يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: rasheed

سېيىت نوچى _ (تارىخىي داستان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-4-28 20:46:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-4-29 03:13:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       سىيىت نوچىنىڭ گىلاۋخۇيغا قاتناشقانلىقى بۇ داستاندىن مەلۇم، بىراق شۇ رەھمەتلىكنىڭ شۆتاڭ (خەنزۇچە مەكتەپ) دا ئوقۇپ مىنكاۋخەن بولغانلىقى ياكى خەنزۇتىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ مانچىنجى دەرىجىسىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا ، جۈملىدىن ئۇچتۇرپان ئامبىلىنىڭ سېيىت نوچىغا بەرگەن مەكتۇبىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق، بەلكىم رەھمەتلىكنىڭ ئارانلا ھەپتىيەك ساۋادى بولىشى مۇمكىن.
      سىيىت نوچى زادى قانداق ئادەم؟ مېنىڭچە بۇنىڭغا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ‹سىيىت نوچى › ناملىق سەھنە ئەسىرى (بۇ ئەسەرنى ئېتۇت دەپ ئاتىغۇم كەلمىدى) ئەڭ قايىل قىلارلىق، ئەڭ تولۇق، ئەڭ توغرا جاۋاب بولالايدۇ.
ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ماڭا ئەڭ يارىغان بىردىن-بىر ئەسىرى دەل ئاشۇ ‹‹سىيىت نوچى››.
    ھازىرقى دەۋىردە ياشاۋاتقان بىز خەنزۇتىلىنى ئاساسەن بىلىمىز، ناۋادا بىرەر كىشى خەنزۇتىلىدا (ياكى ئۇيغۇر تىلىدا)يېزىلغان بىر پاچە خەتنى لىپاپقا سېلىپ ئېغىزىنى پىچەتلەپ بىزگە بىرىپ بىز بارماقچى بولغان جايدىكى بىرسىگە ئالغاچ كېتىشنى ھاۋالە قىلسا بىز يولدا بارغىچە شۇ لىپاپنى يىرتىپ ئېچىپ خەتنى ئوقۇپ باقىمىزمۇ؟؟؟؟
مېنىڭچە ئامانەتكە خيانەت قىلىدىغان ئۇنداق نامەرتلىكنى، خۇمسىلىقنى ھېچقايسىمىز قىلمايمىز. مېنىڭ نەزىرىمدە سىيىت نوچى ھەقىقى ئەركەك!!!!

ۋاقتى: 2012-4-29 03:47:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىيىت نوچىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوغلى-ئابدۇرېھىم شىر توغرىسىدا تۆۋەندىكى ئۇچۇرغا ئېرشتۇق:

      ئابدۇرېھىم شىر- ئۇچتۇرپان بازىرى يېڭىمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ ياش ۋاقىتلىرىدا چېلىشتا -مۇشتلاشتا داڭ ئالغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغانىكەن، ...بۇ زات 1994-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى قىزىلئۆڭگەچ راكى بىلەن 72يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن.



      ئۇنىڭ بەش پەرزەندى بولۇپ:

ئابدىغېنى ئاكا (52ياش) تامچىلىق قىلىدۇ.  

مۇساجان ئاكا(47 ياش) ئۇچتۇررپان ناھىيىلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ. (جەمەت تارىخىنى بىلىدۇ).

سىيىتجان ئاكا(42 ياش) شەپكىچىلىك قىلىدۇ.

ھەنىپەم .ئاچىتاغ يېزا مالىيە پونكىتىدا ئىشلەيدۇ.

پاتىگۈل. ئاقيار يېزا 9-كەنت مەكتەپتە ئىشلەيدۇ.


باھا سۆز

بۇقىممەتلىك كىشىلەربىلەن ھەمداستىخان بولۇپ سۆھبەت قۇرۇش نىسىپ بولساھە؟!...  ۋاقتى: 2016-3-6 02:40 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-24 16:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئۈمىد) يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 03:47
سىيىت نوچىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوغلى-ئابدۇرېھىم شىر توغرىسى ...

بۇ بىر قىممەتلىك ئۇچۇر ئىكەن. بۇرۇن بۇ ھەقتە پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.

ۋاقتى: 2016-3-6 00:34:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راشىد، داستاننىڭ جىق يەرلىرى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، قالايمىقان تەركىپلەرمۇ ئارىلىشىپ قاپتۇ.   

     ئۇ پۇقرالار بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ بولغۇچە يوق قىلىۋەتمىسەك بىزگە ئامانلىق بولماس ، شۇڭا دەرھال سەكسەن چېرىك ھازىر بولسۇن، سېيىت نوچىنى تۇتۇشقا يۈرسۇن ، سېيىت نوچى گۇندىخانىغا كەلتۈرۈلسۇن . سېيىت نوچىنى ئاشۇنداق كەلتۈرۈشتى. سېيىت نوچى ما تىتەينى كцرمەك تەلىپىنى بەردى. تىتەي قوبۇل كۆردى.

  بۇ يەر ئەسلى مۇنداق:
  ئەلقىسسە ئەمدى گەپنى قەشقەرنىڭ دوتەيلىرىدىن ئاڭلايلى.
  ئاڭلىسام سىيىت نوچى ئاخشام قايتىپ كەپتىمىش، تاڭ سەھەردە ھەزرەتكە قاراپ يول ئاپتىمىش. سەكسەن چېرىك ھازىر بولسۇن، سىيىت نوچى دەرھال يامۇلغا كەلتۈرۈلسۇن!
  دەل شۇ چاغدا سىيىت نوچى ھەيۋەت بىلەن كىرىپ كەلدىلەر! خەن دارىن ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىلەر.....  ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ يەرلىرىدە ئىگىز پەسلىك بار. ھەتتا شېئىرى تەركىپلەر قالايمىقان بولۇپ، ئورۇن-تەرتىپىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ.

                     سېيىت ئاخۇن ئۆلۈپ كەتتى ،
تۇپراققا كىرىپ كەتتى .
بۇ ئالەم - مۇسىبەتتىن
يۈرەككە خۇن تولۇپ كەتتى .
چالدى چاكىچاك قەشقەر ،
مۆڭ تولغان راۋابىنى .
ئايەم كۈنلىرى كەلسە
تەرك ئەتمەي تاۋابىنى .
مۇڭلۇق قەبرىگە سۈركەپ ،
باغرىنىڭ كاۋابىنى .
ئوغلىغا دۇئا ئەيلەپ ،
يوللىغاي ساۋابىنى .
ئۆلمىسەك ئىچەرمىز دەپ ،
تاڭ ۋەسلى شارابىنى .
مانا ئەمدى تولۇق تۈگىدى .

  بۇ ئەسلى مۇنداق ئىدى:

سېيىت ئاخۇن ئۆلۈپ كەتتى ،
تۇپراققا كىرىپ كەتتى .
بۇ ئەلەم - مۇسىبەتتىن
يۈرەك يېرىلىپ كەتتى .
چالدى مۇڭ بىلەن قەشقەر ،
دۇتارى، راۋابىنى .
ئۆلمىسەك ئىچەرمىز دەپ،
تاڭ ۋەسلى شارابىنى.

ئەمما سىز يوللىغان نۇسخىدىمۇ بەزى يېڭىلىقلار بار ئىكەن. يەنە بىر ۋاريانتى بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ داستاننىڭ ۋاريانتلىرى خېلى كۆپ.




ۋاقتى: 2016-3-6 00:48:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىيىت نوچى پاجىئەسىنى نادانلىققا باغلاپ قاراش بىزدىكى قارغۇلارچە كوچا پاراڭلىرىغا ئىشىنىش پىسخىكىسىدىن باشقا ھېچنىمە ئەمەس. شۇ تارىخى شارائىتتا سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈمى ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان. بىرلا پاكىتنى دەپ بېرەي، سىيىت نوچىغا خەت يېزىپ بەرگىنى ئۈچتۇرپاندەك كىچىككىنە بىر ناھىيىنىڭ كىچىككىنە بىر ئامبىلى. خەتنى تاپشۇرىۋالغۇچى قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىدىن ئاقسۇغىچە بولغان كەڭ دائىرىنى باشقۇرىدىغان كاتتا بىر دوتەي. خەتنى ئالغۇچى ماتىتەي ئەمەس.
  ئەجىبا، بىر كاتتا دوتەي بىر ناھىيە ئامبىلىنىڭ ئاتالمىش ئۆلتۈرۈش پەرمانىنى كۆرۈپ «خاننىڭ يارلىقى شۇنداق» دىگىنى قانداق گەپ؟
  يەنە بىرى داستاننى تازا ئەستايىدىل ئوقۇساق، سىيىت نوچى دوتەي يامۇلىغا كىرگەندە ئاللىقاچان سەكسەن چېرىك ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە ھازىرلىنىپ بولغان. بۇنىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
  ئۇنىڭ خەتنى ئېلىپ كېلىش-كەلمەسلىكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوقلا بىر ئىش. ئەمىلىيەتتە بۇ ئاتالمىش «ئۆلۈم خېتى»نى داستاندا خەن دارىن دىيىلگەن ئەمىلىيەتتە شۇ چاغدىكى قەشقەر دوتىيى جۇرۇيچىدىن باشقا كىم كۆرۈپتىكەن؟..............................

ۋاقتى: 2016-4-10 16:52:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزيول يوللىغان ۋاقتى  2012-4-28 10:30 AM
بۇ داستاننى قايتا ئوقۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇزاق تا ...

مەرتلىك ۋە نادانلىق ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ   دېگەن پىكرىڭىزگە قوشۇلمايمەن: بۇ داستاندىكى مەرتلىك ئۈستىدە ئويلانساق بولىدۇ لېكىن، سېيىت نوچىنى نادان دېيىشكە قوشۇلمايمەن. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتلاردا مانجۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقان بولغانلىقى ئۈچۈن سېيىت نوچى ئېلىپ بارغان ئۆلۈم خېتى مانجۇ يېزىقىدا يېزىلغان بولىشى مومكىن دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2016-4-11 19:23:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىيىت نوچى ھەققىدىكى ماتېرىيال مۇنۇ ئادرېستا بار.
forum.php? ... p;extra=&page=1

يەنە
forum.php?mod=viewthread&tid=19246

ۋاقتى: 2016-4-12 15:45:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەخمەتجان بورادىرىم. سىيىت نوچى ھەققىدە رۇمان يېزىۋاتقانلىقىڭلىدىن خەۋەردار ئىدۇق. چاچقا ئاق كىرىپمۇ كەتتى.  قانداق بولۇپ كەتتى ئاشۇ ئىشلار؟   مۇشۇ ھەقتە جەمىيەت تەكشۈرسەڭلىمۇ بوپتىكەن.       يەنە بىرى سىيىت نوچى ھەققىدە تارىخى ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىدىن كۆپ كۆرمىدىم. لىكىن شىنخەي ئىنقىلاۋى مەزگىلىگە ئائىت ماقالىلەردىن ۋە شىنجاڭدىكى 哥老会 ھەركىتىنىڭ تارىخىنى ۋە سىيىت نوچى داستانىنىڭ پەيدا بولۇش، ئۇنى رۇمانلاشتۇرۇشنىڭ تارىخى ئاساسى بولغان بىر قىسىم تارىخ،يىلنامەلەرنى كۆپ كۆردۈم ئىزدەپ باقساڭلار . تورغا بەك كۆپكەن.
   مەسىلەن مەن بىرنى ئىبەرتىپ بىرەي:
http://www.doc88.com/p-4075251291842.html
http://www.doc88.com/p-7018041642700.html
http://www.cnki.com.cn/Article/CJFDTOTAL-XBJX201202063.htm
چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى مەن يۇقاردا ئۇلانما قىلغان تارىخلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.  تارىخى رۇمانلاردىكى تارىخىنى خۇددى ئەينەكتەك كۆز ئالدىغا ئەكەلمەي تۇرۇپ، ياخشى يازغىلى بولمايدۇ. مىڭگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى يۇز بەرگەن بۇ ۋەقەلىكلەر ئىلى قوزغىلىڭى ۋە ئۈرۈمچى قوزغىلىڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  بۇ لىنىيە بويىچە ماتىرىيال تەييارلىغاندا سىيىت نوچى تارىخى رۇمانننىڭ ئاساسى ئۇستىخىنىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن بەزى تەپسىلاتلارنى  بىلگىلى بولىدۇ. بۇلارنى دىمىسەممۇ بولاتتى. ۋاختىدا پۈتتۈرگەن ياخشى.
سىيىت نوچىنى چەتئەللەرگىمۇ چىققان دەيدىغان گەپمۇ بار. بۇلارنى دەلىللەش زۆرۈر.  خەنزۇچە قەشقەرنىڭ 100 يىلى ۋە 50 يىلى دەيدىغان تارىخى ماتىرىيال خارەكتىرلىك كىتابلار، قەشقەر تارىخى ماتىرىياللىرىدىمۇ بۇ ھەقتە ماتىرىياللار بار.

ۋاقتى: 2016-4-12 18:53:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سىيىت نوچىنىڭ گىلاۋخۇيغا قاتناشقانلىقى بۇ داستاندىن مەلۇم، بىراق شۇ رەھمەتلىكنىڭ شۆتاڭ (خەنزۇچە مەكتەپ) دا ئوقۇپ مىنكاۋخەن بولغانلىقى ياكى خەنزۇتىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ مانچىنجى دەرىجىسىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا ، جۈملىدىن ئۇچتۇرپان ئامبىلىنىڭ سېيىت نوچىغا بەرگەن مەكتۇبىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق، بەلكىم رەھمەتلىكنىڭ ئارانلا ھەپتىيەك ساۋادى بولىشى مۇمكىن.

ئابدۇقىيۇم ئەپەندىنىڭ يۇقۇرىقى  ئىنكاسى مېنىڭچە ئانچە جايىدا ئەمەس، "سېيت نوچى" دستانى يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى بەدىئىيلىكى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان، دەۋىر رىئاللىقىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن، رىئال تارىخىي شەخىس پىروتوتىپ قىلىنغان ۋەكىل خارەكتىرلىك بىئوگراپىك داستان. بۇ داستاندا، شۇ دەۋىردىكى ساۋادسىزلىقنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن پاجىيەلىك ئاقىۋىتى ئوچۇق ئاشكارە ھەم چۈشىنىشلىك خەلق تىلىدا بايان قىلىنغان. بۇ يەردە قانداقتۇ سېيت نوچىنىڭ قايسى خىل تىلنى بىلىش بىلمەسلىكى، خەت ساۋادى بولۇش بولماسلىقى ماھىيەتلىك مەسىلە ئەمەس.  شۇ دەۋىرنىڭ خارەكتىرى، خەلققە كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ماھىيىتى ۋە دوست بىلەن دۈشمەننى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىش جەھەتتىكى نادانلىق؛ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى زىيادە ساددىلىق ھەم ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى - داستاندىكى ماھىيەتلىك مەسىلە، شۇنداقلا چاقچاق قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە. داستاندىكى سېيت نوچى ئۆزىنىڭ مەردانىلىق، باتۇرلۇق، ئاقكۆڭۈللۈككە ئوخشاش ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەنلا ئەمەس، ساددىلىق ،  قاراملىق ۋە بىخۇدلۇق قاتارلىق ئىللەتلىرى بىلەنمۇ سۆيۈملۈك؛ شۇڭلاشقا ئۇ، شۇنچە يىللاردىن بىرى بىزنىڭ قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ، مەڭگۈ يېقىلمايدىغان ئابىدىگە ئايلاندى. شۇڭلاشقا داستاندىكى بەدىئىي تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن "سېيت نوچى"نى خالىغانچە ئەيىپلەش ياكى پەردازلاشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. ئەگەر سېيت نوچى  ئۈچتۇرپان ئامبىلىغا ئىشەنمىگەن بولسا،"ھېلىقى خەت"نى يىرتىۋەتكەن بولسا، كۆيدۈرىۋەتكەن بولسا، ياكى قەشقەرگە كېلىپ ئۆزىنىڭ كونا رەقىبلىرىنىڭ ئالدىغا بارمىغان بولسا "سېيت نوچى پاجىيەسى"مۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. شۇنداقلا، بۈگۈنكى كۈندە سېيت نوچى تىللاردا داستان بولمىغان بولاتتى. شۇ دەۋىر تىراگىدىيىسىمۇ بۇ قەدەر جانلىق كارتىنا ئىچىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمىغان بولاتتى. شۇڭلاشقا، بەدىئىي ئەسەرگە قايتىدىن سۇژېت بەلگىلەپ بېرىشنىڭ كويىدا بولۇش، ھە دىسىلا "سېيت نوچى ئەسلى ئۇنداق ئەمەس مۇنداقتى" دەپ داۋراڭ كۆتۈرۈش ھاجەتسىز. مېنىڭچە سېيت نوچى  ــ  تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي يۈكسەكلىكنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان مۇكەممەل ئادىمىيلىك خارەكتىرى بىلەن  مەڭگۈ قەلب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەگەر سېيت نوچى ھەققىدە باشقا ئەسەر يازىدىغانلار بولسا، ئۇ ئەسەرنىڭ سۇژېتىنى قانداق بەلگىلەش، ۋەقەلىكنى قانداق شاخلىتىش، ئوبرازنى قانداق يارىتىش ئەلبەتتە شۇ ئاپتورنىڭ خاھىشى ۋە ماھارىتىگە باغلىق، ئەمما ئەسلىدىكى داستان يەنىلا ئۆز تارىخىي قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ دەپ قارايمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش