ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىلەش قابىليىتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا
رەيھانگۈل ئەبەيدۇللا ‹ زاكىرە ›
مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىلەش قابىليىتىنى يېتىلدۈرىشتە تۈۋەندىكى تەرەپلەردىن قول سېلىپ ئىشلەش كېرەك :
1 -ئاغزاكى ئىپادىلەش (نوتۇق ) قابىليىتىنى يېتىلدۈرىىش
‹1› دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانى ئوقۇغۇچىلار ئۆگۈنىدىغان ،ئوقۇتقۇچى ئۆگۈتىدىغان ئىككى تەرەپلىمىلىك پائالىيەتتۇر ، شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىلەش قابىليىتىنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى سورۇندۇر . شۇڭا ،ئوقۇتقۇچى ‹ئۆگۈتىش› داۋامىدا ئالدى بىلەن ئۆزى ئاغزاكى ئىپادىلەش جەھەتتە ئۈلگە بولىشى كېرەك . ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرى ئېنىق ،پەلسەپەۋىلىككە باي ،يۇمۇرلۇق بولسا ،قانداقمۇ ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلالماي قالسۇن؟ ئەكسىچە ،ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرى مەنتىقىز ، تەرتىپسىز بولسا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ۋە چۈشىنىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش قابىليىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشى كېرەك .
‹2› دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىمۇ مەشىق قىلىدىغان ،ئۆگۈنىدىغان ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك . ھازىرقى يېڭى دەرسلىكتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش قابىليىتىنى ئۆستۈرىشنى مەقسەت قىلغان كۆپلىگەن مەشىقلەر بار . ئوقۇتقۇچى مانا مۇشۇ مەشىقلەرنى كۆپرەك كۈچ سەرىپ قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بەرگەندە ، سۆزلىگەندە ، ئوي-پىكىر ئېنىق بولۇش ،سۆز-جۈملى راۋان بولۇش ، تەسىرلىك بولۇش ،ئىخچام ، مېغىزلىق بولۇش تەلىپىنى قويۇش كېرەك . يەنە بەزى دەرسلەرگە قارىتا مۇلاھىزە ئۇيۇشتۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ پىكىر، چۈشەنچىلىرىنى تولۇق ئىپادىلەشكە يېتەكلەپ ، مۇلاھىزە ياكى مۇنازىرە ئارقىلىق توغرا يەكۈن چىقىرىش كېرەك .
‹3› ئاخبارات تېمىسىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىنئالا تەييارلىق قلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك .زۆرۆر تېپىلغاندا ، بىر ياكى ئىككى ئوقۇغۇچىنى مۇقىم بەلگىلەپ ، ئەستايدىل تەييارلىق قىلدۇرۇش ،نوتۇق ئارگىنالىنى ئوقۇتقۇچى ئالدى بىر قۇر كۆرۈپ چېقىپ ،سىنىپ ئىچىدە ئوقۇتۇپ ، نەق مەيداندا تېگىشلىك تۈزىتىش ۋە تولۇقلاشلارنى بېرىش كېرەك . بۇنداق بولغاندا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش قابىليىتىنى چېنىقتۇرغىلى ،ئۆگۈنىش قىزغانلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ .
‹4› دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ،ھېسسىياتىنى تاۋلاشقا ،تەپەككۇرىنى ئېچىشقا ،تۇرمۇشنى بېيىتىشقا ، قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا ،شۇنداقلا ئىپادىلەش قابىليىتىنى يېتىلدۈرىشكە پايدىلىق . شۇڭا ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى پايدىلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ھېكايە سۆزلىتىش ، كۆرگەن ئاڭلىغانلارنى بايان قىلدۇرۇش ، دېكلاماتسىيە قىلىشقا ئويۇشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك .بۇ خىل پائالىيەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش قابىليىتىنى يېتىلدۈرىش ۋە ئۆستۈرىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ .
2- يېزىقچە ئىپادىلەش قابىليىتىنى يېتىلدۈرىش
يېزىقچىلىق تاپشۇرىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچە ئىپادىلەش قابىليىتىنى يېتىلدۈرىدىغان ئاساسلىق ۋە مۇھىم ھالقا . شۇڭا ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئەتىراپلىق يېتەكلەشكە كۈچ سەرىپ قىلىشى كېرەك .
‹1› ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق ئەمەليىتىگە يېتەكلىگەندە ،ئالدى بىلەن تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان خەت –چەكلەردىن مەسىلەن : ئۇقتۇرۇش، تونۇشتۇرۇش ،تەكلىپنامە ،تەشەببۇسنامە ... قاتارلىقلاردىن باشلاش كېرەك .يېزىش داۋامىدا خەت-چەكلەرنىڭ يېزىلىش تەرتىپىگە دىققەت قىلىشقا ،سۆزلەرنى ئىخچام ، مېغىزلىق ئېلىشقا ،مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەرگەندە ، توغرا شەرھىلەش ، قائىدىلىك سۆزلەشكە يېتەكلەش ، مۇھاكىمىلىق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن مۇھاكىمە نوقتىسى ئېنىق ،پاكىتلار تولۇق قىلىپ يېزىشقا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىشى كېرەك .
‹2›ئوقۇغۇچىلارنى كۈزىتىشتە ،تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەپ ،ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن –ئاڭلىغانلىرى ، ھېس قىلغانلىرى ۋە كىتاب ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى يېزىشقا ئادەتلەندۈرىش كېرەك .سىنىپ ئىچىدە مەخسوس تام گېزىتى لاھىيەلەپ ، ياخشى يېزىلغان ماقالىلەر ، ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرۇش كېرەك . بۇلاردىن مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاپ ،مەكتەپ گېزىتى ياكى باشقا گېزىت –ژورناللارغا ئەۋەتىش كېرەك . ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى يازغان ماقالىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغىنىنى كۆرسە ،تولىمۇ خوشال بولۇپ كېتىدۇ ، بۇ خىل خوشاللىق تەبىئى ھالدا ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىققا قىزىقىشىنى قوزغايدۇ .
ئومۇمەن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىلەش قابىليىتىنى ئۆستۈرىش بىردەملىك ئىش ئەمەس ،پەقەت ئوقۇتقۇچىلار سەۋىرچان بولۇپ ،ئۈنۈملۈك چارە –تەدبىرلەرنى تېپىپ چېقىپ ، ئۈزۈلدۈرمەي مەشىقلەندۈرىپ ،يېتەكلەپ تۇرسىلا ،ئىشىنىمەنكى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىلەش قابىليىتىنى چوقۇم يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ .
شىنجاڭ مائارىپ گېزىتىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-5 21:34