كۆرۈش: 1653|ئىنكاس: 0

ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
rasheed olchemlik.jpg
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن -  1984-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە  زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملىغاندىن كىيىن ، 2002-يىلى شىنجاڭ  ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل -ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان . 2005-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا ئوقۇش ئالمىشىپ، 2008-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىدا ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى تاماملىغان. 2008-يىلى 9-ئايدىن 2011-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستېرلىقنى تاماملىغان. ئۇنىڭ مەتبۇئاتلاردىكى تۇنجى قەدىمى  2007-يىلى «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ھازىرغا قەدەر «تارىم»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «مىراس»، «ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «قەشقەر»، «كروران»، «تۇرپان»، «مايبۇلاق»، «كۈسەن مەدەنىيتى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت - ژورناللاردا شېئىر، نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە، ئوبزۇر ۋە ئەدەبىياتقا ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرى، سۆھبەت خاتىرىسى بولۇپ 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى ئېلان قىلغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى . يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرىشىدىكى يازغۇچىلار تورىنىڭ تەكلىپلىك ئالىي مۇھەرىرى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش