يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 831|ئىنكاس: 6

بوغدا ئابدۇللا: ئەبۇ سېيىت پالۋان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەبۇ سېيىت پالۋان

بوغدا ئابدۇللا


قەدىمكى لوپنۇردا ئەبۇ سېيىت ئىسىملىك بىر يىگىت بولۇپ،ئۇ ئادەتتە ئۆگەن دەريا بويلىرىدا ئوۋچىلىق قىلاتتى.ئۇ زاماندا ئۆگەن دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى چەكسىز كەتكەن قۇمۇشلۇق بولۇپ، يولۋاس،بۆرە،ياۋا چوشقا قاتارلىق يىرتقۇچ ياۋايى ھايۋانلار ئادەملەرگە تەھدىت سېلىپ تۇراتتى.
ئەبۇ سېيىت يۇرت-قوۋم ئىچىدە مەرگەنلىكى بىلەن تونۇلغان بولۇپ،باشقا ئوۋچىلاردىن يىراقراق جايدىكى بىر ساھىلغا قۇمۇش ساتما ياساپ،بىر تەرەپتىن دەريا كۆللەردىن بېلىك تۇتۇپ خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزەتتى.
ئەبۇ سېيىتنىڭ خوتۇنى گۈلئايىم بىر قېتىم ئۇنىڭا :
__ ئۆيدە ئاشلىق تۈگەپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇت ۋاقتىمۇ يىقىنلىدى،ئەمدى قانداق قىلارمىز ،دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوۋغا چىقىش تەييارلىقى پۈتتۈرۈپ بولغان ئەبۇ سېيىت سەپەر پېلانىنى ئۆرگەرتىپ تېرە-تېسەكلەرنى تەييارلاپ ،قارا شەھەردىن ئاشلىق ،كىيم-كىچەك ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ كەلمەكچى بولىدۇ ھەمدە ئايالىغا ئۆزى كەلگىچىلىك ئادەملەر كۆپراق يەردە تۇرۇپ تۇرۇشنى تاپىلايدۇ.لېكىن گۈلئايىم :
__ يوغسۇ، سىلى كەلگىچىلىك مەن ئۆزىمىزنڭ مۇشۇ يېرىدە تۇرىۋېرەي .مېنىڭمۇ ئوقيا-نەيزىلىرىم ئىسىقلىق تۇرمامدۇ ، نېمىدىن قورۇققۇلۇق ،_ دەيدۇ .
ئەبۇ سېيىت خوتۇنىنىڭ سۆزىنى يېرالماي ئامالسىز ماقۇل بولىدۇ.گۈلئايىم سەپەر تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بېرىدۇ.ئەتىسى سەھەردە ئەبۇ سېيىت بىر ئاتقا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئارتىپ يەنە بىر ئاتقا ئۆزى مېنىپ يولغا راۋان بولىدۇ.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتىدۇ.بىر ئاخشىمى گۈلئايىم كەپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوت قالاپ،ئوتنىڭ يورۇقىدا يۇڭ ئىگىرىپ ئولتۇرسا ،ئۆيگە بىر نەرسە كىرىپ كېلىدۇ. بۇ ئۆي قۇمۇش ساتما بولۇپ،ئىشىكى يوق ئىدى.ئۆيگە كىرگەن نەرسە گۈلئايىمغا قاراپ ھۆكىرىگەندىن كېيىنلا گۈلئايىم ئۆينىڭ ئالدىدا ئۆزىگە قاراپ ئېتىلماقچى بولىۋاتقان يولۋاسنى كۆرۈپ،دەرھال ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان چۇچۇلىنى ئېلىپ يولۋاسقا تاقابىل تۇرماقچى بولىدۇ.يولۋاس ئوتتىن قورقۇپ ئالدىغا ماڭالماي،ھۆركىرەپ يەرنى تاتىلاشقا باشلايدۇ. ئۇ چاغدا ئوتتا كۆيىۋاتقان ئوتۇنلارنىڭ ئۇچقۇنلىرى يولۋاسنىڭ تېقىمىغا چاچراپ تەرەپ-تەرەپكە يامراپ ئۆيگە ئوت تۇتىشىدۇ. ئەھۋالنىڭ يامانلىقىنى پەملىگەن گۈلئايىم ، قولىدىكى چۇچۇلىنى تاشلاپ، تۆردىكى بىر جايدىن قۇمۇشنى يېرىپ تۆشۈك ئاچماقچى بولىۋاتقاندا يولۋاس بىر ئېتىلىپلا گۈلئايىمنى تۇتىۋالىدۇ-دە چىشلىگەن پېتى گۈلئايىم ئاچقان تۆشۈكتىن چىقىپ كېتىدۇ.يولۋاس گۈلئايىمنى كانىيىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن دەريا بويىغا ئاپىرىپ گۆشىنى يەپ،يەپ بولالمىغان قىسىمىنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ.
ئەبۇ سېيىت ئۆيدىن چىقىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۆيگە كەلسە ئۆينىڭ ئالدىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغا خارابىنى كۆرىدۇ.خوتۇنىدىن ئەسەرمۇ يوق. ئۇ ئۆي ئەتراپىنى ئىزدەپ يۈرۈپ يولۋاسنىڭ گۈلئايىمنى سۆرەپ ماڭغان ئىزىنى ئۇچرىتىدۇ.ئۇ شۇ ئىزنى ئىزلاپ دەريا بويىدا خوتۇنىنىڭ بىر قولىنى ،قانغا بويالغان كىيىملىرىنى تېپىۋالىدۇ-دە قاتتىق ھەسرەتلىنىپ ھۆكىرەپ يىغلاپ پەرياد قىلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىر لەھزىدىن كېيىن ئۆزىنى ئوڭشاپ قەسەيياد قىلىپ،ئالدى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى ئوۋچى قېرىنداشلىرىنى چاقىرىپ ئايالىنىڭ سۆڭەكلىرىنى تېرىپ ئەكىلىپ ئۆزىنىڭ قارا شەھەردىن ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن زىننەت بۇيۇملىرىنى قوشۇپ دەپنە قىلىدۇ.
مۇسىبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ،ئۇ قايتىپ كېلىپ ساتمىنىڭ ئورنىغا يەنە بىر قۇمۇش ساتما قۇرۇپ ئاتنىڭ يايلىسى ۋە قۇيرىقىدىن چوڭ بىر قىل ئارغامچا ياسايدۇ-دە، بۇ ئارغامچىنى تاكى مۈرىسىگە كەلگىچە قاتمۇ-قات يۆگەپ دەريا بويىدىكى خوتۇنىنى يولۋاس يېگەن يەرگە بېرىپ يۇشۇرۇنىدۇ.ئەبۇ سېيىت دەل خوتۇنىنىڭ نەزىرىنى بېرىدىغان كۈنى تاڭ سەھەر بىلەن يولۋاس بۇ يەرگە ئاستا-ئاستا تىمسىقلاپ كەپتۇ.يولۋاس ئۆلۈكنىڭ قالدۇق نەرسىلىرىنى ئىزدەۋاتقان چاغدا ئەبۇ سېيىت يۇشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىدۇ. ئۇنى كۆرگەن ۋەھشىي يوۋاس ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ،ئۇنىڭغا ئېتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئەبۇ سېيىت ئىنتايىن چاققانلىق بىلەن سول بىلىكىنى يولۋاسنىڭ ئاغزىغا تىقىۋېتىدۇ. يولۋاس جان ئاچچىقىدا ئەبۇ سېيىتنىڭ قولىنى شۇنداق بىر چىشلىگەنكى، ئۇنىڭ چىشى قىل ئارغامچىغا پېتىپ قىلىپ ،ئەبۇ سېيىتكە قىلچە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزەلمىگەنلىكنىڭ ئۈستىگە چىشىنى قىل ئارغامچىدىن چىقىرالماي قالىدۇ. بۇ چاغدائەبۇ سېيىت ئوڭ قولى بىلەن يولۋاسنىڭ بېشىغا كۈچەپ ئۇرىۋېرىپ ئۇنى چالا ئۆلۈك ھالىغا كەلتۈرىدۇ-دە، سول قولىدىكى ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى يېشىپ ، يولۋاسنىڭ ئاغزدىن قولىنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ. ئارغامچا ئاخىرى يولۋاسنىڭ ئاغزىدا قىلىپ، ئەبۇ سېيىتنىڭ قولى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىدۇ. ئەبۇ سېيىت يولۋاسنىڭ ئارغامچىنى چىشلىگەن پېتى ئېچىلىپ قالغان ئاغزىدىكى چىشلىىرنى بىردىن-بىردىن ئۇرۇپ چاقىدۇ -دە، ئاندىن گەجگىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ ،يولۋاسنى باغلاپ، ئاتقا سۆرۈتۈپ ئۆز ساتمىسىنىڭ ئالدىدىكى يوغان  يوغان بىر تۈپ توغراققا چىرماپ-باغلاپ قويۇپ، ئۆزى بولسا خوتۇنىنىڭ نەزىرىگە كېلىدىغان جامائەتنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەتراپتىن نەزىرگە كەلگەن خالايىق توغراقتا بىر تىرىك يولۋاسنىڭ باغلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، دەسلەپتە بىر ئاز قورقۇشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ چىشلىرىنىڭ يوقالغىنىغا قاراپ خاتىرجەم بولىشىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەتراپتىكى نەزىرگە چاقىرىلغان ۋە چاقىرىلمىغان ئوۋچىلار ،ئۇششاق بالا، خوتۇن -قىزلار بۇ ۋەھشىي يولۋاسنى كۆرگىلى كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئەبۇ سېيىت ئاتلىق ئوغلانلارنى تەشكىللەپ يولۋاسنى ئاتقا سۆرەتكۈزىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئىنتىقام يۈزىسىدىن ئەبۇ سېيىت يولۋاسنى ئۆزىنىڭ يېڭى ياسىغان كەپىسىگە قويىۋىتىدۇ. يولۋاس ئوتنىڭ ئىچىدە يۇلقۇنۇپ، چىرقىراپ  ،ھۆكىرەپ پۇچۇلىنىپ يۈرۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن ئەبۇ سېيىت خەلقى ئالەمگە بىر قەيسەر پالۋان سۈپىتىدە تونۇلىدۇ.
ئۆگەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا «قاراچاچ»دەيدىغان بىر ئاۋات زېمىن بولۇپ، بۇ جاينىڭ سۈيى ئەلۋەك ،يايلاقلىرى مۇنبەت،خەلقى باياشات ئىدى.لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ يەرگىمۇ توپ-توپ يولۋاس ،يىلپىز يىغىلىپ كېلىپ،دەسلىپىدە قوي-چارۋىلارنى يېگەن بولسا،بارا-بارا بۇلار كۆپۈپ ،ئىنسانلار بىلەن زېمىن تالىشىپ ،كىشىلەرنى مەھەللىدىن سىرىتقا چىقالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا غەزەپلەنگەن چارۋىچى خەلق توپلىشىپ يېزا ئاقساقىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بۇ ئىشنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرلىشىدۇ.ئۇلار يېزا ئاقساقىلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تولۇق قوراللىنىپ توپلىشىپ جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن ئۇلار تېخىمۇ غالجىرلىشىپ ،ئوتلاقتىن قوغلىسا قۇملۇققا ،قۇملۇقتىن قوغلىسا مەھەللىگە كېلىپ يالغۇز ئۇچرىغان قويچىلارنىمۇ تۇتۇپ يەپ زادىلا ئارام بەرمەيدۇ.بۇنىڭدىن بېشى قاتقان يېزا ئاقساقىلى يۇقارقى ئېقىمدىكى ئەبۇ سېيىت دېگەن يولۋاس ئۆلتۈرگەن پالۋاننىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنى تەكلىپ قىلىپ چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ماڭدۇرىدۇ.
بۇ خەۋەر يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن ،ئەبۇ سېيىت :
__ مەن شۇنچە كۆپ يولۋاس، يىلپىزلارنى ئۆلتۈرۈپ بۇ يايلاقلارنى خاتىرجەم قىلدىم دېسەم، ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە مېنىڭ ئوقيا-نەيزيلىرىمدىن قاچقان، غالجىرلاشقان يېرتقۇچ تۆۋەن ئېقىمغا بېرىپ ،سىلەرنى پاراكەندە قىپتۇ-دە. بولىدۇ،مەن ئۇ يەرگە بېرىپ سىلەرنىڭ يېرىتقۇچلارنى يوقىتىشىڭلارغا ياردەم قىلاي.ئەمما يېرتقۇچلار بۇ يەردە مېنىڭدىن ،ئۇ يەردە سىلەردىن زەربە يېگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن غالجىرلاشقان بولىشى مۇمكىن.شۇڭا ئالدى  بىلەن يۇرتداشلىرىم بىلەن خوتۇنۇمنىڭ قەبرىسى بىلەن خوشلۇشۇپ ماڭاي،دەپتۇ.ئاندىن خوتۇنىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ ،بىر ئاخشام تۈنەپ،دۇ.ا-تەگبىر ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئەتىسى يۇرت-جامائەت بىلەن خوشلۇشۇپ «قاراچاچ»تىن كەلگەنلەر بىلەن بىللە يولغا ئاتلىنىدۇ.
«قاراچاچ»قا بارغاندىن كېيىن يېزا ئاقساقىلى ۋە جامائەت ناھايىتى ياخشى كۈتىۋاپتۇ.لېكىن بۇ ئادەمنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان بەزىلەر ئۇنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتى ،بوي-بەستى ناھايىتى چاققان ،مېڭىش-تۇرۇشلىرىغا قاراپ قايىل بولسا ،بەزىلەر ئۇنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاشلا بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى زۇنچىۋلالا كۆپ ئادەم تەڭ كېلەلمىگەن يولۋاس،يىلپىزلارغا بۇ بىر ئادەمنىڭ قانداقمۇ تەڭ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئويلۇشۇپ بەس-مۇنازىرلەرنى قىلىشىپتۇ.ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ ئەبۇ سېيىتنىڭ يول ھاردۇقى چىققاندىن كېيىن يېزا ئاقساقىلى جامائەتنى ۋە ئەبۇ سېيىتنى چاقىرىپ تۆۋەندىكى يېرتقۇچ ھايۋانلارنى يوقىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشىپتۇ.بۇ چاغدا ئەبۇ سېيىت :
_ بۇرادەرلەر ،سىلەر بۇ يېرتقۇچ ھايۋانلارنى يوقۇتۇشقا كۆپ كۈچ چىقاردىڭلار ،ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايلىرىنى ،ماڭىدىغان يوللىرىنى بىلىسىلەر.مەن بولسام بۇ يەرگە يىڭىياچە ھەم بۇ جەھەتتە تەجرىبىلرىم ئاز دىيەرلىك. شۇڭا بۈگۈن توپلىشىپ بىرگە چىقساق،ئومۇمىي ئەھۋالغا قاراپ كېيىنكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرساق قاندان .-دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان بەزىلەر «ئۇ قورقىۋاتىدۇ»دېيىشسە،بەزىلەر توپلىشىپ بېرىپ ئۇنىڭ زادى قانداق كارامىتى بارلىقىنى كۆرۈشمەكچى بولۇشۇپتۇ.ئاخىرى كۆپچىلىك ئەبۇ سېيىتنىڭ دېگىنى بويىچە بىرلىكتە چىقىپتۇ.ئەبۇ سېيىت غەيرەت كەمىرىنى چىڭ باغلاپ،يولۋاس تۇۇتشقا كېتىدىغان قوراللارنى تولۇق ئېلىپ كۆپچىلىككە قوشۇلۇپ مېڭىپتۇ.ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر يوغان يولۋاسنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇ بۇ مەھەللىگە ئۆگىنىپ قىلىپ ،دائىم دېگۈدەك يالغۇز كېلىپ ،قوتانلارغا چۈشۈپ ،قوي-كالىلارغا تېگىدىغان ۋەھشىي يولۋاس ئىكەن.بۇ چاغدا كىشىلەر يولۋاسنى كۆرۈپ تەرەپ-تەرەپتىن ئوقيا ئېتىپتۇ. يولۋاسقا ئوق تەگمىگەن بولسىمۇ ،شۇنچىۋالا كۆپ ئادەم ۋە ئىتلارنىڭ قوغلىشىدىن قورقۇپ كەينىگە قاراپ قېچىپتۇ. ئوۋچىلار توپلىىشپ كەينىدىن قوغلاپتۇ.ئەبۇ سېيىت ئوقياسىنىمۇ ئاتماي ، ئېتىنى ئاستا ماڭدۇرۇپ قارشى تەرەپكە قاراپ كېتىپتۇ.ئەسلىدە ئەبۇ سېيىت بۇ يەرنىڭ يەر شەكلىگە قاراپ يولۋاسنىڭ قېچىپ ئۆتىدىغان يولىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىكەن.بۇ پېلاننى بىلمىگەن كىشىلەر ، ئەبۇ سېيىت يولۋاستىن قورقۇپ قېچىپ كەتتى. ئەمدى بىر كارامىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان پەيت كەلدى -دەپ ئويلاپ ، يولۋاسنىڭ ئىزىدىن قوغلاپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ئىز بېسىپ مېڭىپ ،ئاخىرى ئەبۇ سېيىت كەتكەن تەرەپكە كېلىپ قاپتۇ. بۇ چاغدا .ئەبۇ سېيىت بىر دەرەخنىڭ دالدىسىدا ئوقياسىنى بەتلەپ ،يولۋاسنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن.يولۋاس يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەبۇ سېيىت ئاتقان ئوق يۈرىكىگە تېگىپتۇ-دە، يىقىلىپ قوپۇپ،ھۆكىرەپ قېچىشقا ئۇرۇنۇپتۇ. لېكىن ئوق ئەجەللىك يېرىگە تەگكەنلىكى ئۈچۈن كېيىن يولۋاس ئورنىدىن تەۋرىيەلمەپتۇ. ئەبۇ سېيىت دەرھال ئىگەردىكى غانجوغلاقلىق ئارغامچىنى يېشىپ ئېلىپ سالما تاشلاپ يولۋاسنى دەرەخكە يۆگىۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن باشقا ئوۋچىلار ئەبۇ سېيىتكە قايىل بولماي تۇرالماپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە ئوۋچى ئۆزلىرىنى شاگرىتلىققا قوبۇل قىلىشنى ئىلتىماس قىپتۇ. بۇ چاغدا ئەبۇ سېيىت :
- بۇرادەرلەر، مېنى شۇنداق ئەتىۋارلىغان بولساڭلار مەندىمۇ ئامال يوق. مېنىڭچە مەھەللىدىكى ھەممىڭلار ئادەم يولۋاس، يىلپىز ئوۋلاشقا كەتسە مەھەللە ۋەھىمە ئىچىدە قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاللاپ تۇرۇپ بەش ئادەم بېرىڭلار ، قالغانلار مەھەللىنى قوغدىسۇن، مەھەللە ئېغىزلىرىغا يېرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ كېلىدىغان يولىغا قاپقان ۋە قىل ئارغامچا بىلەن قىلتاق قۇرسۇن  ،قىلتاق قاپقانلارغا چۈشكەن يېرتقۇچلارنى توپلىشىپ ئىتقا تالىتىپ ،نەيزە ئوقيالار بىلەن ئۆلتۈرسۇن ،ماڭا قوشۇلغان بەش ئادەم بىلەن يولۋاس،يىلپىزلارنىڭ ئۇۋىسىغا ھۇجۇم قىلايلى ،-دەپتۇ. (غانجۇغا __ ئىگەردىكى بىر نەرسە باغلايدىغان تانا .)
بۇ ،مەسلىھەت ھەممىلا كىشىنىڭ كۆڭلىگە يېقىپتۇ-دە، يېزا ئاقساقىلى دەرھال قىران ياشلاردىن بەش كىشىنى ئايرىپ ئەبۇ سېيىتكە تاپشۇرۇپتۇ. ئەبۇ سېيىت بۇ ياشلارغا بۇندىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپشۇرۇپ :
- يولۋاس بىلەن ئىلىشىدىغان ئادەم ئەڭ ئالدى بىلەن قورال ئىشلىتىش ماھارىتىگە ئۇستا بولىشى ،يولغا چىققاندا ھەر ئىھتىمال ئۈچۈن ئېلىشقا تىگىشلىك بارلىق قورال-سايمانلارنى ئېلىۋىلىشى ،شۇنىڭدەك مۇداپىئەلنىشكە ماھىر بولىشى ،يولۋاس بىلەن ئېلىشىشتا ئۇنىڭ يېرتقۇچ بولسىمۇ بىر ھايۋان ئىكەنلىكىنى ،ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشتا ،ئەقلىنى ئوبدان جورۇپ ،قورال ئىشلەتكەندە دەل جايىغا تەگكۈزۈپ ،تەمتىرەپ قالماسلىقنى ،كۆرگەنلا جايدا ئات يۈگۈرتۈپ ،ئاتلارنى ھاردۇرۇپ قويماسلىقنى ،ئامال بار يولۋاسنى ئالاقىزادە قىلىپ ،ئۇتەرەپ - بۇتەرەپكە قاچۇرۇپ ،ھاردۇرۇپ ،ئۇنى ئىتلارمۇ تۇتىۋالالايدىغان ،نىمجان ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،ئاندىن ئەپلىك بىر جاينى تاللاپ تىزلىكتە تۇتۇش قىلىش لازىملىقىنى ،شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ،-دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان شاگرتلار بۇ ئادەمنىڭ باتۇرلىقىغىلا ئەمەس، بەلكى شەيتاننى قاپقانغا چۈشۈرىدىغان ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل بولۇشۇپ ،ئەبۇ سېيىتنىڭ ھەربىر ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلىرىنى خۇددى ئەمىرىنى بەجا كەلتۈرگەندەك ئىجرا قىلىشقا باشلاپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ مەھەللىدىكى قالغان ئوۋچىلار قاپقان قويۇش، قىلتاق قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ نۇرغۇنلىغان يولۋاس، يىلپىزلارنى تۇتۇپ،يۇرتقۇچ ھايۋانلارنى ،مەھەللە، قوتان-قورۇ ئەتراپىغا كېلەلمەس قىلىۋىتىپتۇ. ئەبۇ سېيتلەر بولسا نەدە يولۋاس ،ئۇۋۇسى بولسا،شۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىپ ،ئۆلتۈرگەننى ئۆلتۈرۈپ ،قاچقانلارنى قوغلاپ چىڭخەي تېغىدىن ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ھازىرقى شەرقىي شىمالىي يولۋاسلىرى ئەينى زاماندىكى ئۆگەن دەريا ۋادىسىدىن قېچىپ ،چىڭخەي تېغىدىن ئۆتۈپ كەتكەن يولۋاسلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار تۈزلەڭلىك جايلاردا تۇرالماي، داۋاملىق ئىلگىرلەپ شەرقىي شىمەلدىكى قېلىن ئورمانلىققا ماكانلاشقان ئىمىش.
ئەبۇ سېيىتلەر ۋەزىپىنى غەلبىلىك تاماملاپ قايتىشىدا ئوۋ جەريانىدا ،يولدا تونۇشقان دوست يارەنلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ ،ھەر بىر تونۇشىنىڭ ئۆيىدە بىر كېچىدىن قونۇپ، ئاخىرى «قاراچاچ» دىيارىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇلار كەلگىچە ئۇلارنىڭ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئادەملەر كوچىلارغا چىقىپ قىزغىن قارشى ئاپتۇ ۋە بىر قانچە كۈن غەلبىنى تەبرىكلەپ ناخشا-قوشاق ئېيتىشىپ مەشرەپ ئويناپتۇ.
شۇ كۈنلەردە يېزا ئاقساقىلى ئەبۇ سېيىتنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ھازىرغىچە بويتاق ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا يېزىدىن لايىق تاللاپ قويغان ئىكەن. شۇڭا ئاقساقال ئەبۇ سېيىتنى چاقىرىپ ،بۇ تەكلىپنى ئۇنىڭغا ئېيتىپتۇ. لېكىن ئەبۇ سېيىت بۇنىڭغا قوشۇلماپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان يېزا ئاقساقىلى ؛
- ئۇنداق بولسا بۇ يەردە تۇرۇپ قىلىپ مېنىڭ ئورنۇمدا يېزىغا ئاقساقال بولۇڭ . ئۇنىڭسىزمۇ بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سىزنى ياخشى كۆرىدۇ.ھازىر سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىز مېنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى ،-دەپتۇ.
ئەبۇ سېيىت ئۇنىڭدىن ئۆزرىخاھلىق سوراپ،تەييارلىقنى قىلىشقا باشلاپتۇ.بۇنى كۆرگەن يېزا ئاقساقىلى ۋە ئەل-جامائەت :
- ئەبۇ سېيىت ،ئالدىرماڭ ! بىز سىزنى ئويۇن-كۈلكە ،تاماشا بىلەن ئۇزۇتۇپ قويىمىز .سىز مۇنداقلا كەتسىڭىز ياخشى بولماس ،-دېيىشىپتۇ. ئەبۇ سېيىت ئويلاپ كۆرۈپ :
توغرا، مەن بۇ يەرگە مېھمان سۈپىتىدە كەلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە مەن مەڭە كۆيۈنگەن ،مېنىڭ ئىشلىرىمنى قوللىغان شۇنچىۋالا ئاۋام تۇرسا بۇ گەپمۇ ئورۇنلۇق-،دەپ ئويلاپتۇ-دە، ئۈچ كۈن مۆھلەت بىلەن تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا يېزا ئاقساقىلى ۋە بىر بۆلۈك كشىلەر بىرلىشىپ ،يېزىدىكى ئەڭ چىرايلىق ،گەپكە ئۇستا ھەم قوشاقچى بىر تۇل خوتۇنغا گەپ ئۈگىتىپ ،ئۆتكۈزىلىدىغان سورۇندا قوشاق توقۇپ،ئەبۇ سېيىتنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى ،ئەڭ بولمىغاندا قوشاق توقۇپ ئۇنى ئۇتۇپ چىقىپ قايىل قىلىشنى تاپشۇرۇپتۇ. بۇرۇندىنلار ئەبۇ سېيىتكە كۆيۈپ يۈرگەن بۇ چوكان ئۆزىنىڭ قوشاقچىلىق ماھارىتىگە ئىشىنىپ، بۇ ۋەزىپىگە ماقۇل بولۇپتۇ. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپ،چوڭ بەزمە ئۇۇشتۇرۇلۇپتۇ. دەسلەپتە ناخشا-ئۇسسۇل، مەشرەپ ئۆتكۈزۈلۇپتۇ.ئاخىرغا بارغاندا ،يۈزمۇ-يۈز توقۇيدىغان بېيىت ئويۇنىدا ھېلىقى چوكان مەيدانغا چۈشۈپتۇ-دە، ئەبۇ سېيىتنى تارتىپتۇ.
ئەبۇ سېيىت بۇ چىلىم دېگەن ئويۇننى بىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمۇ ناخشا-قوشاققا ئۇستا بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن خوتۇنى بىلەن دائىم قوشاق توقۇشۇپ،بېيىت تاشلىشىپ ئۆز كۆڭۈللىرىنى خۇشال قىلىشقان ئىكەن،شۇڭلاشقا ئۇ تەمتىرىمەي ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.بۇ چوكان مەيداننى بىر چۆرگىلەپ گۈلنى سۇنۇپ،ئەبۇ سېيىتكە بېرىپتۇ .ئەبۇ سېيىت گۈلنى ئېلىپ بىر چۆرگىلەپتۇ. بۇ چاغدا ئەبۇ سېيىتنىڭ شاگىرتى مەھەللە ئاقساقىلىنىڭ ئوغلى ئەمەت دايىم مەيدانغا سەكرەپ چۈشۈپتۇ-دە،دەرھال ئەبۇ سېيىتنىڭ قولىدىكى گۈلنى ئېلىپ ،بېيىت تاشلاپتۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئەبۇ سېيىت سورۇندىن قايتىپ چىقىپ ،دەرھال جابدۇنۇپ يۇرتىغا قاراپ يولىغا راۋان بوپتۇ. ئەبۇ سېيىت يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوۋچىلىقنى تاشلاپ ،كورلىنىڭ ئاۋات دېگەن يېرىدە بىر يىل تۇرۇپ ،تېرىقچىلىققا كىرىشىپ ،ئېتىغا ئۇرۇقلۇق بۇغداينى ئارتىپ ،ئۆگەن دەريا ۋادىسىغا يېتىپ كەپتۇ-دە، بىر ئەتىيازلىقى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بۇغداينى تېرىپ ئۇنىڭدىن مول-ھوسۇل ئاپتۇ .شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يەردىكى خەلقلەر تەكلىماكان ئىچىدىكى قۇم باسقان شەھەردىن ئايرىلغاندىن بۇيان نەچچە ئەۋلاددىن ئۈزۈلۈپ قالغان تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈپ ،دېھانچىلىق ئاساس، ئوۋچىلىقنى قوشۇمچە قىلىپ ھايات كەچۈرۈپتۇ. ئەبۇ سېيىت يەنە  كورلىدىن تاش ئەكىلىپ ،بۇ يەردە تۈگمەن ماڭدۇرۇپ ،تۈگمەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-4 10:25  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-17 15:08:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە مۇشۇنداق قۇمغا كۆمۈلۈپ قېلىۋاتقان ئېسىللىرىمىز ئاز ئەمەس.ئۇلارنى قېزىپ چىقىپ، تېگىشلىك قەدىر-قىممەتكە ئىگە قىلىش تولىمۇ زۈرۈر.ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-1-18 10:44:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      كىچىك ۋاقتىمدا  دادامنىڭ ئىنتايىن كۆپ چارۋىللىرى بار بولۇپ ، لوپنۇر كۆلى ئەتراپلىرىدا يايلىتاتتى. دادام ئۇستا ئوۋچى ، بېلىقچى ئىدى. لېكىن كۈندۈزى چارۋىلارغا قارىغاچقا ، بېلىقچىلىقنى كەچتە قىلاتتى.
  دادام ماڭا بەكلا ئامراق بولغاچقا بەزىدە ، لوپنۇر كۆلىگە مېنىمۇ ئېلىپ باراتتى. مەنمۇ دادامغا ئەگىشىپ يۈرۈپ ئات مىنىشنى ئۆگەنگەن، ھەم دادامغا ياردەملىشەتتىم.
   تەتىل مەزگىلىدە ، بىر كۈنى ئاپامنىڭ ‹‹ قىز بالىغا جاڭگالدا نىمە بار؟›› دەپ توسۇشلىرىغىمۇ ئۇنىماي يىغلاپ يۈرۈپ دادامغا ئەگىشىۋالدىم.كەچ كىردى  لونۇر كۆلى تىپ تىنىچ ، ئەتراپ قۇم بارخانلىرى ، چاتقاللىقلار بىلەن شۇنچىلىك سىرلىق ئىدى. دادام بېلىقچى كېمىسى بىلەن كۆلگە كىرىپ كەتتى ، يېقىنلا يەردە ، تىۋىش ئاڭلىنىڭ تۇراتتى . مېنى بىر ئاز قورقۇنۇچ باسقان بولسىمۇ ، دادامنىڭ قورقتىڭىزمۇ قىزىم؟؟ دەپ سورىغان سوئاللىرىغا :-يااق قورقمايمەن .دەپ خاتىرجەم قىلاتتىم.
  ئۇزۇن بىر ئاش پىشىم ۋاقىتلاردىن كېيىن دادام بىر مۇنچە بېلىقلارنى ئېلىپ چىقىپ ، كۆل بويىدا گۈلخان يېقىپ ، بېلىقلارنى تازلىغاندىن كېيىن پۈتۈن پېتىلا ئىككى تال زىخقا ئۆتكۈزۈپ ، كۆيۈۋاتقان گۈلخانغا قاقلاپ پىشۇرۇپ بېرەتتى. بەزىدە توشقانلارنىمۇ شۇنداق پىشۇرۇپ بېرەتتى. بۇنداق پىشۇرۇلغان كاۋاپ شۇنچىلىك يىيىشلىك بولۇپ ، ھەتتا ئۇستىخانلىرىمۇ چۈرۈكلىشىپ تەملىك كاۋاپ تەمىگە كىرەتتى....
  شۇنچە يىللاردىن بېرى، دادام پىشۇرۇپ بەرگەن ئەنە شۇ گۈلخان كاۋاپنىڭ تەمىنى ھىچ نەدە ئۇچۇرتىپ باقمىدىم .دادام پىشۇرۇپ بەرگەن كۆمەچ نانلارنى ھىچ كىم پىشالماسلىقى مۇمكىن.
  رەھمەتلىك دادام دەسسىگەن ئۇ تۇپراقلاردىكى تاپاننى كۆيدۈرۈپ تۇرۇدىغان قۇملار ، سىرلىق لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇلىرى، بېلىقلىرى، توشقانلىرى ...ھەممىسى دادام بىلەن تەڭلا غايىپ بولدى ...

ۋاقتى: 2014-1-18 10:47:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى بىر ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈپ قوياي دىسەم يول قويمىدى. ياردەملەشكەن بولساڭلار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-18 13:41:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمەك، سىزدىمۇ لوپنۇرنىڭ تۇپرىقىنىڭ قىممەتلىك ئېلمىنېتلىرى بار ئىكەندە لىرىكا ؟ سۆيۈندۈم.سەمىمىي لوپنۇر ئەسلىمىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2014-1-19 13:12:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 10:44
كىچىك ۋاقتىمدا  دادامنىڭ ئىنتايىن كۆپ چارۋىللىرى ب ...

شۇ بىلىق ۋە توشقانلارنى مىنىڭمۇ يىگۈل كىلىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2014-1-22 01:06:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق توغرا بىز تۇرىۋاتقان جاي بىلەن لوپنۇرنىڭ ئالىقى يېقىن بولغاچقا ، بىز دائىم بېرىش كېلىش قىلىپ تۇرىمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش