يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 523|ئىنكاس: 5

مۇھەممەد تۇراپ(ت) ئەدىبلەرنىڭ تۇرالغۇ، قەبرىلىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تاگۇرنىڭ بۇرۇنقى تۇرلغۇسى
پېڭ خۇيمىڭ
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
  ھىندستاننىڭ مەدەنىيەت مەركىزى دەپ ئاتالغان جاكارتادا دۇنياغا داڭلىق بۈيۈك ئەدىپ تاگۇرنىڭ بۇرۇنقى تۇرالغۇسى بار. تاگۇر ھىندىستانلىق يازغۇچى بولۇپ، 1913-يىلى «ھەمدۇسانالار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىراق «ھەمدۇسانالار» ناملىق شېىئرلار توپلىمى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ ھاياتىدا 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلار توپىلىمى، 12 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست ۋە رومان، 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىلەر توپلىمى، 20 پارچىدىن ئارتۇق دىرامما يازغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى يالغۇز ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى سىزما رەسىم، مۇزىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، سەنئەت، سىياسىي، ئىقتىساد قاتارلىق كاتىگورىيەلەرگە چېتىلىدۇ. «يېڭى ئاي»، «ئۇچار قۇش» قاتارلىق ئەسەرلىرى چوڭقۇر ئىدىيەۋى مەزمۇن ۋە بەدىئى سېھرى كۈچكە ئىگە. تاگۇرنىڭ قانداق كىشىلىك تۇرمۇش سەرگۈزۈشتىلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، قانداق قىلىپ دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىنى ھەممە كىشىلەرنىڭ بىلگسى كېلىدۇ.
تاگۇرنىڭ بۇرۇنقى تۇرلغۇسى قېنىق قىزىل رەڭلىك ئىككى قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇدىن ئىبارەت. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ بوۋىسى قالدۇرغان ئىگىلىككە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ھازىر تاگۇرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئالىي مەكتەپنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان ئىكەن. تاگۇر 1861-يىلى مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىر مەرتىۋىلىك جەمەت ۋە باي ئائىلىدىن ئىبارەت. بۇ ئائىلە ئازالىرىنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن شائىر، پەيلاسوپ، مۇزىكانت، دىراماتىروگ، تەرجىمان ۋە يازغۇچى يېتىشىپ چىققان. تاگۇر بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ مۇشۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ، شېئىر ۋە ئەدەبىياتقا بولغان قويۇق قىزىقىشى ۋە مەپتۇنلىقىنى بارا-بارا يىتىلدۈرگەن.
ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر ھوجرىدا تاگۇر بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئېسىقلىق تۇرىدۇ. 1879-يىلى سىنتەبىردە تاگۇر لوندوندىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ ئارزىسى بۇيىچە تەۋەسىدىكى بىر شىركەتنىڭ خزمەتچىسىنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرىق ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، بىراق تاگۇر تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى قوبۇل قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ئايالىغا بولغان چىن قەلبى باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمىگەن. ئۇ 35 ياش ۋاقتىدا ئايالى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن بىر قانچە ئاي كېسەل كارۋىتىنىڭ ئالدىدا ئايالىنى كۈتكەن. ئايالى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى ئازاپلانغان. كىم بىلسۇن، بالا كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك، ئۇنىڭ سۆيۈملۈك كىچىك قىزى، سۆيۈملۈك ئوغلى ۋە ئاتىسى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەڭ يېقىن ئادەملىرى بىر-بىرلەپ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۇزۇن مۇددەتكىچە روھىي جەھەتتە ھەسرەت چەككەن. ئۇنىڭ بۇ دەۋردىكى شېئىرلىرىدا ئۇنىڭ قەلبىنىڭ تەلپۈنۈشى، ئەڭ يۇمران، ئەڭ گۈزەل ھېسسىياتى ۋە سەمىمى مۇھەببىتىنى ئايالى بىلەن پەرزەنتلىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئانا-بالىلارغا بېغىشلاپ، مۇھەببەتلىك قەلبىنى ئىپادىلىگەن.
يازغۇچىنىڭ كىتاپخانىسى كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان جاي بولۇپ، ئاددى كىتاپ شىرەسى ۋە ياغاچ ئورۇندۇقلار يازغۇچىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن جاپالىق يېزىقچىلىق قىلغانلىقىغا شاھىت بولۇپ تۇرىدۇ، قەغەزلىرى سارغىيىپ كەتكەن ئەشۇ قول يازمىلار ۋە خەت-چەكلەر، يەنە ئۇنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن سىزغان ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ئۆتكەن كۈنلەردىكى ھېكايىسىنى ئۈن-تىنسىز سۆزلەپ بىرىدۇ. تاگۇرنىڭ سىزما ئەسەرلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ ھاياتىدا بىرەر گۈزەل سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇپ باقمىغان. بىراق ئۇ 60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغاندا رەسىم سىزىشقا كىرىشىپ، ئىقتىدارىنى ئۇستازسىز جارى قىلدۇرغان، بۇنى بىر مۆجىزە دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ  تەبئى مەنزىرىلەر، ئادەملەرنىڭ ھەيكىلى، ئۆزىنىڭ رەسىمى ۋە ئابىستىراكىت رەسىملەرنى سىزغان بولۇپ، ئاساسىي رەڭلىرى قارا رەڭ ۋە سېرىق رەڭگە مائىل بولغان. ئۇنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى سىزىپ چىققان بىر پارچە رەسىمى يېرىم قارا، يېرىم ئاق رەڭدە بولۇپ قالغان، قۇشنىڭ بىر پارچە رەسىمى قارا رەڭدە سىزىلغان بولۇپ، دەريا، بۇلۇت، كۆل ۋە ئورمانلار قېنىق رەڭدە سىزىلغان. ئۇ شېئىرلىرىنى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ مول ۋە ئەڭ باي ھېسسىياتلىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش سىزما ئەسەرلىرىدىمۇ قېنىق سىيا  بىلەن قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى قايناق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا ئازاپ  بارمۇ؟، ـــ بار. يازغۇچىنىڭ «مېنىڭ ئەسلىمەم» ناملىق ئەسىرىدە: ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت پائالىيىتىدە ئۇزىنى بىئارام قىلغان ئازاپلار، ئۆزىدىن قانداق ھالقىش، ئۆزىنى قانداق قىلغاندا يېڭىۋاشتىن بايقاش مەسىلىسى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرىدا ھەسرەت ۋە تېڭىرقاش كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن. ئۇ ئازاپ ئىچىدە مۇلازھىزە قىلىش، ئىزلىنىش ئارقىلىق ئىجادىيەتنىڭ چىن مەنىسىنى ئاخىر چۈشەنگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولغان، ئۇ بۇ خىل ئىجادىيىتىنى «بۇرۇن دۇنيانى ئىككى كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بولسام، ئەمدى دۇنيانى پۈتكۈل قەلبىم بىلەن كۆرەلەيدىغان بولدۇم» دىگەن. ئۇ ئۆزىنى «مېنىڭ ئىشىكىم تۇيۇقسىز ئېچىلسا قىستىلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر بىمالال كىرەلەيتى، دۇنيا ئۆزگۈرۈپتۇ، دۇنيادا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان پارچە-پۇرات نەرسىلەرنىڭ كىشىلەرنى يىرگەندۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇ ئەدەبىي سەنئەت ئىجادىيىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى «سەنئەتكارلارنىڭ قەلبى چوقۇم سەل ئەركىن بولۇشى، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئىجادچانلىقى ئارقىلىق ھەممىگە ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك، ئەسەرلەر سەنئاتكارلارنىڭ قەلبىنىڭ  ئەكس ساداسى بولۇشى كېرەك» دەپ ئىپادىلىگەن. قەلبىنىڭ سەنئەتلىك دەرۋازىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، يازغۇچىنىڭ ئىجادچانلىقىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرلەش كۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بىر پارچە بۇلۇت، بىر پارچە ئوت-چۆپلۈكنىڭ سەۋەبىدىن يالتىراق قۇڭغۇزلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە سېھرىي كۈچى ۋۇجۇتقا كەلگەن. ئۇ قول ئۇچىدا يازغان ئەھمىيەتسىز ناچار ئەسەرلىرىنى تۈزۈتۈپ ياخشى ئەسەرگە ئايلاندۇرغان. «يېڭى ئاي»، «ئۇچار قۇشلار» ۋە «ھەمدۇسانالار» قاتارلىق دۇنياۋىي ئەسەرلىرى بىزنى يازغۇچىنىڭ ئىدىيەسى ۋە بەدىئىلىكى پىشىپ يېتىلگەن مەزگىللەردىكى ئۇسلۇبى ۋە سېھرىي كۈچىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ.
بىراق يازغۇچىنىڭ ئىنتىلىشى مۇشۇنىڭ بىلەن توختاپ قالغىنى يوق. ئۇ يەنىلا تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سەنئەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئىزدەش يولىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرلىدى. كىتاپخانىسىنىڭ تېمىدا ناھايىتى چوڭ بىر دۇنيا خەرىتىسى بار، خەرىتىنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئالاھىدە بەلگىلەر قويۇلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلەر يازغۇچى ساياھەت قىلغان دۆلەت ۋە شەھەرلەرنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. ئۇ ئاسىيا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تەخمىنەن 20-30 دۆلەتكە بارغان بولۇپ، بەزى دۆلەتلەرگە بىر قانچە قېتىم بارغان.
ئەشۇ چېكىت قويۇلغان بەلگىلەرنى كۆرگەندە، تاگۇرنىڭ «ئادەم سىرتقا چىقىپ دۇنياغا يۈزلىنەلىسە، ئاندىن نەزەر دائىرىسىدىكى تار رامكىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ،قەلبى بىردىنلا روھلۇنۇپ، دۇنيادا جىن شاياتۇنلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ» دىگەن سۆزى كىشىنىڭ ئېسىگە كېلىدۇ. ئۇ «دۇنيادا نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلەر، توقۇنۇش ۋە يارىشىشلار داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ سەنئەت بىلەن ئۆتكەن ھاياتى ئەگرى-توقايلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئالغا ئىلگىرلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. تاگۇر قەلبى بىلەن پۈتكۈل ئالەمنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارىغان. ئۇ بىر ئىخلاسمەن قەلبى ئارقىلىق دۇنيا بىلەن تونۇشقان. ئۇ ئالاھىدە كەمتەر بولغانلىقتىن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى  داڭلىق شەخسلىرى بىلەن سەمىمى دوستلاردىن بولۇپ سىردىشىپ، كەڭ ئاممىۋى ئاساس ھازىرلىغان. شۇڭا «ئۆگۈنۈش، پىكىر ئالماسشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ـــ ئۈنىڭ پۈتكۈل كىشىلىك ھاياتىغا ھەمرا بولغان» دىيىشكە بولىدۇ.
ئۇ ھايات ۋاقتىدا «ھاياتلىق خۇددى رەڭگارەڭ گۈل-چېچەككە ئوخشايدۇ، ئۆلۈم شۇقەدەر ھەسرەتلىككى گۈل بەرگىدەك تۇزۇپ كېتىدۇ»، دېگەن نەسىھەتى بىلەن ئۆزىنىڭ تەسىراتى ئارقىلىق ئەۋلاتلارغا ئىلھام بەرگەن.
«خەلق گېزىتى» نىڭ چەتئەلگە تارقىتىلىدىغان بېتىنىڭ 2013-يىلى 18-مايدىكى  سانىدىن مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمە قىلدى.
تەرجىمان : توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا
新和县人民银行买买提.吐拉甫
联系电话:09978122308,13565106388
(chatma halette yollinidu)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-1 00:33  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-17 10:12:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تاگۇرنىڭ بۇرۇنقى تۇرلغۇسى» دىگەن تېمىنىڭ ئاخىرىغا «چاتما ھالەتتە يوللىنىدۇ» دەپ ئەسكەرتمە بىرىلىپتىكەن، تەستىقتىن ئۆتمىدىمۇ قانداق، بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى تېخىچە يوللانمىدىغۇ؟.

ۋاقتى: 2014-2-17 10:21:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوستان يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 10:12
«تاگۇرنىڭ بۇرۇنقى تۇرلغۇسى» دىگەن تېمىنىڭ ئاخىرىغا «چ ...

جاكارتا دېگەن ھىندۇنىزىيىنىڭ پايتەختى ئىدى.ھىنستاندىمۇ جاكارتا دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر بار ئىكەن-دە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-27 15:48:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستاننىڭ مەدەنىيەت مەركىزى كالكۇتتا، سىياسىي مەركىزى يېڭى دېھلى بولغاچقا، ئەسلى كالكۇتتا(加尔各答)دەپ يازسام توغرا بۇلاتتى، بىراق مەن «كالكۇتتا» دىگەننى «جاكارتا» دەپ يېزىۋېلىپ، چوڭ بىر خاتالىق سادىر قىپتىمەن. ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىز.

ۋاقتى: 2014-2-27 16:10:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوستان يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 15:48
ھىندىستاننىڭ مەدەنىيەت مەركىزى كالكۇتتا، سىياسىي مەر ...

ئىزدىنىشچان روھىڭىز چاقناپ  تۇرسۇن.

ۋاقتى: 2014-2-28 17:34:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىپلىرنىڭ قەبرىسى
(1) خۇا لوگېن خاتىرە سارىيى
يەن شى گۇي
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
ياش ۋاقتىدا باشقا يۇرتقا چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ كىيىنكى ئۆمرىدە يەنىلا يۇرتىغا قايتىپ كەلگۈسى كېلىپ، بالىلىق ۋاقتىدىكى كونا ئارزۇسىنى قايتا تاپقۇسى كېلىدۇ. بۇ ئېھتىمال كىشىلەر دائىم دەيدىغان «ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ»، دىگەن سۆز بولسا كېرەك.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ سالىمەن ئايغا نەزەر،
بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ قارايمەن يۇرتقا نەزەر......
مانا بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ ئىدىيەۋىي ھالەت بولسا كېرەك.
ئۇلۇغ نامى چىققان پىروفېسسور خۇا لوگېن ھايات ۋاقتىدا «ئەشۇ كۈن يىتىپ كەلگەندە جەسەت كۈلۈمنى يۇرتۇم جىنتيەننىڭ تاۋخۇ كۆلىگە چېچىۋېتىڭلار»، دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان. ئۇ 1985-يىلى 6-ئايدا بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، 2005-يىلىغىچە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بۇ ئۇلۇغ ئالىمنى مەڭگۇ ياد ئېتىش ئۈچۈن، «خۇا لوگېن خاتىرە سارىيى»نى سالدۇرغان. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئەسلىدە ئاتىسىنىڭ باباۋشەن ئىنقىلاۋىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا قويۇلماقچى بولغان جەسەت كۈلىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئاتىسىنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئارزۇسىنى قاندۇرغان.
خۇا لوگېن خاتىرە سارىيى جىنتيەن شەھىرى مەركىزىدىكى جەنۇبىي مەدەنىيەت باغچىسىغا جايلاشقان. خاتىرە ساراينى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، داڭلىق پىلانلاش-لاھىيەلەش ئۇستىسى چىكاڭ پىلانلاپ لاھىيلىگەن. خاتىرە ساراي قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىي ئۇسلۇپ بىر گەۋدە قىلىنغان ئىككى قەۋەتلىك قۇرلۇش ھېساپلىنىدۇ. تاشقى قىسمىغا جاڭنەندىكى باغ-ئورمانلىقنىڭ كۆرۈنۈشى سىڭدۈرۈلگەن، ئاددى ئابىستىراكىت گىئومېتىريەلىك ئىسخېما بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، ئۇسلۇبى يېڭىچە، خىلۋەت ۋە سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ.
خاتىرە سارايغا كىرسەك خۇا لوگېننىڭ مىس ھەيكىلى كۆزگە چېلىقىدۇ، تۆت ئەتراپى كونپېرا دەرىخىنىڭ گۈلى بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ بىر ئەۋلات ئۇستازلارنىڭ مېھىربانلىقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى ھېساپلىنىدۇ.
ئۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەن كونا مەكتەپدىشىم، چاڭجو شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك سىياسىي مەسلەھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈەنپېڭ ئەپەندىم بىلەن چۈشەندۈرگۈچىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىسىدا بىرقانچە كۆرگەزمە زالىدىن ئۆتتۇق. بۇ يەردە خۇا لوگىننىڭ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋاقىتتا چۈشكەن بىر قانچە يۈز پارچە سۈرىتى ۋە خۇا لوگېن ئەپەندىمنىڭ ھايات ۋاقتىدا كىيگەن كىيىم-كېچەكلىرى، قول سائىتى ۋە نۇرغۇن قول يازمىلىرىنى كۆرۈپ، بۇنىڭدىن بۇ ماتېماتكا ئالىمىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ھېس قىلدۇق.
خۇا لوگېن 1910-يىلى 11-ئايدا جاڭسۇنىڭ جىنتيەن ناھىيەسىدىكى بىر ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1925-يىلى ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلىسى نامرات بولغاچقا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. 1928-يىلى ئۇنىڭ ماتېماتكا ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ ۋېيكېنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا، جىنتيەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە قارا ئىشچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەشۇ يىللاردا كېزىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، شۇنىڭدىن كېيىن سول پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدا ئۈمىدسىزلىك، مەيۈسلىنىش كەيپىياتى بولمىغاچقا ئۆزلۈگىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، ماتېماتكىدا ئۆزگىچە يول تۇتقان. ئۇ بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن بارا-بارا نامى يىراقلارغا تارقالغان ماتېماتكا ئالىمى بولۇپ يېتىشكەن. سانلار نەزەرىيەسى، ماترىتسا گېئومېتىرىيە، تىپىك گورۇپپا، ئاپتومورفىك فۇنكىتسىيە، كۆپ كومپېلىكېس ئۆزگۈرۈشچان سان فۇنكىتسىيەسى، خۇسۇسى دېپپرىنسىئال تەڭلىمە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە قالتىس تۆھپىلەرنى ياراتقان. 1985-يىلى 3-ئىيۇن فىروپېسسور خۇا لوگېن ياپونىيە-ئاسىيا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمىئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ياپونىيەگە بارغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ قېلىشىنى ھېچكىم ئويلىمىغان. 12-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، فىروپېسسور خۇا لوگېن توكيو ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ماتېماتكا بۆلۈمىدە نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، تەغدىم قىلغان بىر دەستە گۈلنى قوبۇل قىلغاندا تۇيۇقسىز كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ مۇنبەرگە يىقىلىپ چۈشكەن...... جىددى خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلى قوزغۇلۇپ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغان...... شۇنىڭ بىلەن بىر ئۇلۇغ ماتېماتكا ئالىمىنىڭ 75 يىللىق كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىسى ئاخىرلاشقان.
بۈگۈنكى كۈندە خۇا لوگېن ئەپەندىنىڭ جەسەت كۆلى ئۆزىنىڭ ئانا تۇپرىقىغا قايتىپ كېلىپ، يۇرت خەلقىنىڭ سۆيگۈ دەرياسىغا چېچىۋېتىلدى.
 «خەلق گېزىتى» نىڭ چەت ئەلگە تارقىتىلىدىغان بېتىنىڭ 2010-يىلى 8-مايدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
(2) سىماچەننىڭ قەبرىسى
شى يۈ
    سىماچەننىڭ قەبرىسى خەنچېڭ شەھىرى جىچۈەن بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يىپو تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ تاغ باغرى 80 مېتىر كېلىدىغان ئىگىزلىككە جايلاشقان. قەبرىنىڭ شەرقىي تەرىپى خۇاڭخې دەرياسىغا، غەربىي تەرىپى لياڭشەن تېغىغا، جەنۇبىي تەرىپى خەنيۈەنگە، شىمالىي تەرىپى جىشۈيگە تۇتىشىدۇ. تاغ باغرىغا بىر پارچە ياغاچ تاختاي ئورنىتىلغان بولۇپ، تاختاينىڭ ئۈستىگە «خەن سۇلالىسىنىڭ خان سالنامىچىسى سىماچەننىڭ ئىبادەتخانىسى» دىگەن خەت يېزىلغان. قۇياش بۇ تاختايغا سېخى نۇرىنى چېچىپ تۇرىدۇ.
مەن ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ، سىماچەننىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ ماڭدىم. چىغىر يولغا قىزىل خىش رەتلىك ياتقۇزۇلغان بولۇپ، خىشقا گۈللۈك نەقىش سىزىلغان. قويۇق ئېدىرلىقنىڭ ئىچى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەشۇ قىزىل خىشلاردا ئېھتىرام بىلدۈرگىلى كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  ئاياق ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغان ئىدى. مەن بۇ ئىزلارنى دەسسەپ بىر ياغاچ تاختاينىڭ يېنىغا كەلدىم، بۇ تاختايغا «پەزىلەتلىك كىشىلەر ئۆزىنى تۇتالايدۇ» دىگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، مەن ئىخلاسمەنلىك ھېسسىياتىم بىلەن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم. ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ، يىراقتىن قۇياش نۇرىدا ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرغان خۇاڭخې دەرياسى بىلەن ھەيۋەتلىك لياڭشەن تېغىنى كۆردۈم. خۇاڭخې دەرياسى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بولۇپ، لياڭشەن تېخى ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. بۇلار سىماچەننىڭ كۆڭلى-كۆكسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى ۋە يۈكسەك ئوبرازىنىڭ قايتا نامايەن قىلىنغانلىقى ئەمەسمۇ؟.
ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكىنىڭ سىرتىدا پەلەمپەي شەكىللىك يول بولۇپ، جەمىئى 99 پەلەمپەي بار ئىكەن، بۇ پەلەمپەيلەر ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەن. ئىشىكنىڭ ئۈستىگە: «تاغ بىلەن دەريانى يورۇتار قۇياش» دىگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، بۇ مىسرا «خان سالنامىچىسىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى» ناملىق ئەسەردىكى «تېرىقچىلىق ۋە پادىچىلىق قىلغانلارنىڭ زېمىنىنى يورۇتار قۇياش» دىگەن نەزمىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭدىن مەن سىماچەننىڭ ئۆسمۈر ۋاقتىدا تېرىقچىلىق ۋە پادىچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، پۇقرالار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان قىياپىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئارچا دەرىخى ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنەتتى. ئىبادەتخانىنىڭ دەل ئوتتۇرسىدىكى ئۇيۇققا سىماچەننىڭ پۈتۈن بەدەنلىك ھەيكىلى قۇيۇلغان بولۇپ، ناھايىتى مەردانە ۋە تەمكىن كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ قىياپىتى تەبىئى بولۇپ، ئۇزۇن ساقىلى ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئىككى قېشى ئوبرازلىق، ئىككى كۆزى چاقناپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ناھايىتى قەيسەر ۋە تۈز مىجەز ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.
ئىبادەتخانىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەل سىماچەننىڭ قەبرىسى بولۇپ، پۈتكۈل قەبرە قىزىل خىش بىلەن يۇمۇلاق قىلىپ قوپۇرۇلغان. ئەتراپىغا رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسى ۋە جىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئابىدە تېشى قويۇلغان. قەبرىنىڭ چوققىسىدا شەكلى ئىلاندەك تولغانغان قەدىمقى بەش تۈپ ئارچا دەرىخى بار ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ دەرەخلەرنى كىيىنكىلەر سىماچەننىڭ تۇغماس ئىكەنلىكىگە ئاتاپ تىككەنمىش. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن لى يىن دۇ «قەدىمقى ئارچا دەرىخى تارتتى ئازاپ-ئوقۇبەت، دەرياغا چۈشكەن قۇياش ۋە ئاي نۇرىدىن تاپتى شاپائەت» دىگەن نەزمىنى يېزىپ، ئۇنى سىماچەننىڭ پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرىگە بېغىشلاپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا بولغان چەكسىز ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن. مۇشۇ دەقىقىدە قەلبىمنىڭ ئۆچمەنلىككە ياكى ھۆرمەتكە تولغانلىقىنى قىلچە بىلەلمىدىم. بىراق ئىككى تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ تۆۋەنگە سىرغىپ چۈشتى. كۆز يېشىنىڭ كۆپ بولۇشى ھاجەتسىز، پەقەت ئىككى تامچىلا بولسا كۇپايە.
مەن سىماچەن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 145-يىلى، ياكى 135-يىلىدىن 87-يىلىغىچە)نىڭ قەبرىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ۋېيبېي تۈزلەڭلىكىنىڭ ئۆزگىچە كۆرۈنۈشىدىن يەنە بىر قېتىم زوقلاندىم. قەلبىمدىكى قايناق ھېسسىياتىم ئىختىيارسىز ئۇرغۇپ، «سىماچەننىڭ نامى دەريا سۈيىدەك كېتىدۇ ئېقىپ، ئۇنىڭ روھى جۇلالىنار قۇياش بىلەن ئايغا بېقىپ» دىگەن مىسرانى ئوقۇپ، سىماچەننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرىنى قايتىدىن ئەسلىدىم. ئەمما سىماچەننىڭ سەرگۈزەشتلىرى قەيەردە؟، ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى بىزگە قانداق ئوي-پىكىرلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟.
 «خەلق گېزىتى» نىڭ چەت ئەلگە تارقىتىلىدىغان بېتىنىڭ 2009-يىلى 29-ئۆكتەبىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
(3) كارىل.ماركىسنىڭ قەبرىسىگە زىيارەت
يۈ يەن جۈن
  1883-يىلى 14-مارت كارىل.ماركىس لوندوندىكى تۇرالغۇسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ يىل توپتوغرا 130 يىل بولدى. خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەن ئەنگىلىيەگە ئۇرۇق-تۇققان يوقلۇغىلى بېرېپ ماركىسنى زىيارەت قىلدىم، ياق ماركىسنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدىم.
ئۇ دەل 2010-يىلى قىشلىق تەتىل مەزگىلى بولۇپ، ئەنگىلىيەگە قىزىمنى يوقلۇغىلى بارغان ئىدىم. سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن مېنىڭدە مۇشۇ ئەسىردىكى ئۇلۇغ زات ماركىسنى كۆرۈپ كېلىشتەك كۈچلۈك بىر ئىستەك تۇغۇلدى. 20–يانۋار مەن قىزىمنىڭ ھەمرالىقىدا ئاخىرى يولغا چىقتىم. بىز يېغىۋاتقان سىم-سىم يامغۇرغا قارىماي ھېيدې باغچىسىغا كەلدۇق. شۇنداق چوڭ ھېيدې باغچىسىدا ماركىس خاتىرجەم ياتقان جاينىڭ قايسى ئىكەنلىگىنى بىلەلمىدۇق. يامغۇردا چىملىقنىڭ يېنىدىكى يولدا ئىگىز چىنار دەرىخىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ئۇچرىغان كىشىلەردىن سورىدۇق، يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن بولساقمۇ، مەن قىزىم بىلەن ئىزدەشتىن باشتىن-ئاياق ۋاز كەچمىدىم.
بۇ ۋاقىتتا قىزىم مۇشۇ يەر شۇمىدۇ-يە، دەپ ماڭا ئەسكەرتمە بەردى. مەن ئۇنىڭدىن: ـــ سىز جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟، دەپ سورىغان بولساممۇ، بىراق ئارىسالدى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن قىزىم يانفۇنىنى چىقىرىپ تورغا چىقىپ ئىزدەشكە كىرىشتى، نەتىجىدە خاتىرەمدىن چاتاق چىقتىمىكىن، بىز ئىزدىگەن جاي خەيدې باغچىسى بولماستىن، بەلكى خىگگات قەبرىستانلىقى بولۇپ چىقتى. يامغۇر يەنىلا يېغىۋاتقان بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدىن ئاشقاندا ئاران دىگەندە بىر تاكسىنى ئۇچراتتۇق. شوپۇر ئايرۇدۇرۇمغا ئادەم ئالغىلى ماڭغانلىقى، خىگگات قەبرىستانلىقىنىڭ بەك يىراق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، تاكسىغا ئولتۇرۇش تەلىۋىمىزنى رەت قىلدى. مېنىڭ كەيپىياتىم تۆۋەنلەپ، بۈگۈن ۋاقىت چەكلىك بولغاچقا، بۇ ئۇلۇغ زاتنى ئىزدەش قارارىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدۇم.
  21-مارت سەھەردە قىزىم ماڭا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بارىدىغان يولنى تاپقانلىقىنى، بۈگۈن ئارزۇيۇمنى ئورۇنلىشىمغا ھەمرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پاھ، بۇ دىگەن لوندوندا تەستە ئېرىشكەن يېقىملىق باھار كۈنلىرى-دە. بىز سەپەر تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ يولغا چىقىپ، ئاۋال تىرامۋايغا ئولتۇرۇپ، ئاندىن مېتروغا ئالمىشىپ، ئەنگىلىيەدىكى لوندوننىڭ شىمالىغا جايلاشقان خىگگات رايۇنىغا كەلدۇق. جىمجىت كوچىنى بويلاپ ئالدىمىزغا مېڭىۋەردۇق، يولنىڭ ياقىسى ياپيېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ئۇچار قۇشلار ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ يۈرەتتى.
ئۈچ ئاچا يولنىڭ ئاغزىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا، يول بۇيىدا ئاپتوموبىل رېمۇنت قىلىدىغان بىر يىگىت بىزنىڭ جۇڭگودىن ماركىسنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەنلىگىمىزنى بىلىۋېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزنىڭ يولىمىزنى كۆرسۈتۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىز يېشىل ئورمانلىقتا روشەن كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك خىگگات قەبرىستانلىقىنى تاپتۇق. قەبرىستانلىقنى باشقۇرۇش ئورنىغا ئالتە فونتسىتىرلىڭ پۇلنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، قاراڭغۇلۇقتا ئەگمە شەكىللىك چوڭ تۆمۈر دەرۋازىدىن ئۆتۈپ خىگگات قەبرىستانلىقىغا كىردۇق. قەبرىستانلىققا ئەنگىلىيەنىڭ فىزىكا ئالىمى ۋە خېمىيە ئالىمى فارادى، ھېكايە يازغۇچى گېئورگى.ئېليوت قاتارلىق داڭلىق كىشىلەر دەپىن قىلىنىپتۇ. ماركىسنىڭ قەبرىسى ئەسلىدە قەبرىستانلىقنىڭ ئىچىدىكى چەت قاقاسلىقنىڭ بۇلۇڭىدا بولغاچقا، 1956-يىلى ئەنگىلىيە كومپارتىيەسى مەبلەغ توپلاپ قەبرىستانلىقنىڭ شەرقىي ئۇچىدىن بىر چوڭ يەرلىكنى سېتىۋېلىپ، ماركىس ۋە ئۇنىڭ ئايالى يەننې، ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەبرىسىنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىكەن.
كارېل.ماركىس (1818—1883)نىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئۇزۇن تۆت چاسا شەكىللىك قەبرە تېشىنى كۆردۇق. ماركىسنىڭ گىگانتتەك تىكلەنگەن باش ھەيكىلى يېشىل مىستىن ياسالغان بولۇپ، قەبرە تېشىنىڭ يۇقۇرى تەرىپىگە قويۇلغان. پارقىراپ تۇرغان چوڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغان قەبرە تېشىغا ماركىسنىڭ «پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلتارلىرى بىرلىشىڭلار»، دىگەن ھېكمەتلىك سۆزى ئۇيۇلغان. بۇ ئۆزىگە خاس تىپىك قەبرە بولۇپ، كۆڭلۈمدىكى ئۆلمەس مەبۇد ــ ياشلىق دەۋرىدە كومۇنىزىم ئىشلىرىنىڭ يولىنى ئاچقان كىشىنىڭ قەبرىسى ئالدىمدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئۇلۇغ زاتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ مېھرى ئىسسىق چېھرىگە نەزەر سېلىپ، ئۇنىڭ شۇنداق تەبىئى، شۇنداق سەمىمى، كۆڭلىنىڭ دەريادەك كەڭ، قەلبىنىڭ دېڭىز سۈيىدەك سۈزۈك ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئېنگېلىس «ماركىسنىڭ قەبرىسى ئالدىدا سۆزلەنگەن سۆز» نى ئېلان قىلىپ، «14-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن چارەك ئۆتكەندە، زامانىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بۇ يەردە نەپەستىن توختىدى، دارۋېننىڭ ئورگانىك دۇنيانىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى بايقىغىنىغا ئوخشاش، ماركىسمۇ ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى بايقىغان، ماركىس يەنە زامانىۋىي كاپىتالىزىمنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئۇ بارلىققا كەلتۈرگەن كاپىتالىزىم جەمىئىيىتىنىڭ ئالاھىدە ھەركەت قانۇنىيىتىنى بايقىغان، قۇشۇمچە قىممەتنى بايقىغانلىقتىن، مەيلى ئىلگىركى بۇرژۇئازىيە ئىقتىسادشۇناسلىرى بولسۇن، ياكى سوتسىيالىزىم تەتقىقاتچىلىرى بولسۇن، ئۇلار ئېلىپ بارغان بارلىق تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى قاراڭغۇلۇقتا بارلىققا كەلگەن»، دىگەن ئىدى.
قەبرە تېشىغا ئۇيۇلغان خەتلەرنىڭ بىر قانچە جايلىرى ئۇۋۇلۇپ كىتىپ قايتا تولۇقلانغان بولۇپ، پۈتكۈل خەلقئارا كومۇنىزىم ھەركىتىنىڭ تېز ئەۋخ ئېلىشى جەريانىدا، بۇ يەرمۇ ئەنسىز دەقىقىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن.
ماركىسنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۇلىغا بىر قانچە دەستە ئەتىرگۈل قۇيۇلغان بولۇپ، بۇ يەرگە يېقىندىلا ئادەملەر كەلگەندەك تۇراتتى. بۇنىڭدىن بۇ يەردە يەنىلا كومۇنىزىمغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى، ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق بۇ ئىلمىي سوتسىيالىزىمنىڭ ھۆرمەتلىك ئىجادچىسىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ماركىس 100 يىلدىن كېيىن، 2008-يىلى باشلانغان ۋالسېترىت كوچىسىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يامرىغاندا ئەركىن كاپىتالىزىمنى ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدۇرىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن كاپىتالىزىمنى تەنقىد قىلىدىغان «كاپىتال ھەققىدە» ناملىق چوڭ ئەسەر، يېڭىۋاشتىن كىتاپخانىلار ئارزۇلايدىغان ئەسەرگە ئايلاندى. گېرمانىيەلىك نەشريات سودىگىرى، ماركىسنىڭ: «كاپىتال ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ 2005-يىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.
   قەبرىستانلىق بىلەن خوشلاشتىم، ماركىس بىلەن خوشلاشتىم، مەن چىڭقى چۈش ۋاقتىدىكى قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇرغان قەبرە تېشىغا ئۇيۇلغان «پەيلاسوپلار ھامان دۇنيانى چۈشەندۈرىدۇ، مۇھىمى بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ»، دىگەن خەتكە قايتا-قايتا قارىدىم.
بۇ ئەسەرنى «خەلق گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 7-ئۆكتەبىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
(4) تولىستوينىڭ قەبرىسى
جوڭ فاڭ
ئۇزۇن تۆت چاسا شەكىللىك ئاددى بىر قەبرە بار بولۇپ، بىرەيلەن بۇ قەبرىدە ناھايىتى خاتىرجەم ياتماقتا. ئۇ بولسىمۇ موسكىۋاغا 193 كىلومېتىر كېلىدىغان تولا ئوبلاستىنىڭ ياسىنايا. پولىنا دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بازىرىغا جايلاشقان قەبرىستانلىق بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل، كىشىگە چوڭقۇر تەسىر بىرىدىغان، كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان قەبرىستانلىق ھېساپلىنىدۇ. مانا بۇ رۇسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەدەبىيات پىشۋاسى لېف.تولىستوي (1828-1910) نىڭ قەبرىستانلىقىدۇر. يېقىندا رۇسىيەگە كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ تەلىيىمگە يارىشا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇۋاتقان ئۇلۇغ يازغۇچى لېف.تولىستوي بىلەن بىر قېتىم پىكىر ئالماشتۇردۇم.
ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدە رۇسىيەنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى، بولۇپمۇ تولىستوينىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە يۇمران قەلبى ھەمىشە بىر خىل ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن تولغانلىقتىن، ئەشۇ يىللاردا باسما مېيىنىڭ پۇرىقىنىڭ مىزىلىك ئىكەنلىكى، ئوت-چۆپلەرنىڭ پاكىز ۋە تاتلىق بولىدىغانلىقى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، زېمىننىڭ سېخىيلىقى، ھاياتنىڭ گۈزەل ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەس ھۇشۇمنى يوقاتقان ھالدا بىرىلدىم. تولىستوي ئۆز قۇرۇقىدا ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە دۇنياۋىي ئەسەرلىرى مۇشۇ قۇرۇقىدا تاماملانغان. ئۇ دۇنيانىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ۋە كىشىلەرنى بىزار قىلىدىغان ئالاقىلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئامراق يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە گۈزەل ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە چۆكۈپ، ئۆزىگە مەنسوپ سەنئەت ھاياتىدىن بەھرىمەن بولغان.
بىز قۇيۇق ئاققېيىن ئورمانلىقىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان قۇرۇقنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يانچىلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن مەكتەپ خارابىسىدىن ئۆتۈپ، جىمجىت سۈكۈتكە چۆمگەن دەريانىڭ يېنىغا سېلىپ قويۇلغان يېشىل گىلەملىك چىغىر يولنى بويلاپ، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ لېف.تولىستوينىڭ قەبرىسىنى كۆردۇق.
ئورمانلىقنىڭ ئىچى سوغۇق ھەم جىمجىت بولۇپ، سەھەر شامىلىنىڭ ئىچىگە ساپ نەمخۇش ھاۋا ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. چىغىر يولنىڭ ئىككى يېنىدا نۇرغۇن ئىگىز ۋە ھەيۋەتلىك دەرەخلەر بار بولۇپ، دەرەخنىڭ ئاستىدا پاكار يېشىل چاتقاللار ئۆسكەن ئىدى. ئالماستەك پاقىرايدىغان يامغۇر سۈيى شارىلداپ چۈشۈۋاتاتتى. شامالغا ئەگىشىپ بىر ئۆرلەپ، بىر پەسىيىپ كېلىۋاتقان چاتقاللارنىڭ يۇپۇرماقلىرى مىدىرلىماي يامغۇر سۈيىنى ئاچكۆزلەرچە سۈمۈرىۋاتاتتى. قۇشلار زىل ئاڭلانغان يامغۇر سۈيىنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ جاراڭلىق سايراۋاتاتتى. تۆت ئەتراپقا نەزەر سالغاندا ئەتراپ تۇمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ، دەرەخ يۇپۇرماقلىرى باشقىدىن قېنىق يېشىل رەڭگە ئالمىشىپ بىر خىل جىمجىت غەمكىنلىككە غەرىق بولغان ئىدى. رۇسىيە يېزىلىرىدا ئەزەلدىن بار بولغان بۇنداق گۈزەل مەنزىرىلەر مېنى قايىل قىلدى.
تولىستوينىڭ قەبرىسى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغاندا، يۈرۈكۈم ئۇزاققىچە تېنچلانمىدى. ئۇنىڭدا قەبرە تېشى ياكى ھېچقانداق بەلگە بولمىغاچقا، يېنىدا يوغان بىر تۈپ چوڭ دەرەخ بار بولۇپ، بۇ دەرەخنى تولىستوي ھايات ۋاقتىدا تىكىپ قاتارغا قوشقان. ئۇنىڭ مومىسى ئۇنىڭغا: «دەل-دەرەخ ئۆستۈرۈلگەن جاي بەختلىك جاي»، دىگەن. تولىستوي مومىسىنىڭ نەسىھەتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، قىزىغا: «مەن ئالەمدىن ئەتكەندىن كېيىن، مېنى ئۆزۈم ئۆستۈرگەن دەرەخنىڭ يېنىغا دەپىن قىلىڭلار»، دەپ تاپىلىغان. چوڭ دەرەخ ئاستىدا بىر پارچە يېشىل چۆپلۈك بار بولۇپ، تۆت تەرىپىگە بامبۇك ياغاچلىرى بىلەن رىشاتكا ياساپ قويۇلغان، ئوتتۇرسىدا ئوت-چۆپ بىلەن قاپلانغان چوقچۇيۇپ چىققان كىچىك بىر تۆت چاسا توپا دۆۋىسى بولۇپ، كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇ كىچىك توپا دۆۋىسىنىڭ ئىچىدە دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۇلۇغ يازغۇچى تولىستوي مەڭگۈلۇق ئۇيقىغا كەتكەن.
تولىستوينىڭ قەبرىسى شۇنداق ئاددى بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ياسالغان. ئۇ قىزىغا: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن، جەسىدىمنى تىلەمچىنى دەپىن قىلغانغا ئوخشاش ئەڭ ئەرزان مىيت ساندۇقىغا سېلىپ، ئەڭ ئاددى قەبرىگە دەپىن قىلىڭلار»، دەپ تاپىلىغان.
تولىستوينىڭ كىشىلىك ئېتىقادىنى ئۆلسىمۇ ئۆزگەرتمىگەنلىگى، ئۇنىڭ كىيىنكى ئۆمرىدىكى دەرت-ئەلەملىرى راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن رايىنى ياندۇرىۋەتكەنلىكىدىن بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرۋاھىنى تېنچلاندۇرۇش قىيىن بولغان چېچىلاڭغۇلۇقتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەنلىكى، مال-مۈلۈك، نام-ئەمەل، مۇۋەپپەقىيەت، ئورۇن قاتارلىقلار ئەرۋاھىمنى ياۋايى چۆپلەرنىڭ ئارىسىدا خاتىرجەم ياتقۇزغاي، دىگەن.
بىز قەبرە ئالدىدا ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە كەلگەن ياشلارنى، جۈملىدىن يېزىلىق ياشانغان ئاياللارنى كۆردۇق. تولىستوينىڭ روھى مەڭگۇ ئۆچمەيدۇ، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارغا روھىي بايلىق ئاتا قىلىدۇ، ئۇ يالغۇز رۇسلارغا مەنسۇپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەنسۇپدۇر.
«خەلق گېزىتى» نىڭ چەت ئەلگە تارقىتىلىدىغان بېتىنىڭ 2010-يىلى 19-ئىيوندىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش