ۋىدا
مەن سەندىن كەتمەك ئىستەيمەن،
يامغۇردەك ئەمەس ـ
يامغۇر يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
شامالدەك ئەمەس ـ
شامال يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
مەن سەندىن كەتمەك ئىستەيمەن
مۇھەببەت كەبى...
قار ياغقان ئاخشام
-رەئۇپ پەرفى شېئىرىغا نەزىرە
قار ياغقان ئاخشام،
شەھەرنى كەزسەڭ،
خىرە-شىرە كوچىلارنى كەزسەڭ.
قوللىرىڭنى يانجۇققا تىقىپ-
قار بولسا ئىرىسە لەۋلىرىڭدە جىم.
ئويلىساڭ يىراق-يىراقلاردا
قالغان كىمنىدۇر.
شۇ قارنى ئويلىساڭ قەلبىڭ ئەندىكسە.
شۇ چاغدا ئۆزۈڭ سۆيگەن قىزنى ئويلىساڭ،
شۇ چاغدا ئويلىساڭ ئاناڭنى.
قار بولسا تىنماستىن يېغىۋەرسە جىم،
جىملىقتا تىنمىسا قەدىمىڭ.
ئۆزۈڭمۇھەم قار ئۇچقۇنىدەك
سىڭىپ كەتسەڭ تۈننىڭ باغرىغا...
كىمگىدۇر يول بەرسەڭ،كىمگىدۇر سالام.
ئەمما ئۆزۈڭ بىلمىسەڭ بۇنى.
قار بولسا تىنماستىن يېغىۋەرسە جىم
ئاداشساڭ،سەزمىسەڭ ئاداشقنىڭنى...
ئايال
ئۇ ئايالنىڭ كۆڭلەكلىرى كىر،
ئۇ ئايالنىڭ قاداق قوللىرى.
ئۇنىڭ كۈندە يۈز-كۆزلىرى كۆك،
ئۇنى كۈندە ئۇرىدۇ ئىرى.
بۈگۈن كېچە يولنىڭ چېتىدە،
كۆرۈپ قالدىم ئاشۇ ئايالنى.
ئۇ پۇرايدۇ مەن كۆرمەي ئۆتكەن
كىچىككىنە مەرۋەرىد گۈلنى.
بۈگۈن تۈندە يەنە تىرىلدىم
بۈگۈن تۈندە يەنە تىرىلدىم،
سەن ئىشىكنى ئالدىرماي ئاچتىڭ.
شىۋىرلىدىم: مانا مەن كەلدىم،
پەردىلەرنى ئاچمايسەن نىچۈن؟
نىمىندۇر ئىزلەيدۇ كۆزلەر،
نىمىندۇر ئىزلىدىم شۇتاپ.
كۆرۈپ قالدىم ياستۇقۇڭ ئۆزرە،
ياتار ئىدى مەن سۆيگەن كىتاب.
رومال ئارتىپ كوچىغا چىقتى
رومال ئارتىپ كوچىغا چىقتى،
رومىلىنى ئاچتى كوچىدا
ۋە چاچلىرى بىردىن چۇۋۇلۇپ
ئېقىپ چۈشتى يەلكىلىرىدىن.
شۇنداق گۈزەل ئايال ئىدى ئۇ،
قەلەندەردەك ئەگەشتى ھېلال.
تىك قىيادىن باقىمەن يولغا
تىك قىيادىن باقىمەن يولغا،
ئېدىرلارغا تاشلاپ كۆز قىرىم.
قارا چېچى تىترەپ شامالدا،
بالا كېلەر يول بېسىپ ھارغىن.
قۇش ئاۋازى مەيلىمنى تارتار،
شاخلار تەۋرەپ، ئۇچۇر كېتەر قۇش.
ئېدىرلارنىڭ سۈكۈتى ئارا،
تىترەپ ئۆتەر ئەنە بىر تاۋۇش.
كۆز تاشلايمەن مەن يەنە يولغا،
ھېسلىرىمنى بېسىپ بىماجال.
ئاپپاق چېچى تىترەپ شامالدا،
يېقىنلىشار مۈكچەيگەن بىر چال.
بىر گۈزەل ئايالغا
بىر گۈزەل ئايالغا سۆيىمەن دىدىم
تاشلار ئويغاندى.
بىر جاپاكەش ئىنساننى دوستۇمسەن دىدىم
تاغلار ئويغاندى
بىر يېتىم بالىنىڭ يېشىنى سۈرىتسەم
دۇنيا ئويغاندى.
ئىرىپ كېتەر خىرە تۇمانلار
ئىرىپ كېتەر خىرە تۇمانلار،
كېپىنەكتەك ئويغۇنار يالپۇز.
ئاسمان گويا دېڭىزغا ئوخشاش،
ئوتلار ئۆزرە دولقۇنلايدۇ كۈز.
قارىياغاچىنىڭ گۈلى بولسا جىم،
شاۋقۇنلايدۇ تارىلىپ ئەتىر.
چۈشلىرىمگە كىرىدۇ ئاخشام،
مايسىلارنى قۇچاغلاپ ئېدىر.
شامال ئۇچار ئەركىن قۇتىراپ،
كۆرەر تاملار ئۇلاپ چۈشنى.
گۈللەۋاتقان ئۆلكىنى كۆرۈپ،
دەرىزىلەر ئاچار كۆكسىنى.
يورۇتقانچە يۈرەك ئىچىنى،
يېشىل ئوتلار شەبنەمگە قونار.
ۋەتىنىنى سېغىنىپ بىردىن،
يەر ئاستىدا جەڭچى ئويغۇنار.
ئىلان قىلىنغان مەنبە«
ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى 2013-يىلى 4-سان
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-26 12:56