مىرزا كەنجبېكنىڭ تەرجىمە ۋە شېئىرلىردىن تاللانما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :
يالقۇن ئەزىزى
ئۆزبېك شائىرى مىرزا كەنجىبېك،1956-يىلى20-فىۋرال ئۆزبېكىستان جۇمھىۇرىيتى سۇرخان دەريا ۋىلايتىنىڭ سەرىئاسىيا تۈمەنىدە تۇغۇلغان. 1979-يىلى«قۇياشقا قارىغان ئۆي»1983-يىلى«مۇناجات»1986-يىلى« شەرق تىلى»1988-يىلى« باھارىم يېللىرى»1991-يىلى « مۇھەببەتنىڭ يولى خەتەرلىك»،« ھەسرەت كىتابى» قاتارلىق شېئىرىي ۋە پۇبلتسستىك كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ئا،س. پۇشكىننىڭ«يېۋگىنى ئونگىن»شېئرىي رومانىنى،فەرىدىدىن ئەتتارنىڭ«تەزكىرەت ئۇل ئەۋلىيا»ۋە بىر بىر تۈركۈم ئىسلامى ئەسەرلەرنى ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
سالام بولسۇن
يۇنۇس ئەمرە
تەرجىمان: مىرزا كەنجىبېك
بۇ دۇنيادىن كېتەر بولدۇق،
قالغانلارغا سالام بولسۇن.
بىزنىڭ ئۈچۈن ئىزگۈ دۇئا،
قىلغانلارغا سالام بولسۇن.
ئەجەل پۈكەر بېلىمىزنى،
سۆزلەتمەستىن تىلىمىزنى،
بىمار ئىدۇق، ھالىمىزنى،
سورغانلارغا سالام بولسۇن.
تېنىڭ ئوچۇق ئېچىلغايدۇر،
ياقىسىز تون پىچىلغايدۇر،
بىزنى سۆيگەن بىر ۋەج بىلەن،
يۇيغانلارغا سالام بولسۇن.
ئەزرائىل بىر كۈن ئالىدۇ جان،
تومۇرىمىزدا قۇرۇيدۇ قان،
تېنىمىزغا ئوراپ كېپەن،
يۈرگەنلەرگە سالام بولسۇن.
كېتەر بولدۇق ئەمدى دوسىتلار،
تۈگۈلگەندە قانلىق مۇشلار،
ناماز ئۈچۈن ئۈستىمىزدە،
تۇرغانلارغا سالام بولسۇن.
بۇندىن ھەركىم كەتمەي نىتەر،
بارسا كەلمەس يولغا كېتەر،
ھالىمىزدىن ئۇچۇر-خەۋەر،
ئالغانلارغا سالام بولسۇن.
مىسكىن يۇنۇس سۆزلەر سۆزى،
قانلىق ياشقا تولۇپ كۆزى،
بىلمىگەنلەر بىلسۇن بىزنى،
بىلگەنلەرگە سالام بولسۇن.
كەلدىم
يۇنۇس ئەمرە
تەرجىمان: مىرزا كەنجىبېك
مەن بىر ئەجەپ ھالدا كەلدىم،
ھېچكىم ھالىم بىلمەس مېنىڭ.
مەن سويلايمەن،مەن تىڭلايمەن،
ھېچكىم تىلىم بىلمەس مېنىڭ.
مېنىڭ تىلىم قۇش تىلىدۇر،
مېنىڭ قولۇم دوسىت قولىدۇر،
مەن بۇلبۇلمەن، دوسىت گۈلۈمدۇر،
بىلىڭ،گۈلۈم سولماس مېنىڭ.
ئۇ دوسىت مېنى كەلسۇن دەيمىش،
سۇندۇم قەدەھ، ئالسۇن دەيمىش،
ئالدىم قەدەھ، ئىچتىم شاراپ،
ئەمدى كۆڭلىم ئۆلمەس مېنىڭ。
نە تۇرىم بار، نە تۇرارىم،
ھېچ بىر يەردە يوق قارارىم،
ھەققە مۇناجات قىلماق ئۈچۇن،
مۇقىم يېرىم بولماس مېنىڭ.
سور تۇرغىنىم، يەرمۇ مەندىن،
كۆرۈستەرمەن كەلسەڭ ساڭا.
بىر زەرىچە قاچسام ھەقتىن،
كۆزۈم ھېچ يەر كۆرمەس مېنىڭ.
تۇر تېغىدا بىر تەجەللى،
كۆر مۇسانى نىمە قىلدى ؟
يۇنۇس ئېيتار: ھەق ئالدىدا،
سۆزۈم يەردە قالماس مېنىڭ.
ئىبادەت
مىرزا كەنجىبېك
ئىبادەت نىمە؟ ياراتقۇچقا،
ئىتائەت ھەم ئىبادەتتۇر.
ھەقىقى بەندىلىك بىرلەن،
سائادەت ھەم ئىبادەتتۇر.
ئىبادەتتۇر، تىرىكلىكنى،
ئېتەلىسەڭ مەرىپەت بېغى.
مۇشەققەتلىك ئىلىم-سەنئەت،
قىرائەت ھەم ئىبادەتتۇر.
ئاناڭ بىرلە ئاتاڭ قەلبى،
ئۆتەر كەبە تەفافىدەن،
ئۇلار كۆڭلىنى شاد ئەتسەڭ،
شۇ خىزمەت ھەم ئىبادەتتۇر.
خەۋەر ئالدىڭمۇ بىماردىن،
قېرىنداش، دوسىت، مۇساپىردىن؟
بىراۋنى يوقلىساڭ دىلدىن،
زىيارەت ھەم ئىبادەتتۇر.
ئۆمىرىڭنى ئەتمىگىن ئىسراپ،
روزا تۇتقىن، ۋۇجۇدۇڭ ساپ.
ئەگەر پاك ھالدا ئۇخلىساڭ،
شۇ راھەت ھەم ئىبادەتتۇر.
داھىم ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ،
ھالال بارىغا شۈكۈر ئەتسەڭ؛
قىيامەت كۈننى پىكىر ئەتسەڭ،
تىجارەت ھەم ئىبادەتتۇر.
پۈتۈن بارلىق، گىياھلارمۇ،
ياراتقۇچىغا ئېتەر تەسبىپ.
دىھقان ئاتا ئېتىزلىقتا،
زىرائەت ھەم ئىبادەتتۇر.
ئىبادەتتۇر-بىرەر زالىم-
جافاكەرگە دىسەڭ ھەق سۆز.
نادان ئۈچۈن سۈكۈت قىلساڭ،
سۈكۈنات ھەم ئىبادەتتۇر.
ئەگەر جۈپتىڭ ھالال بىرلە،
كۆڭلنى خۇش ئېتەر بولساڭ.
پەلەك شاھىد، مەلەك ھازىر،
بۇ سۆھبەت ھەم ئىبادەتتۇر.
بۇ ئىسلامدۇر- پۈتۈن ئۆمرۈڭ،
ئىبادەت ھالىغا كەلگەي،
ۋە ئاگاھلىق بىلەن ئۆتكەن،
شۇ پۇرسەت ھەم ئىبادەتتۇر.
تامام ئىمانى-ئىخلاستۇر،
بۇ قۇللۇق بەندىگە خاستۇر.
خۇدا دەپ قىلغىنىڭ ھەر ئىش،
ۋە نىيەت ھەم، ئىبادەتتۇر.
سۆيۈپ مىرزا، پەقەت دوستلىق-
بىلەن دىللارنى ئاۋات ئەت.
ئەگەر ئاللاھ ئۈچۈن سۆيسەڭ،
مۇھەببەت ھەم ئىبادەتتۇر.
مۇناجات
مىرزا كەنجىبېك
مەن زەبۇنمەن، تۈن قوينىدا قارا تۈنمەن،
تۈن باغرىمغا زىيالارنى كىمدىن سوراي ؟
ئۆزۈم كۆكمەن، ئۆزۈم يەرمەن،ئۆزۈم ئۈچۈن،
ئۆزدىن ئۆزگە دۇنيالارنى كىمدىن سوراي ؟
ئىشقىم بەرباد بولدى ئاۋات شەھەرلەردە،
ھەممە كۈلدى مەن يىغلىدىم باھارلەردە،
شەبنەم بولۇپ يۈرەك تامغان سەھەرلەردە،
ئاسمىنىمغا زۆھرەلەرنى كىمدىن سوراي ؟
كۆكتىن سورا خىيالمنىڭ ھۆرلىرىنى،
يەردىن سورا پىشانەمنىڭ شورلىرىنى،
مەندىن سورا سەن دەرىتلەرنىڭ تۈرلىرنى،
مەن دەرىدىمگە داۋالارنى كىمدىن سوراي ؟
سەن تۈنلەرنى، يالدالارنى مەندىن سورا،
گۇناھلارنى، سەۋدالارنى مەندىن سورا،
سەن كۆزۈڭگە زىيالارنى مەندىن سورا،
مەن كۆكسىمگە ھاۋالارنى كىمدىن سوراي ؟
نىتەي، باردۇر بۇ تاغلارنىڭ ئارىسىدا،
ئاياغ ئىزى-يۈرۈگىمنىڭ –يارسىدا،
شەپقەت يوقتۇر ئۇ كۆزلەرنىڭ قارسىدا،
ئاق مىھىرلىك قارالارنى كىمدىن سوراي .
مەلەك سېنىڭ مەلەكلىگىڭ يالغان ئىكەن،
پەلەك سېنىڭ پەلەكلىگىڭ يالغان ئىكەن،
يۈرەك سېنىڭ يۈرەكلىگىڭ يالغان ئىكەن،
ساڭا باشقا سامالارنى كىمدىن سوراي ؟
مەن كۆزۈمدىن ياشلار تۆكۈپ يىغلاي دوسىتلار،
كۆكسىڭىزگە باشلار ئېتىپ يىغلاي دوسىتلار،
تاش باغرىمغا تاشلار ئېتىپ يىغلاي دوسىتلار،
يوقاتمىشىم خۇدالارنى كىمدىن سوراي ؟
ئاھ ! يۈرۈگۈم ناۋا ئىستە ،نىدالار قىل،
يا ناۋاسىز جەڭنامىلەر ئادالار قىل،
سوراپ يەتتى ئىقلىملەرغا سادالار قىل،
مەن ئۆمرۈمگە ناۋالارنى كىمدىن سوراي؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-2 09:20