سەزمەكتە يۈرەك
يۇلتۇزلار چاراقلاپ كۈلگەن ئاخشىمى،
تۇلۇنئاي باشقىچە سىرلىرى ھۇزۇر.
باھاردەك يېقىملىق نازلىنىپ شامال،
چېچىمنى سىلايدۇ شۇ قەدەر مەغرۇر.
ھېسلىرىم بىر دۇنيا بىپايان جەننەت،
خۇش ناۋا ئەۋجىدە تاڭلارغا يەتكەن.
مۇڭلاردىن مەسىت بۇلۇپ بۇلاق بېشىدا،
مەڭگۈلۈك چىن سۆيگۈ يارىنى كۈتكەن.
كەلمەكتە بىر پەرى ئاستا يېقىنلاپ،
ھاياجان ئىلكىدە سەزمەكتە يۈرەك.
ھەر بىركى نەپەستە ئاتەشنىڭ ھىدى،
مۇھەببەت باغرىدا ئېچىلغان گۈلدەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.م.كارۋانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-4 15:15