كۆرۈش: 835|ئىنكاس: 10

.مەشھۇر سىياسىئون،تالانتلىق ھەربى ئالىم ۋە يىتۈك شائىر سۇلتان سەئىدخان.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
.مەشھۇر سىياسىئون،تالانتلىق ھەربى ئالىم ۋە يىتۈك  شائىر سۇلتان سەئىدخان.
سۇلتان  سەئىدخان مىلادى1487-يىلى  لۈكچۈندە  تۇغۇلدى،ئۇنىڭ   ئاتىسى سۇلتان ئەھمەدخان دىنى  ئىلىمدە يېتىشكەن ،ھەربى   ئىشلاردا پىشقان،بىلىملىك ئادەم ئىدى.ئانىسى خەدىچە  سۇلتان   خېنىم  تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ  ئوغلى  چىن    تۆمۈرخاننىڭ نەۋرىسى بولۇپ،شۇ  دەۋرگە نىسبەتەن   ئوقۇمۇشلۇق  ئايال ئىدى.سۇلتان ئەھمەدخان لۈكچۈننى شەرقى چاغاتاي خانلىقىنڭ ئىككىنچى ئاستانىسى قىلىپ،پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن لۈكچۈندە تۇرىۋاتقان مەزگىلدە سەئىد تۇغۇلدى.ئائىلىسىنىڭ ياخشى مۇھىت-شارائىتى سەئىدخاننى  بالىلىق  چاغلىرىدىن  باشلاپل ا ياخشى ئوقۇپ،ئۆز زامانىسىدىكى ھەممە بىلىملەر   دىن خەۋەردار بولغان،ھەربى ئىشلار بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ بەلگىلىك   ماھارەت ئىگەللىگەن،ئوقۇمۇش- لۇق،مەرىپەتپەرۋەر،باتۇر،چىۋەر قىلىپ يېتىلدۈردى.         
سەئىدخان  يەكەن سەئىدىيە    خانلىقىنى قۇرغندىن كىيىنقۇمۇل،تۇرپان،كەشمىر،تىبەت،بەدەخشان  قاتارلىق يۇرتلارغا  ئاتلىنىپ ،ئۇ جايلاردىكى  ئىلگىرىكى بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرغان ئۇششاق خانلىقلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى .زالىملارنى  يۇقۇتۇپ       خەلقنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈردى.پۇقرالاردىن  ئېلىنىدىغان  باج –سېلىقنى  زو ر دەرىجىدە    يەڭگىللىتىپ،ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ    بەردى.ئۆز ئەتراپىغا بىلىملىك،ئەخلاقلىق،دانىشمەن  كىشىلەرنى  توپلاپ    ،ئەمەلگە تەيىنلەپ سەئىدىيە خانلىقىىنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يول ئېچىپ بەردى.                                                            
سۇلتان سەئىدخان ھىممەتلىك،سېخى،شىجائەتلىك،كەڭ قوساق،خۇش تەبىئەتلىك،ئادىل،مۇسۇلمان   پادىشا بولۇپ،ئۆزىنىڭ پارىس ۋە تۈركى تىللىرىدا يازغان كۆپلىگەن      غەزەللىرى  بىلەن سەئىدىيە       خانلىقى دەۋرىدىكى  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۆپ ھەسسىلەرنى قۇشتى。                                        .
سۇلتان سەئىدخان دىندار،سوفى-ئىشانلارنىڭ ئەقىدىلىرى بۇيىچە ياشاپ ئۆتكەن كىشى بولسىمۇ،     ئەمما ئىدىيە  جەھەتتە  كېچە- كۈندۈز  مازارمۇ مازار  چېپىپ    يۈرۈپ،پۈتۈنلەي تەركى دۇنيالىقنى تەرغىپ قىلىپ ئۆتىدىغان بىر قىسىم جاھىل،سوپى -ئىشانلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىلغار پىكىرلىك كىشى ئىدى.سۇلتان سەئىدخان يەكەن خانلىقىنى قۇرۇپ،دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ،خەلقنى  ئەمىن تاپقۇزۇپ،ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلەپ ھەم قوللاپ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن  ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ،تارىختا ئۇلۇغ تۆھپە ياراتتى،سەئىدخان يەنە ئۆز ھاياتىدا خېلى نۇرغۇن ئەسەر  يازغان  بولۇپ ،زامانىمىزغىچە   ناھايتى  ئازلا  بىرقىسمى  يېتىپ  كېلەلىدى ،تۆۋەندە بېرىلگەنلىرى   سۇلتان سەئىدخاننىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن شېئىرلىرىدىن تامچىلاردۇر.                                                                                
(ئەسلىسى)
قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەئناسى بار،
قايسى بىر گۈلنىڭ مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار.
ھۆرۆ بىرلە جەننەتۇل مەئۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن،
يارىمنىڭ كويىدا يۈزمىڭ جەننەتۇل مەئۋاسى بار.
(يەشمىسى)
قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك رەنا گۈلى بار،
قايسى گۈلنىڭ ماڭا ئوخشاش شەيدا بۇلبۇلى بار؟.
يارنىڭ كۇيىدا يۈزمىڭلاپ جەننەتۇل مەئىۋا تۇرغان يەردە،
مەن جەننەت ۋە ھۆر-پەرىلەرنى نىمە قىلاي؟.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-11 17:09:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sultan sadihan 1485-1533.jpg

ۋاقتى: 2014-2-11 17:10:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saedihan.jpg

ۋاقتى: 2014-2-11 17:20:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەئىدخان  ھەققىدىكى قىممەتلىك  يوللانمىڭىزدىن سۆيۈندۈم . ئەجرىڭىزگە رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 17:20  


ۋاقتى: 2014-2-11 20:58:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن ئەللەرنى سەل چاغلاپ قالغان خاقانلىرىمىز كەم ئۇچرايدۇ...

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2014-2-11 23:19:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدخان توغرىسىدا خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىرىشتىم،رەھمەت

ۋاقتى: 2014-2-11 23:19:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدخان توغرىسىدا خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىرىشتىم،رەھمەت

ۋاقتى: 2014-2-12 11:09:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇلتان سەئىدخان توغرىسىدىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بىزگە سۇنغان قۇرۇلچىغا تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2014-4-27 18:41:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى يۇللىغىچىغا ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2014-4-28 04:21:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەۋرلەردە «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى»نىڭ(1514-يىلىدىن 1682-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)ئىلىم-مەرىپەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان،گۈللەنگەن.بۇ خانلىق چاغاتاي نەسلىدىن بولغان تۈركلەشكەن خان يۇنۇسخاننىڭ
چوڭ ئوغلى مەھمۇدخاننىڭ نەۋرىسى سەئىدخان تەرىپىدىن 1514-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلۇپ،كىيىنرەك يەكەنگە پادىشاھلىق مەركىزىنى يۆتكىگەن.بۇ پادىشاھلىق سەئىدخاننىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭ نامى بىلەن خانلىقمۇ
«سەئىدىيە خانلىقى»دەپ ئاتالغان............سەئىدخان 1533-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى ئابدۇرەشىدخان تەختكە ئولتۇردى........

قۇرۇلچىغا ئەڭ ئالىي تەشەككۈر....قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىگە
رەھمەت...!

ۋاقتى: 2014-5-3 17:14:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش