پاكنۇر يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 20:09
مەن ھەر قايسىڭىزلاردەك ئۇستازلاردىن تەلىم ئالاي دەپ د ...
قوشاقلار مەيلى ئىجادىي بولسۇن ياكى تارىخىي بولسۇن شۇئارلىىشپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما بىزنىڭ بىر قىسىم قەلەمكەشلىرىمىزدە شۇئارۋازلىق ھادىسىسى ئوخشاش بولمىغان ھالدا ئاڭلىق ھەم ئاڭسىز رەۋىشتە سادىر بولۇپ تۇرىدۇ. ئېھتىمال بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئادەتلىنىشنىڭ نەتىىسىدىن شۇنداق بولسا كېرەك. بۇ تېمىدىكى قوشاقلاردىمۇ ئاشۇ خىل نۇقسان مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان. يەنە بىر تەرەپتىن سۆزلەرنىڭ تاللىنىشىدا قوپاللىق بار. قوشاق بىزگە سۆزلىرى ئاددىي، يېقىشلىق، گۈزەل ھالەتتە تونۇلغان. شۇڭا يازما ئاپتورىنىڭ بۇ نۇقتىلارغا كېيىنكى قەدەمدە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ تېما ۋە تېما چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يازما ئاپتورىنىڭ بۇ تېما بىلەن ئالدى كەينى بولۇپ يوللانغان بىر نەچچە تېمىلىرىنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم. مېنىڭچە ئۇ تېمىلاردا بۇ تېمىدا سادىر بولغاندەك مەسىلىلەر يوق ئىكەن ياكى جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلىشىدە مەلۇم كۆلەمدە خاسلىق باركەن. بۇ بىزگە يازما ئاپتورىنىڭ ئۆزىگە خاس جۈملە تۈزۈش شەكلىدە ئىجادىيەت ئېلىپ بارسا تامامەن بولىدىغانلىقىنى ھەم نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئەلبەتتە بۇ يازما ئاپتورىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا باغلىق ئىش. بىز پەقەت بۇ يەردە تەكلىپلا بېرەلەيمىز، قارارنى يەنىلا يازما ئاپتورى ئۆزى چىقىرىدۇ.
ئەلبەتتە، بۇ مەسىلىلەر بۇ تېمىدىن چەتنەپ كەتكەن پىكىرلەر. تېمىغا مۇناسىۋەتلىكى بولسا يازما ئاپتورىنىڭ پۇشايمانلىق ھېسسىياتى. شېئىر يازىدىغان ھەر قانداق بىر ئادەم بىر پارچە شېئىرىنى يېزىپ بولغاندا بىر قېتىم ھاردۇقى چېقىدۇ، يازغان شېئىرى ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم پۇشايمان قىلىۋالىدۇ. گەرچە بۇ ھەر بىر پارچە شېئىردا كۆرۈلمىسىمۇ مۇتلەق كۆپ شېئىرلىرىدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى شېئىر يېزىۋاتقان ئادەم يۈرىكىدىكى بىر سۆزنى دەپ بولالماي تەكرار - تەكرار شېئىر يازىدۇ. شېئىر يېزىشنىڭ تەكرارلىقى پۇشايمان قىلىشنىڭ تەكرارلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل تەكرارلىق بىر ئادەمنى بىر ئۆمۈر شېئىر يېزىشقا مەجبۇر قىلىدۇ ۋە شۇ بىر ئادەم بىر ئۆمۈرىدە بىر نەچچە يۈز پارچە ياكى تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قالغانلىرى بىر نەچچە مىڭ پارچە شېئىرلىك بولۇپمۇ قالىدۇ. شۇڭا شېئىر يازغان ئادەمدە قولدىن چىققان ئەسىرىنى يوق قىلىشنىڭ ئازابىنى چەكمەسلىكى كېرەك. پەقەت ئىككىنچى قەدەمنى قانداق بېسىش ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك. شېئىرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاپتورلاردا قەلەمگە ئېلىنىدىغان مويەن ۋاقتى بولىدۇ. ئاشۇ ۋاقىت يېتىپ كەلمەي تۇرۇپ قەلەمگە ئېلىنغان شېئىرلار كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا شېئىر يېزىۋاتقان ئادەم قەلبىنىڭ تەكتىدىكى نىداغا قۇلاق سالالايدىغان بولۇشىمۇ كېرەك. قەلب تەكتىدە قوزغالغان ئاشۇ نىدا بىزگە شېئىردىن ھالال رىزىق ئاتا قىلىدۇ.
ئادەم مەڭگۈ ھەر دائىم ئەڭ توغرا ئىشنى، ئەڭ توغرا سۆزنى قىلالمايدۇ. مەڭگۈ ھەر دائىم ئەڭ توغرا ئىش قىلىش، سۆز قىلىش پەقەت خۇداغىلا تەئەللۇق ئىمكانىيەت. شۇڭا سىزنىڭمۇ بىھۇدە پاراكەندە بولماي قولىڭىزدىكى ئاق قەغەزگە كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەرنىڭ يېزىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەس نېمىلەرنىڭ خاتىرلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزتىراپلىق خىياللارنى سۈرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن. سىز ھەققىدە ئوتتۇرىغا تاشلانغان ئىنكاس - پىكىرلەر قاتتىق - يۇمشاق بولسۇن سىزگە نېمە قىلىش، قانداق قىلىش ھەققىدە بىشارەت بېرىدۇ. ئەمما ئىنكاسنىڭ ئەڭ ساختىسى سىزنىڭ ئۆزىگە ئوخشايدىغانلىقى ياكى ئۆزىنىڭ سىزگە ئوخشايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلاردۇر. چۈنكى بىر ئادەم مەڭگۈ ئۆزىگىلا ئوخشايدۇ. بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىلىممۇ پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىلىمگىلا ئوخشايدۇكى، ئىككىنچى بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىلىمگە ئوخشاپ قېلىشى مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلاردا بىرلا مەمتىمىن ھوشۇر، بىرلا زوردۇن سابىر، بىرلا توختى ئايۇپ، بىرلا ئەخمەتجان ئوسمان...لار بار. سىزنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى بۇ مۇنبەردىكى ھەممە ئاپتورلارغا ئوخشاشلا ئۈمىد قىلىپ سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي. كەيپچىلىكتە سەل كۆپ سۆزلەپ سالغان بولۇشۇممۇ مۈمكىن. شۇنداق بولسىمۇ سىلەرنى توغرا چۈشۈنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.