كۆرۈش: 1058|ئىنكاس: 0

پەرھات كازىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp

پەرھات كازىمى 1970-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ دالانكارىز يېزا،  يۈسۈپباي چوڭكارىزىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1991 -يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 1999-يىلى 9-ئايغىچە پىچان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1999-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 9-ئايغىچە پىچان ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ھازىر پىچان ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
    پەرھات كازىمى «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 1988-يىلى2-سانىدا ئېلان قىلغان «ئارزۇ» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا «ئاپرېلدىكى لۈكچۈن سەھىرى»، «ئىدىقۇتنىڭ يېشىل  يۈرىكى»، «ئۈمىد قوڭغۇرىقى»، «كۈز-كارىز دالاسى»، «بىر يۇتۇم سۇ»، «ئەپسۇس، ئوماق قۇشۇم»، «مېنىڭ ناخشام»... قاتارلىق  300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر  ئېلان قىلغان؛ «يىلان مۈڭگۈزى»، «ئۆڭمەس مۇھەببەت»، «كۆزىنى ئېچىش»، «ئالتۇن پاجىئەسى»، «ناجىيە»، «ماندالىن كۈيى»... قاتارلىق  30پارچىغا يېقىن چوڭلار تۇرمۇش ھېكايە- پوۋېستلىرىنى؛ «بىر پۇتلۇق بالا»، «كونا قەلەمدان»، «مىس قازان»،  «شەبنەم»،  «يېشىل كىيىملىك پەرىزات»، «قارلىغاچ ئايىم ۋە ئوردا ئويۇنى»... قاتارلىق 55 پارچە بالىلار ھېكايىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىل، تارىخ تەتقىقاتىدىمۇ ئىزدىنىپ «كارىز ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى»، «سىركىپ ۋە ئۇيغۇر كۇلالچىلىقى»، «كارىز ۋە كارىزچىلىق ئاتالغۇلىرى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىكى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا»، «كارىز مەدەنىيىتىگە دائىر بايانلار» ... قاتارلىق15پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.
   ئۇنىڭ ھازىرغىچە،«بوۋام ۋە ئۈجمە دەرىخى»،«ئوغرى ئاتىلىپ قالغان قىز»، «ئىسكەندەرنىڭ مۇڭگىزى»، «ئوردا ئويۇنى ۋە قارلىغاچ ئايىم» ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرى «ئۈمىدۋار بالا» ، «بىر بوتولكا قۇم» ناملىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان بالىلار ھېكايىلىرى كوللېكتىپ توپلىمى «ئوسما ئوغرىسى» غا « بوۋاي بولۇشنى خالايدىغان بالا» ماۋزۇدا ئالتە پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن.   ئۇنىڭ «بىر پۇتلۇق بالا» ناملىق ھېكايىسى 12-نۆۋەتلىك، «مۇئەللىم، سىزنى ئاكا دەيمۇ» ناملىق ھېكايىسى 14-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا؛ «يانتاقلىق دالا» ناملىق ھېكايىسى «تارىم» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەدىب» (3-نۆۋەتلىك «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى») غا؛ 2014-يىلى «بىر بوتۇلكا قۇم» ناملىق بالىلار رومانى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ «ئۈزۈمزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ <تارىم غۇنچىلىرى> بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللار ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلەردە تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
    پەرھات كازىمى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، پىچان ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 11:16  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش