ياشلارنى ياخشى يولغا يېتەكلەيلى
(سۆز ئويۇنى)
مەخەتجان ئابدۇرېھىم
يازغۇچى يولداشلار، يۇرتىمىزدىكى ياشلار يۇرتىمىزنى يورتىدىغان، يىراقتىكى يالقۇنلۇق يۇلتۇزدۇر. يۇرتداشلىرىمىزنىڭ يەلكىسىنى ياشارتىدىغان يۈرەكتۇر.ياشانغانلارنى يۆلەيدىغان يىقىلماس يارـ يۆلىەكتۇر.
ياشلارنى ياخشى يولغا يىتەكلەش- يۇرتداشلارنى، يۇرتىمىزنى يىڭىلىققا،يىراقلارغا يۈكسەلدۈردىغان ياخشى يولدۇر.
يولداشلارنىڭ يادىغا يەتكۈزەي،ياشاش يولىمىزغا ياندىشىپ يۈرگەن يورغا يىللار يەر يۈزىدە ياراتقان يىڭىلىقلارنى يىغىشتۇرۇپ، ياخشىلارنى يۆلەپ، يامانلارنى ياتقۇزۇپ،ياخشىلارغا ياندىشىپ،ياختۇرايلى-ياختۇرمايلى يېلدىن- يىلغا يۆتكىلىۋىرىدۇ.
يىڭىلانغان يىللارمۇ يازدا يامغۇر ياغدۇرۇپ،يەرنى ياڭزىمۇ-ياڭزا ياساندۇرۇپ، ياخشى يىمەكلىكلەرنى ،ياقۇتتەك يالتىرايدىغان يەل-يىمىشلارنى يىتۈلدۈرۈپ، يۇرتتىكىلەرگە يوللىۋىتىپلا،يېقىنلاشقان يېڭى يىلغا يېڭىچە يول ياساشقا يۈگرەيدۇ.يىللار ياشاشنىڭ ياخشى يورغىسىدۇر.
يۇرتداشلارغا، يازغۇچىلارغا ياكى ياشلارغا يەتكۈزدىغانلىرىم، يورغى يىللارنىڭ ياڭزىسىغا يانداشمىساق، ياكى يىللارنىڭ يورغىلىشىغا يىتىشەلمەي يىرىم يولدا يىنىۋالساق ياكى يېتىۋالساق يىلنىڭ يولۋاستەك يامۇللىرى يارلىق يوللاپ يەلكىمىزنى يەنجىپ ياشاش يولىمىزنى يوقىتىۋىتىدۇ.
يۇرتىمىزدىكى ياشلارغا يار يۆلەك يازغۇچىلار:- ياشلىرىمىزنىڭ ياشاش يولىدىكى يىڭى يولغا يارىمايدىغان يەرلەرنى ياخشى يەكۈنلەپ ياشلارنى ياخشى يولغا يىتەكلەيلى! يازما يازغاندا ياشلارنىڭ يىڭىلىق يارتىش يولىنى يورتىدىغان ياخشى يازمىلارنى يازايلى! يازمىنىڭ ياشلارغا يەتكۈزۈلىدىغان ياڭزىسى:-
ياشلار-ياشاش يوللىرىدىكى يارىماسلارغا يۆگۈمەچتەك يۆگۈشىۋالماي، يىلپىزدەك يوغۇناپ،يولۋاستەك يۈگرەپ يىراقلارغا يۈزلىنىپ،ياشلاردەك ياشىسۇن!
ياشلار- يەلتىراققا يۆگەلگەن يېغى يوق يىمەكلىكلەرنى يىمەي، يەرلىك ياخشى يىمەكلىكلەرنى يەپ، يۆتەلدىن يىراقلىشىپ يۈرىكىنى ياخشىلىسۇن!
ياشلار- يوتقانغا يۆگۈنۈپ يانتۇ يېتىۋەرمەي ، ياستۇقنى يىڭىلاپ، يورۇقلۇققا يۈزلەنسۇن.
ياشلار- ياقىسىنى يۆگەپ،يەلكىسىنى يېپىپ،يۈزلىرىنى يەرلىك ياڭاقنىڭ يېغىدا يۇيۇپ يۈرسۇن!
ياشلار- يىتىم-يىسىرلارغا،يوقسۇللارغا ياقا-يۇرتتىكىلەرگە،يىزىلاردا يىمەكلىك يىتىلدۈرۋاتقانلارغا،يىڭىلىق يارتىۋاتقانلارغا يىقىندىن ياردەملەشسۇن!.
ياشلار- يانتاققا يۆگۈمەچتەك يۆگۈنۈپ ياتماي،ياقۇت ياپراقلىق ياڭاقتەك ياشسۇن!
ياشلار- يانچۇقتىن-يانچۇققا يول ياسايدىغان يانچۇقچىلاردىن يىراقلاشسۇن!
ياشلار يىڭى يولدىكىلەرگە يانداشقاندا يىلاندەك يورغىلماي، يولۋاستەك يۈگرەپ، يىلپىزدەك يۆتكەلسۇن.
ياشلار-يىمەكلىكلنى يەلتىراققا يۆگەپ، يانتۇ يىتىپ يالاپ، يالماۋۇزدەك يالمايدىغان ياۋۇز ياڭزىلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ يىڭى يىلنىڭ يۈزىدە يۇلتۇزدەك يالتىرسۇن.
ياشلارنىڭ يادىغا يەتكۈزەيلىكى: يۇلتۇز-ياشلىقنىڭ يالدامىسىدۇر.يۇرتىمىزنىڭ ياشلىرى يىلدىن- يىلغا يۇرتۇڭلارنىڭ يۈزىنى يورتۇڭلار،يۇرتداشلارنىڭ ياشاش يولدىكى يۈكنى يەڭگىللىتىڭلار.
ياشلار-يادىڭلار يوق يۇقتۇرۋالغان، ياشلىق يولۇڭلارغا يامراۋاتغان،ياشلارغا ياراشمايدىغان يارىماس ياڭزىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ، ياشاش يولوڭلاردا يۈزۈڭلارنى،ياخشىسى،-يۇرتىمىزنىڭ يۈزىنى يورتۇڭلار.
ياشلار- يۇرتداشلارنى يىقىنلاشتۇرۇپ يىڭىلىققا يۈزلەندۈرۇپ يۇرتىمىزنى يىراقلارغا يۈكسەلدۈردىغان يىڭىلىقلارنى ياراتساڭلار يۇرتىمىزنىڭ ياشلىرىدەك ياشايسىلەر. يۇرتداشلارمۇ ياخشىلارنى ياختۇرۇپ يۈرەكلىرىنى يالقۇنلىتىدۇ.
يازغۇچىلار يۇرتداشلىرىمىز ياقتۇرمايدىغان ياڭزىلارنى يۇغۇشتۇرمىغان ياشلارنى يالىڭاچلاپ، يۈندىدە يۇيۇپ، ياپراقتا يۆگەپ يانتاقلىكتىكى يەككە يەرلىكتە ياتقۇزىدغان يازمىلارنى يازىدۇ.
ياشلار!- ياخشىلىققا يۈزلىنىپ، يىڭىلىق ياراتساڭلار يالغىنى يوق يۈز يىلدىن يۇقۇرى ياشىيالايسىلەر.
ي نى يۆتكەپ يۈر يەدە،
يۇمۇر يازدىم يىڭنىدەك.
يامانلارنى يىغلىتار،
ياخشىلارغا يار-يۆلەك.
ياشلىرىمىز يامغۇردەك،
يەر يۈزىگە يۈزلەنسۇن.
يۇرتداشلارغا ياندىشىپ،
يىراقلارغا يۈگەرسۇن.
مەنبە؛ ئۆزەمنىڭ ئىجادىيتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-29 13:35