يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 588|ئىنكاس: 1

ئېلى ھېمىت:نېرودا ۋە ئۇنىڭ «كۈلرەڭ بېرېت بۆكى»ناملىق لىرىىكسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نېرودا ۋە ئۇنىڭ «كۈلرەڭ بېرېت بۆكى»ناملىق لىرىكىسى
ئېلى ھېمىت
1
پابلو نېرودا (1904-1973)چىلى چىلى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر شائىرى.ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى نېيفۇتالى. پابلو نېرودا ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىدۇر.
لىكادو.لېيناس بولۇپ،1904-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پالار شەھرىدە  تۆمۈريول ئىشچىسى ئائىلىسىدە توغۇلغان. ئۇ ئون ياش ۋاقتىدىن باشلاپ شېئىر يازىدۇ. ئون ئۈچ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ماقىلىرى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىشقا باشلايدۇ.ئون ئالتە ياش ۋاقتىدا تېموگو  شەھرىنىڭ شېئىر ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.نەتىجىدە،شەھەرلىك ئوقۇغۇچىلار ئەدىبىي ئىجادىيەت جەمىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىىپسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ..1921 –يىلى پەيتەخت شېڭدىياگېغا بېرىپ،پداگوكىكا ئىنىستېتوتىدا قانۇن  ۋە ئەدەبىياتنى بېرىلىپ ئۆگىنىدۇ.1923-يىلى 8-ئايدا ،نېرودا تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «گۇگۇم»نى نەشىر قىلىدۇ.بىراق ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە نامىنى چىقارغىنى 1924-يىلى نەشىر قىلىنغان «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لىرىكىسى ۋە ئۈمىدسىزلىك ناخشىسى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى بولىدۇ. بۇ شېئىرلار توپلىمى نېرودانىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان شېئىرلار توپلىمى بولۇپ،1961-يىلى ئىسپىھان تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىلا بىر مىليۇن تىراژدا سېتىلغان. ئەلۋەتتە ئۇ ئەسەر نۇرغۇن ئۇلۇغ شائىرلارنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدەك ئىشىك تۈۋىدىن يانغان.چۈشىنىش بولمىغاندىن كېيىن،خاتا قاراشقا ئۇچراپ چەتكە چۆرۈلۈشتەك ئۇۋالچىلىقلارغا دۇچار بولغان.ئايالنىڭ تېنى ،قارلىق تۆپىلىك،قارنىڭ يوتىسى شېئىرلار توپلىمىنىىڭ بىرىنچى كوپلېتىدا  ئالاھىدە گەۋدىلىك رەڭگە ئىگە بولغان.ئاۋۋال،شۇنداق ئوچۇق ئاشكارە «مۇھەببەت ناخشىسى »تېمىسىدا چىقىپ تۇرغىنىدەك ،بىر پارچە قىزنىڭ قەسىدىسى.ئەينى ۋاقىتتا نېرودا سۆيگۈنى مەدھىيلىمىگەن،بەلكى خاراكتېرنى مەدھىيلىگەندۇر. .ئەمىليەتتە، كىتابنىڭ ئىسمىنى «بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ كۈيى»دەپ تەلدلەشتۈرسە مۇۋاپىق.ئەلۋەتتە،قىسمەت ئاساسىدىن قارىغاندا، شېئىردىكى مەنە ۋە ھېسىيات رېتىمى كىتاب نامىدىن ئوقۇرمەنگە بىشارەتلەنگەن بولۇپ، خاراكتېرىغا ماس كەلگەن بىر توپلام بولماستىن،بەلكى خاراكتېر ۋە سۆيگۈ يۇغۇرۇلغان  توپلام يەنى  بۇ ئۇنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى،شۇنداقلا بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيتىگە يېقىنلاشقانلىقىدا.ئەمىليەتتە «سېھرىي رېئالىزم»نىڭ بىر مۇھىم ئامىلى شۇكى،«ئۈزۈلۈش»ياكى «باغلىنىشسىزلىق»بولغان  جۈملىدە ئىنتايىن ئالاھىدە ئىنكاسلانغان.بۇ جۈملىلىدە تەتۈر نۇقتىدىن چىقىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان نورماللىقتۇر.
نېرودانىڭ  ئۆمرىدە ئىككى تېما بار،بىرى سىياسى،يەنە بىرى مۇھەببەت.ئۇنىڭ دەسلەپكى مۇھەببەت شېئىرلار توپلىمى «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لىرىكىسى ۋە ئاخىرقى ئۈمىدسىزلىك ناخشىسى»ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1930- يىلى نېرودا گوللاندىيىلىك مارىيا ئانونېتاخېگېنار( María Antonieta Hagenaar) بىلەن توي قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىدىيۋى ھېسىياتىدا پەرق ئىنتايىن چوڭ بولغاچقا،توققۇز يىل بىللە ئۆي تۇتۇپ، ئاقىۋەت ئاجرىشىدۇ.شۇندىن كېيىن،نېرودا فرانسىيەلىك بىر قىز بىلەن بىر مەزگىل ئارىلاشىدۇ.1943-يىلى  ئارگېنىتالىق رەسسام  دېلا دېل كارنېل (Delia del Carril )نى ئىككىنچى خوتۇنلۇققا  ئالىدۇ.1955-يىلى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىدۇ.يەنە بىرنەچچە يىلدىن كېيىن،نېرودا ئۆزىنىڭ ھەقىيقى سۆيگۈنى چىلىلىك ناخشىچى ماتېلدا ئۇررىيتىئا (Matilde Urrutia )غا ئۇچرايدۇ.1960-يىلى نېرودا «بىر يۈز مۇھەببەت سونېتلىرى»ناملىق ئەسىرىنى ماتېلداغا تەغدىم قىلىدۇ.ئۇ ماتېلدا بىلەن ئۆزىنى ئەڭ ماس كېلىدۇ دەپ قارايدۇ.ئۇلار ئىككىلىسىلا چىلىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن.ماتېلدا بولسا ئۇنىڭ سۆيگۈسى،ئىلھام مەنبەسى.ئۇلار 1966-يىلى توي قىلىپ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈدۇ.1970-يىلى نېرودا  چىلىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ.مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،چىلىنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋەزىپىسىدە ئولتۇرىدۇ.
1971-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.شېۋىتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى نېروداغا :«ئۇنىڭ شېئىرلىرى  تەبىئەت كۈچىدەك رولغا ئىگە بولغانلىقى، بىر چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەغدىرى ۋە تەشنالىقىنى ئۇرغۇتتى»دەپ باھا بېرىدۇ.1972-يىلى 11-ئايدا نېرودا فىرانسىيەدىكى  ئەلچىلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ چىلىگە قايتىپ قىزغىن قارىشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ.1973-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئارامغا چقىىپ ،12 كۈندىن كېيىن،  69 يېشىدا بۇ  دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىدۇ.
نېرودانىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تۇرالغۇ»،«يىگىرمە مۇھەببەت لىرىكىسى ۋە ئۈمىدسىزلىك ناخشىسى»،«چەكسىز ئېقىنلار»،«يىگانە ئەتتىرگۈل»«دېڭىز ساھىلىدىكى گۈل قەسىدىسى»،«مۇھەببەت سونېتلىرى»،«چىلى تېشى»قاتارلىقلار بار .
پابلو نېرودانىڭ «كۈلرەڭ بېرېت بۆكى»ناملىق بۇ شېئىرى ئۇنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا يازغان مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ بىر مۇھىم  نەمۇنىسىدۇر
كۈلرەڭ بېرېت بۆكى
پابلو.نېرودا(چىلى)
ئېسىمدە ئەينى كۈز مەنزىرىسى ئىدىڭ،
بېشىڭدا بېرېت بۆك، ئۇ ئىدى كۈلرەڭ.
گۇگۇمنىڭ شولىسى كۆزۈڭدە چاقناق،
قەلب ئېقىنىڭدا ياپراق قىلغان جەڭ.

يامىشىپ تۇراتتىڭ باغرىمغا شاختەك،
شۇ تەمكىن كۈيۈڭگە خازان كۈي قاتقان.
يالقۇنلاپ گۈلخاندەك كۆيدى تەشنالىق،
يېقىشلىق شامالنىڭ خېتى ئوت ياققان.

زارىقىپ مەجنۇنە باقسام كۆزۈڭگە،
ئېھ گۈزەل كۈز پەسلى يىراقتا قالغان.
سۇر بۆكۈڭ،قۇش كۈيى،جىمجىت دىل خانەڭ،
قوزغايدۇ قەلبىمدە قايناق ھاياجان.

كېمىدىن باقىمەن قىرغاققا شۇتاپ،
سەن گويا شوخ دەريا، كۆيگەن بۇلۇت ھەم.
كۆزۈڭدە زەر ياپراق، شەپەق شولىسى،
ئېھ كۈزنىڭ ئۇزلۇقى بولغان خويمۇ جەم.
نېرودانىڭ « كۈلرەڭ بېرېت بۆكى »(《灰色的贝雷帽》) ناملىق بۇ گۈزەل شېئىرىنىڭ يارقىن ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، بۇ شېئىر 1925-يىلى نەشىر قىلىنغان «يىگىرمە پارچەمۇھەببەت لىرىكىسى ۋە ئاخىرقى ئۈمىدسىزلىك ناخشىسى»ناملىق توپلىمىدىكى «6- لىرىكا» دۇر. شائىر بۇ لىرىكىسىنى رۇمانتىك خىياللارغا باي، چىرايلىق قىز ئاربىدىناغا بېغىشلىغان. بىركۈنى نېرودا  بۇ قىزنىڭ رەسىمىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە رەسىمگە قاراپ :« سېنىڭ قىياپىتىڭ ناھايىتى ياخشى سېزىلىپتۇ.بىراق سەن رەسىمدىكىدىنمۇ بەك چىرايلىقسەن.مەن سەن ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەرسەم بولار؟مەن سېنىڭ ھېلىقى كۈلرەڭ بېرېت بۆكۈڭنى،چاي رەڭگىدىكى كۆزۈڭنى سىزاي،مەن سېنىڭ دېرىزە تەرەپتە ئولتۇرغان تۇرقۇڭنى سىزاي.رەسىمنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ‹ ئۇ نېمە دېگەن ھەسرەتلەنگەن؟›دېسۇن دەيدۇ. 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى بىر يازمىسىدا ئۇ مۇنداق يازىدۇ:«مەن چۈشتىن كېيىن، زەيكەش فېرمىدا يېتىپ سېنى،سېنىڭ شۇ كۈلرەڭ بېرېت بۆكۈڭنى ،سېنىڭ ماڭا سۆيگۈ ئاتا قىلغان ئاشۇ بىر جۈپ كۆزۈڭنى سېغىندىم.»
مەزكۇر مۇھەببەت لىرىكىسىدا «مەن» سائەت بەشلەردە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تەنھا يالغۇز كوچىلارنى، يېقىن ئەتراپتىكى ئېتىزلىقلارنى ئارىلايدۇ.دېمەك ،شېئىردا  گۇگۇمدىكى شەپەق، شوخ ئېقىن،تېپتېنىچ كۆلچەك ،سارغايغان يۇپۇرماقلارشائىرنىڭ  پىنھان قەلب كۆلىدە تىنىمسىز مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان كۈچلۈك سۆيگۈ ھېسىياتىنى بىشارەتلەپ بېرىدۇ
بۇ شېئىرنىڭ  ئۆزگۈچە مۇۋەپىقىيىتى شۇكى،شېئىرنىڭ13- قۇرىدىن باشلاپ،شېئىرىي بوشلۇق كېڭەيتىلىپ ئۆزگەرگەن بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر پۈتۈن مەنزىرىسى: يەنى كېمىدىن ئاسمانغا نەزەر سېلىنىش،تاغ تۆپىسىدىن ئېتىزلارغا نەزەر سېلىنىش ئارقىلىق، بوشلۇقنىڭ كېڭەيتىلىش تەرتىپى تۆۋەندىن يۇقىرىغا، يۇقىرىدىن ئاستىغا كۈزىتىلىپ، كۆرۈش بۇلىڭى كىچىكتىن تەدرىجىي رەۋىشتە  كېڭەيتىلىپ، گۈگۈمنىڭ بىر پۈتۈن گۈزەل مەنزىرىسىنى نەپىس سېزىپ بېرىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-20 14:19:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم،ئۇستاز،پېقىرنىڭ يازمىسىنى رۇياپقا چىقارغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!مەن قايتىدىن شېئىرىيەتكە قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.شېئىر-روھنى تاۋلايدىغان سېھرىي ئۇزۇق ئىكەن.ياخشى شېئىردىن بىرەرىنى ئوقۇسام،ھاردۇقۇم چىقىپ،تېتىكلىشىپ قالىدىكەنمەن.شېئىر-روھنىڭ ئەركىن پەرۋازى ئىكەن.كونىلارنىڭ شېئىر ئارقىلىق كېسەل داۋالىشىنىڭ سىرىنى ئەندى ھېس قىلماقتىمەن.پەيلاسوفلارنىڭ شېئىر ئارقىلىق ئىدىيە تارقىتىپ ئەلنى مايىل قىلغانلىنى چوڭقۇرلاپ تونۇپ يەتتىم.سىياسىيونلارنىڭ،ئالىملارنىڭ  شېئىر يېزىش ئارقىلىق ساغلام روھىي ھالەتنى ساقلىشىنى ئەندى سەزدىم.دېمەك،شېئىرنى سۆيمىگەن كىشىدە مېھىر-مۇھەببەت كەمچىل،ئۆزىنى بېغىشلاش روھى تۆۋەن بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-20 14:20  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش