كۆرۈش: 896|ئىنكاس: 11

ناۋائى غەزەللىرى (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ناۋائى غەزەللىرى (2)
1
ۋەھكى ئىشقىڭ زاھىر ئەتسەم ۋەھم ئېرۇر ئۆلمەك ماڭا،
گەر نىھان تۇتسام داغى جان خەۋفىدۇر بىشەك ماڭا.

كەلگەن ئېرمىش ئول مەسىھ ئۆلگەنلەرىن تىرگۈزگەلى،
مەن تىرىك، ۋەھ، ياخشىراق بۇ ئۆمىردىن ئۆلمەك ماڭا.

جۇزۋ-جۇزۋىمنى فىغانكىم مەنفەك ئەتتى تىغى ھەجر،
بىر-بىرىدىن لىك ئۇزىدۇر جۇزۋى لا يەنفەك ماڭا.

كۆڭلۈم ئوتىدىن ياغاچ كۈلدۇر، باشاق بىر قەترە سۇ،
ناگەھ ئول شوخى جاپاكىش ئاتسا بىر ناۋەك ماڭا.

ئالتۇن ئېزىلىپ-ئېرىپ كۆيگەن سايىن خالىس بولۇر،
نى ئەجەپ سارغارسا يۈز يەتكەن سايۇ ئەمگەك ماڭا.

چاك ئەيلەرمەن ياقا ئول قاشى يانى كۆرگەچ ئوق،
كىم خەدەنگىن ئاتسا مايىل بولماغاي كۆڭلەك ماڭا.

بادە ھەجرىدىن ئاقارمىش كۆزلەرىم، ئەي پىرى دەير،
ئەيلەگىل مەي شىشەسىدىن سىندۇرۇپ ئەينەك ماڭا.

سەر-سەرى ھىجران ۋۇجۇدۇم خىرمەنىن ئانداق ساۋۇر
كىم فەنا يولىدا سەرسەر بولماسۇن ھەمتەك ماڭا.

ئەي نەۋائى، گەر ماڭا كۆبرەك ئەمەس ئۈممىدى ۋەسل،
بەس، نەغۇ ئوششاقىدىن جەۋرى ئېرۇر كۆبرەك ماڭا.

2
كۆرگەلى ھۆسنۈڭنى زارۇ مۇبتەلا بولدۇم ساڭا،
نى بەلالىغ كۈن ئىدىكىم، ئاشىنا بولدۇم ساڭا.

ھەر نېچە دىدىمكى كۈن-كۈندىن ئۈزەي سەندىن كۆڭۈل،
ۋەھكى، كۈن-كۈندىن بەتەررەك مۇبتەلا بولدۇم ساڭا.

مەن قاچان دىدىم: «ۋەفا قىلغىل ماڭا»، زۇلم ئەيلەدىڭ،
سەن قاچان دىدىڭ: «فىدا بولغىل ماڭا»، بولدۇم ساڭا.

قاي پەرى پەيكەرغە دەرسەن تەلبە بولدۇڭ بۇ سۈفەت،
ئەي پەرى پەيكەر، نى قىلساڭ قىل، ساڭا بولدۇم ساڭا.

ئەي كۆڭۈل، تەركى نەسىھەت ئەيلەدىڭ، ئاۋارە بول،
يۈز بەلا يەتمەسكى، مەن ھەم بىر بەلا بولدۇم ساڭا.

جامى جەم بىرلە خىزىر سۈيى نەسىبەمدۇر مۇدام،
ساقىيا، تا تەركى جاھ ئەيلەپ گەدا بولدۇم ساڭا.

غۇسسە چەڭگىدىن نەۋائى تاپمادىم ئوششاق ئارا،
تا نەۋائىدەك ئەسىرۇ بىنەۋا بولدۇم ساڭا.

3
نى نەۋا ساز ئەيلەگەي بۇلبۇل گۈلىستاندىن جۇدا،
ئەيلەمەس تۇتى تەكەللۇم شەككەرىستاندىن جۇدا.

ئول قۇياش ھەجرىندە قورقارمەن فەلەكنى ئۆرتەگەي
ھەر شەرارىكىم بولۇر ئول ئوتلۇغ ئەفغاندىن جۇدا.

دىمە ھىجرانىمدا چەكمەيسەن فىغانۇ نالە كۆب،
جىسم ئەيلەرمۇ فىغان بولغان نەفەس جاندىن جۇدا.

ھەجر ئۆلۈمدىن تەلخ ئىمىش، مۇندىن سوڭ، ئەي گەردۇن، مېنى
ئەيلەگىل جاندىن جۇدا، قىلغۇنچە جاناندىن جۇدا.

بولسا يۈزمىڭ جانىم ئال، ئەي ھەجر، لىكىن قىلماغىل
يارنى مەندىن جۇدا، يا خۇد مېنى ئاندىن جۇدا.

ۋەسل ئارا پەرۋانە ئۆرتەندى، ھامانا بىلدىكىم،
قىلغۇدەكدۇر سۈبھ ئانى شەمئى شەبىستاندىن جۇدا.

بىر ئىيەسىز ئىت بولۇپ ئېردى نەۋائى يارسىز،
بولماسۇن يارەبكى، ھەرگىز بەندە سۇلتاندىن جۇدا.

4
كۆز ياشىم بولدى رەۋان بىر نەرگىسى جادۇ كۆرۈب،
تېفل يەڭلىغكىم يۈگۈرگەي ھەر تەرەف ئاھۇ كۆرۈب.

قالدى ھەيران زاھىد ئەشكىمدە كۆرۈب ھەريان ھۇباب،
رۇستايىدەككى، ھەيرەت ئەيلەگەي ئوردۇ كۆرۈب.

جان ئارا تىغىڭ كۆرۈب كۆڭلۈم قۇشى تۈزدى نەۋا،
تۇتىئىدەككىم، تەكەللۇم ئەيلەگەي كۆزگۈ كۆرۈب.

ۋادەئى ئىشقىڭ ماكان قىلدى كۆڭۈل كۆرگەچ يۈزۈڭ،
ئەل بىيابان ئىچرە مەنزىل ئەيلەگەندەك سۇ كۆرۈب.

جاندا ئۆز داغىن كۆرۈب ئاشىقلىغىمنى ئاڭلادى،
ئول كىشىدەككىم تانىغاي ئۆز قۇلىن بەلگۈ كۆرۈب.

بادە تۇتقاچ دىمە بىخود بولدىكىم، ئول كۆزگۈدىن،
باردى ھۇشۇم يار ھۆسنى جىلۋەسىن ئوترۇ كۆرۈب.

ئەي نەۋائى، دەفئى ئولۇر خالىن كۆرۈب كوھى غەمىم،
فىل يەڭلىغكىم، ھەزىمەت ئەيلەگەي ھىندۇ كۆرۈب.

«غەزەللەر» دىن ئېلىندى. تېيىپجان ئېلىيۇپ نەشىرگە تەييارلىغان،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 00:31  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-9 00:40:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن ئېزىلىپ-ئېرىپ كۆيگەن سايىن خالىس بولۇر،
نى ئەجەپ سارغارسا يۈز يەتكەن سايۇ ئەمگەك ماڭا.

بۇ مىسرالارنى كىچىكىمدە رەھمەتلىك ئانامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايتىم.

ۋاقتى: 2014-2-9 12:15:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نىمە دىگەن پاساھەتلىك مىسرالار ھە!!

ۋاقتى: 2014-2-9 12:18:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھەزرىتىمنىڭ غەزەللىرىنى ئۈزۈپ قويمىغايسىز، ئۆزىڭىزنىڭكىنى ھەم!...

ۋاقتى: 2014-2-9 13:49:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت. نىزامىدىن مىر ئەلشىر نەۋايى مىلادىيە 1441 –يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بۈگۈنكى مەۋلۇتىنى ۋە تەۋەللۇتىنىڭ 573 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز. ئۇنىڭ بەدىئىي جەۋھەرلىرىنى خاتىرىمىزگە كۆچىرىمىز.

ۋاقتى: 2014-2-9 13:58:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋايى غەزەللىرى
‹‹غەرايىبۇس – سىغەر››دىن
1
ئانچە دەۋران بىرلە كۆردۈم ئەھلى دەۋراندىن جەفا،
كىم كۆزۈمگە تۇتىيادەك بولدى جاناندىن جەفا.
بۇ جە دەفئىن نې ياڭلىغ ئەيلەگەيمەنكىم، يېتەر
ئەيلەسەم كىمدىن جەفا مەنئىن تەمەئ، ئاندىن جەفا.
مىڭ جەفا بىر لەھزە كۆرسەم بىر تەرەف، ئول بىر تەرەف،
كىم تېتەر جانان ئۈچۈن جانىمغە دەۋراندىن جەفا.
سەيددەككىم چەرگەدە يۈزلەنسە ھەريان، كەلگەن ئوق،
ئەھلى دەۋراندىن كېلۈر كۆڭلۈمگە ھەر ياندىن جەفا.
گەر كۆڭۈل ئول زۇلفىدىن كۆرسە جەفا، ۋاھ نې ئەجەب،
چۇن كۆرەر ئۇشبۇ سىيەھ روزى پەرشاندىن جەفا.
ئاڭلا جانانغە جەفا قىلماققە تاپقۇڭ يوق كىشى،
مەن جەفاكەشقە نېدىنكىم ئۆتتى ئىمكاندىن جەفا.
كېچەلەر ئول ئاي جەفاسىدىنكى ئەفغان تارتارەم،
ئول خۇد ئارتۇقراق چېكەر ھەر تۈن بۇ ئەفغاندىن جەفا.
نامۇسۇلمانلىغ بولۇر ئۇشبۇكى، دەۋران باشىمە
يەتكۈرۈر ھەردەم يەنە بىر نامۇسۇلماندىن جەفا.
ئەي نەۋايى، بارغالى جانان سارى جانىم، يېتەر
جانغە جاناندىن جەفا، مەن خەستەغە جاندىن جەفا.
2
گۇل ئۈزرە خەتتى مۇشكىن بىرلە تا قىلدىڭ رەقەم پەيدا،
ماڭا جان سەفھەسىدە بولدى يۈز خەتتى ئەلەم پەيدا.
تۈگەنلەر كۆڭلۈم ئىچرە لەززەتى دەردىڭنى بىلدۈردى،
تەنەئئۇم دەست بەرمەس كىمسەگە، بولماي دەرەم پەيدا.
شەفەفگۇن يۈز، ھىلالىي قاش ئىلە تا جىلۋەگەر بولدۇڭ،
كۆزۈمدە بولدى قان زاھىر، قەدىمدە بولدى خەم پەيدا.
سەمەد قىلغاچ زۇھۇر ئولكىم ئولۇر ئەسناملار مەئدۇم،
بولۇر بۇتلار بارى مەبھۇت، بولغاچ ئول سەنەم پەيدا.
چۇ ئەيلەر جىلۋەئى ھۇسن ئول پەرى ئۇششاق ئارا، نېتكەي
يۈزىن ياشۇرماسا يىتكەن زەمان مەن تەلبە ھەم پەيدا.
نې مۇھلىك ۋادىي ئېرمىش ئىشق دەشتىكىم، كىشى ئاندا
قەدەم ئۇرغان دەم – ئوق كۆزگە بولۇر مۇلكى ئەدەم پەيدا.
قويۇڭ، يىغلايكى، كۆڭلۈمنىڭ غۇبارى پەستىراق ئولغاي،
كى مەنئى گەر ئېتەر ناگەھ ھەۋادە بولسە نەم پەيدا.
ئاقىزغىل بادە سىيلابىنى، ئەي ساقىكى، ھىجراندىن،
كۆڭۈل دەشتىدە بولمىش كارۋانى دەردۇ غەم پەيدا.
نەۋايىنى چۇ سوردۇڭ، ئەي پەرى، بىردەم تەۋەققۇف قىل،
كىم ئول مەجنۇن بولۇر سەھرا يۈزىدىن دەم بەدەم پەيدا.
3
بولسە ئىكىمىزنىڭ يۈزى ئەكسى سۇدا پەيدا،
ئول سۇ نې تەرەف بارسا، ئاچىلغاي گۇلى رەئنا.
زۇلفۇڭ غەمى كۆڭلۈمنى بېلىڭ فىكرىغە سالدى،
كۆركۈم نې خەيال ئىچرە سالىپدۇر ئانى سەۋدا.
غەۋغا قىلۇر ئەل مەھۋەشىلەر كويىدا، لېكىن
مەھۋەشلەر ئىشى قىلماق ئانىڭ كويىدا غەۋغا.
ئەھۋالىما فەرھاد ئىلە مەجنۇنغە تەئەججۇب،
ئىشق ئەتتى خىرەد ئەھلى قاشىدا مېنى رەسۋا.
ھەر سارى تەماشاغەكىم ئول شوخ قىلۇر ئەزم،
يوق ئاڭا تەماشاكى، ئېرۈر ئەلگە تەماشا.
دەۋران ساڭا زۇلم ئەتسە قەدەھلەر تولا مەي ئىچ،
قان يۇتساڭ ئاياغلار تولا، دەۋرانغە نې پەرۋا.
ئول شوخكى مەيدان ئارا كۆرگەنگە سالۇر تىغ،
كۆرمەسكە سالۇر يەتسە نەۋايى سارى ئەمدا.
4
مەي بىرلە يۈزۈڭ تىم – تىم ئەھمەرمۇ ئىكىن ئايا،
يا شۇئلە ئارا بىر – بىر ئەخكەرمۇ ئىكىن ئايا؟
ھەر سارى قۇلاغىڭغە گەۋھەرمۇ ئىكىن، يا خۇد،
ھەر جانىبىدا ئاينىڭ ئەختەرمۇ ئىكىن ئايا؟
رۇخسارىڭ ئۈزە خۇيدىن يۈز قەترەكى كۆرگۈزدۈك،
گۇل بەرگىدە شەبنەمدىن گەۋھەرمۇ ئىكىن ئايا؟
غۇنچە ئىچىدە دەۋران مۇھكەم تىكەن ئۇرغاندەك،
كۆڭلۈم ئارا غەمزەڭدىن خەنجەرمۇ ئىكىن ئايا؟
كۆڭلۈم قۇشىكىم قالمىش زۇلفۇڭ ئارا سەرگەردان،
سەۋدا تۈنىدە سايىر شەبپەرمۇ ئىكىن ئايا؟
زۇلف ئىچرە يۈزى ياڭلىغ ئافاقنى كۆيدۈرگەن،
ئاھىم تۈتۈنى ئىچرە ئازەرمۇ ئىكىن ئايا؟
ھىجراندامۇ ئول مەھۋەش ئەغيارغە مايىلدۇر،
يا زەھرى فىراق ئىچرە نىشتەرمۇ ئىكىن ئايا؟
جان پەردەسىدە ھەريانكىم، ياكى تۈگەنلەردۇر،
قەتلىمغە فەلەك تۈزگەن مەھزەرمۇ ئىكىن ئايا؟
ئەل دېسە نەۋايىنىكىم جەۋر ئىلە تەرك ئەتتى
ئىشقىڭنى، ساڭا بۇ سۆز باۋەرمۇ ئىكىن ئايا؟
5
ئول ئاي بۇ خەستە بىلە يارمۇ ئىكىن ئايا،
زەمىرى ئىچرە غەمىم بارمۇ ئىكىن ئايا؟
بۇكىم فىراقى ئۆزۈمدىن جەبەرسىز ئەتتى مېنى،
ئۆزى بىرەرتە خەبەردارمۇ ئىكىن ئايا؟
كۆزۈم تاپانىغەكىم شامى ۋەسل سۈرتەرمەن،
ئۇيۇپمۇ ئېركىنۇ بىدارمۇ ئىكىن ئايا؟
مەن ئول تەرەف بارا ئالمان، كۆڭۈل كېلە ئالماس،
مېنىڭدەك ئول داغى بىيمارمۇ ئىكىن ئايا؟
كەمەندى زۇلفىكى ئاچىلغاچ ئۇچتى ئىمانىم،
رەسەنمۇ، رىشتەئى زۇننارمۇ ئىكىن ئايا؟
چۇ خىرقە بادەغە رەھن ئولدى، بولمىشام سەر گۇم،
گەرەۋگە نەۋبەتى دەستارمۇ ئىكىن ئايا؟
نەۋايى ئۆزلۈكىدىن كەچتى، داغى قويدۇم قەدەم
بو يولدا، ئەمدى سەبۇكبارمۇ ئىكىن ئايا.
6
زار جىسمىمغە خەدەڭگىڭ زەخمىدىن ئارتار نەۋا،
سازدەككىم، تەشسەلەر ئانى فۇزۇن ئەيلەر سەدا.
قەددى ھىجرىندە غەمىم شەمئىنى ھەر دىۋارغە
كىم تاياپمەن سەرۋى ئەندامى بىلە بولمىش قارا.
غۇنچەڭ ئەنفاسى نەسىمى زەۋرەقى جان قەسدىغە
يەتكۈرۈر ھەردەم ئەدەم دەرياسىدىن مەۋجى فەنا.
ئارزۇيى ۋەسلىدىن رەنجۇر ئېرۇر مۇڭلۇغ كۆڭۈل،
قۇت ئۈچۈن تەزۋىر ئىلە بىيمار بولغاندەك گەدا.
نېگە يىغلاپ ئەنبەرى زۇلفىن كېسەر ھىجران تۈنى،
ئۆلمەكىمنى ئاڭلابان گەر شەمئ تۇتمايدۇر ئەزا.
ھەجر دەردىن كۆڭلۈمە كەم قىلدى ھالىڭ ئاقىبەت،
داغ ئىمىش دەردى شەلايىن خەستەغە ئاخىر دەۋا.
رۇھپەرۋەردۇر نەۋايى ئاھى ئول يۈز شەۋقىدىن،
ئول سىفەتكىم لالەۋۇ گۇل يۈزىدىن كەلگەي سەبا.
7
كىمسە ھەرگىز كۆرمەدى چۇن ئەھلى دەۋراندىن ۋەفا،
ئولكى دەۋران ئافەتىدۇر، نې تەمەئ ئاندىن ۋەفا؟
جانىمۇ ئۇمرۇمدۇر ئول ئاي بىۋەفا بولسە نې تاڭ،
قايدا كۆرمىش كىمسە ھەرگىز ئۇمرىدە جاندىن ۋەفا.
گەر ۋەفا قىلساڭ ئېرۈر ئاندىنكى باردۇرسەن پەرى،
يوقسە كىم ئالەمدە كۆرمىش نەۋئى ئىنساندىن ۋەفا.
ۋەھكى دەۋران ئەھلىدىن جۇز بىۋەفالىغ كەلمەدى،
ھەرنېچەكىم كۆردىلەر مەن زارۇ ھەيراندىن ۋەفا.
چۇن ۋەفا گۇلبەرگى دەۋران باغىدا ئاچىلمادى،
بىجىھەتدۇر كىمكى ئىستەر بۇ گۇلىستاندىن ۋەفا.
كىمسە كۆڭلىن كىمسەدىن ئىستەپ ۋەفا ئالدۇرماسۇن،
كىم ماڭا خۇد يەتمەدى ئول كۆڭلۈم ئالغاندىن ۋەفا.
ئەي نەۋايى، گەر ۋەفاسىز چىقتى ئول سۇلتانى ھۇسن،
تاپتىڭ ئەلدىنكىم، تىلەرسەن ئەمدى سۇلتاندىن ۋەفا.
8
ئىشق ئەيلەدى يۈز ئاقىلۇ فەرزانەنى رەسۋا،
نې ئەيب ئەگەر قىلدى بۇ دىۋانەنى رەسۋا.
رەسۋالىق ئوتىغە ئۆزىنى ئۆرتەدى بەسكىم،
شەمئ ئەتتى شەبىستان ئارا پەرۋانەئى رەسۋا.
ئالەمدە نې رەسۋالىغ ئىكىن ئۇشبۇكى، ھەرگىز
ئىشق ئەيلەمەگەي مەن تۇرۇبان يانەنى رەسۋا.
بىگانە پەرەست ئولمە، ساغىندۇردۇم ئۆزۈمنى،
ئۆز تۇرغانىدا ئەيلەمە بىگانەنى رەسۋا.
زاھىد مېنى رەسۋا دېدى، لېكىن ئۆزى قىلدى
مەي توقتامايىن كۆڭلىدە مەيخانەنى رەسۋا.
ئەفسانە دېمە، ساقىيۇ قىل مەرھەمەت ئەيلەپ
بىر مەي بىلە بۇ ئىشقدا ئەفسانەنى رەسۋا.
رەسۋا ئېسە ئىشق ئىچرە نەۋايى ئەجەب ئېرمەس،
ئىشق ئەيلەدى يۈز ئاقىلۇ فەرزانەنى رەسۋا.
9
يوق ۋەفا ئەھلىدە بىر زارۇ فەرىشان مەن كەبى،
بىۋافاۋەشلەرنى سەۋمەكتىن پۇشەيمان مەن كەبى.
جان بېرىپ بۇ خەيل ئۈچۈن، بىردىن ۋەفايى كۆرمەگەن،
بارچەدىن نەۋمىدى ئۆز ھالىغە ھەيران مەن كەبى.
خانۇ مانىدىن كىچىپ مەجنۇنغە تۇتمىش ئېردى دەشت،
قايدا بار ئېردى ئەلا خانۇ ئەلامان مەن كەبى.
تۇتتىلار ئەھلى جۇنۇن ۋەيرانەلىك ئول جەمئىدىن،
كىم پەرىشانلىغلار ئىچرە بولدى ۋەيران مەن كەبى.
ھەزلۇ زەۋق ئەيلەرغە تۇتتۇڭ دەشت، بىر سۆز قات ماڭا،
كىم تىلەپ تاپماس كىشى غولى بەيابان مەن كەبى.
بىلمەيىن رەسمى ۋەفا ھۇسن ئەھلىدىن قىلدىم تەمەئ،
يوق ئالاردەك بىۋەفا، ئانداقكى نادان مەن كەبى.
ئەي نەۋايى، سەن داغى قىلساڭ تەمەئ سەيرى ھىجاز،
قىل ئىراق ئاھەڭگى، تەرك ئەيلەپ خۇراسان مەن كەبى.
10
ئاغز ئىچرە تىلىڭدەك غۇنچەدەك گۇلبەگى تەر بولغاي،
ۋەلې بۇ شەرت ئىلەكىم، بەرگى گۇل ئىچرە شەكەر بولغاي.
قەدىڭغە سەرۋى رەئنا ئوخشاغايكىم، ئول زەمان سەرۋىڭ
خىرامان بولغايۇ گۇل بەرگەيۇ گۇلدىن سەمەر بولغاي.
يۈزىڭ دەۋرىغە ئاي دەۋرىنى تەشبىھ ئەتكەمەن ۋەقتىي
كى ئاندا خال ئىلە خەت فىتنەئى دەۋرى قەمەر بولغاي.
كۆزۈڭگە ئوخشاغاي نەرگەس ئەگەر قىيماچ ئولۇپ ئانى،
مۇدەۋۋەر ئەسفەرا ئىچرە قارالىغدىن ئەسەر بولغاي.
خەتىڭغە قەدر شامى ئوخشاغاي بۇ شەرت بىرلەكىم،
تەجەللى نۇرىدىن ئول شام ئاراسىندا سەھەر بولغاي.
چۇ مىنسەڭ ئەشھەبىڭ، ئول دەم قۇياش بولغاي ساڭا مانەند،
كى بەرسە كۆك يۈزىن جەۋلان جەھان زىيرۇ زەبەر بولغاي.
ماڭا ئىشقىڭدا مەجنۇن بىرلە فەرھاد ئوخشاغاي ئول چاغ،
كى بۇ بولغاي جەھان رەسۋاسى، ئول مۇندىن بەتەر بولغاي.
خەبەردار ئانى بىلگىل، ئەي كۆڭۈل، بۇ دەۋر جەۋرىدىن،
كىم ئول تۈن كۈن خەرابات ئىچرە مەستۇ بىخەبەر بولغاي.
دېدىم نەزم ئەھلىنىڭ سەر خەيلى كىم بولغاي، دېدى ھاتىف:
نەۋايى بولغاي ئولكىم، سەن تىلەيدۇرسەن ئەگەر بولغاي.


ۋاقتى: 2014-2-9 14:05:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەۋايى قەسىدىلىرى

‹‹نەۋادىرۇش – شەباب›› دىن

1

چۇن نىھان قىلدى تۇرۇنجى مىھرى رەخشان تەلئەتىن،
ئاشكار ئەتتى فەلەك بىر تەۋقى غەبغەب ھەيئەتىن.
بەس خەيالى رەۋشەنى ئېردى ۋەلې ئانداق دەقىق،
كىم نەزەر گەھ ئاڭلار ئېردى، گەھ يوق ئانىڭ دىققەتىن.
يا خۇرۇسى چەرخ قىلدى ئاشكارا شەھ پەرىن،
ياكى بەھرام ئەيلەدى زاھىر قىلىچى ھىددەتىن.
يا تۈشۈپ قالدى ئەلەم ئۈستىدەكى رەخشەندە قۇفل،
چۇن نىگۇنسار ئەيلەدى خۇرشىدى رەخشان زىللەتىن
يا ئەتارىد كىلكىدە زەر ھەل تۈگەندى كۆكتە چۇن،
يازدى ئەينى ئىدنىڭ ئەۋۋەلغى جۇزۋى سۇرەتىن.
يا فەلەك قەددىن خەم ئەيلەپ، كەلتۈرۈپ بىر ھەلقە ياي،
ئىختىيار ئەيلەيدۇر دارايى ئەئزەم خىلئەتىن.
يەر ئەجايىب يەتتى رەخنەنىڭكىدۇر ئەۋۋەلغىسى
زاھىر ئەتتى، سالدى تۇغيانغە كۆڭۈلنىڭ ھەيرەتىن.
بار ئىدى ئىككىنچى مەسكىننىڭ مۇقىمىي نادىرى،
كۆپ بىلىك ئەھلى دۇرۇست ئەتكەن چاغى ئۆز ھىرقەتىن.
سۇۋ كەبى ھەر زەرف ئارا تۇتقان ھەم ئانىڭ رەڭگىنى،
ئۆز دىماغىغە سالىپ غەررا قەسىدە فىكرەتىن.
ئەيلەمەكتە تەھنىيەت ئەرزىنى بايرام جەشنىدە،
شەھ ۋۇجۇدى چۇن مۇشەررەف قىلسە تەختى شەۋكەتىن.
جىلۋەئى ئۈچۈنچى گۇلشەن ئىچرە رەئنا شاھىدى،
پۇتراشىپ بولماققە ئەقل ئاشۇفتە زۇلفى نەكھەتىن.
ساز ئېتىپ چەڭگۇ تۈزۈپ ئول ئاڭا رۇھ ئەفزا سۇرۇد،
كىم مەلەك كۆڭلىگە سالىپ ئىشق ئىلە مەي رىغبەتىن.
چالىبان نەقشى ئەمەل باغلار نەۋائىي شىئرىغە،
ئىيد جەشنى خۇش تۇتارغە شاھ بەزمى ئىشرەتىن.
يوق ئىدى تۆرتىنچى مەنزىلنىڭ شەبىستانىدا شەمئ،
بارىپ ئېردى يارۇتۇرغە شەھ ھەرىمى خىلۋەتىن.
نې ئۈچۈنكىم رۇزە يەتتى، دىن دىماغ ئەيلەرگە رۇتب،
ئەيلەبان مەيلى سەبۇھىي تۈزسە بەزمى ھىممەتىن.
ھەر تەرەف شەمئى مۇئەنبەر دۇدى ناگەھ قىلماغاي،
تىيرە ھەم نازۇك دىماغىن ھەم ئىرەمۋەش سۇھبەتىن.
ھۇكمران بەشىنچى تارەم ئەۋجىدە بىر قەھرىمان،
تىغى قەھرىن تامىپ قان سورسە كىنى ۋەھشەتىن.
خۇد ئىلە جەۋشەن كىيىبۇ باغلابان تىغۇ كەمەر،
رۇستەم ئايىن ساز ئېتىپ پەرخاشى ھەنجار ئالەتىن.
كىم سەھەر گەھ چۇن قاباق مەيدانىغە ئاتلانسە شاھ،
ئاللىدا قىلغاي يەساۋۇل لۇققە زاھىر جۇرئەتىن.
ئولتۇرۇپ ئالتىنچى مەنزەر ئۈزرە بىر فەرخۇندە زات،
كىم ۋۇجۇدى ئەيلەبان زاھىر مەلائىك ئىسمەتىن.
رۇھ ئاڭلاپ جۇببەسىدىن نۇرى تەقۋا لەمئەسىن،
ئەقل تاپىپ زاتىدىن ئىلمۇ سەئادەت سەۋلەتىن.
ئەيلەبان ئىنشاكى مۇنبەر ئۈزرە تاڭلا خۇتبەدە،
زاھىر ئەتكەي شاھ ئاتىدىن سوڭ دۇئائى مەھجەبىن.
مەستكىن يەتتىنچى دەير ئىچرە مەقامىر ھىندۇيى،
رەڭگ سەبزى كۆرگۈزۈپ ئۇششاق شامى فۇرقەتىن.
سەبردەك كاھىل خرامۇ ھەجر ياڭلىغ تىيرە رۇي،
ئابىھەيۋاندىن ئەدەم سارى نۇھۇستى زۇلمەتىن.
سەككىزىنچى ساھەت ئۈزرە يۈز تۈمەن سىيمىن بەدەن،
زاھىر ئەيلەپ سەبزە ئۈزرە ژالە ياققان ھەيئەتىن.
يوقكى گەردۇن لاجۇۋەردى ئەتلەسىن ياپىپ قەزا،
گەۋھەرۇ دۇر بىرلە ساز ئەيلەپ سەراسەر زىينەتىن.
ياپقالى شەھنىڭ فەلەكۋەش تەختىغە بايرام تونى،
چۇن ياپار جىنسى بەشەر خەيلىغە خانى رەئفەتىن.
توققۇزىنچى بارگە ئانداقكى لۇئبەت خاۋەرى،
ئويناتىپ چەرخى مۇلائىب ئاندا يۈزمىڭ لۇئبەتىن.
كىم چۇ شەھ بايرام نىشاتى قىلغالى تۈزگەندە جەشن،
ھەم ئويۇنچى زاھىر ئەتكەن چاغدا لۇئبەت سەنئەتىن.
شاھنىڭ ئىنئامۇ ئىھسانىدىن ئولغاي بەھرەۋەر،
كۆرگۈزۈپ ئۆز فەننىدە ئول ھەم كەمالى دىققەتىن.
بۇ تەئەججۇبلۇق سەفەردىن چۇن تەئەققۇل قىلدى ئۇد،
سەير ئارا قىلغان كەبى زاھىر ئەتارىد رىجئەتىن.
چۇن ئەتارىد چەرخىغە يەتتىم، تەبىئەت  قىلدى مەيل،
كۆرگەلى نەزمىنكى زاھىر قىلدى تەبئ جۇدەتىن.
ئول خۇد ئەتكەن ئېرمىش ئۇشبۇ شىئرىغە فىكرى جەۋاب،
مەتلەئى بۇ ئېردى كۆردۈم چۇنكى نەزمى رىققەتىن.

2

ئەي سېنىڭ قاشىڭ قىلىپ زاھىر ياڭى ئاي خىجلەتىن،
ۋەي يۈزۈڭ شەرمەندە ئەيلەر ئىيدى ئەكبەر تەلئەتىن.
چۇن بۇ مەتلەئنى ئىشىتتىم رەشك تۇغيان ئەيلەدى،
فاش قىلماق ئەيلەدىم ئاللىدا تەبئىم قۇۋۋەتىن.
شاھ مەدھىدە بۇ مەتلەئنى رەقەم قىلدىم رەۋان،
كىم قۇلاق تۇتتى ئەتارىد زاھىر ئەيلەپ ھەيرەتىن.
كەي قاشىڭنىڭ رەشكى ئەيلەپ خەم ياڭى ئاي قامەتىن،
ئىيدى رۇخسارىڭ قىلىپ نابۇد بايرام زىينەتىن.
چۇن ئەتارىدنى خىجىل قىلدىم نىشاتى زەۋق ئىلە،
ئۆيگە كىردىم كۆردۈم ئاندا سىررى خۇش جان ئافەتىن.
كەلگەن ئېرمىش مەھۋەشىم بايرام ھىلالىن كۆرگەچ - ئوق،
زايل ئەيلەرگە كۆڭۈلدىن سەۋمى تەقۋا مىھنەتىن.
ھەم ھەيادە كۆرگۈزۈپ ئەقلى مۇجەررەد پەيكەرىن،
ھەم سەفادا ئاڭلاتىپ رۇھى مۇجەسسەم سۇرەتىن.
لەفزى زاھىر ئەيلەبان ھەر لەھزە رۇھۇللاھ دەمىن،
نۇتقى ھەردەم ئەيلەپ ئىفشا رۇھى قۇدسىي ھالەتىن.
ھەم ئۇزارى سىندۇرۇپ خۇرشىدى رەخشان دىققەتىن،
ھەم دۇداغى پەست ئېتىپ لەئلى بەداخشان قىيمەتىن.
چۇن مېنى كۆردىكى كىردىم مۇزتەرىب قىلدىم سۇئال:
كىم نې ھال ئولمىش ساڭا، شەرھ ئەت ئانىڭ كەيفىيەتىن؟
يۈز تەفاخۇر بىرلە ئەرز ئەتتىم ئەتارىد ھالەتى،
كىم بۇ مەتلەئ بىرلە سىندۇردۇم شۇكۇھى شەۋكەتىن.
ئانىڭۇ ئۆز مەتلەئىمنى چۇن ئوقۇدۇم ئاللىدا،
تەبئىدىن ئەيلەپ تەمەئ كۆڭلۈمدە تەھسىن غايەتىن.
كەي يۈزۈڭ زاھىر قىلىپ بايرام سەباھى سەفۋەتىن،
ئاندا قاشىڭ ئەيلەبان پەيدا ياڭى ئاي ھەيئەتىن.
ھەم ئەتارىد ھەم ئۆزۈم، ھەم ئول پەرىۋەش نەزمىنى،
بىر – بىر ئەيلەپ شەرھ، ئايتىپ بىر – بىر يەتتى رۇتبەتىن.
ئەيلەبان دەئۋاكى مۇمكىن يوق يەنە مەتلەئ دېمەك،
شەھ كۆلۈپ زاھىر قىلىپ بۇ فەنغە تەبئ ھالەتىن.
فىل بەدىھە دەپ بۇ مەتلەئنى، ئوقۇپ يۈز ئافەرىن،
خۇسرەۋۇ سەلمانۇ جامىي رۇھى ئەيلەپ نەدرەتىن.
كەي ھەلاكىڭ مەيلى ئەيلەپ تاق كۆڭلۈم تاقەتىن،
جان بېرىپ ياد ئەيلەگەچ ئىيدى ۋىسالىڭ جەننەتىن.
شاھ چۇن قىلدى بۇ مەتلەئنى ئادا مۇلكۇ مەلەك،
چەكتى ئون دەپ ئافىرىنىشلە دۇئائى دەۋلەتىن.
قايسى شاھ ئولكىم ئەزەلدىن ھەققە ئول ئېرمىش مۇراد،
خەلق قىلماققە سەلاتىن گەۋھەرىنىڭ خىلئەتىن.
شاھ ئەبۇلغازى سەئادەت ئەختەرى سۇلتان ھۇسەين،
كىم قۇياشۇ زەررە دەر كۆرگەن سىپىھرى ھەشمەتىن.
شاھلار شاھى دېمەي ئول شاھلارنىڭ شاھىدۇر،
ھەر بىرى يۈز شاھلار شاھىچە تۇتقاي مەكنەتىن.
شاھلىقدا غايەتى دەرۋىشلىقدىن كۆرمەيىن
بۇ رىياي فەقرىچە زەركەش رىيايى رىفئەتىن.
شاھلار دەرۋىشىيۇ دەرۋىشلەر شاھىكى ھەق
شاھ قىلدى سۇرەتىن، دەرۋىش  قىلدى سىيرەتىن.
تىغىڭا قازىپ قەزا ئىننا فەتەھنا سۇرەسىن،
تۇغۇڭا قازىپ قەدەر نەسرۇن مىنەللاھ ئايەتىن.
جەننەتۇ لۇتفۇڭ نەسىمى ئەسسە رۇھۇللا دەمىي،
نىسبەتىدە كۆرگۈزۈپ دەۋزەخ دۇخانى ھىرقەتىن.
دەۋزەخى قەھرىڭدىن ئايرىلسە ھەۋادا بىر شەرەر،
ئەيلەپ ئەنفاسى مەسىھا بەرقى ئافەت خىسلەتىن.
ئەي جەنابىڭ پەست ئېتىپ گەردۇندا ئىللا پايەسىن،
ۋەي زەمىرىڭ سىندۇرۇپ فىردەۋسى ئەئلا مىدھەتىن.
زاتىڭ ئىچرەكىم كېلىپدۇر بىر يارۇغلۇغ مەنبەئى،
پەردۇ ۋاھىد زاھىر ئەيلەپ ئۆز جەمالى رەھمەتىن،
چۇن سەخاۋەت ئىلكى ئاچساڭ، دەھر چەكمەس زەررەئى،
زەر فىشانلىغدا قۇياش سەر فەنجەسىڭنىڭ مىننەتىن.
چۇن زىياپەت خانى يايساڭ جەيبىدە تاپماس سپىھر،
جەشنى لۇقبەت ھاتەمۇ بەرمەك نىشاتى نىئمەتىن.
تەبئىڭ ئاللىدا سىھاب ئانداغ ھەيادىن تەلەبان،
كىم ھەمۇل سۇۋدىن يۇپ ئۆزدىن دۇر فىشانلىغ تۇھمەتىن.
ھىلمىڭ ئاللىدا خەيال ئانداق ئۆزىن تاپىپ زەئف،
كىم ..... بېگەنمەي بەرقى خاتەف سۇرئەتىن.
ئىش كۈنىكىم كۆك تەمۈر بىرلە تەكەۋەر گەردىدىن،
يەر فەلەك رەڭگىن تۇتۇپ، كىيگەن فەلەك بىر كىسۋەتىن.
يەر بىلە كۆكنى ساۋۇرماغ بىرلە ئافەت سەرسەرى،
زاھىر ئەتكەي ئالەم ئەھلىغە قىيامەت شىددەتىن.
چەرخى زالىم كىينەۋەرلەر تىغىن ئەيلەپ ۋاسىتە،
قەتل ئام ئايىنىدىن تۇتقاي غەنىمەت فۇرسەتىن.
تىغلار فۇلادىدىن فەرگالەلەرنى تاسى چەرخ،
جەمئ قىلغاي مۇردەك ئەزمەك ئەجەلنىڭ شەربەتىن.
شەخس جىسمى لابەقاسى نەفى ئولغاي شەئنىدە،
فەرقى تاپقاي خەسمى ئىلكىدىن بەلارەك زەربەتىن.
لۇدغادىن تىغكىم ئوت سەكرەتىپ رەڭگىن قىلىپ،
شۇئلەسى بەھرام ۋەجھىن، دۇدى كەيۋان جەبھەتىن.
چەرخ مىرئاتىدە ئەكسىدىن شەفەق قىلغاي زۇھۇر،
بەسكى قاندىن لەئل گۇن قىلغاي قەزا يەر ساھەتىن.
ئول زەمان ھەر سارى يۈزلەنسە ھۇمايۇن مەركەبىڭ،
سالىپ ئافاق ئىچرە رۇستاخىز شەينۇ بىھجەتىن.
تۈشسە ھەريان تىغىڭ ئالغاي بىنىھايەت خەلقنىڭ
جىسمىدىن باش زەخمەتىن باشتىن تەمەننا زەخمەتىن.
رەزمى مەيدانىدا تىغىڭ چىقسە قىندىن ھەر نەفەس،
كىمسە تەخمىن ئەيلەي ئالمان خەسمى جىسمى كىسرەتىن.
ھەر يەرىگە يۈز تۈمەن ياتقان ئۆلۈك بولغاي نەسىب،
يۈز تۈمەنكىم مۇرنىڭ گەردۇن ئايىرسە قىسمەتىن.
لەھزە – لەھزە رەئيەتى مەنسۇرۇڭ ئولغاي جىلۋەگەر،
ئەستۈرۈپ ھەق فەتھى باغىدىن نەسىمى نۇسرەتىن.
رەزم ئارا ھەر شاھنىڭ مۇلكىنكى ئالىپ بەزم ئارا،
بىر گەداغە جۇد ئېتىپ ئانى كۆرۈپ چۇن زىللەتىن.
خۇسرەۋا، زاتىڭنى ۋەسف ئەتمەك نەۋائىي ھەددى يوق،
ئەۋلا ئولكىم زاھىر ئەتكەي بىنەۋالار ئادەتىن.
تاكى بايرام شامى سەۋم ئەھلى تەلەپ قىلغاي ھىلال،
رۇزى نىيەت ئەيلەمەي قىلماق مەي ئىچمەك نىييەتىن.
ھەر كۆڭۈل بايرام ئولۇپ، جامىڭ ھىلال ئولسۇن مۇدام،
كۆرمەگىل بىئەيش ئۇمرۇڭ مۇددەتىي بىر سائەتىن.
لېك ئۇمرۇڭ تولا يۈز نەۋبەت زۇھەل دەۋرانىچە،
فەرز ئېتە ئالسە خىرەد مىڭ يىل ئانىڭ ھەر نەۋبەتىن.
ياڭى ئايۇ ئىگ ئىككى قۇللۇقچىڭ ئولسۇن، ئەيلەگەي
سەن ھىلال ئەتتىڭ ئاتىن بايرام بۇ بىرنىڭ كىينەتىن.

ۋاقتى: 2014-2-9 14:15:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رۇبائىيلىرى
‹‹بەدايىئۇل – ۋەسەت›› دىن

1

كىم بولسە بۇ ماتەمكەدەدەك ئالەم ئارا،
سەير ئەيلەسە غەم سىرىشت لېك ئادەم ئارا.
گەر ئادەم ئېرۈر بولسە كېرەكتۇر غەم ئارا،
ئالەمدە ئىسە بولسە كېرەك ماتەم ئارا.

2

مەھبۇبدۇرۇر گۇلى ۋىسال مەتلۇب،
كۆرمەن ئانى گۇلبۇن ئۈزە بىلگىل مەھبۇب.
بەزم ئىچرە ئۈزۈپ كەتۈر ئېرمەس مەرغۇب،
ئول نەۋئىكى مەجلىس ئىچرە ئۆلگەن مەھبۇب.

3

چۇن خەنجەرى ھەجرىڭ ماڭا قەتئ ئەتتى ھەيات،
بارىي غەمۇ دەردىڭ ئوقىنى تىنمايىن ئات.
كىم ئانچە قاۋۇرۋۇن پەر ئولۇپ پۈتسە قەنات،
تايىر بولۇبان يەتكەمەن ئاخىر ساڭا پات.

4

بولدى مىڭ ئۆلمەكىمگە سەۋدا بائىس،
سەۋداغە ھەۋايى جامى سەھبا بائىس.
سەھباغە داغى دەيرۇ جەلىسا بائىس،
بۇ بارچەغە ئول دىلبەرى تەرسە بائىس.

5

كۈندۈز كۆرسەڭ ئۆزۈڭنى مەھزۇن، قەدەھ ئىچ،
ئانداقكى قۇياش رەۋشەنۇ مەۋزۇن، قەدەھ ئىچ.
ئولدۇمكى، قۇياش پاتتى شەفەقگۇن، قەدەھ ئىچ،
جامىڭنى قىلىپ نېچۈككى گەردۇن، قەدەھ ئىچ.

6

رۇھۇمغە مەيدىن ئېردى ھەر لەھزە فۇتۇھ،
ناسىھ تىلى نىشى قىلدى ئانى مەجرۇھ.
مەي لايىنى مەرھەم قىلايىن شامۇ سەبۇھ،
ئول ۋەقت قاچانكى تازە بولغاي ماڭا رۇھ.

7

قورقۇتمە مېنى تا مۇغدىن، ئەي زاھىدى يەخ،
جەننەت ماڭا بولغۇسى دەبان ئۇرمە زەنەخ.
كىم دەۋزەخ ئانىڭ يادى بىلە جەننەت ئېرۈر،
جەننەت بارىي سېنىڭ بىلەدۇر دەۋزەخ.

8

باشىمغە باغىر قانى چۇ ئېردى مانەند،
كۆز ئاسرادى ياش بولۇپ ئاندىن خۇرسەند.
تۇرمادى كۆزۈمگە يەتكەچ ئول سەرۋى بەلەند،
بولماس كىشى فەرزەندى كىشىگە فەرزەند.

9

ئەي شەربەتى لەئلىڭ ئابىھەيۋاندىن ئەلەز،
ھەيۋان سۇۋىنى قويكى چۈچۈك جاندىن ئەلەز.
نې جاندىن ئەلەز، نې ئابىھەيۋان ئەلەز،
كىم ھەر نىكى يوق ئاندىن ئەلەز، ئاندىن ئەلەز.


10

ئەلدىن قاچىپ ئولكى تۇتسە تاغ ئىچرە قەرار،
ساۋۇغدا يەرى بۇ تاغنىڭ جەۋفىدە غار.
ئىسسىغ مەكانىدا ئانداكىم يېمىش قار،
ئالەم ئېلىنىڭ شەھلىغىدىن بار ئاڭا ئار.

11

ئەھباب دېڭىزكى خانىماندىن تەمەئ ئۈز،
نې خانۇ نې مان، كەۋنۇ مەكاندىن تەمەئ ئۈز.
نې كەۋنۇ مەكان، جانۇ جەھاندىن تەمەئ ئۈز،
لېكىن دېمەڭىز مۇنىكى، ئاندىن تەمەئ ئۈز.

12

مەھبۇبقە ئىئتىماد قىلماق بولماس،
ئاندىن تەلەبى مۇراد قىلماق بولماس.
كۆزنىڭ قاراسىن مىداد قىلماق بولماس،
گەر بولسە بىتىك سەۋاد قىلماق بولماس.


13

يىللار تۇتۇبان شەيخ مەقالاتىغە گۇش،
نې كۆڭلۈمە زەۋق يەتتى، نې جانىمە ھۇش.
جانىمغە نەۋا يەتتىيۇ كۆڭلۈمغە خۇرۇش،
بىر جۇرئە بىلە مۇغبەچەئى بادەفۇرۇش.

14

ساقىي مېنى خارخاردىن ئەيلە خەلاس،
گۇل – گۇل يۈزۈڭ بەھارىدىن ئەيلە خەلاس.
يا مەي بەرۇ ئىنتىزاردىن ئەيلە خەلاس،
يا ئۆلتۈرۈبان خۇماردىن ئەيلە خەلاس.

15

بىر جام ئىلە، ئەي مۇغبەچە، جانىمنى ئەۋەز،
قوش تۇتقىلۇ ئال ئىككى جەھانىمنى ئەۋەز.
ئانى سۈمۈرۈردە قەترەئى تامسە ئەگەر،
سەن ھەم تۆك ئانىڭ ئورنىدا قانىمنى ئەۋەز


بۇ ئەسەرلەر نەۋايىنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹ چاھار دىۋان›› دىن كۆچۈرۈلدى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەنزۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 14:17  


ۋاقتى: 2014-2-9 14:27:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ناۋائى  تۇغۇلغانلىقىنىڭ 573يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.

ۋاقتى: 2014-2-9 17:45:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەرنى يوللىغان دوستلارغا رەھمەتلەر ياغسۇن ! بۇ خالىس ئىش توختاپ قالمىسۇن . غەزەللەردىكى  قەدىمى ئۇيغۇر ، پارىس ، ئەرەپ تىللىرىنىڭ ئىزاھىتىنى بىلدىغانلار  يوللاپ قويساق ، مېنىڭچە تولىمۇ ياخشى بولاتتى . ھەززىتى ناۋائى ھەزرەتنىڭ شېئىرىيىتىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ يادلىنىدۇ ...

ۋاقتى: 2014-2-9 20:32:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋايى غەزەللىرى

1
بەلا دەشتى ئارا مەجنۇن مېنىڭدەك كۆرمەمىش دەۋران
قۇيۇندەك ھەر زامان بىر كۆرمەگەن ۋادىدا سەرگەردان
تۈنۈم دەيجۇر ئۆزۈم رەنجۈر ئىچىم غەمناكۇ باغرىم قان
تىلىم لالۇ، تېنىم بىھال ئىشىم ئەفغان سىركىشىم قان.
زەئىفۇ دەردۇ غەم پىشە، نەھىفۇ مېھنەت ئەندىشە
زەلىلۇ بىسەرۇ سامان، قەتىلى خەنجەرى ھىجران
فىفانىمدىن فەلەك غەمكىن، سىركىشىمدىن جەھان رەڭگىن
نى دەردىم ئوتىغا تەسكىن نى ھىجىرىم دەردىگە دەرمان…
…كۆزم نەملىك، بويۇم خەملىك، ئىچىم ئەندۇھى ماتەملىك
نى ھەمدەملىك، نى مەھرەملىك تاپىپ بۇ مېھنەتنى پىنھان
فالەك رەھزەن زامان دۈشمەن، بەدەن رەۋزەن ئۆزە رەۋزەن
قالىب جان ھەسرەتىدىن چىقىپ تەن كىشۋەرىدىن جان
نەۋائى بولسا مېھنەت كۆپ، ئىچە كور جامى ئىشرەت كۆپ
نىچە بولسا سەئۇبەت كۆپ قىلۇر ۋەھدەت مەيى ئاسان.

2

ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىل كەئسى  ئەنۋارۇل ھۇدا،
يار  ئەكسىن مەيدە كۆردەب، جامدىن چىقتى سادا.

غەير نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدە بولسە  زەڭگى غەم،
يوقتۇر ئەي ساقىي، مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزۇدا.
ئەي، خۇش ئول مەيكىم،  ئاڭا  زەرف ئولسە بىر سىنغان سەفال،
جام ئولۇر  گېتىينەما، جەمشىد ئانى  ئىچكەن گەدا.
جامۇ مەي گەر بۇيلەدۇر، ئول جام ئۈچۈن قىلماق بولۇر ،
يۈز جەھان ھەردەم نىسار، ئول مەي ئۈچۈن مىڭ جان فىدا.
دەير ئارا ھۇش ئەھلى رەسۋا بولغالى، ئەي مۇغبەچە،
جامى مەي تۇتساڭ مېنى  دىۋانەدىن قىل ئىبتىدا.
تاكى ئول  مەيدىن  كۆڭۈل جامىدا بولغاچ جىلۋەگەر،
چېھرەئى مەقسۇدى مەھۋ ئولغاي  ھەم ئولدەم مائەدا.
ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرەكىم،
جامۇ مەي لەفزىن دېگەن بىر ئىسم ئىلە قىلغاي ئەدا.
سەن گۇمان قىلغاندىن ئۆزگە جامۇ  مەي مەۋجۇد ئېرۇر،
بىلمەيىن  نەفي  ئەتمە  بۇ مەيخانە ئەھلىن، زاھىدا.
تەشنەلەب، ئولمە نەۋائىي، چۇن ئەزەل ساقىيسىدىن،
ئىشرەبۇ، يا ئەييۇھەل  ئەتشان كېلۇر  ھەردەم نىدا.

3

ئارەزىن ياپقاچ كۆزۇمدىن ساچىلۇر   ھەر لەھزە ياش،
ئويلەكىم پەيدا بولۇر يۇلدۇز، نىھان  بولغاچ قۇياش.
قۇت بىر بادامۇ  يېرىم گوشەئى  مىھراب ئىدى،
غارەتى دىن ئەتتى ناگاھ بىر بەلالىغ كۆزۇ قاش.
بۇ دەمادەم ئاھىم ئىفشا  ئەيلەر ئول  ئاي ئىشقىنى،
سۇبھىڭ بات- بات دەمى  ئەنداقكى  ئەيەلەر مېھر فاش.
بوسەئى قىلماس مۇرۇۋۋەت ئەسرۇ قەتتىقدۇر لەبىڭ،
دېسەم، ئاغزى ئىچرە ئەيتۇر  لەئل ھەم  بار نەۋئ  تاش.
ناۋەكىڭ كۆڭلۈمگە كىرگەچ، جان تالاشماق بۇ ئىكىن،
كىم، قىلۇر پەيكانىنى كۆڭلۈم  بىلە جانىم تالاش.
ئۇمرى جاۋىد ئىستەسەڭ فەرد ئولكى، بوستان خىزرىدۇر،
سەرۋكىم دەئب ئەيلەدى ئازادەلىغ  بىرلە مەئاش.
قاشى ئاللىندە نەۋائىي بەرسە جان ئەيب ئەتمەڭىز،
گەر بۇدۇر مىھراب، بىر- بىر قويغۇسىدۇر بارچە باش.

4

جۇنۇن ۋادىسىغە مايىل كۆرەرمەن جانى زارىمنى،
تىلەرمەن بىر يولى بۇزماق بۇزۇلغان روزىگارىمنى.
فەلەك بىدادىدىن گەرچە مېنى خاكى غۇبار ئولدۇم،
تىلەرمەن تاپمىغايلار تۇتىيالىققا غۇبارىمنى.
شەك ئېرمەس پەر تەۋى تۈشكەچ ئويى ھەم، رەختى ھەم كۆيمەك،
چۈ گۆرۈستان گەدايى سەزمىگەي شەمئى مازارىمنى.
دېمەڭ، قاي سارى ئەزىم ئەتكۈڭ، ماڭا يوق ئىختىيار ئاخىر،
قەزا ئىلكىگە بەرمىشمەن ئىنانى ئىختىيارىمنى،
تۈگەندى ئەشىك گۈلگۈن، ئەمدى قالمىش زەپرانى يۈز،
فەلەك زۇلمى بەدەل قىلدى خازان بىرلە باھارىمنى.
دىيارىم ئەھلى بىرلە ياردىن باشىمغا يۈز مېھنەت،
نىتاڭ باشىم ئالىپ كەتسەم قويۇپ يارۇ-دىيارىمنى.
يامان ھالىمغا باغرى ئاغرىغاي ھەر كىمسە كىم كۆرگەي،
باغىر پەرگالەسىدىن قانغا بۇلغانغان ئۇزارىمنى.
ھەياتىم بادەسىدىن سەرگەرانمەن ئەسرۇ، ئەي ساقى،
قەدەھكە زەھرى قاتىل قۇي داغى رەفئ ئەت خۇمارىمنى،
جەھان تەركىنى قىلماي چۈنكى تىنماق مومكىن ئىرمەستۇر،
نەۋائى، قىل مېنى ئازاد ئۆرتەپ بارۇ-يوقۇمنى.

5

ئەي كۆڭۈل كەلكىم، بەلا بەزمىدە جامى غەم تۇتاي،
ئۆز فاتىغ ھالىمغا ئۆلمەستىن بۇرۇن ماتەم تۇتاي.
يىغلىبان باشىمغە ئاھىم دۇدىدىن چىرماپ قارا،
ماتەمىم ئەل سۇڭرە تۇتقۇنچە، ئۆزۈم بۇدەم تۇتاي.
ئالەم ئەھلىغە نېچە قىلدىم ۋەفا، كۆردۈم جەفا،
ئەي كۆڭۈل، كەل، كەلكى، تەركى جۈملەئى ئالەم تۇتاي.
ئەمدىكىم ئىشرەت سۇرۇدىدىن ئاچىلماڭ، ئەي كۆڭۈل،
نەۋھ ئاھەڭىن تۈزۈپ، بىردەم سېنى خۇررەم تۇتاي.
مەستىلىغىدىن ئۆزگە يوق دەردىم ئىلاجى، ساقىيا،
مەي كېتۇر*كىم ھەم ئىچەي بىر لەھزە ئانى، ھەم تۇتاي.
قويغىل، ئەي ناسىھكى، مۇغ دەيىرىدە ئۆز ئەھۋالىمە،
مەسىت لايەئقەل ياقام يىرتىپ، سۇرۇدى غەم تۇتاي.
چۈن جاھان بىرلە جاھان ئەھلىغە يوق ئىرمىش ۋەفا،
ئەي نەۋائى، مەن ۋەفا سەر رىشتەسىن مەھكەم تۇتاي!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئابدۇرېھىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 20:35  


ۋاقتى: 2016-4-7 18:50:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تېمىنى يوللاپسىز، ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش