يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 556|ئىنكاس: 0

مۇھەممەد تۇراپ (ت): تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش
لىن چىڭشا (شاڭگاڭ)
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
روسىيەدىكى پۇشكىن مۇزېيىدا دۇنيا بۇيىچە كەم ئۇچرايدىغان نۇرغۇن داڭلىق رەسىملەر يىغىپ ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئاڭلىشىمچە  ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى رەسساملار نام چىقىرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن بايلار بۇ رەسىملەرنى سېتىۋالغان ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە پىكاسسو، فانگوۋ، سېزان، ماتىس، لېنوئا، مونېت، گاۋگېن قاتارلىق رەسساملار رەسساملىق كەسپىدىكى جاڭ مۇئەللىمنى ھەيران قالدۇرغان. جاڭ مۇئەللىم رەسساملارنىڭ ھاياتى ھەققىدە، رەسىملەرنىڭ ئىچىدىكى شەخسلەر ھەققىدە ۋە بۇ شەخسلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگى، ھەمدە رەسساملارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتى ھەققىدە دەرس سۆزلىگەن بولۇپ، ھەر بىر پارچە رەسىمدە ئۆزىگە تۇشلۇق ھېكايە بار ئىكەن.
مەن ئەڭ ھوزۇرلانغان بىر پارچە رەسىم بار بولۇپ، ئۇ پىكاسسو سىزغان بىر ئەرنىڭ رەسىمىدىن ئىبارەت، بۇ رەسىم 1901-يىلى سىزىلغان بولۇپ، بۇ مەزگىل ـــ دەل ئۇنىڭ كۆك رەڭدە رەسىم سىزىدىغان مەزگىلى ئىكەن. رەسىمدىكى كۆك رەڭلىك مەنزىرىنىڭ ئالدىدا ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك ئۆرە ياقىلىق پەلتو كىيگەن بىر ئەر تۇرغان بولۇپ، سول قولىىنى ئوڭ قولىغا تىرەپ چوڭ پىۋا رومكىسىنى تۇتقان، ئىككى تەرىپىدىكى چېچى قۇلۇقىغا چۈشۈپ تۇرغان، ياداڭغۇ يۈزىدىكى ئىككى شەمشەرسىمان قېشى، ئىنچىكە ئۇزۇن ئۇچلۇق بۇرنى، كۆتۈرۈلگەن كالپۇكى، ئىڭىكى ۋە ئۇنىڭ غەمكىن كۆزى مېنىڭ نەزىرىمنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى. رەسىمدىكى ئەر بىلەن پىكاسسو ئەڭ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، رەسىمدىكى ئەر  يازغۇچى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىككەيلەن پارىژدا نامراتلىقتىن مىسكىنلىشىپ كەتكەن، ئىككىسى بىر قىزنى تەڭ ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ قىز پىكاسسو بىلەن تۇرمۇش قۇرغان، بىراق يازغۇچى ياش تۇرۇپلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.
پۇشكىننىڭ ھېكايىسى كىشىنىڭ يۈرىكىنى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، ئۇ روسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق يازغۇچىسى ۋە ئۇلۇغ شائىرى بولۇپ، 1799-يىلى تۇغۇلۇپ 1837-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. پۇشكىننىڭ خانىمى داڭلىق ساھىبجامال بولۇپ، بىر ئوپېتسېر ئۇنى قوغلاشقان. پۇشكىن ئوپېتسېر بىلەن دۇئېلغا چۈشكەن. دۇئېلغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى پۇشكىن قەھۋەخانىدا قەھۋە ئىچكەن، ئۇنىڭ ياخشى دوستلىرى ئۇنىڭغا دۇئىلغا بارماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغان. ئۇ ئەشۇ قەھۋەنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن قورالنى ئېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كەتكەن. نەتىجىدە پۇشكىنغا ئوق تىگىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئالەمدىن  ئۆتكەن. ئۇ قەھۋەخانا سانتپېتىربۇرگدا بولۇپ، بىز ئۇ يەردە چۈشلۈك تاماق يىدۇق، ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن ئوڭ قول تەرەپتە پۇشكىننىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىشلەتكەن قورال ئەشۇ يەرگە قۇيۇپ قۇيۇلغان ئىكەن.
بىز روسىيەدە نۇرغۇن ھەشەمەتلىك خانسارايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، نۇرغۇن سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە داڭلىق رەسىملەردىن ھوزۇرلاندۇق، پۈتكۈل كىشىلەر سەنئەت كەيپىياتىغا چۆمگەن ئىدى.
ئەشۇ ئاخشىمى بىز ئالىكساندىر تىياتىرخانىسىدا بالىت ئۇسۇلىدىن ھوزۇرلاندۇق. مەن بۇ چوڭ تىياتىرخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئوڭ  قولنى بويلاپ ئازادە كۈلرەڭ مەرمەرتاش پەلەمپەيدىن يۇقۇرىغا قارىغىنىمدا، تۇيۇقسىز سالاپەتلىك بىر ئەرنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ئۇچىسىغا قارا كاستىيوم، ئىچىگە قاردەك ئاپئاق كۆينەك كىيگەن بولۇپ، ئۇرۇق گەۋدىسى بىلەن ئەشۇ يەردە ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ قۇلىقىغا چۈشۈپ تۇرغان قاپقارا ئۆرۈمە چېچى يۈزىنىڭ بىر قىسمىنى يېپىۋالغان ئىدى. تۆۋەنگە ساڭگىلىغان قىسقا ساقىلى بار بولۇپ، تۇرقىدىن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكى بىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ سېپى ئۆزىدىن بىر سەنئەتكار ئىكەن. مەن دوستۇمغا چاقچاق قىلىپ: ـــ قاراڭ، ئۈستىدە داڭلىق ئەدىپ ئولتۇرىدۇ، دېدىم.
مەن ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سەھنىنىڭ ئالدى يۆنىلىشىدىن مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن نۇرغۇن سۇئال بەلگىسى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ يان يولدا دوستى بىلەن چاقچاقلىشىپ تۇرغان بولۇپ، تەققى-تۇرقى تەبىئىي ئىدى، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. مەن يان تېلېفۇنۇمنى ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي بىر قانچە كۇنۇپكىنى بېسىۋەتتىم.
ئۇسسۇللۇق تىياتىرخانىدىكى دەم ئېلىش ئارلىقىدا، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، «مەن سىزگە چوقۇنۇپ قالدىم»، دىگەن بىر جۈملە سۆزنى قىلدىم، ئۇ كۈلۈپ تۇراتتى. ئەسلىدە ئۇ فىرانسىيەلىك بولۇپ، فىرانسىيە تېلىۋىزىيە خەۋەرلىرى ئىستانىسىدا ئىشلەيدىكەن. مەن بايا تارتقان سۈرەتنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم، ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم، ئۇ ئەدەپلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرماقچى بولغاندا مەن ئالدىراپ-تېنەپ ئۇنى توسۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈۋالدىم.
تىياتىر تۈگىگەندىن كېيىن مەن ئۇ ئولتۇرغان ئورۇندىن ئۆتۈپ، يان يولدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن بىر قانچە دوستلارنىڭ ماڭا قاراپ كۈلگەنلىكىنى، ھەم ماڭا چوقۇنغۇچۇمنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ئۇلارنىڭ مېنى چوقۇنغۇچۇم بىلەن سالاملىشىپ قۇيۇشۇمغا، ھەم قول ئېلىشىپ خوشلىشىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمغا بەرگەن بىشارىتى ئىكەن.
مەن تىياتىرخانىغا كىرىپ چوقۇنغۇچۇمنى كۆرگەندە ئۇ يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ سەھنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە قولتۇقىغا بىر تال ھاسا قۇيۇۋالغان بولۇپ، ھەر بىر قېتىم ئالدىغا بىر قەدەم ماڭغاندا بىر پۇتىنىڭ ئالدىغا سۈرۈلىدىغانلىقىنى، يېنىغا بىر قەدەم ماڭغاندا يەنە بىر پۇتىنىڭ يەنە ئالدىغا سۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ ھەر بىر قەدەمنى ناھايىتى تەستە ماڭىدىغانلىقىغا ھەيران قالدىم. ئەمما ئۇ شۇنداق خاتىرجەم، شۇنداق ئۈمىتۋار، شۇنداق ئەركىن ئىدى. مەن ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ «ئۇ غەمخورلۇققا مۇھتاج ئەمەس» دەپ قارىغانلىقىدىن ھەيران قالدىم.
مېنىڭ پەيدا بولۇشۇم ـــ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا تەسەددىبى خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ ماڭا خۇشاللىق ئۇرۇقىنى چاچتى. 2013-يىلىدىكى روسىيەگە قىلغان مەدەنىيەت سەپىرىمدە تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان بۇ ئۈچ ئەر مېنى بەك ھاياجانلاندۇردى.
بۇ ئەسەرنى «نۇر  گېزىتى» نىڭ 2013-يىلى 22-نۇيابىردىكى سانىدىن مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمە قىلدى.

تەرجىمان : توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا
新和县人民银行买买提.吐拉甫
联系电话:09978122308,13565106388

邂逅
林青霞 (香港)
    俄罗斯的普希金博物馆,收藏了许多世界上难得一见的名画,听说是十月革命前,许多富豪在画家出名以前买的。其中有毕加索、梵高、塞尚、马蒂斯、雷诺阿、莫奈、高更,稀罕得让同行的蒋勋老师啧啧称奇。蒋老师讲画家的生平,讲画里的人物,讲画好在哪里,讲画家当时的心境,张张画都有故事。
    我最欣赏的一幅,是毕加索的一张男子画像,那是1901年间画的,正是他的蓝色时期。画里蓝色背景前,一个穿蓝色高领同色外套的男子,左手托腮右手扶着大啤酒杯,两侧头发垂到耳际,瘦削的脸上两道剑眉,细长的尖鼻子,翘嘴唇,兜下巴,他那忧郁的眼神特别吸引我的目光。画中的男子和毕加索是最好的朋友,他是一位作家。那时两人在巴黎都穷困潦倒,又爱上了同一个女孩子,最后那个女孩子跟了毕加索,而作家年纪轻轻就自杀身亡了。
    普希金的故事更是让人心碎,他是俄罗斯最著名的文学家、伟大的诗人,生于1799年,死于1837年。他太太是有名的美女,有一位军官追求她,普希金就要跟他决斗。决斗前他在咖啡馆里喝咖啡,他的好朋友劝他不要去,他不听劝,喝完那杯咖啡就拿着枪夺门而出。结果普希金中枪,两日后去世。那家咖啡馆在圣彼得堡,我们在那儿吃过午饭,进门的右手边就是普希金的蜡像,当年用的那把枪还在那儿。
    我们在俄罗斯参观了许多华丽的皇宫,欣赏了不少艺术品和名画,整个人浸淫在了艺术的氛围里。
那一晚,我们又到亚历山大剧院欣赏芭蕾舞。我走进偌大的剧院,顺着右手边那宽敞的灰色大理石楼梯往上看,突然见到一位风度翩翩的男子。他穿着套黑西装,内着雪白的衬衫,瘦瘦的身影,静静地坐在那儿。他那乌黑齐耳的卷发,遮住了三分之一的脸,下颔短短的胡茬,气质不凡,活脱脱一个艺术家。我跟朋友开玩笑说:“你看,上面坐着个大文豪。”
    我在位子上坐下来,见他从舞台前面的方向走来,我的眼睛跟着他走,心里有许多惊叹号。他站在走道上和朋友说笑,神态自若,笑得灿烂,我忍不住拿出手机按了几下快门。
    在舞剧中场休息的时候,我走到他面前,第一句话就是:“我欣赏你。”他笑得更灿烂了。原来他是法国人,在法国电视新闻台工作。我把刚才拍的照片给他看,并希望与他合照,他礼貌地想站起来,我赶忙制止了他,蹲在他旁边拍了张合照。
    散场后,我经过他的位置,先前在过道上和他谈天的几位男士见到我经过仿佛很高兴,对我笑着指指他,示意我别忘了跟他打招呼,我跟他握握手说了声拜拜。
    其实进剧院见到他的时候,他是坐在轮椅上的。先前从舞台前面走来,他的腋下一边架着一根拐杖,每跨前一步,一条腿就困难地往前甩,跨另外一步,另外一条腿又往前甩。我惊叹的是,即使他每一歩都走得那么艰难,但他神情是那么的泰然,那么的自信和洒脱。我惊叹的是,他的朋友都不认为他是需要被照顾的。
    或许我的出现让他的生活增添了偶然的惊喜,而他的出现也带给了我散播快乐种子的愉悦。
    2013年的俄罗斯文化之旅,邂逅的三位男子,令我深深地动容。
    《 光明日报 》( 2013年11月22日   16 版)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-1 01:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش