كۆرۈش: 4302|ئىنكاس: 34

يانغىن : قەپەستىكى يۈرەك (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەپەستىكى يۈرەك

ھېكايە
ئەزىز ئىمىر يانغىن



- ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﻤﻪﻥ !
ﻛﯚﺯﻟﯩﺮىنى  ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ئېرفان ﺟﯚﻳﻠﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ئېسىنى  ﻳﯘﻗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﯨﻤﯘ،  ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻼ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ  ئىلكىدە ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮىنى ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ئېلىپ  ﻗﯧﭽﯩﭗ ئاپتۇبۇسنىڭ  ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﯟﺍﻟﺪﻯ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ پاراكەندە ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯ-ئۆﺯﯨﮕﻪ ئاستا پىچىرلاپ ئېيتتى :
- زادى  ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ كېسەلدۇ ﮬﻪ ! ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ئىشتۇ ؟
ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ  ئېرفاننىڭ ﻳﯜﺭﻩﻙ -ﺑﺎﻏﺮﻯ ئېزىلىپ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﺍﻣﻼﭖ تۆﻛﯜﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .
ئېرفاننىڭ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻝ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻗﯘپقۇرۇق ﻗﻪﭘﻪﺯﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘ  خىل ﻛﯩﺴﻪﻝ بەكلا غەلىتە ﮬﻪﻡ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﭖ كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىچى ئىچىشماي قالمايتتى.
ئېرفاننىڭ  ﺩﺍﺩىسىنىڭ قۇشلارغا خۇمارى بار ئىدى . مەيلى ئورمانلىقلاردىن ۋە ياكى تاغلاردىن بولسۇن، كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن ھەرقانداق قۇش ئۇنىڭ تور – توزاقلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. ئۇ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ تۇتۇپ كېلىپ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﻪﭘﻪﺯﻟﻪﺭگە سولاپ ﺑﺎﻗﺎﺗﺘﻰ ، ﻗﻪﭘﻪﺯ ﺗﯘﻗﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
بىر كۈنى چىڭقى چۈشتە ئۇ بېغىنىڭ كەينىدىكى سۆگەتزارلىقتىكى قوۋزاقلىرى يېرىلىپ ، غوللىرىنى ھەر يوغان ھۈررەكلەر بىسىپ كەتكەن قېرى دەرەخنىڭ تۈۋىدە،قەپەز ياساۋاتقان يېرىدە يېتىپلا ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋېتىپ بىر چۈش كۆردى . چۈشىدە بىر توپ  قۇشلارنى كۆردى، قىززىق يېرى قۇشلارنىڭ قاراشلىرى ئادەمگىلا ئوخشايتتى. ئىچىدىكى تۇمشۇقلىرى قان تېمىپ تۇرغان بىر قۇش ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى:
_ مەن ئېسىڭدىمۇ ؟،- قۇش ئۇنىڭغا تولىمۇ تۇنۇش كۆرۈندى،ئۇنىڭ كىچىككىنە تۇمشۇقىدىكى قانلار كىچىكىدە سالغا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئاشۇ قارلىغاچنى نەقەدەر ئەسلەتكەن ھە ؟!
ئۇ قاتتىق  قورقۇپ كەتتى ، كىچىكىدىلا  ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئەسلىدى :
_ ئانا،ئاقۇپ داداشنىڭ قولى نېمىشقا تىترەيدۇ؟
_ بالام، كىشىلەر ئاقۇپ داداشنى ياش چېغىدا قۇشۋاز ئىدى، نۇرغۇن قۇشلارنى ئۆلتۈرگەچكە ۋابالىغا قالغان، شۇڭا قولى تىترەيدىغان بوپ قالغان دىيىشىدۇ،شۇڭا سەن ھەرگىز قۇشلارغا چېقىلما، بولۇپمۇ  قارلىغاچنى ئۆلتۈرۈپ قويساڭ ۋابالىغا قالىسەن ، بىلدىڭمۇ قوزام؟
_ بىلدىم ئانا، قۇشلارنى ئۆلتۈرسەم تۇمۇرۇم قۇرۇپ قالىدۇ ھە ئانا؟
_ ئەقىللىق قوزام مېنىڭ ..
  ئۇ ئۆزىنىڭ قانداقلارچە بارا- بارا ئۆزى ئەڭ ئۆچ كۆرگەن ئىشقا يىقىنلىشىپ ماڭغىنىنى بىلمەيدۇ. قانداقلارچە قۇشلارنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ قالغىنىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ..
  قۇش قاناتلىرى بىلەن ئۇنىڭ گېلىنى بوغۇپ ، تەگسىز خىياللىرىنى كەستى .. ئۇ نەپەسلىرى بوغۇلغاندىنمۇ بەكرەك قورقۇنچ ئىچىدە ئاسمانغا باقتى ..
ﮬﺎﯞﺍ ﺗﯘﺗﯘق ھەم سۆرۈن ئېدى ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛۆﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻮﺗﺘﻪﻙ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮىنى  ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﺠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﮕﯩﻨﻰ ﺳﯘﻏۇرﯗﭖ ئېلىۋاتقاندەك ﺗﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ -ﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ئاۋازدا ۋارقىرىماقچى بولدى :
- ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﯕﻼﺭ ! ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ، ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ، ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﮔﯜﻡ . ﺋﺎﮬ ...
لېكىن ئۇ مەيلى قانچە ۋاقىرىسۇن ، ئاۋازى بوغۇزىدىن چىقالمىدى .
  _ دادىسى...دادىسى...
ﺋﯘ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮىنى ﺗﻪﺳﺘﻪ ئاچتى، ئالدىدا يۈزلىرى ئۆلۈكتەك تاتىرىپ كەتكەن ئايالى يىغلاپ ئولتۇراتتى، ئۇ يەنە ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ ،ئۆزىنى ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﮔﻮﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ، ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ كۆزىگە  ﻗﻪﭘﻪﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺭ كۆﺭﯛﻧﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ئۇ  ﻻﻏﯩﻠﺪﺍﭖ ﺗﯩﺘﺮﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﻪﭘﻪﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ -ﺩﻩ ﺋﯚز- ﺋۆﺯﯨﮕﻪ:
- ﺑﯘ ﻣﯩﻨﯩﯔ يۈرۈكۈم  ، ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳۈرىكىم ، قۇشلار ﻳﯜﺭىكىمنى  ﻗﻪﭘﻪﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ سولاپ قويدى-دېدى .
  ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئايالى داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى.
ﺋﯘ ﻗﻪﭘﻪﺯﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﻗﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﻗﺎرىۋەتكەندىن  ﻛﯧﻴﯩﻦ ئۆيى ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻣﺎﯕﺪﻯ . ﺋﯘ ﻗﻪﭘﻪﺯﻧﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻣﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯩﯖﯩﺪﺍ ﺗﯜﮔﯜﻟﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ ، مەيلى ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ قانچە ﮔﻪﭖ  سورىسۇن ﺋﯘ :
- ﺗﯘﻻ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪ!  ﻗﻪﭘﻪﺯﺩﯨﻜﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭۈكۈم، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳۈرۈكۈم... -دﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯنىلا  ﺗﻪكرارلەۋەردى  . ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ئېرفاننىڭ  ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻱ ،ئۆيدىكى ھەممە كىشىنىڭ  كۆڭلىنى بىسەرەمجان قىلىۋەتكەنىدى .
ﻣﺎﻧﺎ ئېرفاننىڭ چوڭ شەھەردىن يۇرتىغا  ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﮕﯩﻤﯘ ﮬﻪﺵ - ﭘﻪﺵ ﺩﯦﮕﭽﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ،  ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ كېسىلىگە ﮬﯩﭻ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ :
- ﺑﻪﻙ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ ، ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ،  ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ،-ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﻰ . ﺩﺍﺧﺎﻧﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ ،  ئۇلارنىڭ  ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮىمۇ  ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ئېرفان  ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ئۇنىڭ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ :
-ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺑﺎﻻﻡ، ﺩﺍﺩﺍﯓ ، ﺩﺍﺩﺍﯓ .. ﺗﻮﯞﺍ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﺗﻮﯞﺍ .. -ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ئېرفانغا ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻛﺴﯘﭖ يىغلاشقا  ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،ئانىنىڭ  ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ  ئۇنىڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻧﻰ ﺳﯩﻠﯩﺴﺎ ، ﺗﺎﺭﺍﻣﻼﭖ ﺗﯜﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮى ئۇنىڭ  ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﻩ - ﭘﺎﺭﻩ قىلىۋەتتى . ئېرفان ئانىسىغا تەسەللىي بەرگەچ  ﻳﯩﻐﻼﻣﺴﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ :
- ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﺎﻧﺎ، ﻛﯚڭلۈﯕﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ ،ﻣﻪﻥ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺗﺎﭘﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﺍ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﻳﻮﻕ ، دوختۇرلارمۇ شۇنداق دېدىغۇ ! مېنىڭچە ئۇ پىسخىكىسىدىكى مەسلە ،ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻝ !-ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ . دادىسى كىچىك قەپەزنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ  ئولتۇراتتى .
- ﺩﺍﺩﺍ !ﻳﯜﺭﯛكۈڭ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﺋﻪﺑﺠﻪﻕ ﻗﻪﭘﻪﺯﺩﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ، ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯚﻛﺴﯜﯕﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻪ، ﻳﯜﺭۈكىڭنىڭ  ﺳﯘﻗﯘﺷﻠﯩﺮىغا ﻗﯘﻻﻕ سېلىپ باقە  ﺩﺍﺩﺍ !
- ﻳوﻗﺎﻝ... ﻳوقال دەيمەن !-دادىسى ئەسەبىيلەرچە ئېرفانغا قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىرايتتى .  
- ﻳﺎﻕ ﺩﺍﺩﺍ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﺭﻯ ﻗﺎﭼﺎﻡ ﺗﻮﺷﺘﻰ ، ﺳﯧﻨﯩﯔ كېسىلىڭ ﻳﻮﻕ ، ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﻧﯧرۋىسى ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ، ﺧﯘﺷﺎﻝ -ﺧﯘﺭﺍﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﭽﺎﻥ ، ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﻤﻪﻥ ، ﺑﯘ ﻧﻪﺱ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﻗﻪﭘﻪﺯﻧﻰ ﻳﻪﻧﺠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯨﺘﯩﻤﻪﻥ ،- ئېرفان  ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ دېگىنىچە  ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﭘﻪﺯﻧﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﺪﻯ .
ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ئۇنىڭ پۇتلىرىغا  ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ يىغلاپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى:
- ﻳﺎﻕ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﻳﺎﻕ ، ئۇنداق قىلمىغىن ! ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻡ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﻤﺎيمەن  ، ﺳۆﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼ جېنىم  ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ئۆتۈنۈپ قالاي ! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭۈكۈم باﺭ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ﺑﺎﺭ ، ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﻰ ....
ئېرفاننىڭ كۆزىگە  ﮬﯩﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ كۆﺭۈﻧﻤﯩﺪﻯ ، ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯘ ﻧﻪﺱ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﻗﻪﭘﻪﺯﻧﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺴﯩﻼ، ﮬﻪممە ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ، دادىسىنىڭ كېسىلى ياخشى بۇلۇپ كېتىدىغاندەك ﮬﯩﺲ قىلدى-دە، ﻗﻪﭘﻪﺯﻧﻰ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺩﻩﺳﺴﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ :
- ﺋﺎﮬ ،ﻳﯜﺭىكىم ،-ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﭘﺎﺭﻩ- ﭘﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﭘﻪﺯﮔﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ، ئۇ تامامەن بۇزۇلغان،چېقىلغان   قەپەز پارچىلىرىنى سىلىغىنىچە  ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﻮﻟﻐﯘﻧﯘﭖ ﺟﯩﻢ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ئېرفان ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ :
- ﺩﺍﺩﺍ ، ﺩﺍﺩﺍ ، ﺩﺍﺩﺍ....
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻞ ﻗﻪﭘﻪﺯﮔﻪ ﺗﻪلمۈرگەن  كۆزلىرىنى  ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻳﯘﻣﯘﭖ ، ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭىكىنى  ﺋﯧﻠﯩﭙﻼ ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ئېرفان  ﭘﺎﺭﻩ - ﭘﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﭘﻪﺯﻧﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﯕﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ئىدى . ﺗﯘﺭﯗﺳﺘﺎ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻡ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜرىكى ﺋﺎﺟﯩﺰﻏﯩﻨﻪ ﺳﯘﻗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ تۇيۇلاتتى . ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ - ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺮﻩ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ بىچارە ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ،ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮىنى  ئېرفاننىڭ  ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ، ﻳﯜﺯﻟﯩﺮىگە ﺗﯧﻤﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﺴﻪﻟﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻗﺘﺎ ئىدى ....



«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى »مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يوللاندى .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-14 22:32:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەر نى يوللىشىڭىزغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن

ۋاقتى: 2014-1-14 22:44:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆپكەم ئۆرۈلدى......

ۋاقتى: 2014-1-14 22:49:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانغىن ئاكا،مۇنبەردە مۇشۇنداق تېتىملىق يازمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغاخاتىرجەملىك، ئىجادىيەت ۋە ئۆگىنىشىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-1-14 23:01:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ئەزىز ئىنىم،ھېكايىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم،يەنىمۇ كۆپ ۋە تېتىملىق يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغايمىز…

ۋاقتى: 2014-1-14 23:16:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ ھېكايە ئۆزىنىڭ ئىخچاملىقىدىن كۆرە ،ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىگى،مەزمۇىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ، تىلىنىڭ راۋانلىقى بىلەن مەندە تولىمۇ چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلدى.
     ھېكايىدە ئادەم بىلەن ئادەم،ئادەم بىلەن تەبىئەت،ئادەم بىلەن قۇشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ماھېرلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان بولۇپ،كىشى قەلبىنى لەرزىگە كەلتۇرۇدۇ.دادا،ئانا،بالا،بىرتال سېۋەت،بىرتال قۇش، ۋە بىر قېتملىق گۈلدۈر ماما..مانا بۇلار ھېكايىنىڭ بارلىقى،ئەمما ئۇلار ئاپتورنىڭ قەلىمىدە،بىر -بىرى بىلەن چەمبەر-چاس باغلىنىپ،يەككىلىكتىن ھالقىغان بىر پۇتۇنلۈككە ئايلنىپ،ئىشقى ھەۋەس ھەم مېھرى-مۇھاببەتنىڭ چەكسىزلىكىنى ئاجايىپ رەۋىشتە يورۇتۈپ بەرگەن.
  مەن يانغىندىن يېڭى بىر قەلىب،يېڭى بىر دۇنيا ، يېڭى بىر بالقىشنى كۆرگەندەك بولدۇم.ئاپىرىن ،داۋاملىق ئالغا !!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوسمانجان زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 23:30  


ۋاقتى: 2014-1-14 23:30:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالام ئەزىزجان!!!ئىزچىللىق ھەم تىرىشچانلىق بولغاندىلا كۇزلىگەن نىشانغا،پارلاق كەلگۇسىگە يەتكىلى بولىدو .مەن سىزگە ئىشىنىمەن!!!



ۋاقتى: 2014-1-15 13:25:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزجان ئىنىم، ئەسەر مەزمۇىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ، تىلىنىڭ راۋانلىقى بىلەن مەندە تولىمۇ چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلدى.
   ھەقىقەتەن ئوسمانجان زۇنۇن دېگەندەك« ھېكايىدە ئادەم بىلەن ئادەم،ئادەم بىلەن تەبىئەت،ئادەم بىلەن قۇشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ماھېرلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان بولۇپ،كىشى قەلبىنى لەرزىگە كەلتۇرۇدۇ»دىكەن...

ۋاقتى: 2014-1-15 14:27:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunmijit يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 13:25
ئەزىزجان ئىنىم، ئەسەر مەزمۇىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ، تىلىنىڭ  ...

يانغىن ئەپەندى،ھېكايىڭىزدىكى يېڭى پىكىر ،ئۆزگىچە يېزىش ئۇسلۇبىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2014-1-15 15:08:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن قېرىندىشم .

ۋاقتى: 2014-1-16 14:23:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھېكايىدىن سۆيۈندىم

ۋاقتى: 2014-1-16 22:04:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-1-17 01:17:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى ئۇقۇپ بولۇپ. قەلبىمدە تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق كېلىدىغان ئاجايىپ بىر

تۇيغۇ ئەكىس ئەتتى......، ئەسەردىن ھۇزۇرلاندىم، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن! سىزگە

سالامەتلىك، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!


ۋاقتى: 2014-1-17 01:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھېكايىنى ئۇقۇپ ھەقىقەتەن ھۇزۇرلاندىم، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2014-5-23 23:49:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ھېكايىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم ، ھەم بىر بېلەت تاشلىدىم! ھېكايىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، چوقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا ئىشىنىمەن ۋە سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش