كۆرۈش: 1021|ئىنكاس: 0

ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
C8AZ~M{LJIEWT$MHY[6~3QF.jpg
   شائىر،يازغۇچى ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى 1949-يىل 10-ئايدا بۈگۈر ناھىيسىنىڭ چېدىر يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن،ئائىلە ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان.1965-يىلى 12-ئايدا چاقىرىق بويىنچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ،قەشقەر سابىق مىللىي ئاتلىق 3-پولكتا مۇنتىزم ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان.روتا ۋە پولك شىتابلىرىدا كاتىپ،پولك سىياسىي باشقارما تەشۋىقاتچىسى بولغان،تەكلىماكاندىكى چاسا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلغان،شىزاڭنىڭ ئالى رايۇنىدىكى قارا قۇرۇم -گاندىس چېگرا مۇداپىيە قىسمىدا روتا سىياسىي يېتەكچىسى بولغان.ئۇ 1973-يىلى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ،قاغىلىق تاشيول باش ئوچاستېكا شىنجاڭ-شىزاڭ چېگرا مۇداپىيە تاشيولىنىڭ شەيدۇللا ئوچاستېكىسى،باش ئوچاستىكا يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇش ئەترەتلىرىدە سىياسىي يېتەكچى،باش ئوچاستېكا يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇش ئەترەتلىرىدە سىياسىي يېتەكچى،باس ئوچاستېكا ئىتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مەسئۇل خادىمى بولغان.1976-يىل 10-ئايدا كورلا تاشيول باش ئوچاستېكىسىغا ئالمىشىپ،قوغداش خادىمى،شوپۇر يېتىشتۈرۈش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى،ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى،باش ئوچاستېكا ئىشچىلار ئۇيۇشما رەئىسى،باش ئوچاستېكا باشلىق ياردەمچىسى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.1981-يىل9-ئايدىن 1985-يىل7-ئايغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىنىپىدا ئاساسىي نەزەرىيە كەسپى بويىنچە ئوقۇپ،ئالىي تېخنىكۇم دېپلۇمىغا ئېرىشكەن.1991-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق شىنخۇا 2-باسما زاۋۇتىغا يۆتكىلىپ،پارتكۇم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى،ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى،زاۋۇت پارتكۇمنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.1997-يىلى ئالىي سىياسىي خادىم ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
    ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى ئاتىسىدىن كىچىك يېتىم قېلىپ،خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ نەمۇنىلىرىنى پىششىق بىلدىغان ئانىسىنىڭ تەربىيسىدە ئۆسكەن.مۇڭلۇق خەلق ناخشىلىرى،چۆچەك-رىۋايەتلەر،دېھقانلار تۇرمۇشى،تەبىئەتنىڭ ئۆزگىچە خوۋلۇقلىرى ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە لىرىك ھېس بىخلاتقان،ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ،بەدىئىي ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ،ھەرخىل تۈر ۋە ژانىرلاردا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن.ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى 1975-يىلى <<قەشقەر گېزىتى>>دە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ،ھازىرغا قەدەر 400پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،21پارچە ھېكايە،30پارچە نەزەرىيىۋى ماقالە،500پارچىدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك تەرجىمە ئەسەر،800پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات ماقالىرىنى ئېلان قىلغان.يەنە 20پارچىدىن ئارتۇق رىۋايەت ۋە چۆچەك،300كۇبلىتتىن ئارتۇق خەلق قوشاقلىرىنى توپلاپ،رەتلەپ ئېلان قىلغان.بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش،رەتلەش،بېكىتىش،نەشىر قىلىش ۋە <<ئۈچ توپلام>>خىزمىتىگە تەكلىپ بويىنچە باشتىن-ئاياغ قاتناشقان.ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىش-ئىزلىرى <<جوڭگۇنىڭ زامانىمىزدىكى سەنئەتكارلىرى قامۇسى>>،<<جۇڭخۇا مەشھۇر كىشىلىرى،دەۋرىمىز مەدەنىيەت تومى>>،<<دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ساھاسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر لۇغىتى،جوڭگۇلۇقلار تومى>>قاتارلىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلدى.مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان <<توي تەنتەنىسى>>ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا،<<نەشپۈتزارلىقتا>>ناملىق يەرلىك توپلامغا ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى.<<ئېمپىراتۇر تۆمۈرلەڭ >>ناملىق تەرجىمە كىتابى (باشقىلار بىلەن بىللە)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 200-يىلى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.ئۈچ پارچە ئەدەبىي ئەسىرى ۋە 16پارچە ئاخبارات ماقالىسى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.ئۇ18يىل ئۇدا<<مۇنەۋەر ئىختىيارىي مۇخبىر>>بولۇپ مۇكاپاتلاندى.ئۇنىڭ <<غۇبارسىز بالىلىق>>ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئۇنىڭ 30يىللىق ئىجادىيەت توپلىمى بولۇپ ،ئۇ كىتاب قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىلى نەشىر قىلىندى.ئاپتۇر كىتابىدا دەۋرىمىزدىكى بالىلارنىڭ پاك ئىچكى دۇنياسىنى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىلىدىككە ماس ھالدا ساددا،تاڭسۇق تىل،قايناق ھېسىيات بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن.

   ئەدىب ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى ھەربىي قىسىمدا تۇرغان چېغىدا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ئېغىر زەخمىلەنگەن ئىدى. ئۇ يېشىنىڭ چوڭلىقى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي،ئىجادىيەت ۋە يېزىقچىلىقنى توختىتىپ قويغىنى يوق.ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى نەشرىيات ۋە نەشرىيات سودىگەرلىرىگە <<رەڭگارەڭ قەترىلەر>>(ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى)،<<پەرىشتىنىڭ چۈشلىرى>>(بالىلار چۆچەكلىرى،مەسەللەر توپلىمى)،<<جەڭگاھتىكى كەچمىشلەر>>(ھەربىي سەپتىكى راست ئىشلار خاتىرىسى)،<<تېپچەكلەۋاتقان يۈرەك>>،<<يۈرەك تېۋىشلىرى>>، <<ئېھ،چېگرا مۇداپىيەت جەڭچىسى>> ، (شېئىرلار توپلىمى)قاتارلىق ئەسەرلەرنى سۇندى. ئۇ يەنە داۋاملىق ھالدا  يېزىقچىلىق ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولماقتا.
   ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى ھازىر بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،<<كىرۇران>>(ئىلگىرىكى <<بوستان>>)ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 02:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش