يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 1

ئازىق تەرجىمىسى: تايلاند تۈرمىسىدە ئۆتكەن 13 يىللىق ھاياتىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇنتېجاۋ


تايلاند تۈرمىسىدە ئۆتكەن 13 يىللىق ھاياتىم توغرىسدا




تايلاند بىر خىلسىرلىق مەملىكەت. بۇ مەملىكەت ئېھتىمال، ھېندى ئوكياننى مەركەز قىلغان بىر تالايكىچىك مەملىكەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق بىر رايوننى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۈمكىن.ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا «تايلاندقا بېرىپ كېلىش ئايغا چىققاندىنمۇ قېيىن»دەپتەمسىللەر قالدۇرۇلغان. ھېندى ئوكيان رايونىنىڭ تەبئىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن«نەنخەي دېڭىزى رايونى » ۋە «ئاندامان دېڭىزى رايونى» دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپكەتكەنلىكى بىزگە ئايان. تولۇق ئاستىرونومىيلىك بېلىم بىلەن قوراللانغان ئادەم بۇئىككى رايوننىڭ سىرىنى بىلىپ كېتەلەيدۇ. بۇ ماقالىدىكى ۋەقەلىك1955-يىلدىن1968-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە تايلاندنىڭ چېگرىدىكى شەھىرى چىڭمەيشەھرىدە يۈز بەرگەن.

                                                    ـــــــ مۇھەرىردىن





ئېنقىلاۋىقۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان جۇڭخۇا تۇپرىقى ئۇزاق تارىخىتەرەققىيات مۇساپىسگە ئىگە. بىر ئادەم مەيلى ھەققانى ئۇرۇش قىلسۇن ياكى ناھەقئۇرۇش قىلسۇن ئۆزىنىڭ ئىختىيارى ، ئۇنىڭ قانداق خاراكتېرلىك ئۇرۇشنى قىلىشىغاتوسقۇنلۇق قىلىش خاتا. ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنىلا تەكىتلەپ، يېزائىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا سەل قاراش، ئەسكەرلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدىكىئامىللارنى  چەتكە قېقىش بىزنىڭ كونادەۋىردىكى مۇھىم سەۋەنلىكلىرىمىز ھېسابلىندۇ. بىر ۋەتەنپەرۋەر ئەسكەرنىڭ مەجبۇرىيىتىمۇدۇنيا تېنىچلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. جوگگۇ كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ تۇنجىقېتىملىق قۇرۇلتىيىدىن  تارتىپ شىمالغايۈرۈش قىلىش ئۇرۇشگىچە ،«18-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كەڭ كۆلەملىك ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغانغاقەدەر بىز بىر قىسىم خاتا يولدىكى ئوفېتسىرلارنىڭ قىلمىشىنىڭ قۇربانى بولۇپكەتتۇق، خالاس. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان مەرھۇم دادامنىڭ ئىزباسارى سۈپىتىدە مەنمۇ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش باشلانغان ۋاقىتتا بىر ئۆسمۈر ئەسكەرئىدىم. سۈن جۈڭشەننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، سابىق خۇاڭپۇ ئوفېتسېرلار مەكتىۋىنىڭئاخىرقى قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتى بىلەن ئالدىنقىسەپكە ئاتلاندۇق. جىياڭ جېيېشى، خې يىڭچىن، ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىق قوماندانلار ئۇرۇشنېشانىنى يۆتكىگەندىن كېيىن، ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى خۇاڭپۇ ئوفېتسىرلىرى ئۆزئالدىمىزغا ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ئېلىپ باردۇق. يۈننەن، گۇاڭشى چېگرىسدىكى ئۇرۇشبىزنى ھېندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشۇشپۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
1951-يىلى چاۋشىيەنئۇرۇشى باشلاندى. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇش ھارپىسىدا سابىق نەنجىڭ ئامانلىق قوغداشباشقارمىسىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن قىسىم ئىلگىرىكى يېڭى 4-ئارمىينىڭ مەركىزىدېۋىزىيىسى بىلەن بىرلىكتە «2-دۇنيا ئۇرۇشدىن كېيىنكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئۇرۇش» دەپتەرىپلەنگەن چاۋشىيەن ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمسىنى باشلىدۇق.
1953-يىلى7-ئايدا چاۋشىيەنگە تاجاۋۇز قىلغان كېراك باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىملىرىقانلىق ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق چېكىندۈرۈلدى. بۇ ئىشلار جوڭگۇنىڭ يېقىنقى زامانتارىخىدىكى  ئىشلار ، ئەلۋەتتە. يېڭى جوڭگۇمانا شۇنداق دەھشەتلىك ئۇرۇشتا قۇربان بولغان سان-ساناقسىز ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرنىڭمۇبارەك جەسىدى ئۈستىگە قۇرۇلغان.
   جۇڭگۇ تارىخىدىكى تۈنجى دېھقانلار قوزغىلىڭىچىن شىخۇاڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدەغەربى يۇرتقا ئەۋەتىلگەن قوماندان خۇچۈيبىڭ ھونلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاخىرىقەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. ئۇنىڭ ئايالى خەن سۇلالىسگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنىئىپادىلەش ئۈچۈن زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالدى. جۇ، شاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە خۇاڭخى ۋادىسىبىلەنلا چەكلىنىپ قالغان  جوڭگۇ تېرىتورىيسىيۈەن سۇلالىسنىڭ قۇرغۇچسى  قۇبلاينىڭ دەۋرىدەبۈگۈنكى جوڭگۇ تېرىتورىيىسى بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كەلدى. شۇنىڭدىن بۇيانقى1000يىللىق تارىخى جەرياندا ھەر مىللەت ئوغول-قىزلىرى تارىخ بېتىگە ئۆزلىرىنىڭشەرەپلىك ئىسمىنى خاتىرە قىلىپ قالدۇردى. 1905-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلاۋى چىرىكچىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنى  قۇرۇپ چىقتى. خۇاڭپۇ ئوفېتسىرلار مەكتىۋىنىڭسان-ساناقسىز ئوفېتسىرلىرى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مۇھىم رولئوينىدى. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپۇنىيە ساماۋى پادىشاھى شەرتسىز تەسلىمبولغانلىقىنى جاكارلىدى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. جوڭگۇ ۋە خوشنامەملىكەتلەر  زېمىنى تاجاۋۇزچىلاردىن خالىبولدى. خەلق ئازاتلىق ئۇرۇشنىڭ غەلبىسنى قولغا كەلتۇرگەن ئوفېتسىر-ئەسكەرلەردىنكېيىنكى ئۆمرىنى چەتئەلدە ئۆتكۈزۈشنى ئىختىيار قىلغانلىرى خىلمۇ-خىل مەملىكەتلەرگە چىقىپ كەتتى. دۇنيانىڭتىنىچلىق مەقسىدى ئەمەلگە ئاشتى، ئەمدى«تەرەققىيات» تىن ئىبارەت مۇھىم نىشانئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن مەنمۇ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن قىسىمئوفېتسىرى سۈپىتىدە 1949-يىلىدىن ئېتىبارەن دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىكىدە مۇھىمۋەزىپىگە تەيىنلەندىم. شىنجاڭ ، شىزاڭنى تىنىچ يول بىلەن ئازاد قىلىش يۈرۈشى ۋەچاۋشىيەن ئۇرۇشى دەۋرىدە دۇنيا تىنىچلىقى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشتۇم.1953-يىلى چاۋشىيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا ، مەن روس تىلى سەۋىيەمنىڭئۈستۈنلىكى ۋە كونا خۇاڭپۇ ئوفېتسىرلىرىنىڭ ئارىسدا ھەربى ئۈنۋانىمنىڭ يۇقىرىلىغىسەۋەپلىك سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقىدىكى ۋىلادىۋوستوك شەھرىدە قۇرۇلغان ھەربىئارخىپ ئىدارىسدە مۇھىم خىزمەت قىلدىم. يولداش سىتالىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەينىۋاقىتتىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغان قىسىمغا تەۋە ئوفېتسىرلاردىن ئىختىيار قىلغانلىرىنىتاللىۋېلىپ 1955-يىلى كۈز پەسلىدە جوڭگۇ- لائۇس چېگرىسغا يېتىپ كەلدىم. بۇ ۋاقىتتابېرما دۆلىتى ئارقىلىق تەيۋەنگە ماڭغان گېنرال مازۇيچاڭنىڭ قىسمى ئۇقۇشماستىنبېرما ئارمىيسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ۋە نەزەر بەنىد ئاستىدا تۇرۋاتقان ئىدى.بىزنىڭ قىسىم ئوفېتسىرلىرى ئېلىپ ماڭغان شەخسى بايلىق ۋە قىممەتلىكئاسارە-ئەتىقىلەر لائۇستىن تايلاند چېگرىسغا ئۆتكىچىلا ئىككى يىل ھايالىشىپ قالدۇق. بىز تايلاندتىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق سېنگاپۇر ۋە ئاۋىستىرالىيە بىلەنتىلفۇن ئالاقىسى قىلدۇق. تايلاند چېگرىسغا كىرگەندىن كېيىن مۇھىت ۋە ئارالدۆلەتلىرىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بىلەن پىششىق تونۇشىۋالدۇق. بۇ جەريانداقىسىمىمىزدىكىئايرىم كۆز قاراشتىكى  ئوفېتسىرلارنىڭ تايلاندنوپۇسى ①توغرىسدىكى چۈشەنچىسى ئېنىقبولماي «تايلاندقا  تىرىك قالغان ياپونئالۋاستىلىرى يوشۇرىنىۋالغان  ئوخشايدۇ»دېگەن پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى . نەتىجىدە ، كۆپ ئۇرۇشلارنى بېشىدىنئۆتكۈزگەن بىزنىڭ قىسىم بىلەن تايلاند ئارمىيىسى ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.  بىزنىڭ قىسىمدىكى ئوفېستىرلار «تايلاندئارمىيىسىگە يەرلىك پۇقرالار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلخادىملىرى گۇۋاھلىق بەرسۇن» دەپ تۇرىۋېلىشتى .  تايلاندنىڭ چېگرا قوغداش قىسىمىدىكى  ئەسكەرلەر «سىلەر ھەقىقى ياپۇن ئالۋاستىسىئىكەنسىلەر»دەپ ئېتىراز بىلدۈردى . بىزمۇ «توغرا ، بىزنىڭ قىسىمدا ئالدىنقى بەشدەرىجىگە ماس كەلگۈدەك فاشىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى بار»دەپ ئېتراپ قىلدۇق . شۇنىڭبىلەن قىسمىمىزنىڭ ئون يىلغا سوزۇلغان مەھبۇسلۇق تۇرمۇشى باشلاندى .
2-دۇنيائۇرۇشىدىن كېيىنكى 20 يىل مابەينىدە خەلقىئارا خاراكتېرلىك ئۇرۇشلار قىسمەن يۈزبەردى . چاۋشىيەن ئۇرۇشى بۇ ئۇرۇشلارنىڭ مەركىزى نوقتىسى ھېساپلىنىدۇ. دەھشەتلىكئۇرۇش داۋامىدا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئۇرۇش غەلبىسىنىقولغا كەلتۈرگەن ئادەم ھەقىقىي ئەسكەر ھېساپلىنىدۇ . 30 يىللىق ئۇرۇش ھاياتىدامېنىڭدەك تەلەيلىك ئەسكەر ئاز كۆرۈلىدۇ . ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانۋاقىتتا زەمبىرەك ئوقى ، يىراق مۇساپىلىك كارابىن مىلتىق زەخمىسى ۋە زەھەرلىك گاززەربىسىدىن ئاران ئۆرە تۇرغىدەك مادارىم قالغان ئىدى . تايلاند تۈرمىسىدىكى ھاياتمېنىڭ پۈتۈن زېھنى-پىكىرىمنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى . مەن ئۆتكەن يىللاردىكى پائالىيەتلىرىمنى ئەسلەپ،ۋۇجۇدۇم پەخىرلىنەرلىك تۇيغۇغا تولۇپ كېتىدىغان ئوغۇل بالا ئىدىم ، ئەمدى قەلبىمنىئېغىر ئۆكۈنۈش ھېسسى ئىگەللىۋالدى . راستىنلا، ياپۇن باسقۇنچىلىرى دەۋرىدىكىدەكئۈمىتسىز كەيپىياتقا چۈشۈپ قالدىم . خەلقئارالىق چۈشەنچە ۋە دىنىي مەزمۇنلارئاساسىدا خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى ، تايلاند دۆلىتىنى پۈتۈنلەي خاتاچۈشىنىپتىمەن . شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى دەۋرىدە قېچىپ كەتكەن بىر نەچچەمىللىتارىستقا پاناھلىق بەرگىنىمۇ مۇشۇ تايلاند دۆلىتى ئىدى . ئەگەر مېنىڭدە سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ پەۋقۇلئاددە يول خېتى بولمىغىنىدا ، بۇلار مېنى تىرىكلا يەپ كېتەرئىكەن . سابىق نەنجىڭ ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفېتسىرلارنىڭئارىسىدا مۇستەھكەم دىنى ئېتقادقا ئىگە ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى . ئەمما ،تايلاندنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئارىسىدا مېنىڭ دىنى ئېتقادىمنى چۈشىنىدىغان بىرمۇئاەمنى ئۇچراتمىدىم . بەلكىم ، مۇشۇ سەۋەپ بۇ مەملىكەتتىكى قارا بوران ۋە تاغگۆمۈرۈلۈش ھادىسلىرىنىڭ مەركىزى سەۋەبى بولسا كېرەك . مېنىڭدەك شاۋلىنئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبلىرىغا خاس مېجەزلىك پىرقە دۆلەت ئوفېستىرى تايلاندتىكى قەدەمدەبىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ، يىرگىنىچلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەملەرگە قاراشبىلەنلا رەڭگىم ئۆڭۈپ ، يۈرىگىم سىقىلىدىغان بولۇپ قالدىم . مەن تۈرمە خادىمىنىڭكۈچلۈك نازارىتى ئاستىدا قوياش نۇرىنىڭ بىر سىكۇنت ۋاقىتقا مۇجەسسەملەنگەنزېرىكىشلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈپ يۈرەتتىم . 1964-يىلىغا قەدەم قويغاندا، تايلاندنىڭھاۋاسى بارغانسېرى يامانلاشتى . ھېندى ئوكياننىڭ قورقۇنچلىق مەنزىرىسىدىن بەزىدەنەپەس ئالالماي قالاتتىم . تەدرىجى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن شەمشاد دەرىخى ئورمىنى ،يىلسېرى چوڭقۇرلىشىپ كېتىۋاتقان زەي ئېتىزلار بۇ مەملىكەتنىڭ قەدىمكى كىرورەنشەھىرىگە ئوخشاش قۇم ئاستىدا قىلىش خەۋپىدىن دېرەك بېرەتتى . بىز بۇيەردە ئۆلۈپقالساق بولمايتتى . ئايرىم ئوفېتسىرلار «بۇ دۆلەتنىڭ باشلىغى يوقمىدۇ» دەپ ئويلاپقېلىشتى . مەنمۇ ئايرىم دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا مەسئۇل تايلاند ساقچىسىنى ئىزلەپ «ئەجەپبولدۇم –ھە، مەن؟ بىر پىيالە لاۋۇلداپ تۇرغان شاراپنى ئوتلىۋالدىم-ھە.»دېگەندەكيەرلىك سۆزلەرنى يادلاپ تۇيۇقسىز يالتىيىپ تۇرۇپ قالدىم . دېمەك ، دىنى ئېتقادئوخشىماسلىغى دېگەن باشقا گەپ ئىدى . ئاخىرى بىر كۈنى پايتەخت بانكوكتىكى يۇقىرىدەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىز تۇرغان تۈرمىگە قەھرى-غەزەپ بىلەن باستۇرۇپ كېلىشتى . ئۇلارنىڭھېندى ئوكياندا دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن ئۇرۇشقانلىغى ھەم ئارمىيىدىن ناھايىتى كۆپئادەمنىڭ چىقىم بولغانلىغىنى كېيىن ئۇقتۇم . دېگەندەك، تايلاندنىڭ لائۇسچېگرىسىدىكى قىسمىدىن يۇشۇرۇنۇپ يۈرگەن ياپۇنىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى تەكشۈرۈپچىقىلدى ۋە مۇۋاپىق جازاغا تارتىلدى . بۇ ئىش ئارقىلىق تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭقىسىمغا بولغان نازارەتچىلىكى ئاخىرلاشتى . بىزمۇ 1966-يىلىدىن ئېتىبارەن ئەركىنئادەم سۈپىتىدە تايلاند زېمىنىدا بوز يەر ئاچتۇق ، ئايرودرۇم ۋە خەلقئارالىقشىركەتلەردە ۋەزىپىگە تەيىنلەندۇق . ئەسلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭشەرقى جەنوبى ئاسىيادىكى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى چاۋشىيەن ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنياۋىئىقتىسادى كىرىزىس يۈز بېرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، يەر شارى مىقياسىداقەغەز پۇل ئوبوروتىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن . ئەلبەتتە ، بىزنىڭ شەخسى ھېساباتىمىزۋە رايۇن تەۋەلىكىمىز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ . چۈنكى، شەخسەن ئۆزۈمئاۋىستىرالىيە ياكى سېنگاپوردا قىينىلىپ قالماسلىغىم ئۈچۈن خېلى كۆپ مىقداردىكىئالتۇن-كۆمۈشنى ئېلىپ ماڭغان ئىدىم . بۇ بايلىقلارنى مەن ھېچكىمدىن بۇلىۋالمىغان ،بوۋام تېجارەت داۋامىدا توپلىغان، مەن تېخىدىنمۇ كۆپەيتكەن بايلىق  ئىدى. نەنجىڭ شەھرىدىكى زەرگەرچىلىك دۇكىنىنىڭخوجايىنلىرى ، گۆھەر پۇرۇشلار بۇ بايلىقنى چاقچاق قىلىپ « ئاگېررا جاۋاھىراتلىرى»  ②دەپ ئاتىشاتتى. دېمەك، بۇ بايلىق 2-دۇنيا ئۇرۇشدىن كېيىنكى خەلقئارالىقپۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە خېلى كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدىكەن . بۇ نۇقتىنى مەن1954-يىلىمۇ چۈشەنگەن ئىدىم. 1967-يىلى كۈز پەسلىدە ، بىز بۇ دۆلەتكە ئارتۇقچە يۈكبولۇپ قالماسلىق مەقسىدىدە  جىددى  سەپەر قىلىش تەييارلىغىغا كىرىشتۇق ۋە بىريىلدىن كېيىن ئاۋىستىرالىينىڭ سېدنىي شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق.
  تايلاندتا ئۆتكەن ھاياتىمنى ئويلىسام، زىيانلىقتەرىپدىن پايدىلىق تەرىپى كۆپ ئىكەنلىكنى ھېس قىلىمەن. مېنىڭ شەخسى بايلىغىم كۆپبولغانلىقتىن، بانكوك ئەمەلدارلىرى مېنىڭ ئاۋىستىرالىيىگە  كېتىشىمگە ئالدىراپ  رۇخسەت قىلىشمىدى. گەرچە، تايلاندنىڭ شۇدەۋىردىكى  ئالىي دەرىجىلىك تەمىناتىدىنبەھرىمەن بولساممۇ ، تايلاند دۆلىتىدىكى تۈرلۈك تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتقابەرداشلىق بېرەلمىدىم. بۇنىڭدىن مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭمېنىڭدەك سابىق نەنجىڭ ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن ئوفېتسىرغا گۇمان نەزىرىبىلەن قاراۋاتقانلىغىنى چۈشىنىپ قالدىم. چۈنكى، مەن ئاۋىستىرالىيىگە بېرىپ ،ئۇلارنىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسام، تايلاند دۆلىتىنىڭ جاۋاپكارلىغىسۈرۈشتۈرىلەتتى. مۇھىمى، ئىككى ئوغلۇم ۋە بىر قىزىمنىڭ - ئايالىم بالدۇرلا قۇربانبولغان ئىدى- ئېنگىلىزتىلىنى پىششىق ئۈگىنىشىمىز، چەتئەل زېمىنىدا بىر ئېغىزمۇ جوڭگۇچەسۆزلىمەسلىكىمىز شەرت ئىدى. بانكوك ئەمەلدارلىرى تەكىتلەپ «ئاۋىستىرالىيە بەلكىمپۇل خەجلىمەيدىغان يەر بولۇشىمۇ مۇمكىن» دېگەن ئىدى . 25 يىللىق خەلق ئازادلىقئۇرۇشى ۋە ئون نەچچە يىللىق نازارەت ئاستىدا ئۆتكەن ھايات بىزنى تولىمۇ چارچىتىۋەتتى.بىزگە ھەتتا جوڭگۇ ۋە چاۋشىيەندىكى قىزغىنلىقى تولۇپ-تاشقان ئۆسمۈرلەرنىڭ قېقاس-سۈرەنلىرىمۇياقمايتتى. ئەقىللىك ئادەم دەھشەتلىك ئۇرۇش قاينىمىدىن تىرىك يېنىپ چىقىدۇ.ئاۋىستىرالىيىدە قەبرە تېشىمنى قاتۇرۇش، لۇگۇچىياۋ كۆۋرۈكى ۋەقەسىدە قۇربان بولغانسەپداشلىرىمغا مەقبەرە تىكلەش ئويۇم كۈچلۈك ئىدى. تايلاندتا ئۆلۈپ قالساممۇ بىرنېمە دەپ بولمايدۇ. چۈنكى ، تۈرمىگە تەسلىم بولمىغان باندىتلار ھەر ۋاقىت ھوجۇمقوزغاش ئېھتىمالى بار ئىدى. مەن نېمە ئۈچۈن ئۆلمىگۈدەكمەن؟ بىز لائۇس چېگرىسدىنئاق بايراق كۆتۈرۈپ ئۆتكەن رايون تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللارنىسىناق قىلىدىغان بازىسى ئىدى. تايلاند ھۆكۈمىتى دېڭىز چېگرىسدىكى دۈشمەنلىرى بىلەنقانلىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىدى. ئەنگىلىيە-فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 100يىللىقئۇرۇشنىڭ ئىزنالىرى بۇ دۆلەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ قىسىم تايلاند ھۆكۈمەتئارمىيسى بىلەن تايلاند دۈشمەنلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا قالغان ئىدى، بىزنىڭ ھاياتىمىزقاش بىلەن كىرپىك ئارىسدا قالدى.
  تايلاند دۆلىتى ھېندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭمەركىزى قىسمىغا جايلاشقان، كەڭرى دېڭىز چېگرىسى بار، ئىستىراتېگىيلىك ئورنىچاۋشىيەندىنمۇ مۇھىم دۆلەت. چاۋشىيەن ئۇرۇشىدا بىزنىڭ پېدائىيلار  ئارمىيىمىز چاۋشىيەن خەلقىنىڭ قىزغىن قارشىئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ياپۇن ئالۋاستىلىرىنىئىزلەۋاتقانلىغى سەۋەپلىك بىزگە بولغان مۇئامىلىسى ئىللىق بولمىدى. بىزمۇ نازارەتئاستىدا تۇرغان يىللاردا يامان خاراكتېرلىك ئىش- پائالىيەتلەر بىلەنشۇغۇللانمىدۇق. لېكىن، 13 يىل ئاۋىستىرالىيىگە كېتىشنىڭ غېمىدا تۈزۈكرەكمۇ ئارامئالالمىدۇق. بۇ ئەرزىمەس ئىش خالاس. مۇھىمى ، شۇ يىللاردا جىسمانىي ئەمگەك ۋەياخشى ئەسكەر، ئېسىل مۇھاجىرلارنىڭ خىسلىتى توغرىسدا قىممەتلىك چۈشەنچىگەئېرىشتۇق. مەن بۇ 13يىللىق ھاياتىمدا ئەقلى ئەمگەك ئورنىغا جىسمانىي ئەمگەكنى،مېھىر-مۇھەببەت ھېسىياتى ئورنىغا نەپرەت ھېسياتىنى ئالماشتۇرالىدىم. ئېنسان ھېسىياتىنىڭمۇرەككەپلىكى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيتى توغرىسدا قىممەتلىك تۇنۇشقا ئېرىشتىم،مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىر غەلىبە ھېسابلىندۇ.   
                                                                  (تۈگدى)

ئىزاھات:
①           تايلاند نوپۇسى ـــ تىروپىك بەلباغقا جايلاشقان مەملىكەتلەرنىڭ ئوخشاشكوردېنات رايونىدىكى ئوخشاش ئىسىملىك ئادەملەر نىسبىتىنى كۆرسىتدۇ.
②           ئاگېررا جاۋاھىراتلىرى ــ ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرى ھېندىستاندىن بۇلاپ كەتكەنقەدىمى بايلىق بولۇپ، تۆۋەندىكى گۆھەرلەردىن تەركىپ تاپقان:  
«چوڭماگېر» دەپ ئاتىلىدىغان، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئالماس، 196 دانەئەڭ ياخشى ئالماس، 90دانە ئالى دەرىجىلىك ئالماس، 3دانە قىزىل ئالماستىن كۆزقويۇلغان خىرۇستال زەنجىر، «مۈشۈك كۆز» ناملىق ئالماس، 300دانە ئەڭ ياخشىمەرۋايىت، 12دانە باھاسىز ئالماس ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن چوكا، زۇمرەت، تۈركىيە قاشتېشى،40دانە تېپىلغۇسىز ئالماس، ياقۇت ، ھېقىق، روشىك تېشى، قۇمتاش، كافۇر تېشى،بىللۇر، زەبەر جەنىد، چىك-چىك تېشى، پارىغ تېشى، مۇستەھەپ تېشى ۋە ئېنسان تېشىقاتارلىق گۆھەرلەر، جوڭگۇ خەلقى «70كونا تاش» دەپ ئاتايدىغان رەڭلىك ئالماسلاردىنئىبارەت.

(ماقالىنى ئاتۇش شەھەر كۆيۈكتاغ ئۇنۋىرسال مۇلازىمەت سۇپىسى تەييارلىدى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-1 01:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-4 23:48:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش