هېيت پەتىسى
( مۇخەممەس )
ئەلگە شادلىق ، خوشاللىق بەرگەن هېيت پەتىسى ،
ئىناقلىقنىڭ ئۇرۇقىن تەرگەن هېيت پەتىسى ،
زىمىستاننى نەۋ باهار سەزگەن هېيت پەتىسى ،
بارچە دىلنى چوغ بولۇپ كەزگەن هېيت پەتىسى ،
خاسىيىتى هېسابسىز كەلگەن هېيت پەتىسى .
ئەپسۇس . . . قاچان ئۆزگەردى بۇ مۇقەددەس پەتىمىز ؟
ئىچكۈلۈكتە بولدىغۇ پەتىمىزدىن قەستىمىز !
ئۆزگەردىغۇ شەيتانغا ئىچكۈلۈكتىن ئەسلىمىز ،
شۇنداقمىدى ۋە ياكى بىزنىڭ ئادەت نەسلىمىز ؟ !
گاهىلارغا مىڭ زۇلۇم ، نەسكەن هېيت پەتىسى .
بۈگۈن ئۈچى ئايەمنىڭ ، بىزباشلىدۇق پەتىنى ،
نامدا پەتە ، ئەمەلدە ئىسراپ قىلىش هەممىنى ،
قۇرۇقدىماي چىقمىدۇق بوتۇلكىدىن نەچچىنى ،
هەر بىر ئۆيدە هېچكىمنىڭ قايتۇرالماي « كۆڭلىنى » ،
ئەقلى ساقلار سېنىڭدىن تەزگەن هېيت پەتىسى .
قايسى ئۆيگە كىرمەيلى ئېسىل تائام تەل بىزگە ،
يەنە پاقلان گۆشىمۇ پىشىپ تۇرغان دەل بىزگە ،
يېيىشىمىز بىر لوقما ، ئاشقىنى مۇت سەل بىزگە ،
بىر رەت دېهقان تەرىنى ئويلاش خۇددى يەل بىزگە ،
( هوسۇلى كۆپ مۇشۇنداق پەيتكەن هېيت پەتىسى ) .
مۇبارەكلەپ هېيتنى گۆشتىن كېيىن ئىچىمىز ،
ئىچەلمىسە كىمىكى< سايىم > لىقنى پىچىمىز ،
ئىچىۋېرىپ سىڭمىسە داستىخانغا قۇسىمىز ،
ئۆرۈپ نەچچە بوتۇلكا باشقا ئۆيگە كۆچىمىز ،
بىزگە < نوچى > ئاتاقنى بەرگەن هېيت پەتىسى .
تىنجىمايدۇ كۆڭلىمىز هەممەئۆيگە كىرمىسەك ،
دەسسەپ كېگىز ، بىساتنى تۈزۈك سورۇن تۈزمىسەك ،
ئاشقازاننى ئىكەكدەپ ئاچچىق هاراق ئىچمىسەك ،
پەتىلەيمىز ئەتىسى باشقا ئۆينى ئۆلمىسەك ،
ئېيتقۇزىدىغان باشقىغا : «ئەركەن » هېيت پەتىسى .
بىر چىرايلىق كىيىمنى مىلەپ توپا - تۇمانغا ،
ئۆينى تاشلاپ بەزىمىز يىغىلىشتۇق دۇكانغا ،
ئىككى سوملۇق دادۇرنى زاكۇسكا قىپ هاراققا ،
تۈن نىسبىدە تارىدۇق ئوخشاپ ئەينى ساراڭغا ،
دېدى بىزنى خالايىق : « پەسكەن » هېيت پەتىسى .
ئىش تاپالماي بەزىمىز كۆپ ئىچىشتە بەسلەشتۇق ،
« ئۆيگە » دېسە ئۇنىماي رېستۇراننى كۆزلەشتۇق ،
چاغلاپ ئىچمەي گاهىمىز ئادەملىكتىن چەتلەشتۇق ،
مەيدىن تاپقان نەسلىكنى ماختىنىشىپ سۆزلەشتۇق ،
سەن تۈپەيلى بەزىلەر قەرزكەن هېيت پەتىسى .
پەتە دېگەن مەپىدە گاهىلار رۇس ماڭالماي ،
مېغىزىنى پەتىنىڭ توغرا يولدا چاقالماي ،
< زابوي > دەپمۇ ئاتالدى ئىسمى بىلەن ئاتالماي ،
ياتتى كۈنلەپ بەزىلەر بالنېستتا كۆز ئاچالماي ،
شۇڭا سەندىن كۆپ كىشى بەزگەن هېيت پەتىسى .
پەسلەشتۈرمەي پەتىنى ئويلاپ كېيىن - ئەتىنى ،
ئەمدى چاققان يۆتكەيلى پەتىدىكى پەدىنى ،
ئاڭلاپ هېچكىم قاچمىسۇن پەتە دېگەن شەپىنى ،
كاتاڭ يەردىن قاچۇرۇپ تۈز هەيدەيلى مەپىنى ،
شۇندا سېنى هەممە « قۇت » دەركەن هېيت پەتىسى .
2006.12.28 ( بايدا يېزىلدى )
مەنبە: ئاقسۇ ئەدەبىياتى 2009- يىل 2 - سانى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-8 10:59