يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 695|ئىنكاس: 4

مەخەت ئابدۇرېھىم: سودىگەر بىلەن سارايۋەن(چۆچەك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                             سودىگەر ۋە سارايۋەن
                                                  ( چۆچەك)

                                              مەخەت ئابدۇرېھىم

        بۇرۇنقى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر چوڭ شەھەردە سادىق سودىگەر دىگەن بىر كىشى ئۆتكەن بولوپ، ئۇنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە بايلىقتا تەڭدىشى يوق، توققۇزى تەل ھېچ نەرسىدىن غېمى يوق ئىكەن. بىراق ئۇنىڭ 3 ئوغلى بولوپ، بۇ بالىلار سودا-سېتىق ئشلىرىنىڭ قائىدە-ئۇسۇللىرىنى پۇختا بىلمەيدىكەن.
     سادىق سودىگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغوللىرىنى قېشىغا چاقىرىپ؛
     -باللىرىم! مەن ياشىنىپ قالدىم، سىلەر كۆزۈمنىڭ ئوچوق چېغىدا مىنىڭ كەسپىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۇل تېپىشنىڭ يولىنى ئۈگۈنىۋالساڭلارقانداق؟-دەپتۇ.
ئوغوللىرىمۇ دادىسىنىڭ تەكلىۋىگە قوشۇلۇپتۇ.
    سادىق سودىگەر 3 ئوغلىغا،ئۆز تەۋەلىكىنىڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقارغان ھەم يېڭى ھەم ئالى مەھسۇلاتلاردىن، 40 توننىلىق يۈك ماشىنىسىدا بىر ماشىنا مال جابدۇپ بىرىپتۇ ۋە؛-باللىرىم، بۇ قېتىمقى تىجارەت- سەپىرىڭلار شەرقى ئاسىيادىكى ئالاھىدە رايۇنلار شاڭگاڭ-ئاۋمىنلارغا  بولسۇن، سىلەرگە تاپىلايدىغېنىم،بىرىچى؛ ھەرقانداق ئىشتا ئۆز-ئارا كېڭىشىپ،بىر بىرىڭلارنىڭ گىپىنى رەت قىلماي، پىكىردە بىرلىككە كىلىپ ئىش قىلىڭلار. ئىككىنچى؛سىلەر شاڭگاڭ-ئاۋمىنلارغا بارغاندا،ئاۋمىندا  ‹ئەپەندىمنىڭ سارىيى› دەيدىغان بىر ساراي بار،شۇ سارايدا قونماڭلار!-دەپ تاپىلاپ باللىرىنى تىجارەت سەپىرىگە ئۇزۇتۇپ قويوپتۇ.
    بالىلار كىچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ ئامان-ئىسەن   
ئاۋمىغا يىتىپ كەپتۇ.
     ئاۋمىن ،ھازىرقى تەرەققىياتىغا  نىسبىتەن خەلقارالىق ئالاھىدە رايۇن؛- سودا مەرگىزى بولغاچقا، ھەرقايسى دۆۋلەت ۋە رايونلاردىن كىلىدىغان  سودىگەرلەر،ساياھەتچىلەر كۆپ بولوپ ساراي ۋە مىھمانخانىلار بەك قىس ئىكەن. بالىلار ئىككى سائەت ئاۋارە بولوپ بىر ساراينى تېپىپتۇ، دەل شۇ پەيتتە دادىسىنىڭ تاپىلىغان سۆزى ئاكىسىنىڭ ئىسىگە كەپتۇ،
ئاكىسى ئۇكىللىرغا دادىسىنىڭ ‹ئەپەندىمنىڭ سارىيدا قونماڭلار›دىگەن سۆزىنى
ئەسلىتىپتۇ. بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى سەپەر جەريانىدا ھېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن؛
-ئاكا،دادام دىگەن ساراي بۇ ئەمەستۇ، ناۋادا شۇنداق بولوپ قالسا ئەتە يۆتكۈلۈپ كىتەرمىز،بۈگۈن مۇشۇ سارايدا قونايلى؛-دەپتۇ. ئاكىللىرى بۇ ساراينى، ئەپەندىمنىڭ سارىي ئىكەنلىكىنى جەزمىلەشتۈرەلمەي ھەم ئۇكىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماي ئاخىرى شۇ سارايدا قونۇشنى قارار قىپتۇ.
    سارايۋەن بالىلارنىڭ ماشىنىسىدىكى يۈك-تاقلىرىنى ئوبدان ئورونلاشتۇرۇپتۇ ۋە بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئالى  ھوجورسىدىن ئورون راسلاپتۇ.
     بۇ ساراي سادىق سودىگەر باللىرىغا قونماسلىقنى تاپىلىغان ساراينىڭ دەل ئۆزى بولوپ ئۇنىڭ ئىگىسى ئاۋمىنغا چەتئەلدىن كىلىپ ساراي ئېچىۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان ئەپەندىم ئىدى. ئەپەندىم 20 يىل جەريانىدا سارايدا قونغان سودىگەر ۋە مىھمانلاردىن ساراي ھەققى ئالغاننىڭ سىرتىدا ھەر خىل قىمار شەكىللىرى ئارقىلىق سودىگەرلەرنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئۇتۇۋالىدىكەن.
      بالىلار قول-باشلىرىنى يۇيۇپ،ئازراقتىن غىزالىنىپ ئارام ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ئەپەندىم كىرىپ كەپتۇ ۋە بالىلاردىن قىسقىچە ھاردۇق سوراشقاندىن كىيىن كۈلۈپ تۇرۇپ؛-كىچىكى تاڭ ئۇزۇن،ئۇيقۇڭلار كەلگىچە بىردەم-يېرىمدەم ئويان-پويان ئوينىساق قانداق؟-دەپتۇ. بالىلار ئانچە-مۇنچە قىمار ئويناشقا قىزىقىدىغان بولغاچقا؛-بولىدۇ دىيشىپتۇ.
    -ھە، نىمە ئويان ئوينايلى،-دەپتۇ سارايۋەن.
     -قىمار ئوينايلى،- دەپتۇ بالىلار.
     -ئۇنداقتا قىمارنىڭ قايسى شەكلىنى ئوينايمىز.
     -ھوشۇق ئاتىمىز،قايسىمىزدا كەلسە شۇ ئۇتىمىز.
      -خوش باللىرىم،سىلەر دىگەن بويىچە ئوينىساقمۇ بولىدۇ،قىمار ئويناش دىمەك پۇل ئۇتۇش دىمەكتۇر،ئەگەر سىلەرگە توغرا كەلسە، مەن ئاددى بىر ئۇسۇلنى كۆرسىتەي، ھوشوق بىلەن قىمار ئوينىساق، تاڭ ئاتقىچە ئاۋارە بولىمىز،شۇڭا ئاددى بىر ئۇسۇلدائوينىساق،مەسىلەن؛گىرمانىيەنىڭ گۈلىسىدە چۈلە سالاي، تويغۇدەك ئىچىڭلار،ناۋادا كىچىچى چىچىپ ياتساڭلار  40توننا مېلىڭلىنى مەن ئۇتسام،چىچىپ ياتمىساڭلار ،مەن 40 توننا مال ئۇتتۇرسام؛-دەپتۇ ئەپەندىم.
   ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەن مەسلىھەتكە چۈپتۇ،-ئەپەندىمنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلىدا ھىلىگەرلىك باردەك قىلقدۇ،-دەپتۇ ئاكىسى.ئوتتۇرانچىسى ھېچ قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرممەپتۇ،بالىلارنىڭ كىچىكى؛-ماقۇل دەيلى،-دەپتۇ. بالىلار ئۇزۇن دە- تالاشتىن كىيىن ماقۇل دىيىشكە بىرلىككە كەپتۇ.
    ئەپەندىم بىلەن بالىلار توختامغا قول قويغاندىن كىيىن،ئەپەندىم بالىلارغا چۈلىنى تويغىدەك ئىچكۈزۈپ،ئاشقان چۈلىنى كورغا ئېلىپ شىرە  ئۈستىگە قويوپ،ئىشىك-تۇنۇكنى تاقاپ چىقىپ كىتىپتۇ.
     بالىلار ھەم ھارغان،ھەم چۈلىنى ئىچىپ ئۇسسۇزلۇققا قانغان،قوساقمۇ ئوبدان تويغان بولغاچقا يېنى يەرگە تىگەر-تەگمەي ئۇخلاپ كىتىپتۇ.
    تۈن تەڭ بوپتۇ ھېچ گەپ يوق،جاھان تىنچ ئەل ئامان،لىكىن سەھەر ۋاختى بولغاندا بالىلارنىڭ كىچىكى قىمىرلاشقا باشلاپتۇ ۋە ئاكىللىرىنى ئويغۇتۇپ چوڭ تەرىتى قىستىغانلىقىنى ئېيتپتۇ.ئاكا-ئۇكىلار كۆپ ئىزدىنىپ ئاخىرى ئەقىل تېپپتۇ.
       ئەپەندىم قالدۇرۇپ چىكەتكەن كورىدىكى چۈلىنى قوساققا،ئۇكىسىنىڭ چوڭ تەرىتىنى خۇمۇرغا ئورونلاشتۇرۇپتۇ.ئارقىدىنلا ئوتتۇرانچىسىنىڭ قىستاپتۇ،بۇنىڭغىمۇ  چارە تېپېپتۇ، قارىسا كومپىيوتىر شىرەسىنىڭ  تېگىدا ئەپەندىمنىڭ ئۆتىكى تۇرغىدەك،بۇ قېتىمقى مىھماننىمۇ ئەپچىللىك بىلەن ئورونلاشتۇرۇپتۇ. مۆھلەت ۋاختى توشۇشقا بىر قانچە مىنۇت قالغاندا،‹ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرۈپ ئالىيىپتۇ›دىگەندەك ئاكىسىنىڭمۇ ئۇكىللىرىنىڭكىنى دوراپتۇ،بۇنىڭغىمۇ چارە تېپېتۇ،ئۇلار قارىغىدەك بولسا، شىرەنىڭ ئۈستىدە ئەپەندىم سەپەردە ئىشلىتىدىغان ھەميان تۇرغىدەك، ھەمياندىكى پۇللارنى يانچۇق بانكىسىغا مۇددەتسىز ئامانەت قويوپ، جىددى پەيتتە كەلگەن ئاكىسىنىڭ ئالى مىھمىننى ئەپەندىمنىڭ ھەميان بانكىسىغا مۇددەتلىك ئامانەت قويوپتۇ.
   ئەپەندىم سەھەردە چېلىنغان سەپەر مۇزىكىسىغا ئۇسۇل ئوينىۋەتكەندىن كىيىنلا  ھوجىرغا كىرىپ؛-باللىرىم چىچىپ ياتتىڭلارمۇ-قانداق؟-دەپ سوراپتۇ،
   -ياق،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بالىلار تەڭلا. ئەپەندىم بالىلار ياتقان ئوران-كۆرپىلەرنى ئۇيان ئاختۇرۇپ بۇيان ئاختۇرۇپ بىر چىمدىممۇ پوق تاپالماپتۇ. ئەپەندىم سارايدا سودىگەرلەر ۋە مىھمانلار كۆپ بولغاچقا بالىلارغا چاتاق سالالماپتۇ.
    ئەپەندىم قىماردا بىر قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،جىددى تەييارلىق قىلىپ توختام بويىچە 40 توننا مالنى چوڭ يۈك ماشىنىسىغا قاچىلاپ
جابدۇپ بالىلارنى يولغا ساپتۇ.بالىلارمۇ ئاۋمىدا بىر قونوپلا 40 توننا مېلىنى 80 توننا  قىلغىنىغا خوش بولۇشۇپ يۇرتىغا  قاراپ يول ئاپتۇ.
     ئەپەندىم بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتتىن بەكمۇ بىئارام بولوپ ئامبار بىلەن ھوجىرسىنىڭ ئارلىقىنى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك نەچچە قېتىم ئايلىنىپ،چۈش ۋاختىغىچە ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇپ،پۇت-قوللىرى سىقىراپ،باشلىرى پىقىراپ،گاللىرى خىقىراپ،تاشتا ياسىغان ھەيكەلدەك قېتىپلا تۇرۇپ قاپتۇ. ئامال قانچە،بۇ كىلىشمەسلىكنى ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرمەسلىككە تىرشىپ،چۈش ۋاختى بولوپ  قالغان بولسىمۇ،ئاخشام ئېشىپ قالغان كوردىكى چۈلىدە ناشتا قىلاي دەپ بىر ئوتلىسا پوقنى ئوتلىغان، ‹ئاپلا چاتاق،ئۇلار مىنى ئالداپتۇ›دەپ ئەپەندىم جىددىلىشىپ ئۆتەكنى ئۆرە تۈرۇپ كىيشىگە ئۆتەك ئىچىدىكى پوق يۈز-كۆزىگە چاچراپ،كىيىم- كىچىكىنى بۇلغىۋىتىپتۇ، ئەپەندىم يۈز-كۆزىدىكى پوقنى جىددى تازىلاپ،كىيىملرىنى يەڭگۈشلەپ،سەپەردە ئىشلىتىدىغان ئالى ماشىنىغا  ھەمياننى سېلىپ،ماشىنىنى تىز قوزغۇتۇپ   بالىارنى قوغلاپتۇ. بالىلارغا يىتەلمەپتۇ.
ئەپەندىم قوسىقىنىڭ ئاچقانلىقىدىنمىدۇ ياكى 40 توننا مالنىڭ تاتلىقلىقىدىنمىدۇ بېشى قېيىشقا باشلاپتۇ،ماشىنىمۇ بەك قىزىپ كەتكەچكەتۇيۇقسىزلا تورمۇزلىنىپ قاپتۇ،ئەپەندىم ھەر ئىش بولسا قوساقنى توقلىۋىلىپ ئاندىن كۆرەي دەپ،ماشىنىنى يول بويىدا قويوپ،تۆت يول دوقمۇشىدىكى سامسىپەزنىڭ سامسىسنى يىيىشكە باشلاپتۇ،بىراق،ئەپەندىم بىر قولىدا بېشىنى قاشلىسا، بىر قولىدا سامسىنىڭ شورنى ئادالىدىم دەپ،سامسىنىڭ گۆشىنى يەرگە تاشلاپتۇ.بۇنى كۆرگەن سامسىپەز؛
   -ئەپەندىم سامساڭنىڭ نەرقى قانچە پۇل دىمەي  يەپكەتلىغۇ،-دەپ كايىپتۇ،
   -ھەي ئەخمەق، ئاۋۇ ماشىنىدا نىمە تۇرىدۇ،؟
   -ھەميان؛-دەپتۇ ساسىپەز.
   -ھە، ئاشۇ ھەمياندا لىق پۇل بار،ئالساڭ پۇل ئالارسەن؟!
   سامسىپەز كاتتا بايغا ئۇچراپتىمەن دەپ ئويلاپ؛-يىسلە ئەپەندىم،بۇتەۋەڭدىكى
سى تۈگسە ئاۋۇ تونوردىكىسى پىشقىدەك بولدى،-دەپ خوش-خوش ئېيتىپتۇ.
    ئەپەندىم بىر تەۋەڭ سامسىنى پاك-پاكىز يەپ بولغاندىن كىيىن،ئۆزىنى سامسى
پەزگە بىر تونتۇپ قويۇش ئۈچۈن ھەمياننى ئەككەلدۈرۈپ پەشخۇنغا تۆكۈپتۇ،
قارىغىدەك بولسا بۇنىڭدىن چۈشكىنىمۇ گاڭ سۈيۈق پوق.
   ئەپەندىمنىڭ بۇ نائەلىلىكىگە چىداپ تۇرالمىغان سامسىپەز،ئەپەندىمنىڭ بېشىغا
كۆسەي بىلەن بىرنى سالغان ئىكەن،ئەپەندىم چىكنى-پوك دىگىچە تونور ئالدىدىكى كۈلگە دۈم چۈپتۇ،خۇدا ھەققى قوشنا دۇككاندىكىلەر سامسىپەزنى   توسمىغان بولسا ئەپەندىمنى ئۆلتۈرۈپ قوياركەن.
    سامسىپەز ئەپەندىمنىڭ ماشىنىسىنى يىگەن سامسىنىڭ ھەققى ئۈچۈن تارتىۋاپتۇ.
ئەپەندىم يۈزلىرىگە چاپلىشىپ كەتكەن پوقنىڭ چالىسىنى،كۈلنىڭ قارسىنى ئادالاشقا،باشقا تەككەن كۆسەينىڭ يارىسىنى داۋالاشقا ماجالى يەتمەي،ماشىنا بولمىغاچقا يۇرتىغا كىتەلمەي،ئاخىرقى ئۆمرىنى ياقا يۇرتا تىلەمچىلىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
  بالىلار 80 توننا مالنى يۇرتىغا ئامان-ئىسەن ئېلىپ بېرىپ بۇ ھىكايىنى يۇرتداشلارغا سۆزلەپ بىرىپتۇ.سادىق سودىگەر بالىللىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ.بۇ ھەقتە بىر شائىر مۇنداق دىگەن؛
                                      كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،
                                     كۆرمىگەننى كۆرۆرسەن ئۆلمىگىنىڭ.


                              ھىكايە چۆچەكلەرىن ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن يازدىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 01:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-7 14:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا مەسىلىسى جەھەتتىكى ئازىراق سەۋەنلىكلەرنى تۈزەتسىڭىز خېلى ياخشى چىققان بىر چۆچەك ھېسابلىنىدىكەن!

ۋاقتى: 2014-2-7 14:18:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارادىلا  ئۇستاز،سىلە ھەممە ژانىردا  باركەنلا.  ئاللاھ ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن  قىلسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-7 15:42:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 14:14
ئىملا مەسىلىسى جەھەتتىكى ئازىراق سەۋەنلىكلەرنى تۈزەت ...

راس ئىملا خاتالىقى خېلى كۆپ ئىكەن،بۇنى تۈزۈتىمەن،مەسىلەم؛-سامسىپەز-ساسىپەز،كورىدىكى-كوردىكى.----دىگەندەك خاتالىقلار.

ۋاقتى: 2014-2-12 22:57:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق تېما يوللاپ تۇرسىلا!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش