كۆرۈش: 432|ئىنكاس: 3

شاڭ چېڭجيى: يوقالغان ھايات(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقالغان ھايات
ھېكايە
شاڭ چېڭجيى
ماھىرەئوبۇلقاسىم (تەرجىمىسى )
   گۈگۈمدىكى قوملۇق جىمجىتلىققا چۆمگەندى، پىتىۋاتقان ئالتۇن رەڭ قوياش ئۆزىنىڭ يېقىملىق نۇرىنى ئالتۇندەك سارغىيىپ ياتقان قۇملۇققا چاچماقتا، تەبىئەت ئىنتايىن گۈزەللىشىپ كەتكەندى.
ليۇ چيۇلياڭ بۆرىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ بىردىن–بىر ھەمراھى چېڭ شياۋېي قۇملۇقتا بۆرىگە كەيننى قىلىپ ئولتۇرۇپ ئايغىدىكى قۇمنى تۆكىۋاتاتتى. ليۇ چيۇ لياڭ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا يېنىدىكى بېلەك توملىقدىكى تاياقنى قولىغا ئالدى، بۆرە ئۇنىڭغا قاراپ –قاراپ قويۇپ ئاستا–ئاستا چېڭ شاۋېيغا يېقىنلىشاتتى، بۆرە چېڭ شاۋېينىڭ يېنىغا كېلەي دەپ قالغاندا، پېتىۋاتقا قۇياشنى تۆسىۋالدى. قۇياش نۇرى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن بۆرە ليۇ چيۇليانىڭ كۆزىگە  چاقناپ تۇرغان بىر جىسىم بولۇپ كۆرۈندى، ياق ئۇ رىۋايەتتىكى بۆرە تۇتىمىنى رېئالىقتا كۆرگەندەك بلدى. دەل شۇ ۋاقىتتا نىيىتى ئۆزگەرگەن ليۇ چيۇ لياڭ قولىغا ئالغان تاياقنى قويدى–دە ، ئاستا ئارقىغا داجىغىنىچە سومكىسىدىكى فۇتۇ ئاپپاراتنى قولىغا ئالدى ۋە ئاپپاراتنىڭ كۆزىنى بۆرە بىلەن چېڭ شيا ۋېيغا  
تۇغرلاپ كۇنۇپكىنى باستى.
  ليۇ چيۇ لياڭ ئازراق نامى بار فۇتۇگراف  بولسىمۇ ، ئۇ ئۆزى بار شەھەر بىلەنلا چەكلىنەتتى. ئۇ ھەر دائىم تىتىلداپ يۈرەتتى. گەرچە ئۇ 50ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۆزى رازى بولغىدەك بىرەر پارچە سۈرەت تارتىپ باقمىغان، بىرەر پارچە ئەسىرى مەملكەتلىك فوتۇ  سۈرەت مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىگە ئېرىشىپ باقمىغانتى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەكلا ئادەتتىكىچە بولغانلىقىدىن كۆرەتتى. شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئۆلكە گېزىتىدىكى «بىر ساياھەت شىركىتى قۇملۇققا ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئادەم تەشكىللەيدىكەن » دېگەن خەۋەرنى كۆرۈپ ، ئويلىنىپ ئۆلتۇرمايلا تىزىمغا ئالدۇرغانتتى. ئۇ ئۆز كۆڭلىدە قۇملۇقنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئي مەنزىرسىى، ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ئۈچۈن  بىرىنچى قول ماتېرياللا بولۇپ قالماسدىن بەلكى  ئۆزىنىڭ نەتىجىسىز فوتوگراف ھاياتىغا نۇرغۇن ئىلھاملارنى  ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىغاندى. مانا شۇ ئۈمىدلەر بىلەن  مۇشكۈل سەپەر ئازابلىرىنى يېڭىپ بىپايان قۇملۇققا چۆككىنىدە تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئاسما رەسىم ۋە سۈرەتلەر ئىسكىلاتىدا داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىدىغان مەنزىرلەر ئىدى.  ئۇنىڭدىن باشقا قۇملۇقتا ئالاھىدە مەنزىر ئۈچۈرمىدى.  ئۇ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ، قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىدا ئويلىمىغان يەردىن پالاكەت بېسىپ چۆل بورىنىغا ئۇچۇراپ قالدى. بوران توختىغاندىن كىيىن، ئۇ مىڭ تەسلىكتە  قۇم ئاستىدىن ئۆمىلەپ چېقىپ قارىغۇدەك بولسا، ساياھەت ئەتىرتىدىكى ئون نەچچە ئادەمدىن پەقەت ئۆزى بىلەن چىڭ شياۋېي دېگەن بىر يىگىتلا قالغان بولۇپ قالغانلار كۆرۈنمەيتتى.
   بۇ ئىككىسىنىڭ قۇملۇقتا بىرگە كېتىۋاتقىنىغا ئۈچ كۈن بولغاچقا ، ئۇلار ئۇزۇن يللىق كونا دوسىتلاردەك بولۇپ قالغاندى. چېڭ شيا ۋېي ئەمدىلا 30ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بىراق مۇۋەپپەقيەت قازانغانلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ شىركىتى ئون نەچچە نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش بەدەل پۇلى بىلەن تۇرمۇش پۇلىنى كۆتۈرۋاتقاچقا ، ئۇنىڭ بۇ شەھەردە خىلىلا نامى بار ئىدى.
  چېڭ شاۋېي بېشىنى كۆتۈرۈپ ليۇ چيۇ لياڭنىڭ ئاپپاراتنى ئۆزىگە توغرلىغانلىقىنى كۆرۈپ، رەتلىك ھەم ئاپئاق چىشلىرىنى چېقىرىپ كۈلدى.ليۇ چيۇلياڭنىڭ قوللىرى تىتىرەپ كەتتى.  شۇ چاغدىلا چېڭ شيا ۋېي ئارقىسىدا بىر خەۋەپ بارلىقىنى تۈيۈپ قالدى–دە ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى. شۇ دەقىقىدە بۆرە چېڭ شيا ۋېينىڭ كانىيىدىن ئالدى. ليۇ چيۇ لياڭ ئاپپاراتنىڭ كۇنۇپكىسىنى باستى.
   ليۇ چيۇلياڭ بۇ ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈشنى 20پارچىدىن ئارتۇق سۈرەتكە ئالدى، ھەتتا ئاپپاراتتىكى فىليونكا تۇگىگىچە ئۇنىڭ قولى سۈرەتكە ئېلىشدىن توختىمىدى.
   بۆرە كەتتى. قۇملۇقتا چېڭ شياۋېينىڭ پارچىلانغان جەسىتى بىلەن  فوتوگراف ليۇ چيۇلياڭ قالغاندى. ئىككىنچى كۈنى ليۇ چيۇ لياڭ يەنە بىر ئېكىسپېدىتسيە ئەترتىگە ئۇچراپ قۇملۇقتىن قۇتۇلۇپ چىقتى.
  بۇ يىللىق مەملىكەتلىك فوتو سۈرەتلەرنى باھالاشتا «يوقالغان ھايات» ناملىق بىر يۈرۈش ئەسەر بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. لېكىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئۆزىنى كۆرسەتمىدى. كېيىن كىشلەر ليۇ چيۇلياڭنىڭ ئىدارىسى ئارقىلىق «مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ليۇ چيۇلياڭنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ‹ قۇملۇق مېنى ئارزۇ–ئارمانلىرىمىغا يەتكۈزدى، مەنمۇ شۇ قۇملۇقتا ھاياتىمنى ئاخرلاشتۇرىمەن.›دېگەن سۆز يېزىلغان خەتنى قالدۇرغىنىچە يوقاپ كېتىپتۇ.» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-20 10:48  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-22 01:24:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ‹‹يوقالغان ھايات ››  بۇ ھېكايە  قىسقا مېغىزلىق يزىلىپتۇ ، يازغۇچى بىلەن  بىزگە ھېكايىنى   تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بەرگۈچىگە رەخمەت  ئېيتماي تۇرالمايمەن .

ۋاقتى: 2014-1-22 01:24:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ‹‹يوقالغان ھايات ››  بۇ ھېكايە  قىسقا مېغىزلىق يزىلىپتۇ ، يازغۇچى بىلەن  بىزگە ھېكايىنى   تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بەرگۈچىگە رەخمەت  ئېيتماي تۇرالمايمەن .

ۋاقتى: 2015-12-4 17:31:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت !ئىزدىنىشىڭىز توختاپ قالمىسۇن ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش