يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 892|ئىنكاس: 5

يۇمۇرلار (قۇمتېكىن تەرجىمىسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۇمۇرلار

ئەركىن تۇردى قۇمتېكىن تەرجىمىسى

ياشاش يولى

قاۋاقخانىدا بىر ئېكىسپىدتسىيىچى رېن شۇغا:
- كېمە چۆكۈپ كەتتى، بىز قۇتقۇزۇش كېمىسىگە چىقىۋالدۇق،  دېڭىزدا بىرقانچە ھەپتە لەيلەپ يۈردۇق،  مەن سىلەرگە ئېيتسام،  راستىنلا ئاچلىقتىن ئۈلۈپ تىرىلدۇق،  بىز ھەرقايسىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئايىقىنى غاجىلىدۇق،  باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۈلۈپ كەتتى، پەقەت ئۆزەم يالغۇز ھايات قالدىم،-دېدى.
رېن شۇ:
- باشقىلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارى سىزگە يەتمەمدىكەن؟
ئېكىسپىدتسىيىچى:
-  ياق، ئايىقىمنىڭ نومۇرى ئەڭ چوڭ ئىدى.


ساپ مۇھەببەت

بىر ئاشىق-مەشۇق مەھكەم يېپىشىپتۇ. ئوغۇل :
- سۆيۈملۈكۈم، مەن ساپ مۇھەببىتىمنىڭ ھەممىسىنى سىزگە تەقدىم قىلىمەن!-دەپتۇ. قىز بۇنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھالدا:
- ساپ بولمىغانلىرىنى كىمگە بېرىشكە تەييارلاپ قويدىڭىز؟-دەپتۇ.


سۈپەت

بىر لوندۇنلۇق موزدوز بار بولۇپ، قولىدا تىككەن ئايىقىنىڭ سۈپىتىنى ئىنتايىن ياخشى، مال تاپشۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن ئىكەن. بىر خېرىدار ئۇنىڭدىن رەنجىگەن ھالدا:
- خۇدا بىر دۇنيانى بەرپا قىلىشقا يەتتە كۈن كەتكەن، سىزنىڭ بىر جۈپ ئاياق تىكىشىڭىزگە شۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن، -دەپتۇ.  موزدوز خېرىدارنى تارتىپ دېرىزە تۈۋىگە ئاپىرىپ :
- سىز خۇدا ياراتقان بۇ دۇنياغا قاراڭ، ئاندىن مەن تىككەن بىر جۈپ ئاياققا قاراڭ.......-دەپتۇ.


ئازراق ئاۋاز ئاڭلاش

پىسخولوگىيە دوختۇرى بىماردىن سوراپتۇ:
- سىز ئازىراق ئاۋازنى ئاڭلىيالامسىز يوق، لېكىن كىمنىڭ گەپ قىلغىنىنى بىلمەيسىز، ئاۋازنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەنسىز؟-دەپ سوراپتۇ. بىمار :
-شۇنداق،-دەپتۇ.
پىسخولوگىيە دوختۇرى: ئۇنداقتا قايسى چاغدا بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەن؟-دەپ سوراپتۇ. بىمار:
-  تېلفۇن ئالغان چاغدا، -دەپتۇ.


ئاپتۇۋۇزدا

بىر بالا كۆتىرىۋالغان ئايال قىستا-قىستاڭ ئاپتۇۋۇزدا ئۆرە تۇرۇپتۇ.  ئەمما ھېچقانداق يولوچى ئۇنىڭغا ئورۇن  بوشۇتۇپ بەرمەپتۇ.  شوپۇر  يولوچىلارنى ئۇنىڭغا ئورۇن بوشۇتۇپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ، لېكىن ئۇ بىر قانچە  قېتىم ئۇدا توۋلىسىمۇ،  ئاپتۇۋۇزدىكى ئادەملەردىن ئازىراق ئىنكاسمۇ چىقماپتۇ. شوپۇر نائىلاج ئورنىدىن تۇرۇپ، ھېلىقى ئايالغا :
- سىز مەن ئولتۇرغان ئورۇندا ئولتۇرۇڭ! مەن بالىڭىزنى كۆتۈرۋالاي، سىز كۆپچىلىككە ماشىنا ھەيدەڭ،-دەپتۇ
بۇ گەپنى ئاڭلىغانلار بەس-بەستە ئورۇن بوشۇتۇپتۇ.


خۇمار بولماق

مەن دوستۇمغا ياردەملىشىپ بىر خىل يېڭىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ھاراقنى تەۋسىيە قىلىشىپ بەردىم. بىر كىشى :
- بۇ خىل ھاراقنىڭ تەمى ياخشىمۇ؟-دەپ سورىدى.
مەن دەرھال :
-  تەمى قالتىس ياخشى،سىز بىر يۇتۇم ئىچىپ سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ خۇما بولۇپ قېلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىمەن،-دەپ جاۋاپ بەردىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئەر كىشى ئاڭلاپلا ھۇدۇققان ھالدا :
-   ئۇنداقتا بولدى قىلاي، مەن ناھايتى تەسلىكتە تاماكىنىڭ خۇمارنى تاشلىغان....


خەنزۇچە «ئوقۇرمەنلەر» ( 读者  )ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 21 ساندىن ئەركىنجان تۇردى قۇمتېكىن تەرجىمىسى.
ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-22 18:50  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-22 14:59:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن

ۋاقتى: 2014-1-22 17:09:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇبۇستا دىگەن يۇمۇر  ماڭا بەك ياقتى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-16 16:30:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياققان بولسا قۇمتېكىن ئەپەندىگە يەنە تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرەي

ۋاقتى: 2014-4-29 22:08:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىقكەن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-12 13:50:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەر بەھىر بولغان بولساڭلار، مەن ئەمگىكىمدىن رازى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش