يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1038|ئىنكاس: 13

جىبران خېلىل جىبران: نەسرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىر كىشى سورىدى…

jibran helil jibran-2.jpg


jibran-kitab-1.jpg

         jibran kitab-2.jpg


بىر كىشى سورىدى…
جىبران خېلىل جىبران(لىۋان)
    مەشھۇر ئەرەب يازغۇچىسى،پەيلاسوپ، رەسسام جىبران خېلىل جىبران 1883-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى لىۋاندا تۇغۇلغان.1931-يىلى بىيرۇتتا ۋاپات بولغان.ئۇ ئەرەب ۋەئېنگىلىز تىللىرىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان.ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى قويۇق رومانتىك رۇھتا يېزىلغان ئەسەرلىرىدىن(«خېلىل-كاپىر»،«ئىسيانكار روھلار» ھېكايىلەر توپلاملىرى). «سۇنغان قاناتلار» (1912) ناملىق پوۋېستلىرى مەشھۇر.
    ئۇنىڭ«كۆز ياشلارى ۋە تەبەسسۇم»(1914)ناملىق توپلىمى 60 قا يېقىن نەسرىي شېئىر  ۋە بىرقىسىم قىسقا شېئىرىي پارچىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭغا «مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم»، «شائىر ئەۋلادى»دېگەنگە ئوخشاش رومانتىك ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە«نامايىشكارانە يۈرۈش»(1918)ناملىق پەلسە پەۋىي-شېرىي ئەسىرى ئۇنىڭ دۇنياقارىشىنى ئەكس ئەتتۈرسە،«بوران»(1920)ناملىق توپلىمىدا ھاياتتا ئۇچرايدىغان ئوڭۇشسىزلىقلار، باقىۋەندىلىك، ئىككى يۇزلىمىچىلىك (مۇناپىقلىق)كەبى ئىللەتلەر تەنقىد قىلىنىدۇ.«ئەقلدىن ئازغان»(1918)، «ئالدىدا ماڭغۇچى» (1920)، «پەيغەمبەر» (1923)، «قۇم ۋە بۇژغۇن» (1926)(بۇ توپلام ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان)، «ئەيسا-ئىنسان ئوغلى»(1928)، «يەر خۇدالىرى»قاتارلىق ئەسەرلىرى غەرب كىتابخانلىرىغا مولجاللانغان. جىبران ئىجاد ىىيىتىدە ئۆز پەلسەپەۋىي قاراشلىرىنى تەرغىپ قىلىشقا تىرىشقان.ئۇنىڭچە، پەقەت مەنىۋىيەتلا ئەڭ يۇكسەك قەدرىيەت نەمۇنىسى بولالايتتى ۋە رۇھنىڭ بۇيۇكلىكىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى.ب د ت پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قارارى بىلەن 1983-يىلى پۈتۈن دۇنيا بويىچە جىبران خېلىل جىبران تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى خاتىرلەنگەن.
       تۆۋەندە جىبران خېلىل جىبراننىڭ بىر قىسىم پەلسەپەۋىي نەسرلىرى ئوقۇر مەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.


ئۆزلۈكنى بىلىش
بىر كىشى سورىدى:
    - ئىنسان ئۆزىنى قانداق بىلىدۇ؟
دانىشمەن جاۋاپ بەردى:
    -كۇندۇزلەر ۋە كېچىلەرنىڭ سىرلىرىنى قەلبىىڭىز يالغۇزلىقىدا، خاتىرجەملىكىدە بىلىدۇ.قۇلاقلىرىڭىز بولسا، قەلبىڭىز بىلىۋالغان نەرسىنى ئاڭلاشنى خالايدۇ.چۇنكى سىز خىيالەن بىلگەن نەرسىلەرىڭىزنى سۆزلەرنىڭ ۋاسىتىسىدىمۇ بىلىشنى ئارزۇ قىلىسىز. چۈشىڭىزدە كۆرگەن چەشمىلىرىڭىزگە قول تەككۈزۈپ كۆرۈشنى خالايسىز.
     بۇ تىلىكىڭىز ياخشى. دىلىڭىزنىڭ چەشمىسى قايناپ-تېشىپ، پارتلاپ چىقىشنى، ھايات دېڭىزىغا شىلدىرلاپ، كۇيلەپ ئېقىشنى خالايدۇ.ئەنە شۇچاغدا نىگاھىڭىزغا قەلبىڭىزنىڭ تەگسىز تېرەنلىكلىرى، ئۇلاردىكى خەزىنىلەر ئېچىلىدۇ. ئەمما سىز ئۇ ئاجايىپ بىلىم خەزىنىلىرىنى ئەقل تارازىسى بىلەن تارتىپ، قانچىلىك بايلىقىنى ئۆلچەپ كۆرۈشكە ئۇرۇنماڭ. چۇنكى ئۇ خەزىنىلەر پايانسىز، تەگسىز دېڭىزدۇر.
    ئەنە شۇچاغدا«ھەقىقەتنىڭ ھەممىسىنى بىلدىم»،دەپ ئويلىماڭ.پەقەت:«ماڭا ھەقىقەتنىڭ پەردىسى ئېچىلدى»دەڭ.«قەلبىم يولىنىڭ قايسى تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»، دېمەڭ.ياخشىسى:«روھىمغا كۆزۈم چۈشتى»، دەڭ.چۈنكى، رۇھىڭىز تۇرلۈك يوللاردا مېڭىشى مۇمكىن.روھ پەقەت بىرلا يولدىن ماڭمايدۇ،ئۇ قومۇشقا ئوخشاش ئۆسمەيدۇ. رۇھ نىلۇپەرگە ئوخشاش ئېچىلىدۇ، گۈلبەرگلىرى ھەر تەرەپكە چېچىلىدۇ.

دوسلۇق ھەققىدە

ياش يىگىت سورىدى:
    -ئەي، ئۇستاز، دوسلۇق نېمىدۇر؟
دانىشمەن جاۋاپ بەردى:
    -چىن دوست-ئېكىنزار دالا.سىز بۇ دالىغا مېھر بىلەن ئۇرۇق چاچىسىز ۋە ھوسۇل پىشقاندا مەننۇنلۇق بىلەن يىغىۋالىسىز.
   -دوستىڭىز-داستىخىنىڭىز ۋە ئۇچىقىڭىزدۇر.چۇنكى سىز تەشنا بولغاندا دوسنىڭ ئالدىغا كېلىسىز ۋە ئۇنىڭ ھوزۇرىدا ئارام تاپىسىز.

سۆزلەر

بىر ئەدەبىياتچى ئالىم سورىدى:
      - ئەي، ئۇستاز، سۆز نېمىدۇر؟
دانىشمەن جاۋاپ بەردى:
    - ئوي-پىكىرلىرىڭىز ئىچىڭىزگە پاتماي قالغاندا سۆزگە ئايلىنىدۇ. قەلبىڭىز يالغۇزلۇقتىن زېرىككىنىدە ئۇنىڭ ھاياتى تىلغا كۆچىدۇ ۋە ئاۋاز ئۇنى يالغۇزلۇقتىن قۇتقۇزىدۇ.ئەمما سۆزلەرنىڭ كۆپلىكى پىكرنى چالا ئۆلۈك قىلىپ قويىدۇ. پىكرنى ئۇچقۇر قۇش دېيىشىدۇ. ھەئە، ئۇ سۆزلەرنىڭ قەپىزىدە ئەركىن قانات يېيىپ ئۇچالمايدۇ. بەزىلىرىڭلار يالغۇزقېلىشتن قورقۇپ ناتق دوستلارنى ئىزلەيسىلەر.شۇنداق كىشىلەر باركى، سۇھبەت جەريانىدا ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ھەقىقەتنى ئېچىپ قويىدۇ.بەزىلەر بولسا ھەقىقەتنى دىلىدا يۇشۇرۇپ، تىلىغا چىقارمايدۇ.بۇنداقلارنىڭ قەلبىدە رۇھ سۇكۇتتە ياشايدۇ.
     دوسلار يول بويىدا، بازارلاردا ئۇچرىشىپ قالساڭلارمۇ، بەرى بىر  تىلىڭلار دىلىڭلار بىلەن بىردەك بولسۇن. دوسلۇقتا قەلبلەر ھەقىقەتنى تاپىدۇ.

ۋاقت نىمە؟

پەلەكىياتچى ئالىم سورىدى:
     - ۋاقت نېمەدۇر، ئەي ئۇستاز؟
دانىشمەن جاۋاپ بەردى:
     - سىز ئولچەپ بولمايدىغان چەكسىز ۋاقتنى ئولچەشكە ئۇرۇنىسىز.سائەتلەر، يىل پەسللەرىگە قاراپ ياشاشنى خالايسىز،ھەتتا كوڭلىڭىزنىمۇ ۋاقتقا بويسۇندۇرۇشنى خالايسىز.سىز ۋاقتتن جىلغا،ساي ياساپ، قىرغاقتا ئولتۇرۇپ ئۇنى كۇزىتىشنى خالايسىز.
     ئەمما سىزدىكى تەخرسىزلىك ھاياتنىڭ تەخرسىزلىكىنى ئاڭقىرىپ، بىلىدۇكى:-تۆنۈگۈن بۈگۈننىڭ خاتىرىسى، ئەتىكى كۈن بولسا- بۈگۇننىڭ ئارزۇسىدۇر. دىلىڭىز كۈيلەۋاتقان ۋە ئويلاۋاتقان ئىكەن، دېمەك، سىز يۇلتۇزلار دەسلەپ ئاسمانغا چېچىلىۋاتقان ئاشۇ تۇنجى دەملەردە ياشاۋاتقان بولىسىز.
     ئاراڭلاردا مېھرى-مۇھەببەتنى ئۆلچىگىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغانلار بارمۇ؟
     مېھرى-مۇھەببەتنى ئۆلچىگىلى بولمىسىمۇ،لېكىن ئۇ ۋۇجۇدىڭىزنىڭ ھەممە تەرىپىدە ئەمەس، بەلكى يۈرىكىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدا، قەلبىڭىزدە ياشايدۇ. ۋاقتمۇ سۆيگۈ كەبى بۆلۈنمەيدۇ ۋە ئۆلچەنمەيدۇ.

راھەت-پاراغەت نېمە؟

شەھەرگە يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان،خىلۋەتتە تەنھا ياشايدىغان دەرۋېش سورىدى:
     - راھەت-پاراغەت نېمە؟
دانىشمەن جاۋاپ بەردى:
    - راھەت-پەراغەت، ھۆرىيەت ناخشىسىدۇر، ئەمما ھۆرىيەتنىڭ ئۆزى ئەمەس.بۇ-تىلەكلىرىڭىزنىڭ چېچىكىدۇر. ئەمما مىۋىسى ئەمەس. بۇ-ئەرشى ئەلاغا چاقىرغۇچى تېرەنلىكتۇر.
بۇ-قەپەزدىكى تۇتقۇن قۇش، ئۇ ئەمدى قانات قېقىپ ئۇچۇشقا ئىنتىلىدۇ. شۇنداق، بۇ ھۆرىيەت ناخشىسىدۇر، سىز ئۇنى چىن دىلىڭىزدىن كۈيلەيسىز، ئەمما كۇيلەش لەززىتىگە بېرىلىپ، دىلىڭىزنى يوقاتماڭ.
     ئاراڭلاردا راھەت-پاراغەتتە ياشاشنى ئىستەيدىغان ياشلار بار، سىز ئۇلارغا تەنە، دەشنام بەرمەڭ،ئۇلار راھەت-پاراغەتنى ئىزلەۋەرسۇن،ئۇنى تېپىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ.يىلتىز ئىزدەۋاتقان ئادەمنىڭ خەزىنە تېپىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغا نمىدىڭىز؟
                                                                 * * *
     ئاراڭلاردا بەزى قېرىلار باركى،ئۇلار ياشلىقىدا راھەت-پاراغەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسلىسە  خىجىل بولىدۇ. خىجىل بولۇشمۇ ياخشى پەزىلەت. ئەگەر خىجىل بولۇشتىن ئىبرەت ئالسا، بۇ تېخىمۇ ياخشى.
                                                          * * *
      ئاراڭلاردا شۇنداقلارمۇ باركى،ئۇلار راھەت ئىزلەپ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان. ئەمما راھەت ئىزلىگەن چاغلىرىنى ئەسلىگۈدەك قېرىپ كەتمىگەن.بۇنداق ئادەملەر ھەم راھەتنى ئىزلەمەيدۇ، ھەم راھەتنى ئەسلىمەيدۇ، رۇھىنىڭ ئازاپلانماسلىقى ئۈچۇن بارچە راھەتلەردىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەنە شۇ پەرھىزكارلىقى ھەم راھەت-پاراغەت كەلتۈرىدۇ. ئەنە شۇ ئادەملەر يىلتىز تېپىش ئۈچۇن قوللىرى تىترەپ، يەرنى كولاۋاتقاندا خەزىنە تېپىۋالغان كىشىلەردۇر.
       ئەمما ئېيتىڭا، روھقا كىم ئازار بېرىدۇ؟ بۇلبۇل-كېچىنىڭ سوكىناتىغا، كەپەلەكتە چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا ئازار بېرە لەمدۇ؟
      بوشلۇقتىكى ئالۋۇن ۋە تۈتۈن شامالغا ئازار بېرەلەمدۇ؟ ياكى سىزنىڭچە، رۇھ بىر كۆلچەكمۇ، سىز ئۇنى تاياق بىلەن تۈرتۈپ چايقاپ، دولقۇنلىتالامسىز؟
                                                                    * * *
     راھەت-پاراغەتتىن ئۆزىڭىزنى تارتىۋاتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياجىڭىزنى ۋۇجۇدىڭىز ئىچىگە يۇشۇرىسىز. كىم بىلىدۇ، بۈگۈن تاپالمىسىڭىز، ئەتە ياكى ئۆگۈن، ھامان بىر كۈنى ھۇزۇر-ھالاۋەتكە ئېرىشىپ قالارسىز.ھەتتا سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىز ئۆزىگە نېمە ۋەدە قىلىغانلىقىنى، نېمىگە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.ئۇنى ئالدىيالمايسىز.
ۋۇجۇدىڭىز بولسا،رۇھىڭىزنىڭ ساتارىدۇر.بۇ ساتارنى نازۇك مەيىن كۈيلىتىشمۇ، قوپال، يېقىمسىز ئاۋازلارنى چىقىرىشمۇ سىزنىڭ قولىڭىزدىدۇر.
                                                      * * *
      كۆڭلىڭىزدە ھەيران بولىۋاتىسىز:«ھوزۇر-ھالاۋەتنىڭ ياخشى جەھەتلىرى قايسى، يامان جەھەتلىرى قايسى؟» دەپ.
بېغىڭىزغا كىرىپ قاراڭ، ئاشۇ ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن گۈللەردىن بال يىغىشى ھوزۇر-ھالاۋەتتۇر. گۈل ئۈچۈنمۇ ھەرىلەرگە بال بېرىشى ھوزۇر-ھالاۋەتتۇر.چۈنكى،ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن لەززەت ئېلىش ۋە لەززەت بېرىشمۇ  ئوخشاشلا ھاياتىي ئېھتىياجدۇر.سەۋەپ ۋە نەتىجە(ۋەج ۋە ھال) دېگەن شۇدۇر.
خالايىق راھەت، پاراغەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن گۈلگە ۋە گۈلدىكى بالغا ئوخشاش ياشاڭلار.


   تۈركچە«ياغمۇر»ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 69-سانىدىن نەشرگە تەييارلاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 22:27  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-18 12:11:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخى بۇپتۇ  مۇبارەك بولسۇن  !

ۋاقتى: 2014-1-18 14:39:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر..........

يۈرۈگۈمنى يەنە بىر قېتىم تىڭشىۋالدىم.

ۋاقتى: 2014-1-18 16:47:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭىزغا رەھمەت. بۇ خىل ئەركىن مەھسۇلات مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگۈسى.قاچان ئىككى كۆز بىر-بىرىسىگە سادىق بولغاندىلا ئىنسا ھەقىقى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.شۇڭا جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىى: يۇم كۆزۈڭنى ،كۆزگە ئايلانسۇن دىلىڭ،دەيدۇ.

ۋاقتى: 2014-1-18 16:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خبران خېلىلنڭ يازغان ئەدەبې ئەسەرلىرى ھەققتەن ياخشى ئۇنڭ قەلەم تەۋرتشنلاا ئەمەس رەسىم سېزشتا كامالەتكە يەتكەن  ئۇ تارىختېكى مەشغۇر شەخسلەرنڭ بىرى  

ۋاقتى: 2014-1-18 23:38:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىبران خېلىلنىڭ يازغان نەسىرلىرىنى ئوقۇشنى  ياخشى كۆرىمەن بىراق كىتابىنى يۇتتۇرۇپ قويۇپ كۆڭلۇم يىرىم بولدى .... ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر..ھارماڭ!!

ۋاقتى: 2014-1-18 23:49:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىبران خېلىل جىبراننىڭ «كۈلكە ۋە كۆز يېشى»، «ئاسى روھ» دېگەن نەسىرلەر توپلىمىنى ئوقۇغان ئىدىم، بۇ نەسىرلەرمۇ ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ.
«خېلىل كاپىر» دېگەن ئەسىرى «مۇرتەد خېلىل» دېگىنى شۇمىدۇ ياكى بۇ باشقىسىمىدۇ.

ۋاقتى: 2014-1-18 23:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ئىسىل نەسىرلەر بۇ زوقلۇنۇپ ئوقۇدۇم

ۋاقتى: 2014-1-20 01:23:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ نەسىر يىزىشىمغا ئىلھام  بولغان جىبران ،تاگۇر نەسىرلىرى ئېدى...بەگيارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت !!!

ۋاقتى: 2014-1-20 02:52:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنياۋى شائىر ، يازغۇچى ،دىرامماتورگ ۋە رەسسام تاگورنىڭ ئەسەرلىرىدىن بەھرلەندۈرگەنلىكىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

ۋاقتى: 2014-1-20 08:44:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركچە«ياغمۇر»ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 69-سانىدىن نەشرگە تەييارلاندى.


«يامغۇر » ژورنىلىدۇ؟





باھا سۆز

شۇنداق «يامغۇر» لېكىن مەن ژۇرنالنىڭ ئەسلى نامىنى ئالدىم.  ۋاقتى: 2014-1-20 07:27 PM
ۋاقتى: 2014-1-20 08:47:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنياۋى شائىر ، يازغۇچى ،دىرامماتورگ ۋە رەسسام تاگورنىڭ ئەسەرلىرىدىن بەھرلەندۈرگەنلىكىڭىزدىن خۇرسەنمەن.


زوقلان ئەپەندى بۇ تاگۇرنىڭ ئەسىرى ئەمەس جىبىراننىڭ ئەسىرى.


ۋاقتى: 2014-1-21 00:33:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر رەھمەت سىزگە

ۋاقتى: 2014-2-13 20:45:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ تۇنجى قەلىمىم ‹‹سۇنغان قانات››نىڭ تەسىرلىك قۇرلىرىنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈشتىن باشلانغان. بۇ قۇرلارنى ھازىرمۇ يادلىيالايمەن.بۇ قەلەم پىششىۋاسىنى مۇنبەرگە باشلاپ كىرگىنىڭىز ئۈچۈن تەشەككۇر!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش