يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 422|ئىنكاس: 0

مۇھەممەد تۇراپ( ت) : ئەدەبىيات پېشۋالىرىنىڭ نام چىقىرىشتىن ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئەدەبىيات پېشۋالىرىنىڭ نام چىقىرىشتىن بۇرۇنقى ئوڭايسىزلىقلىرى

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

    بۇلتۇر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان ئالىس.مانرو «مېنىڭ يۈتۈرۈپ قويغان قول يازمىلىرىم، ئەۋەتىلگەن ياكى يېزىپ بولغان قول يازمىلىرىمدىن كۆپ بولدى»، دېگەن ئىدى. مۇشۇنداق ھەر بىر پارچە شېئىر ۋە ھەر بىر پارچە ھېكايە خۇددى ئاپتورنىڭ تېخى تۇغۇلمىغان بالىغا جاپالىق قورساق كۆتۈرگۈنىگە ئوخشايدۇ، ئەمما ھەممە بالىلار دۇنياغا ئوڭۇشلۇق ھالدا كۆز ئاچالمايدۇ. يازغۇچى مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالغان تەغدىردىمۇ، نەشرياتنىڭ قۇشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ناتايىن. كېيىنكى زامانلاردا ماختانغان ئەدەبىيات پىشۋالىرىمۇ قوليازمىلارنى قايتۇرىۋېتىش توغرىسىدىكى خەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
ئۆزى مەبلەغ توپلىغان  ۋالت.ۋىيتمەن
ۋالت.ۋىيتمەن ئامېرىكىنىڭ ئۇلۇغ رومانتىزم شائىرى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى تەجىربىچىلىك بىلەن رىئالىزىمنىڭ ئۆزگۈرۈش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ «يوپۇرماقلار» ناملىق ۋەكىللىك شېئىرلار توپلىمى ئامېرىكا ھەتتا دۇنيا شېئىر مۇنبىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئەلۋەتتە كېيىنكىلەر ئۇنىڭغا مۇشۇنداق باھا بەرگەن.
1855-يىلى «يوپۇرماقلار» ناملىق ۋەكىللىك شېئىرلار توپلىمىنىڭ دەسلەپكى نەشرىنى چىقرىدىغاندا، ئەينى يىلى 36 ياشقا كىرگەن ۋىيتمەن ھېچقانداق نەشريات سودىگىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ 12 پارچە شېئىر يېزىلغان قول يازمىنى ئېلىپ دوستى جامېس بىلەن توماس.رومېينى ئىزدەپ، كىتاپ باستۇرۇش توغىرسىدىكى ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. بىراق توماس ئۇنىڭغا: « ۋىيتمەن، مەن ناھايىتى خىجىلمەن»، دىگەن. كىتاپخانىلار ۋىيتمەننىڭ شېئىرلىرىنى قىلچە چۈشەنمىگەن. بۇ كىتاپنى سېتىپ چىقىرالمىسا ئۆزى پۇل تۆلىگەندىن سىرت يەنە، بىر قىسىم باسما ھەققىنى تۆلەيدىغان بولغاچقا، ۋىيتمەن ئۆزى مەبلەغ توپلاپ جامېس بىلەن توماس ئاكا-ئۇكىنىڭ دۇكىنىدا باشقا كەسپىي ماتېرىياللارنى بېسىش ئارلىقىدا «يوپۇرماقلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى باستۇرۋالغان.
1855-يىلى ئىيۇلنىڭ بېشىدا «يوپۇرماقلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپكى بېسىلغان نەشرى 795 قىسىم بولسىمۇ، بىراق ئاپتورنىڭ ئىسمى يېزىلمىغان. بۇ كىتاپنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ، بىراق داڭلىق  مۇتەپپەككۇر قۇشۇمچە شائىر رالفا.ۋالدو.ئېمېرسوننىڭ دىققىتى ۋە قوللىشىغا سازاۋەر بولغان. ئېمېرسوننىڭ ۋىيتمەنگە يازغان خېتىدە: «ئۇ ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەقىل-پاراسەتلىك يازغۇچى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم»، دىيىلگەن.
يۈزەكى ئەيىپلەنگەن فلوبېر
بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر جۈسداف.فلوبېرنىڭ ئىجادىيەت پوزىتسىيەسىنى «قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايدۇ»، دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئۇ سۆزلەرنى ئورنىغا توغرا قويۇش ئۈچۈن قايتا-قايتا مۇلاھىزە قىلىپ، بەزىدە بىر بەت ئەسەر ئۈچۈن بىر قانچە ھەپتىلىك ۋاقىتنى سەرىپ قىلغان. فرانسىيەلىك تەنقىدىي رىيالىزىم يازغۇچىسىنىڭ ئەسەرلىرىدە فرانسىيەنىڭ 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 70-يىللىرىغىچە بولغان ئىجتىمائىي قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كېيىنكىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى «رىئالىزىمدا ۋايىغا يەتكەن ئەسەر»، دەپ قارىغان. فلوبېر تۇرۇۋاتقان دەۋردە ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېزىقچىلىق ئۇسۇلىنى چوڭقۇر سۈرەتلەپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھېكايىلىرى كىتاپخانىلارنى كۈچلۈك جەلپ قىلىدىغان ھېكايىلەردىن بەك يىراقلاپ كەتكەن. 1849-يىلى ئۇنىڭ «شېن.ئانتونىنىڭ ئازدۇرىشى» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى نەشريات سودىگەر دوستى ماكسىم.دوكامپ تەرپىدىن پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنىپ، «قۇرۇق گەپ بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئەسەر» دەپ قارىلىپ، ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرىۋېتىلگەن.
دۇكامپ ـــ فلوبېرنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ئىككىسى 1848-يىلى تۇنۇشقاندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق جايلارغا بىرلىكتە ساياھەتكە بارغان. دۇكامپ فلوبېرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە نۇرغۇن خام ماتېرىياللارنى توپلاپ بەرگەن. ئىككىسى تۇنۇشقىلى ئۇزۇن يىل بولغان بولغاچقا، دۇكامپ «بوۋارى خانىم» ناملىق ئەسەرنى تەنقىد قىلغاندا فلوبېرغا قىلچە يۈز خاتىرە قىلمىغان. بۇ ئەسەر دۇكامپ باشقۇرۋاتقان «فارىژ ئوبزورى»دا نەشر قىلىنىپ، ئىككىسىنىڭ دوستلۇقىغا ئېغىر دەز پەيدا قىلغان. تەرجىمىھالدىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا، دۇكامپ «بوۋارى خانىم» ناملىق ئەسەرنى سۈپەتلەپ: «سىز بىر دۆۋە تەپسىلاتلار ئارقىلىق ھېكايىگە كۆز بويامچىلىق قىلىپسىز، بۇ تەپسىلاتلار ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بولسىمۇ، بىراق ھەددىدىن زىيادە يۈزەكى بولۇپ قاپتۇ»، دىگەن. ئۇ ھەتتا بۇ ئەسەرنى چوڭ دائىرىدە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان، ماھارەت جەھەتتە ئەقىللىق ھەم تەجىربىسى مول بولغان بىر يازغۇچىنى فىلوبېرنىڭ ئەسەرلىرىنى قىسقارتىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان. بىراق تەھرىرنىڭ ئويلىمىغان يېرى شۇكى، «بوۋارى خانىم» ناملىق ئەسەر 1857-يىلى ئاپرېلدا كىتاپ بولۇپ نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، فرانسىيەنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىنى ناھايىتى تېزلا زىلزىلىگە سېلىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە رومانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
كونان.دويىلنىڭ 25 فوندستېرلىڭ پۇلى
باشقا بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ھەجمى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ، دەپ قارىلىپ، ئەنگلىيە يازغۇچىسى ـــ كونان. دويىلنىڭ «ھولمېسنىڭ رازۋېتكا قىلىشى» توغىرىسىدىكى ھېكايىلىرىمۇ ئوڭايسىزلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
دوي شېرلىك.ھولمېس 27 ياشقا كىرگەندە ئاساسىي رول ئالغان « قانداشلىق مۇناسىۋەت تەتقىقاتى» ناملىق رازۋېتكا ھېكايىسىدە ھولمېسنىڭ زامانىۋىي داۋالاش تېخنىكىسى ۋە قورالى بىلەن مۇرەككەپ دېلو ئەھۋالىنى ئاددىلاشتۇرغانلىقى ۋە تەپسىلاتلارنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. « قانداشلىق مۇناسىۋەت تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەرنىڭ ھەجمى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۈچ نەشريات شىركىتى ياراتمىغان. تەھرىرلەر ماقالە بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن، دەپ قارىغان. بىر تەھرىر «چاتما ھېكايىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەجمى بەك قىسقا بولۇش كېرەك، بىر پارچە ھېكايىنى ئېلان قىلىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەجمى بەك ئۇزۇن بولۇش كېرەك»، دەپ قارىغان.
بەختىگە يارىشا دويىل-لوك نەشرىيات شىركىتى بىر سىردىشىغا ئۇچرىغان. بۇ نەشريات سودىگىرىنىڭ باش تەھرىرى T.G بېتانىنىڭ ئايالى «قانداشلىق مۇناسىۋەت تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، «مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بۇ ئاپتور تەبىئى تالانتلىق رومان يازغۇچىسى ئىكەن، بۇ كىتاپ مېنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى، مەن ئۇنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن»، دەپ ماختىغان.
بتانى خانىمنىڭ كۆرسۈتىشى بىلەن  ۋود-لوك شىركىتى بۇ ئەسەرنى نەشر قىلىشقا قىزىققانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار دويىلغا يازغان خېتىدە: «سۆيۈملۈك ئەپەندى، بىز ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ ناھايىتى رازى بولدۇق، بىز بۇ يىل بۇ ھېكايىڭىزنى نەشر قىلىمىز، بىراق كۆز ئالدىمىزدىكى بازارنى باھاسى ئەرزان ساختا ھېكايىلەر قاپلاپ كەتتى، ئەگەر سىز كېلەر يىلى نەشر قىلىشقا قۇشۇلسىڭىز، بىز سىزگە 25 فوندستېرلىڭ پۇل چىقىم قىلىپ نەشر ھوقۇقىنى سېتىۋالىمىز»، دىگەن.
25 فوندستېرلىڭ نەشر ھوقۇقى بۈگۈنكى كۈندىكى ھولمېس مەستانىلىرىنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدۇ. بىراق ئەينى ۋاقىتتا دويىل كۆپ قېتىم رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېرىشكەن بىردىن-بىر ئىلتىپات بولغاچقا، ئۇ قۇشۇلغان. 1887-يىلى «بېتۇن روژدېستۋو يىللىق ژورنىلى»دا «قانداشلىق مۇناسىۋەت تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەر ئېلان قىلىنىپ، ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە سېتىلىپ تۈگىگەن. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان نەشريات كىتاپنى قايتا نەشر قىلىپ، مول ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. بىراق كونان.دويىل ئاران 25 فوندستېرلىڭ پۇلغا ئېرىشكەن. دويىل ئاران نامى چىققاندىن كېيىن، 25 فوندستېرلىڭ پۇلدىن يۇقىرى باھادا ئەرزان سېتىۋېتىلگەن نەشر ھوقۇقىنى قايتۇرىۋالغان.
بۇ ئەسەر «شىنخۇا كۈندىلىك تېلگىراف خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ 2013-يىل 27-دىكابىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان : توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا
新和县人民银行买买提.吐拉甫
联系电话:09978122308,13565106388
文坛巨匠成名前的尴尬
2013年12月27日 12:21:12  来源: 新华每日电讯11版
今年的诺奖得主爱丽丝•门罗说:“我丢弃的草稿比那些投稿或写完的要多得多”。的确,每首诗歌、每篇小说都犹如笔者尚未出世的孩子,艰难地孕育着,并非所有都能顺利面世。哪怕过了作家自己这一关,也不一定能赢得出版方的一声放行。即使是后世称颂的文学巨匠,也收到过言辞冰冷的退稿信。
自筹资金的惠特曼
  沃尔特•惠特曼,美国伟大浪漫主义诗人,身处美国文学超验主义与现实主义的变革时期,代表作《草叶集》对美国乃至世界诗坛影响甚深。当然,这只是后世的评价。
  回溯到1855年《草叶集》初版之时,时年36岁的惠特曼没有得到任何出版商的支持。他只身带着12首诗的手稿找到友人詹姆斯与托马斯•罗梅兄弟,表达了想要印刷成书的渴望。但托马斯却说:“我很抱歉,沃尔特。读者根本读不懂你的诗。这卖不出去,除非你自己掏钱并且负责部分印刷……”就这样,惠特曼自筹资金,在詹姆斯与托马斯•罗梅兄弟的店铺印刷其他业务的间隙印刷了《草叶集》。
 1855年7月初,《草叶集》面世,初版795册,未印作者名。该书销售情况不佳,却受到了杰出思想家兼诗人拉尔夫•瓦尔多•爱默生的关注和支持。爱默生特别写信给惠特曼说,“它是美国最为杰出的智慧之作,能读到它我非常高兴……”
被指“肤浅”的福楼拜
 今天,人们如此形容居斯达夫•福楼拜:创作态度一丝不苟。他会为一个“准确到位”的词语反复推敲,有时成文一页需耗时数周。这位法国评判现实主义作家,其作品反映了法国19世纪40年代至70年代的社会风貌,为后世奉为现实主义集大成者。
  然而,在福楼拜所处年代,他深入描绘琐碎日常生活的写法,与着力吸引读者眼球的小说大相径庭。
 1849年,他的第一部小说《圣•安东尼的诱惑》被出版商朋友马克西姆•杜坎普猛批为完全失败,废话连篇,该扔进火里化作灰烬。
 杜坎普是福楼拜的挚友。两人1843年相识,后一同前往中东等地旅行,为福楼拜日后创作积累了大量素材。即便是多年相知,杜坎普在批评《包法利夫人》时也不留情面。因该作品要在杜坎普手下的《巴黎评论》出版,两人的友谊出现严重裂痕。据传记记载,杜坎普这样形容《包法利夫人》:“你用一堆细节把小说掩盖起来,这些细节写得很好,但太过肤浅。”他甚至要求大作改动,另请一名“手法高明且经验丰富的人”帮福楼拜把小说砍短。
 而令编辑始料未及的是,《包法利夫人》于1857年4月成书出版后,很快轰动法国文坛,被誉为世界最具影响力的小说之一。
柯南•道尔的25英镑
另一些作家的作品被拒则是由于篇幅太长,英国作家柯南•道尔所著的福尔摩斯系列侦探小说也难逃尴尬。
 27岁时,道尔完成了以夏洛克•福尔摩斯为主角的头篇侦探故事《血字的研究》,讲述福尔摩斯利用现代医疗技术与工具将复杂案情抽丝剥茧,细细厘清。《血字的研究》篇幅不算太长,却在三家出版公司“碰壁”。编辑一致认为,其一大硬伤在于文章长度。一名编辑说:“就连载小说而言,篇幅太短;就单篇发表而言,篇幅又太长。”
 所幸,道尔在沃德—洛克出版公司遇到知音。这家出版商的主编G•T•贝塔尼的妻子读完《血字的研究》后大加赞赏:“无论如何,这名作者是个天生的小说家。这本书让我心潮澎湃,我相信它会取得巨大成功。”
 在贝塔尼夫人的推荐下,沃德—洛克公司表达了出版兴趣。他们给道尔写去一封信:“亲爱的先生,我们读了你的故事,感到满意。我们可以今年就出版这篇故事,但眼下的市场充斥着廉价的虚构小说;如果你不反对明年出版,我们愿意付给你25英镑买下版权。”
  25英镑的版权让今天的福尔摩斯迷大跌眼镜,但在当时,这毕竟是道尔连番遭拒后得到的唯一橄榄枝,他同意了。1887年,《比顿圣诞年刊》刊登着《血字的研究》面世,两周时间即售罄。惊喜的出版方随后再版,收益颇丰。但柯南•道尔却只获得了25英镑。在成名之后,他还支付了远高于25英镑的价格回收曾被“贱卖”的版权。

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 23:07  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش