كۆرۈش: 3689|ئىنكاس: 34

ھەبىبۇللا مىجىت: خۇنەن سەپىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خۇنەن سەپىرى

069.JPG

(ئەدەبىي خاتىرە)

ھەبىبۇللا مىجىت


1. پويىزدىكى 48 سائەت

ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجوغا قاتنايدىغان «T36» قېتىملىق يولوچىلار پويىزغا جايلىشىۋالغاندىن كىيىنلا، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدىكى «ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتى»دا ئېچىلىدىغان «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت كۇرسى»دا 22كۈنلۈك تەربىيىلىنىشكە يولغا چىققىنىمغا ھەقىقىي ئىشەندىم.  تۇنجى قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاراپ سەپەرگە چىقىشىم بولغاچقا قەلبىمدە چەكسىز بىر ھاياجان بار ئىدى، يېشىم 35 تىن ھالقىغىچە قومۇلنىڭ نېرىسىغا ئۈتۈپ باقمىغان ئىدىم. مىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغۇم، ئۇ يەردىكى تەرەققىياتنى، كىشلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى.بۇ قېتىم كۇرسقا قاتنىشىش ئوقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغاندىن تارتىپ 10-ئاينىڭ 7-كۈنى پويىزغا چىققۇچىلىك بولغان جەرياندا، خۇددى مەكتىپىمدىن جىددى تېلىفۇن كىلىپ: «قايتىپ كەل، خىزمەت جىددى بولۇپ كەتتى» دەپ قايتۇرۇپ ئەكىتىدىغاندەك ياكى بولمىسا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن: «بۇ قېتىمقى تەكلىبنامە ساڭا خاتا يەتكۈزۈلۈپ قاپتۇ» دەپ قايتۇرۋېتىدىغاندەك بىر خىل دىلىغۇل تۇيغۇدىن قۇتۇلالمىغان ئىدىم.
ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم ئاكا، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا ھەر بىرىمىزنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ سەپىرىمىزگە ئاقيول تىلىدى ھەمدە رەئىس ئازات سۇلتان ئاكىنىڭ سالامىنى يەتكۈزدى. ھازىرغىچە ئۇيغۇر، خەنزۇ يىزىقىدا ئون بىر رومانى نەشر قىلىنغان، ئەدەبىيات تەشكىلاتچىسى  غەيرەتكامنىڭ ئاتايىن بىزنى ئۇزاتقىلى چىققان سەمىمىيىتىدىن، كىچىك پىئىللىقىدىن ھەممىمىز ناھايىتى تەسىرلەندۇق. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە بۇ قېتىمقى كۇرۇسىمىزنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ شىنجاڭدىن يولغا چىققان، ھەر مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان 30 يازغۇچىنىڭ «ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتى»دىكى  تۇرمۇشىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەتىگەندىلا ئۈرۈمچىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئاشپەز خالمۇراتكامنى ئېلىپ ئايرۇپىلان بىلەن يولغا چىقىپ كەتكەن ئىكەن.قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە بۇ نۆۋەتلىك كۇرۇسنىڭ شۇجىسى،  دۇلقۇن تۇرغۇن بىلەن «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، بۇ قېتىمقى كۇرۇسنىڭ قوشۇمچە سىنىپ باشلىقى ئەسقەر ياسىن بىزگە مەسئۇل بولدى.
مۇندىن بۇرۇنمۇ كۇچار، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئېچىلغان بىر نەچچە قېتىملىق قىسقا يىغىنلارغا ۋە ئەدەبىي ئوبزۇرچىلارنىڭ بىر قېتىملىق كۇرسىغا قاتناشقىنىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇ مىنىڭ قەلەمكەشلەر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇزاق سەپەرگە چىقىشىم ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەر بىر سۆزىنى ئىسىمدە ئېنىق تۇتىۋېلىشقا جېق ئۇرۇندۇم. مەن ئۈچۈن بۇ پۇرسەتلەر بەكمۇ قىممەتلىك ئىدى. ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇنچە كۆپ ئەدىبلەرنى بىر يەرگە يىغىپ بىرىشىنى، تاسادىبىي ئامىتىم دىيىشكە بولاتتى. چۈنكى  بۇ قېتىمقى كۇرسقا تەشكىللەنگەن ئەدىبلەر ئىجادىيەتتە ئاللىقاچان مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلغان، مۇئەييەن تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ئۈلگۈرگەن ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاشۇ يەكۈنلىگەن جەۋھەرلىرىنىڭ مۇندىن كىيىنكى ئەدەبىي ئوبزۇرچىلىق جەھەتتىكى ئىزدىنىشىمگە ياردىمى ھەقىقەتەن زور بولاتتى. ئۇلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدىن ئاساسەن خەۋەردار بولغاچقا، تىزلا ئورتاق تېمىلارغا كىرىشىپ كىتىشكە ئىشەنچىم بار ئىدى. شۇڭا  يېتىرقىشىم تىزلا غايىپ بولدى.
دۇلقۇنكام ئۇچۇق-يۇرۇق مىجەزىگە دەل ماس كەلگەن ناتىقلىقى  بىلەن ھەممىمىزنى ئاغزىغا قاراتسا، ئابلىكىم ھەسەن ئۆزى كۈلمەي تۇرۇپمۇ باشقىلارنى ئىختىيارسىز كۈلۈشكە قىستايدىغان چاقچاقلىرى بىلەن بىزنى قەدەمدە بىر كۈلدۈرۈپ ماڭدى. ئەسقەر ياسىن خوتەن شىۋىسىنى دوراپ تۇرۇپ گەپ قىلىشلىرى بىلەن يازغۇچى تۇرسۇنجان مۇھەممەت، مەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم، مېھرىگۈل ئابلىز نەزەرنىڭ  ئاغزىنى تاتىلايتى.تۇرسۇن مەھمۇد ئېغىر-بېسىق مىجەزى بىلەن ھەر بىر چاقچاقنى كۈلۈپلا ئۆتكۈزۋېتەتتى.  ئابباس مۇنىياز قىزغىن پاراڭلىرى بىلەن سۇرۇنغا جان قوشسا، ئابدۇراخمان ئەزىز يان كومپىيوتېرىدا تۇرسۇن مەھمۇد بىلەن ئابباس مۇنىيازنىڭ ئىككى ھېكايىسىنى قىرغىز تىلىغا ئۆرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى.  ئەركىن نۇر بەزىدە پاراڭلارغا قوشۇلۇپ قالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا، يېقىندا تاپشۇرماقچى بولغان بىر كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلەشكە بېرىلىپ كەتكەن ئىدى. ئەدىھەم ئىبراھىم بىلەن موتەللىپ مەڭسۇر ئوۋچى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىغا چۆكۈپلا كىرىپ كەتكەن ئىدى. تۇرپاندىن ھەبىبۇللا رەجەپ بىلەن  ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ، قومۇلدىن سەمەت ئەسرا تۇرانىڭ چىقىشى بىلەن ھەممىمىز تولۇق جەم بولدۇق. ھەبىبۇللا رەجەپنىڭ قۇيۇق تۇرپان شىۋىسىدىكى گەپلىرىگە خۇددى كىشىنى ئەركىلەتكەندەك تويۇلىدىغان «پوخباشلار» دىگەن يېقىملىق تىللىشى قوشۇلۇپ، ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەن ھەبىبۇللا رەجەپنىڭ «پوخباشلار» دىگەن يېقىملىق تىللىشىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئىسىمگە ئىختىيارسىز شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ «تۇرپان» ناملىق شېئىرىدىكى:

پاراڭلىرى ئىسسىق باسار ئادەمنى،
چۈشۈڭدىمۇ ئاڭلىمىغان ھەر لەقەم.
ئامراقلىقىدىن تىللىشىدۇ سالامدا،
بىر گىرىمسىز ھاياتكى بۇ خاتىرجەم.
دىگەن مىسرالىرى كەلدى.
ئارلىقتا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدىن كەلگەن موڭغۇل يازغۇچى كىمجىل بىلەن ئازراق پاراڭلىشىپ قالدىم. سۆزىمىز ئىختىيارسىز ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تەرجىمە ئىشلىرى ئۈستىگە يۆتكەلدى. بىزدە خەنزوچىگە ۋە خەنزوچىدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى تىز ئىلگىرلەۋېتىپتۇ، لىكىن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى بىر-بىرىگە تۇنۇشتۇرۇش ئىشلىرى ھەقىقەتەن تۈزۈك قولغا ئېلىنماپتۇ، بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل، تاجىك قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەتتىن 30 نەپەر كۇرسانىت تەربىيىلىنىشكە مېڭىپتىمىز، لىكىن ئۆز-ئارا ئەدەبىي ئالماشتۇرۇشىمىز قانچىلىك؟ بىر-بىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان 30 نەپەر قەلەمكەش ئىجادىيەت ئەھۋالىمىزدىن ئاز-تولا خەۋەردار بولۇشقان بولۇشساق، بۇ يەردىكى پاراڭلار قانچىلىك ئەۋجىگە چىقار بولغىيتى-ھە؟! ھەممىمىز ئوخشاش بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ، ئوخشاش بىر رايۇندا ياشاۋاتىمىز، لىكىن بىزدىكى ئەدەبىي چۈشىنىشنىڭ ئارلىقى نەقەدەر يىراقلاپ كەتكەن؟!... ھەر ئىككىمىز ئەپسۇسلىنىش تۇيغۇسىدا ئۇزاق تۇرۇپ كەتتۇق، ئىككى يىل مابەينىدە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى قانات يايدۇرۋاتقان تەرجىمە قورۇلۇشىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئەدەبىي ئالماشتۇرۇشلارغا چوقۇمكى ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىغا، ئۆز-ئارا ئەدەبىيات ئالماشتۇرۇشلارنىڭ كۈچىيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى بىلدۈرۈشۈپ، ئەپسۇسلۇق تۇمانى چۈمكىۋالغان قەلبىمىزنى ئۈمىد نۇرلىرىغا چۆمدۈرۈشتۇق.
پويىز بىر خىل رىتىمدا  چوڭ - چوڭ بېكەتلەردە بىردەم - يېرىم دەم ھاردۇق ئالغىنىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ئاتالمىسىدا «تاڭغۇت يولى» دەپ ئاتالغان  خېشى كارىدورىنى بويلاپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى نىشانلاپ چاپماقتا. بىر چاغدا پويىز سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې پويىز ۋوگزالىدا ئازراق توختىدى. مەن پويىز دېرىزىدىن ئەينى ۋاقىتتا گەنجۇ(قامچى) ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان بۇ دىيارغا چەكسىز سېغىنىش ۋە مۇرەككەپ تۇيغۇلار ئىلكىدە تەلمۈرۈپ قارىدىم.  نىمىشقىكىن ئۇياق-بۇياققا ئۈتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر ئارىسىدىن دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيىۋالغان، گەۋدىلىك، جەسۇرلۇق چاقناپ تۇرغان چىرايلار  ئۇچراپ قارىغاندەك تۇيغۇلاردىن قۇتۇلالمىدىم. شۇنداق، 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن كەڭسۇغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن باشلاپ شۇ يەرلەردە ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، جاڭيىدا 847 - يىلدىن 1036 - يىلىغا قەدەر 200 يىلدەك ھۆكۈم سۈرگەن  گەنجۇ(قامچى) ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ خاقانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسىدىن بولغان. بۇ خانلىقنى قۇرغان ئۇيغۇرلار خەنزۇچە مەنبەلەردە «قامچى ئۇيغۇرلىرى، شاجۇ ئۇيغۇرلىرى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. 908 -يىلىغا بارغاندا ئاجىزلىشىپ قىتانلارغا بېقىندى بولۇپ ئولپان تۆلىگەن. 1036 - يىلى مەھمۇت كاشغەرىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى بولغان تاڭغۇتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
پويىز لەنجۇ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستۇتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىدە،  ئابلىكىم ھەسەن دېرىزىدىن ئانا مەكتىۋىگە ئۇزاق قاراپ كەتتى، ئېھتىمال ئابلىكىمكام بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن بەش يىللىق قايناق مەكتەب ھاياتىنى ئەسكە ئالغاندۇ، پىۋا پۇراپ تۇرغان ياتاقلار، خۇشپىئىل، بەرنا قىزچاقلار يادىغا يەتكەندۇ، ھەر يەرگە چېچىلىپ كەتكەن، خىلمۇ-خىل قىسمەتلەرگە يولۇقۇپ ياشاۋاتقان ساۋاقداشلىرى ئىسىگە كەلگەندۇ؟!. مەنمۇ پويىز دېرىزىسىدىن مەرھۇم يازغۇچى زۇردۇن سابىرنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈرگەن، ئۇنىڭغا ئىللىق قوينىدىن بىر كىشلىك ئۇۋا بەرگەن بۇ ئىنىستۇتنىڭ بۈك-باراقسانلىق ھويلىسىغا  كۆزۈم تالغۇچە قاراپ كەتتىم.  خۇددى يازغۇچى يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينىكىنى تاقىغىنىچە ئىنىستۇت دەرۋازىسىدىن چىقىپ «ئاقيول بولسۇن، بالىلىرىم!» دەپ ھەممىمىزنى ئۇزىتىپ قويىدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم.
-خۇاڭخې دەرياسىنى كۆرۈۋېلىڭلار! – ئابلىكىم ھەسەننىڭ ئاۋازى باشقىلارنىمۇ پويىز دېرىزىسىگە سىغدىلىشقا مەجبۇر قىلدى. پويىز كۆۋرۈك  ئۈستىدە كېتىپ باراتتى. راستتىنلا خۇاڭخې دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈۋاتاتتۇق. پويىز خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتكىنىدە، ھەممىمىز ئۇنىڭ ئاستا لۆمۈلدەپ ئېقىۋاتقان سۇلىرىغا قاراپ چۇقىراشتۇق. ئەجدادلىرىمىز نىمىشقا خۇاڭخېنى «سېرىق ئۈكۈز» دەپ ئاتىغان بولغىيدى؟ سۇلىرى سېرىق رەڭدە بولغاچقا، مۇشۇ نامنى قوللانغان بولغىيمىدى؟! خۇاڭخې دەرياسنىڭ سۇلىرىغا قاراپ تۇرغان مۇشۇ دەقىقىدە كۆزۈمگە «ئىزدىنىش» رومانىدىكى ئەلا، گۈزەلئاينىڭ خۇاڭخې بويىدىكى ئاجايىپ كۆرۈشۈشلىرى  كۆرۈنگەندەك بولدى. يازغۇچى زۇردۇن سابىر  بۇ دەقىقىلەرنى ھەقىقەتەن زوق-شوق بىلەن تولىمۇ مۇھەببەتلىك تەسۋىرلىگەن ئىدى.
-ئابلىكىمكا، سىز ئۇيغۇر بالىلار شېئىرىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىڭىزنى دەل لەنجۇدىن باشلىغانغۇ دەيمەن- دەپ  ئابلىكىم ھەسەننى خىياللار قوينىدىن ئاستا تارتىشقا ئورۇندۇم.
-مىنى سىز دەۋەرمەي، سەن دەۋەرگىنە ئۇكام،-دىدى ئابلىكىمكام ماڭا قاراپ:-نىمىشقىكىن سەن دىسە، ماڭا يېقىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ، دىمىسىمۇ بالىلار شېئىرىيىتىمىزدىكى بەزىبىر شۇئارۋازلىق، نەسھەتگۇيلۇق ئىللەتلىرى ئىچىمنى بەك سىقاتتى، ھەر دائىم بالىلار شائىرى زاماندىن پاكزات بىلەن سىردىشىپ قالغىنىمىزدا گېپىمىزنىڭ تېمىسى ئىختىيارسىز مۇشۇ تېما ھەققىدە بولۇناتتى. بالىلار شېئىرىيىتىمىز خۇددى چوڭلارنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان، زاكىسىدىلا قېرىپ كەتكەن بالىلارغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى، بۇ بالا ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، چوڭلارنىڭ تىلىدا سۆزلەيتى، نەسىھەت قىلاتتى، تىنماي ئىرادە بىلدۈرەتتى،  نە ئۇلارنىڭ سۆزىدە بالىلارچە پۇراق، بالىلارچە تەم بولسۇن؟ بالىلار ئۇيۇن تۈسىدىكى، قاپىيەسىمان، يادلاشقا ئەپلىك، تۇرمۇشىغا يېقىن كەلگەن شېئىرىي مىسرالارغا ئامراقتە؟ ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرىغا قاراپ باقساقمۇ، بۇ خىل ھادىسىنى ئېنىق كۈرۈۋالغىلى بولىدۇ، شۇڭا لەنجۇدا ئوقۇش جەريانىدا خەنزو ئەدەبىياتىدىكى ۋە چەتئەللەرنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىغا دائىر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى كۆپ كۆردۈم، بىزدىكى بالىلار شېئىرىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەندەك بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا مايىل شېئىرلارنى يىزىشقا باشلىدىم، زاماندىنمۇ شۇنداق قىلدى، لىكىن بىزنىڭ بۇ خىل يېڭىچە شېئىرلىرىمىزنى دەسلەپتە «ئىلى دەرياسى»دىن باشقا ژۇرناللار قوبۇل قىلغىلى ئۇنمىدى، بىزنىڭ شېئىرلىرىمىزغا بولغان ياخشى ئىنكاسنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ، باشقا مەتبۇئاتلارمۇ باغرىنى بارغانسىرى كەڭرى ئېچىشقا باشلىدى. ھازىر كىشلەر تەرىپىدىن بالىلار قوشاقلىرى دەپ سانىلىۋاتقان بەزىبىر قوشاقلارنى، مەسىلەن: «ئاپام ئايدەك/ ئاتام كۈندەك/ مىنى باقىدۇ/ قىزىلگۈلدەك» دىگەندەك شېئىرلارنى بىز يازغان، لىكىن زاماندىن ئىككىمىزنىڭ بۇ ئىشقا ھەرگىز ئەپسۇسلىنىشىمىز يوق، بىلسەڭ ئۇكا، بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى بالىلاردىن باشلىنىدۇ، شۇڭا بالىلار ئەدەبىياتىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ھازىر بالىلارنىڭ نەزىرىدە، كۆزىدە تورۇپ ئەسەر يازىدىغانلار بارغانسىرى كۆپىيۋاتىدۇ، بۇ بىر خىل ياخشى ئەھۋال، بۇ ساھەدە ئىشلەشكە تىگىشلىك خىزمەتلەر بەك كۆپ، مۇندىن كىيىنمۇ بۇ ساھەدە يەنە نۇرغۇن پىلانلىرىم بار....
-سىنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان«تەنھا كىيىك» ناملىق شېئىرلار توپلىمىڭنى ئوقۇش جەريانىدا مىنىڭ دىققىتىمنى ئەڭ تارتقىنى، بىر قىسىم شېئىرلىرىڭدىكى تارىخىي تۇيغۇنىڭ كۈچلۈكلۈكى بولدى، سەن بۇ شېئىرىمدا تارىخىي تۇيغۇنى ئىپادىلەيمەن دەپ تۇرۇپ قولۇڭغا قەلەم ئالامسەن؟- ئابلىكىمكامنىڭ «مىنى سەن دەۋەرگىنە» دىگىنىگە ئاساسەن، ئۇنى سەنلەپ تۇرۇپ سۇئالىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
-بۇ ئەسىرىمدە مەلۇم بىر خىل مەقسەدكە يىتىمەن دەپ تۇرۇپ قەلەم تەۋرەتكەن قەلەمكەشتىنمۇ ئارتۇق بىچارە ئادەم بولمىسا كېرەك، مىنىڭدە بۈگۈن مانچە پارچە ئەسەر يازىمەن دەيدىغان ۋەزىپە بولمايدۇ، ئۇزاقتىن بېرى كۆڭلۈمدە ساقلىنىپ كەلگەن تېمىلار يېزىشقا قىستىغان چاغلاردا قولۇمغا قەلەم ئالىمەن، قەلبىمدە بىر خىل مۇزىكا ساداسى ياڭراپ تۇرۋاتقاندەك يەڭگىل سىزىم بولىدۇ، بەزى شېئىرىم پۈتۈپ بولغاندا قارىسام، ئۇنىڭدا قۇيۇق تارىخىي تۇيغۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان بولىدۇ، شائىرمۇ مەلۇم مىللەتنىڭ ئەزاسى بولغاچقا، ئۇنىڭ روھىيىتىدە ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتكە خاس تارىخىي تۇيغۇلار يۇشۇرۇنۇپ ياتقان بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ يازمىلىرىدا ئۆزىنى تېپىشى تەبىئى. ..
كىمدۇر بىرىنىڭ بىزنى چاقىرىشى بىلەن قىزىق سۆھبىتىمىز شۇ يەردە ئۈزۈلۈپ قالدى. ھەبىبۇللا رەجەپ قۇيۇق تۇرپان شىۋىسىدىكى چاقچاقلىرى بىلەن دۇلقۇن تۇرغۇننى گەپتە كەلتۈرۋاتقان ئىكەن، ھەممەيلەن بۇ ئىككىسىنىڭ دىلكەشلىكىدىن سۆيۈنۈپ، سۇرۇنغا بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىپتۇ.
-ئاخشام تۇرپاندىن چىقىپلا ھەممىڭنى يېقىتىمەن دەپ يۈرۈيتى بۇ پوخۋاش-دىدى  دۇلقۇنكام ھەممىمىزگە تەكشى قاراپ،-بىر چاغدا قارىسام ھەممىدىن بۇرۇن ئۆزى سۇلىشىپ يېتىپتۇ، سىنىڭ ئاغزىڭدا گىپىڭ بولغان ئەمەلىيىتىڭ يوق ئادەم ئىكەنسەن!
-ماڭاۋە پوخۋاش!-ھەبىبۇللا رەجەپ ئۆزىنىڭ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەستىن سەكرەيتى،-سەن پوخۋاشنى نەچچە يېقىتقان مەن. ئاخشام سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك تۈگۈلۈپ ياتقان ئۆزۈڭغۇ؟!
بۇ ئىككىسىنىڭ دوستلۇقىدىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاچقا، بۇلارنىڭ بىر-بىرىنى سەنلىشىپ سۆزلىشىشلىرى بىزگە بەكمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلدى. ھەبىبۇللاكام چېچىغا ئاق كىرگىنى بىلەن جۇشقۇن، مەردانە ئىدى، گىپى ئۇچۇق، ھەممىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىشلىرى بىلەن تىزلا ئۆزلىشىپ كەتكەن ئىدۇق، ئۇ بۇ قېتىمقى كۇرسقا بارغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن تۇنۇيدىكەن،  ئەسقەر ياسىن مىنى ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇرغاندا، «مەن گېزىتىمىزدە بىر پارچە ھېكايىسىنى تەھرىرلەپ ئوبزۇر بىلەن ئېلان قىلغان» دىۋىدى، ھەبىبۇللاكامنىڭ ئەستە ساقلىشىغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم،  ھەپتە ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلار ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان زاماندا، ھەبىبۇللاكامنىڭ مۇندىن 16يىل بۇرۇن تەھرىرلەپ، «تۇرپان گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بىر پارچە ھېكايەمنى ئەستە تۇتالىشى، ئۇنىڭ كۈچلۈك ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىدىن دېرەك بېرەتتى.
مەن گەنسۇ زېمىنىدا كىتىۋېتىپ ئىختىيارسىز جەنۇبنى ئىسىمگە ئالدىم. ئاندا-ساندا يېشىللىقلار كۆزگە چېلىقىپ قالمىغاندا، گەنسۇنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى جەنۇبنىڭ زىمىنىغا ئاساسەن ئوخشىشپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى. لىكىن پويىز ۋۇخەنگە  يېقىنلاپ بارغانسىرى، بۈك-باراقسان ياپيېشىللىق كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى، ئازراقكى تۇپراق باركى جايدا، يېشىللىق بار ئىدى، ئۆيلەرنىڭ لەمپىلىرى، ئۆگزىلىرىدىمۇ يېشىللىق جىلۋە قىلاتتى. كۆزۈمگە ھەممە يەر يېشىل رەڭ بىلەن بوياپ قويغاندەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى، يۇرتىمىزدا ھازىر كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى ئالتۇنرەڭدۇر. لىكىن بۇ يەرلەردە مەڭگۈ كۈز، قىش بولمايدىغاندەك ھەممە يەردە بىر ھاياتىي كۈچ نامايەن بولۇپ تۇرۇپتۇ، مىنى ھەيران قالدۇرغىنى، نەچچە يۈز سوم خەجلەپ ئۆيىمىزدە ئەتىۋارلاپ باقىدىغان بىر قىسىم گۈللەر، بۇ يەردە يوغان دەرەخ ئىكەن. يۇرت مېھىرىنىڭ نەقەدەر ئولۇغلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغاندەك بولدۇم. ئۆز يۇرتىغا قىيالمىغانلار، يۇرت سېغىنىشىنى ئازراق بولسىمۇ بېسىش ئۈچۈن، دەرەخلەرنى گۈل شەكلىدە كۆچۈرۈپ بارغان بولسا كېرەك. ...
شۇنداق قىلىپ 7-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:30 دە ئۈرۈمچىدىن قوزغالغان پويىز، نۇرغۇن شەھەرلەرنى  كەينىدە قالدۇرۇپ،  9-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:30ئۆتكەندە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى چاڭشاغا يىتىپ كەلدى، ئەيبۇ ياقۇپ بۇ قېتىمقى كۇرسىمىزغا خۇنەن تەرەپتىن سىنىپ مۇدىرى بولغان جى مۇئەللىملەر بىلەن ئالدىمىزغا چىققان ئىكەن. گەرچە سەپەر ھارغىنلىقى يەتكەن بولسىمۇ، لىكىن ھەر بىرىمىزنىڭ چىرايىدا چەكسىز خوشاللىق نۇرلىرى جىلۋە قىلاتتى.

2. ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى

062.JPG

بۇ قېتىمقى ئۆگىنىشىمىز خۇنەن ئۆلكىلىك 12-قېتىملىق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلار مۇھاكىمە سىنىپى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئۇلار 10-ئۆكتەبىر تىزىمغا ئالدۇرىدىغان بولغاچقا، ئېچىلىش مۇراسىمى 11-چىسلاغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. شۇڭا 9-چىسلا چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ 10-چىسلا بىر كۈن ئۆزىمىز ئىختىيارى پائالىيەت قىلدۇق. بىز بۇ جەرياندا «ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» ۋە ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇق.
«ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» 1997-يىلى قورۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 50 مو كىلىدىكەن. ئۇ تۇرۇشلۇق يۆلۇ رايۇنى (岳麓区) نىڭ قاتناش قولاي، ئۈزۈكنىڭ كۆزىدەك مۇھىم ئورنىغا جايىغا جايلاشقان ئىكەن. چاڭشا شەھەرلىك پارتكۇم، ھۆكۈمەت قاتارلىق تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ خىزمەت بىناسىدىن بىر يول ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدىكەن. ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ خىزمەت بىناسىغا كىرگىنىڭىزدە تۇنجى بولۇپ كۆزىڭىزگە چېلىقىدىغىنى ماۋزېدۇڭ، پىڭ دېخۇەي، لىيۇ شىياۋچى قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرغان ھەيكىلى بولىدىكەن. ئىلمىي دوكلات زالى، ئىشخانا، سىنىپلار تولىمۇ ئەپچىللىك بىلەن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «خۇنەن يازغۇچىلار تورى» بۇ بىنانىڭ 2-قەۋىتىگە جايلاشقانىكەن. ئۇنىڭدا مەخسۇس ئىككى قىزچاق ئىشلەيدىكەن.  ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە «ئەدەبىيات دۇنياسى»، «ئەدەبىي ئېقىم»، «خۇنەن ئەدەبىياتى» تەھرىر بۆلۈملىرىمۇ مۇشۇ ئىنىستىتۇت ئىچىدە ئىكەن، ئۇلارنىڭمۇ خىزمەت بىناسى ئايرىم بولۇپ، يازغۇچىلار پائالىيەت ئورنى، كىتاب كۆرۈش، چېنىقىش ئۆيلىرىمۇ تەل ئىكەن. ئىنىستۇتنىڭ مېھمانخانىسى سىرتقا ئېچۋېتىلگەن بولۇپ، ياتاقلىرىنىڭ باھاسىمۇ شىنجاڭدىكى مېھمانخانىلاردىن كۆپ ئەرزان ئىكەن. خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخىرى رەئىسى، ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ ئەدەبىي مەسلىھەتچىسى شۈي يۈنشەننىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ھەر مو يېرى بازار باھاسىدا ئالتە مىليۇنغا يارايدىكەن. مۇشۇنىڭدىنلا خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ قورۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدىكەن. بۈككىدە دەل-دەرەخلەر  ۋە گۈل-گىياھلار بىلەن ئورالغان ئىنىستىتۇت ھويلىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىلا ياپيېشىللىققا پۈركەنگەن سۈنئى تۆپىلىك كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن، بۇ ئەتراپتا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار ۋە ئادەملەرمۇ نىسبەتەن ئاز بولغاچقا، كىشىگە تىنىچ، خىلۋەت تەسىر بېرىدىكەن. بىزگە ئوخشاش مىغىلدىشىپ تۇرىدىغان ئادەملەر ۋە قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇنلار ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ كەلگەنلەرگە، جىمجىت ئولتۇرۇپ پىكىر قىلىدىغان ئوبدان جاي ھېساپلىنىدىكەن. سەھەر-كەچلەردە ھەممە ياقنى چاڭ كەلتۈرۈپ سايراۋاتقان ھەر خىل قۇشلارنىڭ نەغمىسىگە جۆر بولغىنىڭىزدا، نىمىنىڭ تەبىئەت بىلەن ھەقىقىي ھەمنەپەس بولۇش، نىمىنىڭ ھەقىقىي ئىكولۇگىيىلىك مەدەنىيلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىختىيارسىز ئويلارغا ۋە مۇڭلارغا چۆمۈلدىكەنسىز.  
ھەممىمىز شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى بولسىچۇ دەپ كۆپ ئارمان قىلىشتۇق. يازغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يازغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە، مۇشۇنداق تەربىيلەش ئورنىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ رولى زور بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى «ئىجادىيەت مەركىزى»دە ئېلىپ بېرىلغان قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەشلەرنىڭمۇ ياش قەلەمكەشلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە،  ئىجادىيىتىگە تەسىرى زور بولغان ئىدى. «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» دا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بېرىلگەندە، ھەممەيلەننىڭ كۆزى مۇشۇ تېمىغا تىكىلگەن، ياش قەلەمكەشلەر ئىجادىيەتتە بۈسۈش ھاسىل قىلىپ ئاشۇ ئىجادىيەت مەركىزىدە تەربىيىلىنىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

3. بىز سۇ ئىچكەن «بۇلاق»لار


11-ئۆكتەبىر «ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتى»دا شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتاقىلىق يازغۇچى تەن تەن، خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گۇڭ ئەيلىن، رەئىسى تاڭ خاۋمىڭ، مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىپ ۋاڭ ياۋۋېن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دوڭ لىبۇ، ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە خۇنەن ئۆلكىلىك 12-قېتىملىق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلار مۇھاكىمە سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 100گە يېقىن كىشى قاتناشتۇق، مۇراسىمغا ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ شۇجىسى يوۋ خېپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ باشلىقى لىياڭ رۇيچىن قارشى ئېلىش نۇتىقى سۆزلىدى. تاۋ خاۋمىڭ، تەن تەن قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىككى سىنىپ كۇرسانىتلىرىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دوڭ لىبۇمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرىگە سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا تەستە قولغا كەلتۈرگەن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئىجادىيەتتە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلدى. يىغىندا يەنە خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخىرى رەئىسى، ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ ئەدەبىي مەسلىھەتچىسى شۈي يۈنشەن سۆز ئېلىپ: « مەن بۇ يىل 8-ئايدا شىنجاڭدا ئون نەچچە كۈن ئەدەبىي ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە بولدۇم، شىنجاڭ ھەقىقەتەن بەكمۇ يىراق جاي ئىكەن، شىنجاڭغا بارمىغۇچە شىنجاڭنىڭ بىپايانلىقىنى، يىراقلىقىنى، گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولمايدىكەن. بىزنىڭ ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىدا جەم بولۇشىمىز تەقدىردۇر. ھەممىڭلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرۇپتۇ، سىلەر ھازىر ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىغا كەلگەنلىكىڭلاردىن پەخىرلىنىسىلەر، ئىشىنىمەنكى كىيىن ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى سىلەردىن ئىپتىخارلىنىدۇ» دىگىنىدە زالدا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەيبۇ ياقۇپ بىلەن دۇلقۇن تۇرغۇن، ئەسقەر ياسىنلار، تۆگە ۋە توغراق مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن ئاسما گېلەمنى ئالدىنقى نۆۋەتلىك  كۇرسانتلارغا ۋاكالىتەن ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا تەقدىم قىلغىنىدا، يەنە بىر ئالقىش ساداسى يىغىن زالىنى لەرزىگە كەلتۈردى. مۇراسىمدا كۇرسانىتلار ۋەكىللىرىدىن دۇلقۇن تۇرغۇن، ئا.بادامۇ(مۇڭغۇل) سۆزگە چىقىپ، بۇ قېتىمقى كۇرسنى تەشكىللىگەن خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدىكىلەرگە سەمىمىي رەھمىتىنى ئىزھار قىلدى.  
   بۇ قېتىم بىزگە جەمئى ئالتە قېتىم لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «ئەدەبىياتتىكى ‹ئۆزگىرىش› ۋە ‹ئۆزگەرمەسلىك›» دىگەن تېمىدىكى تۇنجى قېتىمقى لىكسىيەنى ئەدەبىي تەنقىدچى جاڭ يەنلىڭ خانىم سۆزلىدى. بۈگۈنكى دەۋىر جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىي تەنقىدچى جاڭ يەنلىڭ «جەنۇپ ئەدەبىيات مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، گۇاڭشى ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى نەزەرىيە، ئەدەبىي تەنقىد كومىتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، ئۇ يەنە «ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، مەملىكەتلىك «بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» قاتارلىقلارنىڭ باھالىغۇچىسى ئىكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «مالاچىنخۇ ئىجادىيىتى ھەققىدە»، «سېزىم ۋە مۇھاكىمە»، «ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ماھىيىتى»، «گۇاڭشى بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىي تەنقىدى»نىڭ (جاڭ يەنلىڭ تومى)، «قىرغاق ۋە قارشى قىرغاق»، «تىمتاس ھالدا دۇنيانى كۈزىتىش» قاتارلىقلار نەشىر قىلىنىپتۇ.
ئۇ ھازىرقى زامان جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆزلەپ كىلىپ، جۇڭگۇ نەسىرچىلىكىنىڭ ئاساسلىقى مەدەنىيەت نەسىرچىلىكى، يېزا نەسىرچىلىكى قاتارلىق تۆت خىل ئۇسۇلىدا يېزىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. مەن جاڭ يەنلىڭ خانىمنىڭ لىكسىيەسىدىن خەنزو ئەدەبىياتىدا نەسىرچىلىكنى ھېكايىچىلىق ۋە شېئىردىنمۇ يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇشتەك بىر خىل خاھىشنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. دىمىسىمۇ خەنزو ئەدەبىياتىدا نام قازانغان ھەر قانداق بىر ئەدىبنىڭ ئاز دىگەندە نەچچە پارچە نەسىرلەر توپلىمى نەشردىن چىققان بولىدىكەن. ئەمما خەنزو ئەدەبىياتىنىڭ ئەكىسچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەسىرچىلىكنى شېئىر ۋە ھېكايە يىزىشنى قاملاشتۇرالمىغاندا يازىدىغان ئارلىقتىكى ژانېر دەپ قارايدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا بىزدە نەسىرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش پەقەت ساناقلىقلا كىشلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت بولۇپ قالغان. جاڭ يەنلىڭ خانىمنىڭ لىكسىيەسىدىن ئالغان ئەڭ چۇڭقۇر تەسراتىم، ئەدەبىياتىمىزدىكى ژانېرلار تەرەققىياتىدىكى تەكشىسىزلىكنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى- ئەڭ ئالدى بىلەن ئىدىيە جەھەتتىكى تۇنۇشنى توغىرلاشتىكەن دىگەن پىكىر بولدى.  
10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن «بۈگۈنكى دەۋىر جۇڭگو ئەدەبىياتىغا قانداق باھا بېرىشنىڭ مېتودولوگىيە مەسىلىسى» دىگەن تېمىدىكى لىكسىيەنى ۋۇ لىچىڭ ئەپەندىم سۆزلىدى.
    دوكتور، پىراففىسور، دوكتور يېتەكچىسى ۋۇ لىچىڭ جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى، قوشۇمچە «جۇڭگو پىروزا ئىلمىي جەمئىيىتى»، «جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «رومان ئىجادىيىتى ۋە سەنئەت مەسىلىلىرى» قاتارلىق 10 پارچە تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنغان ئىكەن.
ۋۇ لىچىڭ ئەپەندىمنىڭ لىكسىيەسى ئاجايىپ جانلىق ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ لىكسىيەسىدە: « مويەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلىش ئاساسى 100يىلدىن بۇيان جۇڭگۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىدى. ئوبزۇرچى بەي يەنمۇ 2012-يىلى 10-ئۆكتەبىر جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشىشكە 20 يىل بار دىگەن. لىكىن مويەن شۇ يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. گېرمانىيەلىك خەنزۇشۇناس گۇبىن ئەپەندى مويەن مۇكاپاتقا ئىرىشكەندىن كىيىن، مويەننىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشىشى تەرجىمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن بولغان، مويەن ئەسەرلىرىنىڭ تىلى قوپال، ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىدىيىسى يوق دەپ بىر نەچچە جەھەتتىن تەنقىد قىلغان» دىگەنلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ۋۇ لىچىڭ ئەپەندىمنىڭ لىكسىيەسى كۈچلۈك ئۇچۇرچانلىققا تولۇپ-تاشقان بولۇپ، مەن ئۇنىڭ لىكسىيەسىدىن تۆۋەندىكىلەرنى بىلىۋېلىشقا مۇۋاپپەق بولدۇم. جۇڭگۇ ھازىر ئاللىقاچان « ئەدەبىيات چوڭ دۆلىتى » گە ئايلاندى. ئازاتلىقتىن كىيىنكى 30يىلدا جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى 425پارچە رومان نەشر قىلدۇرغان. ھازىر يىلدا 3000پارچە رومان نەشر قىلىنىدۇ. ئامىركا، رۇسيەدە يىلدا 1500پارچىدىن رومان نەشر قىلىنىدىكەن، فىرانسىيىدە 700پارچە، ياپۇنيىدە 400پارچە رومان نەشر قىلىنىدىكەن. ھازىر جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى 10000ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىر قەدەر كۆپ ئىكەن. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا،تور يازغۇچىلىرىنىڭ سانى 3مىليۇن 500مىڭغا يېتىدىكەن. يازغۇچى ئابباس مۇنىيازنىڭ «مويەننىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىشىگە قانداق قارايسىز؟» دىگەن سۇئالىغا ۋۇ لىچىڭ ئېنىق قىلىپ: «مويەن جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچى ئەمەس، جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدا مويەندىنمۇ مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار بار » دەپ كۆز قاراشلىرىنى قايىل قىلارلىق شەرھىلىدى. دوكتۇر يىتەكچىسى ۋۇ لىچىڭ ۋە كىيىنكى بىر نەچچە قېتىملىق لىكسىيەسىدىن شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىمكى، خەنزو تەقرىزچىلىرى كۆز قاراشلىرىنى شەخىسنىڭ نۇپۇزى ۋە ئىمتىيازىغا قارىماستىن ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيىۋېرىدىكەن. ئۇلاردا يۈز قاراش ۋە شەخىسكە چۇقۇنۇش خاھىشلىرى بولمايدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئاشكارا تەنقىد ئېڭىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىگە تەدبىقلاشنىڭ تولىمۇ زۈرۈرلۈكىنى تۇنۇپ يەتكەندەك بولدۇم.
16-ئۆكتەبىر چۈشتىن ئاۋال «زېڭ تورەم ھەققىدىكى تارىخى ۋەسىقىلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەردىكى زېڭ گوفەن» دىگەن لىكسىيەنى ئاڭلىدۇق. لېكسىيەنى ئاتاقلىق يازغۇچى تاڭ خاۋمىڭ ئەپەندى تارىخى رومانى «زېڭ گوفەن»نىڭ ئىجاد قىلىنىش جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىدى.
خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاڭ خاۋمىڭ، خۇنەن ئۇنۋېرسىتىتى، خېخەي (دېڭىز - ئوكىيان) ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ تەكلىپلىك پىراففىسورى بولۇپ، «زېڭ گوفەن خەت - چەكلىرى»،«زېڭ گوفەننىڭ ئوردىغا يازغان مەكتۇپلىرىنىڭ شەرھى» قاتارلىق كىتاپلارنىڭ تۈزگۈچىسى ئىكەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: «زېڭ گوفەن»، «جاڭ جىدوڭ»، «ياڭ دۇ» قاتارلىق تارىخى رومانلىرى نەشر قىلىنىپتۇ.
ئۇ تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئى چىنلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، قايسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش جەھەتتە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىجادىيەت تەجىرىبىسى نۆۋەتتىكى تارىخىي رومانچىلىقىمىزنى قانداق قىلىپ توغرا ئىزغا سېلىش جەھەتتىمۇ بەلگىلىك يول كۆرسىتىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن دىگەن كۆز قاراشقا كەلدىم.
21-ئۆكتەبىر خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخىرى رەئىسى، ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىي مەسلىھەتچىسى شۈي يۈنشەن ئەپەندىم «يېڭى تاراتقۇلار دەۋرىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت» تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلىدى. شۈي يۈنشەن ئەپەندىمنىڭ «ئاپەت شاۋچاڭدىن باشلاندى»، «ۋۇلۇڭشەن تېغىدا باندىت تازىلاش»، «جاھانغا سىغمىغان قارا نىيەت»، «چىياۋ ئۆلكە باشلىقى ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تېلىۋېزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى بازارلىق بولۇپ، ئەسەرلىرىنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىشى ئۇنىڭغا زور ئىقتىسادىي قىممەت ئەكىلىپتۇ.  ئۇنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق زەردار يازغۇچى دىيىشكە بولاتتى. نىمىشقىكىن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھال-كۈنىنى ئويلاپ قالدىم. بىزدە نەچچە رومان نەشر قىلغان يازغۇچىمۇ، سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرۈش قىسمىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. قەلەم ھەققىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش، مەڭگۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. ئەگەر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمۇ قەلەم ھەققىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە قامداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىنىدا ئىدى، ئۇلار تۇرمۇش غېمىدە ئۇپراۋاتقان زېھنىنى، زايە بولىۋاتقان ۋاقتىنى ئىجادىيەتكىلا قارىتالىغان بولسا، ئەدەبىياتىمىز بەلكىم ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە گۈللەنگەن، تېخىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈلگەن  دەۋىرنى يارىتالىغان بولاتتىكەن دەپ ئويلىدىم. تۇرۇپلا مەن بىلەن بىللە كۇرسقا قاتنىشۋاتقان ۋە تىنىمسىز ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەدىبلىرىمىزگە تېخىمۇ چۇڭقۇر ھۆرمىتىم قوزغالدى. ئۇلارغا غايىۋانە مەدەتلەرنى، تۈگىمەس ئىلھاملارنى تىلىدىم. ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇزاق ئۆمۈر تىلىدىم.  
    شۈي يۈنشەن ئەپەندىم لىكسىيىسىدە تاراتقۇلار دەۋرىدىكى ئەدەبىيات قانداق قىلغاندا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالايدۇ ھەمدە كىيىنكى تەرەققىياتىغا يول ئاچالايدۇ دىگەن مەركىزىي تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ تىلىۋېزىيە تىياتىرى قىلىنىپ ئىشلىنىشى جەريانىدا يۇلۇقتۇرغان ئىشلارنى يۇمۇرلۇق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بىر قىسىم تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى بىزمۇ كۆرگەچكە، لىكسىيەسىنى قىزغىن كەيپىياتتا ئاڭلىدۇق.  
23-ئۆكتەبىر چۈشتىن كىيىن خۇپىڭ ئەپەندىم «بايان ھەققىدە تەھلىل» دىگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىدى. خۇپىڭ ئەپەندىم جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-تەتقىقات بۈلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى، مۇدىرى، لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان ئىكەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «تەسۋىرى ئەدەبىياتنىڭ تەسىر كۈچى»قاتارلىق بىر مىليۇن خەتتىن ئارتۇق ئەدەبىي ئوبزۇرلىرى، «قىيامەت»، «جىنايەتنىڭ ئېغىرلىشىشى»،«ئەسلىي سىفېر» قاتارلىق رومانلىرى، «جىنايەتنىڭ ئېغىرلىشىشى»، «ئاق كۈن»، «تەھدىت» قاتارلىق تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرى بار ئىكەن. ئۇ نەزىرىيىدىمۇ ھەم ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىمۇ بولغاچقا، لىكسىيەسى تەبىئى جانلىقلىققا ئىگە بولدى.
24-ئۆكتەبىر خۇنەن ئۆلكىلىك 12-قېتىملىق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلار مۇھاكىمە سىنىپىدىكى كۇرسانىتلار بىلەن بىرلىكتە ئەڭ ئاخىرقى بىرلەشمە لىكسىيەنى ئاڭلىدۇق. لېكسىيە تېمىسى «ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت» بولۇپ، لېكسىيەنى «جۇڭگۇ خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرناللىرىنىڭ باش مۇھەرىرى يې مېي خانىم سۆزلىدى. يې مېي خانىم زالغا كىرىپ كەلگىنىدە گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. يې مىي خانىم قاتناش قىستاڭچىلىقى سەۋەبىدىن  ئازراق كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن كۇرسانىتلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ لىكسىيەسىنى باشلىدى. يې مېي خانىم لىكسىيە سۆزلىگەندە، ئالدىدىن ماتېرىيال تەييارلىۋالمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى. «بىر نەچچە قېتىم لىكسىيە سوزلىمەكچى بولغىنىمدا، تەشكىللىگۈچى تەرەپ لىكسىيە تىزىسىنى سوراشتى. مەن ئالدىدىن تىزىس تەييارلىۋالمايدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم. سۆز ئۇستىسى بولغان بىر يازغۇچى جەزمەن ماتىرىيالغا قارىمايمۇ لىكسىيە سۆزلىيەلىشى كېرەك. بۇ بىزگە قويۇلغان بىر ئەقەللىي تەلەپ» دەپ لىكسىيەسىگە كىرىشىپ كەتتى يې مېي خانىم. ئۇ لىكسىيە ئارلىقىدا تىيىپجان ئېلىيۇۋ، ئابدۇكېرىم خوجايۇپ، مەمتىمىن ھۇشۇر، غەيرەت ئاسىم قاتارلىقلارنى كۆپرەك تىلغا ئالدى. بىز بۇ خانىمدىن سۈيۈنۈپ قالدۇق. چۈنكى ئىنساندا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى، قەدىر-قىممىتىنى  دەڭسەپ بىلىپ بېقىش ئىستىكى بولىدۇ، بىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسىنا ئەمەس ئىدۇق.  لىكسىيە ئاخىرىدا يازغۇچى ئابباس مۇنىياز «ئانا تىل ئىجادىيىتىگە قانداق قارايسىز؟» دەپ يې مىي خانىمدىن سۇئال سورىدى.«مەن تۇجىيا مىللىتىدىن، مەن ئادەتتە خەنزو تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن. ئەگەر مىنىڭ ئانا تىلىم بولغان بولسا، ئۆز ئانا تىلىمدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولاتتىم. شۇڭا مەن ئانا تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچىلارغا بەكمۇ ھەۋەس قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قۇۋۋەتلەيمەن!» دىگىنىدە، زالدا يەنە بىر قېتىم گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئالتە قېتىملىق لىكسىيەدىن بىز چۈشىنىش ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن دائىرىدە خېلى زور ھاسىلاتلارغا ئىگە بولدۇق. مىنىڭ بۇ لىكسىيەلەردىن ئالغان تەسىراتىم تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت بولدى:
1. لىكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ئىلىمىز ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەن.
2. لىكسىيەلىرى ئۇچۇرچانلىققا، بىلىم بىرىشچانلىققا  تۇيۇنغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ لىكسىيەسى ئەدەبىياتنىڭ يېڭى بىر بەدىئى دۇنياسىنى ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىپ بېرەلەيدىكەن.
3. خەنزو تەقرىزچىللىرىدە نۇپۇزدىن، ئىمتىيازدىن چۆچۈش خاھىشى يوق ئىكەن. مەيلى كىمنىڭ ئەسەرلىرىگە بولسۇن كۆز قارىشىنى دادىل ئوتتۇرغا قۇيالايدىكەن.
4. نەزىرىيىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشقا ماھىر ئىكەن. ئۇلار ئەدەبىي تەنقىد بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، ئەمەلىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغاچقا، بۇ ھەقتىكى تەسراتلىرى تېخىمۇ چۇڭقۇر ئىكەن.
5. تۇنۇلغان ناتىقلاردىن ئىكەن. ئىككى-ئۈچ سائەت بىمالال سۆزلىيەلەيدىكەن.
  بۇلار جەزمەن بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز ئۆگىنىشكە تىگىشلىك تەرەپلەر ئىكەن. بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز ئارىسىدا نام-ئاتىقى چىققاندىن باشلاپ، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، زامانداشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمايدىغان، ئەدەبىياتتىكى يېڭى يۈزلىنىشلەردىن خەۋەردار بولۇشقا قىزىقمايدىغانلارمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. بىر قىسىم ئەدىبلىرىمىز نەزىرىيىنى كېرەك قىلماسلىق تەرەپدارلىرى. توم-توم رومانلارنى يازغىنى بىلەن، سەھنىگە چىقىرىپ قويسا ئىككى ئېغىز گەپنى قاملاشتۇرالماي نەچچە ئۆلۈپ-تىرىلدىغانلارمۇ كۆرۈنۈپ تورىدۇ.
خەنزو تەقرىزچىلىرى تۇرسۇنجان مۇھەممەت، مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم، ئابباس مۇنىياز، تۇرسۇن مەھمۇد، ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتلارنىڭ ئالتە-يەتتە پارچىدىن رومان ۋە ھىكايە-پوۋىست توپلاملىرى چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا بولغان قايىللىقىنى يۇشۇرالماي قېلىشتى. لىكىن تىل ئۆتكىلى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالمىغانلىقىدىن كۆپ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىزراق خەنزو تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىشتى.
مەن لىكسىيە داۋامىدا ۋە ئۇلارنىڭ سەمىمىي تىلەكلىرىدىن مۇندىن كىيىن رايۇنىمىزدا ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىغا بولغان قوللاش ۋە مەدەتنى تېخىمۇ كۈچەيىتمىسەك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. خەنزو تەقرىزچىلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە توختالغىنىدا ھېلىھەم تىيىپجان ئېليۇۋ، ئابدۇكىرىم خۇجايۇپ، مەمتىمىن ھۇشۇرلارنىلا  تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىدىكەن. ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېقىنقى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن ۋە ئاللىقاچان ئەدەبىيات مەپىسىنىڭ ئىچ ئاتلىرىغا ئايلانغان نۇرغۇنلىغان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتىدىن تامامەن خەۋەرسىز ئىكەن. بۇنداق بولۇشىدا ئېھتىمال نۇرغۇن سەۋەبلەر رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. لىكىن ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرسى ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىمىزنىڭ تازا دىگەندەك گۈللىنىپ كىتەلمەسلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.

4.ئەدەبىياتنىڭ ئوتى بىزنى جىم ياتقۇزمىدى

خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى تۇرمۇشىمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، خاتىرجەم ئىجادىيەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ھەر بىرىمىزگە بىردىن ئايرىم ياتاق ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىكەن. شۇڭا ئازراق پۇرسەت بولسا بەزىدە ياتاقلارغا يىغىلىپ، نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزنىڭ ئەھۋالى، شېئىرىيىتىمىز ۋە رومانچىلىقىمىزدىكى سان-سۈپەت ئۆزگىرىشى ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرىلەرگە چۈشۈپ كىتەتتۇق.  بەزىدە بىر نەچچىمىز تاماق سىڭدۈرگەچ، ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەتراپلىرىنى ئايلىناتتۇق.
لىكسىيەلەر بەكمۇ زىچ ئۇرۇنلاشتۇرۇلمىغان بولغاچقا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىر قىسىم قەلەمكەشلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋېلىشىمغا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. ئارلىقتا  ئابلىكىم ھەسەن ۋە دۇلقۇن تۇرغۇن، ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچىلەرنىڭ ۋاقتى بولسىلا سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. تۇرسۇن مەھمۇد، تۇرسۇنجان مۇھەممەت، مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم، ئەسقەر ياسىن، ئابباس مۇنىياز، ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت بىلەن رەسمىي سۇئال تەييارلاپ سۆھبەت ئۆتكۈزۋالدىم. مۇشۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك  پايدىلىنىۋالمىسام، مۇنداق ئىمكانىيەتلەرنىڭ يەنە قاچان كېلىشىگە بىر نىمە دىيىش تەس ئىدى. شۇڭا بەكمۇ ئالدىراش بولدۇم. پىلانىمدا مۇشۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشقان بارلىق قەلەمكەشلەر بىلەن بىرمۇ-بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پىلانىم بار ئىدى. لىكىن ئارزويۇمغا تولۇق يىتەلمىدىم. يەنە كۇرۇس مەسئۇللىرىمىز ئەيبۇ ياقۇپ، دۇلقۇن تۇرغۇن،  ئەسقەر ياسىنلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، يازمىچە سۇئال تەييارلاپ، شېئىرىيىتىمىزدىكى قۇرغاقچىلىق، رومانچىلىقىمىزدىكى سۈپەت مەسلىسى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق. ئەسقەر ياسىن سۇئاللارنى نەدىن-نەگىچە تەييارلاش، سۆھبەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىرلىرىنى ئايىماي بېرىپ تۇردى ھەمدە تەييارلانغان سۇئاللارنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ زۈرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزدى. ئارلىقتا پائالىيەتلەر بەكمۇ زىچ بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، سۆھبەتنى 18-چىسلاغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
15-ئۆكتەبىر كەچتە، ئەركىن نۇر، سەمەت ئەسرا تۇرا، باتۇرجان ئاتاخان(تاجىك)، سادىق داۋۇت(قىرغىز)، مەن خۇنەن گېزىتچىلىك گوروھى سەنشاڭ خۇاشىڭ بىرلەشمە تەھرىراتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى، ئاتاقىلىق ئەدەبىي تەنقىدچى، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمىز  گوڭ شۈدوڭ بىلەن چاڭشادىكى بىر مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىدا بىللە غىزالانغاچ ھەمسۆھبەت بولدۇق. گوڭ شۈدوڭ ئەپەندىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە بىزدىن كۆپ سۇئاللارنى سورىدى، ئەركىن نۇر بۇ ھەقتە ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم ياش يازغۇچىلارنىڭ يېڭىدىن بۇ سەپكە قېتىلىپ ئىلگىركىلەرنىڭ ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. سۆزىمىز بارا-بارا ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئۈستىگە مەركەزلەشتى. گوڭ شۈدوڭ ئەپەندىم بىر تەنقىدچىدىگە نىسبەتەن نەزەر دائىرىسىنى كەڭرەك قۇيىۋېتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى شەرھىلىدى. ئۇ مۇمكىن بولسا بىزنى پىروزا ۋە شېئىرىيەت تەنقىدچىلىكى بىلەنلا ئەمەس، سەنئەت تەنقىدچىلىكى بىلەنمۇ كۆپرەك شۇغۇللىنىشقا دەۋەت قىلدى ھەم كىيىنكى قېتىم كۈرۈشكەندە ئەدەبىي ئوبزۇرچىلىققا دائىر ئەڭ يېڭى كىتابلارنىڭ ئىسىملىكى بىلەن بىزنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىز تولىمۇ قىزغىن بولدى.
16-ئۆكتەبىر قۇربان ھېيىت كۈنى كەچتە خۇنەن سىنپىدىكى كۇرسانىتلار بىلەن بىرلەشمە كۈڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيىتىمىزدە مەخسۇس سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆرسىتىلگەندىن سىرت، شېئىر دىكلىماتسىيە قىلىشمۇ پائالىيەتنىڭ مۇھىم بىر كۈنتەرتىپى بولدى. رىياسەتچىلىككە دۇلقۇن تۇرغۇننى بېكىتتۇق. بىز شىنجاڭ سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى  خۇنەن سىنىپىدىكى كۇرسانىتلارغا  تولۇق نامايەن قىلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدۇق. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، مۇڭغۇل، تاجىكچە شوخ ناخشا-ئۇسسۇللار، بۇ پائالىيىتىمىزگە قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ ۋە خۇنەن سىنپىدىكى كۇرسانىتلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتتى. ساجىدە سۇلايمان بىلەن مېھرىگۈل ئابلىزنىڭ ئۇسسۇلى باشلانغاندا خۇنەن سىنىپىدىكى ساۋاقداشلارمۇ ئىختىيارسىز ئوتتۇرغا چۈشۈپ، ئۇلارغا تەڭ جۆر بولدى. ئەيبۇ ياقۇپ بىلەن خۇنەن سىنىپىدىكى بىر ئايال ساۋاقدىشىمىز ماۋزېدۇڭنىڭ «شىنيۇەنچۈن: چاڭشا» دىگەن شېئىرنى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا تولىمۇ ھېسىياتلىق دىكلىماتسىيە قىلغىنىدا، قىزغىن چاۋاكلار ئەتراپنى بىر ئالدى. مەن ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا شېئىرىي دىكلىماتسىيە قىلىشىغا قاراپ ، ئۇنىڭ قەلبىدە يېلىنجاپ تۇرغان شېئىرىيەت گۈلخانلىرىنىڭ تەپتىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. شۇنداق ئەيبۇ ياقۇپ «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئارقىلىق، شېئىرىيەت مۇخلىسلىرىنىڭ قەلبىدە ئاللىقاچان ئۆز ئورنىنى تىكلىگەن. ئەگەر ئۇ شېئىرىيەتتىكى خاسلىقىنى بويلاپ مەنا سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۋەرگەن بولسا، ئۇنىڭ شېئىرىيىتىمىزدىكى  ئورنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن بولاتتى. تولىمۇ ئەپسۇس، يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى كۈندىلىك خىزمەتلەر،  شائىر ئەيبۇ ياقۇپنى ئەمەس، ئەدەبىي پائالىيەتچى ئەيبۇ ياقۇپنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ. لىكىن بۇ خىزمەتلىرىنىڭ سالمىقىمۇ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتلىرىنىڭ ۋەزنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ھەر بىر ساھە مەلۇم دەرىجىدە قۇربانلىق بېرەلەيدىغان ئادەملىرى بىلەن، تېخىمۇ گۈللىنىدۇ، كۆكلەيدۇ....
18-ئۆكتەبىر  چۈشتىن كىيىن خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە «شېئىرىيىتىمىزدىكى قۇرغاقچىلىق» دىگەن تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيەتكە ئەسقەر ياسىن رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيىتىمىزدە قازاق، قىرغىز، تاجىك مىللىتىدىن بولغان كۇرسانىتلارمۇ قىزغىن پىكىر قاتناشتۇردى. شېئىردا ئادەم چۈشەنمەيدىغان ئاجايىپ-غارايىپ سۆزلەرنى ئىشلىتىش، نوقۇل شېئىرىي تېخنىكىغىلا تايىنىۋېلىش، مۇقامى چۈشكۈن بولۇش پەقەت ئۇيغۇر شېئىرىيىتى دۈچ كەلگەن مەسىلە ئەمەس ئىكەن، قېرىنداش قازاق شېئىرىيىتىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋاللار مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ كىلىۋېتىپتۇ، بارىكۆل ناھىيەسىدىن كەلگەن جېڭىس رېيىسقان ئەمەلىي مىساللار بىلەن قازاق شېئىرىيىتىدىكى بۇ مەسىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدە، بۇ خىل ئوخشاشلىقتىن ھەممىمىز ھەيران قېلىشتۇق. بۇ قېتىمقى سۆھبەت پائالىيىتىدە ئەسقەر ياسىن، ئەركىن نۇر، ھەبىبۇللا رەجەپ، تۇرسۇن مەھمۇد، موتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى، ئەدىھەم ئىبراھىم قاتارلىقلار شېئىرىيەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويدى. قىزغىنلىققا تۇيۇنغان بۇ  قېتىمقى سۆھبەت نۇرغۇنلىغان تۈگۈنلەرنى ئاڭقىرۋېلىشىمىزغا ياردەم بەردى. پىكىرلەرنىڭ مەركىزىي نوقتىسى تۆۋەندىكىلەرگە مەركەزلەشتى.
يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1.شېئىرىيىتىمىزنىڭ شۇئارۋازلىقتىن، كالىندارچىلىقتىن، نەسىھەتگويلۇقتىن قۇتۇلدۇردى
2. شېئىرىي تىلنىڭ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىنى زور دەرىجىدە كېڭەيىتتى.
3. شېئىرىي كەڭلىك ۋە شېئىرىي مۇھىت يارىتىش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
4. مەجازى ۋاستىلەرنى دادىللىق بىلەن قوللاندى.
5. شەكىل جەھەتتە دادىل سىناق ئېلىپ باردى.
يېڭىچە شېئىرىيەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر:
1.  تېما، ئىپادىلەش نامراتلىقى.
2.  شېئىرىي تېخنىكىغا ھەددىدىن زىيادە  تاينىۋېلىش.
3.شېئىردىكى كەيپىيات بىلەن ئىچكى-تاشقى رېتىم ماسلاشماسلىق.
4. تىل گۈزەللىكىگە سەل قاراش.
5.نوقۇل ئۆزىنىڭ شەخسىي خاھىشىنى ئىپادىلەشكىلا كۈچەش.
ئاخىردا  ئەسقەر ياسىن بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى رەتلەپ، مەتبۇئاتلارغا سۇنۇش توغرىسىدا تەكلىب بەردى. ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى.
كەچتە ئاتاقلىق شائىرىمىز ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شۇڭقار بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. ھەممىمىز تۇرۇپلا قالدۇق. 2013-يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن تولىمۇ ماتەملىك بىر يىل بولغان ئىدى. دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى. مەن شائىر شېئىرلىرىنى سۈيۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىرى ئىدىم. بولۇپمۇ  «ئۈرۈمچى، سەن مىنىڭ ئون توققۇز يېشىم» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ قانمايتىم. ھەر قېتىم يېنىشلاپ ئوقۇغۇنۇمدا، يېڭىدىن ئاجايىپ تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتىم. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا، شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنى ئىزدەپ بېرىپ شېئىرىيەت ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاشنى ئويلىغان بولساممۇ جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم. شائىرغا  بولغان ئىخلاسىمنىڭ چۇڭقۇرلۇقى، زىيادە تارتىنچاقلىقىم شائىرنى ئىزدەپ بېرىشىمغا تۇسالغۇ بولغان دىسەممۇ بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ھاياتىمدا شائىر بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈشكە مىنىڭدە چۇڭقۇر نىيەت بولدى، لىكىن جۇرئەت بولمىدى. پەقەت شائىرنى يىراقتىن بىر قېتىم  كۆرۈۋېلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم….
تۇرسۇن مەھمۇدنىڭ چاقىرىشى،  شائىر ھەققىدىكى خىياللىرىمنى ئۈزۈپ قويدى. ئىككىمىز ئەسقەر ياسىننىڭ ياتىقىغا كىرىپ، شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلەشتۇق.
10-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇتقا بولغان چۇڭقۇر سېغىنىشىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردۇق. ئەيبۇ ياقۇپ غەيرەت ئاسىم ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن چېپىپ يۈرگەچكە، سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشالمىدى.
   «ئىجادىيەتكە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەن چاغلىرىم ئىدى،- دىدى ئەسقەر ياسىن؛- بىر كۈنى مەندىن يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىرى سىنى شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ‹بىر كىلىپ كەتكەن بولسا دەيدۇ› دىگەن گەپنى يەتكۈزدى. مەن ئالدىنقى ئايدا نەچچە پارچە شېئىرىمنى باشقىلاردىن ‹تارىم› غا ماڭدۇرغان ئىدىم. قورۇنۇش ئىلكىدە شائىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدىم. قەلبىمدە تۈمەن مىڭ خىل تەشۋىشلەر.   شائىر ماڭا شۇنچىلىك قىزغىن مۇئامىلە قىلدىكى قەلبىمدىكى ھېلىقى قارا بولۇتلار بىردەمدە تارقاپ كەتتى. ئەسلىدە شائىرغا شېئىرلىرىم بەك ياراپ كەتكەچكە، ‹تارىم› دا تەرجىمھالىمنى تۇنۇشتۇرۇشنى ئويلاشقان ئىكەن. ئەينى يىللىرى ‹تارىم› دا ئەسەر ئېلان قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئىش ھىساپلىناتتى. بىر ھەۋەسكارنىڭ تەرجىمھالىنى  ‹تارىم› دا بېرىش دىگەنلىك، تېخىمۇ چوڭ شەرەپ ئىدى. مەرھۇم شائىر ئەسەرلىرىمنى توختىماي ئېلان قىلىپ تۇردى. بۈگۈنكىدەك ئورۇندا تۇرالىشىمدا مەرھۇمنىڭ ئەجىرى بەكمۇ كۆپ...»
    ھەبىبۇللا رەجەپ شائىرنىڭ يۇرتى توغرىسىدا توختىلىپ ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ساۋەندە ئەمەس، تۇرپان تۇيۇقتا توغۇلغانلىقىنى ئىشەنچىلىك پاكىتلار بىلەن دەلىللىدى.  ئەركىن نۇر شائىرنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىمىزغا سىڭدۈرگەن ئۈن-تىنسىز ئەجرىنى بىر نەچچە نوقتىدىن تولىمۇ تەپسىلىي شەرھىلىدى. ئابباس مۇنىياز شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئاقسۇدىكى بىر نەچچە كۈنلۈك سەپىرىگە ھەمرا بولۇش جەريانىدىكى تەسراتلىرىغا ئاساسەن، شائىرنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىگە تولىمۇ يۇقىرى باھا بەردى.   ئابلىكىم ھەسەن، تۇرسۇن مەھمۇد، موتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى، مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر، باتۇرجان ئاتاخان قاتارلىقلارمۇ بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ، مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنى، ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىمىزغا قوشقان تۆھپىسى، ئادىمىيلىك پەزىلىتى قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى ھەمدە شائىرغا بولغان چۇڭقۇر سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى. ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت شائىرنىڭ «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ناملىق شېئىرىنى چۇڭقۇر ھېسسىيات بىلەن دىكلىماتسىيە قىلغىنىدا، ھەممىمىز ئۇزاق سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ كەتتۇق. ئەسقەر ياسىن سۆھبەت يىغىنىنىڭ خاتىرىسىنى رەتلەپ مەتبۇئاتلارغا سۇنۇش تەكلىبىنى بەردى.  
    24-ئۆكتەبىر كەچتە چاڭشاغا يازغۇچى غەيرەت ئاسىمنىڭ «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى» ناملىق رومانىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە بىزنى يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، غەيرەت ئاسىم ئاكىلار  بىلەن  ئىجادىيەت، ئۈگىنىش، كىشىلىك قىممەت قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەشتۇق. ئابباس مۇنىياز، باتۇرجان ئاتاخان، مېھرىگۈل ئابلىز، جېڭىس رېيىسقان، ئازىيا ماخباز، ئا.بادۇمۇ، ئابدۇراخمان ئەزىز قاتارلىقلار بەس-بەستە سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئازات سۇلتان ئاكا كۇرس باشلانغاندىن بۇيان ھەر ئىككى كۈندە دىگۈدەك بىر قېتىم تېلىفۇن قىلىپ ئەيبۇ ياقۇپ ئارقىلىق ئەھۋالىمىزنى سوراشنى ئۇنتۇمىغان ئىدى.  15-ئۆكتەبىر كەچتىمۇ ئاتايىن ئۇچۇر يوللاپ ئەتىدىكى قۇربان ھېيتىمىزنى مۇبارەكلىگەندە، ھەممىمىز باشقىچە ھاياجانغا چۆمۈلگەن ئىدۇق.
     «ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىم ئىدى،»-دەپ كەچمىشىنى باشلىدى ئازات سۇلتان ئاكا:-«بىر كۈنى دەرس ئۆتىۋاتسام بىرى ئىشىكنى چەكتى، قارىسام بىر خەنزو يولداش تورۇپتۇ، ئۇ كىشى مىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى. مەن دەرسىمنى ئۆتۈپ بولغۇچە ساقلاپ تۇرۇشنى تاپىلاپ يەنە سىنىپقا كىرىپ كەتتىم. دەرستىن چۈشۈپ ئۇ كىشى بىلەن تەپسىلىي پاراڭلاشتىم، ئۇ كىشى ئىسمىنىڭ ۋاڭ مىڭ ئىكەنلىكىنى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن مىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى. ئۇ كىشى ئەسلىدە كىيىن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مىڭ ئىكەن. ئۇ شۇ چاغدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئىشلەۋاتقان چاغلىرى ئىكەن. خەنزو تىلىدا يىزىلغان بىر ھېكايەم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ۋاڭ مىڭ شىخەنزىدە ئېچىلدىغان يازغۇچىلارنى تەربىيلەش كۇرسىغا مىنى تەكلىب قىلىپ كەلگەن ئىكەن. مەن ۋاڭ مىڭ ئەپەندىگە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوشۇلسا ئاندىن بارالايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. ۋاڭ مىڭ ئەپەندى ماڭا ۋاكالىتەن رۇخسەت سورىغىلى كىرىپ كەتتى. بىر چاغدا ئۇ سۇلغۇن قىياپەتتە مۇدىر ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ تەربىيىلىنىش كۇرسىغا بېرىش ئىشلىرىنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ، بەكمۇ ئازاپلاندىم. ئەگەر شۇ چاغدىكى كۇرسقا بارالىغان بولسام، ئېھتىمال مەنمۇ  يازغۇچى بولۇپ سىلەرنىڭ قاتارىڭلاردا ئولتۇرغان بولاتتىم!»-ھەممىمىز ئازات سۇلتان ئاكىغا ئەگىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق:«-ۋاڭ مىڭ ئەپەندىم ماڭا باشقا گەپ قىلمىدى، پەقەت ‹ بۇ مەكتەپتىن يۆتكىلىپ چىقىپ كېتىڭ› دىگەن گەپنىلا قىلدى. كىيىن مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئوقۇشقا كەتتىم. لىكىن قەلبىمدە ھېلىھەم بىر ئوت بار. ئەگەر شۇ چاغدىكى كۇرسقا قاتنىشالىغان بولسام، بەلكىم يازغۇچى بولۇپ  قېلىشىم مۇمكىن ئىدىغۇ؟! شۇڭا سىلەر ماڭا قارىغاندا تەلەيلىك. سىلەر بۇ قېتىمقى تەربىيلىنىش پۇرسىتىنى بەكمۇ قەدىرلەڭلار، بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق، ئىجىل ئۆتۈڭلار، كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇڭلار. بىلىم دىگەن كىتابتىنلا ئەمەس، ئۆز-ئارا سۆھبەتتىنمۇ جۇغلىنىدۇ. بىز ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بارسا كەلمەس بىر كوچىغا كىرىپ قالدۇق. يۈرىكىمىزگە ئەدەبىياتنىڭ خەنجىرى سانجىقلىق. بۇ خەنجەر سانجىقلىق تۇرسا، يۈرىكىمىزنى تىنماي ئاغرىتىدۇ، ئەگەر ئاغرىقتىن قورقۇپ تارتىۋەتسەك ھايال ئۆتمەي قانسىراپ ئۆلىمىز. شۇڭا ئەدەبىياتنىڭ ئوتى بىزنى بىر ئۆمۈر كۆيدۈرىدۇ. ھەققىي ئەدىب كۆيۈش ھېسابىغا باشقىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ...»
    ئازات سۇلتان ئاكىنىڭ ھايات ھەقىقەتلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان قىممەتلىك سۆزلىرى، ھەممىمىزگە ئاجايىپ تەسىر قىلدى. ئارقىدىن غەيرەت ئاسىم ئاكىمۇ قىسقا، مېغىزلىق سۆزلەپ، ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى ھاياجانغا سالدى. مەن ئادەم قانچە تاكامۇللاشقانسىرى، شۇنچە كەمتەر بولۇپ كەتسە كېرەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم. ئۇستازلارنى چارچىتىپ قويماسلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، يۈرەكتە يىغىلىپ قالغان گەپلەرنى كىيىنگە ئامانەت قالدۇردۇق-دە، كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ئۇلارنى ياتاقلىرىغا ئۇزىتىپ قويدۇق.

5.مۇھاكىمە يىغىنى مۇنداق ئېچىلسىمۇ بولىدىكەنغۇ؟
IMG_2231.jpg

23-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ھەممىمىز دىيىشۋالغاندەك «ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى»نىڭ زالىغا يېرىم سائەت بورۇن چىقىپتىمىز. ھەممىمىزنىڭ چىرايىدا خوشاللىق نۇرلىرى جىلۋە قىلاتتى. چۈنكى بۈگۈن بۇ يەردە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن، يازغۇچى غەيرەت ئاسىمنىڭ «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى» ناملىق رومانى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقچى ئىدى. يىغىن مەيدانى ئاددىيلا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زالنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۈستەللەر يۇمىلاق دائىرىدە تىزىلغان، ھەر بىر ئۈستەلگە ئىسم يېزىلغان ئىككىدىن تاختاي ۋە بىر قۇتىدىن مىنرال سۇ قويۇلغان ئىدى، خالاس!
يىغىن زالىغا غەيرەت ئاسىم ئاكا كىرىپ كىرگىنىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا گۈلدۈراس ئالقىشلارنى ياڭراتتۇق. غەيرەت ئاسىم ئاكىغا قانچە چاۋاك چالساق ئەرزىيتى.  چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى باش چۆكۈرۈپ داۋراڭسىز يازغان ۋە يىزىپ كىلىۋاتقان ئەدىبلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىدى.  ئۇنىڭ ھازىرغىچە «يېغلىما ئىنسان»، «ئاخىرقى ئاقسۆڭەك»، «سەرسان ھېسىياتلار»، «يات كۆلەڭگىلەر»، «خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر»، «مۇھەببەت ئۆزى سۆزلەيدۇ»، «گۈللالە»، «ئەرنى يەر ئادەم قىلىدۇ»، «ئاتەش يۈرەكلەر»، «يىللار ۋە ئادەملەر» قاتارلىق  رومانلىرى نەشر قىلىنغان، ئۆتكەن يىلى شاڭخەيدە «كېپىنەك دەۋرى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۈگۈنكى قىممەتلىك پۇرسەتلەردە ئۇنىڭ «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى» ناملىق رومانى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا تۇنجى قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تۇنۇتۇشتا ئالدى بىلەن ئەسەر سۈپەتلىك بولۇشى كېرەك. تەرجىمىنىڭ قۇدرىتىگىمۇ ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. مۇشۇنداق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىمۇ، بىر يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقا مىللەت كىشىلىرىگە تۇنۇتۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىق. ئىشقىلىپ شىنجاڭدىن كەلگەن كۇرسانىتلار غەيرەت ئاسىم ئاكىدىنمۇ بەكرەك خوشال بولدۇق.
    مۇھاكىمە  يىغىنغا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تەن تەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاڭ خاۋمىڭ، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى يې مېي، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى خۇ پىڭ، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى «بۈگۈنكى دەۋىر» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى جوۋ چاڭيى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوڭ لىبو، خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن گوڭ ئەيلىن، مو ئاۋ، لىياڭ رۇيچېڭ، ۋاڭ ياۋۋېن ۋە «خۇنەن گېزىتى»، «چاڭشا كەچلىك گېزىتى»، خۇنەن تېلۋىزىيە ئىستانسى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
    يىغىنغا خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاڭ خاۋمىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاندىن رەئىس ئازات سۇلتان غەيرەت ئاسىمنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەمدە نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت يۈزلىنىشى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئازات سۇلتان ئەپەندىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە تولىمۇ مېغىزلىق، ئەمما ئاڭلىغۇچىنىڭ ئىسىدە قالغۇدەك توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىسمى، بۇ بىباھا ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى ھەققىدە توختالدى ھەمدە «يازغۇچى غەيرەت ئاسىمنىڭ ئىجادىيەتتە مۇنچىۋالا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى بەكمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، چۈنكى غەيرەت ئاسىممۇ مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئەجداتلارنىڭ ۋارىسى بولغانلىقتىن، ئەدەبىياتنىڭ ۋارىسچانلىق گىنى  ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆزىنى ئاشكارا قىلغان» دىگىنىدە، مەن رەئىس ئازات سۇلتاننىڭ تەپەككۈرىدىكى ئۆزگىچىلىكىگە ئاجايىپ قايىل بولدۇم. كىلاسسىك ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بىلەن بولغان ئۆز-ئارا ئۆتۈشچانلىقنى رەئىس ئازات سۇلتانغا ئوخشاش بىر ئىككى جۈملە بىلەنلا ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىش، ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. رەئىس ئازات سۇلتان سۆزىنى تۈگىتىپ بولۇپ، يازغۇچى غەيرەت ئاسىمغا ئۆز قۇلى بىلەن دوپپا كىيگۈزگىنىدە، يەنە بىر قېتىم گۈلدۇراس ئالقىش ياڭراتتۇق.
   ئارقىدىن گوڭ ئەيلىن، جوۋ چاڭيى، يې مېي، خۇ پىڭ، ئوۋياڭ يوۇچۈەن، لىيۇ شاۋفېڭ، لىيۇ كېباڭ، خې يىڭ،گوڭ شاڭخەي، يەن جېن قاتارلىق 15 نەپەر يازغۇچى، تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەر سۆزگە چىقىپ روماننىڭ مۇۋەپىقىيىتى ۋە بەزى ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا غەيرەت ئاسىم ۋە دوڭ لىبولار سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەتىراپلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەم خەلق ئەدەبىياتى نەشرياتىدىكى بارلىق رەھبەرلەر ۋە خىزمەتچى خادىملارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى.
    مەزكۇر رومان بۇ يىل 3-ئايدا «بۈگۈنكى دەۋىر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئېلىمىز ئەدەبىيات سەھەسىنىڭ زور دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا روماننىڭ خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتاپ نۇسخىسى يىغىن قاتناشچىلىرىغا تارقىتىپ بېرىلدى. يىغىن تولىمۇ ئۇتۇقلۇق ئېچىلدى. بىزدە قالدۇرغان تەسىرىمۇ بەك ياخشى بولدى. ئۈچ سائەتلىك يىغىندا 15 نەپەر يازغۇچى، ئەدەبىي مۇھەررىر ۋە ئوبزورچىلار سۆزگە چىقتى. ئۇلارغا روماننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ئالدىن تارقىتىلغاچقا، يىغىنغا كېلىشتىن بۇرۇن روماننى بەكمۇ تەپسىلى ئوقۇپ، ئەتىراپلىق تەييارلىق قىلىپ ماقالە يازغان بولسىمۇ، يىغىندا پەقەت ماقالىلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىلا ئوتتۇرغا قويۇشتى. ھەتتا بەزىلەرنىڭ سۆزى بىرقانچە مىنۇتلا بولدى. بەزىلەر روماننىڭ مۇۋەپىقىيىتىنى بىرقانچە نۇقتىغىلا يىغىپ ئوتتۇرغا قويسا، بەزىلەر روماندىكى بەزى كەمچىللىكلەرنىڭ ئۆزىنىلا كۆرسىتىپ، كېيىنكى نەشرلىرىدە تۈزىتىش تەكلىپىنى بېرىپ سۆزنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ ئەھۋاللار بىزنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىمىزدىكى ئۈچ - تۆت ماقالە بىلەن يېرىم كۈننى تۈگىتىدىغان، «ماقالىڭىزنى قىسقارتىپ ئوقۇڭ!» دىسىمۇ سەھنىگە چىقىۋېلىپ سائەتلەپ چۈشكىسى كەلمەيدىغان بەزى ئەھۋاللار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى.
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر ئۆزگىچىلىكى، بىر قىسىملار يىغىن سەھنىسىگە چىقىۋېلىپ، بىر قىسىملار تۆۋەندە ئولتۇرىدىغان، قەستەن سۈرلۈك كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللار بۇ يەردە يوق ئىكەن. مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن يازغۇچى بىلەن ئوبزۇرچىلار روبىرو قارىشىپ ئولتۇرىدىكەن. مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇقۇل ئاپتۇرنى تەرىپلەشنىلا مەقسەد قىلمايدىكەن، ئىجادىيىتىدە ساقلانغان مەسىللەرمۇ دادىل ئوتتۇرغا قويۇلىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇھاكىمە يىغىنلىرى شۇ ئەدىبنىڭ كىيىنكى ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينىسا، بىزنىڭ يىغىنلىرىمىز ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدىن قانائەتلىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ قويىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ  ئىجادىيىتىدە ئۆرلەش ئەمەس، بارغانسىرى چۈشۈش خاھىشى تەدرىجى يۈز بېرىدىكەن.....

6. شاۋشەندىن سۇمرۇغقىچە

20131016132237807364.jpg

ماۋزېدۇڭ  ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدىكىلەر خۇنەندىكى 22 كۈنلۈك تۇرمۇشىمىزنى مول ۋە رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تولىمۇ ئىنچىكە پىلانلىغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ لىكسىيەگە بىرلەشتۈرۈپ بىر نەچچە قېتىملىق جەمئىيەت تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەممىمىزنى ئىنتايىن خوش قىلدى. نەچچىمىزنىڭ خۇنەنگىلا ئەمەس، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ تۇنجى قېتىم كىلىشىمىز ئىدى. شۇڭا مۇندىن كىيىن خۇنەن تەرەپلەرگە قايتا كىلىش نىسىپ بولامدۇ-يۇق ھىچكىم ئالدىدىن بىر نەرسە دىيەلمەيتى. يەنە بىرسى بىزنىڭ خۇنەن ھەققىدىكى تۇنۇشىمىز ئاساسەن كىتابىي بىلىملەر بىلەنلا چەكلەنگەن. بىزنىڭ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ باققۇمىز، تەسراتلارنى بىۋاستە روھىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققۇمىز بار ئىدى. خۇنەن دېگەن خەنزۇلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەشھۇر كىشىلەر بىر قەدەر كۆپ چىققان جاي. مەسىلەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى داڭلىق شەخسلەردىن زېڭ گوفەن، زوزۇڭتاڭلار خۇنەنلىك ئىدى. ئاندىن قالسا ماۋ زېدوڭ، ليۇ شاۋچى، پېڭ دېخۇەي، خې لوڭ،  لو رۇيخۇەن، خۇ ياۋباڭ، جۇ روڭجى... قاتارلىقلارمۇ خۇنەنلىك ئىدى.14-ئۆكتەبىر ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن تۇنجى قېتىملىق ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇق. شىنجاڭ، خۇنەن سىنىپىدىن بولۇپ 90 گە يېقىن كىشى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشچىلىقىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ يۇرتى-شاۋشەنگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ساياھەت يىتەكچىسى توختىماي سۆزلەيتتى:« ماۋ زېدۇڭ 1893-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى گۈزەل يۇرت شاۋشەندە تۇغۇلغان. ئۇ ئىنقىلاب ئىشى بىلەن يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 1921-يىلى ، 1925-يىلى، 1927-يىلى، 1959-يىلى ۋە 1966 - يىلى 6 - ئايدا بولۇپ جەمئى 5 قېتىم شاۋشەنگە كەلگەن، %70 ئادەمنىڭ فامىلىسى ماۋ...»
راست دېگەندەك يول بويىدا قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىققۇدەك ۋىۋىسكىلارنىڭ ھەممىسىدە ماۋ بىلەن باشلانغان خەتلەر تۇراتتى:«ماۋ زېدۇڭ ئىزناك زاۋۇتى»،«ماۋ  ..  رېستۇرانى»،«ماۋ... مېھمانخانىسى»...
ماۋزېدۇڭ مەيدانىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ مىس ھەيكىلى ياسالغان بولۇپ، تاۋاپچىلار گۈل چەمبىرەكلەرنى قاتار قىلىپ تىزىۋېتىپتۇ. بىزمۇ ئىككى گۈلچەمبىرەك قويۇپ بولۇپ، ئەتراپنى ئازراق ئايلاندۇق. ئاندىن ماۋزېدۇڭنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسىنى كۆرۈشكە يۈرۈپ كەتتۇق.
ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىمۇ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن. ماۋزېدۇڭنىڭ تۇغۇلغان قوروسىغا كىرىش ئۈچۈن ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك  ئۆچرەت تۇردۇق. بۇ يەرگە كىلىپ-كىتىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. شاۋشەنلىكلەرنىڭ پەقەت رەئىسنىڭ ئۆيىنى كۆرسىتىش تۈرىدىنلا قانچىلىك كىرىم قىلدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىپ كەتتۇق. «رەئىس ماۋزېدۇڭ ھاياتلىقىدا پۈتۈن جۇڭگۇلۇقلارنى باققان بولسا، ۋاپاتىدىن كىيىنمۇ يۇرتداشلىرىغا بولغان چەكسىز ئىنايىتىنى ئايىماپتۇ» دىيىشتۇق قايىللىق ئىلكىدە.  يېشىللىققا پۈركەنگەن تاغنىڭ باغرىغىلا جايلاشقان 14 ئېغىزلىق بۇ قورۇنىڭ ئارقا تەرىپى بۈككىدە قارىغايزارلىق ئىكەن، ئالدىدا يوغان نىلوفەر كۆلى بار ئىكەن. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، شۇ زاماندا كۆلى بار كىشىلەر باي ھېسابلىناتتىكەن.
شاۋ شەننىڭ مەنزىرىلىك يېرىگە جايلاشقان «ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى» بۇ يەردىكى ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان يەنە بىردىنبىر جاي بولسا كېرەك. ساراي ئىچىگە ماۋ زېدۇڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىكى سۈرەت، پوچتا ماركىسى، ئىزناك، ماۋ زېدۇڭ ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غا مۇناسىۋەتلىك VCD فىلىملىرى، كىتابلار  قويۇلۇپتۇ. ئىشلەتكەن تۇرمۇش بويۇملىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، يازغان ئەسەرلىرى، سۆرەتلىرى تۈر-تۈرى بىلەن رەتلىنىپتۇ. ماۋزېدۇڭ ھەققىدە يىزىلغان كىتابلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.خاتىرە سارىيىنىڭ كۆزگە تاشلىندىغان يېرىگە ماۋ زېدۇڭنىڭ ئورۇندۇقتا پۇتىنى ئالماپ، بىر قولىدا تاماكا تۇتۇپ تۇرغان، ناھايىتى ئوخشىتىپ ياسالغان ھەيكىلى بار ئىكەن.
ماۋ زېدۇڭنىڭ مەھەللىسىدىن ئۈچ كىلومېتىرچە يىراقلىقتا تامچە سۇ ئۆڭكۈرى (滴水洞) دەيدىغان مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل بىر جاي بار ئىكەن. بۇ جايدا  ماۋزېدۇڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خاتىرىلەر بار ئىكەن. بۇ جاينىڭ ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن بولۇپ، 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىچكى ئۆڭكۈر زەھەرلىك گاز، ئاتوم بومبىسى قاتارلىقلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن 70 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ جاي تاغقا يانداشتۇرۇلۇپ ياسىلىپ پۈتكەن ئىكەن. بىز 1-نۇمۇرلۇق بىنانى بويلاپ مۇداپىئە كۆرۈش ئۆڭكۈرىگىچە قىزىقسىنغان ھالدا ئايلىنىپ چىقتۇق. چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، 1-نومۇرلۇق بىنادا  ماۋ زېدۇڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى شەخسەن ئۆزى بىر قوللۇق قوزغاپ، 1966 - يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ  12 كۈن تۇرغان ئىكەن.. «دۇنيا تارىخىدىكى 100 مەشھۇر شەخس»نىڭ بىرى بولغان ماۋ زېدۇڭنىڭ شۇ ئىشلارنى پىلانلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئورۇندۇق، شىرە، قەلەم، سىيادان، كىتاب ئىشكابى، كارۋات، تېلېفون، ئاشخانا، يىغىن زالى، تىكتاك توپ سېتكىسى... قاتارلىقلار ئەينەن ساقلىنىپتۇ.
18-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن خۇنەندىكى مەشھۇر جاي، جۇڭگودىكى تۆت چوڭ قەدىمى بىلىم ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان، مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە يۆلۇ مەدىرىسى(岳麓书院) گە باردۇق. يۆلۇ مەدىرىسى چاڭشا شەھىرى شاڭجاڭ دەرياسىنىڭ غەرىبى قىرغىقىدىكى يۆلۇ مەنزىرىلىك رايۇنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ شىمالى سوڭ سۇلالىسى كەيباۋنىڭ 9-يىلى (مىلادى 976-يىلى ) قۇرۇلغان. مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ بىلىم ئوچىقى سوڭ، يۇەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ سانسىزلىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۇرگەن. 1903-يىلى خۇنەن ئالى بىلىم يۇرتىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1926-يىلى خۇنەن ئۇنۋېرسىتىتى بولۇپ قۇرۇلۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. ھازىر مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا  ئىكەن. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۆلىمى  بىر مىليون 565 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. بۈككىدە ياپ-يېشىللىققا قاراپ، ئىلگىركىلەرنىڭ دانالىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايدىكەنسىز. ئۇلار ئىستىقامەت قىلىشقا ئادەملەر كۆپ جاينى ئەمەس، تىنىچ، خىلۋەت مۇھىتنى تاللاشقانكەن. ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق جايلاردىلا ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى بۇلاقلار قاينايتى، تاشاتتى، پىكرى تىرەنلىككە يۈزلىنەتتى.
-ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا ھەقىقەتەنمۇ باپ كىلىدىكەن،-دىدىم ئەيبۇ ياقۇپقا:-يازغۇچىلار جەمئىيىتى مۇمكىن بولسا نۆۋەت بىلەن ئەدىبلىرىمىزنى بىر يىلدىن بۇ يەرگە ئەۋەتىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللىسە بولغۇدەك!
ئەيبۇكام چاقچىقىمغا كۈلۈپلا قويۇش بىلەن كۇپايىلەندى.
    چۈشتە تاماقمۇ يىمەستىن شاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئۇزۇنچاق ئارال-ئاپلىسىن ئارىلى (橘子洲)غا زىيارەت ۋە ئېكىسكۇرسىيەگە باردۇق. ئاپلىسىن ئارىلىدا ماۋزېدۇڭنىڭ شاڭجىياڭ دەرياسىغا قاراپ تۇرغان ھالەتتىكى  32ياش ۋاقتىغا سىمۋول قىلىنغان 32 مىتىرلىق گىرانىت تاشلاردىن قوپۇرۇلغان باش ھەيكىلى بار ئىكەن. ئىسىمگە ماۋزېدۇڭنىڭ «چاڭشا» دىگەن شېئىرىدىكى مىسرالىرى كەچتى.
25-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۈچ كۈنلۈك ئىكىسكۇرسىيە، زىيارەت قىلىش پائالىيىتىمىز باشلاندى. تۇنجى مەنزىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى يۇرتى بولغان  تاۋيۈەن ناھىيىسى فېڭشۇ (枫树)ئۇيغۇر-خۇيزۇ يېزىسىنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتۇق. تاۋيۈەن ناھىيىسى بىلەن چاڭشانىڭ ئارلىقى 190 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ھەممىمىز ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا چۆمۈلگەن ئىدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىيەن، لىيۇ فامىلىك ئۇيغۇرلار ۋە سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى كۆپ ماقالىلەر ئېلان قىلىنغاچقا، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرى مۇشۇ قېرىنداشلىرى ھەققىدىكى يازمىلارغا بەكرەك ئاغدۇرۇلغان ئىدى. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران، ئابلىز ئورخۇن، ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىي... قاتارلىقلارنىڭ«مىراس»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىلىرىمۇ جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىدى. بىزنىڭمۇ تاۋيۈەن ناھىيەسىگە بېرىپ، بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھال-كۈنىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا سالام بىرىش ئىستىكىمىز ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.
     مەن تۇنجى قېتىم خۇنەندىكى ئۇيغۇرلارنى  ئەسقەر ياسىننىڭ ۋاستىسى بىلەن كۆرگەن ئىدىم. 14-ئۆكتەبىر كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئەسقەر ياسىن ئاق يۈزلۈك، زىلۋا بىر قىزنى باشلاپ كىرىپ بىزگە تۇنۇشتۇردى:
-بۇياق جىيەن جىڭخۇڭ، يەنى ئايگۈل بولىدۇ، فېڭشۇ (枫树)ئۇيغۇر - خۇيزۇ يېزىسىنىڭ سابىق باشلىقى.
   مەن شۇ چاغدا ئايگۈلگە يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ كەتكەن ئىدىم.  يىللار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىپتۇ، لىكىن بىرلا نەرسىنى، ئۇيغۇرلارغا بولغان ئوتتەك تەلپۈنۈشىنى قىلچىمۇ سۇسلاشتۇرالماپتۇ. ئاشۇ تەلپۈنۈش ئايگۈلنى بىزنىڭ يېنىمىزغا باشلاپ كەپتۇ. ئېھتىمال بىر شەخىس ئۆز مىللەت توپى ئىچىدە ياشىغاندا، ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئۇنچە بەك گەۋدىلەنمەسلىكى مۇمكىن، بىراق ئايرىلىپ ناھايىتىمۇ يىراق بىر جايدا ياشىغاندا، ئاندىن ئۇنىڭدىكى ئۆز مىللىتىگە تالىق بولغان تۇيغۇلار تېخىمۇ بەك غەليان كۆتۈرسە كېرەك. ئارىدىن ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ئايگۈل بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتىدا ئىشلەيدىغان رەشىدە خانىمنىڭ داستىخانىغا داخىل بولدۇق. ساجىدە سۇلايمان، مېھرىگۈل ئابلىزلار بۇ ئىككى خانىم بىلەن يۈزىنى-يۈزىگە يېقىشىپ شۇنچە قىزغىن سالاملاشتى. رەشىدە خانىممۇ خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ، بىز ئۇنى جىيەن فامىلىسى بىلەن ئاتىماي بىۋاستە رەشىدە دەپلا ئاتاۋەردۇق. ئۇلارنىڭ سەمىمىيەتكە تولغان سۆزلىرى، قىزغىن ساھىپخانلىقى بىزنى شۇنچىلىك تەسىرلەندۈردىكى، بۇ ئىككى خانىمنڭ شىنجاڭلىق قېرىنداشلىرىغا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ يەتتۇق. ئۆز-ئارا تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى قالدۇرۇشتۇق.
تاۋيۈەنگە قاراپ قوزغىلىپ بىرەر سائەتكىچە ئەتراپتىكى يېشىلچىلىقلارغا قىزىقسىنىپ قاراپ ماڭدۇق. بارا-بارا دېرىزىدىن سىرتقا قاراشمۇ زوقىمىزنى تارتالماس بولۇپ قالدى. بىر قىسىملار ئاستا مۈگدەشكە چۈشسە، بىر قىسىملار خىيالغا پاتقاندەك قىلاتتى. مەن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن بەكرەك خىيالغا پاتقانلارنىڭ بىرى ئىدىم.
مەن بۇ قېتىمقى كۇرسىغا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، تەلئەت ئىبراھىم(تىلەك) نىڭ «ئۇيغۇر ئالىمى جىيەن بوزەن»، چىن زۈنۋاڭ، جىيەن ۋېن يازغان، ئابلەت نۇردۇن، جۈمەخۇنلار تەرجىمە قىلغان «خۇنەن ئۇيغۇرلىرى» ناملىق كىتابلارنى ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشكە ئۈلگۈرگەن ئىدىم. بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب، خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە چۇڭقۇرراق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىككى ئېغىز سۆزلىيەلىگۈدەك ھالغا كىلىش ئۈچۈن ئىدى.
خۇنەندىكى ئۇيغۇرلار قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ، قۇمۇللۇق  قارا بارسنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. 12 - ئەسىردە ئۇيغۇرلار زېمىنى قارا قىتانلار تەرىپىدىن  بېسىۋېلىندى. ئۆز ۋاقتىدا قۇچۇنىڭ تۇتۇقى بولغان قارا بارس ئىدىقۇت خانى بارچۇق ئارتتېكىن بىلەن بىرلىشىپ، قارا قىتانلارنىڭ قۇچۇدىكى نازارەتچىسىنى ئۆلتۈردى. 1211 - يىلى ئىدىقۇت خان تېمۇچىننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىىتىپاق تۈزدى. تاڭغۇتلارغا قىلىنغان يۈرۈشلەردە، جىن، سۇڭ زېمىنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، يۈەن سۇلالىسىنى قۇرۇشتا بۇ قوشۇن زور تۆھپىلەرنى كۆرسەتتى. ئىمپېراتور چىڭگىزخان قارا بارسقا «ھۇجۇمچى سانغۇن» دېگەن مەرتىۋىنى بەردى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىڭگىزخاننىڭ قول ئاستىدىكى ئىسلام قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ پۇشتى يۈەن سۇلالىسىدە ئاتا مىراس ئەمەلدار بولدى.  14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۈەن سۇلالىسى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، مىڭ سۇلالىسى باش كۆتۈردى. مىڭ سۇلالىسى خانى جۇ يۈەنجاڭ قارا بارس (بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان قارا بارس بەلكىم چىڭگىزخان بىلەن يەنجىڭغا كەلگەن قارا بارسنىڭ 2 - ئەۋلادى بولۇشى مۇمكىن)نىڭ موڭغۇللار بىلەن بىرلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا «زېمىننى كېڭەيتىش تۇرشاۋۇلى، ئاستانە يەنجىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ)نىڭ باش بۇغى»قىلدى. ئۇ مىڭ سۇلالىسى سەركەردىسى لى ۋېنجۇڭ بىلەن بىرلىكتە 1369 - يىلى داتۇڭغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى كۇڭ شىڭنى ئۆلتۈردى. تولىبەگنى تىرىك تۇتتى. 1370 - يىلى يىڭچاڭنى ئېلىپ خىزمەت كۆرسەتتى. 1371 - يىلى جۇ يۈەنجاڭ قارا بارس قوشۇنىنى خۇگۇاڭ، چېنچاڭ ئەتراپلىرىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. بۇ جەڭدە ئۇ تولۇق غەلىبە بىلەن قايتتى. 1372 - يىلى جۇ يۈەنجاڭ ئۇنىڭ ياتلارنى بېسىقتۇرۇشتىكى تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن جىئەن (翦)دېگەن فامىلىنى ئىنئام قىلدى. (خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ فامىلىسىنىڭ ھازىرقىدەك جىئەن بولۇپ قېلىشى ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان.) شۇنداقلا ئۇنى ئاسراندى قىزى تۇيې مەلىكە بىلەن تارتۇقلىدى.
قارا بارس شۇنچە ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلسىمۇ، لېكىن جۇيۈەنجاڭ ئۇنىڭ موڭغۇللار بىلەن تارىخىي مۇناسىۋىتىنى تەلتۆكۈس ئۈزۈپ تاشلاش، ھەمدە «ياتلارنى ياتلار ئارقىلىق تىزگىنلەش» خىيالىنى ئاداققىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى پايتەختتىن قەستەن جەنۇب تەرەپكە يۆتكىدى. يەنى 1373 - يىلى جۇيۈەنجاڭ قارا بارسقا «جىڭشياڭ تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇقى، جەنۇبنى تىنجىتقۇچى سانغۇن، ۋەلىئەھدنىڭ مۇشاۋۇرى» دېگەن مەرتىۋىلەرنى  بېرىپ،  خۇاگۇاڭ، چېنجۇ تەرەپلەرنى ساقلاشقا قويدى. 1388 - يىلى قارا بارس جەڭدە قازا تاپتى. يارلىققا بىنائەن چاڭدېنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى تېشىدىكى خۇاڭلۇڭگاڭ (ھازىرقى چاڭدې شەھەرلىك ھاراق زاۋۇتىنىڭ ئورنى)غا دەپنە قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋيۇەن ناھىيىسىگە ماكانلىشىشى شۇنىڭدىن باشلاندى. قارا بارسنىڭ ئوغلى بايقۇ 1389- يىلى بۇيرۇققا بىنائەن يۈننەن، گۇيجۇلارنى تىنجىتىپ قايتتى. ئۇنىڭغا «چېگرىنى تىنجىتىش سانغۇنى، ۋەلىئەھد مەرۇپ بېگى، كېڭەش بېگى» دەيدىغان مەنسەپلەرنى بەردى. بايقۇمۇ جەڭدىن كېلىۋېتىپ ئۆلدى. بايقۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئېتى چاڭپۇ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئېتى چاڭلى(ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى نامەلۇم) ئىدى. بايقۇ ئۆلگەندىن كېيىن چاڭدېنىڭ باقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىگە چاڭلى ۋارىسلىق قىلدى. چاڭپۇ مەنسەپ تۇتۇشنى خالىمىغانلىقتىن، ھەممە نېمىدىن كېچىپ شىنجاڭنىڭ لوپنۇر ناھىيىسىگە كېلىپ ماكانلاشتى. مۇشۇ قېتىملىق قايتىشتا ئۆز ۋاقتىدا قارا بارسقا ئەگىشىپ بارغان ئورۇنباسار سەركەردىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ قايتقان، ئەلبەتتە. چاڭلى شۇ يەردە داۋاملىق ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ ماكانلىشىپ قالغان... 1467 - يىلىغا كەلگەندە ۋۇلىڭ ئايمىقىنىڭ خەزىنىسىگە ئوغرى تەگكەن. باقاۋۇل جىئەن شياڭ مىڭ بېشى خې لىگۇاڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەسكەر باشلاپ چىقىپ ئوغرىلارنى دىشەن دېگەن يەردىكى سۆگەتلىككىچە قوغلاپ بارغان، دىققەتسىزلىكتىن مىڭ بېشى ئوق تېگىپ ئۆلگەن، ئوغرىلار قېچىپ كەتكەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنزۇڭ خانى جىئەن شياڭنى بۇلاڭچىلارنى چەكلىك سۈرۈك ئىچىدە تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرىغان. ئەمما ئۇ سۈرۈك ئىچىدە تۇتالمىغان. شۇنىڭ بىلەن 1469 - يىلى جىئەن شياڭنىڭ مەرتىۋىسى چاڭدېنىڭ سول قول مېڭبېشىلىققا چۈشۈرۈۋېتىلگەن. دېمەك، يۈەن سۇلالىسى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىدە قەھرىمان  بولۇپ، 250 يىلدىن ئارتۇق سادىقلىق بىلەن ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن  ئۇيغۇرلار شۇنىڭدىن كېيىن ئەمەل - ئىمتىيازدىن مەھرۇم بولۇپ، تېرىقچىلىق قىلىش، سودىگەرچىلىك قىلىش، ئوقۇپ ئۆلىما بولۇش.... بىلەن جېنىنى باققان. ھازىر 27 - ئەۋلادقا قەدەم قويغان. ھازىرقى جىئەن جەمەتىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە «بىر جەمەتتىكىلەر ئۆز ئارا توي قىلسا بولمايدۇ» دېگەن قاراش ئۇلارنىڭ كاللىسىغا ناھايىتىمۇ چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. ئۇلار ئاساسەن خۇيزۇلار بىلەن تويلىشىدىكەن. بۇ خۇيزۇلار ئۆز ۋاقتىدا قارا بارسقا ئەگىشىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان خۇيزۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئەۋلادى ئىكەن. قىسمەن ھالدا باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەنمۇ توي قىلىشىدىكەن. يېقىندىن بۇيان خەنزۇلار بىلەن توي قىلىدىغانلارمۇ پەيدا بولۇپتۇ. لېكىن باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن تويلىشىشتا ئۇلارنىڭ ئىككى شەرتى بولىدىكەن: بىرسى، قارشى تەرەپ ئاۋۋال فامىلىسىنى «جىئەن»گە ئۆزگەرتىش؛ يەنە بىرى، ئىسلام دىنىغا كىرىش. شۇڭا  650 نەچچە يىلدىن بۇيان شالغۇتلىشىپ بولۇپتۇ. ئۇلار تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە جۇغراپىيىۋىي سەۋەبلەر تۈپەيلى شالغۇتلىشىپ، ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماپتۇ....

IMG_2506.jpg

ساياھەت يىتەكچىسىنىڭ «تاۋيۈەن ناھىيىسىگە كەلدۇق» دەپ توۋلىشى خىيالىمنى بۆلدى.تاۋيۈەن ناھىيە بازىرىنىڭ سەل قاقاس ھالىتى مىنى سەل گاڭگىرىتىپ قويدى. ئاپتۇبۇس يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئېتىزلىقلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ئىلگىرلىگەنچە، ھەممىمىز دېرىزە سىرتىغا تويماي قاراشتۇق. ئاپتۇبۇس شىنجاڭدىكى تال باراڭلىق شەكىلدە ياسىلىۋاتقان بىر قورۇلۇشنىڭ يېنىغا   كىلىپ توختىدى. بىز فېڭشۇ (枫树)ئۇيغۇر - خۇيزۇ يېزىسىغا يىتىپ كەلگىنىمىزنى بىلدۇق.بىزگە يول باشلاپ چىققان چاڭدى شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقىنىڭ ۋە تاۋيۈەن ناھىيىسىنىڭ بىر ئايال مۇئاۋىن  ھاكىمىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، بۇ يېزىدىكىلەر بۇ جايغا تۇرپاندىكىدەك تەكزارلىق بەرپا قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشىۋېتىپتۇ. بىز بۇ جايدىن ئۈتۈپلا جىيەن بوزەننىڭ تۇرالغۇسىغا يىتىپ كەلدۇق. جىيەن بوزەننىڭ تۇرالغۇسى 2010-يىلدىن باشلاپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە ئاساسەن رىمىنۇت قىلىنىپ، 2013-يىلى 15-ئاپرىل جىيەن بوزەن تۇغۇلغانلىنىڭ 115يىللىقى بولغاندا رەسمىي سىرتقا ئېچۋېتىلىپتۇ. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ سابىق رەئىسى تۈمۈر داۋامەت «جىيەن بوزەن تۇرالغۇسى» دىگەن ئۇيغۇرچە خەتنى ئۆز قولى بىلەن يىزىپ بېرىپتۇ.
ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىم بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ تۇرالغۇسىنى بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن زىيارەت قىلىپ چىقتۇق. ئالىمنىڭ ھەر ھايات كەچمىشى تەپسىلىي شەرھىلەنگىنىدىن تولىمۇ سۈيۈندۇق.
جيەن بوزەن 1898 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تاۋيۈەن ناھىيىسىنىڭ جيەنجياگاڭ (ھازىرقى فېڭشۇ يېزىسى خۇيزۇ - ئۇيغۇر كەنتى) دا دۇنياغا كەلگەن. 1924-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكىغا بېرىپ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئوقۇغان ئوقۇغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇزاققىچە بىرلىكسەپ ۋە نەزەرىيە تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. جۇڭگودا ماركسىزملىق تارىخ ئىلمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. ئازاتلىقتىن كېيىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە تارىخ فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ  ئەزاسى، «تارىخ تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، «ئارخېئولوگيە ئىلمى» ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، سىياسى كېڭەش مەملىكەتلىك 1 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 1-، 2-، 3- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەركىزىي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. كۆپ قېتىم خەلقئارالىق سىياسىي ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «تارىخ، پەلسەپە دەرسلىكى»، «جۇڭگو تارىخىدىن تىزىسلار»(1-،2-،3- كىتاب) «جۇڭگو تارىخى ھەققىدە بايان»، «تارىخىي مەسىلىلەر ھەققىدە بايانلار» قاتارلىقلار بار. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ داھىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ يۇرتلۇقى ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق دوستى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تۈزۈلگەن «جۇڭگو تارىخىدىن ئومۇمىي تىزىس»نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىگەن، ئەپسۇس 1968 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بېيجىڭدا جىيەن بوزەن ئايالى بىلەن گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن تىز ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇيقۇ دورىسى  ئىچىپ ئۆلۈۋالغان. ئالىمنىڭ ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قېلىشغا ئەينى چاغدىكى سولچىل سىياسەت بىۋاستە سەۋەب بولغان.
رەئىس ئازات سۇلتان «جىيەن بوزەن تۇرالغۇسى» دا فېڭشۇ (枫树)ئۇيغۇر - خۇيزۇ يېزىسىنىڭ باشلىقى جىيەن لىنخۇاغا سەمەت ئەسرا تۇرا قۇمۇلدىن ئەكەلتۈرگەن «ئىز» ناملىق شېئىر كەشتىلەنگەن لەۋھەنى ۋە مېھرىگۈل ئابلىز خانىم تەمىنلىگەن «چىرا مەشرىپى» نىڭ سىن تەخسىسىنى تەقدىم قىلدى. تۇرالغۇ ئالدىدا كوللىكتىپ سۆرەتكە چۈشتۇق. ساجىدە سۇلايمان خانىم بەك ھاياجانلىنىپ كېچىكىپ قالغاچقا، بىر ئاز ساقلاپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق.
قارا بارس سانغۇننىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاب قىلىش ئۈچۈن، فېڭشۇدىكى مەسچىتنىڭ ھويلىسىغا كىردۇق، بۇ يەردە كۆزىمىزگە دەماللىققا چېلىققىنى خەنزۇچىغا يانداشتۇرۇپ يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەر بولدى.  مەسچىتنىڭ جىيەن فامىلىك ئىمامى بۇ مەسچىتنىڭ 1368-يىلى سېلىنغانلىقىنى، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كىيىن يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيىتتى. مەسچىتنىڭ جىيەن فامىلىك ئىمامى رەئىس ئازات سۇلتان ۋە بىز بىلەن تولىمۇ قىزغىن ھال-مۇڭ بولدى.  قارا بارس سانغۇننىڭ مەقبەرىسى ئالدىدا ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندىن كىيىن،  يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يول ئالدۇق. يېزىلىق ھۆكۈمەتتتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇش يۈزىسىدىن بىزنى بىر زالغا باشلىدى.  يېزا باشلىقى جىيەن لىنخۇا بىزگە يېزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
فېڭشۇ (枫树)ئۇيغۇر - خۇيزۇ يېزىسى تاۋيۈەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، تاۋيۈەن ناھىيەسى ۋە چاڭدى شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 15كىلومىتىر ، يېزىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 58.95كىۋادرات كىلومىتىر كىلىدىكەن. يېزىدا 12 كەنىت، 32207نۇپۇس بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 7883نەپەر، خۇيزۇلار 1336نەپەر ئىكەن. يېزىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى يۇرتى» دىگەن چىرايلىق نامى بار ئىكەن.
فېڭشۇ (枫树)ئۇيغۇر - خۇيزۇ يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى گەرچە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۆيلىرىدەك باغ-ۋارانلىق، نەقىشلەر بىلەن تولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى قەۋەتلىك  ئۆيلىرىنىڭ بالكۇنلىرىغا ئىشلەتكەن قەشقەر پاسونىدىكى  سالاسۇنلىرى ئادەمنى سۆيۈندۈردىكەن. چۈشلۈك تاماقنى يېزىنىڭ ئاشخانىسىدا يىدۇق. مەزىلىك تائاملار بىزنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى. بىز يېزىدىكىلەر بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلىشىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئەگەر ۋاقت ئۆزىمىزنىڭ ئىلكىدە بولغىنىدا ئىدى، يېزىدا بىر كۈن كەچكىچە تۇرۇپ، 650يىلدىن كۆپرەك ھىجران ئازابى تارتىشقان بۇ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تۈزۈك ھال-مۇڭ بولغان بولۇشقان بولاتتۇق، ۋاقت قىسلىقى سەۋەبىدىن، بىر نەچچە سائەتلا تۇرالىدۇق. رەئىس ئازات سۇلتان ۋە غەيرەت ئاسىملار ئەتە ئەتىگەن شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقىدىغان بولغاچقا، يېزىنىڭ قوروسىدا ئۇلار بىلەنمۇ خوشلاشتۇق.
    25-ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە خۇنەننىڭ جاڭجاجىيې (张家界)شەھىرىگە تەۋە  ۋۇلىڭيۈەنگە كېلىپ چۈشكۈن قىلدۇق.  دارۋاز سەمەتجان ئىلگىرى ۋۇلىڭيۈەندە ئاشخانا ئاچقان ئىكەن. ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ دۇنياغا مەشھۇر «ۋۇلىڭيۈەن ئېكىلوگىيە باغچىسى»دا زىيارەتتە بولۇپ، ئامىرىكا فىلىمى «ئاۋاتار»نىڭ قىسمەن سىرتقى كۆرۈنۈشلىرى ئېلىنغان سېھىرلىك مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلدۇق. پەستە لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلار، بۈككىدە يېشىللىقلار ئادەمنى خىيالىي مەنزىرىلەرنىڭ قوينىغا باشلايدىكەن. چاڭشا شەھرىدە مۇنچە مىغىلداپ تۇرغان ئادەملەرنى كۆرمىگەن ئىدىم. بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ، ھەممە ئادەم شەھەرلەردىن ساياھەت نوقتىلىرىغا كىلىۋالغانمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. مىنى تېخىمۇ تاڭ قالدۇرغىنى لىفىتقا ئولتۇرۇپ 326مىتىر ئىگىزلىكتىكى تاغ چوققىسىغا چىقىش بولدى. مەن مۇنچە ئىگىزگە چىقىپلا دەرھال يېنىپ چۈشىمىزغۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، كىم بىلسۇن، شۇ چوققىنىڭ ئۈستىدە ئارىبوس قاتنايدىكەن. مەخسۇس ئاسفالىت يوللار بار ئىكەن. بۇ تاغنىڭ ئۈستىدە بۇنچە زور قورۇلۇشلارنى قانداق قىلىپ بولغانلىقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىكەن.
     27-ئۆكتەبىر 1992-يىلىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىي مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، دائىرىسى 60 كۇۋادىرات كېلومېتىر كېلىدىغان، دۆلەت دەرىجىلىك جاڭجاجىي ئورمان باغچىسىنى ساياھەت قىلدۇق. بۇ جايلارنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەن ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن. ئادەم ھاياتىدا بىر قېتىم كىلىشكە ئەرزىيدىغان جايلار ئىكەن دەپ ئويلاشتۇق. چۈشتىن كىيىن فېڭخۇاڭ (سۇمرۇغ) قەدىمىي شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. كۈن پاتقاندىلا سۇمرۇغ قەدىمىي شەھرىگە يىتىپ كەلدۇق. كەچلىك تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن «كىروران» دىكى ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچى بىلەن قەدىمىي شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇق. دەريانىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان قەدىمىي شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى تولىمۇ ئاۋات بولۇپ، قەدەمدە بىر مۇزىكىلىق ئارامگاھلار ئۇچرايدىكەن، قۇلاقنى يارغۇدەك ناخشىلار، ۋال-ۋۇل چىراقلارنىڭ شولىسى چاقناپ تۇرغان دەريانىڭ كەچلىك مەنزىرىسى بىلەن قوشۇلۇپ، كىشىگە بىر خىل جۇشقۇن، قايناق كەيپىيات ئاتا قىلىدىكەن. تار، قەدىمىي كوچىلاردا سىتۇدىنىت سىياقىدىكى قىز-يىگىتلەر توپ-توپ بولۇشۇپ يىتىلىشىپ يۈرۈيدىكەن. سۇمرۇغ شەھرىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنى ئەمەتجان بىلەن سائەت 11لەرگىچە ئايلاندۇق. ھەر ئىككىمىزگە ھاردۇق يەتكەن چېغى،  ياتاققا قايتىپ ھايال ئۆتمەيلا ئۇخلاپ قالدۇق.
    28-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ساياھەت يىتەكچىسىنىڭ ھەمرالىقىدا سۇمرۇغ قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئايلاندۇق. كۈندۈزى كۆرگەن مەنزىرىلەر ئاخشام كۆرگىنىمىزنىڭ ئەكىسچە بولىۋاتاتتى. يوللاردا يىتىلىشىپ يۈرگەن ياشلارنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايتى، ئايلىنىپ يۈرگەنلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار تەشكىل قىلاتتى. ئاخشام ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن مۇزىكىلىق ئارامگاھلار، خىلۋەت چايخانىلار ھاردۇق يەتكەندەك ئىشىكلىرىنى تاقاپ جىمجىت سۈكۈتكە چۆمۈشكەن ئىدى. مىغىلدىشىپ يۈرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن قەدىمىي شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا مەيدىنى كىرىپ مېڭىشمۇ تەسكە توختايتى. بىز يازغۇچى شېن سوڭۋېن، مىنگو دەۋرىدە ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىلىقىنى ئۆتىگەن شىيوڭ شىلىن قاتارلىقلارنىڭ كونا تۇرالغۇلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق. خاتىرە سۆرەتلەرگە چۈشۈشتۇق.
بۈگۈن ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا قايتىدىغان كۈنىمىز بولغاچقا، چۈشلۈك تاماقنى يەپلا چاڭشاغا قاراپ يولغا چىقتۇق. ئالتە سائەتتىن كۆپرەك يول يۈرۈپ، چاڭشادىكى ياتىقىمىزغا قايتىپ كەلگىنىمىزدە، ھەممە يەرنى گۈگۈم قاراڭغۇلۇقى ئۆز ئىسكەنجىگە ئالغان ئىدى.

7.خەيىر-خوش چاڭشا

IMG_3413.jpg

29-ئۆكتەبىر چۈشتىن چۈشتىن ئاۋال خۇنەن ماۋ زىدوڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئوقىۋاتقان شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى كۇرسىنىڭ كۇرۇسنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. كۇرۇسنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تەن تەن، خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاڭ خاۋمىڭ، پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى گوڭ ئەيلىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ۋاڭ يوۋۋېن، لىياڭ رۇيچېڭ، مو ئاۋ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە بۇ قېتىمقى كۇرۇسنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىقلار قاتناشتى.
   كۇرۇسنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا ماۋزىدوڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ شۇجىسى يوۋ خېپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ يوۋۋېن خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى نامىدىن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئاندىن بىزگە ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى. ساۋاقداشلىرىمىزدىن دولقۇن تۇرغۇن، ئېرىسبېك توختان قاتارلىقلار سۆزگە چىقىپ بۇ قېتىمقى كۇرۇستىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتى. ئاندىن دۇلقۇن تۇرغۇن، ئەسقەر ياسىن بىز شىنجاڭدىن ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا يادنامە سۈپىتىدە ئالغاچ كەلگەن بىر جۈپ لوڭقىنى ۋە سەمەت ئەسرا تۇرا قۇمۇلدىن ئەكەلتۈرگەن ھۆسنىخەت قاتارلىق خاتىرە بويۇملىرىنى ماۋ زىدوڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرىگە تەقدىم قىلدى.
    ئاخىرىدا گوڭ ئەيلىن سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى كۇرۇستىن خۇلاسە چىقاردى.ئەيبۇ ياقۇپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: «خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ماۋ زىدوڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدىكى رەھبەرلەر ۋە بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ بۇ قېتىمقى كۇرسنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. بىزگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولغان ھەممە دوستلارغا تەشەككۈر! ھەممىڭلار بىزنىڭ بۇ يەردىكى 20 كۈنلۈك گۈزەل خاتىرىلىرىمىز ئۈچۈن مىننەتسىز خىزمەتتە بولۇپ، ھۆرمىتىمىز ۋە قايىللىقىمىزغا سازاۋەر بولدۇڭلار. راھەتبەخىش چاڭشانىڭ ئۆكتەبىرىگە، قەلبىمىزدە قالدۇرغان ئۇنتۇلماس تەسىرىڭلارغا چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.ئەتە بىز ئىزگۈ تىلەكلىرىمىز بىلەن خۇنەندىن ئايرىلىپ، يۇرتىمىز شىنجاڭغا قايتماقچى بولىۋاتساقمۇ، لېكىن بىر خىل قىيماسلىق تۇيغۇسى قەلبىمىزنى ئىگەللەپ تۇرماقتا. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەشۇ قىيماسلىق تۇيغۇلىرى كېيىنكى يارالغۇسى ئەسەرلىرىمىزدە چوققۇم ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ! » دەپ خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ماۋ زىدوڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى رەھبەرلىرىگە ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈل  رەھمىتىنى بىلدۈرگىنىدە، ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتۇق.
شۇنداق 20 نەچچە كۈن جەريانىدا، كۈنلىرىمىز ھەقىقەتەن تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكەن ئىدى. گەرچە شىنجاڭدىن 4000كىلۇمىتېر يىراقلىقتا بولساقمۇ، چاڭشادا شىنجاڭنىڭ مېھرىنى ھېس قىلىپ ياشىغاندۇق. ئۆز-ئارا ھال مۇڭ بولۇشۇپ، بىر-بىرىمىزنىڭ دەردىگە يىتىشكەن ئىدۇق.  شاڭجىىياڭ دەرياسى ئىچىدىكى بوش يەرلەرگە تېرىغان  كۆكتاتلىرىنى، پىژغىرىم ئىسسقتا چىلەكتە سۇ تۇشۇپ سۇغۇرۋاتقان ياشانغانلارنى كۆرۈپ، بۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ ئەمگەك سۆيەرلىكىگە، تىرىشچانلىقىغا قايىل بولغانلىقىمىزنى يۇشۇرالمىغان ئىدۇق. تولىمۇ تىنىچ، ئادەم يوقتەك كۆرىنىدىغان يۆلۈ رايۇنىنىڭ چىرايلىق كوچىلىرىدا ئايلىنىۋېتىپ، رايۇنىمىزنىڭ قاچانلا قارىسا ئادەم قايناپ تۇرىدىغان كوچىلىرى بىلەن ئىختىيارسىز سېلىشتۇرغان ئىدۇق. خۇنەننىڭ مەيلى نەرىگە بارمايلى، كاۋاپچىلىق ۋە باشقا تىجارەتلەرنى قىلىپ جېنىنى جان ئىتىۋاتقان خوتەنلىك ياشلارنى كۆرۈپ،«‹خوتەن› دىگەن خەت بىلەن ‹خۇنەن› دىگەن بىر چىكىت بىلەنلا پەرقلەنگەچكە، شۇڭا بۇ يەردە خوتەنلىكلەر كۆپكەندە؟!» دىيىشىپ، ئۇلارغا بولغان سۈيۈنۈش ھېسىياتىدا بولغان ئىدۇق. ئىشقىلىپ چاڭشا شەھىرى، جۇملىدىن خۇنەن ئۆلكىسى ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئەۋزەللىكلىرى بىلەن بىزگە تولىمۇ كۆپ ئويلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلغان ئىدى. چۈشتە ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇزىتىش تامىقى بەرگەندە، 20 نەچچە كۈن جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تاتلىق ئەسلىمىلەرنى، مۆھۈر باسقاندەك كەچمىشلەرنى، ئۇنتۇلغۇسىز تەسراتلارنى قالدۇرغىنىمىزنى تېخىمۇ ھىس قىلىشتۇق.
      30-ئۆكتەبىر، ئەتىگەن سائەت توققۇزدا ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىدىكىلەر ۋە خۇنەن ئۆلكىلىك 12-قېتىملىق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلار مۇھاكىمە سىنىپىدىكىلەر بىلەن قىيالماسلىق ئىلكىدە خوشلىشىپ، ئايرىدۇرۇمغا قاراپ ماڭدۇق. 21كۈندىن بىرى بىر تىمىممۇ يامغۇر ياغمىغان خۇنەن ئاسمىنىدىن، سىم-سىم يامغۇر تامچىلاۋاتاتتى. «بىز بىلەن ئايرىلىشقا تەبىئەتمۇ قىيماپتۇ-دە، ماۋۇ تاسادىبىي توغرا كىلىپ قېلىشنى كۆرۈڭ» دىيىشتۇق بىر-بىرىمىزگە قاراپ. خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخىرى رەئىسى، ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ ئەدەبىي مەسلىھەتچىسى شۈي يۈنشەن مۇئەللىم ۋە سىنىپ مەسئۇللىرىمىز بىزنى ئاتايىتەن ئايرىدۇرۇمغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. بىز شۈي مۇئەللىم بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپلا ئۇنىڭغا « سۇ مۇئەككىلى»  دەپ لەقەم قويىۋالغان ئىدۇق. بۇ مۇئەككەل ئۆزى يىتەكچى ئوقۇتقۇچى بولغان 1-گوروپپىنىڭ كۇرسانىتلىرىنى يۆياڭغا ۋە خۇنەننىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ  كىلىشتىن سىرت،  20 نەچچە كۈن جەريانىدا، باشتىن-ئاخىر بىز بىلەن بىللە بولدى، بۈگۈن يەنە 60 تىن ئاشقىنىغا قارىماستىن ئاتايىتەن بىزنى ئۇزاتماقتا. بىز «سۇ مۇئەككىلى»گە مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرۈشنى بىلەلمەيلا قالدۇق. ئۇنىڭ بىلەن قىزغىنلىق ئىلكىدە بىرمۇ-بىر قول سىقىشىپ ئاستا خەيىرلەشتۇق-دە، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قوبول قىلغىلى ماڭدۇق. سائەت ئون بىردە ئايرۇپىلان ئاستا-ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلدى. بىزنى 22كۈن باغرىدا پەپىلىگەن شەھەر بارغانسىرى كىچىكلەپ، كۆزگە كۈرۈنمەس بولۇپ قالدى. «خەير-خۇش چاڭشالىقلار، خەير-خۇش چاڭشا» دىدىم ئىچىمدە ئاپئاق بولۇتلارنىڭ ئاستىدا قالغان شەھەرگە ئاخىرقى قېتىم.

2013-يىل نويابىر، دىكابىر ئايلىرى توقسۇدا يىزىلدى.

«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»پائالىيتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر

ئادرىس: توقسۇ ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپ


باھا سۆز

بۇ ئەسەرنى بۈگۈن تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم شۇڭا 100 نۇمۇر بەردىم  ۋاقتى: 2014-6-9 10:01 PM

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +89 يىغىش سەۋەبى
تۆتتاش + 89

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-10 21:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ خاتىرە  ئەستايىدىللىق  بىلەن ياخشى يېزىلىپتۇ، چۈنكى، «نەپ» تىگىدىغان يەرلىرى خېلى بار ئىكەن، بايان ئوسۇلىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرلۇپتۇ، بۇنىڭدىن ئاپتۇرنىڭ مەسئۇليەتچان ئىكەنلگىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.

ۋاقتى: 2014-2-10 22:32:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتدىشىم يازغۇچى ھەبىبۇللا مىجىتنىڭ  بۇ ئەسىرىنى زور قىزىقىش ئىچىدە تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم. ئەسەرنىڭ بايانلىرى تەرتىپلىك ياخشى يېزىلىپتۇ. مەن ئاپتورنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئەسەرگە  ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىشىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-2-10 23:43:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ سېلىشتۇرما،سانلىق مەلۇماتلاردىن خەۋەرسىزكەنمىز:
ۋۇ لىچىڭ ئەپەندىمنىڭ لىكسىيەسى كۈچلۈك ئۇچۇرچانلىققا تولۇپ-تاشقان بولۇپ، مەن ئۇنىڭ لىكسىيەسىدىن تۆۋەندىكىلەرنى بىلىۋېلىشقا مۇۋاپپەق بولدۇم. جۇڭگۇ ھازىر ئاللىقاچان « ئەدەبىيات چوڭ دۆلىتى » گە ئايلاندى. ئازاتلىقتىن كىيىنكى 30يىلدا جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى 425پارچە رومان نەشر قىلدۇرغان. ھازىر يىلدا 3000پارچە رومان نەشر قىلىنىدۇ. ئامىركا، رۇسيەدە يىلدا 1500پارچىدىن رومان نەشر قىلىنىدىكەن، فىرانسىيىدە 700پارچە، ياپۇنيىدە 400پارچە رومان نەشر قىلىنىدىكەن. ھازىر جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى 10000ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىر قەدەر كۆپ ئىكەن. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا،تور يازغۇچىلىرىنىڭ سانى 3مىليۇن 500مىڭغا يېتىدىكەن.

ۋاقتى: 2014-2-11 06:44:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېبىبۇللاھ مىجىت  خاتىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ، شائىر ئەسقەر ياسىن، ھېبىبۇللاھ رەجەپ، ئەركىن نۇر، ئابباس مونىيازلارنىڭ  ئۇستاز شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ھەققىدە ئېلىپ بارغان سوھبەتلىرىدىن  خوشال بولدۇم. ھەق سوزلىگەنلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!...


ۋاقتى: 2014-2-11 10:01:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىدار غەنىمەت........................

ۋاقتى: 2014-2-11 11:45:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ھەبىبۇللا، خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ چاڭشادىكى ئۇنتۇلماس كۈنلەر يادىمغا يەتتى، يەنە بىر قېتىم چاڭشاغا بېرىپ كەلگەندەك، ئەشۇ يەردە 30 نەپەر ساۋاقداش قايتا جەم بولغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. بەك تەپسىلى ۋە ئۇچۇرچانلىققا ئىگە خاتىرە بوپتۇ. مۇۋەپپەقىيىتىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-2-11 12:15:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي خاتىرىدىكى ئىخچام قۇرۇلما، كەڭرى مەزمۇن، جانلىق سېلىشتۇرمىلار مېنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلدى. قەلەمكەش دوستلارنىڭ ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدىن ئالغان خەيرلىك ئىلھامى ئاستىدا، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ مول نەتىنجىلىك بولۇشىغا سەمىمىي تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2014-2-11 12:46:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەخمۇت قەشقىرى؛ «قەدەم ئىزى بىۋانىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن ئىكەن. بەزىلەر بار ماڭسا ئىزىنى قالدۇرمايدۇ، بەزىلەر بار كەينىدىن شاخ سۆرەپ ئىزىنى ئۆچۈرۈپ ماڭىدۇ.
   مەن دېمەكچى، دوستىمىز ھېبىيبۇللا مىجىت بۇ خاتىرىنى ناھايتى ئەستايدىللىق بىلەن يېزىپتۇ، ئۆزى كۆپچىلىك بىلەن بىللە ماڭغان يوللار، تۇرغان جايلار،ئەھمىيەتلىك پاراڭ-سۆھبەتلەر، ئىش-پائالىيەتلەر، ھەتتا ئىنچىكە ھېس-تۇيغۇلارغىچە ئىنچىكە يېزىپتۇ. خاتىرە مۇئاپىقىيەتلىك چىقىپلا قالماي، بىز ئوقۇرمەنلەرگە نەپ بەرگۈدەك بوپتۇ، دېمەك، دوستىمىز ھېبىيبۇللا مىجىت بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن ئۆزىمۇ مەلۇم ئەھمىيەتلىك ھاسىلاتلارغا ئىگە بوپتۇ. ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىمەن.

ۋاقتى: 2014-2-11 16:06:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك سەپەر خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ  بەزى بىلىم،ئۇچۇرلارغا  ئىگە بولدۇم،ئەستايىدىللىقىڭىزدىن سۆيۈدۈم.ئۆمىرىڭىزگە بەرىكەت،يولىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-2-11 17:08:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىنلىق پۈتۈلگەن يازمىڭىزدىن ئۇ قېتىملىق سەپەردە ئېرىشكەن ھاسىلاتلىرىڭىزنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم.ھەمدە يازمىنى سىزنىڭ شۇ چاغدىكى تۇيغۇلىرىڭىزغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم.
سۆيۈملۈك يۇرتىمىز كۇچا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىلىشىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىڭىزنى ئۈنگە ئېلىۋالغان ئىدىم.پات-پات ئاڭلاپ قويىمەن...سىزنىڭ ئەدەبىياتقا تۇتقان ئەستايىدىل پوزىتسىيىڭىزدىن، سەمىمى، كىچىك پىئېللىقىڭىزدىن سۆيۈنىمەن.
قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ بەركەتلەر يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-2-11 21:39:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي خاتىرلەردە چىنلىق بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن كىشىنى تولىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ دىسە.مەن بۇ خاتىرلەردىن خېلى ۆكپ ساۋاتقا ئىگە بولۇپ قالدىم.

ۋاقتى: 2014-2-12 19:38:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەبىبۇللا تېچلىقمۇ؟ يازمىڭىزنى تولىمۇ سۆيۈنىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم.شۇنداق ئەستەيىدىل يېزىلغان يازما بوپتۇ. 22 كۈن ئوقۇپ ھەجەپ بىرەر پارچە شىئېرمۇ يوللىماي يېنىپ كەلدىغۇ  بۇلار - دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئاخىرى تېتىمىلىق بىر ئەسەر چىقىپتۇ مانا، قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىگەي...

ۋاقتى: 2014-2-13 12:02:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەبىبوللا،بۇ خاتىرىنى ئانچە-مۇنچە پېتىغداپ چىقتىم،خاتىرە ياخشى يېزىلىپتۇ.مەن ئويلىمىغان،ھېس قىلمىغان نۇرغۇن نەرسىلەر سېنىڭ نەزىرىڭدىن چۈشۈپ قالماپتۇ.شۇغىنىسى مېنىڭ شېئىرى چاقچاقلىرىم چۈشۈپ قاپتۇ(چاقچاق).يەنە بىر گەپ؛بۇ يازما ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ يەرگە بەرگەن بولساڭ بولاتتى...
مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن....

ۋاقتى: 2014-2-13 13:31:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەبىبۇللا مىجىت، بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ خۇنەنگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ كەلگەندەك بولدۇم، ئەدىھەم دەپ ئۆتكەندەك، بىز ھىس قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن نەرسىلەر سىزنىڭ  نەزىرىڭىزدىن چۈشۈپ قالماپتۇ، تەپسىلىي يېزىپسىز، ئوقۇۋېتىپ شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ قەلبىم يەنە بىر قېتىم ھاياجانغا تولدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش