يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1787|ئىنكاس: 19

ئۆزيول: «خارلىق كوچىسى»دا كۆرگەنلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە تەۋىسسىيە قىلىنغان ئەسەر:


‹‹خارلىق كوچىسى››دا كۆرگەنلىرىم
                                          
(ئوبزور)

مۇختار داۋۇت ئۆزيول

مەن بۇ ھېكايىنى ھەيرانلىق، ئېچىنىش ۋە قايىللىق ئىلكىدە قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم، ھېكايىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنى يۈكسەك غايە – ئېتىقاد بىلەن تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەيدىغان ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئۆزى خالاپ كىرگەن خارلىق كوچىسىدا ئىپپەت ۋە قەدىر – قىممەت جەھەتتىن ئۆز– ئۆزىنى خورلىغان، ئەمدىلىكتە بولسا جەمىيەتتىكى قىسقىغىنە ياشلىق ھاياتىنى تېڭىرقاش ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان بىر قىز سىتودېنتنىڭ ساۋاقدىشىغا يازغان كۆڭۈل جاراھىتى باياننامىسى بولۇپ ، كىشىنى تەبىئىي ھالدا تەپەككۇر دەرياسىغا غەرق قىلىپ، مەدەنىي شەھەر مۇھىتىدىكى زامانىۋىيلىق تۈتەكلىرى بىلەن تۇيدۇرماستىن ئۇچراشتۇرۇپ، نۆۋەتتە جەمىيەتشۇناسلىق ۋە كىملىك ئىلمى نۇقتىسىدىن ھەممە كىشىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولىۋاتقان زامانىۋىيلىق،  مەدەنىيەت، ئەخلاق، مەردانىلىق، ۋاپادارلىق، ئىپپەت ۋە قەدىر– قىممەت مەسىلىسى جەھەتتە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە مۇئەييەن ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ‹‹خارلىق كوچىسى››ناملىق ھېكايە بىر مەكتەپتە، بىر ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان، بىر – بىرىنىڭ ھالىغا يېتىشىدىغان، ئەمما خاراكتېرى پۈتۈنلەي بىر–بىرسىدىن پەرىقلىنىدىغان ئۈچ نەپەر قىز ساۋاقداشنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىدىكى ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئىخچام كارتىنىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن زۇلھايات بولسا ئەنئەنىنى ياقلاپ، ئۆزىنى دىيانەتلىك باشقۇرۇپ، ئەخلاق قەسرىدە ئىپپەت ۋە قەدىر – قىممەت مايسىسىنى پەرۋىشلىگۈچى، ئايگۈل بولسا ئەسلىنى ئۇنتۇپ ئەنئەنىنى ئىنكار قىلغۇچى، ئەخلاق ۋە دىيانەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئىپپەت ۋە قەدىر – قىممەتنى پۇل ۋە ئەيىش – ئىشرەتنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ، خارلىق كوچىسىغا ئۆز ئايىقى بىلەن قەدەم باسقۇچى ، شېرىن بولسا مۇستەقىل كۆزقاراشتىن خالىي ئەگەشكۈچى بولۇپ، زامانىۋىيلىق ئېلىپ كەلگەن ئەبجەش مەدەنىيەت بورانلىرىدا دوستىنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى. ئەمەلىيەتتە بىز بۇ ھېكايىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ۋاپادارلىق، پاكلىق ۋە مەردانىلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىش بەدىلىگە مىللەت روھىيىتىنى نۇرلاندۇرۇشقا كۈچ سەرىپ قىلىۋاتقان بىلال (ۋە ئۇنىڭ ئانىسى) غا ئوخشاش ھالال نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ، ئەنە شۇنداق ناباپ چۈپرەندىلەرنىڭ كاساپىتى تۈپەيلىدىن،تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىز. ھېكايىنىڭ بېشىدىلا ئاپتور ‹‹...ئىلگىرى مەن ھەر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزگىنىمدە ھېچكىمدىن قورقمىسام ، سېنىڭ زەھەردەك ئاچچىق تەنبىھلىرىڭدىن قورقاتتىم. ئېسىڭدىمۇ ؟ سەن مېنىڭ ئوغۇللار بىلەن قالايمىقان باردى – كەلدى قىلىشىمغا قارشى ئىدىڭ. سەۋەبى، مەن سېنىڭ نەزىرىڭدە ئەيش – ئىشرەتلىك تۇرمۇش قاينىمىغا كىرىپ كەتكەن قىز ئىدىم. پەرىزىڭ توغرا ئىدى. لېكىن مەن ھەر قېتىم سېنىڭ تەنبىھلىرىڭگە ئۇچرىغاندا ، ئۆزۈمنى ھېسسىياتقا باي سۆزلەر بىلەن نىقابلاپ ، ياخشى ئادەم سۈپىتىدە كۆرۈنۈشكە تىرىشاتتىم. شۇنداقتىمۇ، قىلىقلىرىم سېنىڭ ئالدىڭدا يەنىلا چاناتتى. سەن ھەمىشە ‹بىلىملىكلەر مەدەنىيەتنى ئەدەپ–ئەخلاق، بىلىمدىن ئىزدىسە، مەدەنىيەتسىز چاكىنىلار كىشىلەرنىڭ ئۈستىبېشىدىن ئىزدىشىدۇ›دەيتتىڭ ....ھەمىشە تەربىيە بېرىپ مېنى تۈزۈتىشكە ئۇرۇناتتىڭ ، ئەپسۇسكى مەن سېنىڭ كۈتكىنىڭدەك بولالمىدىم ... ››دەپ يازىدۇ. ھەرقانداق ئادەم بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلگەن، ئالىي مەكتەپ قوينىدا تەربىيلىنىۋاتقان، قىسقىلا ۋاقىتتىن كېيىن جەمىيەتكە چىقىپ بىر باشقۇرغۇچى ياكى تەربىيىچى بولۇش ئالدىدا تۇرغان، باشقىلار تەرىپىدىن يۇقىرى ساپالىق، تەربىيە كۆرگەن مەلۇماتلىق كىشىلىرىمىز، دەپ تەرىپلىنىدىغان سىتودېنتلىرىمىز شۇنچىلىك ياخشى كۆرسەتمە ،سەمىمىي ئەسكەرتىش ، دوستانە ئاچچىق تەنبىھلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىنى تۈزۈتۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز ئايىقى بىلەن خارلىق كوچىسىغا قەدەم بېسىۋاتسا باشقىلارنى نېمە دېگۈلۈك، جەمىيىتىمىزنىڭ كېيىنكى تەقدىرى نېمە بولۇپ كېتەر؟ دېگەن تونۇشقا كەلتۈرىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. بۇ قۇرلارنىڭ ھېكايىدە كۆزلەنگەن، ئالىي مەكتەپ قىز سىتودېىتلىرىنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىۋاتقان سەلبىي پېرسۇناژ ــ ئايگۈل ئوبرازىنى يورۇتۇشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ. ھېكايىدە ئادەمنى يەنىمۇ كۈچلۈك ئىزتىراپتا ئويلاندۇرىدىغان يەنە بىر تەرەپ، پەزىلەتلىك، مەردانە، قەيسەر ۋە ۋاپادار بولغان بىلالنىڭ مىللەتنىڭ ئانىسى بولمىش ئاشۇ سىتودېنت قىزلارنى قوغدايمەن دەپ، تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغىنى ۋە ئاشۇ بىر توپ لۈكچەكلەرنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيەتكە تارتىلماي ، بىلال ۋە ئۇنىڭ كۆيۈمچان ئانىسىنىڭ كىچىككىنە روھىي تەسەللىگىمۇ ئېرىشەلمەسلىكى.                                                         
ھېكايىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇساق مۇنداق قۇرلار دىققەت نەزىرىمىزگە ئىلىنىدۇ. ‹‹...توردىكى سانسىزلىغان يىگىتلەر مېنى ئاللىبۇرۇن دەرستىن ئازدۇرۇپ تورخانىدىن مېھرىمنى ئۈزەلمەس قىلىۋەتكەنىدى ...››، ‹‹... ئەلۋەتتە، خەجلەنگەن پۇللار بىكارغا خەجلەنمەيتتى، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دېگەندەك، بۇنداقلار خەجلىگەن پۇللىرىنىڭ ھېسابىنى ئېلىشقا ئارانلا تۇراتتى. ئىككىمىز بۇلارنىڭ بەزىسىدىن يالغان گەپ قىلىپ يۈرۈپ قۇتۇلاتتۇق. بەزىلىرىدىن بولسا تاياق يېگەننى ئاز دەپ ، ئاچچىق ھاراقنى تەڭ ئىچىپ ئۇلارغا ماسلىشىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتۇق ... ››، ‹‹... لېكىن مەندە ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئىنتىلدۈرۈپ تۇرىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى ، شۇڭا ئۇلار پۇل خەجلەپ تۇرۇپ كەينىمىزدىن ماڭاتتى ...››، ‹‹...نەدىن بىلەي؟ كۆرىدىغان كۈن تېخى ئالدىمىزدا بار ئىكەن ...ئەتىسى يەنە شۇ تورخانىغا كىردۇق – دە ...ئالدىمىزغا چىققان بېلىقنى كۆرۇپ، خۇددى تۆنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. بۈگۈنكى ئولجا – ھېچبىر خاتاسى يوق ھالدا تۈنۈگۈنكى قارا ئېيىقنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ ، يېنىدا يەنە بىر كىچىكرەك ئېيىقمۇ بىللە تۇراتتى. نېمە دېيەلەيتتۇق ؟ ئۆز ئايىقىمىز بىلەن كەلگەندىكىن، بۇ ئېيىقلارنىڭ سۈرىدىن قورقۇپ بولسىمۇ، ئاستىنقى قەۋەتتىكى ئايرىمخانىغا ياۋاشلىق بىلەن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇق ...››، ‹‹ شۇنداق قىلىپ، جىمى ئويۇننىڭ ھېسابىنى شۇ كۈنى بېرىشتۇق ... چىرايلىقچە بولسا نېمە دەي ؟ دەسسەپ چەيلىنىپ، ئۇرۇپ – تېپىلىپ دېگەندەك ....››، ‹‹ ... شۇ چاغدا ئىپپەت دېگەننىڭ زادى قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما ئادەتلەنگەن تەپەككۇر بويىچە بىرنەچچە كۈن يىغلاپ يۈردۈم . كېيىن ھېچكىمدىن ھېچقانداق يېرىمنىڭ چانمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئانچە ئىچىمگىمۇ ئېلىپ كەتمەيدىغان بولدۇم . ›› مانا بۇ ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بىزنىڭ قىز سىتودېنتلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشتىكى نىقاپلىنىش پىسخىكىسى، شەھەر مۇھىتى ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشىغا ئەقىل كۆزى بىلەن قارىماي، ئەسلىنى، مىللىي كىملىك ۋە گۈزەل ئىنسانىي خىسلەت، ئادىمىيلىك بۇرچ ۋە ئۇيغۇر ئەخلاقىي مىزانلىرىنى تامامەن ئۇنتۇپ، خارلىق كوچىسىغا ئۆزىنى تاشلىۋېتىشلىرى، مانا بۇ ئەنە شۇنداق بىر قىسىم تاپتىن چىققان سىتودېنتلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى ۋە كۆرۈۋاتقان كۈنلىرى . مانا بۇ پۇل ۋە مەئىشەت، يالتىراق شۆھرەتلەر ئالدىدىكى بىر قىسىم سىتودېنت قىزلارنىڭ ئىپپەت قارىشى . مۇشۇ تەپسىلاتلارنى ئوقۇۋاتقان ھەرقانداق كىشى، بىر قىسىم سىتودېنتلىرىمىزنىڭ  قىممەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنى ئاشۇ خىل بىمەنە ۋە ئېچىنىشلىق قىسمەت ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالماي، جەمىيەتنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئويلانماي تۇرالمايدۇ. ئەسەردە يەنە پاكلىق بىلەن رەزىللىك ، باتۇرلۇق، مەرتلىك بىلەن نامەرتلىك ،قورقۇنچاقلىق، قەدىرلىنىش – سۆيۈلۈش بىلەن ئىپپەتنىڭ قەدىر-قىممىتى روشەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ، ئوقۇرمەننى يەنىمۇ قايىل قىلىدىغان، ئېچىندۇرىدىغان ۋە ئاپتورنىڭ بەدىئىي دىتىدىن سۆيۈندۈرىدىغان قۇرلار ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ . ‹‹ ...ــ شېرىنگۈل، سىز ئوقۇغۇچى، شۇنداقمۇ ؟ ــ بىلال تۇيۇقسىز گەپ قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان بولغاچقا، يەرگە قارىغىنىمچە جىمجىت ئولتۇرىۋالدىم. سىڭلىم، سىلەر دېگەن مىللەتنىڭ ئانىسى، پاك يۈرمىسەڭلار مىللەتنى ھالاك قىلىسىلەر !؟ ... بۇنى بىلەمسىز ؟
ــ بى ... بىلىمەن ...ئائىلىمىز بەك نامرات، شۇڭا ...
كۆپلىگەن قىزلارنىڭ ئۆز گۇناھى ئۈچۈن تاپقان باھانىسىگە ئوخشاش، مەنمۇ شۇسۆز بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولۇۋاتاتتىم .
...چۈنكى، ئۇ ــ ئىززەت كوچىسىنىڭ سۇلتانى بولسا، مەن ــ خارلىق كوچىسىدىكى بىر ساياق ئىدىم. ئۇ ــ كۆكلەردە ئۇچقان قۇش بولسا، مەن ــ يەردە يۈرگەن چاھارپاي ئىدىم. بۇ ھالدا ئۇنىڭغا قانداقمۇ تەڭ بولاي ؟ مەندە ھەتتا ئاشىق بولۇشقىمۇ سالاھىيەت يوق ....ئۇ ئىككىسى دەرەخلىكتىن چىقىپ كېلىشتى ... ئايگۈلنىڭ چۇۋۇق چاچلىرى بىلالنى يەنە سۆزلەتتى .
ــ مۇشۇ ھالىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى ئوقۇغۇچى دېيىشكە ئۇيالمامسىز...شۇ تاپتا بىلالنىڭ تىك تۇرغان ھالىتى مەن ئۈچۈن چىن تۆمۈر باتۇردىنمۇ بەكراق سۆيۈملۈك، ئەپراپسىياپتىنمۇ بەكراق قامەتلىك كۆرۈنمەكتە ئىدى . مانا ئۇ ــ ئەركەك، ئۆز غۇرۇرى ئۈچۈن تاغلارنىمۇ باش ئەگدۈرگەن ، سۇلاردا ئېقىپ ،ئوتلاردا كۆيەلىگەن ھەقىقىي ئەركەك ئىدى ...
ھەش – پەش دېگۈچە قاتتىق مۇشتلاش باشلاندى .
ــ بىلال ... ماۋۇ بۇزۇقلارنى تاشلاپ بېرىپ، تېز بۇ يەردىن كېتەيلى. بولدى قىل ... بولدى قىل دەيمەن ... ــ ئەكبەر بىلالنىڭ كەينىگە مۆكۈنگەن ھالدا ھەدەپ ئۇنىڭغا يالۋۇراتتى.
ــ يوقال ! ... ئىگە بولالمىغان نېمەڭگە نېمىشقا ئەكەلگەن ؟ نېرى تۇر ! ...
... ئەكبەرنىڭ قوللىرى ئايگۈلنىڭ بەللىرىنى تۇتۇشقا يارىغان بىلەن، ئۇ ئىككىسىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇشقا يارىمايۋاتاتتى. ئۇنى دەرەخلىككە باشلاپ ماڭالىغان پۇتلىرى مانا ئەمدى لاغىلداپ تىترەپ پوككىدە تىزلىنىشقا ئارانلا قېلىۋاتاتتى. شۇ ئارىدا كېلىۋاتقانلارنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئايگۈل ئىككىمىز دەرەخلىككە مۆكۈندۇق، ئەكبەرنى يەر يۈتتىمۇ قانداق، بىردەمدىلا قارىسى يىتتى، بىچارە بىلال بىردىنلا ئۇلارنىڭ مۇش تېپىكلىرى ئارىسىدا قالدى ....›› بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمىزدا بىز، مۇشۇ يەردە بىلالنىڭ تىلى بىلەن دىيىلىۋاتقان سۆز ۋە ئالىيجانابلىق، مەرتلىك، باتۇرلۇق بىلەن رەزىللىك، پەسكەشلىكنىڭ كۈچ سىنىشىشى نەتىنجىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ھېكايە تەپسىلاتىنىڭ پېرسۇناژلار خاراكتېرىنى ئىنتايىن تەبىئىي رەۋىشتە يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، بىلالدىن ئىبارەت بىر پېرسۇناژ تىلى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقىنى بىر مىللەتنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ئىكەنلىكىنى، كېلىچەكتە بىر مىللەتكە، ھېچ بولمىغاندا بىر ئائىلىگە ئانا بولۇپ جەمىيەت ئەزالىرىنى ( ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ) تەربىيلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ستودېنتلىرىمىزنىڭ قانداق ساپا ھازىرلىشى كېرەكلىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ( جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمىيىتى ) چوڭقۇر ئوينىلىنىشقا تېگىشلىك رىئال مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تەپسىلاتلاردا گەرچە ئازغان، كېچىككەن بولسىمۇ بىلالنىڭ ئۆتكۈر سۆزلىرى ۋە ئەخلاق – پەزىلەتلىك ، مەردانە ھەرىكەتلىرىدىن تەسىرلىنىپ، جەمىيەتتىكى بىلالدەك ھالال ئەجرى بىلەن ياشاۋاتقان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بىلەن ئۆزىگە ئوخشاش پۇل ۋە مەئىشەتنىڭ ئازدۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆزىنى خارلىق كوچىسىغا تاشلىۋەتكەن ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە زەئىپ قىممەت قارىشىدىكى كىشىلەرنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغىنىنى تونۇپ يەتكەن، پۇشايمان قىلغان، تەسەللىي ۋە چۈشۈنىشكە، قوغداش ۋە تەربىيلەشكە مۇھتاج بولىۋاتقان شېرىندەك قىزلارغا كىم ئىگە بولۇشى، ئاشۇنداق ئاجىزەلەرنى كىم قوغداپ ھىمايە قىلىشى كېرەك ، پايدىلىنىشنى پايدىلىنىپ ئەكبەردەك نومۇسسىزلارچە ئۇلارنى جەمىيەت داشقاللىرىغا تاشلاپ بېرىپ، داۋاملىق خارلىق كوچىسىغا ئىتتىرىۋىتىش كېرەكمۇ ياكى بىلالدەك ئۆز خوتۇن-قىزلىرىمىزغا كەڭ قورساق، ۋاپادار ھىماتچى بولۇپ، ئۇلارنى ئازغان يوللىرىدىن قايتۇرۇپ، باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ، ياخشى پەزىلەتلىرىمىز ۋە سەمىمىي ۋاپادارلىقىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ ، ئۇلارنى خارلىق كوچىسىدىن ئۆزى سەسكىنىپ يېنىپ چىقىدىغان، كېيىنكى ھاياتىنى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەكمۇ ؟ ... دېگەندەك ئەقەللىي ئويلىنىش سوئاللىرىنى بىزگە قالدۇرۇپ، بۇ ھەقتە مۇۋاپىق يەكۈن چىقىرىش بوشلۇقى ھازىرلايدۇ . ئاپتور يەنە شېرىننىڭ ئويلىغانلىرىنى ‹‹ ... لېكىن ھاياتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت مېنى ھەممىگە چىداشقا مەجبۇر قىلدى.... پۇتلىرىمغا تاش پېتىپ بەكمۇ ئاغرىپ كەتتى. راستىمنى ئېيتسام ، ماڭغۇدەك ماغدۇرمۇ قالمىدى. لېكىن، ئەتىگە بولغان ئۈمىد مېنى مېڭىشقا، توختىماي مېڭىشقا دالالەت قىلاتتى. ››دەپ قەلەمگە ئېلىش ئارقىلىق، مەيلى ئايگۈلدەك نەپرەتلىك ياشىغان بولسۇن، شېرىندەك ئازراق سەۋەنلىك سادىر قىلسۇن ياكى بىر ئۆمۈر تەقۋادار ئۆتكەن كىشى بولسۇن، ئوخشاشلا ھاياتتىن ھېچكىمنىڭ ئاسانلىقچە ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى، ئەتىدىكى يورۇق تاڭغا ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق كىشىلەرنىڭ ياشاش يولىدىكى قىبلىنامە بولۇپ، كىچىككىنە ئۈمىدلا بولىدىكەن ياشاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش كېرەكلىكىنى، چەكسىز سەۋىرچانلىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرگە ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ. ئاپتور يەنە پېرسۇناژ تىلى بىلەن ھېكايىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىز نۆۋەتتە ئارزۇلاۋاتقان مەرتلىك، ۋاپادارلىق، باتۇرلۇق، پاكلىق ئوبرازىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان بىلالنىڭ ئەنە شۇ قىزلارنى قوغدايمەن دەپ ، باشقىلاردىن ئورۇنسىز تاياق يەپ. ئېغىر زەخمىلىنىپ، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن‹‹خارلىق كوچىسى››دىكى قىزلارنىڭ ياخشىلىققا قانچىلىك‹‹جاۋاب›› قايتۇرغانلىقىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىش ئارقىلىق، يەنىلا ئائىلە تەربىيىسىنىڭ، بولۇپمۇ ھەر بىر كىشىگە كىچىكىدىن باشلاپ سىڭدۈرۈلگەن توغرا بولغان كىشىلىك قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى، مۇھەببەت – نەپرەت قارىشى، ھەققانىيەت قارىشى ۋە ئىپپەت قارىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تىلغا ئالىدۇ.‹‹ ...ــ شېرىن ، بىلالنىڭ يارىسى ...  بەك ئېغىر ئىكەن. باش قىسمىغا قان تولۇپ كېتىپتۇ دەيدۇ، ئۇ ھازىر گەپمۇ قىلالماي ياتقۇدەك ... ھە راست، دوختۇر ئۇنى ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالىدۇ دەپتۇدەك ...ئەسكى، بۇزۇق بولساقمۇ قىز بالا ئاجىز دەپ قالدىڭ. ئېسىت، بىز تارتىدىغان جازانى سېنىڭ تارتقىنىڭ نېمىسى ؟ ...بىلال ! ... بىلال ! ... ــ بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە تىنماسلىقىمىز كېرەك ئىكەن، ئاداش ... بۇ ئەكبەرنىڭ تەلىپى . ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق ... ــ ياق ! ... ــ قاتتىق چىرقىراش بىلەن تەڭ كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم. قوللىرىم چاچلىرىمنى، يۈزلىرمنى تىنىمسىز مورلىغان ھالدا ئاۋازىمنىڭ بارىچە يىغلاشقا باشلىدىم...ئويلىغانسېرى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىۋاتاتتىم، دەھشەت ! نېمىدىگەن دەھشەت ! ...زۇلھايات ، ئۇنىڭ قايسى ھالدا ياتقانلىقىنى بىلەمسەن ؟ ... قارىغىنە، ئەسلىدىكى شۇنچە گەۋدىلىك، يۈزلىرى گىردە ناندەك تاۋلىنىپ تۇرىدىغان يىگىت مانا ئەمدى قورايدەك ئورۇق، زەپىراندەك سارغايغان ھالدا كۆز ئالدىمدا ياتىدۇ ... مېنى مەستخۇش قىلغان، ئالتۇندەك دۇردانىلەر  تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان لەۋلىرى بولسا تىنماستىن شۆلگەي ئاقىدىغان تۆشۈككە ئايلانغان... ئۇنىڭ ئاستىنى تىماي ئېرىغداپ، ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تۇرغان ئاق چاچلىق ئايالنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ ئادەم بولۇپ قالغىنىمدىن تۈنجى قېتىم ئۆكۈندۈم .... مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىش، ھېلىقىلارنى ئەمەلگە ئاشمىغان باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش، بۇ ئارقىلىق بىلال ئۈچۈن، توغرىسى ئۆزلۈكسىز جازاسىنى تارتىۋاتقان ئىپلاس ۋىجدانىم ئۈچۈن تېگىشلىك ئۆچۈمنى ئېلىش نىيىتىگە قايتا–قايتا كەلگەن بولساممۇ، لېكىن نامەلۇم بىر قورقۇنچ تۈپەيلى ھېچنېمىگە جۈرئەت قىلالمىدىم. چۈنكى، مەن مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇراتتىم. ناۋادا بۇ ئىش ئاشكارىلانسا، قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مېنىڭ ئىستىقبالىمغا، مەكتەپ ئىچىدە ئارانلا كۆتۈرۈپ يۈرىۋاتقان ئەخلەت ئورنىدىكى ئوبرازىمغا تېخىمۇ تەسىر يېتەتتى.  
... ھېچگەپتىن ھېچگەپ يوق بىر بىگۇناھ يىگىتنىڭ مېيىپ بولۇپ، پۈتۈنلەي كېرەكتىن چىقىشىغا سەۋەبچى بولدۇم .
... ئەمدى ئويلاپ باقسام، ئائىلە تەربىيەسى بىزنى ئەنە شۇنداق ئوخشىمىغان خاراكتېردا تەربىيەلىگەن بولسا كېرەك ...
... مەن چوڭ بولغان ئائىلە ئانچە نامرات ئائىلىلەرىن بولمىسىمۇ، ئەمما مەنىۋىي جەھەتتە ھېسابسىز نامراتتەك قىلاتتى ....›› بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ بىز بىلالنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ئېچىنىپ، ئۇنىڭغا (ھەم ئانىسىغا) چوڭقۇر ھېسداشلىق نەزىرىدە بولساق، ياخشىلىق، مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈنۈشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن، ئۆز – ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان، ھەققانىيەت قارىشى، ئادىللىق ۋە ئەقەللىي ئادىمىگەرچىلىك قارىشى تولىمۇ تۆۋەن بولغان ئاشۇ خىلدىكى سىتودېنت قىزلارغا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەردىن تولىمۇ نەپرەتلەنمەي تۇرالمايمىز.   ئاپتور قەلىمى ئاستىدا ھېكايە ناھايىتى تەبىئىي داۋاملاشتۇرۇلۇپ، مۇنداق قۇرلار بىلەن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىدۇ. ... ‹‹زۇلھايات، ئېيىتقانلىرىمنى ئاڭلاپ مەندىن ناھايىتى نەپرەتلىنىۋاتىسەن، شۇنداقمۇ ؟ مەيلى، نەپرەتلەنگىن، چۈنكى ئايگۈل ئىككىمىز ئەنە شۇنداق نەپرەتكە لايىق ئادەم. مانا ئەمدى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن . يېزىمىزدىمۇ نەپرەتلىك نامىم پۇر كەتكەچكەھېلىغىچە بىرەر كىشىنىڭ پېشىنى تۇتالماي يۈرىۋاتىمەن، راستىنى ئېيتسام، تۇتۇشتىنمۇ قورقىمەن، چۈنكى مېنىڭ يۈزۈمدە ‹مەڭگۈ ئاقلانماس دېغىم› بار. بۇنى ئېيتمىساممۇ ئاللىقاچان چۈشۈنۈپ بولدۇڭ ...
ئەمدى بىلسەم، ئىپپەت قورغانلىرىم بۇزۇپ تاشلانغان شۇ كۈندىن بۇيان، خارلىق كوچىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلىنىپتىمەن . ... مانا ئەمدى ياۋايى ئەركەكلىك، قارام نوچىلىق ئەۋج ئالغان يېزا قوينىغا قايتىپ كەلگىنىمدە ئۆزۈمنى تولىمۇ تاشلاندۇق ئىنساندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەينى كۈنلەردە يىرتىق كۆڭلەكلەرنى كىيىۋالساممۇ، كەينىمدىن تەلمۈرۈپ قارىشىدىغان يىگىتلەر مانا ئەمدى شۇنچىۋالا مودا كىيىنىشىمگە قارىماي، مەندىن تاپتىن قاچقاندەك قېچىشىدۇ ....قانداق قىلاتتىم؟ ئىپپەت قورغىنى بۇزۇلغانىكەن، ئۇنىڭغا ئىتنىڭمۇ، ئىشەكنىڭمۇ كىرەلىشى تەبىئىي... توۋا، ئىلگىرى سېنى ‹كالا مىجەز› دەپ مازاق قىپتىكەنمەن. ئەمدىلىكتە ‹جىمى قىزلار زۇلھاياتتىن ئەخلاق ئۈگىنىڭلار› دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. نېمىشقا دەمسەن ؟ چۈنكى، رېئاللىق ــ جىمى ئىنسانلارنى تاسقاپ چىقىپ، يەنىلا ساڭا ئوخشاش ئادەملەرنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىكەن... ھاياتتا كىم ئاخىرغىچە كۈلەلىسە شۇ نوچى ئىكەن... ›› مانا بۇ ئەسەرنىڭ يېشىمى، ئاپتور يەتمەكچى بولغان نىشان. ئاپتور بۇيەردە شۇنچىلىك تەبىئىي رەۋىشتە ھېكايىدىن خۇلاسە چىقىرىش بىلەن بىرگە، ھايات ھەقىقىتى ئۈستىدىن يەكۈن چىقىرىپ، ئەخلاق، ئىپپەت ۋە قەدىر–قىممەتنىڭ ھامان ۋاقىتلىق ئەيىش–ئىشرەت، يالتىراق شۆھرەتلەر ۋە ئۆز – ئۆزىنى ئالداش پىسخىكىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ، بىز بۇ ھېكايىنى تاكى تولۇق ئوقۇپ تۈگەتكۈچە بولغان ئارلىقتا، ئاخىرىدا قانداق يەكۈن چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلمەيمىز. ھېكايە بىزگە باشتىن – ئاخىر يېڭىلىق تۇيغۇسى ۋە ئىستېتىك لەززەت تۇيغۇسى بېرىدۇ . يۇقارقىلار بىزنىڭ ھېكايە سيۇژىتىغا ماسلاشقان ئىددىيىۋىلىك ۋە جەمىيەت ئەخلاقى نۇقتىسىدىكى كۆزقارىشىمىز بولۇپ، ئەسەرنىڭ بەدىئىي مۇۋاپىقىيەتلىرىنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىدىن ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.
  بىرىنچىدىن: بۇ ئەسەر رىئال، بىرقەدەر ئومۇمىيلىق خاراكتېرىنى ئالغان، جەمىيەت ئومۇمىيۈزلۈك ئويلىنىۋاتقان ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىيدىغان تېمىنى يورۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇرمەننى كۈچلۈك جەلىپ قىلىدۇ .
ئىككىنچىدىن: ئەسەرنىڭ تىلى تاۋلانغان، راۋان، گەرچە بۇ ئەسەر باشتىن – ئاخىر ھىسسىيات تەسۋىرىنى ئاساس قىلغان ۋە چېكىنمە بايان ئۇسۇلى بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا بىرمۇ چۈشىنىكسىز جۈملە، مۈجىمەل سۆز – ئىبارىلەر يوق.                                                                                 
ئۈچۈنچىدىن: ئەسەر چىن ھىسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلۇپ،سەمىمىي سادىقلىق بىلەن يېزىلغان، تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى، پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمە تەسۋىرى، بۈگۈنكى دەۋىر سىتودېنتلىرىنىڭ كىشىلىك قەدىر – قىممەت، ئەخلاق ۋە ئىپپەت قارىشى جەھەتتىكى بايانلار پەردازلانمىغان.
تۆتىنچىدىن: ھېكايە ۋەقەلىكى ئىنتايىن تەبىئىي رەۋىشتە جىپسىلاشتۇرۇلغان، پېرسۇناژلار خاراكتېرىنى يورۇتۇشمۇ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان. ھېكايىنى ئوقۇش جەريانىدا بىز مەيلى ئەمەلىي تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى بولسۇن ياكى ھىسسىيات تەسسۋىرى جەھەتتىكى قۇرلار بولسۇن، بىرمۇ ئارتۇقچە تەپسىلاتنىڭ يوقلۇقىنى، ئىخچام ھېكايە ۋەقەلىكى ئارقىلىق، ناھايىتى رىئال، چوڭ بىر ئىجتىمائىي تېمىنىڭ يورۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز .
بەشىنچىدىن: بۇ ھېكايىدە ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن يېڭىچە تەپەككۇر بوشلۇقى ھازىرلارپ بېرىلگەن. ھېكايىنى ئوقۇش جەريانىدا بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، ھېكايە ۋەقەلىكى بىزنى كۈچلۈك جەلىپ قىلىش بىلەن بىرگە، نۇرغۇن رىئال مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ، ئەسەرنىڭ بېشىنى ئوقۇپ كېتىۋېتىپلا، قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ بولىدىغان بىر قىسىم ھېكايىلەرگە زادىلا ئوخشىمايدۇ. بىزچە بولغاندا باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار سوتقا تارتىلىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىشى، ھېكايە مۇشۇ يېشىم بويىچە ئاخىرلاشقان بولسا، بىزنىڭ تەپەككۈر ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن كەلگەن بولاتتى. ئەمما بۇ ھېكايىدە بولسا تۇرمۇش ئەسلىي چىنلىقى بويىچە داۋاملىشىدۇ. قىسمەن رەزىللىككە سوت يوق بولۇشتەك جەمىيەت ھادىسىسىنىمۇ ئەينى قىياپىتى بويىچە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: رەزىللىكنىڭ ھەققانىيەت ئۈستىدىن غەلبە قىلىشى، ئەنە شۇنداق بىر قىسىم ھەققانىيەت ۋە كىشىلىك قەدىر – قىممەت ئېڭى، قانۇنىي ساپاسى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ مۈجىمەل قارىشى تۈپەيلىدىن دىلو مەلۇم قىلىنماي، بىلالنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشى، باشقىلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچراتقۇچى جەمىيەت داشقاللىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقى قاتارلىقلار.        
دېمەك، ‹‹ تەڭرىتاغ ›› ژۇرنىلىنىڭ 2010 – يىللىق 4–سانىغا بېرىلگەن گۈلباھار ياسىن ئاپتورلىقىدىكى، تەلەپچان ياش تەھرىر ئىمىر ھەسەن مەخمۇت تەھرىرلىكىدە روياپقا چىققان‹‹ خارلىق كوچىسى ››ناملىق ھېكايە ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مېنى چوڭقۇر جەلىپ قىلغان، خېلىلا مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەن يولداش گۈلباھار ياسىننىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى دىققەت نەزىرىمىزگە سۇنۇپ تۇرۇشىغا سەمىمىي تىلەكداشمەن .

ـــــ «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە تەۋىسسىيە قىلىندى.

مەنبە: ئۆز قەلەم

مۇختار داۋۇت (ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-26 19:54:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۅز يولنىڭ ماقالىسىدا «حارلىق كوچىسى»حىلىلا ياحشى ئۇپىراتسىيە بوپتۇ.
ئۅز يولعا ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2014-1-26 20:12:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى...بەك ياخشى تەھلىل قىلىنىپتۇ.ھەممەيلەن قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقسا بولغۇدەك....

ۋاقتى: 2014-1-26 20:26:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭدا بىرمۇ چۈشىنىكسىز جۈملە، مۈجىمەل سۆز – ئىبارىلەر يوق.  ...................   


                                                                           
ھېكايىدىكى سۆز-جۈملىلەرنىڭ قوراشتۇرۇلىشى،راۋانلىقى...قاتارلىق تەرەپلىرىگىمۇ ئىنچىكە دىققەت قىپسىز، بەك ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ.سىزگە رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ماكان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-26 20:27  


ۋاقتى: 2014-1-26 20:40:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ھېكايىنىمۇ يوللاپ قويغىلى بولارمۇ؟ بىزمۇ ئوقۇپ تەڭ ھۇزۇرلانساق.

ۋاقتى: 2014-1-26 20:49:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا ھېكايىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز بىر ئوقۇپ چىقىپ، ئوبزورىڭىزنىڭ  تېيىز-چوڭقۇرلىقىنى كۆرۈپ باقساق بۇلاپتىكەن.

ۋاقتى: 2014-1-27 00:25:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام مۇختەر ئاكا، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ياخشى تۇرۋاتاملا؟ ئەمدىكى گېپىم-  سىلى مەندىن چوڭ ھەم بىلىدىغانلىرىمۇ  مەندىن كۆپ، سىلى ماڭا ئۇستاز يوللۇق ئادەم. بۇ ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىنى كۆرۈپ بىر تۇرۇپ خۇرسەن بولدۇم، يەنە بىر تۇرۇپ كۆڭلۈم بىر قىسما بۇلۇپ قالدى. خۇرسەنلىكىم- سۆز ۋە جۈملىلەر تاۋلانغان جەڭگىۋارلىق بىلەن يېزىلىپتۇ. بىر يېرىم قىسما بۇلۇشۇم: سىلى بۇ ماقالىلىرىدە دەقىيانۇس دەۋرىدىكى ئەدەبىي تەنقىد ماقالىسى يېزىش ئەندىزىسدىن قۇتۇلالماپلا. 10 يىل ئاۋال  مۇھەممەد پولات قانداق ماقالە يازغان بولسا ھازىرمۇ شۇنداق ماقالە يازىدىغانلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساماندەك... ئۈمىدىم: ماقالە ئۆزگىچە شەكىل ۋە پىكىر يىڭىلىقى بىلەن يېزىلسۇن!
ئەگەر بۇ ماقالىنى باشقىلار يازغان بولسا مېنىڭ ئۇ ئۆلسىمۇ كارىم يوق ئىدى، بىراق قارىسام سىلى يېزىپلا. خالىسىلا بۇ كونا گەپلىرىمنى تىڭشاپ قويالا.



ۋاقتى: 2014-1-27 13:38:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزيول ئەپەندىم بىر ئەسەرنى ئوپراتسىيە قىلىش خېلى كۈچ تەلەپ قىلىدۇ ، ئۇنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش تېخىمۇ شۇنداق ... قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ، ئىزدىنىشلىرىڭىز بىر ئىزىدا توختاپ قالمىسۇن ...

ۋاقتى: 2014-1-27 19:51:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلباھار ياسىن ،گەرچە ئەدەبىيات سېپىگە كېچىكىپ كىرگەن بولسىمۇ ‹‹ ئالدانما يۈرەك›› ‹‹ خارلىق كوچىسى ›› قاتارلىق ھېكايىلىرى ‹‹ شۇ كۆزلەر ›› ناملىق پوۋېستى بىلەن ئەدەبىيات كوچىسىغا داغدام قەدەم ئېلىپ كىرگەن ياش ئايال ئەدىب.
مۇختەر ئەپەندىمنىڭ  ئەجرىگە تەشەككۈر ! ئىلھام  بېرىش،قوللاش -قۇۋەتلەش ، سەمىمىي ھالدا يېتەكلەش ، چىن قەلبىدىن دوسلۇق قولىنى سۇنۇش ھەممە قەلەمكەشنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-27 19:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمەت ئۆمەرنىڭ يازمىسى:

سالام مۇختەر ئاكا، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ياخشى تۇرۋاتاملا؟ ئەمدىكى گېپىم-  سىلى مەندىن چوڭ ھەم بىلىدىغانلىرىمۇ  مەندىن كۆپ، سىلى ماڭا ئۇستاز......

قەدىرلىك ئىنىم مەمەت ئۆمەر، دېگەنلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ ئوبزورنى يېزىپ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىغا يوللاپ بەرگىنىمدە، ئۇلارنىڭ ئىشلەتمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىمۇ دەل مۇشۇ بولسا كېرەك. بىز سىزنىڭ يېشىڭىزدىكى ۋاقىتلاردا ( يەنى: ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن يېڭىدىن كىرىشكەن 90ــ 85 يىللار ) ئەدەبىياتتىكى يېڭىلىق تۈسى ھازىرقىدەك قويۇق ئەمەس ئىدى. شۇ يىللاردا ئاۋانگارت ياش شائىرلاردىن ئەخمەدچان ئوسماننى مەركەز قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭىلىق تۈسىدە كىرگەن «گۇڭگا شېئىر» ئېقىمىمۇ شۇ چاغدىكى پىشقەدەملەر تەرىپىدىن تازا قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن. بىز شۇ ۋاقىتلاردىكى كونا ئېقىملارنىڭ تەسىرىگە كۆپراق ئۇچرىغانلارمىز. ھازىر ئىجادىيەتتىكى يېڭىلىنىش قەدەملىرى ئىنتايىن تېز. ياشلاردىكى يېڭىلىق يارىتىش روھى ئومۇمىي ئېتىراپقا ئېرىشكەن بىر دەۋردە تۇرىۋاتىمىز. بۇ ئوبزور مەن ئون يىللار ئەتىراپىدا خىزمەت ئېھتىياجى ۋە باشقا زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلىدىن قەلەمنى قولغا ئالالماي، قايتا كىرىشكەندىن كېيىنكى تۇنجى يازمىلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. تورغا بولسىمۇ يوللاپ قوياي، بېسىقلىق تۇرغاندىن ياخشى بولار، دېگەن ئۈمىدتە يوللاپ قويغانىدىم. سىز ناھايىتى سەمىمىي گەپنى قىپسىز. بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن سۆيۈنۈش ھېس قىلدىم. بۇندىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىمدە بۇ تەرەپلەر چوقۇم دىققەت نەزەرىمدە بولىدۇ. ياشتىكى چوڭ-كىچىكلىك پەرقىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىجادىيەت خاسلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئورتاق ئىزدىنەيلى. سىزگە كۆپ تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2014-1-27 22:11:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپلەر بەكلا سەمىمىي گەپ بوپتۇ...   قېنى ئۇكام مەمەتجان، مۇختارىكا، بىر قول ئېلىشىۋەتمەمسىلەر...  

  مەنمۇ مۇختارىكامنى تاراتقۇ ساھەسى ۋە تەرجىمانلار بۇزىۋەتكەن تار ،بىكىنمە ئورگان تىلىدىن- يىغىن تىلىدىن قۇتۇلۇپ ئانا تىلىمىزنىڭ ساپ ھاۋاسىغا قايتىپ كەلسە دەيمەن....

10يىللاپ ئەمەل كۇرسىدا قېتىپ كەتكەن تىلنى يۇمشىتىش دەرۋەقە ئاسان ئەمەس... شۇنداقتىمۇ مەن بۇ كىشىگە ئىشىنىمەن ھەم ئۆزىمۇ ئىسپاتلاۋاتىدۇ...  تىرىشىڭ يولداش ئاكا..

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 22:12  


ۋاقتى: 2014-1-27 22:35:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن مۇختەرجان!...مەن ئۆزۋاختىدا ئەسەرنى ئوقۇپ قالتىس ھاياجانلانغان ئىدىم .بۇ ئوبزۇر ناھايىتى جايىدا يېزىلىپتۇ ھەم جايىغا يېزىلىپتۇ...

ۋاقتى: 2014-1-27 23:13:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ھەر بىر ئۇقۇرمەننىڭ ئەسەردىن ئالىدىغان  ئىستىتىك زوقى  ئوخشاش  بولمايدۇ. ھەم  ئۇقۇغان ئەسەرنى بىردىن-بىر   توغرا تەھلىل  قىلىپ  ئوپىراتسىيە قىلىشى  ئاسان  ئەمەس.
ئەدەبى ئىجادىيەتتىكى يۈكسەك بەدئى  دىتقا  ئىگە تۆھپىكار  ئۇستاز  ئاكا  دىمەتلىك  دوستىمىز  ئۆز  يولنىڭ  ئۆزىگە چۇشلۇق خاسلىق  يۇلىدا  تەۋرەنمەي  مېڭىشىنى  ئۈمىت  قىلىمەن.
ئوبزور  ھەقىقەتەن  ھىكايىغا  نىسبەتەن ئۆلچەملىك پىچىلغان  چىرايلىق  تون  بۇلۇپتۇ.
ئەجرىڭىز  يەردە  قالمىسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 23:14  


ۋاقتى: 2014-2-1 20:57:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكا ئوبزۇر ياخشى يېزىلىپتۇ، تېخىمۇ تىرشىڭ ئاكا!

ۋاقتى: 2014-2-1 21:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈڭلارغا كەلسىمۇ ئېيتىپ ئۆتەي بۇ يازمىنى ئوبزور ئەمەس «كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات»دەپ ئاتايمىز خانىملار ئەپەندىلەر...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش