يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1500|ئىنكاس: 4

م.ق.غەرىبى:سىنتەبىر يامغۇرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىنتەبر يامغۇرى

(ھېكايە)

مۇھەممەتجان قۇربان غەرىبى


    سىنتەبىرنىڭ تۇنجى يەكشەنبىسى. سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. يامغۇر پۈتۇن بەدىنىمنى چلىق-چلىق ھۆل قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، قەلبىم سۈيى قۇرۇپ كەتكەن ئۆستەڭنىڭ تېگىدىكى سېغىزدەك يول-يول يېرىق ئىدى. ھېس ھاياجىنى ئۆرلەپ تۇرغان يىگىرمە يەتتە ياشلىق بىر يىگىتنىڭ تويۇنغان ھېسىياتقا، ئاياللىق مېھىرگە تەشنا ئىكەنلىكىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ قەلبىمنىڭ يول-يول يېرىقلىرىدىن ئۆزۈممۇ ئىپادىلىيەلمەيدىغان بىر خىل ھېسىيات ئاتەش بولۇپ يېنىپ تەشنا قەلبىمنىڭ رۇجەكلىرىدىن مارايتى. مەن خىيال، چۈش، ھېسىياتتىن باشقا ھېچنەرسىسى يوق ئادەمدەك بۇ ئۈچىنىڭ ئوتتۇرسىدا پىرقىراپلا يۈرەتتىم. كۈندۈزلىرى خىيال ئىچىدە گاراڭ يۈرسەم، كىچىللىرى چۈش ئىچىدىلا يۈرەتتىم. بەزىدە گۈزەل رەنالار بىلەن چاھار باغلاردا قول تۇتۇشۇپ خۇشال-خۇرام سەيلە قىلسام، بەزىدە ئۆمرۇمدە كۆرۇپ باقمىغان، كۆرسىمۇ ئون كۈنلۈك نېرىغا قاچىدىغان بەتبەشىرە قىزلار بىلەن ئەيىش-ئىشرەت قىلىپ چۈش كۆرەتتىم. ھېسىياتىم بولسا پار قازىنىدا قاينىغان سۇدەك پورۇقلاپ تومۇر-تومۇرلىرىمغان تاراپ كۈچ بېغىشلايتى. شۇنداق چاغلاردا تاغنى كىسىپ ئۆستەڭ چاپقان پەرھاتتەك جاسارەتكە تولاتتىم. قەلبىم، كۆزۈم نۇرغۇنلىغان قىزلارنى تاسقاپ ئۆتتى. بىراق سەن قەلىب كۆزۈمنىڭ كۆرۇش دائىرسىدە ئەمەسسەن. قەلبىم سۇغا تەلمۈرگەن قاغجىراق دالىدەك، ساڭا تەلپۈنمەكتە. مەن قۇياش بولسام، سەن قۇياشنىڭ ھارارىتى. مەن پەقەت سەن بولغاچقىلا قوياش بولۇپ ئۇلۇغلىنىمەن. سەن بىر تال قىزىلگۈل بولساڭ، مەن ئاستا كىلىپ لىۋىڭگە قونغان شەبنەم. شۇ شەبنەمدەك ئاستا-ئاستا باغرىڭغا سىڭىپ كىتىمەن. ئېھ! كۆڭۈل بوستانىمىنىڭ خۇشناۋا بۇلبۇلى. نۇرلۇق ئاسمىنىمنىڭ ماھى تابانى قايدىسەن؟! روھى قاغجىراپ ئۆلەي دەپ قالغان غېرىپ مەجنۇنىڭغا بىر لەھزە مەي ئىنئام قىل!
     كۈنلەر مەجنۇنلۇق ئىلكىدە ئۆتىۋاتاتتى. تۇرمۇشۇم مەنسىز يېزىلغان ئۇزۇن رومانلاردەك، ھاياتىم ئەسلى رەڭگىنى يوقاتقان كونا رەسىمدەك بولۇپ قېلىۋاتاتتى. شۇنداق مەجنۇنلۇق كۇنلەرنىڭ بىرىدە قەلبىمنىڭ قاغجىراق دالىسىغا چاقماق چېقىلدى. چاقماقنىڭ زەرەتلىرى يۇرەك باغرىمنى ئۆرتىۋەتتى. شۇ كۈنىمۇ سىم-سىم يامغۇر ياغقاندى. ماشىنىنى يولنىڭ چىتىدە توختىتىپ ئەينەكلەرنى چۈشۈرۋېتىپ يېقىملىق مۇزىكا ئاڭلىغاچ، يامغۇرنىڭ ماشنا ئەينىكىگە ئۇرۇلۇپ ساقىپ چۈشۈشلىرىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇراتتى. سەن تۇيۇقسىز سۇس تۇمانلار ئىچىدىن پەيدا بولدۇڭ. خۇددى ئاسمان بىلەن زىمىن تۇتاشقان جايدىن پەيدا بولۇپ كەلگەندەك شۇنداق تۇيۇقسىز پەيدا بولدۇڭ. شۇ تۇرقۇڭ مەڭزىدىن شەبنەم تامچىللىرى ساقىپ چۈشۇۋاتقان ئەتىرگۇلدەك بولۇپ كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۇرەتتى. پۇتۇن بەدىنىڭدىن يامغۇر تەپچىرەيتى. ئۆزۇممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل ھېسياتتا ماشىنىنىڭ كەينىدىكى كۈنلۇكنى ئېلىپ ئالدىڭغا باردىم. سەن قورنۇش، تارتىنىش ئىچىدە تۇرۇپ قالدىڭ. بەلكىم مېنىڭ سېنى ساقلاۋاتقان مەجنۇن ئاشىق ئىكەنلىكىمنى بىلمەسلىكىڭ مومكىن. سەن كۆزۇمگە قاراپلا، ئۆزۇڭنى ئېلىپ قاچتىڭ. شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. قاپقارا كۆزۇڭدىن بالقىغان نۇر دەستىسى تەشنا قەلبىمگە بىر لەھزە مەي بولۇپ قەلبىم قېتىغا سىڭىپ كەتتى. ئۇن تىنىسىز ھالدا بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تۇراتتۇق. يامغۇر چاچقۇ بولۇپ بېشىمىزغا چېچىلاتتى. كۈنلۇكنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم. ئۇ كۈنلۇكنى ئېلىپلا مەندىن يىراقلاشتى. مەن ماشىنىغا چىقماي قولۇمنى قوۋۇشتۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم. يامغۇر ماڭا كۆڭۈل بىزارى بولۇپ تۇيۇلۇشقا باشلىدى. كىيىملىرىمدىن يامغۇر تامچىللىرى تەپچىرەيتى. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ قەلىب دۇنياسىدا مەن زاھىر بولدۇم:
  - ۋۇي، سىزنىڭ كىيىملىرىڭىز ھۆل بولۇپ كىتىپتىغۇ؟ دەپ قېشىمغا كىلىپ كۈنلۈكنى بېشىمغا تۇتتى. ئۆزىمۇ سۈرۈلۈپ كىلىپ ماڭا چاپلىشىپ دېگۇدەك يېقىن تۇردى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاشۇ بىر جۈمىلە گەپ يول-يول يېرىلغان قەلبىمنىڭ قاغجىراق دالاسىغا، ئابىھايات زەمزىمى بولۇپ قۇيۇلۇپ قەلبىمنى گۇزەل ۋادىغا ئايلاندۇرۋەتتى. ئۇ ماڭا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قاراپ قويۇپ، بايا پەيدا بولغان تۇمان ئارىسىغا نەزەر تاشلىدى. يامغۇر بارغانسىرى ئەدىگىلى تۇردى. يامغۇر ماڭا ئەمدى سۆيۈملۈك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. شۇنداق بولغاچقىلا تۈمەن چاقىرىملىق ئارىلىقىمىز غېرىچقىمۇ توشمىغۇدەك دەرىجىدە قىسقاردى. قەلبىم تۇنجى قېتىم بىر گۈزەلنىڭ تەبەسسۇمىغا نائىل بولدى.
     - يۈرۈڭ ماشىندا ئولتۇرايلى. ئۇ كۈنلۇكنى بېشىمغا تۇتقىنىچە ماڭا ئەگىشىپ ماشىنا تەرەپكە ماڭدى. مۇشۇ دەقىققە ھاياتىمدا مەن ئىنتىلگەن ئەڭ گۈزەل بىر دەقىققە ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن يانمۇيان ئولتۇرۇشنى خىيال قىلسام، ئۇ ئەكسىچە ئارقا ئورۇندۇققا چىقىپ ئولتۇردى. تۇرۇپلا ئۇنىڭغا بولغان ئامراقلىقىم تېخىمۇ ئاشتى. چۈنكى مەنمۇ ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئالدى ئورۇندۇققا ئانچە ھەۋەس قىلىپ كەتمەيتىم. بىراق ماشىنا ھەيدىگەندە ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىلى بولمايدۇ، دە. ماشىنا ئىچى ئىللىق ئىدى. لىرىك مۇزىكا ياڭىراۋاتاتتى. ئەينەكتىن ئۇنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن چاچلىرىنى سىلكىشلىرىگە زوقمەنلىك  بىلەن قاراپ ئولتۇردۇم. ئۇ  خىجالەت ئىلكىدە:
   - كەچۈرۈڭ. دېدى.
   - ھېچقىسى يوق. مەڭ بۇ چاپاننى يېپىنچاقلىۋېلىڭ. دەپ چاپىنىمنى سۇنۇپ بەردىم.
     ئۆزىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، مەنمەنچىلىكى بىلەن«توڭ شاپتۇل» دەپ ئاتالغان بۇ قىزنىڭ ئىسمى دىلخۇمار. ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل لاتاپىتى، ياخشى بولغان خىزمەت ئورنى بىلەن دېمىقىنى ئۇستۇن تۇتۇپ يۈرۈيتى. ئەزەلدىن بىركىمگە خۇش چىراي ئېچىپ گەپ قىلمايتى. كىشلەر ئۇنىڭ بىلەن خىزمەت توغرىسىدا گەپ قىلىش توغرا كەلمىسە، باشقا چاغدا گەپ قىلمايتى. ئۇ توزدەك ياسىنىپ، يەڭگىل دەسسەپ ئالدىمىزدىن ئۆتسە، ئوغۇللار تامىقىمىزنى چاكىلدىتىپ قاراپ قېلىشاتتۇق. ئۇ يېزىمىزدىن چىققان بىردىنبىر دۆلەت مەمۇرى بولغاچقا ئۆزىگە بەك تەمەننا قويىۋالاتتى. شۇڭا بۇ «توڭ شاپتۇل» كۆز ۋە قەلىب تاسقىشىمدىن ئۆتۇپ كەتكەنىدى. بىراق بۈگۇن ئۇ ئىللىق تەبەسسۇم، يېقىملىق قاراشلىرى بىلەن قەلبىمنىڭ قاغجىراق ۋادىللىرىنى سۇغرىشقا باشلىدى. قەلبىم ئۇنىڭغا مايىل بولۇشقا، ئۇنىڭ قەلىب بۇلىقىدىن سۇ ئىچىشكە ئىنتىلىۋاتاتتى.  ھەي كۆڭۇل، ھەي كۆڭۇل سەندىنمۇ ئۆتە ئۆزگىرشچان شەيئى بارمىدۇ جاھاندا؟
     - نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتسىز؟ سوردى ئۇ خىيالىمىنى بىلىپ قالغاندەك. سىز نىمشقا دائىم غەلىتە گەپ-سۆزلەرنى قىلىسىز؟ مەن سىزگە بەك ھەيران قالدىم.
  - دىلخۇمار، سىز بىر نەرسىگە ئوتتەك بېرىلىپ، ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ باققانمۇ؟ مەن ئەدەبىياتقا پەرۋانە ئاشىقمەن. ئەدەبىيات-مۇھەببەتتۇر. مەن شۇ مۇھەببەتكە سەۋدايى بولغان ئاشىقمەن.
  - غەلىتە گەپ-سۆزلەرنى قىلىدىكەنسىز. دېدى ئۇ كۆزۇمنىڭ ئىچىگە قاراپ، - قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىلىپ قالدىڭىز؟ مەن كەنىتكە ئىش بىجىرگىلى كەلسەم ھېچكىم يوق. يېنىپ موشۇ يەرگە كەلگەندە يامغۇر يېغىپ كەتتى. بىرەرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ پاناھلىناي دېسەم، كۆڭلۈم ئۇنىمىدى .  بىرەر ماشىنا كىلىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە يامغۇرغا قارىماي مېڭىۋەردىم.
    -مەنمۇ كەنىتتىكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ يېزىغا ماڭغان. بۇ يەرگە كەلگەندە يامغۇر يېغىپ كەتتى. مەن مۇشۇنداق يامغۇرلۇق چاغلاردا ماشىنىدا ئولتۇرۇپ سىرتنى تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.
    كىسىپ ئېيتىمەنكى مېھىر-مۇھەببەتكە تەشنا مەندەك بىر ئاشىق پەرۋانىسى مەشۇقىنى بۇ يەردە ساقلاپ تۇرغىلى ئۇزاق زامانلار بولدى. بەلكىم ئۇزۇن زامانلار ئىلىگىرى بۇ يەردە بىر ئاشىق ھەر  بىر نەپىسىدىن ئوت-ئۇچقۇن چاچرىتىپ، مەشۇقىنىڭ يولىغا گۈلخان بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بىلەن يامغۇرغا قارىماي يامغۇر بەخش ئاتا قىلغان سۇس رەڭلىك دۇنيانى بىرلكىتە سەيلە قىلىۋااتقان بولىشى مۇمكىن . ئۇ ماڭا كۇلۇمسىرەپ قاراۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ جامالىغا تويماي باقاتتىم. ئىللىق بىر سىزىم قەلبىمنى سىلىكىپ ئۆتتى. قەلبىمدىن كۆتۈرۈلگەن ۋۇلقان كەبى ھېسىيات ئەنە شۇنداق تاتلىق خىياللارنى بەخىش ئېتىۋاتاتتى.
    -قارىغاندا سىز رومانتىكىلققا بېرىلىپ قاپسىز. يۈرۈش-تۇرۇشىڭىز، كىيىم-كىچىكىڭىز باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئالاھىدىرەك يۈرۇيدىكەنسىز. ھەققىقەتەن باشقىلارنىڭ ھەۋسىنى كەلتۇردىكەنسىز. قەسەم قىلىمەنكى مېنى خىيال ئاسمىنىدىن تارتىپ، رېئال دۇنياغا ئەكىلىپ ئىللىق چىراي ئېچىپ گەپ قىلغان تۇنجى ئىنسان ئۇ بولدى. ئەينەكتىن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان موڭلۇق، ئوماقلىق تۆكۇلۇپ كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى. ھېس-ھاياجىنى ئۆرلەپ تۇرغان يىگىرمە يەتتە ياشلىق بىر يىگىت ھاكاۋۇر بۇ «توڭ شاپتۇل»نى ياخشى كۆرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپلا ھۆل ئوتۇنغا ئوت كەتكەندەك، پۇتۇن بەدىنى گۇرۇلدەپ كۆيۇشكە باشلىدى.
    يامغۇر يوللارنى يۇيۇپ باشقىچە گۇزەل بولۇپ قالغانىدى. دىلخۇمارنىڭ ئوتلۇق بېقىشىمۇ مېنىڭ قەلبىمنى يۇيۇپ باشقىچە بىر ئادەم قىلىپ قويدى. بىر خىل ئىلتىجالىق، تەشنالىق ئىلكىدە قوللىرىم رول ئۇستىدە، كۆزۇم يول ئۇستىدە ئىدى. دىلخۇمار قەلبىمگە سۆيگۇ ئۇرۇقى چاچقاندەك، چاق يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۇلىرىنى ئەتىراپقا چاچاتتى. ئوت يۇتىۋالغان ئادەمدەك قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرى ۋىژىلداپ تۇراتتى. ھەربىر نەپىسىمدىن ئوت ئۇچقۇن چاچراپ، قاغجىراق قەلىبم دالاسىنى كۆيدۇرەتتى. ئۇ كۆز نۇرى ئارقىلىق مۇدھىش قاراڭغۇلۇقتا قالغان روھى دۇنياسىمنى ھېدايەت نۇرى بىلەن يۇرۇق دۇنياغا باشلىماقتا ئىدى، يىزىلىق ھۆكۇمەت دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدۇق. ئۇ ماشىندىن چۇشىۋېتىپ:
     - رەھمەت سىزگە. سىز بولمىسىڭىز مەن يامغۇردا قالاتتىم. دېدى ئۇ كۈلۇمسىرەپ.
  - سىزگىمۇ رەھمەت. سىز كىشىگە مۇلايىم، يېقىشلىق تۇيغۇ بىرىدىكەنسىز. پەقەت قاپقىڭىزنى تۇرۋالمىسىڭىزلا. غورا چىشلىۋالغان ئادەمدەك قاپاقنى تۈرۋالماي، ئوچۇق-يۇرۇق تۇرمامسىز؟  ئۇ كۆزۇمگە بىر قاراپ قويۇپ ماشىنىدىن چۇشۇپ كەتتى.
   قوياشنىڭ كەچكى شەپىقى ئوتقاش  نۇرلىرى بىلەن ھاياجېنىمغا قوشۇلۇپ يۇرىكمدىكى يامغۇر، قىز، مۇھەببەت، ماشىنا قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، بىر خىل سىمفونىيە ھاسىل قىلىۋاتاتتى. شۇ تاپتا دۇنيا ئىللىق، سۆيۇملۇك،ئىنسانلار مىھىر-مۇھەببەتلىك تۇيۇلماقتا ئىدى. ئاپرىن ساڭا «توڭ شاپتۇل» دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى ، ئىنسانلارنىڭ مىھىر-مۇھەببەتلىكلكىنى ھېس قىلدۇرغىنىڭغا. خۇشال ھالدا چاي ئىچىشىپ ئولتۇرغان ئاتا-ئانامغا كۆرنۇۋىتىپ، ياتاق ئۆيۇمگە كىرىپ ئۆزۇمنى كارۋاتقا تاشلىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان نۇر رىنتىگىن نۇرىدەك يۇرەك قەپىزىمنى تېشىپ ئۆتۇپ، قەلبىمىنى ئۆرتەۋاتاتتى. كارۋان كۈلگە كۆمۇپ ساقلاپ كېلىۋاتقان ئوت يېلىنجىغاندەك، قەلبىمنىڭ پىنھان يەرلىرىدىن بىر ئۇچقۈن يېلىنجاپ يانغىنغا ئايلىنىۋاتاتتى. شۇ تاپتا ئىلچى بازارىدا ئاشىقىنى زىكىر قىلىپ ساپايى چېلىۋاتقان ئاشىق نەپەس شائىر قەلەندەر كۆز ئالدىمىدا ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق شىئىرلىرىنى ساپايى بىلەن ھۆكمەت قىلىپ ئوقۇۋاتاتتى. بازار ئەھلى ئۇنىڭ قەلبىنى چۇشەنمەي، ئۇنى مەسخىرە قىلىۋاتاتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشقى مۇھەببىتىنى يىگانە بولمىش ئۇلۇغ ئاللاھقا بېغىشلاپ، كۆزلىرىدىن نۇر، ھەر نەپسىدىن ئوت چاچىرىتىپ ئەتراپىدىكىلەرگە مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ۋە ئىلاھى كۈچ قۇدىرتىنى ھېس قىلدۇراتتى.بازار ئەھلى ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھقا بېغىشلانغان مۇھەببەت تەلقىنلىرىنى ئاڭلاپ «ھەق، راسىت» دەپ باشلىرىنى لىڭشىتىپ ياقىللىرىنى تۇتىشاتتى.
      جۇنۇنلۇق ئىلكىدە يۈرىۋاتقىلى خېلى بولۇپ قالدى. «توڭ شاپتۇل» مۇ قىزىرىپ پىشقان ئىلى ئالمىسدەك ئېچىلىپ كىشلەرگە ئىللىق  مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. پەقەت سەل جىمغۇر بولۇپ قالغانىدى. كۆزلىرىم، خىيالىم، ئەقلى-ھوشۇم شۇنىڭدىلا بولاتتى. كىچىللىرى شىرىن خىيال بىلەن تۈننى تاڭغا ئۇلايتىم. كۈندۇزلىرى رازۋىتچىكتەك ئۇنى ماراپلا يۇرەتتىم. قولۇم زادىلا ئىشقا بارمايتى. ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر پىنھان يەرلىرىدە ساقلايتىم. ئۇنىڭ ئىشقى پىراقىدا كىچە-كۈندۇز يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرەتتىم. ئۇ مېنىڭ تىكىلىپ قاراشلىرىمنى كۆرۇپ ، شەيتان كۆزلىرى بىلەن ماڭا مۇنداقلا نەزەر سېلىپ قوياتتى. ئۇنىڭ قارىشىدا مىڭ تونۇرنىڭ ئوتى بار ئىدى. مەن شۇئان ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ، نىمجان بولغان بېلىقتەك ئۆزۇمنى ھەر تەرەپكە ئۇراتتىم.
      بىر كۈنى ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرسام، ئۇ ئېگىز بوي، كىلشكەن بىر يىگىت بىلەن كۈلۇشۇپ چاقچاقلىشىپ خۇشال ھالدا چىقىپ كەتتى. يىگىرمە يەتتە ياشلىق قەلەندەرىي ئاشىق يىگىتنىڭ قەلبىدىكى دۇنيا قىممىتىنى يوقاتتى. دۇنيا خۇددى ناباپ رەسسام سىزغان رەڭسىز رەسىمدەك سەت ۋە يىرگىنشلىك تۇيۇلدى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ، تاشقى دۇنيا ئادەملىرى ئالەم سىرتىغا تاشلىۋتكەن تاشتەكلا بولۇپ قالدى. يۇرەك رىتىمىم بۇزۇلغان سائەتتەك قالايىمقان سوقۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىشقى مۇھەببىتى بىلەن كىچىسى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ ياتالمايۋاتقان، مەندەك ھەر بىر نەپسىدىن ئوت ئۇچقۇن  چاچىرتىپ يۇرىكى لەختە-لەختە بولغان يىگىتكە ئېغىر كەلمەمدۇ؟
      مەن خۇددى مەسىت پىلدەك ئالدىمغا كەلگەن ئادەمنى سوقۇپ مېڭىپ ئۇلارنى يىتتۇرۇپ قويماسلىققا تىرشىۋاتاتتىم. ئۇلار كاتتا بىزەلگەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ كىتىشتى. شۇ تاپتا يۈرىكىمنى بىرى سۇغرىپ ئېلىۋاتقاندەك بولۇپ قالدىم. يۈرىكىمگە تاغ  بېسىلىپ قالغاندەك بىر خىل ھېسىياتتا بولۇپ ئازابلىنىۋاتاتتىم. قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. ئازاپ تاش يامغۇرى بولۇپ ئۈستىباشلىرىمغا چۈشىۋاتاتتى. تۇرۇپلا جۇدۇندا قالغان ياپراقتەك تەنھالىق، غېرىبلىق بېسىپ كەتتى. ھاياتنىڭ ھەقىققەتەن رەھمىسىز ئىكەنلىكنى، ھايات قىسمىتىنى بەندە ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقنى، ئاللاھ بەخىش ئەتكەن ھاياتلىققا يەنە شۇ ئاللاھ ھەر قىسمەتلەرنى بەندىنىڭ پىشانىسگە پۈتۇدىغانلىقنى، ئاللاھ سالغان ئىشققا  چىنلىقىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن خۇشاللىق، ئازاپ، ھەرخىل ھېس-ھاياجانلارنى سالىدىغانلىقنى، بەندىنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغانلىقنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. بىر نەچچە مەسىت بۇ جاھاننىڭ دىشۋارچىلىقىدىن  بىخەۋەر ئالا-تاغىل توۋلىشىپ يېنىمدىن ئۆتۇپ كەتتى.بىردىنلا بۇلارغا مەستلىكىم كەلدى. ئۇلار مەندەك ئازاب تارتىشىنى بىلمەيدۇ. قوۋناق ھاياتنىڭ پەيزىنى سۇرىدۇ. بىردىنلا بۇ ئازابلارنى ئۇنتۇش ئۇچۈن مەيخانا ئەھلى بىلەن ئورتاقلىشىشىنى خىيال قىلىپ قالدىم.مەيخانىغا كىرسەم بۇلۇڭدا چاچ-ساقاللىرى ئۆسۇپ كەتكەن بىر يىگىت يالغۇز ئولتۇرۇپ مەي ئىچىۋاتاتتى. مەن بىر بوتۇلكا مەي بىلەن ئازىراق زاكۇسكا ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا باردىم:
   - ئولتۇرۇڭ بۇرادەر، مەي ئازابنىڭ ئەڭ ياخشى دورسى. ئازاب يۈرەكنىڭ دۇشمىنى. بۇ ئورتاق دۈشمەنگە مەي ئەڭ ياخشى قالقان. كىلىڭ تونۇشقانلىقمىز ئۈچۈن بىرنى كۆتۇرەيلى. دەپ بىر رومكا تەڭلىدى.
   - رەھمەت. مەن ئەر ئاتىلىپ مۇشۇ ياشقىچە مەي دېگەننى ئېغىزىمغا ئالمىغان. بىراق ئازابلىرىم ئىچىمگە پاتمىغاچقا بۇ يەرگە  كەلدىم. مەن پۇتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ياخشى كۆردىغان بىر قىز باشقا بىرى بىلەن كەتتى. شۇ ئازابلىرىمغا مەي ئىچمەكچى بولىۋاتىمەن. شۇ تاپتا بىراۋنىڭ چىن قەلبىدىن قىلغان تەسەللىيسىگە، كۆڭۇل بۆلىشىگە، چىن قەلبىدىن قىلغان ياردىمىگە زار بولدۇم.
    - مەن ئۆزۇم ياخشى كۆرگەن بىر قىز بىلەن توي قىلىپ، چىقشالماي ئايرىلىپ كىتىپ شۇنىڭ ئازابدا مەي ئىچىۋاتىمەن. ھايات دېگەن مۇشۇنداق ئوخشايدۇ. تەقدىرىمىز قارىمۇ قارشى ئىكەن، قېنى كىلىڭ. مەي دېگەننى مۇشۇنداق بىراقلا ئىچىپ مەسىت بولمىساق ئۇنتۇيالمايمىز. ئاز-ئازدىن ئىچىپ ئولتۇرساق تېخىمۇ ئازابلىنىمىز.قېنى قەلبىمىزدىكى ئازابلارنى ئۇنتۇش ئۇچۈن خوشە.
    كۆزۇمنى ئاچسام، دوستۇم زۇلپىقارنىڭ ياتىقىدا يېتىپتىمەن.
   - ھەر نىمە بولسا كۆزۈڭنى ئاچتىڭ ئاداش. ئاخشام بەك جىق ئىچىۋاپتىكەنسەن، يولدا كىتىۋاتقان بىر قىزنى «دىلخۇمار، دىلخۇمار» دەپ تۇتىۋاپسەن. ھەم ئۇ قىزغا قاملاشمىغان گەپ قىلىپسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دوستى سېنى قاتتىق ئۇرۇپ ياتقۇزىۋېتىپتۇ. ئېغىز بۇرنۇڭدىن قان كىلىپ كىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇپ كىتىپتۇ. يامغۇر يېغىۋاتقانىكەن. ئېغىز-بۇرنۇڭدىن ئاققان قان يامغۇر تامچىللىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئېقىپتۇ. دىلخۇمار ماڭا تىلفۇن قىلمىغان بولسا، سېنىڭ ئەھۋالىڭ چاتاق بولاتتىكەن. باللار بىلەن چىقساق، قان ئىچىدە يېتىپسەن. ياتاققا ئەكرىپ كىيىم-كىچەكلىرىڭنى سالدۇرۇپ، يۇزۇڭنى ۋە قان قان يۇقى يەرلىرىڭنى تازىلاپ ياتقۇزۇپ قويدۇق. ساراڭ بولغىچە ھاراق ئىچكىدەك زادى نىمە بولغان ساڭا؟ قايسى ئازابلىرىڭغا شۇنچىۋالا ئىچىسەن؟ئ ۆزۇڭنىڭ يۈزىنىمۇ تۆكۇپ بولدۇڭ.
     ئاخشام ھېلقى ناتونۇش بالا بىلەن  مەي ئىچىشكەنلىرىم، كوچىدا بىر قىزنى چاقىرىپ بىر نىمىلەرنى دىگەنلىكىم، بىراۋلاردىن تاياق يەپ يولدا يېتىپ قالغىنىم، بىراۋلارنىڭ كىيملىرىمنى سالدۇرۇشقانلىرىنى غۇۋا چۈشتەكلا ئەسلىدىم. بېشىم تېخىچە ئاغرىۋاتاتتى. تۇراي دېسەم ماغدۇرۇم يوق.
    كۈنلىرىم ئازاپ ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى.كىچىسى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ ياتالمايتىم. كۈندۇزى بولسا پىراق ئوتىدا كۆيۇپ،ئىشقى مۇھەببەتنىڭ مىڭ تونۇر ئوتىنى يۈدۈپ يۈرەتتىم. ئۇخلىيالمىغانلىرىمدا ئۇلۇغ ئاللاھقا «ماڭا سالغان ئوتنى ئۇنىڭغىمۇ سالغايسەن» دەپ نىدا قىلاتتىم. تىلىمدا، دىلمىدا ئۇنىڭ موبارەك نامىلا زىكىر بولاتتى. ئۇ بولسا بۇرۇنقىدەكلا بىر خىل ئىدى. ياش خىزمەتداشلار بولسا، مېنىڭ ئۇنىڭغا كۆيۈپ يۇرگىنمنى بىلگەچكە ئۇ توغرىسىدا ئارتۇقچە گەپ قىلمايتى. بەزىدە ئىككىمىز توغرىسىدا چاقچاق قىلىپ قوياتتى. ئۇ مەن بار يەرگە كەلمەي، مەندىن قېچىپلا يۈرەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆزۇمنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىمنى ئىپادىلىيەلمەي، قەلبىمنىڭ پىنھان يەرلىرىدە ھېسىياتىمغا خىلاپ ھالدا زورغا  بېسىپ كىلىۋاتاتتىم. مۇھەببەت قەلىبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالالىسا، شۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئېتىلىپ چىقالىسا، ئۇ ھەققىي مۇھەببەت بولاتتى. شۇڭا مەن قەلبىمنى ئالدىراپ ئاشكارلىيالمايتىم. بەلكى ۋاقتى بار دەپ قارايتىم.
    ئۇنىڭغا شۇنداق مەجنۇن بولۇپ كۆيۈپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ  «باشقا بىرى بىلەن توي قىلىدىكەن» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئامبۇردا قىسقاندەك بىئارام بولۇپ كەتتى. يۇرىكىمنى بىر مودھىش، سوغۇق قول سۇغرىپ ئېلىۋالغاندەك تىنىمدە جان قالمىدى.يۇرىكىم ئاسماندىن تاشلىۋەتكەن تاشتەك پۇلاڭشىپ رىتىمى بۇزۇلدى. پۈتۇن بەدىنىم ئوتتىن ئېلىپ سۇغا سالغاندەك سوۋۇپ كەتتى. دۇنيا جەنۇبى قۇتۇبنىڭ مۇزلۇق ئۆڭكۇرىدەك، ئادەملەر بولسا ماشىنا ئادەملەردەك سوغۇق ، مودھىش كۆرنۇپ كەتتى. ئۆزۇم بولسا دۇنيا تەرپىدىن ئالەم سىرتىغا تاشلىۋىتىلگەن ئالەم ئەخلەتلىرىدەك، ئەتىۋارى يوق كىرەكسىز نەرسىگە ئۆزگىرىپ قېلىۋاتاتتىم.
   پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتتىم. بۇرۇنقى كۆتۈرەڭگۇ، رومانتىك يۇرۇيدىغان ھالىتىمنىڭ ئورنىنى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قالغان، ساماندەك سارغايغان، كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچكەن. كىيىم-كىچەكلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەي ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم. بۇرۇنقىدەك ھېسىياتلىق، ھاياجانلىق شىئىرلار مەندىن چىقىمىدى.ئۆزىنى تاشلىۋېتىش، مۇھەببەتتىن زارلىنىش تىپىدىكى شىئىرلار خاتىرەمگە پات-پات قونۇپ تۇردى. نۇرسىز كۆزلىرىم ھامان بىر نوقتىغا تىكىلىپ تۇراتتى.
     خىزمەتنىمۇ قولنىڭ ئۇچىدىلا پۇتتۇردىغان، ئولتۇرۇشلارغىمۇ بارمايدىغان،  ياتىقىغا سولىنىۋېلىپ خىيال سۇرىدىغان، ھاراقنى خۇدىنى يوقاتقۇچە ئىچىدىغان، مۆرىمەس بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتىم. مۇھەببەتكە بارلىقىمنى ئاتىۋەتكەنىدىم. مانا ئەمدى ئاللاھ بەرگەن تىنىقتىن باشقا ھېچنىمەم يوق. نەپەسلىرىممۇ ھەسىرەتلىك، نىدالىق چىقاتتى. تۇيغۇمدىكى دۇنيا ئاللىبۇرۇن ئۆز قىممىتىنى يوقاتقانىدى.دۇنيادا ياشاشقا ھېچقانداق ئاساسىم قالمايۋاتاتتى. بىر ھەپتە ئىچىدىكى بۇ ئۆزگىرشلەرنى كۆرگەن باشقىلار ماڭا ئىچى ئاغرىتىشتى. ئىچ ئاغرىتشقا مەن ئەزەلدىن ئۆچ ئىدىم. ئىچ ئاغرىتش ھېچنىمىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن بەلكى كۆڭۇل ئاغرىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۋىتەتتى.
    مەن ئادەتتە تاغقا چىقشقا ئامراق ئىدىم. بۇگۇنمۇ تاغقا چىقىپ قىيا تاشتا پۇتۇمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ، يىراقلارغا نەزەر سالغاچ خىيال سۇرۇپ كىلىشنى ئويلاپ تاغقا چىقتىم. نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى مۇقەددەس بىلىپ كەلگەن تەڭرىتاغنىڭ بۇ يەردىكى بۆلىكى تاپتاقىر بولۇپ ئاندا-ساندا ئۆسكەن يانتاقتىن باشقا ئۆسۇملۇك يوق ئىدى.تولا چىقىپ تۇرغان بولساممۇ، ياۋايى ھايۋانات، ئۇچار قۇشلارنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بەلكىم باردۇر، مەن كۆرمىگەن بولسام كىرەك. كۆزۇمگە كۆپرەك چېلىققان بىردىنبىر  ھاياتلىق ئاشۇ كۆكرىپ تۇرغان يانتاق ئىدى.
   تاغ ھەيۋەتلىك قامىتى بىلەن ئازابلارنى جىم تۇرۇپ ئاڭلاپ يەنە شۇ ھەيۋىتى بىلەن كىشلەرگە يول كۆرسەتكۇچى، تەسەللىي بەرگۇچى ئىدى. ئىچىمدىكى بارلىق دەرت-پىراق، ئازابلىرىمنى ئىگىز تاغدا تۇرۇپ يىراقلارغا قاراپ ۋارقىراپ  تۇرۇپ  سۆزلىدىم. تاغقا يۇزلىنىپ تۇرۇپ سۆزلىمىدىم. بۇنداق چاغدىكى ئەكىس سادانى ئاڭلىغۇم يوق.يىراقلارغا نەزەر سالدىم. ئالەم نىمىدىگەن كەڭرى ھە! بىراق كىچىككىنە بۇ تىنىم مۇشۇ كەڭ ئالەمدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا ئىدى. قۇرام تاش ئۇستىدە بېقىنمغا پاتقان تاشلارغا چىداپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ يېتىپ خىيال سۇردۇم. خىيالىمدا ئۇنىڭ قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن سىيماسى . ۋەئۇنىڭ نۇرانە جىلۋىسى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولاتتى. زادى قانداق قىلىش كىرەك؟ ھەركۇنى ئەتىگەندە ئۇنىڭ باشقا بىراۋنىڭ ماشىنىسىدىن كۇلۇمسرەپ چۇشۈشىنى كۆرۇشنى خالىمايمەن.بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۇشنى زىنھار ۋە زىنھار خالمايتىم. تاغ باغرىدىن چۈشىۋېتىپ بىر تۈپ يانتاقنى كۆرۇپ قالدىم. يانتاق قۇرام تاشنى يېرىپ  ئۇنۇپ چىقپتۇ. ئۆزىنى بېسىپ تۇرغان يەنە بىر تاشنىڭ يېرىقلىرىدىن بوي تارتىپ قوياشقا تەلمۇرۇپ يۇرۇقلۇق چۈشكەن تەرەپكە بوي تارتىپ ئۆسۇپتۇ. ئەتراپتا نە سۇ، نە ئوزۇقلۇق بولغۇدەك ماددىلار يوق. پەقەت ھاياتقا نىسبەتەن چەكسىز مىھىر-مۇھەببىتى بار. يانتاقنى كۆرۇپ ئۆزۇم ئۇستىدە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. ھاياتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدىنمۇ ئوشۇق دەستۇر تېپىلماس. تاغلارنىڭ كەينىدە بەھەيۋەت تاغلار بار. چوققىلارنىڭ كەينىدە  بەھەيۋەت چوققىلار بار. توختا، ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى تېپىلماسمۇ؟ كىشلەرنىڭ بېغىغا گۈل بولۇپ ئۈنۇش ئارىلقىدا تۇرغان بىر گۇل ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىپ تۇرغان مەندەك شور پىشانە كاككۇكقا باشقا ئاشىيانىدىن گۈل تېپىلمامدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردىن كىتىش كىرەك.ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەكتىگە كۆمۇلگەي ۋە ئۇنى سۇلايمان ئەلەيھىسالام دىۋىنى كومزەككە بەند قىلىۋەتكەندەك، قەلبىمنىڭ ئەڭ تىرەن يېرىگە مەھكۇم قىلىۋىتەي.يامغۇر ياغسا زىمىن بىر قېتىم يۇيۇلۇپ، باشقىچە گۇزەل تۇسكە كىرىدىكەن. مەنمۇ بۇ ئوتتا قەلبىمدىكى ئازابلارى كۆيدۇرۇپ تاشلاپ باشقىچە ئادەم بولۇپ تۇغۇلاي.
     باشقا يەرگە ئالمىشىپ كىتىشنى ئۇزۇندىن بىرى ئويلاپ يۈرەتتىم.  مېنى ماگنىتتەك جەلىپ قىلىپ تۇرغىنى  پەقەتلا ئۇنىڭ ئىشقى مۇھەببىتى ئىدى. زەپىراڭدەك سارغىيىپ تۇگىشىپ كىتىۋاتاتتىم. كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ كۇلۇپ يايراپ باشقىلار بىلەن چاقچاقلىشىشىنى كۆرسەم، بەدىنىمنى سانسىزلىغان يىلانلار يۆگىۋېلىپ چېقىۋاتقاندەك بىئارام بولۇپ كىتەتتىم. بىراۋلار يىڭنىنى قىزتىپ يۇرىكىمگە تىقىۋاتقاندەك، يۇرىكىمدىكى جاراھەت ئېغىزىنى لازا يالتىلغان ئىنچىكە تاياقتا مالتىلاۋاتقاندەك،   كۆڭلۇمدىكى ئازابىمنى تىل بىلەن ئىپادە قىلالمايتىم. قىسقىسى ئىچ-ئىچىمدىن تۇگىشىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تويىنى كۆرۇشتىن بۇرۇن كەتسەم بولاتتى.
   ناھىيدىكى مېنى «ئىشلىتىمىز»  دەپ ئالاقە ئەۋەتكەن مەدەنىيەت ئىدارىسىغا باردىم. تەلىيمگە مەدەنىيەت ئىدارىسى «ئىشلەپ تۇرغىن ئىپادەڭگە قارايمىز» دەپ ئىنكاس بىلدۈردى. خۇشاللىقىمدىن يىزىغا كىلىپ باشلىققا:
   - مەن ناھىيگە يۆتكىلىپ كىتىمەن. ماڭا ئىسپات بىلەن تونۇشتۇرۇش يېزىپ بېرىڭ. دېدىم كەسكىن قىلىپ. پىشقەدەم باشلىق ماڭا كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا:
   - ئۇكام، زادى نىمە بولدى؟ يېقىندىن بىرى غەلىتە بولۇپ قالدىڭىز. ئۆزىڭىزنى بەكلا تاشلىۋەتتىڭىز. ئىلىگىرى بىز دېسەكمۇ ئۇنمىغان ئىدىڭىز. ئەمدى ئۆزىڭىز تەلەپ قىلىۋاتسىزغۇ؟ ئادەملىرى ئاقكۆڭۇل،  مېھىربان مۇشۇ يىزىدىن كەتمىسىڭىز بولاتتى. دېدى.
       مەن ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردىم:
    - ھەي، سىلەر ياشلارنى زە، بىر نىمە دېگىلى بولمايدىكەن. بىر قارارغا كەلگەن بولسىڭىز بوپتۇ. كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى قىلىشىپ ئىچەكشىپ قاپتىكەنمىز. بوپتۇ ئۇكام. ئوغول بالا دېگەن ھامان كۆككە كۆتىرىلىشى لازىم. قىلىمەن دېگىنىنى قىلالىشى كىرەك.ئەركەك دېگەن قوپقان يىرىدىن جۇۋسىنى كىيپلا قوپىشى كىرەك. دېدى ئۇ مىھىربان ئاتىدەك نەسھەت قىلىپ. تونۇشتۇرۇش بىلەن ئىسپاتنى گەپ سۆزسىزلا يېزىپ بەردى. باشلىققا رەھمەت ئېيتىپ، ئايرىم بىر كۇنى كىلىپ راۋۇرۇس بىر دوستىخان سېلىپ چاي بېرىدىغانلىقىمنى، كىيىن ۋاقتى بولسا ناھىيگە بارغاندا ياخشى مىھمان قىلدىغانلىقىمنى، ئەسلەيدىغانلىقمنى، ئالاقىلشىپ تۇردىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئىشخانىسىدىن چىقتىم.
ئۈن تۈنسىزلا كەتمەكچى بولدۇم.
    - دوستۇم مېنىڭ دەردۇ ئەھۋالىمنى سەنلا چۈشىنىسەن. بۇ خاتىرىنى ئۇ ئىشتىن چۈشكىچە، ئۇنىڭ قولىغا يەتكۈزگىن. يېڭى خىزمەت ئورنۇمدىكى ئىشلىرىمنى جايلاشتۇرۋېلىپ، كىلىپ ھەممىڭلارغا ئوبدان چاي بىرىمەن. مەنمۇ ياخشىلىقنى، ئادىمگەرچىلىكنى بىلمەيدىغان ئادەم ئەمەس، ياخشىلىقىڭ قەلبىمدە بار سېنى ئۇنتۈپ قالمايمەن.شۇڭا ھازىرچە مەندىن رەنجىمىگىن. خوش، مەن ماڭاي ئاللاھقا ئامانەت.
    ئۇنىڭ ماڭا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغۇسى بارلىقىنى بىلىمەن. بىراق مەن ماشىنىنى ئالدراپلا قوزغاتتىم. ئۇ خاتىرنى تۇتقىنىچە تۇرۇپلا قالدى.
        دەرۋازىدىن چىقشىمغىلا يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى. «يانايمۇ» دەپ بولۇپ، «بولدىلا مېڭىۋىرەي» دەپ ماڭدىم. ئۇ مېنىڭ قەلبىمگە ئىشقى ئوتىنى سالغان ھېلىقى جايغا كەلگەندە يامغۇر قاتتىق يېغىپ، مېڭىشقا پەقەت ئىمكان بولمىدى. ئەلەم،ھەسىرەت، تەشنالىق ئىلكىدە ماشىنىدا ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇردۇم. جېنىدىن تويغان بىر ئەبلەخ شۇنچە قاتتىق يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، يامغۇر تامچىللىرىنى چاچىرىتىپ ئۆتۇپ كەتتى. بەلكىم نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مۇشۇ يەردە مۇشۇنداق يامغۇردا مەندەك بىچارە ئاشىق مەشۇقىنى ساقلىغان بولىشى مۇمكىن، ياكى مۇھەببەت ۋىسالىغا يېتىپ، يېڭىدىن توي قىلغان ۋاپادار مەھبۇب ئېتىزلىققا كەتكەن ئېرىنىڭ كەينىدىن يامغۇرلۇق ئېلىپ بارغان بولىشى مۇمكىن. ۋە ياكى....  كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. بۇ چۈشۈممۇ ئوڭۇممۇ دەپ كالپۇكىمنى چىشلەپ باقتىم. كۆزۇمنى ئۇۋلىۋىتىپ يەنە قاردىم. دىلخۇمار ئاۋۋالقىدەكلا سۇس تۇماننىڭ ئىچىدىن ئىلاھ ئەۋەتكەن پەرىشتىدەك پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئالدىغا قانداق  بارغىنىمنى ئىپادىلىيەلمەيمەن. ئۇ ماڭا ئۆزىنى ئېتىپ يىغىلاپ كەتتى. ھاياجانلانغانلىقىمدىن ۋە خۇشاللىقمىدىن سىرغىغان ياشلىرىم يامغۇر تامچىللىرىغا قوشۇلۇپ كىتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ پىراقىدا كۆيۈپ، ۋۇجۇدۇمدا جان قالمىغاندىمۇ، بىر تامچە ياش چىقمىغانىدى. مانا ئەمدىكى ۋىسال لەززىتىدىن ھاياقانلىنىپ چىققان ياش سانسىزلىغان يامغۇر تامچىللىرىغا ئوخشاش سىرغىپ چۈشۈپ يامغۇرغا قوشۇلۇپ كىتىۋاتاتتى. يامغۇر بىزنى موبارەكلەپ ئۇستمىزگە چاچقۇ بولۇپ چېچىلۋاتاتتى. ماشىنغا چىقتۇق.بۇ قېتىم ئىككىلەنمەيلا ئالدى ئورۇندۇققا چىقتى.
    - ماڭا قالدۇرغان خاتىردىن ھەممىنى بىلدىم. مېنى دەپ جىق ئازاپ تارتىپسىز. كەچۈرۈڭ. مەن بىلمەپتىمەن. دېدى ئۇ خىجالەت ئىلكىدە بېشىنى تۆۋەن تۇتۇپ؛
   - سەمەندەردەك ئۆتكەن كۈنلىرىمگە سالىۋات. سىز مېنى ياخشى كۆرۇڭ ياكى كۆرمەڭ، ماڭا سىزنىڭ پاك،سەممىي سادىق قەلبىڭىز بولسىلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. مەن سىزنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرىمەن. بىر ئۆمۈر سىزگە ۋاپادار بولۇپ، سىز بىلەن بىرگە ئۆتىمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىككىمزنىڭ بەختىنى بەرسۇن. دەپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم.چاپىنىمنى يېپىنچاقلاپ قويدۇم.
       يىگىرمە يەتتە ياشلىق بىر يىگىت سىنتەبرنىڭ ئاخىرىقى يامغۇرلۇق بىر كۈنى چىن قەلبىدىن سۆيگەن ۋاپادارىنىڭ ۋىسالىغا يەتتى.

«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 00:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-28 00:30:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئىملادىكى قىسمەن مەسىلىلەرنى تۈزەپ قويدۇم. «ئۇ» بىلەن «ئو، ئۈ»لەرنىڭ ئورنىدا مەسىلە جىق ئىكەن.
ھېكايىدىكى ئىچكى تەسۋىرلەرگە، ھېسسياتلىق چىقىشىغا خېلى كۈچەپسىز. ئەمما ئاخىرىقى يىشىمى ئالدىراپ قالغاندەك ئاددىيراق چىقىپ قاپتۇ. ئەمما مېنىڭچە ئومۇمەن ئۇتۇقلۇق چىققان ھېكايە بوپتۇ بۇ.

ۋاقتى: 2014-1-28 00:34:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راسىت، مەن سىزنى «مۇختەر قۇربان غېرىبى» دەپ بىلەتتىم. ئىسىم ئۆزگەرتتۇقمۇ يا؟ بۇ يەردە خاتا بولۇپ قالدىمۇ؟؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-29 10:23:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەشىد رەھمەت سىزگە.مەن ئۇچۈن جاپا چىكىپىسىز
مەن ئىسىم ئۆزگەرتمىدىم.مېنىڭ ئىسمىم مۇھەممەتجان قۇربان غېرىبى

ۋاقتى: 2014-2-1 16:53:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    غەرىبى ئەپەندى ئۇزاق بولدى ئەسەر يوللىمغان ئىدىڭىز.بۇ ئەسىرىڭىز خېلى ياخشى يېزىلپتۇ.
تىل ئىشلىتىش،ھېسىيات ئىپادىلەش،قۇرۇلما،بايان ئۇسلۇبى قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى ئىزدىنپسىز.
   خۇددى لىرىك يېزىلغان بىر پارچە نەسىردەكلا تۇيغۇ بېرىدىكەن.يەنىمۇ تىرشقايسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش