەت قىلغان ئەسەر ئىدى. 19 - ئەسىرنىڭ بېشىدا موللا نىياز ياركەندى «تارىخى رەشىدىي» ناملىق ئەسەرنى پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان تۇنجى كىشى ئىدى. موللا مۇھەممەد سادىق كاشغەرى مىلادىيە 1791 - يىلى «تەزكىرەئى ئەزىران» ناملىق نەسرىي قىسسەنى يازغان. قەشقەردىكى مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىلىرى بولغان ئابدۇرەھىم نىزارى، تۇردۇش ئاخۇن غەربى، نورۇز ئاخۇن زىيائى قاتارلىقلارمۇ مۇھەببەت ۋە ئەخلاق تېمىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان؛ قەشقەرلىق ئەمىر ھەسەن سادايى «دىۋان سادايى» ناملىق كىتابنى، ئەمىر ھۈسەيىن سەبۇرى «ماقالات»، «دىۋان سەبۇرى»، «نەۋايىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان؛ قەشقەر مەدرىسىلىرىنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر ناقىس «دىۋان ناقىس»، «گۈلزار بىنىش»، «بەھسى ھېكىمبەگ»، «مەۋجۇدۇلقۇلۇپ»، «نەسىھەتنامە ئۇنسۇر بايانى» قاتارلىقلارنى يازدى؛ قەشقەر مەدرىسىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىسى موللا مىرسالى كاشغەرى 18 - ئەسىردە يازغا ئىلمىي ئەمگەك 1985 - يىلى «چىڭگىزنامە» دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىندى؛ 16 - ئەسىردە يېزىلغان «تارىخى رەشىدىي»نى 1750 - يىلى قەشقەرلىق ئالىم ھاجى ھوشۇر خەلپەت قەشقەردە پارسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان، قەشقەرلىق شائىر قاسىمى 17499 - يىلى 2112 مىسرالىق تارىخىي داستان «تەزكىرەئى ئارسلانخان» ناملىق ئەسەرنى يازغان. بۇ ئالىملار يازغا ئېسىل ئەسەرلەر قەشقەر مەدرىسىلىرىنىڭ شاگىرتلىرى بولمىش ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ يۈرەك نالىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماي، بەلكى قەشقەر مائارىپىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ۋە ئىپتىخارى ئىدى.
تۆتىنچى، قەشقەر ئۇيغۇر مائارىپى قەدىم دەۋرلەردىن تارتىپلا دەرىجە - باسقۇچلار بويىچە تەربىيەلەشتەك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى - ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە مەكتىپى.
ئائىلە - جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسى، ئۇ ئەڭ دەسلەپكى جەمئىيەت ۋە مىللەت، دۆلەتنىڭ ئاساسى بولۇپ، تەلىم - تەربىيەنىڭ، مائارىپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇل سېلىش نۇقتىسى.
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بۇ تۇنجى بولۇپ ياخشى ئىسىم تاللاش، ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېيتىپ، ئىسىم (ئات)قويۇش، ئائىلىدە ئىناقلىق، مەرىپەت، ياخشى خۇلق - مىجەز، ئىزچىل ۋە دائىملىق ئىبادەت، ئەقىدە - ئىمان ۋە ئۇنىڭغا ماس بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىنسان ئەخلاقىنىڭ جەۋھەرلىك نۇقتىلىرى ئارقىلىق ئائىلە مۇھىتىنى ياخشىلاش، نۇرلاندۇرۇش بىلەن بالىلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپل ئەقىللىق، چېچەن، زېرەك، ياخشى خۇي، ياخشى ئەخلاققا ئىگە قىلىپ، تەربىيەلەشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلىدىكى ئاتا - ئانا پەرزەنتلەرنىڭ بىرىنچى ۋە مۇھىم ئۇستاز - مۇئەللىملىرىنىڭ باشقۇرۇشىنى بەجا كەلتۈرىدىغان ئانا ۋە ئاتا پەرزەنتلىرىگە ئەڭ دەسلەپكى تەلىمنى بېرىدۇ. پەرزەنتلەر 4 - 5 ياشلارغا كىرگەندە، ئۇلارغا ئەخلاقىي تەربىيە ئىمان كەلىمىلەرنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى مەھەللىدىكى مەكتەپەلرگە ئەۋەتىدۇ. بۇ مەھەللە دائىرىسىدىكى مەكتەپتىكى ئۇستازلار، موللا - ئۆلىمالارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ بالىلار دائىملىق ۋە بىر خىل تەرتىپ ئاستىدىكى سىستېمىلىق تەربىيەنى قوبۇل قىلىدۇ، مەھەللىۋى مەكتەپلەرنىڭ ياش چەكلىمىسى بولمايدۇ، بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار تۆت يېرىم ياشتىن 15  - 16 ياشقىچە ۋە بەزىدە 20 ياشلارغىچە ئوقۇيدۇ. 10 ياشقا توشمىغان قىزلارمۇ ئايرىم سىنىپ قىلىنىپ ئوقۇيدۇ.
تارىختىن بېرى قەشقەر شەھىرىدە ناھايىتى كۆپ مەھەللىۋى مەكتەپلەر بار ئىدى. بۇلار باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە دىنىي مەكتەپلەر بولۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ 1900 - يىللاردىن كېيىنكى ئەمەلىيىتىگە قارىساق، قەشقەر شەھىرىنىڭ 125 دىن ئارتۇق مەھەللىسىدە ئەڭ ئاز بولغاندا بىردىن، كۆپ بولغاندا 2 - 3 ئورۇندا، ئاساسەن مەسچىت ھۇجرىلىرى، مەسچىت يېنىدىكى ۋەخپە جايلار ياكى مەسچىتلەر گە ساخاۋەتلىك كىشىلەر ھەدىيە قىلىنغان ئۆيلەر، مەسچىتلەردىكى ئىمام ئاخۇنۇملارنىڭ ئۆيلىرىدە بىردىن مەكتەپ بار ئىدى. بۇلار يەرلىك تىل بىلەن «قارىيخانا» ياكى «مەكتەپ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ يەردە مەھەللىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەرخىل ياشتىكى بالىلار ئوقۇيدۇ.
قەشقەردىكى يەرلىك مەكتەپەلردە «توختى مىراقۇل كوچىسى»، يەنى ھازىرقى سۈت - قايماق كوچىسىدىكى ئىمىن ھاجىم خەلپىتىم (1850 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1932 - يىلى ۋاپات بولغان) باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپنىڭ تارىخى نىسبەتەن ئۇزۇن بولۇپ، 1874 - يىللىرى توختى مىراقۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئاكا - ئۇكا مۇھەممەد ئەلى شاڭيۇ، مۇھەممەد سالى شاڭيۇلار ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن خۇسۇسىي زېمىنىدا مەكتەپ بىنا قىلىپ، مەھەللىدىكى ئىمىن ھاجىم خەلپىتىمنى مەدرىسىلەردە ئوقۇتۇپ، تەربىيەلەپ، خەلپىتىملىككە تەيىن قىلغان. مەكتەپنى كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئىبراھىم ئاخۇن خەلپىتىم، ئۇنىڭ ئايالى بۈۋى خەلىچە خانىم قاتارلىقلار باشقۇرۇپ قەشقەردىكى ھەرقايسى مەھەللىلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئوغۇل - قىزلارنى ئايرىم سىنىپ قىلىپ ئوقۇتقان. بۇ مەكتەپ بىر قانچە قېتىم يېڭىلانغان ھەمدە قەشقەر دورغىبەگ كۆلبىشىدىكى مەدرىسە پەننىي مەكتەپ قىلىنغاندا، بارلىق ئوقۇغۇچىلىرى پارتا - ئورۇندۇق ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى بىلەن يۆتكەلگەن.
1910 - يىللار ئەتراپىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ يېزىسىغا تەۋە غوجى چوڭنىڭ قۇملۇقىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەكتەپنى قەشقەدىكى داڭلىق ئۆلىما ۋە مائارىپچى قاسىم ھاجىم خەلپىتىم باشقۇرغان. بۇ مەكتەپتىكى قاسىم ھاجىم خەلپىتىم (1861 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1976 - يىلى 115 يېشىدا ۋاپات بولغان) قەشقەردىكى بارلىق مەكتەپلەرگە مۇپەتتىش بولغان. قەشقەردىكى بارلىق مەكتەپەلرگە مۇپەتتىش بولغان. ئۆزىنىڭ قارا ئېشىكىگە مىنگەن ھالدا ھەرقايسى مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، مەزمۇنى، دەرسلىك، ئىمتىھان ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە مەخسۇس «نورۇزلۇق» تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاجايىپ ھېسسىياتلىق، تەنتەنىلىك نورۇزنامىلەرنى ئۆگەتكەن. قاسىم ھاجىمنىڭ مەكتىپىدە شەھەر تەۋەسىدىن نۇرغۇن ئوغۇللار - قىزلار چىقىپ ئوقۇغان. ئوقۇغۇچى سانى 3 - 4 يۈزگە يەتكەن بولۇپ، «قۇملۇق قاسىم ھاجىم خەلپىتىمنىڭ مەكىتپى» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان، ئۇ قابىلىيەتلىك بىناكارلىق لايىھىلىگۈچىسى، پشىشىق ئاگرونوم بولغان.
مائارىپچى قاسىم ھاجىم ۋە ئىمىن ھاجىم خەلپىتىم باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپتە ئىزچىل ھالدا ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، بۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرگە «ئىرشادنامە (گۇۋاھنامە)» بەرگەن. ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم (1897 - 1985)، مامۇت ئاخۇن خەلپىتىم، ناسىر ئاخۇن خەلپىتىم (1873 - 1938) قاتارلىقلار باشقۇرغان مەكتەپلەر، كونا ئوردا ئابدۇقادىر داموللام كوچىسىدىكى مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم - تەربىيە ئىشلىرى بىلەن خېلىلا داڭلىق بولغان. تار بوغۇزدىكى سۇلايمان ئەپەندى، كەنجى ئاخۇن خەلىپىتىملەر (1888 - 1957) باشقۇرغان مەكتەپلەر قەشقەردىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن خۇددى پەننىي مەكتەپلەرگە ئوخشاش پوللۇق سىنىپ، پارتا - ئورۇندۇق، تام مەشلىك، تاملىرىدا دوسكىلىرى بار مەكتەپەلر بولۇپ، قەشقەردىكى داڭلىق زاتلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى قاتتىق تەلەپ بىلەن ئوقۇتۇپ كەلگەن.
ئۆستەڭبويى شەھرىخان بۈۋىمنىڭ مەكتىپىدە قەشقەردىكى قىز - چوكانلار ئوقۇغان بولۇپ، بۇ  مەكتەپ 1957 - يىللىرىغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن. قەشقەردىكى 125 تىن ئارتۇق بۇ مەھەللىۋى مەكتەپەلردىكى خەلپىتىم - ئوقۇتقۇچىلار تىنىم تاپماي، ياش ئەۋلادلارنى بىلىملىك، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ، قەشقەر مائارىپى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. شۇڭا، قەشقەردىكى كەڭ خەلق ئاممىسى بۇ ھۆرمەتلىك ئۇستالارنى چىن دىلىدىن ياد ئېتىپ كەلمەكتە. بۇ خەلپىتىملەر باشقۇرغان مەكتەپلەرنىڭ سىنىپ ھۇجرىلىرى ھازىرغىچە بار. ئۇلار 50 - يىللاردىكى ساۋات چىقىرىش ھەرىكىتىدە سىنىپ قىلىندى ھەمدە كېيىنكى چاغلاردا خەلق باشقۇرغان مەكتەپلەرنىڭ سىنىپلىرى، يەنى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەييارلىق سىنىپلىرى قىلىپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
بۇ مەكتەپلەرنىڭ بىر قىسىملىرى مۇنتىزىم مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلاردا ھېساب، تىل - ئەدەبىيات، ئەخلاق دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى. ئۇلاردىن دىن دەرسلىرىدىن باشقا، ئەخلاققا دائىر «سوپى ئاللا يار»، «نامەھەق»، ئەدەبىياتتىن «نەۋايى» قاتارلىقلارنى ئوقۇتاتتى. بۇ مەكتەپلەر 1957 - يىللىرىغىچە داۋام قىلغان.

3. قەشقەرنىڭ مەدرىس مائارىپى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى

1) خەتتاتلىق ۋە مەتبەئەچىلىك
ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە قاتناش - ئالاقە، خەۋەرلىشىش ھەمدە مەتبەئە - باسمىچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى چەكلىك ئىدى، شۇڭا ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى، ھەرخىل دەرسلىك كىتابلار ئىنتايىن قىس، شۇنداقلا ناھايىتى قىممەت ئىدى. ھەرقايسى مەكتەپ - مەدرىسىلەردىكى ئوقۇتقۇچى، مۇدەررىسلەرنىڭ قوللىرىدا ئۆزلىرى تەلىم بېرىدىغان كىتاب - دەستۇرلار بولۇپ، نۇرغۇن كىشى پايدىلانغۇدەك كۆپ كىتابلار يوق ئىدى.
ئۇ چاغلاردىكى مەدرىسە مائارىپى ئاساسەن بۇخارايى شەرىفتىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە قوللىنىلىدىغان كىتاب ۋە شۇ يەرلەردە تەسىس قىلىنغان دەرسلەر بولغاچقا، كۆپ ساندىكى دەرسلىك كىتابلار بۇخارادىن كەلتۈرۈلگەن، يەنە بىر قىسىملىرى قازان شەھىرى، ئۇفا قاتارلىق شەھەرلەردىكى نەشرىياتلاردىن كەلتۈرۈلەتتى. مەخسۇس كىتاب سودىگەرلىرى ھىندىستاننىڭ بومباي، كاراچى قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى باسمىخانىلاردىن چىققان كىتابلارنى، يەنە بىر قىسىملار بولسا مىسىر قاتارلىق جايلاردا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئېلىپ كېلەتتى. بۇنداق ئەھۋالدا مەكتەپ - مەدرىسلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم خەتتاتلار ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق خەت - ئىملالىرى بىلەن بۇ كىتابلارنى قولىدا كۆچۈرۈپ تەييارلايتتى ياكى مەكتەپ تاماملىغان ئوقۇغۇچىلاردىن سېتىۋېلىپ داۋاملىق قوللىناتتى.
زۇلمەتلىك، ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتلەر دەۋرىدە ئەكسىيەتچى قارا كۈچلەر «خەلقنى نادان تۇتۇش» تەڭ سىياسەتنى يولغا قويغاچقا، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پۇقرالارنىڭ خەت يېزىش، قەلەم - قەغەز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا يول قويمايتتى. خەت يېزىش، قەلەم - قەغەز تۇتۇش ئىشىنى پەقەت مەخسۇس ئورگان بەلگىلىگەن مۈلكىي ئەمەلدار، خىزمەتچى (سىجىلات) خادىملار قىلاتتى. مۇنداق ئەكسىيەتچى سىياسەت تۈپەيلى مەكتەپ - مەدرىسىلەردىكى ئوقۇتۇش ۋە تەلىم - تەربىيە ئىشلىرى پەقەت ئاغزاكى ئوقۇش - ئوقۇتۇش، كىتابقا قاراپ ئوقۇش، يادقا ئېلىش ئارقىلىق تەكرارلاش، يادقا ئوقۇپ تەپسىر - تەرجىمە قىلىش ئەۋج ئېلىپ، يېزىق ئارقىلىق بولىدىغان مۇھىم ئىلمىي پائالىيەت ئەھمىيەتسىز ياكى چەكلەنگەن ئىشقا ئايلىنىپ قالغانىدى. شۇڭا، قەشقەردىكى بىر قىسىم ئۆلىمالار ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا تەھلىل - تەپەككۇر، تەپسىر - شەرھلەرنى پەقەت ئاغزاكى بايان ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئاساس قىلىپ يېزىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارالغان. لېكىن شۇنداق چەكلىمىلەرگە قارىماي، قەشقەردە نۇرغۇن تالانتلىق خەتتاتلار يېتىشىپ چىققان، ئۇلاردىن: موللا ئىلمۇددىن، ئىبنى موللا مۇھەممەد كاشغەرى، ئابدۇقادىر ئىبنى موللا باھادىر كاشغەرى، موللا ئىمام ئىبنى مۇسا اكشغەرى، نەزەر موللا ھاجى ئىبنى توختى كاشغەرى قاتارلىقلارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. كېيىنكى چاغلاردا بۇ خىل ئەھۋال جىددىي ئۆزگەرتىلىپ، مەكتەپ - مەدرىسىلەردىن نۇرغۇن داڭلىق خەتتاتلار يېتىشىپ چىقىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. زوھوردىن ھېكىمبەگ دەۋرىدە بولسا، نۇرغۇن ئالىم - ئەدىبلەر، «مەھكىمە دىۋان»غا جەلپ قىلىنىپ، «كاتىپ»، «سىجىلات» نامى ئاستىدا يېزىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بولدى. قەشقەر مەھكىمە شەرئىلەردىمۇ نۇرغۇن كاتىپ - پۈتۈكچى مىرزا - بەگلەر مەخسۇس كاتىباتلىق بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بولدى. شۇ دەۋرلەردە نۇرغۇن ئەسەرلەر، تېبابەت كىتابلىرى، شېئىرىي دىۋان، ھېكمەت - نەسىھەتنامىلەر خوتەن قەغىزىگە چىرايلىق خەت نۇسخىلىرى بىلەن قومۇش قەلەمدە كۆچۈرۈلگەن. نۇرغۇن ئاتاقلىق خەتتاتلار يالغۇز ىەت يازىدىغان كىشىلەردىن بولۇپلا قالماي، يەنە كىتابقا ئالتۇن ھەل بېرىپ نەقىشلىگۈچى، كىتابقا رەسىم سىزغۇچى، كىتابلارنى تۈپلەپ، مۇقاۋىلاپ شىرازلىغۇچى، كىتابنى زىننەتلىگۈچىلەردىن بولغان. ھەرقايسى مەزگىللەردە ئاممىنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىپ، يىغىۋېلىنغان ياكى مەخسۇس ئورگانلار يىغىپ ساقلىغان كىتابلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.
قەشقەردىكى مۇدەررىسلەر «ئەل خەتتۇ نىسىل ئىمان (يەنى خگت - ئىلىمنىڭ يېرىمى)» دېگەن ئەقىدىگە مۇناسىپ ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ياكى مەدرىسە - ھۇجرىلىرىنى سىنىپ قىلغان ھالدا نۇرغۇن شاگىرتلىرىغا خەت يېزىش - ھۆسنخەت، ئىملا - ئىنشانى ئۆگەتكەن، تارىخىمىزدا ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىملاردىن مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەشھۇر ئالىم موللا سادىق ئەلەم كاشغەرى قاتارلىقلار ناھايىتى داڭلىق خەتتات ئىدى؛ مەشھۇر مۇدەررىس ئوبۇل قاسىم ئاخۇن قازى كالان مەشھۇر خەتتات بولۇپ، ئۇ زات ئۆز ئائىلىسىدە قارىم قاتارلىقلارغا ھۆسنخەت يېزىشنى ئۆگەتكەن، نەتىجىدە، ئۇ زاتنىڭ ئوغلى زىيائۇددىن مەخدۇم قەشقەردە نامى مەشھۇر بولغان خەتتاتلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئۇ 1948 - يىلى چەت ئەلگە كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ خۇش قەلىمى ئارقىلىق يېزىلغان «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ خەت نۇسخىلىرى مەككىدىكى مەسچىتلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك يەرلىرىگە نەقىش قىلىپ ئويۇلغان. ئۇنىڭ قەلىمى ئارقىلىق يېزىلغان لەۋھە - تاختا ھازىرغىچە قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە ئېسسىقلىق تۇرماقتا.
ئىلىم - ھېكمەتنى قەدىرلەيدىغان، خەتنى، كىتابنى قەدىرلەپ، ئۇنى قىزغىن سۆيىدىغان قەشقەر خەلقى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شەخسىي مال - مۈلكىنى سەرپ قىلىپ، خالىسانە ھالدا كىتابلارنى كۆچۈرتۈپ ياكى پۇلغا قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ، ھەرقايسى مەكتەپ - مەدرىسىلەرگە، ئوقۇتقۇچى - مۇدەررىسلەرگە تەقدىم قىلىشتەك خۇشاللىنارلىق ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. قەشقەردىكى مەدرىسىلەرنىڭ داڭلىق ۋەكىلى، مۇھەممەد سادىق كاشغەرى (موللا سادىق ئەلەم كاشغەرى) نىڭ مىلادىيە 1836 - - 1837 - يىللىرى قەشقەر ئوپالدىكى ھەزرىتى موللام مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىگاھىغا كىتاب ۋەخپە قىلىپ ۋەخپەنامە - ھەدىيانمە يېزىپ قويغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.
كۆرگەن - ئاڭلىغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، مىلادىيە 1940 - - 1944- يىلىرى قەشقەر خانئېرىق يېزىسىدىكى مەرىپەتپەرۋەر زات ماجەئەلەم ئاخۇنۇم ئۆزىنىڭ باغ ھويلىسىدا 10 - ئايدىن تارتىپ تاكى 3 - ئايلارغىچە 10 - 15 نەپەر خەتتات - ئۆلىمانى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا دىنىي كىتابلارنى، شېئىرىي دىۋانلار، تېبابەت كىتابلىرى، نەسىھەتنامىلەرنى قەلەم بىلەن چىرايلىق، ئۆلچەملىك خەت نۇسخىلىرىدا خوتەن لاتا قەغىزى، ياكى باشقا ئالىي دەرىجىلىك ئاقسېرىق قەغەزلەرگە كۆچۈرگۈزۈپ، تۈپلەتكەن ۋە كاتىپلارنىڭ ئالتە ئايلىق مەزگىلىدىكى ئۈچ ۋەخ تاماق، ياتاق - تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى ئۆزى بەرگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق ئىش ھەققى ئۈچۈن بىر تاغاردىن بۇغداي بېرىش شەرتى بىلەن توختاملىشىپ كاتىپلىق قىلدۇرغان.
قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلاردىن مۇھەممەت ئېلى شاڭيۇ، مۇھەممەت سالىھ شاڭيۇ ئاكا - ئۇكىلارمۇ ھەر يىلى نۇرغۇن كىتابلارنى قولىدا كۆچۈتۈپ، ھەرقايسى مەكتەپ - مەدرىسىلەرگە، ئۆلىمالارغا تەقدىم قىلىپ كەلگەن. مۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.
قەشقەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەلىم - تەربىيەنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى بويىچە ئىلىم سۆيەر، كىتاب خۇمارلىق ئادىتىنى داۋام قىلىپ، كىتاب يىغىش ۋە كىتاب ساقلاش بىلەن مەشغۇل بولغان. ئوقۇتۇش، تەلىم - تەربىيە ئېھتىياجى، خەلقنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىغا ئاساسەن قەدىمدىن تارتىپلا قەشقەردە كىتابچىلىق، يەنى سەييارە كىتاب ساتىدىىغان تىجارەتمۇ كەڭ يولغا قويۇلغان. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى كىتابلارنى خېرىدار ئىزدەپ سېتىپ بېرىپ، ئاز - تولا مەنپەئەت ئالىدىغان كىتابپۇرۇش كىشىلەرنىڭ سانى كۆپەيگەن. ئۇلار ئەۋلادمۇئەۋلاد كىتابپۇرۇشلۇق قىلغان، قەشقەر شەھىرىدە 1900 - يىللاردىن كېيىنكى كىتابپۇرۇشلاردىن ئۇرايمانىكام قوتۇر، ئالىمجان قارىم، مەمتىمىن قارىم، رەھمىتۇللا قارىم، تۇرسۇن ئاخۇن مەخسۇم، ئەمەتخېنىمكام تارانچى قاتارلىق كىشىلەر ئالاھىدە نامى بار كىتابپۇرۇشلاردىن بولغان.
1885 - يىلى قەشقەر يىڭىسار توپلۇق يېزىسىدىن مەرىپەتپەرۋەر زات نۇر ھاجىم «نۇر مەنبەسى»، «ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسى»، «بەرىق تەجەللى ۋە سەبىقە مۇجەللى»، «سوپى ئاللا بار» قاتارلىق سەككىز خىل كىتابنى تاش مەتبەئەسىدە بېسىپ تارقاتتى. ئۇ كېيىن قەشقەرگە كېلىپ، مەخسۇس دۇكان ئېچىپ، قەشقەردە مەتبەئەتچىلىك ئىشلىرىنى رەسمىي يولغا قويدى. نۇر ھاجىمنىڭ مەتبەئەسى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، «ئاقائىد زۆرۈرىيە»، «نەسىھەتى ئاممە» قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى، بىر قىسىم تالون، كىرىم - چىقىم دەپتەرلىرى قاتارلىقلارنى بېسىپ تارقاتقان.
مەرىپەتپەرۋەر زات نۇر ھاجىم مەتبەئەنىڭ مېيى تۈگەپ كەتكەندە ماي ئىزدەپ ھىندىستانغا سەپەر قىلىپ، نۇرغۇن ماي سېتىۋالغان ھەمدە ماينى ئىشلەش تېخنكىسىنى ئۆگىنىپ قايتىپ كەلاگەن ۋە قەشقەردە ۋاقىت، نۇر، نەملىكنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا چىدايدىغان ئۆڭمەس ماينى ئىشلەپچىقارغان. كىتابلار خوتەن لاتا قەغىزىگە بېسىلغان بولۇپ، بىر قىسىم كىتابلارنىڭ قېلىن قەغىزىنى گۈرۈچنىڭ سۈيىگە چىلاپ، تاش ئۈستىگە قويۇپ سىلىقلاپ، سىلغايتىپ، نەمدە يىرتىلمايدىغان قىلىپ چىققان. بىر قىسىم نېپىز، يۇمشاق قەغەزلەرنى كىتابلارنىڭ بەت ئارىسىغا سېلىپ، ئىككى بەتتىكى رەڭلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھۈنەر - تېخنىكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ خىل ھۈنەر - تېخنىكا ئەينى دەۋردىكى قەشقەردە بىر خىل يېڭىلىق ئىدى. شۇنداق قىلىپ نۇر ھاجىم مەتبەئەسى ۋاقىت جەھەتتىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مەتبەئەچىلىك تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە بولۇپ قالدى.
قەشقەردىكى مەشھۇر «مۇھەممەت ئاخۇن خەلپىتىم مەتبەئەسى» نامى بىلەن ئاتالغان، ئوقۇتقۇچى مۇھەممەت ئاخۇن (1880 - 1955) ئۆز قولى بىلەن ياغاچتىن ياسىغان مەتبەئەخانا قۇرۇپ، شۇنىڭ بىەلن قول ئارقىلىق نۇرغۇن كىتابلارنى، يەنى «ھەپتىيەك شەرىف»، «تەجۋىدى تۈ*رك»، مۇھەممەتخان مەخسۇسم پەيزى يازغان «مەۋلۇمات شېرىف» قاتارلىقلارنى بېسىپ چىققان. يەنە نۇرغۇن شاھادەتنامە، نورۇزلۇق، كىرىم - چىقىم تالونلىرى، ھېساب دەپتەرلىرى قاتارلىقلارنى بېسىپ چىقىرىپ، بىر مەزگىل ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باسمىخانىسى قىلىنغان. بۇ يەرلىك «چايخانە» دە ئىشلەتكەن سايمان - ئۈسكۈنىلەر تاكى 1957 - يىللىرىغىچە ساقلانغان.
قەشقەردە مەتبەئەچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىتابچىلىق، كىتابلارنى تۈپلەش، ئۇلارنى مۇقاۋىغا ئېلىش، يەنى سىرازىلاشتەك، ساھاپچىلىق قاتارلىق زىل ھۈنەر - كەسىپمۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان.
كىتابنى تۈرلۈك رەختلەر بىلەن مۇقاۋىلاش، تېرە، خۇرۇم، چەم قاتارلىقلار بىلەن قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىشتەك ھۈنەر نۇرھاجىم مەتبە ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئابدۇكېرىم ھاجىمنىڭ نازۇك كەسپىي ئارقىلىق ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا.

2) ئىلمىي نۇجۇم ۋە ئاسترونومىيە ئىلمى
قەشقەر ئۇيغۇر مائارىپى قەدىمدىن تارتىپلا كۆپ خىل، كۆپ قاتلاملىق مائارىپ بولۇپ، بىلىم بىلەن قابىلىيەت، بىلىم بىلەن ئىقتىدار - ماھارەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.
قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە يەنە چاغاتايخان دەۋرىدىكى ئۇلۇغبەگنىڭ «يۇلتۇزلار جەدۋىلى» ئىلمىي نۇجۇم - ئاسترونومىيە ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم دەسلەپكى ۋە قوللانمىسى قىلىنغان. يەنە يېقىنقى زامان قەشقەر تارىخىدىكى مەشھۇر تېۋىب ھەكىم بەدىرىدىن سوپى ئاخۇنۇم يەنە بىر تەرەپتىن قەشقەردە نامى بار ئاسترونوم مۇنەججىم كىشى بولۇپ، مەدرىسىلەردە مەخسۇس ئىلمىي پەلەكيات ئوقۇپ، بۇ جەھەتتە ئالاھىدە شۆھرەت قازانغان.

3) سەھىيە - تېبابەتچىلىك
قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە ھەزرىتى ئەلى دەۋرىدە ئىجاد قىلىنغان ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان «ئەبجەت ھېسابى»نىڭ ئاجايىپ قىزىقارلىق ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر تەلەپ قىلىدىغان ئۇسۇل ۋە شەكىللىرى ئۆگىتىلگەن. شۇڭا قەشقەردىكى نۇرغۇن ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ كىتابلىرىدىكى ئاتالغۇلار «ئەبجەت ھېسابى» بويىچە خاتىرىلەنگەن، يەنى قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە كالېندارچىلىق ئىشلىرىمۇ ئالاھىدە ياخشى ماھارەت بىلەن ئىلىم سۈپىتىدە ئوقۇتۇلغان. قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپدىىكى يېزا - كەنت، ناھىيەدىكى ناماز ۋاقىتلىرى مەسچىتلەرنىڭ قىبلە تەرەپلىرى قاتارلىقلارنى ئۆلچەش، سائەت، مىنۇت، سېكۇنتلارنى ھېسابلاش ئۇ دەۋرلەردىكى تەقۋىم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي مائارىپقا نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىنغاندىن باشقا، سەھىيە - تېبابەت، داۋالاش ئىلمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، مەكتەپ - مەدرىسىلەردە مەخسۇس تېبابەت دەرسى تەسىس قىلىنغان.
قەشقەر ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تېببىي ئىلىم، سەھىيە، داۋالاش ئىشلىرىنى ئۆگىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئىشلىرى قەدىم دەۋرىدىلا باشلانغان. چەت ئەلدىكى سەيياھلار رەتلىگەن كىتابلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تېببىي رېتسېپلىرى، داۋالاش ئۇسۇل - چارىلىرى، داۋالاش سايمان - ئۈسكۈنە قاتارلىقلار پەقەت مائارىپ ئارقىلىق، تەلىم - تەربىيە ئۆگىتىش - ئوقۇتۇشتىن باشلانغان.
قەشقەرنىڭ سەھىيە مائارىپى سىستېمىلىق ھالدا قاراخانىيلار دەۋرىدىلا ئالاھىدە راۋاج تاپقان. ئەينى چاغدىكى قەشقەر «ساچىيە» مەدرىسىدە «پەيغەمبەر تېبابىتى»، «تېببىي لوقمانى»، «تېببىي يۇنانى»ق، «ھىندى تېبابىتى» قاتارلىق مەخسۇس تېبابەت ئىلمى، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنى داۋالاش مەقسەت قىلىنغان كىتابلار، ئايرىم دەرسلىكلەر تۈزۈلگەن. بۇخارالىق مەشھۇر تېببىي ئالىم ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا (980 - يىلىدىن 1037 - يىلىغىچە ياشىغان)نىڭ تېببىي تەلىماتى مەدرىسىلەرنىڭ تېبابەت ئىلمىنى ئۆگىتىشنىڭ مۇھىم ائساسى قىلىنغان. ئۇنىڭ «ئەلقانۇن»، «كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئىپادىسى»، «شىپالىق يۇلتۇزى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى دەرسلىك قىلىنغان. قەشقەردە يەنە تېببىي ئالىم مەھمۇد ئىبنى رەشىد ئىبنى ئەلى كاشغەرىمۇ مەدرىسىلەردە تېببىي ئىلىمدىن دەرس بەرگەن. ئۇ داۋالاش جەھەتتىن، بەرەس (ئاق كېسەل)، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، ھەرخىل كۆز كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى داۋالاش جەھەتتە ئۆز زامانىسىدا مەشھۇر ئالىم ئىدى. قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئوردا تېۋىپى، مەشھۇر تاشقى كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئىمادىددىن كاشغەرى قەشقەردىكى «ساچىيە مەدرىسىسى» دە مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۇ بىر تەرەپتىن، ئۆگىتىش، بىر تەرەپتىن، داۋالاش ئارقىلىق كامالەتكە يېتىپ، تاشقى كېسەللىكلەر بويىچە ئوپېراتسىيە قىلىشقا كامىل بولغان جەرراھقا ئايلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ۋە تەتقىقاتىغا ئاساسەن «شەرھىي ئەلقانۇن» ناملىق كىتابنى يېزىپ، ئەبۇئەلى ئىبن سىنانىڭ نەزەرىيەلىرىنى كەڭ تونۇتۇش بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇنىڭ سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن قىلىشقان تېبابەت ھەققىدىكى 35 ماددىلىق سوئال - جاۋابلىرى ئەينى دەۋردە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى مەدرىسىلەردە دەرسلىك قىلىشقا پەرمان چۈشۈرگەن.
قەشقەرنىڭ 1700 - يىللادىن كېيىنكى تارىخىنى ۋاراقلىساق، قەشقەردە ئۆتكەن مەشھۇر تېببىي ھۆكۈمالاردىن ھەيدەر ئاخۇنۇم، قاسىم ئۆمەر ھاجىم، بەدرىددىن سوپى ئاخۇنۇم، خوجا ئابدۇللاخان، خوجا قادىرھاجى قاتارلىقلار قەشقەردىكى مەكتەپ - مەدرىسىلەردە ئىلمىي تېبابەتتىن دەرس بېرىدىغان مۇدەررىسلەردىن بولغان. ئۇلارنىڭ قەشقەردە پەيدا بولغان ھەرخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ، ساقايتقانلىق ھەققىدىكى تۈرلۈك ھېكايەت - رىۋايەتلەر بىزگە قەشقەردىكى سەھىيە - تېببىي مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش - ئۆگىتىش مەنزىرىسىنى سىزىپ بېرىدۇ.
1800 - يىللار ئەتراپىدا قەشقەردە تەسىس قىلىنغان «ئەھرارخان تۆرەم مەدرىسىسى» دە مەشھۇر تېببىي ھەكىملەر ئىلمىي تېبابەت، كېسەل كۆرۈش، تومۇر تۇتۇش، دورىگەرلىك، داۋالاش ئىشلىرى ھەققىدە دەرس ئۆتۈپ، نۇرغۇن قابىلىيەتلىك تېببىي ھەكىملەرنى تەربىيەلىگەن. يەنە قەشقەردىكى مەشھۇر تېببىي ئالىم يۈسۈپ ھاجىم كاشغقەرى قەشقەر تېبابەت سەھىيە - مائارىپىنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىققان كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يۈسۈپ ھاجىم كاشغەرى كېيىنكى چاغلاردا قەشقەر ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئالاھىدە زور تۆھپە كۆرسەتتى. ئۇنىڭ «قانۇنچە» دېگەن كىتابى ئۇيغۇر تېبابەت ئىشلىرىدا زور رول ئويناپ كەلمەكتە. يۈسۈپ ھاجىم كاشغەرى يەرلىك گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخ، ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق، يىلتىز، ئۇرۇق - غوللىرىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلغان. دورىگەرلىكتە قوللانغان ۋە قەشقەر ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدە نۇرغۇن ئەمگەكلەرنى قىلغان يۈسۈپ ھاجىم كەشغەرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن بولغان مەشھۇر ئەمچى - ئاتاچىلىرى قوللىنىپ كەلگەن داۋالاش يوللىرىنى بويلاپ مېڭىپ، ئۇلارغا قانۇنلۇق ئاساستا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاندىن يۇرتىمىزغا «يىپەك يولى» ئارقىلىق كىرگەن تېببىي يۇنانىق، تېببىي لوقمانى، ئىبىن سىنا تەلىماتى، ھىندى تېبابىتى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تېبابەت جەۋھەرلىرىنى قوشۇپ، ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ قەشقەر ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان تېببىي ئالىم ئىدى.
قەشقەردە 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن كېيىن غەرب تېبابىتى بويىچە داۋالاش ۋە تېببىي ئوقۇتۇش مائارىپى دەۋرى باشلانغان. دەسلەپ شۋېتسىيەدىن، كېيىن رۇسىيەدىن نۇرغۇن دوختۇر، سېسترالار كېلىپ قەشقەردە كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. 1924 - يىللىرى بۇ دوختۇرخانا «سوۋىسىن تۈرگ» نامى بىلەن ئاتالغان. 1929 - يىللىرىدىن كېيىن غەربچە داۋالاشنى ئاساس قىلغان «ھىلاى ئەھمەر (يەنى قىزىل ئاي جەمئىيىتى(» قۇرۇلۇپ، ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالىغان. زەھەر چەككۈچىلەرنى قۇتقۇزۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تېببىي - ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى يولغا قويغان. يۈسۈپ ھاجىم كاشغەرى ئۇنىڭغا ئاكتىپ ئەزا بولۇپ، خەدىچە مۇزەپپەر، گويا خانىم قاتارلىق شەپقەت ھەمشىرە - سېتىسرالار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
«ھىلالى ئەھمەر جەمئىيىتى» يەنە ئوقۇتۇش تەربىيەسىنى يولغا قويغان. ئىنايەتۇللا ھەلىمى، ھەبىبۇللا ھەلىمى (ئاكا - ئۇكا)، ئابلىز ئەبەيدۇللا، ئابدۇقادىر ئاخۇن، مۇختەر ئىبراھىم، ئەھمەتجان قادىر قاتارلىقلار قەشقەردە «ھىلالى ئەھمەر جەمئىيىتى» تەربىيەلىگەن تۇنجى تۈ*ركۈمدىكى غەربچە داۋالاش بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن دوختۇرلار ئىدى.

4) مەدرىس مائارىپىدا ئەخلاق تەربىيەسى
قەشقەر ئۇيغۇر مائارىپى يەنە باشتىن - ئاخىر بىلىم - قابىلىيەت بىلەن ئەخلاق مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. مەيلى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ياكى مەدرىسىلەردە بولسۇن، ئىنسان ئەخلاقىغا دائىر نۇرغۇن نەسىھەتنامىلار، پەندىنامىلار قوشۇپ ئۆگىتىلگەن بولۇپ، بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بىر ئىنساننىڭ ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىكى پىشىپ يېتىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەخلاقىي تەربىيە دەرسلىكى ۋە ئەخلاقىي تەربىيە قەشقەر مائارىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم جەۋھەرلىرى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان. بىر ئىنساندا بىلىم ۋە قابىلىيەتنىڭ خىسلەت ۋە خاسىيەتلىرى ئۇنىڭدىكى ئىنسانلىق ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغاندىلا، ئاندىن ئۇ ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ، شۇڭا قەشقەر مائارىپىدىكى بارلىق تەلىم - تەربىيە ئالدى بىلەن ئەخلاق - پەزىلەتنى يېتىشتۈرۈشنى بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم ئىش ھېسابلىغان. يېڭىلىققا ئىنتىلىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دەۋر بىلەن، تەرەققىيات بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش قەشقەر ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ زامان - ماكان بىلەن زىچ باغلانغان ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر.

5) مەدرىس مائارىپىدا ئىلىم - پەن ۋە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش
18 – 19 - ئەسىرلەردىكى ياۋروپا سانائەت، پەن - تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلىرى پۈتكۈل شەر*قتىكى، جۈملىدىن قەدىمىي شەھەر - قەشقەردىكى كەڭ ئاممىغا، قەشقەردىكى ئەنئەنىۋى مائرىپقا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.
نۇرغۇن چەت ئەللىك سەيياھلار، سەيلە - ساياھەتچىلەر كەلدى. نۇرغۇن قەشقەرلىق ئوغلانلار تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلەرگە پەرۋا قىلماي، تاغ - داۋان ئېشىپ، چەت ئەللەرگە باردى. چەت ئەلدىن نۇرغۇن يېڭى تەپەككۇر، يېڭى قىممەت قارىشىدىكى «ئىلغارلىق» نى ئۆزىگە زىننەت ۋە جەلپ قىلىش كۈچى قىلغان ئىلغار كىتابلار، گېزىت - ژۇرناللار قەشقەر خەلقىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى. 1920 - يىلىدىن باشلاپ 1925 - يىللارغىچە قەشقەردىكى ئىلىمگە ھېرىسمەن بىر قىسىم ياشلار چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇلار مىسىردىكى «ئەزھەر دارىفونۇنى»ق، بۇخارادىكى ھەرخىل مەدرىسىلەر، تۈ*ركىيەدىكى مەكتەپلەر، ھىندىستاننىڭ چوڭ شەھەرلىرىگە بېرىپ ئوقۇپ، ئەللامە، فازىل، داموللا، مەۋلەۋى قاتارلىق ئىلمىي ئۇنۋانلارنى ئېلىپ قايتتى. 1930 - يىللىرىنىڭ بېشىدا 40 تىن ئارتۇق ياش ئوقۇغۇچى مەكتەپ - مەدرىسىلەردىكى ئۇستازلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ئارقىسىدا ھىندىستانغا بېرىپ كاراچى، لاھۇر، بومباي قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇدى. كېيىنكى چاغلاردا قەشقەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ناھىيەلەردىكى «مەۋلەۋى» دەپ ئاتالغان مۇدەررىس - ئاخۇنۇملار ئەنە شۇ چەت ئەلگە چىققان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، قەشقەردىكى قاسىم قارىي ھاجىم مەۋلەۋى، فازىل ئۇنۋانلىق زەينۇل ئاندىن مەۋلەۋى، مەھمۇد ھەسەن مەۋلەۋى، ھامىت مەۋلەۋى قاتارلىق چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ سەرخىللىرى ئىدى. ئۇلار قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەسىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 19:45  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-30 15:45:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام قەسىر، ئالدىمىزغا بىر ئۇلۇغ خەزىنىنى تاشلاپسىز. بۇنىڭدىن چەكسىز سۆيۈندۈم. ئەپسۇسكى شۈنچىلىك مەزمۇنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن قاش كۆزىنى سەل ئوڭشاپ، تون ، كەمەرلىرىنى باغلاپ مۇنبەرگە ئاتقان بولسىڭىز «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز»قويغاندەك ئىش بولىدىكەنتۇق.
  بۇ يوللانمىنىڭ «نېمە» ئىكەنلىگى، ئاپتۇرى، مەنبە ۋە باشقا تەپسىلاتلار ئېنىق بولمىغاچقا مەن ھازىرچە ھېچ نىمە دىمەي. ئەمما بىر نەرسە راست. گەرچە بۇ يازما تولىمۇ ئۇزۇن بولسىمۇ خىلى ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. ئەمىلىيەتتە جىق ئەجىر قىپسىز. نورغۇن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بېرىپسىز. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2012-4-30 21:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم قەسىر، زور زېھنىي كۈچ ۋە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازغان بۇ ماقالىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم.  ئۆز ئانا تۇپرىقىمىز، مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە توغرا نىيەتتە قىلىنغان تەتقىقاتلار تولىمۇ قىممەتلىكتۇر. ئاللاھ بۇ ئەجرىڭىزگە كاتتا مۇكاپات بەرگەي.
ئەمما شۇنىمۇ دەپ ئۆتەي: "ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك" دەپ ئويلىدىم. چۈنكى قەشقەردە ھازىرمۇ مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز نۇرلىنىپ تۇرۇپتۇ.
بۇنى ئىلمىي ماقالە تۈسىدە يازغان ئىكەنسىز، ئىلمىي شەرتلەرگە چۈشۈرۈشكە تىرىشىڭ، پاكىت ۋە ئىستاتا مەنبەلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىڭ. شۇندىلا بۇ ماقالە خېلى كۆپ تۈگۈنلەرگە جاۋاب بېرىدىغان، بۈگۈنكى مائارىپ بىلەن سېلىشتۇرما تەتقىقات قىلىشتا ئەھمىيىتى بار ئىلمىي ئەمگەككە ئايلىنىدۇ. ماقالىنىڭ باش قىسىمىدىكى:«لېكىن بۇ چاغدا ئوقۇلىدىغان دەرسلەر ئۆز ئانا تىلىدا بولمىغاچقا تالىپلار...» دېگەندەك گەپلەرگە پاكىت كۆرسىتىڭ. چۈنكى بۇ تەسەۋۋۇرنى كەڭ قانات يايدۇرىدىغان بەدىئىي ئەسەر ئەمەس.
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ كاللامدا نۇرغۇن سۇئال پەيدا بولدى. باشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ قىزغىن پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Umidwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 21:37  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-30 23:09:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللاش سەۋىيەم شۇنچىلىككەن، بۇ مەزكۈر تىمىنىڭ ئۈچتىن بىرى بولۇپ ئەسەرنىڭ بارلىق سىتات-مەنبە  ماتىرىياللىرى ئىنىق كۆرسىتىلەگەن ئىدى، تىزىلىشى مۇرەككەپ بوپ قالدىمۇ  كۆرىنىشىنى پەقەت تۇزىتەلمىدىم، قوشتاغ دىگەن «قاش-كۆز»،«تون-كەمەر»لىرى ۋە ئۈمىدۋارنىڭ كۈتكىنىمۇ شۇمىكىن؟

ۋاقتى: 2012-5-3 19:31:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىقىپ كۆپ ئۇچۇرغا، بىلىمگە ئېرىشتىم. مەن بۇ يەردە ئۈمىدۋارنىڭ «ئەمما شۇنىمۇ دەپ ئۆتەي: "ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك" دەپ ئويلىدىم. چۈنكى قەشقەردە ھازىرمۇ مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز نۇرلىنىپ تۇرۇپتۇ.» دېگەن مۇشۇ بىر پىكىرىنى كۈچەيتىپ قويماقچى. ماقالىنىڭ ئاخىرىنىمۇ يوللىغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن.

ۋاقتى: 2012-5-25 01:14:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رايۇنىمىز  تارىخىدىكى پۈتكۈل ئىسلام مائارىپى ھەققىدىكى ياخشى بىر ئەسەر ئىكەن.مەزمۇن كەڭلىكى  7 ئەسىرلىك جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.شۇڭا ھەم بەھرلىۋالدىم.

ۋاقتى: 2013-3-13 08:22:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ماقالىدە  ئىلىمي  ئەمگىكىڭىز بەك  زور  بۇلاپتۇ،  بەك  ئەتىراپلىق تەييارلىق قىلىپسىز، ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر

ۋاقتى: 2013-3-13 10:33:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-3-18 00:42:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى يوللاپ قۇيۇشىڭىزنى ئۆمۇد قىلىمەن،ئەجىر-ئەمگىكىڭىزنىڭ ھەممە يىرىدىن بەھرىمان بولساق..............

ۋاقتى: 2014-1-24 18:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈلگەن تېمىكەن.

ۋاقتى: 2015-5-17 11:29:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزاھات، پايدىلىنىلغان ماتېرىياللارنى قوشۇپ يوللىغان بولسىڭىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش