يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 555|ئىنكاس: 10

مۇھەممەت تۇراپ (ت) : ئوسۋېسكىندا يېزىلغان «ھالاكەت گىرداۋى» ناملىق ئە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوسۋېسكىندا يېزىلغان «ھالاكەت گىرداۋى» ناملىق ئەسەر
ۋاڭ جاشىن
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
پائۇل.سېلان (1920—1970‹Paul Celan›) ـــ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان دۇنياغا كەڭ كۆلەمدە تەسىر كۆرسەتكەن نېمىس تىلى يەھۇدى شائىرى. ئوبزورچى گىئورگى.سىتاننا سېلاننىڭ شېئرلىرىنى «گېرمانىيە شېئرلىرى (ئېھتىمال زامانىۋىي ياۋروپا)نىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى»، دېگەن. خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ فىروپېسسورى، شېئىر مۇلاھىزىچىسى ۋېندېل «سېلاننى يېئاتسدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ شائىر»، دەپ ئاتىغان. ھازىر دۇنيا دائىرسىدە ئۇ «جىرىلىكتىن كېيىنكى ئەڭ ئۇلۇغ نېمىس تىلى شائىرى»، دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.
«ھالاكەت گىرداۋى» ناملىق ئەسەر سېلاننىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، سېلان مەيلى ئۆز شېئىرلىرى توغرىسىدا سۆزلىسۇن ياكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپا شېئىرلىرى توغرىسىدا سۆزلىسۇن، ھەممىسى ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان بىر پارچە شېئىر ھېساپلىنىدۇ. ئۇ ناتسېسلارنىڭ مەركىزىي لاگىرىدىكى يەھۇدىلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەغدىرىنى بەدىئىي ئۇسۇلدا نامايەن قىلغان بولۇپ، ئەڭ جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بەزى كىشىلەرنىڭ تەڭرى ئالدىدىكى قايغۇ-ھەسرىتىنى ئىپادىلەپ، «20-ئەسىردىكى ئەڭ يالقۇنجاپ تۇرىدىغان بىر پارچە شېئىر»، دەپ تەرىپلەنگەن.
«ھالاكەت گىرداۋى» ناملىق ئەسەر ـــ دەۋر شېئىرى دەپ ئاتالسۇن ياكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى غەرپنىڭ ئىدىيە مۇھىتىدا بولسۇن، ئۇ غەرپ زىيالىلىرى كۆز تىكىۋاتقان مەسىلىلەردىن ئايرىلالمىغان. 1949-يىلى گېرمانىيە يەھۇدى پۇشتىدىن بولغان پايلاسوپ ئادونونىڭ ئوسۋېسكىندا نادانلارچە شېئىر يېزىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ يالغۇز ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەرپ سەنئىتىنىڭ مۇمكىنچىلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ــ ئوسۋېسكىننى تۇنجى قېتىم ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر توسالغۇ سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويغان. ئوسۋېسكىن ــ پولشادىكى بىر كىچك جاي بولۇپ، ناتسېس گېرمانىيەسى ئۇ يەردە مەرگىزىي لاگىر قۇرۇپ، نەچچە مىليون ھىندىئانلار، سىگانلار، پولەكلەر، سلاۋيانلارنى شۇ يەردە قىرغىن قىلغان. ئۇ ھازىرقى زامان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ شەپقەتسىز ۋە زۇلمەتلىك سىر بولۇپ، چوڭ قىزغىنچىلىق ۋە ئىرقىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتقانلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ ھازىرقى زامان جەمىيىتىدىكى ياتلىشىش شەكلىگە ئەگىشىپ قىلغان مۇلاھىزىسى ۋە تەنقىدى ھېساپلىنىدۇ.
تەرجىمىھالدىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا، سېلاننىڭ بۇ شېئىرى 1947-يىلى رومىنىيە تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغاندا «ھالاكەت جاسۇسى» دەپ ئېلىنىپ، كېيىن «ھالاكەت گىرداۋى» دەپ بېكىتىلگەن. بۇنداق ئۆزگەرتىشنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئۇ مەركىزىي لاگىردىكى چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن مۇزىكىنى باغلاپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى سەنئەت ئۇستىسى ـــ گېرمانىيە مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان باخ بىلەن باغلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئوقۇغاندا زىلزىلە پەيدا قىلىشتەك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
شېئىرنىڭ تۇنجى مىسراسى «سەھەردىكى قارا رەڭلىك كالىنىڭ سۈتىنى ئىچىمىز بىز كەچتە» دىيىلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ شېئىرنىڭ يادرولۇق كۆرۈنۈشى ھېساپلىنىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، قارا رەڭلىك كالا دىگەن سۆز ئوخشىتىش بولۇپ، باشقا شەئىلەرگە «قارا» دېگەن سۆزنى ئەشلەتسە كىشىلەر ھەيران قالمايدۇ، بىراق سۈتنى قارا دىسە بۇنىڭدىن كىشىلەر ھەيران قالىدۇ. بۇ يالغۇز سۈتنىڭ ئاق بولىدىغانلىقى، سۈتنىڭ ھاياتلىقنىڭ مەنبىئى ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. بىراق سېلاننىڭ شېئىرلىرىدا ئۇ قارا رەڭلىك زەھەرلىك سۇيۇقلۇققا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن. كىشىلەر بۇ مىسرالارنى ئوقۇغاندا چۆچۈپ كىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى سۈرۈشتۈرەلمەي قالىدۇ.
«ھالاكەت گىرداۋى» ناملىق ئەسەردىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇن ـــ دەل «سىزنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چېچىڭىز ماگرىتنىڭكىدەك» دېگەن مىسرالار بىلەن «سىزنىڭ كۈلرەڭ چېچىڭىز سۇرامىسنىڭكىدەك» دىگەن مىسرالاردىن ئىبارەت. «ماگرىت» دېگەن سۆز ئادەتتىكى ئىسىم ئەمەس، ئۇ گىيوتېنىڭ «فائۇستا» ناملىق ئەسىرىدىكى تراگېدىيەچى ئايال باش قەھرىماننىڭ ئىسمى بولۇپ، نۇرغۇن گېرمانىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ گۈزەل گېرمان ئاياللىرىنىڭ نامايەندىسى ھېساپلىنىدۇ. «سۇرامىس» مۇ ئادەتتىكى يەھۇدى قىزلىرىنىڭ ئىسمى ئەمەس. بۇ ئىسىم «ئىنجىل» ۋە ئىبرانىنىڭ ناخشىسىدا كۆپ قېتىم كۆرۈلۈپ، يەھۇدى مىللىتىنىڭ مەلۇم خىلدىكى سىمۋولىغا ئايلانغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەسلىدىكى شېئىردا: سېلان، سۇرامىسنىڭ چېچىنى كۈلرەڭ بىلەن سۈپەتلىمەستىن، بەلكى كۈل، شاخار، ئادەمنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى بىلەن سۈپەتلىگەن. بۇ بىردىنلا كىشىلەرگە مەركىزىي لاگىردىكى ئەشۇ قويۇق ئىسلار كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان جەسەت كۆيدۈرۈش پېچىنى، شۇنداقلا كىشىلەرنى گىرىم چۆچەكلىرىدىكى ئەشۇ ئۆگەي ئانىنىڭ ئاخىرىدا كۆمۈرنىڭ كۈلىگە ھەمرا بۇلىدىغان كۈل قىزچاقنى ئەسلىتىدۇ.
«كۈل» دېگەن بۇ سۆزدە قايغۇ-ھەسرەت دېگەن مەنا بار. شېئىرنىڭ مۇھىم نوقتىسى ماگرىت بىلەن سۇرامىسنىڭ چېچىدا ئىپادىلىنىدۇ. سېلاننىڭ تەكىتلەۋاتقىنى باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى دەل ماگرىت بىلەن سۇرامىسنىڭ چېچىنىڭ قارمۇ-قارشى بولۇشىدىن ئىبارەت. شېئىردىكى ئۇنىڭ بىلەن ماسلىشىپ كەلگەن «ئۇ ۋە بىز» دىگەن سۆزلەرمۇ بۇ خىل چاچلارغا خۇرسىنغان. ئۇ يېزىپ «قاش قارايغان چاغ» دىگەن يەرگە كەلگەندە بۇ يەرنىڭ مەركىزىي لاگىردىكى ناتسېسلاردىن بولغان نازارەتچىلەر ئاۋاز چىقارغان. ئۇ دېگەن سۆزدە بىر جۈپ قورقۇنۇشلۇق كۆك كۆزلەر بىلەن بىر ئىرىقتىكى زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ رەزىل خاراكتېرى بار، بىراق بۇ شائىرنىڭ «سىزنىڭ ئالتۇن رەڭ چېچىڭىز ماگرىتنىڭكىدەك» دېگەن لىرىكىسىنى ئىپادىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. بۇ يەردە كىشىنى مەس قىلىدىغان رومانتىكىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ناتسېسلارچە ئىرقىي جەھەتتىن ئۆز ئۆزىگە چوقۇنۇش بار.
سېلان بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سەنئەت جەھەتتە يەھۇدىلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەغدىرىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ناتسېسلارنىڭ ماھىيىتىنى ئەيىپلىگەن ۋە ئاشكارىلىغان بولۇپ، چوڭقۇر زىلزىلە پەيدا قىلغان. شېئىرنىڭ ئاخىرىدا يەنە بەدىلىكى قارمۇ-قارشى بولغان مۇنداق نوقتىغا قايتىپ كەلگەن:
سىزنىڭ ئالتۇنرەڭ چېچىڭىز ماگرىتنىڭكىدەك
سىزنىڭ كۈلرەڭ چېچىڭىز سۇرامىسنىڭكىدەك
شېئىردىكى كۆرۈنۈشلەر بىر-بىرىگە ئالمىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئالتۇن رەڭلىك چاچ بىلەن كۈلرەڭ چاچلارنىڭ بىر-بىرىنى يورۇتىشى كىشىلەرگە مەلۇم خىلدىكى بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ياكى ئەسلىگە قايتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئەسلىتىدۇ. بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ چەك-چېگرىسى بىلەن قارىمۇ-قارشى بولۇپ تۇرۇشى تېخىمۇ كەسكىن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل يانمۇ-يان قاتار قويۇلغان مىسرا خۇددى بىر خىل قارشىلىق نەزەرىيىسىنىڭ شەكلىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ تەڭشىگىلى بولمايدىغان ئوقيانىڭ كىرىچى سۈپىتىدە بەدىلىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەن. بىراق شېئىرنىڭ ئاخىرقى مۇھىم نوقتىسى سىزنىڭ كۈلرەڭ چېچىڭىز سۇرامىسنىڭكىدەك دېگەن جۈملىگە مەركەزلەشكەن. سۇرامىس بېشىغا كۈلرەڭ يالغان چاچ كىيىۋالغان بولغاچقا، بۇ بارلىق نەرسىلەرنى ناتسېسلارنىڭ يوقىتالمايدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۈكۈت ئىچىدە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مەڭگۇ نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ.
بۇ ئەسەر «خەلق گېزىتى»نىڭ 2013-يىل 31-دىكابىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان : توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا
新和县人民银行买买提.吐拉甫
联系电话:09978122308,13565106388

奥斯维辛之后的死亡赋格
王家新
保罗•策兰(Paul Celan,1920—1970),20世纪下半叶以来在世界产生广泛影响的德语犹太诗人。评论家乔治•斯坦纳称策兰的诗为“德国诗歌(也许是现代欧洲)的最高峰”,哈佛大学教授、诗评家文德勒称策兰为“自叶芝以来最伟大的诗人”。现在,在世界范围内,他被公认为继里尔克之后最伟大的德语诗人。
 《死亡赋格》作为策兰的成名作,无论谈论策兰本人还是谈论战后欧洲诗歌,都是不可绕过的一首诗。它艺术地再现了纳粹集中营里犹太人的悲惨命运,展现出经历了至深苦难的人才有的在神面前的悲苦无告,被誉为是“二十世纪最不可磨灭的一首诗。”
 《死亡赋格》之所以成为一首“时代之诗”,还与二战后西方的思想处境、与西方知识分子所关注的问题密不可分。1949年,德国犹太裔哲学家阿多诺提出“奥斯维辛后仍然写诗是野蛮的,也是不可能的”。这不仅提出了战后西方艺术的可能性问题,更重要的,是第一次把“奥斯维辛”作为一个无法逾越的重大“障碍”提了出来。奥斯维辛本是波兰的一个小地方,纳粹德国曾在那里建立集中营,有上百万犹太人、吉卜赛人、波兰人、斯拉夫人在这里被杀害。它成为现代人类历史上最残酷、黑暗的一个谜,不仅作为大屠杀和种族灭绝的象征,也伴随着人们对一切现代社会异化形式的思索和批判。
 据传记材料,策兰这首诗1947年被译成罗马尼亚文初次发表时为《死亡探戈》,后被定为《死亡赋格》。这一改动意义重大,它不仅把集中营里的大屠杀与赋格音乐联系起来,而且把它与赋格艺术大师、德国文化的象征巴赫联系了起来,这在阅读上产生了一种惊世骇俗的作用。
 全诗的首句为“清晨的黑色牛奶我们傍晚喝”,它也是这首诗的核心意象。令人惊异的是“黑色牛奶”这个隐喻。说别的事物“黑”人们不吃惊,但说奶是黑的,这就令人惊骇。这不仅因为奶是洁白的,更重要的,奶是生命之源的象征。但在策兰的诗里,它却变成了黑色毒汁。人们读了不仅深受震惊,还不能不去追问。
 《死亡赋格》中最重要的对位即是“你的金色头发玛格丽特”与“你的灰色头发苏拉米斯”。玛格丽特,这不是一般的名字,是歌德《浮士德》中悲剧女主人公的名字,在许多德国人的心中,她都是完美的日耳曼女性的化身。苏拉米斯,也不是一般犹太女子名字,她在《圣经》和希伯来歌曲中多次出现,成为犹太民族的某种象征。需要注意的是,在原诗中,策兰不是用grau(灰色)来形容苏拉米斯的头发,而是用的aschen(灰,灰烬,遗骸)。这一下子使人们想到集中营里那冒着滚滚浓烟的焚尸炉,也使人想到格林童话中那位被继母驱使,终日与煤灰为伴的aschens(灰姑娘)。
  aschen这个词的运用,本身就含有极大悲痛。诗的重点也在于玛格丽特与苏拉米斯的“头发”。策兰要强调的不是别的,正是“你的金色头发”与“你的灰色头发”的对位。与此相对应,诗中的“他”和“我们”也都是在对这种头发进行“抒情”和感叹,“他写到当黄昏……”,这里的声音发出者是集中营的纳粹看管,“他”拥有一双可怕的蓝色眼睛和一个种族迫害狂的全部邪恶本性,但这并不妨碍他像诗人那样“抒情”——“你的金色头发呀玛格丽特”,这里不仅有令人肉麻的罗曼蒂克,还有着一种纳粹式的种族自我膜拜。
  策兰通过赋格的对位手法,不仅艺术再现了犹太人的悲惨命运,而且对纳粹的本质进行了控诉和暴露,具有深刻的震撼力。诗的最后,又回到了赋格艺术的对位性呈示:
  你的金色头发玛格丽特
  你的灰色头发苏拉米斯
  在诗中交替贯穿出现的,到最后并行呈现在我们眼前。这种金色头发与灰色头发的相互映照,使人似乎感到了某种“共存”甚或“重归言好”的可能,但也将这两者的界线和对峙更尖锐地呈现了出来。这种并置句法,正如有人用一种悖论的方式所表述,是“一个不调和的和弦”,它的艺术表现到了极限。
  但全诗最后的重心却落在了“你的灰色头发苏拉米斯”这一句上。苏拉米斯,戴着一头灰烬色头发的苏拉米斯,从此象征着纳粹所不可抹掉的一切,在沉默中永远显现在人们目前。
《 人民日报 》( 2013年12月31日   24 版)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-2 01:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-2 01:27:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسۋېسكىن؟
خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ!؟

ۋاقتى: 2014-2-2 20:01:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوستان ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن، بۇ تەرجىمىنىمۇ خېلى ياخشى ئىشلەپتۇ. ئەمما بىراز مەسىلە باردەك قىلىدۇ.
ئالدى بىلەن ماۋزۇغا قارىساق ئۇنىڭدا ئىككى خاتالىق كۆرۈلگەن: 奥斯维辛之后的死亡赋格  تەرجىمان بۇنى ئوسۋېسكىندا يېزىلغان «ھالاكەت گىردابى» ناملىق ئەسەر دېگەن. بۇنىڭدا ئىككى خاتالىق بار، بىرى ئوسۋېنتسىم دېگەن ئىسىم خاتا بولۇپ قالغان، ئىككىنچىسى مۇشۇ ئىسىمغا يوشۇرۇنغان مەنا ماۋزۇدا گەۋدىلىك ئەكىس ئەتكەن، يەنى بۇ يەردە  فاشىست گېرمانىيەسى پولشىنىڭ   ئوسۋېنتسىم شەھەرىدە قۇرغان جازا لاگىرى كۆزدە تۇتۇلغان. يەنە بىرى 死亡赋格  «ھالاكەت گىردابى» دەپ ئېلىنغان، مېنڭچە بۇدېگەندەك توغرا مەنا بەرمىگەن. چۈنكى 赋格 فۇگۋې كۈيى دېگەن گەپ، بۇ بارلوك دۋرىدە مەيدانغا كېلىپ، ئەۋج ئالغان بىر خىل مۇزىكا(كۈي) شەكلى.  مۇشۇ مەزمۇنغا قارىغندا ماۋزۇنى «ئوسۋېنتسىمدىن كېيىنكى ھالاكەتلىك كۈي» دېسەك مۇۋاپىق، ئەمما بۇ ئەسەر دەسلەپ 死亡探戈  يەنى «ھالاكەلىك تانگو» دېيىلگەن كېيىن 死亡赋格 غا ئۆزگەرتىلگەن. ئەسەردە يەنە فۇگۋې كۈي ئۇستىسى باخمۇ تىلغا ئېلىنغان، شۇڭا بۇ يەردە يەنىلا «ھالاكەتلىك فۇگۋې كۈيى» دېگىنىمىز تۈزۈك.
تەرجىمان يەنە بىر نەچچە يەردە ئىسىملارنى خاتا تەرجىمە قىپتۇ(خاتا كۆرۈۋالغانلىرىمۇ بار)، بۇنى كونكېرت دەپ يۈرمەي.
ئاۋۇ 死亡探戈 نى «ھالاكەت جاسۇسى» دەپ ئالغان،  بۇنىڭدا نېمە كۆزدە كۆزدە تۇتۇلدى بىزگە نامەلۇم.
清晨的黑色牛奶我们傍晚喝 بۇنى سەھەردىكى قارا رەڭلىك كالىنىڭ سۈتىنى كەچتە ئىچىمىز دېگەن، ئەمما مېنىڭ چۈشىنىشىمدە كالىنىڭ قاپقارا سۈتىنى دېگەن مەنىدە بولىشى كېرەك.
核心意象  نى يادرولۇق كۆرۈنۈش دەپ ئالغان مېنىڭچە يادرولۇق ئىماگى بولىشى كېركمىكىن؟
还不能不去追问 بۇنى سۈرۈشتۈرەلمەي قالىدۇ، دېگەن، ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرۈشتۈرمەي قالمايدۇ، سۈرۈشتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ دېگەن گەپ.
يەنە قالغان تەرەپلەرنى تەرجىمان يەنىمۇ سېلىشتۇرۇپ، مەزمۇنىنى ياخشى چۈشىنىپ قايتا ئىشلەپ باقسا.
يۇقارقىلار ئۆزۈمنىڭ شەخسەن قارىشىم، ئوخشىمايدىغان قاراشلار بولسا پىكىرلەشسەك بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Arghu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-2 20:04  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-10 11:06:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
urghu  ئەپەندىم مەن بۇ تەرجىمە ئەسىرىمدىكى قارا كالىنىڭ سۈتى ئەمەس، بەلكى كالىنىڭ قارا سۈتى ئىكەنلىكىنى ئەسەرنى يوللاپ بولۇپلا ھېس قىلغانتىم، بىراق باشقا جايدىكى تەرجىمە خاتالىقىنى ھېس قىلماپتىمەن، سىزنىڭ بۇ تېمىنى ئاستايىدىل كۆرگەنلىكىڭىزگە، ھەم ماڭا تەرجىمە جەھەتتە ياردەم قىلغانلىقىڭىزغارەھمەت.
مەن ناھىيەدىكى ئويغۇر مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىم، ھەم دېھقان بالىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن خەنزۇچىدە مەخسۇس تەربىيىلەنمىگەچكە، ئۆزۈمنىڭ خەنزۇ تىلىغا بولغان قىزىقىشىمنى پەقەت خىزمەت داۋامىدىلا يېتىلدۈرىۋالغان ئىدىم. شۇڭا تەرجىمە جەھەتتىكى خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن سىزگە ئوخشاش ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ-پىكرىنى قوبۇل قىلىمەن ھەم بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمەن.

ۋاقتى: 2014-2-10 11:23:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-2-2 01:27
ئوسۋېسكىن؟
خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ!؟

  راست خاتا بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «يورۇق دۇنيادىكى دوزاق!» دېگەن قورقۇنچلۇق نامى بىلەن «مەشھۇر» بولغان بۇ جاينىڭ نامى «ئوسۋىتسىم» دېيىلەمدىكىن؟
    مەنبە:  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ زۆرۈر دەرسلىك 5-قىسىم، 9. «ئوسۋىتسىمدا خەۋەر قىلغۇدەك ھېچنېمە يوق»(روسسېنتار)

ۋاقتى: 2014-2-10 11:46:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسۋېسكىن ــ پولشادىكى بىر كىچك جاي بولۇپ، ناتسېس گېرمانىيەسى ئۇ يەردە مەرگىزىي لاگىر قۇرۇپ، نەچچە مىليون ھىندىئانلار، سىگانلار، پولەكلەر، سلاۋيانلارنى شۇ يەردە قىرغىن قىلغان. ئۇ ھازىرقى زامان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ شەپقەتسىز ۋە زۇلمەتلىك سىر بولۇپ، چوڭ قىزغىنچىلىق ۋە ئىرقىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتقانلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ ھازىرقى زامان جەمىيىتىدىكى ياتلىشىش شەكلىگە ئەگىشىپ قىلغان مۇلاھىزىسى ۋە تەنقىدى ھېساپلىنىدۇ.
___________________________________
犹太人 نى نېمىشقا ھىدىئانلار دەپ تەرجىمە قىلغانسىز؟

ۋاقتى: 2014-2-10 11:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەركىزىي لاگىر ئەمەس، يىغىۋېلىش لاگىرى، ئىرقىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتقانلىقنىڭ ئەمەس ئىرقىي يوقىتىشنىڭ.

ۋاقتى: 2014-2-10 14:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوستان ئەپەندى، مەنمۇ خەنزۇ تىلدا ئوقۇمىغان، تەرجىمىدە دۋاملىق ئىزدىنىپ، ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بىرلىكتە ئۆگىنەيلى.
مېنىڭ ئىسمىم ئۇرغۇ(urghu) ئەمەس، بەلكى ئارغۇ(Arghu).

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-10 19:04:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Arghu ئەپەندىم، مەن Arghu دىگەننى urghu دەپ كۆرۈپ قاپتىمەن، كەچۈرۈڭ.
سىزنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئوقۇمايمۇ شۇنچىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىڭىزگە مەن ھەقىقەتەن قايىلمەن.
مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، مەن شەخسەن ئۆزۈمنىلا كۆزدە تۇتۇپ خەنزۇ تىلىدا تەربىلەنمىگەچكە خەنزۇچە تەرجىمىدە سەۋىيەم خېلىلا كەم، دىمەكچى ئىدىم. خاتا چۈشىنىپ قالمىغايسىز.
دىگىنىڭىزدەك، تەرجىمىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا مەن داۋاملىق تىرىشىمەن، ھەم سىزدىن تەلىم ئېلىپ تۇرىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-11 16:02:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمان ــ قەلەمكەش ئۇستازلىرىمنىڭ ياردەم بىرىشى بىلەن، «ئوسۋېسكىندا يېزىلغان «ھالاكەت گىرداۋى» ناملىق ئەسەر» دىگەن تەرجىمە ئەسىرىمنى «ئوسۋېنتسىمدىن كېيىنكى «ھالاكەتلىك كۈي» ناملىق ئەسەر» گە ئۆزگەرتىپ، ئەسەرنىڭ ئىچىدىكى خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قالغان بىرقانچە يەرنى تۈزۈتۈپ، تۈنۈگۈن يەنە قايتا يوللىۋەتتىم، خەۋەردار بولغايسىلەر

ۋاقتى: 2014-2-11 17:45:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستايىدىل ۋە كەمتەرلىكىڭىزگە ئاپىرىن، قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش