يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 498|ئىنكاس: 4

مەخەت ئابدۇرېھىم ؛سەئىدى شىرازىنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                              سەئىدى شىرازىنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن

                                        مەخەت ئھبدۇرېھىم

1. ئىككى خىل كىشى بىھۇدە جاپا چىكىدۇ ۋە پايدىسىز ئەمگەك قىلىدۇ: بىرى مال توپلايدۇ يىمەيدۇ؛ يەنە بىرى ، ئىلىم ئۈگىنىدۇ، ئىشلەتمەيدۇ.

2. دۈشمەننىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىش خاتا. لىكىن ئاڭلاپ قويۇش راۋا. چۈنكى ئۇنىڭ تەتۈرسىچە ئىش قىلساڭ بولىدۇ.

3.ھەددىدىن زىيادە غەزەپلىنىش ۋەھىمە تۇغدۇرىدۇ. ئورۇنسىز يۇمشاقلىقمۇ ھۆرمەتنى كەتكۈزىدۇ. قوپاللىق قىلما، كىشىلەر سەندىن بىزار بولىدۇ؛ بەك يۇمشاقمۇ بولۇپ كەتمە، سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

4. سۆزلىگۈچىنىڭ ئەيپىنى  باشقىلار كۆرسىتىپ بەرمىگىچە، ئۇنىڭ سۆزى تۈزەلمەيدۇ.

5.  10  ئادەم بىر داستىخاندا تاماق يىيەلەيدۇ. ئەمما، 2 ئىت بىر تاپ ئۇستىدە چىقىشالمايدۇ. ئاچكۆز ئادەم پۈتۈن جاھان بىلەنمۇ تويمايدۇ. قانائەت قىلغۇچى بىر نان بىلەنمۇ توق يۈرىدۇ. شۇڭا، دانىشمەنلەر ئىيتىدۇ: مال مۈلۈك بىلەن باي بولغاندىن كۆرە، قانائەت بىلەن باي بولغان ياخشىراق.

6. نادانغا سۈكۈت قىلىشتىن ياخشى چارە يوق. ئەگەر، بۇ مەسلەھەتنى چۈشەنسە، ئۇ نادان بولماس ئىدى.

7. كىمكى<< دانالىقىمنى باشقىلار بىلسۇن >> دەپ ئۆزىدىن داناراق كىشى بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلسا، ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى ئاشكارلاپ قويىدۇ.

8. قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلار قابىليەتلىكلەرنى كۆرەلمەيدۇ. خۇددى بازار ئىتلىرى ئوۋ ئىتلىرىنى كۆرسە قاۋاپ قېشىغا بارالمىغاندەك.

9. پەس ئادەملەر ھۈنەردە باشقىلارغا تەڭ كىلەلمىسە، يامان غەرەزدە ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ.



10. نادان بىلەن سۆز تالىشىپ قالغان دانا كىشى ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىنىشنى ساقلاپ تۇرماسلىقى كىرەك. ئەگەر نادان كىشى دانانى يىڭىۋالسا ئەجەپلىنىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چۈنكى تاش گۆھەرنى پارچىلاپ تاشلايدىغۇ!



                                          مەنبە: سەئىدى شىرازىنىڭ ھېكمەت خاتىرسىدىن




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 13:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-11 00:52:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكمەتلەردىن سۆيۈندىم، ھەم كۆچۈرىۋالدىم.

ۋاقتى: 2014-2-11 01:19:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكمەتلەردىن سۆيۈندىم، ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2014-2-12 12:20:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت بەك سۈيۈندۈم

ۋاقتى: 2014-2-15 02:20:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئېسىل ئەقىل دوردانىللىرى ئىكەن ،ئەجرىلىرىگە تەشەككۈر !
ساقلىۋالدىم...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش