«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» بىلەن «ئۈرۈمچى قۇياش كىتابخانىسى» ۋە «خوتەن شەھەر يېڭى ئېقىم كىتابخانىسى» ھەمكارلىشىپ باشلىغان تۇنجى نۆۋەتلىك «مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى»نىڭ مۇددىتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى توشتى.
پائالىيەتنىڭ قائىدە - تەلەپلىرى بويىچە بۇ نۆۋەتلىك كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى خۇلاسە قىلىپ، بۇ ئۈچ ئايدا (يەنى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) يوللانغان كىتاب ئوقۇش خاتىرىلىرىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈچ پارچە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى تاللاپ، ئاپتۇرلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۈچ يۈز يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب بىلەن مۇكاپاتلانماقچى ئىدى(ئۇقتۇرۇشنى ماۋۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ: http://new.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=68&TopicID=3673). پائالىيەتنىڭ خۇلاسىسىنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىغان ئىدۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قىزىققانلار خىلى كۆپ بولسىمۇ ھەقىقىي قوللىغان، پائالىيەتنىڭ تەلىپى بويىچە پائالىيەتكە ئەستايىدىل ئىشتىراك قىلغان مۇنبەرداشلىرىمىز ئاز بولدى. بۇ قېتمقى پائالىيەتكە يوللانغان كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى پەقەت بىر پارچە بولۇپ، بىز مۇنبەر مەسئۇللىرى مەسلىھەت قىلىپ ئاشۇ بىر پارچە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق تورداشلارغا ئىلمىيلىكنىڭ، ئەستايىدىللىقنىڭ، سەمىمىيلىكنىڭ، تىرىشچانلىقنىڭ ھۆرمىتىنى ھېس قىلدۇرۇشنى قارار قىلدۇق.
بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى: ئابدۇمىجىت مۇھەممەت
مۇكاپاتلانغان تېما: «رۇس مەركىزى ئاسىياسىدىكى قازاق ئەدەبىياتى ۋە ئېغىز سەنئىتى» ناملىق كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى
مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى: مەزكۇر (ئابدۇمىجىت مۇھەممەت) تورىمىزنىڭ دائىملىق ئەزاسى، تورىمىزنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرىغا ئىزچىل ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان، مەزكۇر مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى مۇنبەرگە يوللىغان. يوللانغان كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنىڭ كىتاب تاللاشتا يېڭى، قىممىتى بار، قالدۇرۇلغان خاتىرە ئىلمىي بولغان.
ئەسكەرتىش: بۇ قېتىمقى مۇكاپات پائالىيىتىدە يەنە باشقا ئىككى كىشىلىك مۇكاپاتنى ئالىدىغان كىشى چىقمىغاچ ئەمەلدىن قالدى.
ئابدۇمىجىت مۇھەممەت يېقىندا «ئۈرۈمچى قۇياش كىتابخانىسى» تەمىنلىگەن 300 يۈەن قىممىتىدىكى كىتابنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
مۇكاپات بېرىلگەن كىتابلار:
1. يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «باھادىرنامە» ناملىق 6 توملۇم رومانى (باھاسى: 270 يۈەن)
ئەسكەرتىش: مەزكۇر مۇكاپات كىتابىغا كىتاب مۇئەللىپى، ھۆرمەتكە سازاۋەر تالانتلىق يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان ئاكا ئۆز قولى بىلەن بىغىشلىما يېزىپ بەردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ياسىنجان ئاكىغا ھەم ئالاھىدە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.
2. ئازات سۇلتان باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» (5-كىتاب)، (باھاسى: 30 يۈەن)
ئاخىرىدا، بىز پائالىيەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان «ئۈرۈمچى قۇياش كىتابخانىسى» ۋە «خوتەن شەھەر يېڭى ئېقىم كىتابخانىسى»غا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى ۋە ئىھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
سەھىپە مەسئۇللىرى:
ئامانگۈل ئەزىز
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
(مەزكۇر مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى تورداشلارنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى ۋە ئىقتىسادىي قوللاش سەۋەبىدىن توختىتىلغان. تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللىشى بولسا قايتا قوزغاتساق بولىدۇ.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-27 14:51