«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» پائالىيتىگە ...
كۆز ياش ئۇرۇقلىرى
نەسىرلەر
روزى كېرەم يارى
كۆز ياش ئۇرۇقلىرى
مۇھتاجلىقتا ئۈمچەيگەن لەۋلىرىم ۋاقىتنىڭ كۆزىگە تەلمۈرۈپ قارىدى . ۋاقىتنىڭ لەۋلىرىگە سانسىز ئادەملەر يېپىشىۋالغان ئىدى . ئۇنىڭ لەۋلىرى قۇم دەرياسىدەك ئاقاتتى . ئۇنىڭدىن قۇيۇق توپا – چاڭنىڭ ھىدى كېلەتتى . ئىچى – ئىچىدىن قۇرغاق ، شۇ قەدەر قۇرغاق ...
كۆزلىرىم بىر نوقتىدا قېتىپ قالدى . لەۋلىرىم ئاستا – ئاستا تۇزىۋاتاتتى . ئۇنىڭ تۇزىغان تۇزۇنداقلىرى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇردى . كۆزلىرىمدىن دومىلاپ چىققان بىر تامچە چاڭ – توزانلارنى ئۆزىگە تارتىپ ، قۇم ئۈستىگە چۈشتى . قۇملار لەرزىگە كەلدى . قۇياش كۆتۈرۈلۈپ يىراق – يىراقلاردىن باھار شامىلى كېلىشكە باشلىدى . ئۇنىڭ ئىللىق ھىدى ، نەمخۇش مۇھەببىتى تۇپراقنى تىرىلدۈردى .
ئادەملارنىڭ كۆز يېشى نەقەدەر ساپ ھە ! ئۇنىڭدا زادى نېمىلەر بار ؟!
مۇھتاجلىق ، ئەلەم – دەرت ، ھەسرەت ، سېغىنىش ، ئازاپنىڭ ئورۇقلىرىمۇ ؟
غەمخورلۇق ، ئىچ ئاغرىتىش ، ھەمدەرتلىك ، ھېسداشلىق ئورۇقلىرىمۇ ؟
خوشاللىق ، ھاياجان ، بەخت ، ۋىسال شادلىقنىڭ ئورۇقلىرىمۇ ؟
نادامەت پۇشايمان ئورۇقلىرىمۇ ؟
تۇزلۇققىنە بىر تامچە !
مەن ئۇنىڭ سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم .
مەن ئۇنىڭ قول ياغلىقنى ، ياغلىق ئۇچىنى ، ئېتەكلەرنى ھۆللىگىنىنى كۆردۈم .
مەن ئۇنىڭ ئادەملەرنىڭ كۆزىدە چاقنىغىنىنى ، ئاندىن مەڭىزلەرنى يالاپ ئۆتۈپ ئېڭىكلەردە توختىغىنىنى كۆردۈم .
ئۇنى ئالقىنىمغا ئالغىنىمدا ئۇ ئالقىنىمدىكى ئۇششاق ئېرىقلارغا تارقاپ كەتتى .
ياشاڭغۇراپ تۇرغان كۆزلەر !
جىمجىت كېچىدە مۇھتاجلىقتا ئۈمچەيگەن لەۋلىرىم ۋاقىتنىڭ كۆزىگە تەلمۈرۈپ قارىدى . ۋاقىت كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ ، پەرۋاسىزلىق بىلەن كېتىپ باراتتى ...
ئادەملەرنىڭ كۆز يېشى نەقەدەر ساپ ھە !
ئۇنىڭدىكى قىرتاقلىق ھاياتنىڭ تەمىنى تەڭشەشكە تامامەن يېتىشىدۇ . ئۇ زادى قانداق ئورۇق ؟!
نۇر
كېچىلەرنى تەنھالىققا باشلاپ بارغۇچى ئەي قۇش ! جىمجىتلىق بوستانىدىن سۆرەن – شاۋقۇنلۇق باياۋانغا پەسىل ئۆتكۈزۈشكە كەلدىڭمۇ ؟
كىشىلەر ھەقىقەت ئىزدەپ ئۇنىڭ ئېشىكىنى ئاران تېپىپ كېلىشتى . ئۇلار مۇشتلىرى بىلەن دەرۋازىنى بۇلۇشىچە ئۇرۇپ قوللىرىدىن تارام – تارام قانلار ئاققۇزۇشتى . ئۇلار شۇ تەرىقىدە ھالسىزلىنىپ ھوشىدىن كەتكىنىدە ، ئۈمىدسىزلىنىپ ئارقىغا قايىتقىنىدا ياكى دەرۋازا يېنىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشقانلىرىدا دەرۋازا ئېچىلدى . ئۇ ھۇشسىزلىنىپ يىقىلغانلارغا سەپ سالدى .كۆپ قىسمى ئاللىبۇرۇن جان ئۈزگەن بولسا ، بىر قىسمى تىزگىنسىز قالغىنىدا ئىختىيارسىز ئۆزلىرىنىڭ ماڭغان يوللىرىغا پۇشايمان قىلغانلىقى ئۈستىدە نالە – زار قىلىشماقتا ئىدى .
ئۆلۈم – بىر قارا ئۆڭكۈر ! نىجادىيەت ئۇنىڭدىن تارىلىۋاتقان نۇر . پاراسەت ئىللىق نۇر چېچىپ تۇرماقتا ! ئۈمىد شامال ، بەخت – رەڭگارەڭ گۈل ، ئېتىقاد چىغىر يول ، ئادەم مەۋجۇدىيەت ئۆڭكۈرىدىن چىقىپ ، نىجادىيەت نۇرى تارقاۋاتقان تەگسىز قارا ئۆڭكۈرگە ماڭغان سەپەرچى . قارا ئۆڭكۈر نېمىشقا نىجادىيەت نۇرى تارقىتىدۇ ؟
تۈن دەرىخى باراقسان ئۆسۈپ چېچەكلەر ئاچقىنىدا ئۇنىڭ پۇرىقىدىن مەست بولغۇچى خەيرىلىك چۈشلەر قوينىدا ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم بايقىدى . ئۇ رىئاللىقتىكى ئاجايىباتلارنى تاماشا قىلىۋاتقىنىدا تەپەككۇر قۇشلىرى پەرۋاز قىلىپ كىلىپ شاخلاردىن ئورۇن ئالدى .
ئۆلۈم راستتىنلا نىجادىيەتمۇ ؟ نېتزى : «يوقالسۇن ئاجىزلار !» دەپ توۋلىغىنىدا ئۆلۈم – نىجادىيەت دەپ ئويلىغانمۇ ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ئۆلۈم راستتىنلا نىجادىيەت بۇنىڭدا شەك يوق . ئۇنداقتا نىجادىيەت نۇرى نېمىشقا قارا ئۆڭكۈر ئاغزىدا چاقنايدۇ ؟
بەخت – رەڭگارەڭ گۈل ! ئاشق مەشۇقىغا شۇڭا گۈل تەغدىم قىلىدۇ . پاراسەت – ئۇ قۇياش . ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى يۇرىتىدۇ . ئۇلارغا ئۈن – تىنسىز ھەم ناھايىتىمۇ سىرلىق ھالدا ئاجايىباتلارنى سوۋغا قىلىدۇ .
چىغىر يول سەن ماڭمايدىغان يول ئەمەس. بىراق ، ماڭغاندا ئازمايدىغان يول تېخىمۇ ئەمەس . ئازغاندا سېنىڭ بارىدىغىنىڭ سەن كۈتكەن مەنزىل ئەمەس . بىراق ، بۇ يەردە ئېزىشنىڭ زادى قانچىلىق ئىكەنلىكى ئاخىرقى ھۆكۈمگە ئاساس بولىدىغان ئەڭ مۇھىم نوقتا !
زىمىستاندا سەن شامالغا مۇھتاج ئەمەس . بۇ خاتا ! بۇنداق دىگىنىم سېنىڭ ئۇنى شىۋىرغان دەپ ئويلاپ قالغىنىڭ ! سەن زېمىستاندا تۇرۇپ باھار شامىلىغا تەلپۈنەمسەن ؟ تۇمۇزدا شامالنى سېغىنامسەن ؟ بىراق ، ئۇ بوران بۇلۇپ كەتمىسۇن !
ئاھ ، سەپەرچى ! غايىۋى خىياللىرىم ئارىسىدا تېڭىرقاپ قالما ! مەن سېنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشۇڭنى ئەڭ چۈچۈك ئەدەبىي تىلدا سۆزلەۋاتىمەن . سەن ئاددىي تۇرمۇشۇڭنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈر ! سەن ساپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساماسىغا قۇلاق سال . مەن بۇ ئۇزۇن يولدا ساڭا مۇڭداش ، سەپەرداش . ئەگەر مەن سېنىڭ يېنىڭدا تۇرۇپ قۇلۇقىڭغا پىچىرلىسام ، سەن ئۇنى مەنىسىز قۇرۇق پاراڭ دېمە ؟ ئۇنىڭدىن يىرگەنمە ! پاراسەت نۇرى ئۇنى ياشارتىپ ، نىجادىيەت نۇرىغا قاتقۇسى !
قىسمەت
ئەقىلنىڭ ئاۋۇشى ئادەمنى گۇمانخور باشقىلارغا ئىشەنمەس قىلىپ قويىدۇ . يەنە قانائەتسىز قىلىپ قويىدۇ . ئۇ ئادەمنىڭ قانمىغان ئاللىقانداق ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن تىپىرلايدۇ . ئىچى ئېتىشىدۇ . ئىچى پۇشىدۇ . ئۇ خۇددى توغاندا تۇسۇلغان سۇدەك دەۋرەيدۇ . ئۇنىڭ دەۋرىشى گاھى جىمجىتتەك بولسا ، گاھى دولقۇنلۇق . ئۇنىڭ بېشى قاتىدۇ . ئۇ ئۆز ئالدىغا يول ئاچماقچى بولىدۇ . ئىزدەيدۇ ئەمما ، يىنىكلىك بىلەن ھەركەت قىلشتىن ساقلىنىدۇ . چۈنكى بۇ يىنىكلىك ئۇنى مەڭگۈلۈك نادامەتكە باشلاپ قويامدۇ ؟ ياق دەيدۇ ئۇ ئۆزىگە . تەۋەككۇل قىلىپ بېقىش كېرەك . تەۋەككۇل دەرياسىغا كېمە سالماي تۇرۇپ ، يەنە نېمىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ؟ سەۋىر – تاقەت ۋاقتى ئۆتكەن نەرسە ئەمەس . ئۇ زامانىۋى جەمئىيەتتە ئادەملەر ئېرىشىشنى ئىزدەيدىغان ماھارەت ، تېخنىكا بۇلۇپ قالدى . ئىشەنچ – ئۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيول ، ئەقىل – ئېدراك نىشانغا دەل تېگىدىغان قورال بۇلۇپ قالدى . ئۈمىد ، ئىرادە بولسا نىشانغا ۋاقتىدا تېز يەتكۈزەلەيدىغان ئاۋازدىن تېز قاتناش قورالى . شۇنداق ! پۇرسەتلەر كۆپ ، ئىمكانىيەت كەڭ . ئەمما كۈچ – قۇدرەتچۇ ؟ بۇرۇنلاردىكى ئىككىلىنىش ھازىرقى ھەمكارلىق دىگەن گەپكە ئالماشتى . چۈنكى كۈچتۈڭگۈر ، قارام ، لۈكچەك ئادەملەر قالمىدى . بولسىمۇ ئۇلاردىكى ئەشۇ خۇسۇسىيەتلەر ئاجىزلاشتى . ئادەملەردىن ئادەملەر كۈچلۈك ، ئەقىللىق ! ئۇلار ئۆزى باش بولماقچى بۇلۇشىدۇ . شۇنداق ئىكەن ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك . شۇنداق قىلمىسا قېنى كۈچ – قۇۋۋەت !
مەڭگۈلۈك نادامەتكە قېلىشنىڭ يەنە بىر شەكلى ھېچ ئىش قىلماسلىق ، جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ كۈن ئۆتكەنگە شۈكرى قىلىش . بۇ ئادەمنى تۈگەشتۈرىدۇ . جىسمانىي ، ئەقلى ، روھى جەھەتتىن ئاستا – ئاستا ۋەيران بولىدۇ . تەپەككۇر ، ئەقىل – ئىدراك ، پاراسەت ، ئىجادكارلىق ئىلمىنىتلىرى باشتا ۋەيران بولىدۇ . ئاندىن ئەخلاق ، ئېتىقاد ئاجىزلايدۇ . ئاندىن روھىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولغان تېنىنى ئازاپلاشقا باشلايدۇ . ئادەملەردىن قاچىدۇ . ئۆز خىيالىغا بېرىلىدۇ . قىلغان ئىشى تۇتامسىز . باشقىلارنى ئەيىپلەپ ، ئۇلاردىن يىراقلىشىدۇ . ھەممە گۇناھ ئەيىپنى باشقىلارغا ئارتىدۇ ئۆزى بولسا گۇناھسىز ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغۇچى ، زىيان تارتقۇچى دەپ ئويلايدۇ . بۇلار نادامەتتە قالغانلار بولسىمۇ ، ھەتتا نادامەتنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولغاچقا ، بۇلار يۇلۇققان تەغدىر ئېچىنىشلىق قىسمەتتۇر .
گۈزەللىك ھەركىتى
نۇرانە ئىستەكلەر ئىلكىدە چاراقلايمەن . ئۆزەمنىڭ مەغلۇپ بولغان روھىمنى بەخت گۈلشىنىگە باشلايمەن . ئۇنى ئەڭ گۈزەل گۈللەرگە مەپتۇن قىلىپ قويىمەن . ئۇنىڭ ئۈمىدۋار تۇرقى مېنى ئەڭ يىراق كەلگۈسى توغرىسىدا گۈزەل ، تېخىمۇ ئەلۋەك خىياللار ئىلكىگە باشلايدۇ .
رېئاللىق ئىلكىدە توڭلىغىنىمدا گۈلشەنلەرنىڭ سارغايغانلىقىنى ، گۈللەرنىڭ توزۇپ ، ئۆزەمنىڭ سۇلغۇنلۇققا پاتقان چىرايىمنىڭ خۇرسىنىش ئىچىدە داۋالغۇپ تۇرغانلىقى ئايان بولدى .
ئەمما ، مەن ئەشۇ دىلنى پارە قىلىدىغان گۈزەللىك ھەركىتى ئىچىدىن ئەڭ قۇدرەتلىك بىر مەنبەنى تاپتىم .
قەلب ئاھاڭى
قەلبىمنىڭ ئاھاڭى ئۆز مەرغۇلىغا يورغىلايدۇ . كىشىلىك ھايات بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاڭ ئويۇلغاندەك ، كىشىلىك ھايات تەرەپتىن ئاڭلانغان ئەكىس سادا قەلبىمنى ئۆزلىكسىز تىترىتىدۇ . قەلبىم تەرەپتە تۇرغاندا كىشىلىك ھايات تەرەپتىن كەلگەن سادا مېنى ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئارىسىدا ھالسىرىتىدۇ . مەن بىر يول تېپىشنى ئويلايمەن . ئەمما ، جۈرئەت قىلالمايمەن .
ۋاز كېچىش دىگەن بۇ گەپ مېنىڭ ئالدىمدا گويا ئىپپىتى بۇزۇلمىغان قىزدەك نازلىندۇ . مەن يىگىتلىك قاراملىقىمغا تەلمۈرىمەن . ئەمما ئەقىل قەلبىمگە تەنبىھ بېرىدۇ . كىشىلىك ھاياتنىڭ يوللىرىدا بوران ئۇشقىرىتىپ ھازىرلا قار ياغىدىغاندەك ئىزغىرىن يۈرەككە سانجىلىشقا باشلايدۇ . مەن مۇھتاجلىقنىڭ ھېلىقى كونا كەپىسىگە قاراپ ماڭىمەن . نازىنىن كۆزلىرىنى سۈزگىنىچە ئەشۇ جايىدىلا قالىدۇ . يىگىتلىك خۇددى ھوردەك قاياقلارغىدۇر غايىپ بولىدۇ .
بىچارە تۇرقۇم كونا كەپىگە ماسلىشىپ قالىدۇ . ئەينەك ئالدىدا ئۆزەمنى تۈزەشتۈرۈپ ، باشقىلاردىن كام يېرىم يوقلۇقىغا ئىشىنىپ قالىمەن . قەلبىم ئۇيقۇغا چۆكىدۇ . كىشىلىك ھايات قاينام – تاشقىنلىققا تولغان قۇشۇنى بىلەن ئۆزلىكسىز ئالغا سىلجىيدۇ . يىگىتلىك قاراملىقىم ئوزۇن يىل ئىشلىتىلمىگەن ئەسكەردەك ، ئوۋغا چىقىپ باقمىغان ئوۋچىدەك ، قارىغا بەتلىنىپ باقمىغان مىلتىقتەك ، كېرىچكە چۈشۇپ قۇيۇپ بېرىلىپ باقمىغان ئوقتەك ، باغلاقتا تۇرغان يۇۋاش ئاۋاق ئىتتەك ... شۈمشىيىپ قالىدۇ .
مەرغۇل ئۇزۇن يىللار ئالمىشىپ باقمىغاچقا ، قۇلاقلار كۈنۈك ، يۈرەك شادلىق تاماسىدا ئىنتىزار ، جىملىق گويا ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك چۈشۈرگىسىدەك ...
ئازما ، ئىنسان !
ھاياتلىقتىكى رىسقىم زېمىن ئۈستىگە چېچىلغان . ئۇنىڭ ئۆزى بىخلاپ ماڭا ئۇچرىشى تەلەي – ئامىتىم ، ئۇنى تالاي رىسىقلار ئىچىدىن ئۆز ئەجرىم بىلەن بايقاپ تېپىشىم بەختىمدۇر . ئەمما ، مېنىڭ ئېرىشكىنىم ھەم ئېرىشمەكچى بولغانلىرىم تەلەي – ئامىتىم بولدى .
بەختىمنى تېپىش ئەجىر – ئەزىمدىن بولسىمۇ ، مېنىڭ ئەجرىم قاياقلارغىدۇ توزۇپ ئۇچقان توزاندەك بەخت ئۈچۈن زەرىچە بەرىكەت بولمىدى .
ئادەم تەنھا بولغاچقا ، كېلىپ كېتىشى تەنھالىققا مەھكۇم ! دېمەك قايسى ، قانداق يولدا مېڭىش ھەر كىمنىڭ ئەقىل – دېتى ، ئىمكانىيەت ۋە قەلب تارازىسىغا باغلىق .
مەن ئىككى يۆلىنىش ئالدىدا تېڭىرقىدىم . تەلەي – ئامەتنى كۈتۈش مېنى پايانسىز چۆلنىڭ چاڭقاقلىق تولغان باغرىدىكى ئالۋۇنغا باشلارمۇ ؟
ئەجرىم مېنى تىنىمسىز دېڭىزنىڭ چاڭقاقلىققا تولغان باغرىدىكى ئالۋۇنغا باشلارمۇ ؟
مانا بۇ ئىككى يولدىكى بىر ئادەمنىڭ بىرخىل تەغدىرى ئىدى . ئەمما ، مېنىڭ مايىللىقىم ئالدىنىقى يولغا ، خىيالىم بولسا كىيىنكى يولدا ئىدى .
بۇ مېنىڭ تۇتامسىزلىقىم ئىدى . لېكىن ئۆزەمنى ئاقلىسام ھېچنېمىنى ئويلىماي ئۈن – تىنسىز ياشاشتىن ، ياشاش غېمى ئۈستىدە ئويلىنىشىم تېخىمۇ زۆرۈر ئىدى ھەم بۇ مەندىكى ئۈمىدنىڭ شەپىسى ئىدى . يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تېڭىرقاش بەجايىكى ماڭا ھېچنەرسىدىن دېرەك بەرمەيتتى ھەم ئەقىل – دېتىمنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، مېڭە ، يۈرەك ، ئاشقازان ، جىگەرلىرىمگە بېسىم بولاتتى . بىر توغرا يول كۆرسەتكۈچىگە مۇھتاجلىقىم ھەم مېنى قوللاش ۋە يۆلەشكە ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان ئەزىزلىرىم ئەتراپىمدا پەرۋانە بولسىمۇ ، بۇ يۆلىنىشنى تاللاش ئۆتكىلىنى ئۇلارغا ھاۋالە قىلغاندىن ئۆزەمنىڭ بۆسۈپ ئۆتكىنىم يېرىم غەلبىدىن دېرەك بېرەتتى .
ئەي ، ئىنسان ! ئازما ...
بەخت بىر خىل تۇيغۇ
بەخت بېشىمغا سايە تاشلىغىنىدا مەن چاڭقاشقا كۈنۈككەن روھىمدىن بۇ سايىنىڭ ماڭا جان ئاراملىقى بەخش ئېتىش بىلەن بىرگە يەنە بىرخىل تىترەش توغرىسى سىلكىنىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم .
بەخت بېشىڭغا قونغاندا ئۇنىڭ كەيپىدىن مەسخۇش بۇلۇپ ئۆزەڭنى يوقىتىپ تۇرامسەن ؟
ئەمما مەسخۇشتلۇقتىن كىيىن كەلگەن رېئاللىق سېنى ئاچچىق كەچۈرمىشلەر قوينىغا باشلايدۇ . ئىزتىراپ سېنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغىنىدا ، بەخت دىگەن بۇ نەرسىنىڭ سەن ئۈچۈن تولىمۇ بىر ئۆتكۈنچى ھېس تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ، داۋاملىق ياشاش ، تىرىشىش ، يوقىتىش ۋە ئېرىشىشلەرنىڭ مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتلەر ئىچىدىكى سىلكىنىشلەر ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك . بۇ ئەقەلىي ساۋاتلار سېنى بىلىملىك قىلالمىسىمۇ ، تەسەللىي بولسىلا بولىدۇ . سەن ئۇنى ئۆگىنىۋېلىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىسەن ئۇقۇشقا بولسا بىردەملىك . ئۈمىدۋار روھىڭ ئۈچۈن بەخت دىگەن دان چېچىلدى . تەييارنى يەمسەن ياكى بىپايان دالىدا ئۆزەڭ دانلامسەن بۇ ئۆزەڭنىڭ ھايات يولى . بەخت ئادەمە بېرىلگەن تەسەللىي ، مۇكاپات ۋە ئىلھاملاندۇرۇش . ئۇ ھەرگىز نام – نىشان ، ئەمەل – مەنسەپ ياكى مەڭگۈلۈك مىراس ئەمەس !
ئۇ گاھىدا كىچىككىنە ! ئۇ مەڭگۈ مۇقىملىققا ئىگە ئەمەس . بۇ توغرىدا بىر دوستۇم ماڭا مۇنداق دىگەن . بۇ گەپنى ساڭىمۇ دەپ بېرەي :
- بىر ئىشنى قىلىپ ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەمنىڭ شۇ ئىشتىن ھېس قىلغان بەخت تۇيغۇسى مەڭگۈ ئوخشاش بولمايدۇ .
قانائەت – غەلبىدىن كىيىن بولىدۇ
قانائەت قىلىشنى ئۆگەن ! قانائەت ئادەمنىڭ روھىنى يۈكسەلدۈرىدىغان ، چىدامغا غەيرەت ئاتا قىلىدىغان ، ھالسىرىغاندا ئارامبەخىش راھەت ئاتا قىلىدىغان تۇيغۇ .
قانائەت غەلبە تەنتەنىسىدىن كىيىن بۇلۇشى كېرەك . چۈنكى ، سەن غەلبە خوشاللىقىدىن كىيىن ئۆزەڭنى دەڭسەپ بېقىشقا ، ئۆز ھەركىتىڭدىن خۇلاسە چىقىرىپ ، كەمچىللىك ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى ھېس قىلىپ بېقىشقا مۇھتاج . سېنىڭدە شۇنداق بىر ئىدىيە تەييارلىقى بولغىنىدا غەلبىدىن غەلبىگە ئاتلىنىش سېنىڭ مەڭگۈلۈك ھەركەت نىشانىڭ ۋە ئۆزلىكسىز ئېرىشىدىغان نەتىجەڭ بولغۇسى !
ئەمما ، ھەركەتسىز ، نىشانسىز ، غەلبىسىز بىر ئادەمنىڭ قانائىتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ بۇ قانائەتنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە ئىشلىتىش ئورنى ئەمەس . ئەجەبا ، روھى ماددىي جەھەتتىكى چاڭقاقلىقى سەۋەبىدىن يەنە قانائەتكە مۇھتاجمۇ ؟
مەن باشتا دىگەن : «قانائەت – غەلبىدىن كىيىن بولىدۇ » . شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەقىقىي مەنە يۈكلىنىدۇ. غەلبە – ھەممىسىلا سېنىڭ نەتىجەڭ ئەمەس ، بەلكى ھەر بىر تەپەككۇرۇڭ ، تەپەككۇردىن كىيىنكى ھەركىتىڭ ، باسقان قەدىمىڭ ، ئېرىشكەن نەتىجەڭ ياكى مەغلۇبىيىتىڭ ...
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» پائالىيتىگە ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رۇزى كېرەم يارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 18:50
|