ئازاپ يۇتۇش
تۈن كېچىدە ئازاپنى سۆيدۈم ،
مەغلۇپ بولغان ئەرنىڭ كۆكسىدەك .
ئۆز رەڭگىنى يوقىتىپ جىمجىت ،
شاماللاردا لىڭشىغان تېرەك .
مۇزلىغان لەۋ يۈرەككە قەدەر ،
تۇمۇرلارنى سىققان تۈن كېچە .
شىۋىرغاندەك بىلىنەر ئەمدى ،
بۇ نەپەسلەر تا توختىغىچە .
بەلكىم مۇتلەق ئەمەس ھەقىقەت ،
ھۇۋلار تۈندە يەنە تەنھا قۇش .
قىيامىغا يەتكەن بىر سۆيگۈ ،
تۈن كېچىدە ئازاپلار يۇتۇش .
ئەمدى كۆكسۈم تولدى نەپەسكە ،
چىقتىمۇ يا تەننىڭ جۇلىقى .
چاك – چاك بولسۇن تۇمۇرلار ، ئەمما
قۇرىمايدۇ ھايات بۇلىقى .
مەۋھۇملۇق شىۋىرلاپ ئېيىتدۇ ناخشا
غېرىبلىق ئىلكىدە گۈللەر ئېچىلماس ،
توختىماي باغرىنى غاجىلايدۇ قۇرت .
مەۋھۇملۇق شىۋىرلاپ ئېيىتسىمۇ ناخشا ،
بەخت دەر : ئەزىزىم ، سەن مېنى ئونۇت .
چاڭقاشنىڭ لەۋلىرى قانىغىنىچە ،
تۇرىدۇ گۈللەردىن رەڭلەر تالىشىپ .
تەسەللىي ياغىدۇ قارنىڭ گۈلىدەك
ئادەملەر ئىمكانسىز تۇرار قارىشىپ .
ئازابنىڭ سەللىرى كېلىدۇ دېۋەپ ،
قىلىچتەك يارماقچى بولىدۇ ۋۇجۇد .
كۆك ئاسمان ، تەبىئەت بەرسىمۇ ئىلھام
بىلىسەن ھەر جايدا رېئاللىق مەۋجۇد .
قىيمىغان كۆزلەرگە ياشلار دەرپەردە ،
خىرەلىك ئىچىگە پاتتىمۇ ھايات .
قىيىلغان غۇنچىنىڭ تەبەسسۇمىنى ،
ئاخىرقى بىر مەرتە كۆردۈڭمۇ ھەيھات !
دەرەخمەن
مەن تۈنۈگۈنكى يوغان دەرەخنىڭ
سايىسىگە ئوخشايمەن جېنىم .
كۈلگىنىمچە قۇرۇقلار باسار
شىلدىرلىسا شاخ – يۇپۇرمىقىم .
ئەمما ، چەكسىز تۇپرىقىم ئۈچۈن
بەخت تىلەپ تۇرغان بىتىنىم .
يۈگىرەپ كىلىپ تەرلىگىنىچە ،
قۇچاقلىسۇن جان ئوماق قىزىم .
مېھىر بىلەن سىلاپ بېشىنى
ئورۇندۇق بۇپ تۇردى يىلتىزىم .
قۇرىنىمەن كۈن – تۈن توختىماي ،
قىش كۈنلىرى چىققان شامالدا .
بەلكىم كۆكلەپ تۇرۇشۇم كېرەك
ئەڭ ئاخىرقى قىسمەت – ئاچالدا .
بۇ شەھەرنىڭ بىنالىرى جىق
ئېگىز – ئېگىز كۆككە تاقاشقان .
غېرىپسىنىپ قالسام بەزىدە
كىلىپ قالار يولدىن ئاداشقان .
يۇلۇچىنىڭ چاڭقاشلىرىغا
ئاچچىق – ئاچچىق قىسمەت ئارلاشقان .
تەسەللىي بۇپ ھەممە كۆڭلىگە
شۇ دەرەخمەن خويمۇ ياراشقان .
مەنبە : كروران ژورنىلى
2014 - يىل 1 - سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-30 17:55
|