كۆرۈش: 1004|ئىنكاس: 0

پەرھات ئابدۇرېھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
parhat.jpg
    پەرھات ئابدۇرېھىم. 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى كورلا شەھىرى بوستان مەھەلىسىدەمەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .1966-يىلىغىچە ئۈرۈمچى، كور لاشەھەرلىرىدە باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1978-يىلدىن1983-يىلغىچەقەشقەر پىداگوگىكائىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان.1983يىلدىن1990يىلىغىچەكورلاشەھەرلىك6-ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇتقۇچى،1990يىلدىن2010 يىلغىچە بايىنغولىن ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمىكىدە كەسپى ئىجادىيەت خادىمى،مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولۇپ،2010-يىلى مۇئاۋىن ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋان بىلەن پىنسىيەگەچىققان.    ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئاق چىچەك »(پوۋىست)،«ئۆركەشلە!سۆيگۈ دەرياسى»«تاھىر-زۆھرە»(دراممىلار)، «30سىكونتلۇق سىناق »«ۋىناس يەنىلاكەلگۈسىگە مەنسۇپ»قاتارلىق 30پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە-نەسىرلىرى «سۆي»«مېھنەت ھەققەدە مۇخەممەس»«تەڭرىتاغ ھايات نەزمىسى »قاتارلىق 300پارچىدىن ئارتۇق شئېرۋەناخشا تېكىستلىرىئېلان قىلىندى.ئاپتورنىڭ«ئۆركەشلە!سۆيگۈ دەرياسى»ناملىق دراممىسى شىنجاڭ2-نۆۋەتلىك درامما ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «گۈل ئەۋەتتىم يار ساڭا»،«باش ئەگىم ساداسى»قاتارلىق 9 پارچە ناخشاتېكىستى مەركىزى خەلق رادىئو ئستانىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئستانىسى تەرىپىدىن 1-2-3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .ئاپتور 1989-يىلى12-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئيتىنىڭ،1990-يىلى مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئيتىنىڭ ئەزاسى بولغان.ئاپتورنىڭ«30سىكونتلۇق سىناق »ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ۋە شئېرلار توپلىمى شىنجاڭ پەن-تېخىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىۋاتىدۇ.ئاددېرىس:بايىنغولىنئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمەك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش