يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 510|ئىنكاس: 4

قەلەمخان ياسىن: ئىككى شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككى شېئىر

قەلەمخان ياسىن

يىراقلارغا سەپەر قىلدىڭ ئەزىزەم

يىراقلارغا سەپەر قىلدىڭ ئەزىزەم ،
تاشلاپ قويۇپ مىنى ئوتقا ، ھىجىرانغا .
تۇرۇپ قالدىم ئۆزەم يالغۇز شۇ يولدا ،
قىيالمىغاچ سەن قالدۇرغان ئىزلارغا .

شۇندىن بېرى يېپىلمىدى دەرىزەم ،
ھېدلىرىڭنى شامال ئىلىپ كىرسۇن دەپ .
مۇڭغا تولغان يالغۇز ھۇجىرا ئىچىدە ،
ياش تۆكىدۇ يۈرەكلىرىم ئىسەدەپ .




توپا چىراي بۇلۇت تولغان ئاسمانمۇ ،
قوياش ئەمەس بۇرۇنقىدەك يوپ-يورۇق .
سايرىلمايدۇ قۇشلار ئەمدى ۋىچىرلاپ ،
بولۇپ قالغاچ باغلار سۇسىز ، قۇپقۇرۇق .

تاپالمىدى نەگە قاچتى تولۇنئاي،
توسۇۋاپتۇ بۇلۇت ئۇنى مۆكتۈرۈپ .
قارىغىنە يۇلتۇزلارغا ئامىرىقىم ،
قويدىمۇ يا سىنى ئويغا چۆكتۈرۈپ .

دەرىزەڭدىن چۈشۈپ تۇرغان ئاي نۇرى ،
كىردىمۇ يا قۇچىغىڭغا تولغىنىپ .
كىرىپ قالسام ئەگەر سىنىڭ چۈشۈڭگە ،
كەتمە جېنىم شېرىن چۈشتىن ئويغىنىپ .

سېغىنغاندا تۇتۇپ بەرگىن يۈزۈڭنى ،
مەن تەرەپتىن ئۇچۇپ بارغان شامالغا .
قۇچىقىڭنى ئېچىۋەتكىن كەڭ يىيىپ ،
چۈش پەرىسى قېپ قالمىسۇن تالادا .

يۈرۈكۈمنى ئېلىۋىلىپ يوللۇق دەپ ،
يىراقلارغا سەپەر قىلدىڭ ئەزىزەم .
كۈن سانايدۇ يوللىرىڭدا كۆزلىرىم ،
سەن كەلگىچە يېپىلمايدۇ دەرىزەم .


مانا بۇ موھەببەت ، مانا بۇ سۆيگۈ

قەلەمدىن تۆكۈلگەن ئۇ –سىياھ ئەمەس ،
ئۇ –ئوتلۇق يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان قان .
ئۇ – قەلبىم تېگىدىن ئۇخچۇغان بۇلاق ،
ئۇ دىگەن لاۋۇلداپ تۇرغان چوغ ، گۈلخان .

ئۇ بىلەن يارالدىم ، ئۆسۈپ يېتىلدىم ،
ئۇ بىلەن قاتارغا كۈلۈپ قېتىلدىم .
ئۇ بولغاچ يۈرەكتە ئالەمچە تۇيغۇ ،
بىر غۇنچە ئىدىم مەن ، گۈل بوپ ئېچىلدىم .

ئاجايىپ كۈچلۈك ئۇ ، سىرلىق بىر تۇيغۇ ،
ئۇ بىلەن قەلبىمدە بېخ ئۇردى سۆيگۈ ،
تۇغۇلدۇم ئۇ بىلەن ، كېتىمەن بىللە ،
ئېچىلدى ئۇ ئەمدى  توزىماس مەڭگۈ .


ئامىرىقىم مانا بۇ سۆيگۈ مۇھەببەت ،
تونۇدۇم ئۇنى مەن سەن بىلەن پەقەت .
تۇنجى رەت قەلبىمدە بېخ ئۇرغان سۆيگۈم ،
ساڭىلا مەنسۇپتۇر ، ئەبىدىل ئەبەت .

تۇتۇشۇپ قولغا قول ،يول ئالدۇق بىللە ،
بىر ئۇزۇن سەپەرگە ماڭدۇق يېتىلىشىپ .
تونۇشۇپ ، كۆيۈشۈپ يەنە كۆنۈشۈپ ،
ھارمىدۇق ئازاپنى بىللە تارتىشىپ .

كۆتۈردۇق تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى ،
قورقمىدۇق ۋاقىتلىق بوران چاپقۇندىن .
ۋايسىماي ئۆتكۈزدۇق قىيىن كۈنلەرنى ،
كۆڭۈللەر سۇ ئىچكەچ سۆيگۈ كۆلىدىن .

بىز ئەمەس بۇرۇنقى گۆدەك قىز يىگىت ،
بىز ئەمدى قوشماقنىڭ ئاتا –ئانىسى .
زىممىگە ئارتىلغان كۈتۈش كۈتۈلۈش ،
بىز بىر جۇپ قېرىنىڭ ئوماق بالىسى .

مانا بۇ مۇھەببەت ، مانا بۇ سۆيگۈ ،
قەلبىتىن قەلبىكە تۇتاشقان بىر يول .
ئەجىرمىز مېۋىسى پىشسۇن مەي باغلاپ ،
ماڭايلى داۋاملىق ئاجىرمىسۇن قول .




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-20 10:44  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-20 11:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹سەن كەلگىچە يېپىلمايدۇ دەرىزەم›نى ياقتۇردۇم.

ۋاقتى: 2014-6-27 00:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aydanix يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 11:33
‹سەن كەلگىچە يېپىلمايدۇ دەرىزەم›نى ياقتۇردۇم.


                مەنمۇ مۇشۇ مىسرانى ياختۇردۇم،  90- يىللاردا  رەيھان ئىبىراھىم    ئېيتقان  -

   ‹‹دېرىزەڭنى  ئېچىۋەت ››  ،دىگەن  ناخشىسى  دەرھال ئېسىمگە كەلدى .



                                   ئىسمىڭىزكەن  قەلەمخان  ،نېمىدىگەن  چىرايلىق
،
                                    پەرىشتىدەك  ئۆزىڭىز ، سۇغا  چۈشكەن  بىر بېلىق .

ۋاقتى: 2014-6-27 01:15:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-6-28 18:36:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن قىزىم ،شىئېرىلىرىڭمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تور ئىسمىدەكلا تاتلىقكەن .
رەھمەت سىزگە.ئەدەبىي  ئىجادىيەتتە يەنىمۇ  يۈكسۈلىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش