ئانا
تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى
مېھرىڭنى بەرگەچكە ئاق سۈتكە قوشۇپ،
چوڭ بولدۇم تەندۇرۇس، ئەقىلگە توشۇپ.
بولغاچقا سەن شۇنداق مەرد،سېخى ھاتەم،
ئارمانغا يەتتىم مەن پەرۋاز قىپ ئۇچۇپ.
كۈلكە ۋە يىغامغا باغلاپ ئىشتاياق،
سۆيگۈڭدىن ئەتەمگە ياقتىڭ نۇر چىراق.
ئەجىر ۋە مېھنەتتىن كۆكلىگىن دېدىڭ،
ھەسەت ۋە مېننەتتىن تۇرۇپ ھەم يىراق.
يىقىلساڭ تىك تۇردۇڭ يىقىلغان يەردە،
چېھرىڭدە تەبەسسۈم ئۆچمىدى ھەردە.
خۇش پۇراق گۈللەرنى تەردىڭ ئەجىردىن،
يىللارغا ئىز سالغان ھەر بىر قەدەمدە.
ئۆگەندىم سېنىڭدىن سۆيۈشنى، ئانا،
ئۆگەندىم شام كەبى كۆيۈشنى، ئانا.
پەرزەنتنىڭ بەختىچۈن قىلىپ جان پىدا،
ياخشى ۋە يامانغا كۆنۈشنى، ئانا.
سەن ماياك ئاداشماس نىشاندىن مەڭگۈ،
سەن قۇياش چاچىسەن ھارارەت سۆيگۈ.